خىتاينىڭ «ئۆپكە ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى» توغرىسىدىكى خەۋىرى ھەققىدە


ئەركىن سىدىق

2020-3-5


بەلكىم سىز يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن: «خىتاي دوختۇرلىرى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇنيادىكى تۇنجى قوش ئۆپكە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدۇ». خىتايدا بۇ خىل ئىشلار پەقەت ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر، فالۇنگۇڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بەدىلى بىلەنلا بولۇشى مۇمكىن. يەنى، دېيىلمىگەن پاكىتلارنىڭ بىرى شۇكى، خىتايدا بىئولوگىيەلىك ۋە مېدىتسىنا تەجرىبىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەقسىز. ئۇيغۇرلارنى بىئولوگىيەلىك ۋە مېدىتسىنا ساھەسىدە تەجرىبە قىلىشCCP  1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا باشلانغان. مەن بۇ پاكىتلارنى بىر قانچە دوختۇر دوستلىرىمدىن بىلدىم. ئۇلار ماڭا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي دوختۇرلارنىڭ 2-3 يىل ئىشلەپلا «مۇتەخەسسىس دوختۇر» دېگەن قالپاق بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى، ئاندىن ئۇلار كەلگەن جايىغا قايتىپ مائاشىنى بىر نەچچە ھەسسە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ دوختۇرلار ئۇيغۇر بىمارلىرىغا قارىتا قانداق ئاقىۋەت بولسۇن ھەر قانداق دورىنى سىناپ باقسا بولىدىكەن، بۇنىڭغا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىكەن. شۇڭا كېسىلى ئانچە ئېغىر بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا كىرىپ ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىشى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىكەن. دوختۇر خىتاي، بىمار ئۇيغۇر بولغاندا ھېچقانداق قانۇنىي جاۋابكارلىق يوق. تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى، مېنىڭ بىر نەۋرە ئىنىم ئۈرۈمچىدە ئوخشاش ياشتىكى بىر خىتاي بالىسى بىلەن جېدەللىشىپ قاپتۇ. خىتاي بالىسى خىش بىلەن نەۋرە تۇغقىنىمنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ خىتاي قولغا ئېلىنىپتۇ. ئەمما تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن، تۇغقانلىرىم ئۈرۈمچى كوچىسىدا ئۇ خىتاينى كۆرۈپتۇ. ج ك پ 1949-يىلى 200 مىڭ ئەسكىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا «بىز بۇ يەردە پەقەت 2-3 يىل تۇرىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلارنى رەتكە سېلىپ بولۇپ چىقىپ كېتىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن. ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە نېمە بولغانلىقىغا قاراڭ. CCP دۇنيادىكى بىرىنچى يالغانچى، دۇنيا بۇنى ھېچ بولمىغاندا ھازىر بىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى ئېلىپ ئېيتساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 1949-يىلدىكى 5% گە يەتمىگەن ھالەتتىن ھازىرقى 60% تىن ئېشىپ كەتتى. ج ك پ ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى. CCP ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. خىتاي بىر خەلقنى - ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلدى، قېلىپ قالغان نەرسىلەرنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم قىلىڭ.