ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەركىن سىدىق
1958-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان.
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا
مەكتەپلەرنى ئاشۇ شەھەردە ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە
ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى 1976-يىلى يازدا
پۈتتۈرگەن. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇش
جەريانىدا ئوغۇللار سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى ۋە
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ
رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىغا
«قايتا تەربىيە ئېلىش» قا چۈشۈپ، بىر يېرىم يىل
دېھقان بولغان. 1977-يىلىدىكى تۇنجى
قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا ئۇيغۇر
دىيارى بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان
يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
رادىئو-ئېلېكترونىكا كەسپى ئۇيغۇرلار
سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن. كېيىنكى 5 يىل
جەريانىدا ئۆز كەسپىنى ياخشى ئوقۇغاندىن باشقا،
ئىنگلىز تىلى بىلەن ياپون تىلىنى
ئۆزلىكىدىن پۇختا ئۆگەنگەن. ھەمدە مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم
رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن
رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار
بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك
ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
قاتارلىق 5 ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. 1983-يىلى 2-ئايدا ئالىي مەكتەپنى
پۈتتۈرگەندە
دائىرىلەر ئۇنىڭغا باشلىق بولۇپ، مەمۇرىي خىزمەت
بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىنى
بەرگەن (كۆپلىگەن كىشىلەر «ئەركىن سىدىق
ناھايىتى تېزلا ئاپتونوم رايونغا رەئىس
بولۇپ كېتىدۇ»، دەپ پەرەز قىلىشقان).
ئەمما ئۇ ھېلىقى تەكلىپنى
رەت قىلىپ، ئۆز مەكتپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھەمدە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا
بىر يىل
مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى كەسپى بويىچە بىلىم
ئاشۇرغان.
1985-يىلى 9-ئايدىن
1988-يىلى 4-ئايغىچە
ياپوندا بىلىم ئاشۇرۇپ، مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى
كەسپى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات
بىلەن شۇغۇللانغان. 1988-يىلى 8-ئايدا
ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، فىزىكا كەسپىدە
ماگىستىرلىق ۋە ئېلېكتىر-ئىنژېنېرلىكى كەسپى
بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. 1995-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى
پۇتتۈرگەندىن
كېيىن، بىر يېرىم يىل ئامېرىكىنىڭ ساندىيا دۆلەت
تەجرىبىخانىسىدا دوكتور-ئاشتى
بولغان، ھەمدە ئوپتىكا ساھەسىدىكى ئىلمىي
تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 1996-يىلى كۈزدىن 2004-يىلىغىچە
شىمالىي
كالىفورنىيە كرىمنىي جىلغىسىدىكى 3 ئوپتىكىلىق
يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدە
ئوپتىكا ئىنژېنېرى ۋە ئىنژېنېرلار باشلىقى بولۇپ
ئىشلەپ، 2004-يىلى 1-ئايدا
ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ناسا نىڭ بىر
مەركىزى بولغان ج پ ل گە خىزمەتكە
كىرىپ، ھازىرغىچە بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا
ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەپ
كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر بىر قانچە ساھەنىڭ
مۇھىم مۇتەخەسسىسى سالاھىيىتى بىلەن تاشقىي
پىلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان
ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن
شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ئۆز كەسپىي ساھەسىدە 118
پارچە
ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ
ئىچىدىكى 58 پارچە ماقالە خەلقئارادا
داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان
قىلىندى.
ئەركىن سىدىقنىڭ يەنە 4
دانە ئامېرىكا پاتېنتتى
بار.
Erkin
Sidiq 1958-yili Aqsu shehiride tughulghan.
Bashlan’ghuch we ottura mekteplerni ashu sheherde
Uyghurche mekteplerde
oqup, toluq otturini 1976-yili yazda püttürgen. Toluq
otturidiki oqush
jeryanida oghullar sinipining sinip bashliqi we mektep
oqughuchilar
uyushmisining re’isi qatarliq wezipilerni ötigen. Uningdin kéyin
yézigha «qayta terbiye élish»
qa chüshüp, bir yérim yil déhqan bolghan.
1977-yilidiki tunji qétimliq aliy mektep imtihanisida
Uyghur diyari
boyiche 2-orunda turidighan yuqiri netije bilen Shinjang
Uniwérsitétining
Radi’o-éléktronika kespi Uyghurlar sinipigha oqushqa kirgen. Kéyinki 5 yil
jeryanida öz kespini yaxshi
oqughandin bashqa, In’gliz tili bilen Yapon tilini özlikidin
puxta ögen’gen. Hemde
mektep oqughuchilar uyushmisining
re’isi, aptonom rayonluq yashlar birleshmisining mu’awin
re’isi, aptonom
rayonluq oqughuchilar birleshmisining re’isi, we memliketlik
oqughuchilar
birleshmisining mu’awin re’isi qatarliq 5 wezipini ötigen. 1983-yili 2-ayda
aliy mektepni püttürgende
da’iriler uninggha bashliq bolup, memuriy xizmet bilen
shughullinish pursitini
bergen (köpligen kishiler «Erkin Sidiq nahayiti tézla aptonom
rayon’gha re’is
bolup kétidu», dep perez qilishqan). Emma
u héliqi teklipni ret qilip, öz mektpide oqutquchi bolghan.
Hemde Shangxey
Qatnash Uniwérsitétida bir yil mikro-dolqun téxnikisi kespi
boyiche bilim
ashurghan. 1985-yili
9-aydin 1988-yili
4-ayghiche Yaponda bilim ashurup, mikro-dolqun téxnikisi kespi
boyiche ilmiy
tetqiqat bilen shughullan’ghan. 1988-yili 8-ayda Amérikigha
oqushqa kélip,
fizika kespide magistirliq we éléktir-inzhénérliki kespi
boyiche doktorluqta
oqughan. 1995-yili
doktorluq oqushini püttürgendin
kéyin, bir yérim yil Amérikining Sandiya Dölet Tejribixanisida
doktor-ashti
bolghan, hemde optika sahesidiki ilmiy tetqiqatlar bilen
shughullan’ghan. 1996-yili
küzdin 2004-yilighiche shimaliy
Kaliforniye Krimniy Jilghisidiki 3 optikiliq yuqiri
téxnologiye shirkitide
optika inzhénéri we inzhénérlar bashliqi bolup ishlep,
2004-yili 1-ayda Amérika
alem qatnash idarisi NASA ning bir merkizi bolghan J P L ge
xizmetke kirip,
hazirghiche bir aliy derijilik optika inzhénéri bolup ishlep
kéliwatidu. U
hazir bir qanche sahening muhim mutexessisi
salahiyiti bilen tashqiy pilanétilarni biwaste köreleydighan
alem téléskopining
tetqiqati bilen shughulliniwatidu. U
hazirghiche öz kespiy saheside 118 parche ilmiy maqale élan
qilghan bolup,
ularning ichidiki 58 parche maqale xelq’arada dangliq ilmiy
tetqiqat
zhurnallirida élan qilindi.
Erkin
Sidiqning yene 4 dane Amérika paténtti bar.