ئۇيغۇرچە بارماق ۋ ە زىنلىك شېئىر يېزىش قائىدىسى ھەققىدىكى چۈشەنچەم


ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 18-سېنتەبىر



يېڭى يېزىق نۇسخىسى:  http://www.meripet.com/2017/20170918_uyghurche_sheir.htm

كونا يېزىق پدف نۇسخىسى:  http://www.meripet.com/2017/20170918_uyghurche_sheir.pdf


ھازىر ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار. پۈتۈن مىللەتنىڭ ھالىمۇ ئىنتايىن ناچار. قۇلاققا ھازىر مىللەت ھەققىدە ياخشى خەۋەرلەر ئانچە يېتىپ كەلمەيدۇ. ئەمما مىللەت ھەققىدىكى يامان خەۋەرلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈرەكنى پىچاق تىققاندەك ئاغرىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېھتىمال سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى شۇ بولسا كېرەك، ھازىر چەت ئەلدىكى ۋەتەنداشلار ئىچىدە شېئىر يازىدىغانلار سەل كۆپىيىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. مەن تور بەتلىرى، فېيىسبۇك ۋە ئۈندىدار قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن يېزىلغان ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەمما، بىر قىسىم شېئىرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر ئاز ئۈمىدسىزلىنىپ ۋە ئېچىنىپ قېلىۋاتىمەن. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ماڭا نىسبەتەن ھازىر چەت ئەلدە يېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرچە شېئىر يېزىشنىڭ تىل قائىدىسىگە چۈشمەيدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ.   ھازىر بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئىنتايىن ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى.  ئانا تىلىمىزنى قوغداشتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.  ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ھازىر بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.  ئانا تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىش بىزنىڭ مىللىي ۋە تارىخىي مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.  ئۇيغۇرچە شېئىر يېزىشنىڭ توغرا قائىدىسىنى ساقلاپ قېلىش ئانا تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ قائىدىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن ھازىرغىچە شېئىر يېزىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يازماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ مەن تەمىنلىگەن مەزمۇنلاردىكى ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان قىسمىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمدە مۇشۇنداق بىر تېما ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشكە قانچىلىك سالاھىيىتىم بارلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە، يەنى 1971 - 1976-يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرىيەتچىلىك ھەققىدە رەسمىي دەرس ئالدىم. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشكە بىرەر يىلدەك ۋاقىت قالغاندا مەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، شۇ چاغدا بىز مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قېتىم «ئوقۇغۇچىلار شېئىرلار توپلىمى» ئىشلەپ چىقتۇق. مەن ئۇنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تەھرىرى بولۇپ، شېئىر توپلىمىغا شەرتى توشىدىغان شېئىرلارنى مەن ئۆزۈم تاللاپ چىقتىم. شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ ئانچە-مۇنچە شېئىر يېزىپ تۇردۇم. مەن 1979- 1983-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، شۇ جەرياندا بىر قانچە يىل مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «يىللىق شېئىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى» ئۇيۇشتۇردۇم. شۇ مەزگىلدىمۇ ئۆزۈم ئانچە-مۇنچە شېئىر يېزىپ تۇردۇم. بەزى شېئىرلىرىم «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ ياشلار ژۇرنىلى» غا بېسىلدى. شۇ مەزگىلنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىرلار ئۈرۈمچىگە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۆزلىرى يازغان ۋە تاللاشتىن ئۆتكەن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان بولۇپ، مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق داڭلىق شائىر ئۇستازلار قاتناشقان ئاشۇنداق يىغىنلارغىمۇ بىر قانچە قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم. 1983-يىلىدىن كېيىن مېنىڭ شېئىرىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىم ئاساسەن توختاپ قالدى. شېئىرىيەت جەھەتتە ئۇنىڭدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭىلىقلاردىنمۇ پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدىم. دېمەك، مەن تۆۋەندە بايان قىلىدىغان كۆز-قاراشلار ئۆزۈمنىڭ 1983-يىلىدىن بۇرۇن توپلىغان بىلىملىرىگە ئاساسلانغان بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرنى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇغاندا بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى سورايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىدىكى كەسپىي ئاتالغۇلارنىمۇ خېلى ئېغىر دەرىجىدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، كەسپىي ئاتالغۇلارنى تاپالمىغاندا مەن پۈتۈنلەي ئۆزۈم تاللىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىمەن. ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقنى، خاتا يېزىپ قويغان جايلار بولسا تۈزىتىپ ئوقۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ھازىر چەت ئەلدە ئۇيغۇرچە شېئىر يېزىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى شېئىرىيەتتىن ئوبدان خەۋىرى بار بولۇپ، «شائىر» دەپ ئاتىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان قېرىنداشلار. يەنە بىر قىسمى بولسا «شائىر» دەپ ئاتىلىشقا سالاھىيىتى تولۇق توشمايدىغان شېئىر ھەۋەسكارلىرى. مېنىڭ تۆۋەندە يازىدىغانلىرىم ئاساسەن شېئىر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى شائىرلار ئوقۇسا مەن ناھايىتى خۇشال بولىمەن. شۇنداقلا شائىرلار مېنىڭ يازغانلىرىمنى ئىنكاس يېزىپ تولۇقلاپ بەرسە، ھەمدە توغرا بولماي قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش بەرسە، مەن ئۇلاردىن ناھايىتى مىننەتدار بولىمەن.


ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ قوشاق، غەزەل، مۇخەممەس، مۇسەللەس، چاتما شېئىر، چاچما شېئىر، داستان، ۋە رۇبائىي قاتارلىق ناھايىتى كۆپ تۈرلىرى بار بولۇپ، مەن بۇرۇن قوشاق، غەزەل ۋە مۇخەممەس (5 مىسرالىق شېئىر) لەرنى ئەڭ كۆپ ئۇچراتقان. بۇ خىل شەكىلدىكى شېئىرلار بىر قانچە كۇپلېتلاردىن تۈزۈلىدۇ. كۇپلېتلار مىسرالاردىن تۈزۈلىدۇ. مىسرالار بولسا سۆز بوغۇملىرىدىن تۈزۈلىدۇ. بىر سۆزدىكى ھەر بىر ئاھاڭ بىر بوغۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


مەسىلەن: مەن [1]، سىلەر [2]، ھەممىمىز [3]، ھەممىسىنىڭ [4]، قەھرىمانلارچە [5]، ئومۇملاشتۇرۇش [6]، ئومۇمىيلاشتۇرۇلغان [7]. بۇ يەردىكى «[.]» نىڭ ئىچىدىكى سان ئۇنىڭ قېشىدىكى سۆزنىڭ بوغۇم سانىنى كۆرسىتىدۇ.


بىر كۇپلېتتىكى مىسرالار بوغۇم سانلىرى ئوخشاش بولۇش ۋە قاپىيىداش (ئاھاڭداش) بوغۇملىرى بار بولۇش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. يەنى، سىز ھەر بىر شېئىرنىڭ شەكلى، بوغۇم سانى ۋە قاپىيىلىك بوغۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن ئىبارەت 3 نەرسىسىنى تەكشۈرۈپلا، ئۇ توغرا يېزىلغان شېئىرمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەنگە باھا بېرەلەيسىز. بەزىدە بىز توغرا يېزىلغان، ئەمما ھېچ قانداق مەنە چىقمايدىغان شېئىرلارنى ئۇچرىتىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ.


تۆۋەندە مەن كۇپلېتلىق شېئىرلار ئۈستىدە توختىلىمەن. ئالدى بىلەن شېئىرنىڭ مىسرالىرى، بوغۇملىرى ۋە قاپىيىلىك سۆزلىرىنى توغرا يېزىلغان شېئىر مىساللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرىمەن. ئاندىن توغرا يېزىلمىغان شېئىرلارغىمۇ بىر قانچە مىسال كۆرسىتىمەن.



توغرا يېزىلغان شېئىرلار:


(1)


ئالما گۈلى گۈل ئەمەس، [7]

قىزىرىپ تۇرغان بىلەن. [7]

كىشى يارى يار ئەمەس، [7]

ھىجىيىپ تۇرغان بىلەن. [7]


ئۆستەڭگە ئالما ئاتسام، [7]

لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ. [7]

سەن يايرىمنىڭ ئوتلىرى، [7]

يالقۇنلايدۇ، ئۆچمەيدۇ. [7]


شەكلى: خەلق قوشاقلىرى

بوغۇم سانى: 7 ([.] نىڭ ئىچىدىكى سان ئاشۇ مىسرانىڭ بوغۇم سانىنى كۆرسىتىدۇ)

قاپىيىلىك سۆزلەر: قىزىرىپ، ھىجىيىپ؛ چۆكمەيدۇ، ئۆچمەيدۇ.

قاپىيىلىك بوغۇملار: قىزىرىپ، ھىجىيىپ؛ چۆك، ئۆچ. بۇ يەردىكى « - مەيدۇ» دېگەن ئىككى بوغۇم تەكرارلانغان بوغۇم بولۇپ، ئۇلار قاپىيىلىك بوغۇملارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ.


ئىزاھات: ئۇيغۇر قوشاقلىرىنىڭ ھەممىسى 7 بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ. ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا 2- ۋە 4-مىسرالار قاپىيىداش كېلىدۇ. بەزى قوشاقلاردا 1-، 2- ۋە 4-مىسرالار قاپىيىداش كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.



(2)


بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا، [14]

كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا. [14]


بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت، [14]

ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت. [14]


شەكلى: ئىككى مىسرالىق شېئىر، ھەر بىر كۇپلېت ئۆز ئالدىغا قاپىيىلىك

بوغۇم سانى: 14

قاپىيىلىك سۆزلەر: قاغا، دارغا؛ ئادالەت، سىياسەت.

قاپىيىلىك بوغۇملار: قاغا، دارغا؛ - دالەت، - ياسەت.

مەنبە : مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ شېئىرى.


ئىزاھات: « قاغا » ۋە « دارغا » دېگەن سۆزلەر ئىككى بوغۇملۇق بولۇپ، ھەر ئىككى بوغۇم قاپىيىداش. « ئادالەت » ۋە « سىياسەت » ئۈچ بوغۇملۇق سۆزلەر بولۇپ، پەقەت « - دالەت» ۋە « - ياسەت» دېگەن ئاخىرقى ئىككى بوغۇملا قاپىيىداش. «ئادالەت» تىكى 1-بوغۇم «ئا - » بىلەن «سىياسەت» تىكى 1-بوغۇم «سى - » قاپىيىداش بوغۇملار ئەمەس.



(3)


تىلەپ كەلدىم خۇدايىمدىن، ئەجەب ئىنسانغا ئۆزگەرسەم، [16]

ئورۇس، خەنزۇ، نېگىر، ياپون، ئەرەب - ئىسپانغا ئۆزگەرسەم. [16]


تېرەم-تۇرقۇم، دىلىم-تىلىم، داۋام ئۆزگەرسە ئېتقادىم، [16]

زۆرۈر بولسا ھېلى ئىنسان، ھېلى ھايۋانغا ئۆزگەرسەم . [16]


شەكلى: ئىككى مىسرالىق شېئىر. ھەممە كۇپلېتلار بىر خىللا قاپىيە بىلەن يېزىلغان.

بوغۇم سانى: 16

قاپىيىلىك سۆزلەر: ئىنسانغا، ئىسپانغا، ھايۋانغا

قاپىيىلىك بوغۇملار: ئىنسان، ئىسپان، ھايۋان.

مەنبە: Meripet.com تورىدىن ئېلىندى.


ئىزاھات: قاپىيىلىك مىسرالاردا «ئۆزگەرسەم» دېگەن سۆز تەكرارلانغان بولۇپ، ئۇلار قاپىيىلىك بوغۇملار ھېسابلانمايدۇ. بۇ يەردە «داۋام» = داۋاملىق، ۋە «ئېتقادىم» = ئېتىقادىم بولۇپ، ئۇيغۇرچە شېئىرلاردا ئەسلىدىكى مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن شەرت ئاستىدا بەزى بوغۇملارنى قىسقارتىپ، شۇ ئاساستا ئومۇمىي بوغۇم سانلىرىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندە يەنە ئازراق توختىلىمەن.



(4)


بۇ يەرنىڭ گۈللىرى، دەرەخكە ئوخشاش. [11]

ئۆسۈپ تۈز ھەم ئېگىز مىسالى شەمشاد، [11]

ئۆگزىلەر ئۈستىگە قويار ئىكەن باش. [11]


بۇ يەرنىڭ گۈللىرى، ئوتتەك تاۋلىنار. [11]

قىزىرىپ كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ ھەم، [11]

ھاۋاغا تارقىتار خۇش پۇراق ئىپار. [11]


شەكلى: ئۈچ مىسرالىق شېئىر. ھەر بىر كۇپلېت ئايرىم قاپىيىداش.

بوغۇم سانى: 11

قاپىيىلىك سۆزلەر: ئوخشاش، باش؛ تاۋلىنار، ئىپار.

قاپىيىلىك بوغۇملار: - شاش، باش؛ - لىنار، ئىپار.

مەنبە: تۆمۈر داۋامەتنىڭ «دەۋر ئىلھاملىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 8-بەت.


ئىزاھات: ئۈچ مىسرالىق شېئىرلار ئادەتتە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. مەن بۇرۇن بۇنداق شېئىرلارنى كۆرگەنمۇ-يوق، ئېسىمدە قالماپتۇ. بۇ قېتىم بۇ يەردە ئۇچرىتىپ بىر ئاز ھەيران بولدۇم.



(5)


تالىشىڭلار، تالايغا رىقابەتلىك بۇ دۇنيا، [14]

تالاشمىغان ئادەمگە نادامەتلىك بۇ دۇنيا. [14]

ھېچ قىزىقى بولمايدۇ تالاشمىغان ئويۇننىڭ، [14]

پومزەك توپقا ئوخشايدۇ كارامەتلىك بۇ دۇنيا. [14]


تالاشسۇن دەپ دۇنيانى ئادەمىزات يارالغان، [14]

ھابىل بىلەن قابىلدىن بۇ تالىشىش تارالغان، [14]

خىرىس قىلىپ كۈچۈكمۇ تالىشىدۇ سۆڭەكنى، [14]

ئاي بىلەن كۈن قاراڭلار بۇ پەلەكنى تالاشقان. [14]


شەكلى: تۆت مىسرالىق شېئىر. ھەر بىر كۇپلېت ئۆز ئالدىغا قاپىيىداش.

بوغۇم سانى: 14

قاپىيىلىك سۆزلەر: رىقابەتلىك، نادامەتلىك، كارامەتلىك؛ يارالغان، تارالغان، تالاشقان.

قاپىيىلىك بوغۇملار: - قابەتلىك، - دامەتلىك، - رامەتلىك؛ يارالغان، تارالغان، تالاشقان

مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2008-يىلى 1-سان 39-بەت.


ئىزاھات: «- قابەتلىك » ، «- دامەتلىك » ۋە «- رامەتلىك » دېگەن بوغۇملار، ھەمدە « يارالغان » ۋە « تارالغان » دېگەن بوغۇملار توق قاپىيە بولۇپ، ئۇلارنى «كۈچلۈك قاپىيىداش بوغۇملار» دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ. ئەمما مېنىڭچە «تالاشقان» دېگەن بوغۇم بىلەن «يارالغان، تارالغان» دېگەن بوغۇملار ئاچ قاپىيە بولۇپ، ئۇلارنى «ئاجىز قاپىيىداش بوغۇملار » دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 4 مىسرالىق كۇپلېتلارنىڭ پەقەت 2- ۋە 4-مىسرالىرى قاپىيىداش بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ - تۆۋەندىكى مىسالغا قاراڭ.



(6)


كەلگىنىمدە دىيارىڭلارغا، [9]

دولقۇنلاندى قەلبىم بولۇپ شاد. [9]

ئوخشاش بىزدە يەر شارائىت ھەم، [9]

ئوخشاش ئادەت، دىنىي ئېتىقاد. [9]


كۆپ جەھەتلەر كېتەر ئوخشىشىپ، [9]

بىر كۆرۈشۈپ بولدۇق قەدىناس. [9]

تونۇش-بىلىش ئەمەس ئىدۇقيۇ، [9]

بىر سۆزلىشىپ بولۇشتۇق سىرداش. [9]


شەكلى: تۆت مىسرالىق شېئىر. ھەر بىر كۇپلېت ئۆز ئالدىغا قاپىيىداش.

بوغۇم سانى: 9

قاپىيىلىك سۆزلەر: شاد، ئېتىقاد؛ قەدىناس، سىرداش.

قاپىيىلىك بوغۇملار: شاد، - قاد؛ - دىناس، سىرداش.

مەنبە: تۆمۈر داۋامەتنىڭ «دەۋر ئىلھاملىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 7-بەت.



(7)


قارا ھىجران، دەردكە قېلىپ ئانىلار، [11]

پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار، [11]

كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دالالار، [11]

سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار، [11]

ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار. [11]


سۈرۈشتۈرسەم، سانى يۈزدىن ئاشارمىش، [11]

ھەر تەرەپتە، ھەر شەھەردە ياشارمىش، [11]

يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش، [11]

قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش، [11]

ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار. [11]


شەكلى: بەش مىسرالىق شېئىر بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى 5 مىسرالىق شېئىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۆلچەملىك شېئىرغا كىرىدۇ.

بوغۇم سانى: 11

قاپىيىلىك سۆزلەر: ئانىلار، دادىلار، دالالار، يارىلار؛ ئاشارمىش، ياشارمىش، تاشارمىش، ھاشارمىش.

قاپىيىلىك بوغۇملار: ئانى - ، دادى - ، دالى - ، يارى - ؛ ئا - ، يا - ، تا - ، ھا -.

قايتىلانغان مىسرا: ھەر بىر كۇپلېتتىكى 5-مىسرا.

مەنبە: ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» دېگەن شېئىرىدىن.


ئىزاھات: ئىككىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىلىك سۆزلەر 3 بوغۇملۇق سۆزلەر بولسىمۇ، قاپىيىلىك بوغۇمنىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. شۇنداقلا تەكرارلانغان بوغۇم سانى قانچە كۆپ بولسا، شېئىرمۇ شۇنچە سۈپەتلىك چىقىدىغانلىقىغىمۇ قاراپ قويۇڭ.


ئالتە مىسرالىق شېئىرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى يۇقىرىدىكى 5 مىسرالىق شېئىرنىڭكى بىلەن ئوخشاش. يەنى، ئالدىنقى 5 مىسرا قاپىيىداش كېلىپ، 6-مىسرا تەكرارلىنىدۇ، ياكى بولمىسا ھەممە كۇپلېتتىكى 6-مىسرالار قاپىيىداش كېلىدۇ.



(8)


پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە،

خەق ئالدىدا بوپقالىسەن بىچارە،

تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە،

تالادىسەن، سەرسانلىقتا ئاۋارە،

ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.


ئەجىر قىلساڭ كۆيۈپ بىرەر ئارماندا،

مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا،

قالسىمۇ گەر مۇساپىرلىق- تۇماندا،

ئەپلەشمىسە يەنە يېڭى پىلاندا

ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.


يۇقىرىدىكى ئىككى كۇپلېت شېئىرمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بولۇپ، ئۇنى مىسالغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب مۇنداق: شېئىر يازغاندا بىر مىسرادىكى بوغۇم سانىنى ئازايتىپ، قالغان مىسرالارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش قىلىش ئۈچۈن بەزى سۆزلەرنى قىسقارتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭ بىردىن-بىر شەرتى قىسقارتىلغان سۆزدە ئەسلىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى تولۇق چىقىدىغان بولۇش. مەسىلەن، يۇقىرىدىكى ئىككى كۇپلېت شېئىردا مۇنداق قىسقارتىلغان سۆزلەر بار: «نە» = نەدە، «بوپقالىسەن» = بولۇپ قالىسەن، «گەر» = ئەگەر.



توغرا يېزىلمىغان شېئىرلار:


مېنىڭ نەزىرىمدە تۆۋەندىكى شېئىرلار توغرا يېزىلمىغان بولۇپ، 1975-يىللىرى مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شېئىرلار توپلىمىغا تەھرىر ۋە تەستىقلىغۇچى بولغاندا مۇشۇنداق شېئىرلارنى رەت قىلىۋەتكەن، ياكى بولمىسا ئاپتورلاردىن تۈزىتىپ قايتا يوللاشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. تۆۋەندىكىسى پەقەت بىر قانچە مىسالدىنلا ئىبارەت بولۇپ، مېنىڭ بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاشۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرىنى چۈشۈرۈش، تەنقىدلەش ۋە ئەيىبلەش نىيىتىم يوق. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


(1)


سەنسىزلىك سۆڭەككە يەتتى، [8]

ناھايىتى ئاستا، بىر-بىرلەپ. [9]

سۆڭەكتىن ئۆتسە جانغا پاتىدۇ [10]

تۇيدۇرماي، ئۇشتۇمتۇت ئىچكىرىلەپ. [10]


مەسىلە: مىسرالارنىڭ بوغۇم سانلىرى ئوخشاش ئەمەس.



(2)


شۇ ئاپەتلىك يىللاردا تەر ئاققۇزۇپ سېنىڭدە،

كېچە-كۈندۈز ئىشلەپمۇ خوۋلۇق كۆرمەي ئۆتكەنتىم.

قەدىر تاپماي ئەمگىگىم، قات-قات قەرزگە بوغۇلغاق،

تىرىكچىلىك كويىدا سېنى تاشلاپ كەتكەنتىم.


مەسىلە: «ئۆتكەنتىم» بىلەن «كەتكەنتىم» قاپىيىلىك سۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئەمما «- كەنتىم» تەكرارلانغان بوغۇم بولۇپ، «ئۆت - » بىلەن «كەت - » قاپىيىداش ئەمەس. يەنى، بۇ كۇپلېتتا قاپىيىلىك بوغۇملار يوق.



(3)


ئۆزۈمنى ئۆلتۈردۈم نەچچە-نەچچە رەت،

داتلاشقان كۈنلەرنى تاشلاپ جاھانغا.

ئەڭ يۈكسەك ئازابنى تارتقان بۇ قەلبىم،

ئۆمرىدە ئەگىشەر غۇر-غۇر شامالغا.


مەسىلە: « جاھانغا » بىلەن « شامالغا » قاپىيىداش سۆزلەر ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئەمما « - غا» تەكرارلانغان بوغۇم بولۇپ، «جاھان» بىلەن «شامال» ئاھاڭداش ياكى قاپىيىداش بوغۇملار ئەمەس. «جاھان» بىلەن «يامان» قاپىيىداش بوغۇملار.



(4)


خوجا نەسىردىن ئىككى كىلو گۆشنى، [11]

«تاماق قىلغىن» دەپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ. [12]

ئىشتىن قايتىپ ئەتىسى نەسىردىن، [10]

قارنى ئېچىپ ئۆيىگە كەپتۇ. [9]


مەسىلە: مىسرالارنىڭ بوغۇم سانلىرى ئوخشاش ئەمەس. ھەمدە «بېرىپتۇ» بىلەن « كەپتۇ» دىكى « - تۇ» تەكرارلانغان بوغۇم بولۇپ، قالغان بوغۇملار قاپىيىداش ئەمەس.



(5)


بۇلۇپ كەتتىم ۋاي نىمە؟ بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن،

« شات - پاراۋان » ياشايمەن، يىغلىمايمەن، كۈلمەيمەن .

 

مەنلا نوچى دۇنيادا، ھېچكىم ماڭا تەڭ ئەمەس،

بىل گەيتېسنى، خاۋ كېڭنى قەتئىي كۆزگە ئىلمايمەن .

 

ساراڭ « گۇي » لار ھەممىسى ، كىتاپ يېزىپ يۈرگەنلەر،

نەزىرىيە قۇرۇق گەپ، ھەرگىز كىتاپ كۆرمەيمەن .

 

ئانام مېنى تۇغقاچقا، بېقىشى كېرەك ئۆلگبچە،

ئانام - دادام باقىدۇ، شۇڭا ئىشلەپ يۈرمەيمەن .

 

ئانام - دادام تاياق يەر، گەر گىپىمگە كىرمىسە،

دوستۇم ئۆيگە سىيسىمۇ ، ئۇنى ھەرگىز ئۇرمايمەن .

 

تۇغقانلىرىم « ھە دىسە، پىچاق تەييار تىققىلى،

« دوست » لىرىمغا ئالىيىپ، قاراشقىمۇ قىيمايمەن .


مەسىلە: « - مايمەن» تەكرارلانغان بوغۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى «بىل، كۈل، ئىل، كۆر، يۈر، ئۇر، قىي» دېگەن بوغۇملار ئانچە قاپىيىداش ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ بىر شېئىر بولالمايدۇ.



(6)


تۇپرىقى بوز ئاياللار [7]

تۇپرىقى كۈنگەي تەرەپتىكى ئاياللار [10]

تۇپرىقىدا بىر تال تاشمۇ يوق ئاياللار [12]

تۇپرىقى ئەڭ پەس، شامال ئۆتۈشمەيدىغان ئاياللار [15]

تۇپرىقى تاغ، گىياھ ئۈنمىگەن ئاياللار [12]

تۇپرىقى دەريادا، سۇغا، تاشقا تەشنا ئاياللار [15]

تۇپرىقى چۆلدە، تۇپرىقىغا قۇش قونمىغان ئاياللار [16]

خاراپ زېمىنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېنىنى بىلىدى [17]


ئۇلارنىڭ تېنى بەك كۆتۈرۈشلۈك [10]

كەتمەن، گۈرجەكلەرنى كاردىن چىقىرىدۇ [14]

نەيزە - قىلىچلارنى بارمىقىدا ئوينىتىدۇ [14]

بار كىرپىكىدە ساناقسىز ئوقيا [10]

بەزىسى يارلاندۇرىدۇ، بەزىسى جاننى ئالىدۇ [16]


مەسىلە: مېنىڭ بىلىمىم بەك كونىراپ كېتىپ، بۇ شېئىرنى يولىدا چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىشقا مەن ئاجىز كېلىپ قالدىممۇ، مەن بىلمىدىم. ئەگەر مەن بۇ يەردە بىلىمسىزلىك قىلىۋاتقان بولسام، ئاپتوردىن ئالدىن ئەپۇ سورايمەن. ئىشقىلىپ مەن «غەزەل شەكىللىك شېئىرلار» دەپ چۈشەنگەن، ھەمدە «توغرا يېزىلغان شېئىرلار» دەپ قوبۇل قىلغان يۇقىرىدىكى شېئىرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئىككى كۇپلېت شېئىردا ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىلەر باردەك تۇيۇلدى. مەن بايقىغان مەسىلىلەر مۇنداق: (1) ھېچ يەردە چېكىت-پەش يوق. (2) بىرىنچى كۇپلېتنىڭ بوغۇم سانى 7 - 17 دائىرىسىگە، ۋە 2-كۇپلېتنىڭ بولسا 10 - 16 بوغۇم دائىرىسىگە تارالغان بولۇپ، مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى تەڭ ئەمەس. چاچما شېئىرلاردا بوغۇم سانى تەڭ بولمايتتى، ئەمما بۇ شېئىر ماڭا چاچما شېئىردەك تۇيۇلمىدى. (3) بىرىنچى كۇپلېتنى 2-كۇپلېت بىلەن باغلايدىغان ھېچ نەرسە يوق. (4) مەن كۆزلەنگەن مەزمۇننى چۈشىنەلمىدىم، ھەمدە قوبۇل قىلالمىدىم. (5) ھېچ قانداق يەردە قاپىيىلىك سۆز ياكى قاپىيىلىك بوغۇم يوق.


ئۇيغۇرچە شېئىرلاردا ئوخشاش سۆز ياكى ئوخشاش بوغۇملارنى قاپىيىلىك سۆز ياكى قاپىيىلىك بوغۇملار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يەنى، ئەگەر سىز «ئاياللار» دېگەن سۆزنى ھەممە مىسرالارنىڭ ئاخىرىغا قويۇپ قويسىڭىز، ئۇ مىسرالار قاپىيىداش مىسرالار بولمايدۇ. بەلكى، باشقا بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ. شېئىر مىسرالىرىدا چوقۇم كەم دېگەندە بىر دانە قاپىيىداش بوغۇم بار بولۇشى، ھەمدە ئاشۇ بوغۇملار مىسرالارنىڭ ئوخشاش ئورنىغا كېلىشى كېرەك. مەسىلەن، مىسرانىڭ ئەڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا 1-بوغۇم، 2-بوغۇم، 3-بوغۇم ياكى 4-بوغۇم دېگەندەك. مىسرالارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىن سانىغان ۋاقىتتىكى بىر قانچە بوغۇملار تەڭلا قاپىيىداش كەلسە تېخىمۇ ياخشى.


شائىرلىققا ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئادەم مەكتەپتە مەخسۇس ئوقۇمىسىمۇ شائىر بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز يۇقىرىدىكى ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشىڭىز، باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆپ ئوقۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ سۆز ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىڭىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈشىڭىز، ھەمدە پات-پات شېئىر يېزىپ مەشىق قىلىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە ۋەتەندە ھازىر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىققان «دېھقان شائىرلار» ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. بىرەيلەننىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر سىياسەت بەك ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، كەسپىي شائىرلارنىڭ ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغان شېئىرلارنى يېزىشقا ۋىجدانى كۆتۈرمەي، شېئىر يازماس بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېچ نېمىدىن قورقمايدىغان، سەزگۈر ئىشلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان، ياكى ئۇيغۇرلۇق ئېڭى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىر قىسىم دېھقان شائىرلار ھازىر ۋەتەندىكى شېئىر سەھنىلىرىنى ئىگىلەپ كېتىپتۇ. مەن مۇشۇ يەردىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرچە شېئىرلارغا ياكى شائىرلىققا قىزىقىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى شېئىرىيەتچىلىك ھاياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن، ھەمدە مېنىڭ يۇقىرىدا يازغانلىرىمنىڭ ئازراق ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە شېئىرىمنى 1986-يىلى يازغان. يەنى ياپونغا 1985-يىلى تۇنجى قېتىم ئوقۇشقا چىققان 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلار توكيوغا تۇنجى قېتىم قايتا جەم بولغاندا، شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمدىن قوزغالغان ھېسسىياتتا يازغان ئىدىم. ئۇنىڭغا ھازىر دەل 31 يىل بولدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ئۆزۈمدە شېئىر يېزىشقا بىر ئاز ھەۋەس ۋە ھېسسىيات پەيدا بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ «شائىر» لىق قابىلىيىتىنى بىر قېتىم سىناپ باقتىم. مەن مەزكۇر ماقالىنى ئاشۇ شېئىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



      چاقىرىق


      ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 15-سېنتەبىر



قاپلىدى ۋەتەننى تېررورلۇق تۇمان،

بوپقالدى مىللىتىم ياتلارنىڭ قۇلى.

قالمىدى ئىنسانچە ئەركىنلىك، ھوقۇق،

قالمىدى ياشاشنىڭ ئىمكانى، يولى.


كېسىلدى مىللەتنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى،

خارلاندى قۇرئانى، ئىمان ھەم دىنى.

دۆۋلەندى ئازابى ئېگىز تاغ بولۇپ،

يارلاندى ۋۇجۇدى، بەدەن ھەم دىلى.


يول قويماس قىلچىمۇ ياردەمچى مەردكە،

مۇمكىنمەس ھېچ كىمگە بويسۇنماي شەرتكە.

غايىب بوپ يۈرەك پارى ئۈنسىز، دېرەكسىز،

بارغانچە چىڭ پاتتى كۆپ يۈرەك دەردكە.


ئېزىلدى ھەر يۈرەك چەكسىز ئەلەمدە،

ياشاۋېرىپ ئىچىدە دوزاختەك ئاپەت.

بىز كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرمىگەن ياتلار،

ياشىماق بەكمۇ تەس بولمىسا تاقەت.


چىقتۇق بىز چەت ئەلگە ئوكياندىن ئاتلاپ،

ئىشلەشكە مىللەتكە يۇرتلارنى تاشلاپ.

ئاغرىتار يۈرەكنى ۋەتەن ھالىتى،

ياشايمىز ھەر كۈنى كۆزلەرنى ياشلاپ.


ئۆزگەردى بۇ دۇنيا يامانغا قاراپ،

جىم تۇردى دەرد چۈشسە ئۇيغۇر بېشىغا.

ياشىغانتۇق ياتلارغا مېھرىبان بولۇپ،

ئەي ئاللاھ بەر دىققەت ئۇيغۇر يېشىغا.


ئۆتكۈزدۇق كۆپ يىلنى ياتقا بېقىنىپ،

تەلمۈردۇق بىر يەردىن ياردەم كېلەر، دەپ.

ئۇيغۇرمۇ تارىختا تۆھپىكار بولغاچ،

ئىنسانلىق، ئادىللىق بىزنى يۆلەر، دەپ.


يوقاتقاچ قولدىكى مالنى، بايلىقنى،

كەلمىدى ھېچ ياردەم بىز كۈتكەن يەردىن.

تەس بولدى ئېرىشىش ھېسداشلىققىمۇ،

بىكاركەن باشقىسى كۈرەش ۋە تەردىن.


قىلمىسۇن خەلقىمنى نابۇت چۈشكۈنلۈك،

يار بولسۇن ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ئىرادە.

ئايلانسۇن قالقانغا ئېتىقادىمىز،

كۆپەيسۇن دوستىمىز بولماي يىگانە.


بەرمەيدۇ ھۇرۇنغا ياردەمنى ئاللاھ،

ھۆرلۈكچۈن ئالمىسا جانلارنى قولغا.

ئاتا قىپ بارىنى خەلقى-يۇرتىغا،

ئاتلىنىپ كۈرەشكە چىقمىسا يولغا.


ئۈندەيمەن قەۋمىمنى سەۋر قىلىشقا،

ئۆستۈرۈپ ئەقىلنى كۈچنى يىغىشقا.

ۋىجدانلىق، ئۈمىدۋار، تىرىشچان بولۇپ،

مىللەتكە، ۋەتەنگە ئىگە چىقىشقا.


تاشلايلى رەڭگارەڭ مەزھەپ تۈزۈشنى،

بىرلىشىپ ئۇيغۇرلار ئورتاق نىيەتتە.

ئېپقېلىش مەۋجۇتلۇقنى بىزگە بىر پەرز،

ساقلايلى كىملىكنى كېلىپ غەيرەتكە.


ئۆستۈرگىن كۈچۈڭنى ئىلىم-پەن بىلەن،

ئەي خەلقىم قىل ئىشنى ئەقىل-پەم بىلەن.

تاللىغىن نىشاننى، چارىنى توغرا،

يۈكسەلسۇن يۇرت-خەلقىم سەن ۋە مەن بىلەن.


(ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى)


= ================= =

فىكرەت ئىنىمىزنىڭ ئىنكاسى:



ماقالىڭىزدىكى شېئىرلارنىڭ ئاساسلىق بارماق ۋ ە زنلىك شېئىرلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز قانداق ؟

چۈنكى ئارۇز ۋ ە زن توغۇرلۇق ھېچ نېمە يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر چاچما، ئەركىن ژانىرللارنىمۇ زورلاپ شېئىر دە ۋ الىدۇ. سىز ئۇنىڭغا قارشىدەك كۆرىنىسىز، ئەمەلىيەتتە ماڭىمۇ يارىمايدۇ. لېكىن توغرا ئاتالغۇ ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغۇسى.

ياكى ماقالىنى سەل ئۆزگەرتىپ «ئۇيغۇرچە بارماق ۋ ە زىنلىك شېئىر يېزىش قائىدىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ .


ئەرزىمەيدۇ. سىزنىڭ جاۋابىڭىزغىمۇ رەھمەت. ماقالىڭىزدا بەزى ئاتالغۇدىكى كەمچىللىك ۋ ە بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىدىكى خاتالىقلار بار ئىكەن. مەسىلەن، «بارماق ۋ ە زن» ۋ ە «تۇراق» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى كۆرمىدىم. ئاندىن، مۇخەممەس، رۇبائىي ... دېگەندەكلەرنى ئارۇز ۋ ە زىندىكى شئېىرلاردىن باشقىسىغا قوللانمايدۇ، بىلىشىمچە. ئاندىن سىز بەرگەن 3-مىسالدىكى «ئۆزگەرسەم» سۆزىنى «رادف» دەيمىز (مەزكۇر شېئىر ئارۇز ۋ ە زىندىكەن).

ئاندىن، ئارۇز ۋ ە زىندىكى بەزى شېئىرلاردا بەزىدە بىرە بوغۇم كەمدەك كۆرۈنسىمۇ، مىسرادا ئۇزۇن بوغۇم بولغاچقا باشقىچە تەقتىئ قىلىدىغان ئىشلار بولىدۇ. شۇ ڭ ا سىزنىڭ بىر مىسرادىكى بوغۇم سانىغا قاراپلا خاتا دېيىش ئۇسۇلىڭىزنى مۇتلەق توغرا دېگىلى بولمايدۇ.بۇنى دېمىسەكمۇ لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ بوغۇم سانى تە ڭ ئەمەس. چۈنكى بۇلار چاچما شېئىرلار. ئاندىن قاپىيە توغۇرسىدىمۇ بىر مۇنچە نەزەرىيەلەر بار، بىر ھەرپنىمۇ قاپىيە سانايدىغان ... قاتارلىق. بۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىغاچ ئوبدان بىلىپ كەتمەيمەن. ز. سەئدۇللازادەنىڭ «ئارۇز ئىلمى» دېگەن كىتابىدا تەپسىلىي بار، خاتالاشمىسام. ماقالىدە يەنە بەلكىم باشقا مەسىلىلەر باردۇر.

شۇ ڭ ا، ماقالىنى «بارماق ۋ ە زنلىك شېئىرلار» غا خاسلاشتۇرۇ ڭ . مىسرانىڭ تۇراقلارغا بۆلىنىشىنىمۇ قوشۇپ قويۇ ڭ . ئاساسلىقى بۇ. بولمىسا شېئىر توغۇرلۇق نەزەرىۋىي بايانلار بەك جىق.شېئىر قائىدىلىرىنى ئومۇمىي نۇقتىدىن بايان قىلىمەن دېسىڭىز بۇ ماقالىڭىز بەك بىر تەرەپلىمە ۋە كەمتۈك كۆرۈنۈپ قالىدۇ .