كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟


ئەركىن سىدىق

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى


مەن يېقىندا «خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قانداق قارايدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى قىسقا ماقالىنى يازغاندىن كېيىن، بىر قىسىم قېرىنداشلار مەندىن «ئۇنداقتا بىز خىتاي پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورىدى. بۇ سوئالغا ئەسلىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىنىمىز ئۆزىنىڭ 9-نويابىردىكى «ئۇيغۇر قايسى خىتايغا ئۆچ؟» [1] دېگەن ماقالىسىدە جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ئازراق قوشۇمچە قىلىپ قوياي.


ۋەتەندە 60-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» جەريانىدىكى مۇنداق بىر ئىشنى بىلىدۇ: ھەممە كىشىلەر «ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» دېگەن بىر كىچىك قىزىل تاشلىق كىتابنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن، ھەمدە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئاساسىي جەھەتتىن مەجبۇرىي ھالدا يادلىۋالغان. ئاشۇ سۆز-ئۈزۈندىلەر ئىچىدە مۇنداق بىر سۆز بار: «كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟ بۇ 1-دەرىجىلىك مۇھىم مەسىلە.»


بۇ بىر خىل سىياسىي كۈرەش ۋە ھەربىي توقۇنۇش تاكتىكىسى ۋە ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ماۋ زېدۇڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. بەلكى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇ ماۋ زېدۇڭ 2000 يىلدىن ئۇزۇنراق خىتاي تارىخىدىكى سىياسىي كۈرەش ۋە ھەربىي توقۇنۇش ئەمەلىيەتلىرىدىن يەكۈنلەپ چىققان سىرتقى ۋە ئىچكى دۈشمەنگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىكى تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە. 1949-يىلىدىن بۇرۇن ماۋ زېدۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئاشۇ تاكتىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ 1-دەرىجىلىك دۈشمىنى بولغان مىللىي پارتىيە ( 国民党 ) بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈپ، خىتاي زېمىنىنى بېسىۋالغان ياپونلارنى خىتاي زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى بىرلەشكىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان بارلىق كىشىلەر، مەسىلەن خىتاي دېھقانلىرى ۋە ھەر خىل خىتاي بايلىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي پارتىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى مەغلۇپ قىلدى. قالغىنىنى بولسا تەيۋەنگە قوغلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالدى. يەنى، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىرلەشكىلى بولىدىغان ۋە پايدىلانغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى «دوست» ھېسابلاپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھەمكارلاشتى. ئەسلىدىكى چوڭ مەقسەتكە يېتىپ بولغاندىن كېيىن دوست-دۈشمەننى قايتىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن «دۈشمەن» دەپ قارىغانلارنى ئاندىن يوقاتتى.


خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟» دېگەن تاكتىكىدىن پايدىلىنىشى شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇلار 1949-يىلىدىن كېيىن خەلقئارا مۇناسىۋەتتە بۇ تاكتىكىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى يولۇققان ھەر خىل چوڭ-چوڭ ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن مۇشۇ تاكتىكا بىلەن ئۆتتى. بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تەپسىلىي مەزمۇن مەزكۇر ماقالىنىڭ دائىرىسىدىكى نەرسە بولمىغاچقا، مەن ئۇ ھەقتە كۆپ نەرسە يازماي، ئازراقلا توختىلىمەن.


خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىلا ھەر يىلى 12 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، دۇنياۋى ئىدىيە كونتروللۇقى بىلەن شۇغۇللاندى. 2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ پۇلنىڭ مىقدارى 15 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇ پۇلنى مەركىزىي پارتكوم سىياسىي دائىمىي كومىتېتى «دۆلەت بىرلىكسەپ مىنىستىرى» ( 统战部) ئارقىلىق باشقۇردى. ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېيجىڭدىكى بىر مەخپىي ئورۇندا يىغىن ئېچىپ، كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ تەشۋىقات قوراللىرى ئارقىلىق دۇنياغا نېمىلەرنى تەشۋىق قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئورگاننىڭ يەنە بىر تارمىقىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق پۈتۈن كۈنلۈك تەتقىقاتچى خادىمى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئاخبارات توپلايدۇ، ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىدۇ. شۇ ئاساستا يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن خەجلىنىدىغان خىراجەتمۇ يۇقىرىدىكى پۇلدىن كېلىدۇ.


خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى بارلىق تەسىردار ئەربابلارنى، مەسىلەن، دۆلەت رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى ۋە ئىسپورتچىلار قاتارلىقلارنى «قىزىل گۇرۇپپا» ۋە «كۆك گۇرۇپپا» دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. قىزىل گۇرۇپپا كىشىلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلارغا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە داڭلىق زىيالىيلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى مېدىيەلەردە ماختايدۇ. ھەمدە بەزىدە ئۇلارغا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئويلاش ئامبارلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كۆك گۇرۇپپىغا ئايرىلغان كىشىلەرگە بولسا خىتايغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەيدۇ، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ۋە ئابرۇيىنى يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ.


يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايىك پەنس، سېناتور ماركو رۇبىئو، ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىز قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىغا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل رەزىل ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئاشۇنداق رەزىل سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا خىتاي بىرلىكسەپ مىنىستىرى (The United Front Work Department of the Party Central Committee) ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.


خىتاي ھۆكۈمىتى «كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟» دېگەن تاكتىكىنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە بويسۇندۇرۇش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدى. شۇنداق قىلىشنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ھازىرمۇ ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپتىرىدە خىتايدىكى ۋە چەت ئەلدىكى بارلىق تەسىردار ئۇيغۇرلارمۇ «خىتاينىڭ دوستى» ۋە «خىتاينىڭ دۈشمىنى» دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ «دوستلىرى» نى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ. ئاشۇ «دۈشمەنلىرى» نى بولسا ھەر ۋاقىت چەتكە قېقىپ، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت ئۆچ ئېلىپ، ۋاسىتە تاللىماي ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىدۇ.


ئەمما، بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ بۇنداق تاكتىكىسىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ، ۋە بۇنداق تاكتىكىنىڭ قىممىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيۋاتىدۇ. ئۇلار چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئەمەس كىشىلەر بىلەن كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنىمۇ ھېچ قانداق ئاساسى يوق ھالدا «شىنجاڭچى، شەرقىي تۈركىستانچى»، «ئاپتونومىيەچى، مۇستەقىلچى» دېگەندەك سىنىپلارغا ئايرىپ، دۈشمەننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆز سېپىدىكى كىشىلەرگە، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان كىشىلەرگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چەت ئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ھەر بىر قەدەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىۋاتىدۇ.


مەن 1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا مېنىڭ 70 پىرسەنت ۋاقتىم تەشكىلات ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىددىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېتىپ، ۋاقتىمنىڭ ئاران 30 پىرسەنتىنى مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولۇپ قالغانىدىم. ھازىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ كۈنىمۇ ئىنتايىن تەس بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ. ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە باشقا كۈچلىرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكسەپ تۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۆز ئېھتىياجىمىزدىن تولۇق چىقالمايمىز. مۇشۇنداق بىر ھالەتتە تۇرۇپ، ئۆز ئىچىمىزدىن كۆپلىگەن گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشىمىز، ھەتتا بىر-بىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا زىيان سېلىشىمىز، بىز ئۈچۈن يەنە بىر خىل پاجىئە بولۇپ، بۇنداق قىلمىشلىرىمىزنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىز ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ.


چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىشى ئۈچۈن، چوقۇم «كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟» دېگەن تاكتىكىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا، ئۆزلىرى ئۈچۈن دوست بولىدىغانلار ۋە دۈشمەن بولىدىغانلارنى توغرا ئايرىپ چىقمىسا بولمايدۇ. بىزدە ھازىر بىرەر بىرلىكسەپ تۈزۈشكە مەسئۇل ئورگان مەۋجۇت بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدۇ. بىز ھازىر شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ بارلىق دوستلىرى بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل تاكتىكىلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا موھتاج.


مەن 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بىر يەھۇدىي دوستىدىن «سېنىڭچە بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن مىللىتىم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟»، دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بىرىنچىدىن، ئەگەر سەن 10 ئۇيغۇرغا ياردەم قىلالىساڭ، شۇلارغا ياردەم قىلغىن. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە بىرەر تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقىن. ئەگەر چەت ئەلدە ئاشۇنداق قىلغانلار چىقىپ قالىدىكەن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئىشنى سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوق قىلىشى كېرەك. سىلەر ئۇيغۇرلار ھازىر چەت ئەلنىڭ ياردىمىسىز ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر. شۇڭلاشقا سىلەرگە ئۇيغۇرلارنى چەت ئەلنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قويىدىغان ئىش يۈز بەرمىسۇن» دېگەن ئىدى. بۇ سۆز بەزى قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى راھەتسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئەينەن بايان قىلىپ قويدۇم.


خۇلاسىلىسەك، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ يوقىتىش، ۋە ئىرقىي تازىلاش قىلىپ يوقىتىش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەركىنلىككە ئېرىشىش كۈرەشلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغان ھەممە كىشىلەر نۆۋەتتە بىزنىڭ دوستىمىز بولۇشى كېرەك. بىز ئاشۇ دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئاشۇ دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈپ، ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشقاندىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش داۋاسىنى بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئۇيغۇر قايسى خىتايغا ئۆچ

http://www.meripet.com/A…/20181106_abduwali_ayup_ochluk.html