ئۇيغۇر قايسى خىتايغا ئۆچ


ئابدۇۋەلى ئايۇپ


يېقىندىن بېرى تۈركىيەدە خىتاي ساياھەتچى كۆپىيىپ كەتتى، ئۇيغۇر بالىلار بۇ پۇرسەتتە مۇھتاجلىقتىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قولى پۇل كۆردى. بەزىلىرى تاپقان پۇللارنى ئېلىپ تېخىمۇ ئەركىن ئەللەرگىمۇ سەپەرگە ئاتلاندى، بەزىلىرى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلىنى غەملىدى، بىر مەۋسۈملۈك قىينچىلىقنىڭ تەھدىتىدىن ئازات بولدى.


بۇ ئىشنىڭ پەرقلىق ئىنكاس قوزغىغان بولۇشى تەبىئىي. مەنچە بۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىن زېرىكىپ كېتىپ تالاش تارتىش قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھازىر تۈركىيەدە قىيىنچىلىق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتقان ۋاقىتتا تىلىمەي، ئالدىماي، بۇلىماي، ياردەمگە يۆلىنىۋالماي جان بېقىۋاتقان ھەر قانداق ئۇيغۇرۇمنىڭ تىرىشىپ پۇل تېپىشى بىز ئۈچۈن سۆيۈنگىدەك بىر ئىش.


تۈركىيەدە خىتاي ساياھەتچىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلارنى ياقتۇرمىسىڭىز، خالىمىسىڭىز، قوبۇل قىلمىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەركىنلىك، ئەمما ئەكسىچە ساياھەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، قوغلىۋېتىش ھەتتا گۆرۈگە ئېلىش جىنايەت. خىتاي ساياھەتچىلەرگە قارشىلىق قىلىش سادالىرى ۋە شۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتقان كۈچلەر، جامائەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقى بىر شۇملۇقتىن بىشارەت. بۇ ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئاقلاشقا بولمايدىغان پىكىر، دەۋەت ۋە تەشەببۇس بولۇپ بۇنى شەكسىز جىنايەت دەيمىز.


ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا كىم مۇشۇنداق ئىشقا يەنە دەۋەت قىلىدىكەن، تۈركىيە ساقچىلىرى ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئاۋۋال دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ دەۋەت ئەمەلىي ھەرىكەتكە يېقىن كېلىدىكەن بىز تۈركىيەدە قۇربانلىق قويلارغا ئايلىنىپ ھارام بولۇپ قالىمىز.


ئۇيغۇر خىتايغا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قارىشى. ئۇيغۇرنىڭ بىر مىليارد تۆت يۈز مىليۇن دۈشمىنى يوق. ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى بىر كومپارتىيە ھۆكۈمىتىدۇر. خىتايدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي خەلقى ئۇيغۇر بىلەن ئوخشاش ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان، پەقەت خىتاي ئىچىدە خەلق بىلىشكە ئامالسىز. ۋەتەن بىزگىلا ئەمەس خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ قۇلۇپلانغان بىر ھالەتتە. شۇڭا چەتئەللەردە بىز شۇ بىخەۋەر خەلققە, بىزدىن، زۇلۇمدىن ئۇچۇرسىز قالغان ساياھەتچى خىتايلارغا بىلدۈش، چۈشەندۈرۈش بۇرچىمىز بار. بۇ بۇرچىنى تىللاپ، ئۆچلىشىپ، ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئادا قىلالمايمىز.


ئۇيغۇرنىڭ تەيلەي تۈرمىسىگە قانداق يۆتكەلدى، بۇ تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قانداق ئاشكارىلاندى بىلەمسىز؟ دەل شۇ ساياھەتچى خىتايلار ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك ھەر خىتاي ساياھەتچى، تەتقىقاتچى بىز ئۈچۈن بىر ئۇچۇر مەنبەسى. مۇشۇ كۈنگىچە ھەممىمىز ئۇيغۇر بالىلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلدى دەيمىز، كىمدە پاكىت بار؟ خىتاي دارىلتاملىرى ئۇيغۇر يېتىملار بىلەن تولغان دەيمىز قېنى پاكىت، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى خىتايغا توشۇلدى دەيمىز قېنى پاكىت؟ كىم بىلىدۇ لاگىرلارغا بارغان بىرەر خىتاي، قەشقەردە ساياھەت قىلغان بىرەر تىجارەتچى پاكىتلار بىلەن بىزنى تەمىنلەپ خىتاينى مات قىلسىچۇ؟


ئۇيغۇر ئەقىدىلىك، ئەقىللىق مىللەت، مەيلى ئەقىدىمىزگە قارايلى ياكى ئەقلىمىزگە مۇراجەت قىلايلى، خىتاي ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت توغرا ئەمەس. تىنچ خىتاي پۇقراغا قىلىنغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت دۇنيادا بىزنى مات قىلىدۇ،تۈركىيەدە ھاياتىمىزنى مالىمان قىلىدۇ. بىز زالىمغا ئۆچ، كومپارتىيەنىڭ زۇلمىغا قارشى، ھەرگىزمۇ خىتاي خەلقىگە ئەمەس.