tengritagh

تەڭرىتاغ مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلدى




ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىق قىلىش، كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلار بىلەن ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر نەتىجىسىدە “تەڭرىتاغ مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى” 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان كالىفورنىيە شتاتىدا رەسمىي قۇرۇلدى.

فوند جەمئىيەتنىڭ تولۇق نامى: تەڭرىتاغ مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى
ئىنگىلىزچە نامى: تەڭرىتاغ ئەدۇچاتىئون ئاند دەۋەلوپەمەنت فۇند (تەدف)
خەنزۇچە نامى: 天山教育与发展基金会

تەڭرىتاغ مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "فوندى جەمئىيىتى" دېيىلىدۇ) خاراكتېرى:



“فوندى جەمئىيىتىمىز” ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا قۇرۇلغان ئىقتىسادىي پايدىدىن مۇستەسنا، ھېچقانداق ئورۇن ياكى تەشكىلاتقا تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ھالدىكى خەلقىمىزنىڭ مەخسۇس مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشۇشنى كۆزلەيدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ، سەھىيە ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئەمەلىي ياردەم قىلىش.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا - مائارىپ ئاساس، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى- ھالقا. ئىقتىساد - تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەم تايىنىدىغان كۈچ ھەم يەتمەكچى بولغان ئاساسلىق نىشانلارنىڭ بىرى.

بىزنىڭ بىرىنچى سەپىرىمىز - يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ، سەھىيە ۋە پەن تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەتەن سۆيەر ۋەتەنداشلار، چەت ئەللىك ساخاۋەتچى زاتلار ۋە فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ ياردىمىدە مەبلەغ توپلاپ، بۇنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە باشقا ماددى ياردەم شەكىللىرىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ ۋە ئۆزلۈكسىز ئاشۇ مەقسەتتە سەپىرىنى داۋام ئېتىدۇ.


فوند جەمئىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى



نۆۋەتتە، يۇرتىمىزنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە يىراق تاغلىق كەنتلىرىدە خېلى كۆپ پۇقرالار ئىنتايىن كەمبەغەل ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈئەنگىمۇ يەتمەيدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ۋە بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا مائارىپنىڭ ئوينايدىغان رولى چوڭ. ئەمما نامراتلىقنىڭ دەستىدىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقان ئائىلىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر بالىنى چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇ بالىسىنىڭ ئوقۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېتىشى ئىنتايىن مۈشكۈل. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى يىلىغا 3500 يۈئەندىن 6000 يۈئەنگىچە بولۇپ، بۇ پۇلنى تۆلەشكە نۇرغۇنلىغان دېھقان، چارۋىچى ئائىلىلىرىنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ ياكى شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر قەرزگە بوغۇلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان دېھقان، چارۋىچى پەرزەنتلىرى، يېتىم-يېسىرلار ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن يۇقىرىلاپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ، ئىلاجسىزلىقتىن ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىۋاتىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، يالغۇز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىنلا ھەر يىلى قوبۇل قىلىنىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نامراتلىق سەۋەبىدىن مەكتەپكە كېلەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار 200 دىن ئاشىدىكەن. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ نامراتلىق ئۆلچىمىگە توشىدىغانلار 15% دىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ سان 30% گە بارىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5% تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندىن سىرت، ھەر ئايدا تۇرمۇش خىراجىتىگە سەرپ قىلىدىغان پۇلى 120 يۈئەنگە بارمايدىكەن.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مائارىپ بىر مىللەت، بىر رايوننىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورگانلار، ساخاۋەتچى زاتلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا گەرچە بەزى نامرات دېھقان، چارۋىچى بالىلىرى مەلۇم ياردەمگە ئېرىشىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى نامرات دېھقان بالىلىرى يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چېكىنىۋاتىدۇ ياكى مەكتەپكە كېلەلمەيۋاتىدۇ.


نامراتلىق - نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل قەلبلەرنى ئازابلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوندا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ شىددەت بىلەن يامرىشى – خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت ۋە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى جۇڭگو بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نوپۇس نىسبىتىدە سېلىشتۇرغاندا كېسەللىكنڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.

بۇ بىزدىن تەدبىر تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىسىدا تەشۋىقات، تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى ئىلمىي ساۋاتلارنى ئاممىغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

رادىئو-تېلېۋىزىيىگە ئوخشاش تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆسمۈرلەر پروگراممىلىرى ۋە باشقا پروگراممىلىرىدا سەنئەتچىلەرنى، بەك ئۆتۈپ كەتسە ئەدىپلەرنى ئاساسلىق تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىۋالغانلىقى، نەشرىيات ئورۇنلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى بالىلار كىتابلىرىنى چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، پۇلى بار ئاز بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ نامۇۋاپىق مائارىپ ئەندىزىسىنى دوراپ، بالىلىرىنى دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلاردىن توسقانلىقى، نۇرغۇنلىغان دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلىرىنىڭ بولسا بالىلىرىغا كىتاب ئېلىپ بېرىشكە چىقىنالمىغانلىقى سەۋەبلىك، بالىلار جەمئىيەتتكە تۆھپە قوشىدىغان توغرا غايە تىكلەشتە قايمۇقۇپ، كۆپىنچىسى ئەدەبىيات-سەنېتتىن ئىبارەت تار يولنى نىشان قىلماقتا. فوند جەمئىيىتىمىزنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى تۇرسۇنجاننىڭ 2003-يىلى تەكشۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى كىتابخانىلاردا ئىلىم- پەن، تېخنىكا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر كىتابلار بىرقەدەر ئاز بولۇپ، بۇندىن 10 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ ئون نەچچە كۈن 100 دىن ئارتۇق ياش ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 80% نىڭ قىزىقىشى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت. چوڭ بولغاندىكى ئارزۇسى ئۇسسۇلچى ياكى ناخشىچى، ياكى شائىر، يازغۇچى بولۇش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. گەرچە ئۇ كەسپنى قىلىشمۇ ياخشى ئىش بولسىمۇ، لېكىن بىر مىللەتتىن ھەر ساھە خادىملىرىنىڭ يەنى ئالىم، كەشپىياتچى، كارخانىچى، ئىقتىسادشۇناس، ئىنجېنېر، باشقۇرغۇچىلارنىڭ بولىشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بۇلار ئۈچۈن بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش كېرەك. شۇڭا بۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك ۋە قوللاش رولىنى ئوينىشىمىز كېرەك ھەم شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. چۈنكى جەمئىيىتىمىزنىڭ ساغلام راۋاج تېپىشىدا ھەممەيلەننىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى باردۇر.

بىزنىڭ يەنە كۆزىتىشىمىزچە، چەت ئەللەردە، ۋەتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەرەققىپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ھەر ساھە زاتلار نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەرمەكتە. يەنە بىر قىسىملار بولسا مۇۋاپىق، ئىشەنچلىك ياردەم بېرىش نىشانىنى تېپىش قولايسىزلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلارمۇ تەشكىلسىز چېچىلاڭغۇ ھالەتتە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇ خىل ئالىيجاناب كۆڭلىنى رېئاللىقتا ئىپادىلەشكە قىينىلىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر بالىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرەلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداق ئارزۇدىكى مەلۇم ساندىكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ياردەم پۇلى بىر يەرگە يىغىلسا ئۇنى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ۋە ياتاق پۇللىرىنى تۆلەپ بېرىشكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئەل ئىچىدە “تاما-تاما كۆل بولار” دېگەن سۆز بار.

يەنە چەت ئەللەردە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ -سەھىيە ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ساخاۋەت ئورۇنلىرى ياكى زاتلار بار بولۇپ، يالغۇز شەخس نامىدىن ئۇلاردىن ياردەم پۇل ئالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىزمۇ نىشانىمىز ئېنىق بولغان، كەسمى قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان، دۆلەتنىڭ سىياسەت، تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن بولغان ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھەمدە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى ئېنىق بولغان بىر ئورگان بولۇپ تەشكىللىنىپ، مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارساق، ساخاۋەتلىك ئىنسانلارنىڭ ياردەملىرىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. دېمەك فوند جەمئىيىتىمىزدەك بىر ئورۇننىڭ تەشكىللىنىپ مەيدانغا كېلىشى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى. ئىشىنىمىزكى، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇپ، بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشان، مەقسىتىگە يېتەلىشىگە ھەم جەمئىيەتتە مەلۇم ئاساس بار. دېمەك، ئەنە شۇنداق تەپەككۇر ھەم كۆزىتىش، مۆلچەرلەش ۋە مەلۇم ۋاقىتلىق تەييارلىقلار ئارقىلىق فوندى جەمئىيىتىمىز رەسمىي قۇرۇلدى.


فوند جەمئىيەتنىڭ قانۇنىي ئاساسى



فوند جەمئىيىتىمىز ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان قانۇنلۇق ئاممىۋى جەمئىيەت بۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامىلىرىدە بەلگىلەنگەن بارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. پات يېقىندا يەنە ئامېرىكىنىڭ باجدىن كەچۈرۈم قىلىش رۇخسەتنامىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە جەمئىيىتىمىز ئەزالىرىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ بېكىتكەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگىمۇ تولۇق رىئايە قىلىدۇ. مەبلەغ توپلاش ۋە مالىيە خىراجىتىنى ئىشلىتىش جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ مالىيە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىدۇ. پائالىيىتىمىزنىڭ ئوبيېكتلىرى يۇرتىمىزدىكى نامرات كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ " ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى"، " فوند جەمئىيەت فوندىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى"دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن مۇناسىۋەتلىك رۇخسەتنامە بېجىرىلىۋاتىدۇ. يېقىندا ياپونىيەدە جەمئىيىتىمىزنىڭ تارماق بۆلۈمىنى قۇرماقچى. ئىمكان بولسا جەمئىيىتىمىز يەنە بېيجىڭدا ياكى ئۈرۈمچىدە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ھەمدە بارلىق ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە ئالىدۇ. فوندى جەمئىيىتىمىز يەنە ئەزالىرىمىز ۋە ساخاۋەت پائالىيىتىمىز چېتىشقان ھەممە دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ھۆكۈمەت ۋە باشقا فۇنكسىيىلىك تارماقلارنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

فوند جەمئىيەتنىڭ ئىئانە توپلاش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش پرىنسىپى، قەدەم باسقۇچلىرى



جەمئىيىتىمىز ئەمدىلا قۇرۇلغان بولۇپ، تېخى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس. جەمئىيىتىمىز پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا تۆۋەندىكىدەك ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىقتىساد توپلايدۇ.

1. چەت ئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەر يۇرتداشلار. ھازىرقى تەشەببۇسىمىز چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقان، ئىقتىسادى يار بېرىدىغان يۇرتداشلار ھەر يىلى 100 دوللار (ياكى باشقا دۆلەت پۇلىدا 100 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە) ئەتراپىدا پۇل ئىئانە قىلىش.

2. ئۆلۈم-يېتىم بولغان ئائىلىلەر قازا قىلغۇچىغا ئاتاپ نەزىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئاتىغىنىنى ئىئانە قىلىش.

3. توي، مەرىكە قىلغان ئائىلىلەر توي مەرىكە نامىدا ئۆزىنىڭ ئاتىغىنىنى ئىئانە قىلىش.

4. جۇڭگونىڭ "فوند جەمئىيەت فوندىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" نىڭ 25- ماددىسىدىكى” دۆلەت سىرتىدىكى فوند جەمئىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو ئىچىدە مەبلەغ توپلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ" دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، فوند جەمئىيىتىمىز جۇڭگو ئىچىدە ئىئانە توپلىمايدۇ. شەخسلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە شەخسى نامى بىلەن ئىئانە توپلاپ، رايونىمىزنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىشغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئئىيىتىمىز باشقا قانۇنلۇق ئىئانە توپلاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

5. مەبلەغ توپلاشتا ھەر يىلى مەلۇم سومما نىشان قىلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى يىلى كەم دېگەندە بەش نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلەپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىشان قىلىنىدۇ. ئەزالىرىمىز مۇشۇنى ئەڭ تۆۋەن نىشان دەپ قاراپ، ئالدى بىلەن شۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.


يىغىلغان پۇلنى ئىشلىتىش پرىنسىپى دائىرىسى ۋە ئۇسۇلى ساخاۋەت ئۈچۈن يىغىلغان پۇلنى ئىشلىتىشتىكى باش پرىنسىپ



1. بارلىق يىغىلغان پۇللار ئاپتونوم رايوندىكى نامرات رايونلارنىڭ ياكى نامرات دېھقان، چارۋىچى پەرزەنتلىرىنىڭ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا، سەھىيە ئىشلىرىغا، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىنمايدۇ.

2. ساخاۋەت پائالىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بويىچە، قانۇنلۇق، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى



1. "تەڭرىتاغ ئوقۇش مۇكاپاتى" تەسىس قىلىنىپ، شەخسلەردىن يىغىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ تۈر فوند جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بولۇپ، مەخسۇس ئادەم، ۋاقىت، پۇل چىقىرىپ ئىشلىنىدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ نامىدا ھەر يىلى كەم دېگەندە 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلەپ بېرىش ئاساسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر يىللىق يىغىلغان پۇل مەلۇم سانغا يېتىپ، بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى لاياقەتلىك نامزاتلارغا ياردەم قىلىپ، يەنە ئىشەنچىمىز بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا، ئاندىن شەخسلەردىن كەلگەن ئىئانە پۇلغا باشقا تۈرلەرنى ئېچىشنى ئويلىشىمىز. بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەرتلىرى ۋە تەرتىپى كېيىن تەپسىلىي ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىرقى ئاساسى يېتەكچى ئىدىيىمىز يىللىق ساپ كىرىمى مىڭ يۈئەنگە بارمايدىغان، بىز ياردەم بەرمىسەك باشقا يەردىن پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى يوق، ئالىي مەكتەپكە بارالماسلىق ئېھتىماللىقى بولغان دېھقان، چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىسى. يەنى شۇ ئۆيدىن چىققان بىرىنچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالدى بىلەن ئىتىۋارغا ئېلىنىدۇ.

2. ئەگەر مەلۇم ساخاۋەتچى ھەر يىلى كەم دېگەندە 700 دوللاردىن يۇقىرى ئۇدا ئۈچ يىل پۇل ئىئانە قىلالىسا ياكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلىنى تۆلەپ بېرەلىسە، جەمئىيىتىمىز قارىمىقىدا شۇ شەخسىنىڭ نامىدا ياكى شۇ شەخس كۆرسىتىپ بەرگەن باشقا نامدا ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىدۇ. مەسىلەن "پالانچى ئوقۇش مۇكاپاتى" دېگەندەك. بۇ ساخاۋەتچى لاياقەتلىك نامزاتلار ئىچىدىن كىمگە مۇكاپات پۇلنى بېرىشنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

3. جەمئىيىتىمىز دۇنيادىكى ھەر قايسى ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ ياردەم بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان تۈرلەرنى ئېچىپ، پۇل ئىلتىماس قىلىپ، ئىگە بولغان پۇلنى شۇ كۆرسىتىلگەن مەخسۇس تۈرگە ئىشلىتىدۇ. بۇ چاغدىكى ساخاۋەت پائالىيىتى شۇ تۈرنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ۋە بېرىلگەن ۋەدىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر پىلان قىلىۋاتقان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:

1) رايونىمىزدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش تۈرى.

2) نامرات رايونلاردىكى نامرات ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كۇتۇپخانا سېلىپ بېرىش ياكى كىتاب ئېلىپ بېرىش تۈرى؛

3) مەخسۇس پەن-تېخنىكا، ئىلىم-پەنگە ئائىت كىتابلارنى يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغانلارغا ھەق بېرىپ قوللاش، شۇ كىتابنى قانۇنلۇق نەشىر قىلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش تۈرى؛

4) 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپتىن كېيىنكى نامرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم بېرىش تۈرى؛

5) ئۇندىن باشقا يەنە باشقىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن بولغان تۈر ئۈچۈن پۇل ئالالىسا شۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تۈر قۇرىمىز.

فوندى جەمئىيەتنىڭ ھەر يىللىق خىزمىتى ۋە ۋاقىت تەرتىپى



جەمئىيىتىمىز ئەزالىرى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكەن دائىرە ئىچىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەر يىلى 6- ئايدىن بۇرۇن شۇ يىلى ئىشلىتىلمەكچى بولغان پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسىنى ئېلان قىلىپ ئىلتىماس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ. يەنە ھەر يىللىق شەخسلەردىن بېرىلىدىغان پۇللار 5-ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن بۇرۇن بېرىلىپ بولىشى كېرەك. ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپكە كىرىش دۆلەتلىك ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان كۈندىن بۇرۇن جەمئىيىتىمىز بۇ يىل ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىدىغانلىقى، تەخمىنەن قانچە ئادەمگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى كۈنى 9-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى. ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى كۈنىدىن كېيىن فوند جەمئىيىتمىز ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ۋە لاياقەتلىك نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ. ئاندىن يەنە فوند جەمئىيەت ئەزالىرى، سىرتتىكى ئىختىيارىي ساخاۋەتچىلەر، ئالدىنقى يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى قىلىۋاتقانلار قاتارلىق ھەر خىل تەركىبتىن تۈزۈلگەن بىر كومىتېت قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېت ئەڭ ئاخىرقى نامزاتنى بېكىتىپ چىقىپ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلان قىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى ئوقۇغۇچىنىڭ قولىغا بېرىلمەيدۇ، بەلكى بىۋاسىتە شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئېلان قىلغان بانكا ئادرېسىغا 9-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئەۋەتىلىدۇ. بۇ توغرىلىق ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ. ھەر يىلدىكى ئۆلچەم ۋە ۋاقىت تەلىپى ئۆزگىرىپ تۇرۇشى مۈمكىن. شەخسلەر نامىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدىغان نامزاتلارنى شۇ شەخس ئۆزى بىۋاسىتە تاللىۋالىدۇ ياكى كومىتېتنىڭ باھالاپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. نەزىر، توي، مەرىكىنىڭ نامىدا بېرىلىدىغان پۇل ئۈچۈن ۋاقىت چېكى يوق. مەخسۇس تۈرلەرگە پۇل ئىلتىماس قىلىش ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە بولىدۇ.

فوند جەمئىيىتىمىز ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولغان تور بېتىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ بولغۇچە بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلار www.biliwal.com تور بېكىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ شۇ تور بېتىنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇشىنى سورايمىز.

تەشكىلىي قۇرۇلمىسى



فوند جەمئىيەتنى قۇرۇشنى پىلانلاپ، ئۇنىڭغا پائال ھەسسە قوشۇۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىممۇ جان-دىل بىلەن ئىشلەيدىغانلار ھەممىسى يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە مەلۇمات سەۋىسىگە ئىگە يۇقىرى قاتلام زىيالىيلاردۇر. بارلىق ئەزالار ھېچقانداق ھەق ئالماي فوند جەميەت ئۈچۈن ئىشتىن سىرت خالىس ئىشلەيدۇ. ھەممەيلەن قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان پۇقرالار بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بىردىنبىر نىشانى ئاز بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ پەن-مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەسسە قوشۇش.

فوند جەمئىيەت نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەر تەسىس قىلىندى.

1. پەخرىي جەمئىيەت باشلىقى: تەكلىپ قىلىنىدۇ

2. جەمئىيەت باشلىقى: تاشپولات روزى (ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل، ئامېرىكا)

3. ماۋىن جەمئىيەت باشلىقى: قەيسەر مىجىت (جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىقتىسادىغا مەسئۇل، ئامېرىكا)، دىلشات ئابلا (ياپونىيىدىكى بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل)

4. باش كاتىپ: تۇرسۇنجان ئابلېكىم (ئامېرىكا، جەمئىيەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى، تەشكىللەش ئىشلىرىغا مەسئۇل)

5. مالىيە دىرېكتورى: ئۆمەرجان ئابلا (ئامېرىكا)

6. نازارەت قىلىش دىرېكتورى: مەھمۇت ئابلا (ئامېرىكا)

7. تەشۋىقات باشلىقى: قۇربانجان روزى (تېخنىكا، تەشۋىقات، ئامېرىكا)، قۇتلۇق سابىت (ياپونىيە)

8. كېڭەش بىرلەشمىسى: زەپەر ئابلىز (بەئىجىڭ)، ئەنۋەر ئابدۇللا (ئامېرىكا)، ئىليار شەيخىدىن (ئۈرۈمچى)، دىلشات ئابلا (ياپونىيە)، تاشپولات روزى(ئامېرىكا)، قەيسەر مىجىت(ئامېرىكا)، تۇرسۇنجان ئابلېكىم(ئامېرىكا)، ئابلىمىت ئەھەد (ئۈرۈمچى)، رىشات ئابدۇروسۇل (كانادا)، يالقۇن يۈسۈپ (ياپونىيە)، تاشمەمەت روزى (ئامېرىكا)، دولقۇن يۇنۇس (ياپونىيە)، ئۆمەرجان ئابلا (ئامېرىكا)، خەمىت سىدىق (ياپونىيە)، مەھمۇت ئابلا (ئامېرىكا)، ئۆمەرجان سىدىق (ئامېرىكا)، قۇدرەت ئەخمەت (ئامېرىكا)، قۇدرەت ياقۇپ(ئامېرىكا)، قۇتلۇق سابىت (ياپونىيە)، قۇربانجان روزى (ئامېرىكا)

9. ئىجرائىيە كومىتېتى: تاشپولات روزى، قەيسەر مىجىت، دىلشات ئابلا، تۇرسۇنجان ئابلېكىم، قۇربانجان روزى.

10. قانۇن مەسلىھەتچىسى: ئامېرىكا قانۇنىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە شۇ ساھەدە خىزمەت تەجرىبىسى بار ئادەمدىن بىرسى، جۇڭگو قانۇنى ۋە نىزامنامىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ھەم شۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەمدىن بىرسى تەكلىپ قىلىنىدۇ.

11. ئومۇمىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى: بىزنىڭ ياردەم ئالالىشىمىز مۇمكىنچىلىكى بولغان دۇنيادىكى ھەرقايسى فوند جەمئىيەت، چوڭ ساخاۋەتچى بايلار بىلەن ئالاقىسى بولغان ياكى شۇنىڭغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئادەملەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. (يۇقىرىدىكى ۋەزىپىلە كېيىن قايتا تەڭشىلىدۇ)

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئېھتىياج تۇغۇلغاندا باشقا ۋەزىپىلەر تەسىس قىلىنىدۇ، شۇ ۋەزىپىدىكى ئادەم سانى كۆپەيتىلىدۇ ياكى ئازايتىلىدۇ، ئادەم ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئىشلارنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىپ ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەبلەغ توپلاش بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، تېخنىكا بۆلۈمى، كاتىبات -تەھرىر بۆلۈمى، ئوقۇش مۇكاپاتى بۆلۈمى، مەخسۇس تۈر بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملەر تەسىس قىلىنىشى مۈمكىن. يەنە ياپونىيە، ياۋروپادا مەخسۇس تارماق ياكى گۇرۇپپا قۇرۇلىدۇ.

ھازىر جىددى ئېھتىياجلىق ئادەم:



1. كاتىبات -تەھرىر بۆلۈمگە ئادەم كېرەك. بۇ بۆلۈمدىكىلەر جەمئىيىتىمىزنىڭ تېخى تولۇق يېزىلىپ بولۇنمىغان ماتېرىياللىرىنى خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ياپونچە يېزىپ چىقىش، ياكى تەرجىمە قىلىش، باشقا فوند جەمئىيەتلەرگە يېزىلىدىغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. شۇڭا ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە، ياكى ياپونچە بىر خىل تىلنى پىششىق بىلىشى، شۇ تىلدا ئومۇمى ئۆلچەمدە ماتېرىيال يازالايدىغان سەۋيىدە بولۇشى كېرەك.

2. تېخنىكا بۆلۈم: بۇ بۆلۈمدىكىلەر مەخسۇس تور بەت ماڭدۇرۇپ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىسچە، ياپونچە ماتىرىياللىرىمىزنى توردا كۆرسىتىشكە مەسئۇل. ئۇيغۇرچە تور بەت ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە بىزدىن ياردەم ئىلتىماس قىلماقچى بولغارلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قالغان تىللاردىكى تور بەت تەشۋىقاتىمىز ئۈچۈن، بىزگە ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقى بولغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى تور بەت تۈزۈش تەجرىبىسى بولىشى، ئۈستىدە دېيىلگەن تىللاردا يېزىقنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر مەلۇم شىركەت ياكى گۇرۇپپا تېخنىكا ئىشلىرىنى بىۋاسىتە ئۆز ئۈستىگە ئالسا، ئۇلار ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىپ بېرىشكە تەييارمىز.

ئۇندىن باشقا يەنە مۇشۇ فوند جەمئىيىتمىز ئۈچۈن مەلۇم قىممەت يارىتىپ بېرەلەيمەن دەپ ئويلىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ خەلقئارادىكى ھەر خىل فوند جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ باققانلارنىڭ بىزگە قوشۇلۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىزگە ياردەم قىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان چوڭ بايلارنى، ئورگانلارنى بىلىدىغانلار خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز. يەنە باشقا بارلىق تەكلىپ پىكىرلەر قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. پىكىرلەر ئوچۇق ھالەتتە بىلىۋال تورىنىڭ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنسىمۇ ياكى ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا قانۇنلۇق ھەر قانداق شەكىلدە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بولسا ھەمكارلىشىمىز.

باشقا ئىشلار بىر بىرلەپ تولۇقلىنىدۇ، ئىنچىكە تەپسىلاتلار بېكىتىلىدۇ، ھەم بېكىتىلگەن ھامان ئېلان قىلىنىدۇ.
ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېسى: Gmail دىن tengritagh (باشقا ئەخلەت ئېلخەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق يېزىلدى. يازغاندا tengritagh دېگەننى يېزىپ كەينىگە @gmail.com نى يېزىڭ)

تەڭرىتاغ مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى
2007-1-29
مەنبە: http://biliwal.com/GoogleTap_SG_post_p_2901.html



© Copyright 2004 Uyghur Meripet Homepage: http://www.Meripet.com