12-بۆلۈم

 

19- سوئال: بىزنىڭ ھازىرچە سىزدىن سورايدىغان سوئاللىرىمىز يۇقىرىقىلار بىلەن ئاخىرلاشتى. سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەتەنداشلارغا دەيدىغان يەنە قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: 1976-يىلى 7-ئايدا، مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۈنىلا تىراكتور ۋاگونىدا ئولتۇرۇپ، يوتقان-كۆرپىلىرىم بىلەن بىر كەتمەننى كۆتۈرۈپ، يېزىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا ماڭغاندا، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھېچ قانداق نۇر كۆرۈنمىگەنىدى. مەن ئۈچۈن ئىستىقبال دېگەن بىر قاپقارا ئۆڭكۈردىن ئىبارەت ئىدى. ئىچىمدە «مەن قاچانمۇ بىر ئېيىغا 25 سوم مائاش بېرىدىغان بىر ئىشچىلىق ياكى باشقا خىزمەتكە ئېرىشەلەرمەن؟» دەپ ئويلايتتىم. ۋەتەندىكى نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھازىر دەل ئاشۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى بىر خىل كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ئىشى قىلىۋېلىشقا يۈزلەنگىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ. مەن بۇ ئىشلار توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتىم. مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن تولدى. مەن ئازابلىنىش ئىچىدە ئۇلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكە يول تاپالماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا، بىلىۋال تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزى ئەپەندىم بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى «مۇخبىر» ئەپەندىم ئۇشبۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىشنى ماڭا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم. بىز بۇ سۆھبەتنى باشلىغان 3 ئاي ئەتراپدىكى ۋاقىت جەريانىدا، قۇربانجان بىلەن «مۇخبىر» ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بۇ ئىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلدى. مېنىڭ يازمامنى تەھرىرلەپ، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە سائەت 2 گىچە ئىشلىگەن ۋاقىتلار ئاز ئەمەس. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قۇربانجان روزى ئەپەندىم بىلەن «مۇخبىر» ئەپەندىمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىككى ئوت يۈرەك قېرىندىشىمىزدىن باشقا، بىلىك تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەليار ئەپەندىم بۇ سۆھبەتنى ئەڭ دەسلىپىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دىن ئۇيغۇر ئەرەپچە يېزىقى (UEY) غا ئۆزگەرتىپ، ئۇنى بىلىك تور بېتىگە قويۇپ، ULY نى بىلمەيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىن پايدىلىنىشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مەن ئەليار ئەپەندىمگىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەيىن شامال، نەۋرۈز ۋە شەھرىزات، ئىزدىيارى ۋە باشقا بىر قىسىم تور بەتلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ھەمدە مەن يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان http://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى تەشۋىق قىلىش يولىدا ئىزچىل تۈردە كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. مەيىن شامال تور بېتى مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىق چايخانىسىغا 2 قېتىم تەكلىپ قىلىپ، مېنى يۇرتىمىزدىكى ياشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشى بىلەن، مەن خۇددى ئۆزۈمنى ئۆز خەلقىمنىڭ ئارىسىغا قايتىپ بارغاندەك ھېس قىلىپ، چەكسىز خۇشاللىق ۋە ھاياجانغا چۆمدۈم. مەندە ئۇنداق بىر ھېسسىيات بولۇپ باقمىغىلى 15 يىلدىن ئاشقانىدى. مەن يۇقىرىقى تور بەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغىمۇ ئۆزۈمنىڭ سەمىمىي تەشەككۈرىنى بىلدۈرىمەن.

بىز بۇ سۆھبەتنى باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردىن ئىنكاس تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئۇلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا مەندىن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرى، بۇ سۆھبەتنى ئىمكان قەدەر ئۇزۇنراق يېزىش. ماڭا كەلگەن بۇ ئىنكاسلار مەن ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى. ماڭا زور كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەر بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى بارغانسېرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇزۇنراق قىلىپ يازىدىغان بولۇپ كەتتىم. مەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا ئېيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا بىردىن سوئال چىقىرىش مۇمكىن بولمىغاچقا، مەن چىقىرىلغان سوئالنى چۆرىدىگەن ھالدا، شۇ چاغدا ئېسىمگە كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېزىشقا تىرىشتىم. بولۇپمۇ چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىنى قانداق تەربىيىلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپلەپ قوشۇپ قويدۇم. مەن ئېلېكتىر ۋە ئوپتىكا ساھەسىدىكى كەسپ ئەھلى، ئىلمىي تەتقىقاتچى ۋە ئىنژىنېر. ئەمما، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى كەسپ ئەھلى ياكى تەتقىقاتچى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماڭا ۋەتەندىن، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇھىتتىن ئايرىلغىلى 20 يىلدىن ئاشتى. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ خاتىرىسىنى ئاشۇنداق بىر سالاھىيەت بىلەن يازدىم. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بەزى كەسپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يازغانلىرىمنىڭ بەزى يەرلىرى دېگەندەك توغرا بولماي قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. ھەمدە ماڭا ئىلھام بېرىپ يازغان ئېلخەت ۋە باشقا ئىنكاسلىرى ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

 

بىلىۋال بىلەن مېنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى مەقسىدىمىز پەقەت بىرلا: يۇرتىمىزدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە روھىي جەھەتتىن بولسىمۇ بىر ئاز ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر توغرا يول تاللىۋېلىشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش. مېنىڭچە، ماڭا ئوخشاش ھەر خىل ئىگىز-پەس، ئەگرى-توقايلىقنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر قىسمىنى ياشاپ بولغان ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن بىر قەدەر توغرا يول تېپىپ، كىشىلىك ۋە كەسپىي ھاياتىنى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ ماڭالىغان ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ، يۇرتىمىمىزدىكى ياش ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا مۇنداق بىر چۈشەنچىنى تەشەببۇس قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار: ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشنى قانداق داۋام قىلىشتا، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەمەس، بۇنىڭدىن 10 يىل، 20 يىل ھەتتا 30 يىلدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. جۇڭگو ھازىر ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن 10-20 يىل بۇرۇنقى "خىزمەتنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش" تۈزۈمى ھازىر رىقابەت تۈزۈمىگە ئۆزگەردى. ئەگەر قانۇن-تۈزۈملەر مۇكەممەللىشىپ، رىقابەت ۋە خىزمەت پۇرسىتى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنسە، ھازىر ئىگىلىگەن بىلىم، تەربىيىلەپ يەتىشتۈرگەن ئىقتىدارلار ئەڭ قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ھازىرغىچە ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىپ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقالىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەندىشىمىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆھپە قوشالايدۇ. مېنىڭ بۇ قېتىم يېزىپ چىققىنىم ئۆزۈمدىن ئىبارەت بىر ئادەمنىڭ ھېكايىسى. ئىشىنىمەنكى، ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان يۇرتداشلارنىڭ ئىچىدە مەندەك ھېكايىسى بارلار ئىنتايىن كۆپ. ھەر خىل ئەگرى-توقايلىقنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇۋەپپەقىيەت يولىغا ئېرىشەلىگەنلەر ھەمدە بۇ يولدا ئۆز ئائىلىسى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتقان، ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش جەھەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆھپە قوشۇۋاتقانلار خېلى كۆپ. مۇۋەپپەقىيەت بالدىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا تېخى چىقىپ بولالماي، تېخىچە جاپا-مۇشەققەتلىك دەۋرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆزلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا كېچە-كۈندۈز بوشاشماي تىرىشىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن شۇلاردىن، ئۆز ھېكايىلىرىنى ماڭا ئوخشاش يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى ياش ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن. بىز ھەممىمىز قېرىيمىز. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا يۇرتىمىزدىكى يېڭى ئەۋلادلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ قويايلى. بۇ يەردە، ھازىرغىچە ئازراق بولسىمۇ ئۆز ھېكايىسىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى يېزىپ، ئۇنى بىلىۋال تور بېكىتى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ياپونىيەدىكى دوكتور دىلشات ئابلا ئەپەندىم قاتارلىق ۋەتەنداشلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئۆزۈم بېسىپ ئۆتكەن يولنى خۇلاسىلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇنداق بىر فورمۇلاسىنى خۇلاسىلەپ چىقتىم:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

ھازىرغىچە http://www.meripet.com  تور بېتىنى كۆرۈپ باققان يۇرتداشلار ئۈچۈن بۇ فورمۇلا ناتونۇش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر يېڭى فورمۇلا بولماستىن، مەن ئۇنى بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئۇنى بىر قېتىملىق مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش چوڭ يىغىنى» دا سۆزلىگەن سۆزۈمگە كىرگۈزگەنىدىم. ئەسلىدە ئۇنى بىر چوڭ قەغەزغە يېزىپ، يىغىن زالىنىڭ سەھنىسىگە ئېسىپ قويۇپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىغانىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى تولۇق ئوقۇغان كىشى، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى فورمۇلادا كۆرسىتىلگەن بىر خۇلاسىگە كەلگەنلىكىمنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ. بۇ فورمۇلادىكى 3 ئامىلنىڭ ھەر بىرىنى مەن  http://www.meripet.com   تور بېتىدە بىر قەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم. شۇڭا ئۇلارنى بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن. مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇنداق بىر مىجەزى بار:

ئامېرىكىلىقلار ھەرگىز ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ شۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن پەخرلىنىدۇ.

ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى فورمۇلادىكى «تالانت» بىلەن «تىرىشچانلىق»نىڭ قانداق بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. لېكىن، «پۇرسەت» ئۇنداق ئەمەس. ھازىر زور كۆپ مىقتاردىكى ئۇيغۇرلار «پۇرسەت» ئالدىدا ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىنتايىن پايدىسىز ئورۇندا ياشاۋاتىدۇ. ئەمما، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، بىر چۈشكۈنلىشىش، يوقىلىش يولىغا قاراپ ماڭساق، ئۇ ئۇچىغا چىققان نادانلىق بولىدۇ. چۈشكۈنلىشىش ئۆزىمىزنىڭ ئۆلۈمىنى ساقلاپ تۇرغان بىلەن باراۋەر. ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئېلىپ بارمايدۇ. ئۇنداق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن ھېچ قانداق قىممىتى يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىز چۈشكۈنلۈكنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىمىزگە بىر ياشاش يولى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. يېڭى پۇرسەت يارىتىش جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينايدىغىنى بىلىم. مەن بۇ سۆھبەتتە مۇشۇنداق بىر نۇقتىنى تولۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ تىرىشتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر ئارىسىدىن كېلىپ چىققان ئەڭ ئىلغار كىشىلەر بىلەن قانداق رىقابەتلەشكەنلىكىمنى ھەمدە بۇ رىقابەت ئىچىدە قانداق قىلىپ ئۆزۈمگە توختىماي يېڭى يول ئېچىپ ماڭغانلىقىمنى تەپسىلىي يېزىپ چىقتىم. بىلىمنىڭ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىر دۇنياۋىي ھەقىقەت بولۇپ، ئۇ ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئورتاق. مەن مۇشۇ سۆھبەتتە نەقىل كەلتۈرگەن، ئوغلۇم دىلشات ئۆزىنىڭ مەكتىپىدىكى بىر پائالىيەتتە ئوقۇغان، ئامېركىلىقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قارىشى مۇنداق ئىدى: «بىلىم ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنى ئىگىلەشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار: سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىق. ئۆگىنىش بىر چىراق بولۇپ، بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىنى ئوقۇيالايمىز، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتالايمىز. كىشىلەر بىلىم ئارقىلىق تەمىن ئېتىلىدىغان پۇرسەتلەر ئارقىلىق ئۆز دۇنياسىنى كېڭەيتەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر». مەن يۇرتىمىزدىكى ھەر بىر ياش-ئۆسمۈرنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى ئىسراپ قىلماي، ۋاقتىنى يۈزدە-يۈز پىرسەنت بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بۇ سۆھبەتتە يەھۇدىيلارنىڭ ئىشلىرىنى خېلى كۆپ تەسۋىرلىدىم. ئۇلارنىڭ «ياشاش يولى» نىمۇ خۇلاسىلەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇ خۇلاسىنىڭ ئىچىگە تېخى كىرگۈزۈلمىگەن يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، يەھۇدىيلار داۋاملىق ئۆزلىرى دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەڭ ناچار ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، شۇنىڭغا ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق كۆرۈپ تۇرۇپ ياشايدۇ. بۇ خۇددى بىر كۆپ يەر تەۋرەيدىغان رايوندا ياشاۋاتقان كىشىلەر «ئەگەر ھازىرلا 8 بال يەر تەۋرەپ قالسا، بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ سوراپ تۇرغانغا ئوخشاش ئىش. شۇنداقلا، بىر ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا ياشاۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى «ئەگەر ھازىرلا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىگە بىر بومبا چۈشسە، بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ سوراپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ئىش. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ ۋە ئىنتايىن كەسكىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئەقلى-ھوشى جايىدا، ھەقىقىي ۋىجدانى بار بىر كىشىنىڭ بۇنداق كەسكىن ئەھۋاللارنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، كاللىسىنى پۈركىۋېلىپ ياشاپ ماڭالىشى ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ، «بىز دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن بولغان ئەڭ ناچار ئەھۋال قايسى؟» دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سوراپ تۇرغىنى ياخشى. تېخىمۇ مۇھىمى، يالغۇز ئۆز-ئۆزىدىن سوئال سوراپلا قالماستىن، ئاشۇنداق ناچار ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توختىماي تىرىشىشى كېرەك. يەھۇدىيلار دەل ئاشۇنداق قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ئانچە كۆپ كۈلمەي، ناخشا ئېيتماي، ئۇسسۇل ئوينىماي، كۆپىنچە ۋاقىتتا بىر خىل جىددىي ھالەتتە تۇرغاندەك كۆرۈنىشى، مانا مۇشۇنداق سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەمسىلىدە ئېيتىلغاندەك ئىش: «مىدىرلاپ تۇرغان قۇرۇت كۆمۈلۈپ قالمايدۇ». مەن يۇقىرىقى ئىشنى ئۆزىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ھازىر ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئانچە تىرىشمايدىغان بولۇپ قالغان ھەر بىر ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر ئۈچۇنمۇ تەشەببۇس قىلىمەن. چۈشكۈنلىشىپ ھېچ بىر ئىش خوش ياقمىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزدىن يۇقىرىقىدەك بىر سوئالنى سوراپ بېقىڭ. چوقۇم چۈشكۈنلۈكنى كۈچكە ئايلاندۇرالايسىز. ھېچ بولمىغاندا، مەن شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

 

ئادەم جاپالىق ئىشلىگەنگە، ئىزچىل تۈردە قاتتىق تىرىشقانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ. قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، ئەڭ قىيىن ئىشلاردا باشقىلار ئاسانلىقچە قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە بارغانسېرى كۆپ يول ئېچىپ ماڭالايدۇ. مەن يۇقىرىقى يازمامدا بۇ نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ كۆپ تىرىشتىم. بۇ يىل (يەنى 2005-يىلى) 6-مارت كۈنى، 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمىنىڭ بىرى بولغان Bethe ئەپەندىم ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژىلىس دۆلەت تەجرىبىخانىسىكى مانخاتتون پروجەكتىنىڭ نەزەريىۋىي فىزىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئاتوم بومبىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ھەمدە قۇياش ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىنى بايقاش ئارقىلىق 1967-يىلى نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن.Bethe 1906-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاپىسى يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى پروفېسسورلۇق خىزمىتىدىن قۇرۇق قېلىپ، 1933-يىلى گېرمانىيەدىن قېچىپ كەتكەن. 1935-يىلى ئامېرىكىنىڭ Cornell ئۇنىۋېرسىتېتىغا پروفېسسور بولۇپ كىرگەن. بۇ كىشىنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر قانچە جۈملە سەرگۈزەشتلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە قانچىلىك جاپا-مۇشەقەتلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۇ كىشى 99 يىل ئۆمۈر كۆرۈپتۇ. شۇڭا بىر ئادەم ھەرگىز ئۆزىنىڭ قاتتىق ئىشلەپ، ئاسان قېرىپ كېتىشىدىن ياكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك. خاتىرجەم ھالدا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىشى كېرەك. باشقىلار قىلالمىغاننى قىلىش، باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاش ئۈچۈن، چوقۇم باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك تىرىشىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى بىر نىشان ياكى باياننامە (ئىنگلىزچە «declaration» ) ئارقىلىق كونترول قىلغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆزۈم ئۈچۈن تۈزگەن باياننامىلەرنىڭ بىرى: «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش» بولغانىدى. مەن بۇ باياننامىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇردۇم. ئۇنى مەندىن باشقا جۇڭگودىكى ۋە چەت ئەلدىكى نۇرغۇن شىجائەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئىسپاتلىدى. ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرى داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ.

مەن بۇ يەردە بارلىق ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇنداق بىر باياننامىنى تۈزۈشىنى تەكلىپ قىلىمەن: «مەن توختىماي تىرىشىپ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن». ھازىر بۇ جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ قوشۇن يەنىلا ئىنتايىن كىچىك. يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. بۇ جەھەتتە بىر ئاز كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ قوشۇنغا قوشۇلىشى كېرەك.

مەن بۇ يەردە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانغا مۇنداق بىر باياننامىنى تاللىۋېلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن: «مەن توختىماي تىرىشىپ، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن». بۇ باياننامىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك مۈشكۈل ۋەزىپە. ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ساھەدە ئوينىغان رولىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالىغا، ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم، بۇنداق بىر باياننامىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچماسلىقى كېرەك. بىز پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا يۈز كېلەلەيمىز. بىز پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆزىمىز ئۆلىدىغان ۋاقىتتا: «مېنىڭ ھېچ قانداق ئارمىنىم يوق. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم» دەپ ئېيتالايمىز. ياخشى ئادەم ئەڭ ئاخىرى چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدۇ. بىر ياخشى مىللەتمۇ شۇنداق. بىز ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىپ، ئۇيغۇرنىڭ بىر ياخشى مىللەتلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ چىقايلى.

 

ئەركىن سىدىق

2005-يىلى 19-ماي


باش بەتكە قايتىش