1-بۆلۈم

 

1-سوئال:يۇرتتىكى تورداشلار چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلە ئەھۋالىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب: بىزنىڭ ئائىلىدە 4 جان كىشى بار: ئۇلار مەن، ئايالىم ئامانگۈل، 1985-يىلى تۇغۇلغان قىزىم دىلنارە ۋە 1989-يىلى تۇغۇلغان ئوغلۇم دىلشاتتىن ئىبارەت. بىزنىڭ ھازىرقى ئۆيىمىز كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ LosAngeles شەھىرىگە 40 كىلومىتىر كېلىدىغان Santa Clarita دېگەن شەھەردە بولۇپ، دىلنارەدىن باشقىلار مۇشۇ يەردە تۇرىمىز. دىلنارە SanFrancisco شەھىرىگە 30 كىلومىتىر كېلىدىغان "ھايۋارد" دېگەن شەھەردىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد كەسپى باكالاۋرلىقىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. سان-فرانىسكو بىلەن لوس-ئانژىلىس شەھرىنىڭ ئارىلىقى 500 كىلومىتىر كېلىدۇ.

مەن خىزمەت قىلىدىغان ئىدارە ئۆيدىن 53كىلومىتىر يىراقلىقتىكى Pasadena دېگەن شەھەرگە جايلاشقان. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە (5:45 دە) ئورنۇمدىن تۇرىمەن. سائەت 6:15 دە ئۆيدىن يولغا چىقىپ، 5كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر يىغىلىش ئورنىغا بارىمەن. ئۇ يەردە ئىدارىنىڭ كىچىك ئاپتوبۇسىغا چىقىپ، سائەت 6:30 دە ئىدارىگە قاراپ ماڭىمىز. بۇ 14 كىشىلىك ئاپتوبۇس بولۇپ، ئىدارىگە سائەت 7:15 - 7:30 دە يېتىپ كېلىپ، دەرھال ئىشقا چۈشۈپ كېتىمىز. چۈش ۋاقتى سائەت 12 دە بىر سائەت دەم ئېلىش ۋاقتىمىز بار بولۇپ، مەن تامىقىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىشخانىسىدا يەيمەن. ھەر كۈنى چۈشلۈك تامىقىمنى ئالغاچ كېلىپ، ئۇنى 15 مىنۇت ئىچىدە يەپ بولىمەن. ئېشىپ قالغان ۋاقىتتا، ماڭا كەلگەن ئېلخەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب يازىمەن. كەچتە سائەت 4:25 دە ئىدارىدىن ئۆيگە قاراپ يولغا چىقىمىز. ھەمدە سائەت  5:00 - 5:15 دە ئۆيگە يېتىپ بېرىپ بولىمەن. تاماق ئېتىپ يەپ، ئۆيدە يەنە 1 - 1.5 سائەت ئىشلەيمەن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى، بەزىدە ئىدارىنىڭ ئىشىنىمۇ قىلىمەن. تېلېۋىزوردا ئازراق خەۋەر كۆرۈپ، كارىۋاتقا سائەت 9:30 چىقىپ، شۇ كۈنلۈك گېزىتنىڭ مەملىكەت ۋە خەلقارا خەۋىرىنى ۋە ئىقتىساد قىسمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، سائەت 10:30 ئۇخلايمەن.

ئايالىم ئامانگۈلمۇ Pasadena شەھىرىدىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىدا كومپيۇتېر پروگراممىسى يېزىش ۋە ئانالىز قىلىش ئىشىنى ئىشلەيدۇ. ئىشلەيدىغان ئىدارىسى ئۆيدىن 60كىلومىتىر يىراقتا بولۇپ، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بارىدۇ. ئۆيدىن سائەت 7:00 ئەتراپىدا يولغا چىقىپ، سائەت 8:00 ئەتىراپىدا ئىدارىسىگە يېتىپ بارىدۇ. كەچتە سائەت 5:00 دە يولغا چىقىپ، 6:00 ئەتراپىدا ئۆيگە يېتىپ كېلىدۇ.

ئوغلۇم دىلشاتنىڭ مەكتىپى ئۆيدىن 8كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، مەكتەپكە بالىسى ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قوشنىمىزنىڭ ماشىنىسىدا بارىدۇ. بىز ئۇ قوشنىمىزغا ھەر ئايدا 50 دوللار پۇل تۆلەيمىز. ئۆيدىن سائەت 7:00 دە يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ھەممە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ تۈگىتىپ، بىر تېلېۋىزور كۆرۈپ، كەچ سائەت 10 لاردا ئۇخلايدۇ. دىلشات بۇ يىل 4-ئايدا ماشىنا كېنىشكىسى ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپكە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بارىدۇ.

قىزىم دىلنارەنىڭمۇ ئۆز ماشىنىسى بار. ئۇ مەكتەپتىن 20كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر شەھەردە ئىجارىگە ئالغان ياتاقتا تۇرۇپ، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر ھەپتىدە 20 سائەت ئەتىراپىدا ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ پارچە-پۇرات تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن ياتاق ئىجارىسىنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدۇ. ئوقۇش پۇلىنى بىز چىقىرىپ بېرىمىز.

2- سوئال: ھازىر ئاساسلىقى قايسى ساھە بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز؟

جاۋاب: مەن ھازىر "JPL" دېگەن ئىدارىدە بىر "ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئنژىنېرى" بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى

(ئىنگلىزچىسى"National Aeronautics and Space Administration" بولۇپ (http://www.nasa.gov)، ئۇنى قىسقارتىپ "NASA" دەپ يازىدۇ) نىڭ قارىمىقىدا 10 تەتقىق-تەرەققىيات مەركىزى (Research and Development Center) بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا مەركىزى ئىنگلىزچىدە "Jet Propulsion Laboratory" دەپ ئاتىلىپ، ئۇ قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ يېزىلىدۇ http://www.jpl.nasa.gov). jpl مەمۇرىي جەھەتتىن كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى (ئىنگلىزچىسى "California Institute of Technology" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "Caltech" دەپ يېزىلىدۇ) گە قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى NASAچىقىرىپ بېرىدۇJPL خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 2004-يىلى 6000 ئەتىراپىدا، ئۇنىڭ ئىچىدە 2000 ئادەمنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى، 2000 ئادەمنىڭ ماگىستېرلىق ئۇنۋانى، قالغان 2000 غا يېقىن ئادەمنىڭ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بار بولۇپ، 2004-يىللىق ئىقتىسادىي چىقىمى 1.6 مىليارت دوللار ئەتىراپىدا بولغان. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا،  Caltech پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن (خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئورۇندا، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئورۇندا ئىكەن Caltech ,تا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پروفېسسورلارنىڭ سانى جەمئىي  30 ئىكەن )

http://pr.caltech.edu/events/caltech_nobel /

ھازىر مەن 2 چوڭ ئالەم قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاپ چىقىش ئىشىنى قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى 2006-يىلى يەر شارى تۆۋەن ئوربېتىسىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاجرىتىلغان پۇل 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. يەنە بىرسى ئالەم بوشلۇقىدىن يېڭى پىلانېتا تاپقۇچى (Terrestrial Planet Finder    ،  http://planetquest.jpl.nasa.gov/TPF/tpf_index.html) دەپ ئاتىلىپ، قىسقارتىلىپ TPF دەپ يېزىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكا تاپقان، قۇياش (بىزنىڭ كۈن) دىن باشقا 150 ئەتراپىدىكى ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان يۇلتۇزلار بار بولۇپ، كىشىلەر بۇ يۇلتۇز (پىلانېتا)لارنىڭ ئىچىدە ئادەمگە ئوخشاش جانلىقلار ياشايدىغان پىلانېتىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ. TPFنىڭ مەقسىدى ئاشۇنداق پىلانېتىلارنىڭ ئىچىدىكى 30 نەچچىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت . TPF 2014-يىلى قويۇپ بېرىلمەكچى.

مەن دۇنيادىكى ئوپتىكا ئېنژىنېرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىمەن، ئۆزۈم ھەر خىل كومپيۇتېر تىللىرىدا مۇرەككەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پروگراممىلارنى يازالايمەن. مۇرەككەپ ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنە ۋە زاپچاسلارنى لايىھىلەيمەن. ئۇلارنى تەجرىبىخانىدا ئۆزۈم ياساپ چىقالايمەن. ھەمدە ھەرخىل ئوپتىكىلىق زاپچاس-ئۈسكۈنىلەرنى تەجرىبىخانىدا سىناق قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقالايمەن. شۇڭلاشقا ھازىرغىچە ئىشلىگەن 3-4 ئىدارىنىڭ ھەممىسىدە تېخنىكا جەھەتتىن ئەڭ ئەتىبارلىق خادىم قاتارىدا ئورۇن تۇتۇپ كەلدىم. مەن JPL گە 2004-يىلى 1-ئايدا كىرگەن بولۇپ، شۇ يىل 8-ئايدا "تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان خادىم" دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم.

JPL گە خىزمەتكە كىرىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇيغۇر، تۈرك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى 20 يىل ئىچىدە JPL گە ئىشقا كىرەلىگەنلەر يالغۇز مەن ئىكەنمەن (ھازىرمۇ JPL دە مەندىن باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ئادەم يوق).

3-سوئال: قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز (ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىز، چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالىڭىز)دىن خەۋەردار بولغىمىز بار.بۇ ھەقتە سۆزلەپ بىرەمسىز؟

جاۋاب: مەن 1986-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي-تەتقىقات ژورناللىرىدا جەمئىي 20 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. ئوپتىكا ئىلىم-تېخنىكىسى ساھەسىدە، ئامېرىكىدا 3 پارچە كىتاپ باپى  (Book Chapter)چىقاردىم. بۇ رىقابىتى ۋە شان-شەرىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئىلىم-پەن جەمئىيەتلىرى بىرنەچچە زىيالىي-مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىردىن كىتاپ باپى يازدۇرۇپ، بۇ يېزىلغان باپلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىلىق كىتاپ قىلىپ چىقىرىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئېيتقان "كىتاپ باپى" دەل ئەنە شۇ نەرسىدىن ئىبارەت. مەن يەنە ئامېرىكىدا 4 پارچە كەشپىيات پاتېنتى چىقاردىم. ھەمدە خەلقئارالىق ئىلمىي-تەتقىقات يىغىنلىرىدا جەمئىي 28 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. بۇ ماقالىنىڭ تەپسىلاتىنى  "http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm" دېگەن تور بېتىدىن كۆرۈش مۇمكىن.

بۇلاردىن باشقا، مەن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىلمىي-تەتقىقات ژورناللىرى "Optics Letter"، "Journal of Optical Society of America" ۋە "Applied Optics" قاتارلىق ژورناللارغا تەھرىر ھەيئەت (مۇھەررىردىن: ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ژورنىلىغا ماقالە ئەۋەتسىڭىز، ئۇلار ماقالىڭىزنى شۇ ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىستىن 3 كىشىگە يوللاپ، شۇلارغا تەستىقلىتىدۇ. ئەگەر بۇ 3 كىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، ماقالىڭىز ئاندىن ژورنالغا بېسىلىدۇ) بولۇپ ئىشلەپ بەردىم. ئوپتىكا ساھەسىدىكى بىر قانچە يۇقىرى تېخنىكىلىق زاپچاس ۋە ئۈسكۈنە بويىچە دۇنيانىدىكى ئەڭ ئالدىنقى مۇتەخەسىسلەر قاتارىدا ئورۇن تۇتتۇم. ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئىدارە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بويىچە ئىلمىي دوكلات بەردىم.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مەن كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ Sacramento شەھرىدىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى (California State University, Sacramento) بىلەن داۋىس شەھرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of California, Davis) دە لېكتور بولۇپ ئىشلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپىي دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچى باھالىشىدا شۇ مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي پروفسسورلىرىدىنمۇ كۆپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ، 3 قېتىم مۇكاپاتلاندىم.

4-سوئال: سىز ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆگىنىش ئادىتىڭىز قايسى؟

جاۋاب: مەن 4-5 ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتتىن تارتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىنتايىن كەمبەغەل بولۇپ، ئاشلىق ئىنتايىن قىس بولۇپ كەتكەنىدى. دادام ئوقۇش بىلەن باشقا يەرگە كەتكەن، ئاپام ئىشلەۋاتقان بولۇپ، چۈشلۈك تامىقىمىز ئۈچۈن ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە بىردىن كىچىك توقاچ تەييارلاپ قوياتتى. چۈش بولغىچە مىنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كېتىپ، چىدىيالماي مەكتەپنىڭ بىر بىناسىغا ئېسىقلىق سائەتنىڭ ئالدىغا چۈش بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قايتا-قاتىلاپ بېرىپ قاراپ كېلىدىغانلىقىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. مەن ئاكامدىن "سائەتنىڭ چوڭ تىلى مانچىگە، كىچىك تىلى مانچىگە كەپتۇ. ئەمدى توقاچنى يېسەك بولامدۇ؟" دەپ ھەر قېتىم سورايتتىم. داۋاملىق ئاچ يۈرەتتىم. نېمە سەۋەب بولغانلىقى ھازىر ئېسىمدە يوق. ئىشقىلىپ مەن باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن تارتىپلا مەكتەپكە ئىنتايىن ئامراق ئىدىم. ئەخلەت دۆۋىلىرىدە ياتقان ئالقاندەك قەغەزنى كۆرسەم، ئۇنى دەرھال تېرىپ،  "ھېساب ئىشلەشكە ئىشلىتىمەن" دەپ يانچۇقۇمغا سېلىۋالاتتىم. ئۇ چاغدا قارا قەلەمدىن باشقا قەلەم يوق بولۇپ، ھەر بىر قەلەمنى تەكرار ئۇچلاپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەڭ ئاخىرىدا 1Cm  ئەتىراپىدا قېلىپ، بارماق بىلەن تۇتۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمىغاندا ئاندىن تاشلىۋىتەتتىم. . باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا چىقىپ، بىر ئاز ئاق-قارىنى پەرق قىلالايدىغان بولغان ۋاقىتتا، مەن ياخشى ئوقۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلدىم. "قانچىلىك ئوقۇش بولسا، ھەممىسىنى تۈگەتكىچە ئوقۇيمەن،" دەپ ئويلايتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىلىمنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ توغرىسىدا مۇشۇ قىسىمنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر ئاز تەپسىلىيرەك توختىلىمەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېزىدا "قايتا تەربىيە ئېلىش" جەريانىدا باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق كەمسىتىلىش ئىشلىرى بېشىمدىن ئۆتۈلۈپ، ئۇ مېنىڭ ياش قەلبىمگە ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەممە جەھەتتىن تولۇق قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، باشقا مىللەتلەر قىلالىغان ئىشنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئىرادىسىگە كەلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن، ياخشى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش؛ بىلىمنى ئىمكانىيەت بار ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگىچە ئىگىلەش؛ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقىلار قىلالىغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق مىللەتتە ئۈمىد پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە غايە ۋە ئىرادىنى تۇرغۇزغان ئىدىم. مانا بۇلار ئىزچىل تۈردە مېنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىمنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى: مەن ھەرگىز ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ھەرگىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ھەرگىز مەكتەپ پۈتتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ئۆزۈم ئېرىشەلىگەن پۇرسەتنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالدىمغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى ئۆگەندىم.

تۆۋەندە، مېنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىدىيەلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىزدە جان سانى كۆپ (بىز جەمئىي 6 بالا) بولۇپ، دادام يالغۇز ئىشلەيتتى (ئاپام مېنىڭ ئىنىم تۇغۇلۇپ، بىر قانچە يىل ئۆتكەندە بالىلارنى بېقىشتا بەك قىينىلىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشچىلىق خىزمىتىدىن چېكىنگەن ئىدى). . ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، مەندىن 2 ياش چوڭ ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر ئاز پۇل تېپىشنىڭ ھەر خىل ئامالى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندۇق. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە (ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە) ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئاكام بىلەن ئىككىمىز رادىئو قۇراشتۇرۇشنى ئۆگەندۇق. ئۇ چاغدا رادىئو ئىنتايىن قىس بۇلۇپ، پەقەت ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشى كىشىلەرنىڭلا رادىئوسى بار ئىدى. بىز دەسلەپتە يۈز سوپۇنىنىڭ پلاستىك قۇتىسى ئىچىگە بىر كۈچەيتكۈچلۈك، پەقەت بىرلا باتېرىيە بىلەن ماڭىدىغان رادىئو قوراشتۇردۇق. ئەخلەتخانىلاردىن تۆمۈر-تەسەك ۋە سۆڭەك قاتارلىقلارنى تېرىپ، ئۇنى تۆمۈر، سۆڭەك يىغىش دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ، تاپقان پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىگە رادىئو زاپچاسلىرى ئالاتتۇق. رادىئودىن ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن، كېچە-كېچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان كېچىلىرىمىزمۇ كۆپ بولاتتى. ئۇ چاغدا رادوئى قۇراشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە كىتاب-ماتېرىيال يوق بولۇپ، بىز خەنزۇچە كىتابلارنى ئوقۇيالمايتۇق. بىراق، ئاكام بىلەن ئىككىمىز بارا-بارا رادىئوغا ئائىت خەنزۇچە كىتابلاردىكى توك يولى خەرىتىسىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان رادىئوسىنى ئوڭشاپ، بىر ئاز پۇل تاپاۋىتى قىلىدىغان بولدۇق. مەن ھەر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا خەنزۇلارنىڭ رادىئو رېمونتخانىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇيغۇر دېھقانلار رادىئوسىنى ئەكەلگەندە، مەن ئۇلارغا بىزنىڭمۇ رادىئو ئوڭشايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ئۆيگە باشلاپ كېلەتتىم. ئۆيدە ساقلاپ تۇرغان ئاكام دەرھال رېمونتچىلىقنى باشلايتى. مەن يېڭى خېرىدار تېپىش ئۈچۈن بازارغا يەنە كېتەتتىم. بىزنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققىمىز خەنزۇ دۇكانلىرىنىڭ 1/3 قىسمىدىنمۇ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دېھقانلار بىزگە ھېچقانچە قىينالمايلا مەقسىدىنى ئۇقتۇرالايدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىزنى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. بىر ئاز پۇل تاپقانغا بىزمۇ ناھايىتى خۇشال ئىدۇق. بىز خېرىدارلىرىمىزغا چاي، ئەگەر چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالسا، بەزىدە چۈشلۈك تاماقمۇ بېرەتتۇق. بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى دېھقانلار بىر-بىرىدىن ئاڭلاپ، بىزنى ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن چوڭلارمۇ بىزنى "ئۇستام" دەپ ئاتىغاندا، بىز ھەم ئوڭايسىزلىناتتۇق ھەم خۇشال بولاتتۇق.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا، بىز بەزىدە كاشىلىسى چوڭراق رادىئولارنى تۈزەلمىدۇق. ئاكام بىلەن ئىككىمىز "ئەگەر خەنزۇچە كىتاب ئوقۇيالىغان بولساق، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟" دەپ ئويلايتتۇق. كۆپرەك بىلگەنسېرى، بىلىمىمىزنىڭ قانچىلىك ئازلىقىنى ھېس قىلاتتۇق. بۇ ئىشلار ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. بىلىمنىڭ نەقەدەر قەدىرلىكلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نەقەدەر كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. شۇڭلاشقا، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ھەممەيلەن دېڭ شىياۋپىڭنى پىپەن(تەنقىد) قىلىش ھەرىكىتى، "بىلىمنىڭ كېرىكى يوق" نەزەرىيىسى ھەممە يەرنى بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەندە "بىلىمنىڭ چوقۇم لازىمى بار" دېگەن مۇستەھكەم كۆزقاراش بولغاچقا، مەن ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك دەرسلىرىمنى پۇختا ئۆگىنىپلا قالماي، تاپالىغان ھەممە شەرت-شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆگەندىم. ماتېماتىكا ۋە فىزىكا دەرسلىرىدە، ئوقۇتقۇچى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىدىن قەتئى نەزەر، مەن كىتابتىكى مەشقلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قويماي ئىشلىدىم. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ھېچ قانداق ئوقۇش كىتابلىرى يوق بولۇپ، 1972- ياكى 1973-يىللىرى تۇنجى قېتىم "قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە" دېگەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاب چىقتى. مەن سىنىپىمدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلاردىن پۇل يىغىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك كىتابخانىغا بېرىپ ھېلىقى كىتابنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا تارقىتىپ بەردىم. بۇ مەزگىل مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە مەكتەپ ئەخلاقى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەنىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى كەپسىز ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر دەرسنىڭ نورمال ئۆتۈلۈشىگە يول قويمايتتى. قىش كۈنلىرى مۇئەللىم سىنىپقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئوت قالاپ ئىسسىنىدىغان مەشنىڭ ئۈستىنكى ياپقۇچىنى ئېلىۋېتىپ، سىنىپنى ئىسقا لىق تولدۇرۇپ، ئادەم بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە ئەكېلىپ قوياتتى، شۇ سەۋەبتىن سىنىپقا كىرگەن ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتەلمەي، سىنىپتىن يىغلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئۆز سىنىپىمدا بېشىمدىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزگەنىدىم. ئۇ مەزگىل ئوقۇتقۇچىلارمۇ پىپەنگە ئۇچراۋاتقان، ياخشى ئوقۇغانلارغىمۇ ياخشى كۈن يوق چاغلار بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن ئاساسەن ۋاز كەچكەنىدى. مەن ئادەتتتىكى ۋاقىتتا ھەر خىل زەربىگە ئۇچرىساممۇ، ئەمما ئىمتىھاننىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇشامىتىگە ئۇچرىغان ۋاقتىممۇ كۆپ بولدى. بىر قېتىم فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى يىللىق ئىمتىھانىنى ئوچۇق ئىمتىھان قىلىپ، سۇئالنى بىزگە 3 كۈنلۈك تارقىتىپ بەردى. سىنىپ بويىچە پەقەت مەنلا ھەممە سۇئالنى ئۆزۈم ئىشلىدىم. قالغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئەتىسى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، جاۋابنى مەندىن ئەينەن كۆچۈردى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىمتىھانىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئوپ-ئوخشاش بولدى. نېمە ئىش بولغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارە بولۇپ، ئۇنى ھەممەيلەن "توغرا" چۈشىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ماڭا 100 نومۇر بېرىپ، قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە 50 نومۇر قويدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ياشلار ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىغا ئەكېلىش ئاسان ئەمەس. ياخشى ئوقۇغاننى پىپەن قىلىدىغان بىر دەۋردە ياخشى ئوقۇش ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە شىجائەت تەلەپ قىلاتتى.

"بىلىم مەڭگۈ لازىم بولىدۇ" مانا بۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ كەلگەن بىردىن- بىر دۇنيا قارىشى.  مەن شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالدىمغا قانداق بىلىم كەلسە، شۇنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم. بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، "ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش" سىياسىتى بويىچە، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 سىنىپىنى "دېھقانچىلىق ماشىنىسازلىق سىنىپى"، "دېھقانچىلىق سىنىپى"، ۋە "دوختۇرلۇق سىنىپى" دەپ 3 ئايرىدى. بىزنىڭ سىنىپتا 24 ئوغۇل بالا بار بولۇپ، دوختۇرلۇقنىڭ ھەممىسى قىزلار، دېھقانچىلىقنىڭ بولسا قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئىدى. بىز ئاقسۇ تىراكتۇر پونكىتىغا بېرىپ يېرىم يىل ئىشچى بولۇپ ئىشلىدۇق. مەن ئۇ يەردە تىراكتۇر رېمونت قىلىشنى، چويۇندىن ياسىلىدىغان قوش (ساپان)قۇيۇشنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەندىم. ھەمدە تىراكتۇر ھەيدەشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم (سىنىپ بويىچە پەقەت مەنلا شۇنداق قىلغانىدىم). مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا بېرىپ، يېرىم دېھقانچىلىق قىلدۇق. مەن ئۇ يەردە قوناق تېرىشنى، كېسەك قويۇشنى، يېمىش دەرىخىنى ئۇلاشنى، ۋە تىراكتۇر بىلەن يەر ھەيدەشنى ياخشى ئۆگەندىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇپ، شېئىر يازالايدىغان بولدۇم. ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر قېتىم ئۆزۈم باش تەھرىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمىنى چىقاردىم. ئاقسۇ گېزىتىدە بىر قانچە پارچە شىئىر ئېلان قىلدىم. ھېكايە يېزىشقىمۇ تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، ئۇنى باشلىيالماي قالدىم. لۇشۈن فېليەتونلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، فېليەتون يازالايدىغان دەرىجىگە يەتتىم. مەكتەپنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بىر 5 كىشىلىك ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ جەمئىيەت تەكشۈردۈم. ئەسلى مەقسىدىمىز خۇددى ماۋ زېدوڭنىڭ "خۇنەن جەمئىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات" دېگەنگە ئوخشاش بىر دوكلات يېزىش بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ماۋ تەسۋىرلىگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، بىز رەسمىي دوكلات يېزىشنى رەت قىلدۇق.

بۇلاردىن باشقا، تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۆيدە تامچىلىق، ياغاچچىلىق ۋە تۆمۈرچىلىكىمۇ قىلىپ باقتۇق. مەن ئاپامغا ياردەملىشىپ، ئارام ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، ئۆيدە بىر مەزگىل گىلەم توقۇدۇم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن، يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەرنىڭ ھەممىسىدە يېزىدىكى تۇققانلىرىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئەمگەك قىلدىم. 5 ياشلىق ۋاقىتلىرىمدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان ھەيدىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن كالا ھارۋىسى ۋە ئېشەك ھارۋىسى ھەيدىدىم. زەمبىل ۋە غالتەك بىلەن ئوغۇت تۇشۇدۇم. شاللىقتا ئوت تەردىم. بۇغداي ۋە قوناق ئوردۇم. سەل چوڭراق بولغاندا سۆرەم سۆرىدىم (نەچچە قېتىم سۆرەمدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سۆرەمنىڭ ئاستىدا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ خېلى كۆپ بولغان)، قوش ھەيدىدىم مەن 7 يېشىمدا تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، تونۇرغا نان ياقالىغىدەك بولغانىدىم.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن كونىشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسىنىڭ شال ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا "قايتا تەربىيە" گە چۈشكەن بولۇپ، ئۇ يەردە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدىلا مەيدان بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شال تېرىش تېخنىكى بولۇپ قالدىم. بۇ يېزىدا ئېلېكتىر توكى يوق بولۇپ، ئاخشىمى ئۆزىمىز ياسىۋالغان كىرسىن چىرىغى بىلەن ياتىقىمىزنى يورۇتاتتۇق. سائەتمۇ يوق بولۇپ، تاڭ ئاتقاندا ئىشقا بېرىپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئىشتىن قايتتاتتۇق. مەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە 4-ئايدا شاللىقنىڭ سۈيىگە كىرىشنى باشلىغان بولۇپ، 10-ئايغىچە شۇ سۇدا ئىشلىدىم. 4-ئايدا يەر تېخى ئېرىمىگەن بولۇپ، بىز رېزىنكە ئۆتۈك كېيىۋېلىپ، مۇزنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئىشلەيتتۇق. شۇ جەرياندا مەن يېزىمىزدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنى يىغىپ، بىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتىمۇ تەشكىللىدىم (بىزنىڭ ئۆيدە ھېچقانداق ساز يوق بولۇپ، مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ دۇتتىرى بىلەن دۇتتار چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم). مەن ئۆزۈم تېكىست يازغۇچى، مۇزىكا رەتلىگۇچى، ساز چالغۇچى، ۋە باشقۇرغۇچى بولۇپ، كونىشەھەر ناھىيىلىك كىنو كۇلۇبىدا تېخى بىر قېتىم ئويۇن قويدۇق. مەن بىر دەم داپ چالسام، بىر دەم راۋاپ، يەنە بىر دەم دۇتتار چالاتتىم. ئەترىتىمىزدە مەندىن باشقا سازچى يوق ئىدى. يېزىدىكى بىر يېرىم يىل جەريانىدا، مەن بىر ئاي پادىمۇ باقتىم. كەڭرى كەتكەن جاڭگال. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيدۇ. مەن 30 دەك قوي، 4-5 كالا، ۋە بىر قانچە ئات بىلەن بىرگە. ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت ۋاقىتنى ئاشۇ ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك. ئوقۇيدىغان باشقا كىتاب يوق. مەن شۇ جەرياندا ماۋ زېدوڭنىڭ 5 قىسىملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم (ئۇنىڭ بىر قىسمىنى مەن بۇرۇنمۇ ئوقۇپ چىققان ئىدىم). ھەمدە بىر ئاز خەنزۇچە ئۆگەندىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تېخىچە پۇتۇمغا رېزەنكە ئۆتۈك كېيىۋېلىپ، مۇزنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ، زەيكەش چېپىۋاتاتتىم. ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوقۇغان مەكتىپىمگە قايتىپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىشمىدى. ھەر كۈنى ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ، كىرسىن چىرىغى ( جىن چىراق) نى يېقىپ قويۇپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلاتتىم. ئەتىگىنى بۇرنۇمنى سىلىسام، بۇرنۇمنىڭ تۆشۈكىگە يىغىلىپ كەتكەن  ئىس قولۇمنى قاپقارا قىلىۋەتەتتى. يېرىم كېچە بولۇپ، پۈتۈن دالان ئۇيقىغا كەتكەن ۋاقىتتا، ياتىقىمنىڭ پۈتۈن تاملىرى ۋە تورۇسلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ ياشاۋاتقان چاشقانلار ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ، يېڭىدىن تۆشۈك كولاپ، بەزىدە ئوقۇۋاتقان كىتابىمنىڭ ئۈستىگە چالما تاشلايتتى. مەن ئاشۇنداق شارائىتتا، كونىشەھەر ناھىيە بازىرىدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردىم. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە "بىر ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە يۇقىرى نەتىجە ئاپتۇ،" دېگەن گەپ تارقالدى. ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولۇشاتتى. ئاخىرىدا قارىسام، ئۇ مەن ئىكەنمەن -- مەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىنغان ئىمتىھاندا 2-بولۇپتىمەن.

شۇنداق قىلىپ، مەن ئالىي مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمگە ئۆگىنىشتىكى مۇنداق نىشاننى تىكلىدىم:

1) بىلىمنى ئىنتىھاندىن ئۆتۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ بىلىم دائىرىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

2) بىلىمنى باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

3) بىلىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

شۇ چاغدىن باشلاپ، مانا يۇقىرىقىلار مېنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىمگە ئايلاندى.

5- سوئال: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىزنىڭ "7 مىنۇتتىن كېيىن مېنى ئويغىتىپ قويۇڭلار" دىگەنلىكىڭىز ھەققىدە ئەسلىمىلەر بار ئىكەن، بۇ ۋاقىت قارىشىڭىزنى ئىخچام ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سىز دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت، ئۆگىنىشنى قانداق بىرلەشتۈرىسىز؟

جاۋاب: مەن ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى ۋە ئاخىرقى 2 يىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كېلىپ، 1-يىلى خەنزۇچە ئۆگىنىش ۋاقتىدا، سىنىپ باشلىقىلىق خىزمىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئىشلىدىم. مەن ھەممە ئىشتا ئۆزۈمگە ئەڭ يۇقۇرى تەلەپ قويۇپ، ھەممە ئىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇرى ئۆلچەم بىلەن ئەستايىدىل بىجىردىغانلىقىم، ھەمدە ئۆگىنىشنى ئىزچىل ياخشى قىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، بىر يىللىق ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ماڭا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى ۋەزىپىلەر يۈكلەندى. مەن مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى--مۇھەررىردىن)نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇئار) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇئار لۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ھەر ھەپتىدە بېجىرىدىغان، يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئىشلاردىن باشقا، مەن ھەر ھەپتىدە دەرستىن ئايرىلىپ، ئاز دېگەندە 3 قېتىم ھەر خىل يىغىنلارغا قاتناشمىسام بولمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1-يىلىدىكى خەنزۇچە ئۆقىشنى تۈگىتىپلا، مەن خەنزۇچىگە تايىنىپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. دەسلەپتە ئۆزۈم ئۆگەندىم. كېيىنچىرەك ئۆزۈمنىڭ دەرسلىرىنىڭ بەزىلىرىگە قاتناشماي، فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى ۋە چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگىلىز تىلى دەرسلىرىگىمۇ قوشۇمچە كىرىدىغان بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇكەممەل چىقىش ئۈچۈن، مەن ۋاقىتتىن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئۈنۈملۇك پايدىلانمىسام بولمايتتى. مەن ھەر كۈنى 14 سائەتتىن 16 سائەتكىچە ئۈگۈنۈش قىلاتتىم. بىر ھەپتىدە 7 كۈن ئىشلەيتىم. مېنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىم پەقەت ھەر شەنبە كۈنى كەچلىكى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىمكانقەدەر بىرەر ئولتۇرۇشقا، دوست ياكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم. قالغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئۈگۈنۈش قىلاتتىم . ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەچتە سائەت 11 دىن كېيىن ئاندىن دەم ئالاتتىم. يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە، تاماققا ئۆچىرەت تۇرغاندا، ئاپتوبۇسدا يول ماڭغاندا ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.

ماڭا نىسبەتەن ۋاقىتنىڭ قىس بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، مەن قانداق قىلغاندا ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئىزدەندىم. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، مۇنداق 2 ھەقىقەتنى تېپىپ چىقتىم. 1) ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھىسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھىسابلايدىغان ئادەمگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. 2) ئادەم بىر خىل ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، باشقا بىر خىل ئىشنى قىلسا، يەنىلا ئۈنۈملۈك ئىشلىيەلەيدۇ. مەسىلەن، سىز ئەگەر ماتېماتىكا ئۆگىنىپ چارچىغاندا، ئۆگىنىشنى تىل ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتسىڭىز، ئۆگىنىشىڭىزنى يەنىلا ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرالايسىز. بۇ خۇددى دوسكىغا خەت يازغانغا ئوخشاش. ئەگەر سىز ئاق رەڭلىك بوردا خەت يېزىۋەرسىڭىز، بىر ئازدىن كېيىن دوسكىغا نېمە يېزىلغىنىنى كۆرەلمەي قالىسىز. ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قىزىل بور بىلەن خەت يازسىڭىز، خەتنى يەنە بىر مەزگىل كۆرگىلى بولىدۇ.

ئادەم بىر ئىشتا ئالاھىدە نەتىجە قازانماقچى بولىدىكەن، چوقۇم باشقا بىر قىسىم ئىشلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ھەممە ئىشلارنى تەڭ ئېلىپ مېڭىپ، ھەممىسىدىن ئالاھىدە نەتىجە قازىنىش ئاسان ئەمەس. مەن ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئادەتنىڭ بىرسى شۇكى، مەن خىزمەتنىڭ ئىشى، ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ۋە ئائىلىنىڭ ئىشى قاتارلىق 3 تۈرنىڭ ھەممىسىدە، ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ، بىردىن تىزىملىك تۇتىمەن. شۇ تىزىمغا قاراپ، ئىشنى ئەڭ مۇھىمىدىن باشلاپ، بىر-بىرلەپ قىلىمەن. بىكار قالىدىغان ۋاقتىم ئاساسەن يوق.

بەزى ياش ئۆسمۈرلەر، "ياشلىقتا تازا قانغىچە ئوينىۋېلىش كېرەك"، دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا. سىز ياش ۋاقتىڭىزدا، ياشاش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ھېچ نېمىڭىز بولمايدۇ. ئاشۇنداق تۇرۇپ، قانداق ياخشى ئوينىيالايسىز؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، سىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بولغان 12 يىل ئۆمرىڭىز سىزنىڭ كېيىنكى 50-60 يىل ئۆمرىڭىزنىڭ قانداق ئۆتۈشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا،ئاشۇ 12 يىلدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىشىڭىز كېرەك. شۇ مەزگىلدە ھەقىقىي بىلىم ۋە ھەقىقىي تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۇھىم. سىز يۇقىرىقى ئۇقۇمنى پەرزەنتلىرىڭىزگە زېرىكمەي  داۋاملىق چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك. "بالام، سەن چوڭ بولغاندا قانداقراق ياشاي، دەپ ئويلاۋاتىسەن؟"، "ھازىر ياخشى ياشاشقا تەييارلىقىڭ بارمۇ؟" "ئۇ يولدا ھازىر قانداق ئىش تۇتتۇڭ؟" دەپ سوراپ تۇرۇش كىرەك. بالىڭىزدا تۇرمۇشقا كىرەكلىك ئىقتىدارلارنى يىتىشتۈرۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىڭىزلىرىنى ئۆگىتىشىڭىز كېرەك. بالىڭىزنىڭ ھەممە ئىشىنى سىز قىلىپ بەرسىڭىز، بالىڭىزنى ئورۇنسىز ئەركىلەتسىڭىز، ئۇ ھەرگىز بالىڭىزنى ئەتىۋارلىغانلىق بولمايدۇ. ئۆيدە بالىڭىزنى ئاشۇنداق ئەركىلەتكەن بىلەن، بالىڭىز چوڭ بولغاندا جەمئىيەتتە خارلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەتتا ئۆز جېنىنى يولىدا باقالماسلىغىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بالىڭىزغا، "ئەگەر باشقىلاردىن ياخشىراق ياشايمەن، دېسەڭ، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشىشىڭ كېرەك. باشقىلاردىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىشىڭ كېرەك." دىگەن ئۇقۇمنى كىچىگىدىن تارتىپلا سىڭدۈرۈشىڭىز كېرەك.

مەن ۋاقىتتىن يۇقىرىقىدەك پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاخىرقى 4 يىل جەريانىدا، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتى ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە نەتىجە قازاندىم. پەقەت بىر قېتىمقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، 4 يىلنىڭ مەۋسۈملۈك ۋە يىللىق ئىمتىھانىلارنىڭ ھەممىسىدە 100 دىن نومۇر ئالدىم. كەسپ ئوقۇغان 1- ۋە 2-يىلدىن ئىبارەت 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىدا خەنزۇ تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسىنى تۈگىتىپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ، سىنىپ بويىچە 5-بولدۇم. كەسپ ئوقۇغان 3- ۋە 4-يىلى جەريانىدا ئۆزلۈكۈمدىن ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن ياپون تىلىنىڭ گىراماتكىسىنىمۇ ئۆگىنىپ تۈگەتتىم. 1983-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، "مىكرو دولقۇن تېخنىكىسى" بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. بۇ ئۆزۈم بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان كەسپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئۇئار بويىچە بۇ ساھەدە بىرمۇ كەسپىي خادىم يوق ئىدى. مەن ئۆز ۋەزىپەمنىڭ ئېغىرلىقىنى تولۇق تونۇپ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دە چىراغ ئۆچۈرۈلگىچە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا، چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن "سۇ ئاستى پاراخودى رادار سىستېمىسى" تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلدىم. يازلىق تەتىلدىكى 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە يۇرتقا قايتماي، شاڭخەينىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تىنجىق ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كۈنىگە 10 نەچچە سائەت مىكرو دولقۇنغا ئائىت كەسپىي كىتابنى خۇددى رومان ئوقۇغاندەك ئوقۇدۇم.

بۇرۇن بىر داڭلىق ئادەم ئۆزىنىڭ جاپاغا بەرداشلىق بېرىش قابىليىتىنى ئاشرۇش ئۈچۈن، بىر تاختاينىڭ بىر يۈزىگە نۇرغۇن مىخ قېقىپ، شۇ مىخ قېقىلغان يۈزىدە ئۇخلاپتىكەن. مەن ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، ئەنە شۇ ئادەمنى ئويلىدىم. بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خەت يېزىپ، "ئەگەر ئەركىندەك ئادەملىرىڭلار بولسا، قانچىنى ئەۋەتسەڭلار شۇنچىنى قوبۇل قىلىمىز،" دەپتۇ. 1985-يىلى 9-ئايدا ياپونىيەگە باردىم. يېڭى بارغاندا، مېنىڭ ئۇستازىم ماڭا ئانچە قارىمىدى. ئەتىگەنلىكى مەن ياپون تىلىدا سالام بەرسەم، ئىلىك ئالماي ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇ كىشىنىڭ مېنى بىر يۈك،  دەپ ھىسابلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 8 دە 1-بولۇپ تەجرىخانىغا بېرىپ، كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلىدىم. 3 ئايدىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن تەتقىقات يىغىنىغا ئۆزۈمنىڭ 1-ماقالىسىنى يوللىدىم. قاتتىق ئىشلەشتە ئۆزۈم تۇرغان مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردۇم. كېيىن ھەممەيلەن ماڭا ئالاھىدە قارايدىغان بولۇپ كەتتى. يېقىندا ماڭا مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازىمدىن بىر خەت كەلدى. ئۇ كىشى ھازىر 80 ياشقا يېقىنلاشقان بولۇپ، خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: "ئەركىن، سېنى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، ياپونىيەگە كەلسە، يەنە بىرگە تەتقىقات ئېلىپ بارساق، دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇ ھازىر مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئامېرىكىغا بېرىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئوخشايدۇ. مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆمرىنى ئەسلەپ چىقتىم. قارىسام، مېنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇھىم نەتىجە چىقارغان ۋاقتىم سەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ۋاقتىم بوپتۇ...." . مەن ئامېرىكىدا ماگىستېرلىق ئوقۇغاندا ماڭا ئۇستاز بولغان كىشى بىر ياپونلۇق بولۇپ، ئۇ دەرسنى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى Northridge شۆبىسىدە ئۆتۈپ، تەتقىقاتنى Caltech تە قىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقات جەھەتتە فاكۇلتېتنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولغاچقا، مەن شۇ كىشىگە تەقسىم بولغان ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇ كىشى مېنىڭ تەتقىقات نەتىنجىلىرىمنى كۆرۈپ، ماڭا يازغان ئېلخېتىدە مۇنداق دەپتۇ: "ئەركىن، بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن، ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن بەختلىك ئىش يوق. سەن ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك  بەختلىك ھەس قىلىمەن...."

قىسقىسى، مەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئىزچىل تۈردە "ئاق بوردا خەت يېزىپ كۆرگىلى بولمىسا، قىزىل بور بىلەن خەت يېزىش" ئۇسۇلىنى قوللاندىم. 1978-يىلىدىن 1995-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىشقىچە ھەر كۈنى 14-16 سائەت ئىشلىدىم. ھازىرمۇ ھەر كۈنى 10 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئەقلىي ئەمگەككە سەرپ قىلىمەن. ئويۇن-تاماشا ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ. يىغىلىشقا بارسام، تانسا-ئۇسسۇلنى ھەممەيلەندىن كۆپرەك ئوينايمەن. ئۇيغۇرچە ناخشا، مۇزىكا، ساز، VCD لارغا ئىنتايىن ئامراق. ئۆيۈمدە دۇتتار، تەمبۇر، گىتتار ۋە پىيانولار بار (كۆپىنچە ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا چالدۇرىمەن). ئۆيىمىزدە پات-پات "ئائىلە ۋاقتى" ئۆتكۈزىمىز. ئۇ ۋاقىتتا بىز ياكى ئائىلە بويىچە كىنو كۆرۈمىز، ياكى تۆتىمىز بىرلىشىپ قەرت ئوينايمىز. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ۋەتەنداشلار بىلەن بىرگە بولۇشنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. بىرگە پاراڭلىشىشتىن ئىنتايىن ھوزۇرلىنىمەن. ئەتراپىمىزدىكى ۋەتەنداشلار بىلەن خۇددى ئۇرۇق-تۇققاندەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، يېقىن ئۆتىمىز. مانا بۇلار مېنىڭ ئەڭ ياخشى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدۇر.

6- سوئال: بىر ئادەم ئۈچۈن ئائىلە، تۇرمۇش، ۋە خىزمەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە-ساۋاق بىلەن ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: ئائىلە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىر ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىنى، پەرزەنتلەرنىڭ قانداق يېتىلىپ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا، بىز ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە خېلى كۆپ.

بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇن، بىر داڭلىق ئۇيغۇر پەلسەپە فراففسسورى ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: "بىر ئەر ئۈچۈن مۇنداق 3 نەرسە ھەممىدىن مۇھىم: 1) بىلىم، 2) پۇل، 3) بىر ياخشى ھوتۇن." مەن ھازىرغىچە بىر ئايال ئۈچۈن قانداق نەرسىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىر كىمدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. ياكى بىرەر يەردە ئوقۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئۇ جەھەتتە بىر نەرسە يازالمايمەن. ئوخشىمىغان ئادەم ئائىلە ۋە خىزمەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئوخشىمىغان تەرتىپتە تىزىدۇ. ئۇنى ئوخشىمىغان مىللەتلەرمۇ ئوخشىمىغان تەرتىپتە تىزىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان بىر تەرتىپنى تۈزۈپ چىقىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەمەل قىلىدىغان تەرتىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتەي:

مەن ئائىلە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىق تەرتىۋىنى مۇنداق تىزىمەن:

1) ئەر ئۈچۈن ئايالى، ئايال ئۈچۈن ئېرى ھەممىدىن مۇھىم.

2)  پەرزەنتلەر

3)  ئاتا-ئانىلار

4)  خىزمەت

بۇلاردىن كېيىن، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، ۋە دوست-بۇرادەرلەر تۇرىدۇ. تۆۋەندە بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىمەن:

1)) مەيلى رېئاللىقتا بولسۇن، ياكى كىنولاردا بولسۇن، ياشىنىپ قالغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىنى يۆلەپ كېتىۋاتقانلىغىنى بىز داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئاشۇ ياشقا بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن. بالىلىرى چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل ھاياتنى باشلاپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن قېتىم خىزمەت، نۇرغۇن قېتىم دوست-بۇرەدەرلەرنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ئىككەيلەن يەنىلا بىرگە. بىرسى كېسەل بولۇپ قالسا، ياكى يەنە بىرسىدىن جىق ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا، يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئېغىرىنى ئۈن-تىنسىز كۆتۈرىدۇ. ساپ دىللىق، ھەقىقىي ساداقەتلىك، ھەقىقىي سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقىي مۇھەببەت ئاساسىدا تۇرمۇش قۇرغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا بىر-بىرىدىن ئۈستىن تۇرىدىغان مۇھىم ئادەم بولمايدۇ. ئەر ئۈچۈن ئۇنىڭ خوتۇنى، ئايال ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرى بۇ دۇنيادىكى ھەممىدىن مۇھىم نەرسىدۇر. بۇ ئىككىيلەن 20 ياشلارغا كىرگەندىن كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىنى بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىقىنى جۆرىسىگە تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى تىزىمدا ئەر ئۈچۈن خوتۇنى، ئايال ئۈچۈن ئېرى 1-ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆردۈم. (1) مۇھەببەتنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىلىم. سىز مۇھەببەت يولىغا قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىڭ.

(2) مۇھەببەت مەسىلىسىدە ياشلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۇ يولغا بالدۇرلا كىرىپ، مۇھەببەتسىز باشقا ئىشلارنى ياخشى ئېلىپ ماڭالمايدۇ. بۇ بىر نورمال ئەھۋال. بەزىلەر مۇھەببەتنى خېلى كەينىگە كېچىكتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ۋە باشقا ئىشلىرىنى مۇھەببەتسىزمۇ ياخشى ئېلىپ ماڭالايدۇ. بۇمۇ بىر نورمال ئەھۋال. قالغانلار يۇقىرىقى 2 تۈرلۈك كىشىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ياش ئىكەنلىگىڭىزنى دەسلەپتىلا ئوبدان چۈشىنىپ يېتەلىسىڭىز، كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ، يەنى ئوقۇش بىلەن مۇھەببەت ئىشلىرىڭىزنىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. (3) ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزدەش، ھەرگىز بىر "ياخشى ئادەم" نى تېپىش ئەمەس. ئۇ بىر "ياخشى كۆرگەن ئادەم" نى تېپىش جەريانى. "ياخشى" نىسبىي بولىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ چېكى بولمايدۇ. بۈگۈن "ئەڭ ياخشى" دىن بىرنى تاپسىڭىز، بىر مەزگىلدىن كېيىن "ياخشىراق" قا يەنە ئۇچرايسىز. ئەمما، نورمال ئىنسانلار ئۈچۈن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا "ياخشى كۆرىدىغان ئادەم" ىدىن پەقەت بىرسىلا بولىدۇ. شۇڭا سىز مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ياش ئىكەنلىگىڭىزنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزگە قانداق بىر جۆرىنىڭ كېرەكلىكىنى كۆڭلىڭىزدە تولۇق ئېنىقلىۋېلىڭ. ئاندىن سىز "ياخشى كۆرىدىغان ئادەم" نى ئىزدەشكە باشلاڭ. بىرنى ئۇچراتقاندا، بارلىق ئىقتىدارىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىڭ. بەزىدە قارشىلىق ۋە توسالغۇغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئەگەر ئۆزىنىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزنى ھەقىقىي تۈردە بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنداق قارشىلىق ۋە توسالغۇلارغا پەرۋا قىلماڭ . ياخشى كۆرگەن كىشىڭىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئادەم دەل ئۈزىڭىز. ئاتا-ئانىڭىز، قېرىنداش-تۇققانلىرىڭىز، ۋە ياكى دوست-ئاغىنىلىرىڭىز ئەمەس. ئەگەر سىز بىرى بىلەن ئۇنى ئەخمەق قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىۋېلىش مەقسىتىدە يۈرسىڭىز، ئۇ كۆپىنچە كېيىن ئۆزىڭىزگە يانىدۇ: ئۆمرىڭىزنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايسىز.

بەزىدە "ياخشى كۆرۈش" نىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. بىراق، ئەگەر يۇقىرىقى تەييارلىقلارنى پۇختا قىلسىڭىز، چوڭ ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. مۇھەببەتنى ئىلمىي يوسۇندا توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. (4) ئەر-ئاياللار ھەممە ئىشنىڭ ئالدىدا باراۋەر يارىتىلمىغان. گەرچە قىلالايدىغان ئىشلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش تەقسىماتى بولمىسىمۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك جاپاكەش بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋاقتىمدا، "ئاھ ۋەتەن، ئۇلۇق ئانام!" دېگەن شېئىرلارنى كۆپ ئاڭلايتتىم. شۇ چاغدا، "نېمە ئۈچۈن ئاھ ۋەتەن، ئۇلۇغ ئاتام! دېمەيدىغاندۇ؟" دەپ ئويلايتتىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى قىزىم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم. مەن ياپونىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن، قىزىم بىلەن پەقەت 3 ئايلا بىرگە تۇرالىغان بولساممۇ، شۇ قىسقىغىنا 3 ئاي ئىچىدە، ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. مەن 1985-يىلى ياپونىيەگە بارغاندا، تېلېفون تېخى ئانچە تەرەقىي قىلمىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قىلىش ياكى تېلىفون ئېلىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا بارمىسا بولمايتتى. ياپونىيەگە ياكى ياپونىيەدىن خەت يازسىمۇ، 15 كۈن ئەتراپىدا ئاران تېگەتتى. مەن ياپونىيەدە تۇرغان ئىككى يېرىم يىلنىڭ ھەممىسىدە، ئامانگۈلگە ھەر ھەپتىدە بىر پارچە خەت يازدىم. بىر ئەر ئۈچۈن، ئۆز خوتۇنىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن كۆرۈش، ھەتتا بەزىدە ئۇرۇش، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك نەرسىسىنى دەپسەندە قىلغىنى بىلەن باراۋەر. بولۇپمۇ، خوتۇنىنى ئۇرۇش، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن قارىغاندىمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ناچار قىلىق. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك نەرسىڭىزنى ئاشۇنداق دەپسەندە قىلسىڭىز، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن نېمىنى كۈتەلەيدۇ؟ سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز، تۇققانلىرىڭىز ۋە دوست-ئاغىينىلىرىڭىز سىزدىن نېمىنى ئۈمىد قىلالايدۇ؟ (5) مۇھەببەت- توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن مەڭگۈ ساقلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنى دائىم، ئاڭلىق ھالدا پەرۋىش قىلىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، سىزلەرنىڭ يۈرگەن ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى بەخىتلىك سىزلەرگە مەڭگۈ ئەسرا بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مۇھەببەت تەرەققىي قىلىپ، كۈچىيىپ ماڭىدۇ. پەرۋىش قىلمىغان مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى چەكلىك بولىدۇ.

2) ) پەرزەنتلەر. "مەن بالامنى باقىمەن. بالام بالىسىنى باقىدۇ." بۇ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر ئەمەل قىلىدىغان بىر ئىنسانىي قائىدىدىن ئىبارەت. ئاتا-ئانىلار پەرزەنت كۆرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش مەسئۇليىتىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شەرت-شارائىت يول قويغان دائىرىنىڭ ئىچىدە ئىمكان قەدەر كۆپ بالىلىق بولۇش، ئۇ مىللەت ئۈچۈن قوشقان بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بالىنى تېپىپ قويۇپ، ئۇنى يولىدا تەربىيىلەش مەسئۇليىتىدىن ۋاز كېچىش جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە قىلىنغان جىنايەتتىن ئىبارەت. مەن پەرزەنت مەسىلىسىدە، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆردۈم. (1) "بالا" دېگەننىڭ مەنىسى، "كىچىك، گۆدەك، ساددا، ئىش بىلمەيدۇ" دېگەنلەردىن ئىبارەت. بالىغا ئىش ئۆگىتىش، ئىش قىلىشنىڭ توغرا يولىنى ئۆگىتىش، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. سىز بالىڭىزنىڭ يېشىغا قاراپ، ھەر بىر باسقۇچتا بالىڭىزغا ئىشنىڭ توغرىسىنى ئۆگىتىڭ؛ ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ چېگرىسىنى سىزىپ بېرىڭ. بالىڭىز سىز ئۆگەتكەن بويىچە ئىشنى ياخشى قىلسا، ئۇنى مۇكاپاتلاڭ. سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە خىلاپلىق قىلىپ، خاتالاشسا، ئىلمىي ئۇسۇلدا جازالاڭ. ئەمما، ھەرگىز ئۇرماڭ. بالىنى ئۇرۇش ئۇنى جازالاش ئۈچۈندۇر. ئەمما، بالىنى جازالاشنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي ئۇسۇلى بار. مەسىلەن، بىر ئورۇنداققا چىقىرىپ، 5-10 مىنۇت توختىتىپ قويۇش؛ ئەڭ ياخشى كورىدىغان ئويۇنچۇقىنى ئويناش ھوقۇقىدىن بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە مەھرۇم قالدۇرۇش. بالىڭىزنى ئۇرسىڭىز، سىز يالغۇز ئۇنى جازالاپلا قالماستىن، سىز ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتى (ئىنگلىزچە "self-esteem" دەيدۇ) ۋەيران قىلىسىز. بالىڭىز جەمئىيەتتە ئۆزىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم ھىساپلايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. (2) ئەگەر بالىڭىز سىز تېخى ئۆگەتمىگەن بىر ئىشنى قىلىپ، ئۇنى خاتا قىلىپ قويسا، ئۇ بالىڭىزنىڭ ئەمەس، سىزنىڭ مەسئۇليىتىڭىز بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، سىزنىڭ بالىڭىزنى جازالاش ھوقۇقىڭىز يوق. (3) دادىسىنىڭ ياكى ئاپىسىنىڭ خاتالىغى ئۈچۈن بالىسىنى جازالاش، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالاق ئادەتلەرنىڭ بىرى؛ سىز ئۇنىڭدىن مۇتلەق ساقلىنىڭ. (4) ئېرىڭىز ياكى خوتۇنىڭىز بالىغا تەربىيە بېرىۋاتقاندا، ياكى بالىنى ئەدەپلەۋاتقاندا، ئەگەر سىز بۇ ئەدەپلەشكە قوشۇلمىسىڭىز، ھەرگىز بالىڭىزنىڭ ئالدىدا خوتۇنىڭىزنى ياكى ئېرىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ--مەن يۇقۇرىدا تىزغاندەك، ئېرىڭىز ياكى خوتۇنىڭىز بالىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئىش تۈگىگىچە ساقلاپ (بۇ جەرياندا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ)، ئاندىن جۆرىڭىزنى بالىڭىز يوق بىر يەرگە چاقىرىپ، ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىڭ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەگەر بالىنى ئەدەبلىگىنىڭىز خاتا بولۇپ قالغان بولسا، قىلچە ئىككىلەنمەي، بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆز خاتالىقىڭىزنى ئىقرار قىلىڭ. ھەمدە بالىڭىزغا كۆيۈدىغانلىقىڭىزنى، شۇڭا مۇشۇنداق تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى ھەر قېتىم ئىزھار قىلىڭ. (5) بالىڭىز جۆرىڭىزدىن قالسىلا ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا بالىڭىزنىڭ بىر ئىشى سىزنىڭ بىر مېھماندارچىلىقىڭىز بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، چوقۇم ئۇ مېھماندارچىلىقتىن ۋاز كېچىڭ. ئەگەر سىزگە بىر دوستىڭىزنى 10-20 سوملۇق بىر قۇتا ھاراق ئېلىپ مېھمان قىلىش بىلەن بالىڭىز ئۇزۇندىن بۇيان تەلەپ قىلىۋاتقان بىر قەلەم، دەپتەر، كىتاب ياكى ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت 2 يولدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، دوستىڭىزنى ھاراق بىلەن كۈتۈشتىن ۋاز كېچىڭ. ئەگەر سىزگە بىر چوڭ مېھمان چاقىرىش بىلەن بالىڭىزغا بىر كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت 2 يولدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، بالىڭىزغا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىڭ.

3) ئاتا-ئانا. ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە تەپسىلى توختالمايمەن. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، نورمال ئەھۋالدا، بالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئاتا-ئانىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشتىن مۇھىم. بۇنى ھەر دائىم ئەستە تۇتۇش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتا-ئانىڭىز نورمال ئەھۋالدا ئۆز-ئۆزىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، ئەمما بالىڭىز تېخى ئۇنداق قىلالمايدۇ (ئۇلار تېخى كىچىك-دە).

4)خىزمەت. ئىنسانلار ئۆمىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. خىزمەت بىلەن كىرىم تېپىش يۇقىرىدا تىزغان باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يولىدا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. لېكىن، خىزمەت بىر-ئىككى كۈندە تۈگەيدىغان نەرسە ئەمەس. خۇڭا، جىددى ئەھۋالدا، مەسىلەن، ئايالىڭىز، بالىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز ئاغرىپ قالغاندا، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىڭىز كېرەك. مەن كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسى (ئىنگلىزچە " Silicon Valley " دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەر ئەڭ كۆپ يىغىلغان ئورۇن بولۇپ، بەزىلەر ئۇ يەرنى "ئامېرىكىنىڭ ئامېركىسى"، دەپمۇ ئاتايدۇ. ئورنى سان فرانچىسچو شەھىرىنىڭ يېنىدا) دا 7 يىلدىن كۆپرەك ئىشلىدىم. ئۇ يەرنىڭ شىركەت مەدەنىيىتى "ئىشقا ئادەم ئېلىش، ئىشتىن ئادەم بوشۇتۇش" بولۇپ، ھەر قېتىم پەن-تېخنىكىدا بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولغاندا، بۇ جايدا بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا 2-3 مىڭ يېڭى شىركەت قۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن 3-5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاقىلىدىغىنى تاقىلىپ، سېتىلىدىغىنى سېتىلىپ، ھېلىقى شىركەتتىن بىر نەچچە ياكى بىر قانچە ئونىلا قالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قابىلىيەت-تەجرىبىڭىز ئۇلارغا زۆرۈر بولۇپ قالسا، سىزنى يالۋۇرۇپ بولسىمۇ ئىشقا ئالىدۇ. ئەگەر شىركەت ئوبدان ماڭماي قالسا، سىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىشتىن بوشىتىدۇ. 2001-يىلى دېكابىردا مەن بىزنىڭ "Wawesplitter" دېگەن شىركەتكە ياردەملىشىپ، بىر شەنبە كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا 30 ئادەم ئالغان ئىدۇق. 2002-يىلى 3-ئايدا شىركەتتىكى خادىملارنىڭ% 30 تىنى ئىشتىن بوشاتتۇق (ئېلېكتىر ئىنژىنىرلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار ئادەملەردىنمۇ 10 نەچچىسى بار ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان "لايىھىلەش گۇرۇپپىسى" نى باشقۇراتتىم. كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق-تالا خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى مۆلچەر خاتا چىقىپ قېلىپ، يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەردىن 2000-3000 ئى ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. بىزنىڭ شىركەتمۇ 125 مىليون دوللار مەبلەغىنى 4 يىلدا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئامالسىزلىقتىن شىركەتنىڭ تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسنى تەيۋەنگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى. ھېلىقى 10 نەچچە دوكتورنىمۇ ئىشتىن بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن يالغۇز قالدىم. شىركەت مېنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىمنى، ئەگەر بارسام، ماڭا بۇ شىركەتنىڭ% 1 تىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى رەت قىلىپ، 2003-يىلى 4-ئايدا بۇ شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ، FBI ئۈچۈن بىئولوگىيە ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ تەتقىقاتىنى قىلىدىغان يەنە بىر بىئولوگىيە تېخنىكىسى شىركىتىگە ئىشقا كىردىم). بۇنداق بىر مەدەنىيەت ئاستىدا، سىز بىر شىركەت بىلەن "مۇھەببەت باغلاش"، ئۇنىڭغا ئۆمۇر بويى سادىق بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. خىزمەت بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ئۇ ئۆمۈرلۈك ئەمەس. سىزنىڭ بالىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز سىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈكتۇر.

ئۇلاردىن باشقا، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، ۋە دوست-بۇرەدەرلەر بار. بىر كىشىنىڭ بۇ كاتېگورىيەدىكى ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىق تەسۋىرلەش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز چەت ئەلدە بولسىڭىز، بۇ ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز سىز ۋەتەندە بولغان ۋاقتىڭىزدىكى بىلەن مۇتلەق ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئويلىنىشىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن جاۋابىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، يۇقىرىقى مۇناسىۋەت ئوخشىمىغان ئائىلىلىلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئىناق ئۆتۈدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ۋە ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىملىق تەرتىپىنى مەن يۇقىرىدا تىزغانغا ئوخشاش تىزىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلىسى ماقۇل كۆرگەن مۇشۇنداق بىر تەرتىپنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىزلەردە ئاشۇنداق بىر تەرتىپ بولسا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا قايسى ئىشنى قىلىش، قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىدىن ساقلانغىلى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى تەرتىپ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ياپونلۇق ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت 1-ئورۇندا، شىركەتتىكى باشلىق 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونلۇق ئاياللار ئۈچۈن ئېرى 1-ئورۇندا، بالىلىرى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ (ئۇلار ئاساسەن خىزمەت قىلماي ئاشۇ ئىككەيلەندىن خەۋەر ئالىدۇ). ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئۈچۈن، ئىرى ياكى خوتۇنى 1-ئورۇندا، بالا ۋە ئائىلە 2-ئورۇندا، خىزمەت 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇققان بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. دوست-ئاغىنە، خولۇم-خوشنا ۋە خىزمەتداشلارغا ئېتىبار بېرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئانچە كۆرمىدىم. مېنىڭ مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇغاندا بىر ئۇستازنىڭ قولىدا ئىشلىگەن 4-5 بالىلار بىلەن چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىم يوق (ئامېرىكىلىقلار ئۇنداق قىلمايدىكەن)؛ ھازىر بىر-بىرىمىز بىلەنمۇ ھىچقانداق ئالاقە قىلمايمىز. بىر شىركەتتە 3-4 يىل ئىشلىگەن، ھەمدە خېلى يېقىن ئۆتكەن كىشىلەرمۇ، بۇ شىركەتتىن ئايرىلىدىكەن، پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ھەرگىز ئوخشىمايمىز.


باش بەتكە قايتىش