ئائىلە ئىسىملىرى (فامىلىلەر)


ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان


تۈنۈگۈن ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپتىن:


− ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ − دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:


− مېنىڭچە ئالدى بىلەن ئائىلە ئىسىملىرىدىن باشلاش كېرەك. مەدەنىيەتلەشكەن بارلىق ئەللەردە ھەر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئىسمى بار بولۇپ، كۆپىنچە ئىنساننىڭ ئىسمىدىن كېيىنلا قوللىنىلىدۇ. فرېدرېخ لايس، ۋىكتور ھۈگو… دېگەنگە ئوخشاش.


بۇ ئىسىملاردىكى بىرىنچى سۆز كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى، ئىككىنچىسى بولسا ئائىلە ئىسمى (يەنى فامىلىسى) دۇر. ھازىر بىزنىڭ مىللىتىمىزدە مۇقىم بىر ئائىلە ئىسمى يوق. ئىككى تاغا ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىككى قېرىنداشنىڭمۇ بىر ئائىلىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسىملىرىغا قاراپ بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى باشقا مىللەتلەردە ئائىلە ئىسمى بولغاچقا، كىم كىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئىسىمدىكى بۇ بىرلىك ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئېجىل - ئىناقلىق ۋە سەمىمىيەتنى كۈچەيتىدۇ.


− بىزدە ئائىلە ئىسىملىرى يوق دېيەرلىك دەۋاتىسىز. ئۇنداقتا، بۇلارنى قايسى كۈچ ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟


− نوپۇس قانۇنى بۇنى ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن. يەنى نوپۇس قانۇنىمىزغا مۇنداق بىر ماددا قوشۇش: نوپۇسقا تىزىملىغان ۋاقىتتا ھەر ئائىلىنىڭ بىر ئىسىمنى (يەنى فامىلە) قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىرەر ئائىلە ئىسمى كۆرسىتەلمىگەنلەرگە خەلق يىغىنىدا مۇۋاپىق بىر ئائىلە ئىسمى بېرىلىدۇ. ئاندىن نوپۇس دەپتىرىگە ھەر شەخس ئائىلىسىنىڭ بېتىگە ئائىلە ئىسمى (فامىلە) بىلەن قوشۇپ خاتىرىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي ئىش بىجىرگەندە كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن قوشۇپ داۋاملىق ئائىلە ئىسمىنىڭمۇ ئەسكەرتىلىشى ۋە يېزىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا بىزدىمۇ ئائىلە ئىسىملىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.


− تۈركلەردە ئائىلە ئىسمى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانمۇ؟


− ئۇنداق ئەمەس. قەدىمكى تۈركلەر ئائىلە ئىسمىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. كېيىنكى زامانلاردا ئائىلە ئىسىملىرىنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرىپ، پەقەت ئائىلە شەجەرىسىلا قېپقالغان. يەنى ھەر دەۋردە ئائىلە ئىسمى ئائىلىنىڭ باشقا بىر دائىرىسىگە باغلانغان.


تۈركلەردە ئائىلە ئىسمىنىڭ تارىخى خىلمۇخىل شەكىللىرىگە قاراپ ئالتە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:


1) قەبىلە دەۋرى: قەدىمكى ئوغۇزلاردا ئائىلە ئىسمى «قەبىلە» ئىسمىدىن ئىبارەت ئىدى.


ئوغۇز ۋىلايىتى 24 قەبىلىدىن شەكىللىنەتتى. بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى تونۇش ئۈچۈن «سەن قايسى قەبىلىدىن؟» دەپ سورىلاتتى. ئۇمۇ مەسىلەن: «بەيدىلى قەبىلىسىدىن» دەپ جاۋاب بېرەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قايسى ئائىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.


قەبىلە قەدىمكى ئوغۇزلاردا بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئەڭ چوڭ ئائىلە چەمبىرى ئىدى. لېكىن قەدىمكى ئوغۇزلاردا ھازىرقى ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئەكسىچە، قەبىلە ئىسمى كىشى ئىسمىدىن بۇرۇن كېلەتتى.


سالور، قازان، يۈكدۈرۈر، ئامەن (دەدە قورقۇت كىتابىدىكى سالور ۋە ئامەن سۆزلىرى) قاتارلىقلار بىردىن ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ ئىسمىدۇر.


بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋېنگىرلاردىمۇ ئائىلە ئىسمى كىشى ئىسمىدىن بۇرۇن كېلىدۇ. بۇ ئوخشاشلىقمۇ تۈركلەر بىلەن ۋېنگىرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ قويۇق مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قەدىمكى ئوغۇزلاردا قەبىلە ئىسمىنىڭ كىشى ئىسمىدىن كېيىن قوللىنىلغانلىقىمۇ مەلۇم:


يۇنۇس ئەمرە، تاپدۇك ئەمرە دېگەنگە ئوخشاش. مېنىڭچە «ئەمرە» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ھازىر «ئەمرئالى» دەيمىز. ئۇنداق بولغانىكەن، تۈركلەردىمۇ ھازىرقى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىسىملارنى ئۇچرىتىمىز.


2) ئۇرۇقداشلىق دەۋرى: قەبىلىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى «ئۇرۇقداشلىق» ئىگىلىدى. بۇ دەۋردە نەسەب ئىسمى ئالدىدا كېلەتتى، ئاندىن كېيىن «ئوغلى» ياكى «ئوغۇللىرىدىن» دېگەن ئىپادە، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى قوللىنىلاتتى.


قارامان ئوغلى مەھمەت بەگ، ئىسفاندىيار ئوغلى شەمسى پاشا، ئايدىن ئوغۇللىرىدىن ئىيسا پاشا دېگەنگە ئوخشاش. فامىلە قەبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان بىر بوۋىنىڭ ئىسمىغا بېرىپ تاقىلاتتى. تۈركلەر ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا «قەبىلە» تەشكىلاتىنى يوقاتقاندىن كېيىن بۇ ئىككىنچى دەۋر باشلاندى.


3) ئوسمانلى دەۋرى: ئوسمانلى دەۋرىدە «ئوغلى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «زادە» ئاتالغۇسى قوللىنىلدى. بەكىر پاشازادە تەۋپىق، مۇپتى زادە ئوسمان، كاتىب زادە ھەسەن دېگەنگە ئوخشاش… ھازىرقى دەۋردىمۇ كۆپىنچە مۇشۇ شەكىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە. لېكىن تۈركچىلىك ئېقىمىدىن كېيىن «زادە» سۆزىنىڭ ئورنىغا قايتىدىن «ئوغلى» سۆزى قوللىنىلىشقا باشلىدى.


4) تەخەللۇس (مەخلەس) دەۋرى: تۆتىنچى دەۋردە ئائىلە فامىلىسىنىڭ ئورنىغا كىشى ئىسمىدىن كېيىنلا (مەخلەس: يەنى ئىككىنچى ئىسىم، قوشۇمچە ئىسىم، لەقەم) دېيىلىدىغان بىر ئىسىم قوللىنىلغان بولۇپ، ئائىلە ئىسمى ئىككىنچى ئورۇندا قالدى. تەۋپىق پىكرەت، تاھسىن ناھىت دېگەنگە ئوخشاش…


بۇ دەۋردە ئائىلە ئىسىملىرىغا سەل قارالغانلىقىنى ھەمدە كىشى ئىسىملىرىنىڭ جۈپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.


5) خاتا تەقلىد دەۋرى: بۇ دەۋردە ياۋروپالىقلاردىكىگە ئوخشاش ئائىلە ئىسمىنىڭ ئورنىغا «دادىنىڭ ئىسمى» قوللىنىلىشقا باشلىغان بولۇپ، «دادىنىڭ ئىسمى» بىر ئائىلىنىڭ فامىلىسىگە ئايلاندى. لېكىن ھەر بىر نەسىلدە دادا ئالمىشىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئائىلىنىڭ فامىلىسىمۇ ئالمىشىپ كېتەتتى. ئاقىل مۇختار، خەلىل ئەتھەم، ھەمدۇللاھ سۈبھى دېگەنگە ئوخشاش…


6) ياۋروپاچە دەۋر: ياۋروپاچە دەۋردە ياۋروپادىكىگە ئوخشاشلا بوۋىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى ياكى كەسىپ، ياكى ھۈنەرنىڭ ئىسمى ئائىلىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ، ھەممە نەسىلدە كىشى ئىسمىدىن كېيىنلا قوللىنىلىشقا باشلىدى. ئەلىي چاپان، ئەھمەت ئاۋۇندۇك دېگەنگە ئوخشاش…


ئەمدىكى يېڭى نوپۇس دەپتەرلىرىدىكى ئائىلە ئىسىملىرىدا ئەڭ ئاخىرقى شەكلى ئاساس قىلىنىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھەم ئائىلىنىڭ ئىسمى بىر قانچە نەسىل داۋاملىشىدۇ، ھەمدە تۇنجى دەۋر، يەنى قەبىلە دەۋرىدىكىگە ئۇيغۇن بولىدۇ. شۇنداقلا «ئوغلى» ۋە «زادە» دېگەندەك ئارتۇق سۆزلەردىنمۇ تازىلانغان بولىدۇ.


قانۇندىن بۇرۇن بۇنى زىيالىيلىرىمىز قوبۇل قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


جۇمھۇرىيەت، 1924 - يىلى، 18 - ماي


مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى


يېڭى مەنبەسى:

https://www.akademiye.org/ug/?p=15474