note


ئاپتورنىڭ ۋەتەندىكى ياشلارغا يازغان خېتى


قەدىرلىك ئۇيغۇر ئىنىم/سىڭلىم:

تور بېتىمنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.  بۇ يەرنى زىيارەت قىلغىنىڭىز سىزنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پارلاق ئىستىقبالى بولۇشى ئۈچۈن، خەلقىمىز كۆپ ساندىكى سىزدەك شىجائەتلىك ياشلارغا مۇھتاج. سىرتقى دۇنياغا ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز نۇرغۇنلىغان ئالىي دەرىجىلىك تەربىيە كۆرگەن، خەلقئارادىكى ھەر خىل سەھنىلەردە رىقابەتلىشەلەيدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج. مەن سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا يەتكىچە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن..

مەن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىمنى يەكۈنلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇنداق بىر فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقتىم:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

تالانت. تالانتىڭىزنىڭ بىر قىسمى تۇغما بولىدۇ. قالغان قىسمى سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىز جەريانىدا راۋاجلىنىپ يېتىلىدۇ. سىزنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەتتا ئالىي مەكتەپتىمۇ خېلى ياخشى ئوقۇغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىغىدەك تالانت بىلەن تۇغۇلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.  ئەمدى تالانتنىڭ قالغان قىسمىغا كەلسەك، ئۇنىڭ مۇنداق 3 قىسمى بولىدۇ: 1. يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئەقىل-پاراسەت، 2. بىلىم، . 3. تاللىغان يولىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىچە بوشاشماي ماڭالايدىغان قابىلىيەت.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇنى ئۆز ئىقتىدارىڭىز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قاراپ، ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشىش نىشانىسىنى تۇرغۇزۇشىڭىز كېرەك.  ھەقىقىي ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزىڭىزنىڭ  ئالاھىدە تالانتلىرىنى بايقاپ، ئاشۇ تالانتلىرىڭىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلچە بوشاشماستىن تىرىشىشىڭىز كېرەك.


تىرىشچانلىق
. تىرىشچانلىق ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەتتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. ئەمما تىرىشچانلىقنى ئەمەلىيەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن كۆرسىتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.  بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى 16 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئىشلەشكە سەرپ قىلسىلا چوقۇم ئۆز نىشانىغا يېتەلەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ.  ھەقىقەتەنمۇ، ۋاقىتنى مىنۇت بىلەن ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ ۋاقتى، ئۇنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. گەرچە ھەر كۈنى ئۆگىنىش ياكى خىزمەت ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىدىن ئىبارەت بولسىمۇ،  بىراق ئۇ كۇپايە ئەمەس.  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىرىشچانلىقتىن نەتىجە يارىتىش ئۇسۇلغا نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە بولۇشنى، ئۆزىنىڭ شەخسىي پرىنسىپ ۋە تۈزۈمى بولۇشىنى ۋە كۆپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  سىز خاتالىقىڭنىز ۋە بېشىڭىزدىن كەچۈرگەن ئىسسىق-سوغۇقتىن تەجرىبە يەكۈنلەپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى كەچ بولغاندا ئۆزىڭىزدىن: "مەن بۈگۈن نېمىنى قولغا كەلتۈردۈم، نېمىگە ئېرىشتىم؟" دەپ سوراشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە نەجىتە بېرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك.  تىرىشچانلىق توغرا ئۇسۇل بىلەن بىرىككەندىلا ئاندىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.  ھەرگىز ياخشى ئىشلارنى ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ، دەپ ئويلىماڭ. راۋرۇس پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ، پىلان تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىش باشلاڭ. پىلانىڭىز قانچىلىك ئەمگەك، قانچىلىك تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇ ئاشۇنچىلىك تىرىشچانلىققا ئەرزىمدۇ-يوق، بۇلارنى ئوبدان مۆلچەرلەڭ. ئەگەر ئەرزىسە، دەرھال ئىشقا كىرىشىڭ. بۇ يولدا ھەرگىز بىر كۈننىمۇ ئىسراپ قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتى قىلىۋەلىڭ.


پۇرسەت
. پۇرسەت تەلەينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر پۇرسەت بىلەن تەلەينىڭ ئالدىدا باراۋەر بولمايدۇ. بولۇپمۇ مىللىي كەمسىتىشنى مەنئى قىلىش قانۇنى بولمىغان دۆلەتتە كىشىلەر ئېرىشىدىغان پۇرسەتنىڭ دەرىجىسىمۇ ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.  ئادەم پۇرسەتنى يارىتالايدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ تالانتى بىلەن تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشىڭىز كېرەك. بۇ يۇقىرىقىدەك بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىزنى سىياسىي سىستېمىغا ۋە باشقىلارغا دۆڭگىسىڭىز ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن ھەچ قانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمايدۇ. باشقىغا دۆڭگەش مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ.  سىزدە بىر ئىگىز تاغقا ئۇچرىغاندا ئۇنى يۆتكىۋېتىدىغان، بىر چوڭقۇر ئازغالغا دۇچ كەلگەندە ئۇنى تىندۇرۇۋېتىدىغان غەيرەت ۋە شىجائەت بولۇشى كېرەك. پۇرسەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە سىزنى نىشانىڭىزغا يەتكۈزىدىغان تۈپتۈز، ئاسان يول يوق. سىز ئۆزىڭىزگە پۇرسەت يارىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز نىشانىڭىزغا يېتىپ بارغىچە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.  مېنىڭ بىر تونۇشۇم بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا 2 يىلنىڭ ئىچىدە 8 قېتىم بېرىپ، ئاخىرى ئامېرىكىغا كېلىش ۋىزىسىنى ئالدى. ئەگەر سىز تىرىشىپ باقمىسىڭىز، ھەمدە داۋاملىق تىرىشمىسىڭىز، بىرەر مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىڭىز نۆل بولىدۇ.
 


مەن بۇ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر بىرەر ئىشتا ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئې-خەت ئادرېسى بويىچە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

 

erkinsidiq@gmail.com

 سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ئەركىن سىدىق
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن