ئالەم ئۇچقۇرلىرى قانداق يېقىلغۇ ئىشلىتىدۇ؟


ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 19-سىنتەبىر


مەن يېقىندا مۇنداق بىر قىسقا خەۋەر يازدىم:


« ناسانىڭ «كاسسىنى» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى بۇ يىل 15-سىنتەبىر كۈنى نيۇ يورك ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە ساتۇرننىڭ ئىچىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىش شۇ كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر بولىدۇ. شۇ كۈنى ھەر يەرلەردىن كەلگەن ئالىملار ۋە مۇخبىرلار بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل گە يىغىلىپ، نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ.

كاسسىنى 1997-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساتۇرنغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن 7 يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ جەرياندا تېزلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كاسسىنى سائىتىگە 110000 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭدى. ئۇ 2004-يىلى ساتۇرنغا يېتىپ بېرىپ، ھازىرغىچە جەمئىي 13 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ھازىر ئۇنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ناسا ئۇنى ساتۇرننىڭ ئىچىگە ماڭدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ساتۇرن بىر گاز پلانېتا بولۇپ، كاسسىنى ساتۇرننىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى كىچىككىنە ۋاقىت ئىچىدە يەر يۈزىگە ساتۇرننىڭ ئىچكىي تۈزۈلۈشى ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇر ماڭدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ گاز بىلەن سۈركىلىشتىن ھاسىل بولغان ئوتتا كۆيۈپ تۈگەيدۇ.»


يۇقىرىدىكى ئىشلار ئەسلىدىكى پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ بولدى.  مەن يۇقىرىدىكى خەۋەرنى يازغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئوقۇرمەنلەر مەندىن ئالەم ئۇچقۇرلىرىنىڭ ئېنېرگىيىسى نەدىن كېلىدىغانلىقى، كاسسىنى 20 يىل ئۇچقان بولسا ئۇنىڭغا كېرەكلىك يېقىلغۇ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى. مەن بۇ يەردە ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.


ئەگەر سىز ئالەم ئۇچقۇرى كاسسىنىنى راكېتا بىلەن قاتتىق ئىتتىرىپ، ئۇنى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئازات قىلىپ، ئاندىن ئۇنى بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىپ قويسىڭىز، ئۇ قاتتىق ئىتتىرىلىشتىن بۇرۇنقى يۆنىلىشى ۋە تېزلىكىنى ساقلاپ مېڭىۋېرىدۇ. يەنى، تارتىش كۈچى يوق بىر يەردە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر نەرسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھاۋانىڭ سۈركىلىش كۈچىگە ئوخشاش بىرەر كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ جەريان فىزىكىدىكى نيۇتوننىڭ 1-قانۇنى بويىچە بولىدۇ. يەنى، كاسسىنى يەر شارىدىن ساتۇرنغا بارغىچە كەتكەن 7 يىل ۋاقىت جەريانىدا ئانچە كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدۇ. ساتۇرنغا بارغاندىن كېيىنمۇ ئۇ خۇددى سۈنئىي ھەمراھلار يەر شارىنى ئايلانغاندا ئېنېرگىيە سەرپ قىلمىغانغا ئوخشاش ئېنېرگىيە سەرپ قىلماي، تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ.


ئەمما، كاسسىنى يەر شارىدىن ساتۇرنغا بارغىچە قۇياش ۋە باشقا پىلانېتىلارنىڭ تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، ئەگەر ساتۇرن ئالەم بوشلۇقىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولسا، سىز كاسسىنىنى شەرققە قاراپ ئىتتىرىۋېتىسىز. قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كاسسىنىنىڭ يۆنىلىشى تەدرىجى ئۆزگىرىپ، ئەڭ ئاخىرى ئۇ شىمالغا يېتىپ بارىدۇ.



مەسىلەن، يۇقىرىدىكى رەسىمدە بىر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ يەر شارىدىن مارسقا بېرىش جەريانى كۆرسىتىلگەن.  ئالەم ئۇچقۇرى بىر راكېتا ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا ئېتىلغاندا، يەر شارى A-نۇقتىدا، مارس بولسا B-نۇقتىدا بولىدۇ.  سىز راكېتانى يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك ئوڭ تەرەپكە قاراپ ئاتىسىز.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ سائىتىگە تەخمىنەن 110 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئۇچىدىغان تېزلىكتە مېڭىپ [2]، مارسقا يېتىپ بەرىشىغا 10 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.  بۇ 10 ئايدىن كېيىن مارس قۇياشنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىپ، C-نۇقتىغا كېلىدۇ.  ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇرىمۇ قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ مېڭىپ، مارس C-نۇقتىغا كەلگەندە ئۇمۇ ك-نۇقتىغا كېلىدۇ.  بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن ھېسابلىنىپ، ئالدىن ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى توغرۇلۇق بىلەن پىلانلانغان بولىدۇ.  


قۇياش ۋە باشقا پىلانېتىلارنىڭ تارتىش كۈچى كاسسىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ مېڭىش تېزلىكىنى يۇقىرىلىتىش ۋە ئاستىلىتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.


ئەمما، پۈتۈن مەشغۇلات جەريانىدا سىز بىر ئاز ئېنېرگىيە ئىشلىتىپ، كاسسىنىنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى كونترول قىلىپ ۋە تەڭشەپ تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان ئېنېرگىيە ئىنگلىزچە « Radioisotope Thermoelectric Generator » دەپ ئاتىلىدىغان، تېمپېراتۇرا پەرقىدىن توك چىقىرىدىغان ئۈسكۈنىدىن كېلىدۇ. كاسسىنىدا ئاشۇنداق ئۈسكۈنىدىن ئۈچى بار [1]. ئەمما، بۇنداق ئۈسكۈنىنىڭ بەلگىلىك ئۆمرى بار بولۇپ، مەلۇم ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇمۇ كونىراپ ئىشتىن توختايدۇ.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇرلىرىغا باشقا بىر قىسىم ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن لازىم بولغان توكنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاز مىقداردىكى يېقىلغۇمۇ قاچىلانغان بولىدۇ. يەنى، بەزى زاپچاسلار مۇقىم تېمپېراتۇرىدا سوغۇق ساقلانمىسا، يەنە بەزىلىرى مۇقىم تېمپېراتۇرىدا ئىسسىق ساقلانمىسا بولمايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى رادىئو دولقۇنىغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقە ھەر ۋاقىت ساقلانمىسا بولمايدۇ.  ئەگەر بۇ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن، ئالەم ئۇچقۇرىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ.  ئالەم ئۇچقۇرى توپلىغان ئۇچۇرلارنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.  ئاشۇنداق ئالاھىدە ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ تۈگەپ كەتسە، ئالەم ئۇچقۇرىمۇ ئىشتىن توختايدۇ. بۇ قېتىم كاسسىنىدا يۈز بەرگەن ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدۇر.


مەن كېيىنكى يازمامدا ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى رادىئو دولقۇنى ئالاقىسى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.


[1] Spacecraft

https://saturn.jpl.nasa.gov/.../spacecraft/cassini-orbiter/ <https://l.facebook.com/l.php?u=https%3A%2F%2Fsaturn.jpl.nasa.gov%2Fmission%2Fspacecraft%2Fcassini-orbiter%2F&h=ATOxpGZpx_xXbJGINCews6k-yJrXSP_K9MgbVEOC5LRRq2eXM2YYUWYgt2ZygO2gW-0Q-HkgYsjBQsjeVLmehJ6r5oGoD4y9fWo0Mu4UkVoX9hwkG0KjV-gKVnwOFTOF8jo4-_KBHTJC>

[2] https://answers.yahoo.com/question/index?qid=20120814211227AAm3vwq