نېمىشقا ئالەم بوشلۇقى قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ؟

 

ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 21-سېنتەبىر

 

بىر ئۇكىمىز فېيىسبۇكتا مەندىن نېمىشقا ئالەم بوشلۇقىنىڭ داۋاملىق قاراڭغۇ كۆرۈنىدىغانلىقىنى سورىدى.  تۆۋەندىكى يازمىنى شۇ سوئالغا جاۋاب بولسۇن ئۈچۈن تەييارلىدىم.

 

ئەگەر يەر شارىدىن ئاسمانغا قاراپ ماڭسىڭىز، دەسلەپكى 80 كىلومېتىر قېلىنلىقتىكى رايوندا ھاۋا بار بولۇپ، ئۇنىڭ نېرىسىدا ھاۋا يوق. ھاۋا ئىنتايىن ئۇششاق زەررىچىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ زەررىچىلەر «مولېكۇلا» دەپ ئاتىلىدۇ. كۈندىزى قۇياشتىن كەلگەن نۇر ھاۋادىكى ئاشۇ زەررىچىلەرگە تېگىپ، چەچىراپ، ئاندىن ھەممە يۆنۈلىشلەرگە قايتىدىن تارقىلىدۇ. ئاشۇ چېچىراپ تارقالغان نۇرلارنىڭ بىر قىسمى بىزنىڭ كۆزىمىزگە كىرىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاسماننى كۆرەلەيمىز.  ئاشۇ زەررىچىلەرنىڭ چوڭلۇقى كۆك رەڭلىك نۇرنى قايتۇرۇش ياكى چېچرىتىشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، كۆزىمىزگە قۇياشتىن كەلگەن نۇرنىڭ كۆك-رەڭلىك قىسمى يېتىپ كېلىپ، ئاسمان بىزگە كۆك كۆرۈنىدۇ.

 

ئەمما سىز ئاسماندىكى 80 كىلومېتىردىن ئېگىزراق ئورۇنغا چىقسىڭىز، كۈن نۇرىنى چاچرىتىدىغان زەررىچىلەر بولمىغاچقا، پۈتۈن ئاسمان ۋە پۈتۈن كائىنات قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.

 

سىز ئاخشىمى ئاسمانغا قارىغاندا، سىز كۆرگەن رايونغا چۈشىدىغان كۈن نۇرىنى يەر شارى توسىۋالغان بولغاچقا، زەررىچىلەرنى چاچرىتىدىغان نۇر يوق بولىدۇ.  شۇڭلاشقا سىزگە يۇلتۇزلاردىن باشقا يەرلەر قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.

 

ئەگەر سىز ئايغا چىقسىڭىز، ئايدا ھاۋا بولمىغاچقا، ئەتىراپىڭىز ھەر ۋاقىت قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.  يەنى، سىز پەقەت كۈن بىلەن يەر شارىنىلا يورۇق ھالەتتە كۆرەلەيدىغان بولۇپ، قالغان جايلارنىڭ ھەممىسى قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.

 

ئالەم بوشلۇقىدىمۇ ھاۋا يوق.  شۇڭلاشقا سىز كۆز ياكى تېلېسكوپ بىلەن قارىسىڭىز يۇلتۇزلاردىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى ھەممە ۋاقىتتا قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.

 

بىرىنچى رەسىم:  «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دە رەسىمگە ئېلىنغان يەر شارىنىڭ بىر قىسمى، ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ بىر كۆرۈنىشى.  يەر شارىنىڭ ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ نەقەدەر قاراڭغۇ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

 

ئىككىنچى رەسىم: ناسا ئايغا ئەۋەتكەن «ئاپپولو 8» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايغا چىققاندا رەسىمگە ئېلىۋالغان يەر شارىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.  يەر شارىنىڭ ئەتىراپىنىڭ نەقەدەر قاراڭغۇ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

 

[1] Why is space black?

https://starchild.gsfc.nasa.gov/docs/StarChild/questions/question52.html