¡¡ ¡¡ ¡¡

¡¡ ¡¡

¡¡

7-بۆلۈم

 

14-سوئال: چەت ئەللىكلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشى ھەققىدە كۆزەتكەنلىرىڭىز قايسىلار؟

 

ئامېرىكا كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن مىللەتلەر تېپىلىدۇ. 2000-يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇس ساناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى يەر شارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كېلىپ چىققان نوپۇسىنىڭ نىسبىتى مۇنداق ئىكەن:

ئاق تەنلىكلەر 75.1 پىرسەنت

قارا تەنلىكلەر 12.3 پىرسەنت

ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلار ۋە ئالياسكىلىقلار 0.9 پىرسەنت

ئاسىيالىقلار 3.6 پىرسەنت

ھاۋايلىقلار 0.1 پىرسەنت

قالغان مىللەتلەر 7.9 پىرسەنت

ئامېرىكىنىڭ جەمئىي نوپۇسى، ئالدىنقى بۆلۈمدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك جەمئىي 300 مىليون ئەتراپىدىدۇر. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، يۇقىرىقى "ئاق تەنلىكلەر" دېگەن كاتىگورىيەگە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن كېلىپ چىققان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر ئاق تەنلىك بولغىنى بىلەن، تىلى ۋە مىللىتى باشقا-باشقا بولغان مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان. مەسىلەن، ئەنگلىيەلىك، ئىتالىيەلىك، گېرمانلىق، فرانسىيەلىك ۋە مىكسىكىلىق قاتارلىقلار. 1999-يىلى مارتتىن 2000-يىلى مارتقىچە چەت ئەلدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن نوپۇسنىڭ سانى 1.7 مىليون ئىكەن. مېنىڭ مۆلچەرىمدە، ھازىر كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 400 بىلەن 500 نىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدا يۇقىرىقىدەك كۆپ سانلىق مىللەتلەر بولغاچقا، ئوخشاش بىر مىللەتتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە ئۆز تىلى بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئوخشىمىغان مىللەتتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە، ھەممەيلەن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەيدۇ. ئەگەر چوڭراق بىر سودا سارىيىغا كىرىپ بىر دەم ماڭسىڭىز، ھەر خىل ھەر ياڭزا تىل بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىز.

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ يېڭى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ قايسى دۆلەتتە ۋە قايسى مىللەت تەرىپىدىن ئىجات بولشىنىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە ئىنگلىز تىلى دۇنيانىڭ قانداق يېرىگە بارسا ئاساسەن ئاقىدۇ. ئەشۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكىلىقلار ئۆز مىللىتىگە تەۋە بولمىغان چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئارقىدا تۇرىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە 10 يىلنىڭ مابەينىدە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يېڭى زامان تەرەققىياتىغا ماسلىشىش مەخسىتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكىدا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇشنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. ھەمدە 1996-يىلى دەسلەپكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس پىلان ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئامېرىكىدا 2005-يىلىنى "چەت ئەل تىللىرى يىلى" قىلىپ تەبرىكلەشنى قارار قىلدى. تەتقىقاتچى خادىملار ئۆز تەتقىقاتى جەريانىدا بايقىغان يېڭى بىر ئىش مۇنداق بولغان: چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردا يېتىلىدىغان يەنە بىر ئىقتىدار شۇكى، ئۇلار ئوقۇشنى چەت ئەل تىلى ئۆگەنمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ياخشىراق ئېلىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىگە چەت ئەل تىلى ئومۇمىيۈزلۇك قوشۇلدى. ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چەت ئەل تىلى دەرسى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان مەجبۇرى دەرس قىلىپ بېكىتىلدى.

بالىلىرىمنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىسپان يېزىقىنى ئۆگەندى. ئوغلۇم ئۇنى ھازىرمۇ ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر ئۆز-ئارا ئىسپان تىلىدا مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، بەزىدە ئائىلىمىزدىكى تۆتىمىز بىللە قەرت ئوينىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ ئىككىسى ئىسپانچە سۆزلىشىپ، ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنى بوزەك قىلغان ۋاقتىمۇ بار. مەن بۇ يازمامدا بىزنىڭ ئائىلىدىكى تۆتىمىزنىڭ قەرت ئوينايدىغانلىقىمىزنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالدىم. ئەمىلىيەتتە بىز قەرتنى بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم ئويناپ باقىمىز. قەرت ئويناش بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيىتى بولغاچقا، ئۆيدىكى ھەممىمىزنىڭ ۋاقتى يەتكەن ۋاقىتلاردا، ئائىلە پائالىيىتى تەرىقىسىدە تۆتىمىز قەرت ئوينايمىز. 1993-يىلى ئوغلۇم ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا، پۈتۈن شىمالىي كالىفورنىيەدە پەقەت بىزنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت بىرلا ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىمۇ بىز ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىچىدىلا بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىز¡±ئائىلە پائالىيىتى¡° نى كۆپ قىلاتتۇق. ھازىر جىق ئازلاپ كەتتى. بۇ يەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بەزى قىرىنداشلار مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسپانچىنى ئۆگەنگەنلىكىگە ھەيران قېلىشى مۇمكىن. مېكسىكا كالىفورنىيە بىلەن چېگرىداش بولغاچقا، ئۇ دۆلەتتىن كالىفورنىيەگە ھەر خىل يوللار بىلەن كۆچمەن بولۇپ كېلىدىغان مىكسىكىلىقلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا كالىفورنىيەدىكى ئىسپان تىلىنى ئانا تىلى قىلغان مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇسىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 2000-يىلى كالىفورنىيەنىڭ 35 مىليون نوپۇسىنىڭ 11 مىليونى مېكسىكىلىقلار ئىكەندۇق. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن، كالىفورنىيە شىتاتىدا ئىسپان تىلىنى ئۆگىنىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. بولۇپمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىسپان تىلىنى بىلىدىغانلار خېلى چوڭ مىقدارنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان مېكسىكىلىق ئۆسمۈرلەرنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىسپان تىلىنى ئۆگەنگەنلەردۇر. بۇ خۇددى ئىچكىركى ئۆلكىلەرگە ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياخشىراق ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇ يەرلەردىكى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر.

تارىختا ئۆتكەن دۇنيادىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ كۆپىنچىسى كەم دېگەندە 3~4 چەت ئەل تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن. بۇ ھەقتە مەن تەپسىلىي توختالمىساممۇ، ئوقۇرمەنلەر ئۆز ئۆمرىدە كۆپ ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، تىل بىلىم ئىسكىلاتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. سىز قانچە كۆپ خىلدىكى تىللارنى بىلسىڭىز، سىز شۇ تىللاردا يېزىپ توپلانغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنالايسىز. يالغۇز ئۇنداقلا بولۇپ قالماي، بۈگۈنكى كۈندە بىر قانچە تىل بىلىش، نورمال ھايات كەچۈرۈشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر شەرتىگە ئايلاندى. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، بىز ھەر يىلى يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپ بويىچە ¡± يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى¡° ئۆتكۈزەتتۇق. مېنىڭ شۇ چاغدا مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دەيدىغان بىر گېپىم مۇنداق ئىدى:¡± ھازىرقى زاماندا بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ئانچە كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت تىلىنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۇ مىللەتكە قارىتا قانداق ھېسىياتتا بولۇش پۈتۈنلەي باشقا-باشقا ئىش. ئەگەر سىلەر كەلگۈسىدە ياخشىراق ياشايلى، دېسەڭلار، بۇ ئالىي مەكتەپتىكى پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەنزۇچىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىڭلار¡°. مەن ئۇ چاغدا چەتكە چىقىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، شىنجاڭدىن باشقا يەرلەرگىمۇ تۈزۈكرەك بېرىپ باقمىغان بولۇپ، يۇقىرىقى سۆزلىرىم ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە بولغان ھاياتىمنىڭ بىر خۇلاسىسى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىلاردا ياشاپ باقتىم. بۇ جەرياندا يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. يېقىنقى بىر نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئەسلىدىكى دۆلەتلەردە ناھايىتى يۇقىرى كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ باققانلارمۇ خېلى كۆپ. لېكىن، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىنگلىز تىلىدا ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئۇنۋانى ۋە سەۋىيىسىگە لايىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشالماي، ئادەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن ھايات كەچۈرىۋاتىدۇ. بىر تىلنىڭ قۇلى بولۇش دېگەن ئەنە شۇ. بىر قانچە يىل جاپالىق دەۋىرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، شۇ جەرياندا ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە لايىق خىزمەت تاپقانلارمۇ بار.

مەن 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر يىللىق خەنزۇچە ئۆگىنىشنى تاماملاپلا، ئۆزلۈكۈمدىن ئىنگلىز تىلى باشلىغاندا، مېنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەنلەر بولمىغاچقا، بەزىلەر مېنى مەسخىرە قىلغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرىزىدە، مەندەك بىر ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن يېرىم يىلغا قالماي، ئۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ بويىچە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشكە ئاتلاندى.

جۇڭگو جەمئىيىتىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلار بىر ناھايىتى كەسكىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش. مېنىڭ خىزمەت كۈتۈپ ياتقان ھەر بىر ياشقا چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدىغان ياش ئۆسمۈرلەرگە مۇنداق تەشەببۇسۇممۇ بار:                                       تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ئۇيغۇر تىلىنى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە خەنزۇ تىلىنى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ بولۇڭ.

دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.

سىز كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە دۇچ كېلىدىغان يېڭى مۇھىت قايسى؟

بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سىز ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ساقلاپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇنىگغا ھازىرلا جاۋاب تېپىڭ. بۇ جاۋابنى تېپىش ئىنتايىن ئاسان. ئۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئوبدان كۆزەتسىڭىزلا كۇپايە. مەن يېڭى مۇھىتنىڭ بىر قىسمىنى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۈم.

بىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى بار. ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرسى، ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى پۇختا بىلىش. ئۇيغۇر بىر مەدىنىيەتلىك مىللەت. مەدىنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۆز تىلىنى پۇختا بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز باشقا تىللارنى ئۈنۈملۈك ھالدا ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىگىلىشىڭىز ئۈچۈن، چوقۇم ئانا تىلغا پۇختا بولۇشىڭىز كېرەك. چەت ئەل تىلىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەندە، ئاندىن ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنى كۆزىتىپ، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلمىسە، باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۆگىنەلمەيدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىلار مۇنداق بىر سوئالنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىشى كرەك: مەن بالامغا ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۆگىتىمەن؟ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل شەكىلدىكى چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش سىنىپلىرى ئېچىلغىلى تۇرۇپتۇ. مېنىڭچە بولسا ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىمۇ ئېچىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەر بىر ئۇيغۇر ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. بىر ئادەم ئۈچۈن ئانا تىلىنى يوقىتىپ قويۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا بىلىش ھەرگىز بىر قولغا كەلتۈرگەن ئالاھىدە نەتىجە ئەمەس. ئۇ بىر ئادەم چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.

بەزىلەر ¡± ئۇيغۇر دېگەن ناچار مىللەت. مەن ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىم¡°، دېيىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر بولماسلىققا تىرىشىشى مۇمكىن. مەن ئالدى بىلەن ئۇنداقلاردىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقاي: سىز ئۇيغۇر تەقدىرىنىڭ ياخشىراق بولۇشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا نېمە ۋە قانچىلىك تۆھپە قوشتىڭىز؟ مەن چەت ئەلدە 20 يىلدەك ياشىغان تەجرىبەمگە ئاساسەن، سىزگە شۇنى ئېيتىپ قوياي: 

¡±ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ¡°ياخشى ئەمەسكەن دەپ ۋاز كەچكەن ئىنسان ياخشى ئىنسان ئەمەس.  ئۆز مىللىتىدىن ۋاز كەچكەن كىشى ئۆز ئائىلىسىگە خائىنلىق قىلغان كىشى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ھەقىقىي ئۇيغۇر بالىسى ھەرگىز ئۆز دادىسىغا مۇش كۆتۈرمەيدۇ. ھەقىقىي ئۇيغۇر ھەرگىز ئۆز قېرىندىشىغا زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. سىز كېيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تىلدا باشقا مىللەتكە قانچىلىك ئوخشاپ كەتكەنلىگىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر سىز ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى ¡°مەن ئۇيغۇر¡± دەپ تونۇشتۇرمىسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلىۋالغان ھامان، سىزگە بولغان پۈتۈن ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. سىزنىڭ قانچىلىك بىلىملىك، قانچىلىك ئىقتىدارلىق ۋە قانچىلىك داڭلىق بولۇپ كېتىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، باشقا مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت يۈزىڭىزدە ھىجىيىپ قويغان بىلەن، كۆڭلىدە سىزنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭ تەقدىرىڭىز پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە باغلانغان. شۇڭا سىز جەمئىيەتتە ئوبدانراق ئورۇن تۇتۇپ، ياخشىراق ياشاي دېسىڭىز، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كۈچ چىقىرىڭ. ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەنزۇلار جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارىدىكى دولەتلەرگە باراۋەر كېلىدىغان كۈچلۈك دۆلەت بولالىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانسا، ئۇلارنىڭ كۈنىمۇ ھازىرقىدىن ياخشىراق بولىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقى كۈچەيگەن كۈن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ھەقىقىي ياخشى ياشاشقا باشلىغان كۈن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۆز تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھازىر بىر ياشاش ¡±يولى¡°لازىم. بۇنى ئىنگلىزچىدە "a path to survival" دەپ ئاتايدۇ. مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى توغرىسىدىكى ۋاقىت جەدۋىلى مانا شۇ ياشاش يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. بۇ ¡±ياشاش يولى¡°نىڭ تولۇق مەزمۇنى نىمە؟ بۇ توغرىسىدا سىلەر ئۆزۈڭلار ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان قىسىملىرىدا، ئۆزۈم بېسىپ ئۆتكەن ¡±ياشاش يولى ¡° نى ئىمكان قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىشقا تىرىشتىم. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ ۋەھشى خارلانغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. مەن ئۇلار بىلەن خىزمەتداش ۋە دوست بولۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەندىم. ھازىرمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدارىسى بولغان ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى--JPL دە بىر ياپونلۇق ۋە يەھۇدىي بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتىمەن. بىزنىڭ بۆلۈمدە 15 ئەتراپىدا ئادەم بار بولۇپ، بىز 2006-يىلى، 2009-يىلى ۋە 2016-يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان 3 دانە ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ياپون، يەھۇدىي ۋە مەن بولۇپ مۇشۇ ئۈچىمىز، ھازىر پۈتۈن بۆلۈمنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ قىيىن ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمىز. قالغانلار بىزگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە بىزدىن ئەيمىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە، مەن ئۆزۈم خۇلاسىلەپ چىقارغان يەھۇدىيلارنىڭ¡±ياشاش يولى¡°نى ئېيتىپ بېرەي. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزنى بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن:

يەھۇدىيلار قايسى دۆلەتتە، قايسى مىللەتنىڭ ئارىسىدا ياشىسا، شۇ دۆلەت ياكى شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكراق پۇختا ئىگىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا ئىگىلەپلا قالماي، دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز ھېيت-بايراملىرىنى ئىشقا بارماي چوقۇم تەبرىكلەيدۇ -- باشقىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بوي سۇندۇرىدۇ؛ ئۆزلىرىنى-ئۆزلىرى قاتتىق ھۆرمەتلەيدۇ. باشقا مىللەتكە قىلچە خوشامەت قىلمايدۇ ھەمدە ھەر قانداق شارائىتتا ئۇلارنىڭ تەخسىسىنى كۆتۈرمەيدۇ. پۈتۈن ئىشتا بىر-بىرىنى شەرتسىز يۆلەيدۇ. ھەممە ئىشتا ئۆزلىرىگە ناھايىتى يۈقىرى تەلەپ قويۇپ، ھەممە ئىشنى ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە، ئەخلاق بويىچە، قائىدە بويىچە، تۈزۈم بويىچە، پىرىنسىپ بويىچە ۋە قانۇن بويىچە ياخشى قىلىدۇ. باشقا مىللەتتىن بولغان كىشىدىن بىرسى قائىدە بويىچە ياكى ئىلمىي ئۇسۇل بويىچە ئىش قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سەپدىشى ياكى باشلىقى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ؛ بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ئۆزى يېڭەلمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇ كىشىنى ئۆز ئىچىدە بولسىمۇ خىجىل قىلدۇرىدۇ. بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە باشقىلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ، ئىگىز تۇرىدۇ. خىزمەت ئورنىدا ئۆز خىزمىتىگە كېرەكلىك بولغان قورال-بۇيۇملارنىڭ (مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ) ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قىممىتىنى ئالغۇزىدۇ (قورال-بۇيۇملار ياخشى بولسا، قىلغان ئىشىڭىزنىڭ ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ). ئۆزى بىلەن يەنە بىر باشقا بىر مىللەتتىن بولغان كىشىنىڭ ئالدىدا 10 پۇرسەت بولسا، ئۇ 10 پۇرسەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئېلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ -- باشقىلارغا قىلچە رەھىم قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى باشقا نۇرغۇن مىللەتلەر ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەمما يەھۇدىينى يىقىتالمايدۇ¡ªيىقىتىدىغانغا ئامال تاپالمايدۇ.

جۇڭگو قانۇنلىرى ئىچىدە، ئۇيغۇرلار پايدىلانسا بولىدىغان قانداق قانۇنلار بار؟

ئۇلارنى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتى ئوقۇپ باققان؟

قانچە پىرسەنىت ئۇيغۇر بولمىش ھوقۇق ئىگىلىرى ئوقۇپ باققان؟

 ¡± بالا يىغلىمىسا، ئانا ئەمچەك سالمايدۇ. ¡°قانۇن بەرگەن ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قانۇننى بىلىش كېرەك.

ئەگەر بىر بالىڭىز بار بولۇپ، ئۇنىڭغا سىز ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار تېخىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلىمىسە، ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۆز-ئارا ياردەم قىلمىسا، بىر-بىرىنى ھىمايە قىلمىسا، باشقا مىللەتتىن ھېچ قانداق نەرسىنى ئۈمىد قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

خەنزۇ تىلىنىڭ خېتى كۆپ بولغان بىلەن، ئۇنىڭ گىراماتكىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۈچۈن ئۇنى ئۆگىنىش ئانچە قىيىن ئىش ئەمەس. شۇڭا مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەر بىر ئىرادىلىك ئۇيغۇر ياش ئۈچۈن ئېيىتقاندا، پۈتۈنلەي قىلغىلى بولىدىغان ئىش. ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ئاسان ئەمەس. ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا دېگەندەك پەنلەرگە قارىغاندا تەس. ۋاقىت جەھەتتىنمۇ كەم دېگەندە 2 يىل تەلەپ قىلىدۇ. خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئۆگىۋالسىڭىز، پۈتۈن جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى سىزگە ئېچىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگىۋالسىڭىز، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشىگى سىزگە ئېچىلىدۇ. ھىندىستاننى ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە بېسىۋېلىپ، ئۇلارغا ئىنگلىز تىلىنى مەجبۇرى ئۆگىتىپتىكەن، ھازىر پۈتۈن ھىندىستان دۆلىتى ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كەسپىي كىتاپلىرىدىن شۇ پېتىچە پايدىلىنالايدۇ. ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارسا، ئىنگلىز تىلىدىن ئىمتىھان تەلەپ قىلمايدۇ. يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن يۇمشاق دېتال قاتارلىق سانائەت شىركەتلىرى ئۆز شىركىتىنى ھىندىستانغا يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى. ھازىر ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھىندىستانلىقلارنىڭ سانى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئەڭ كۆپ. كومپيۇتېرنىڭ CPU سىنى چىقىرىدىغان ¡°Intel¡± دېگەن شىركەتنىڭ 30 پىرسەنت خىزمەتچىسى ھىندىستانلىق بولۇشى مۇمكىن.

بالىلارنىڭ بىر نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى بار. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، بالا 18 ياشقا كىرگىچە، يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە، بالىنى ئاتا-ئانىلار باقىدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىل كۆزىتىپ، بالىسى قايسى ئىشلاردا كۈچلۈك، قايسى ئىشلاردا ئاجىزلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ، بالىسىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. مېنىڭ قىزىم باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا، بىر قېتىملىق توغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىغا 15 تەك قىزنى چاقىردى. ئولتۇرۇش تۈگەپ، بالىلار تارقاپ بولغاندا، بىر قىزنىڭ ئاپىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ،مېنىڭ قىزىم بەك يۇۋاش. قارىسام سېنىڭ قىزىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ، تەشكىللەش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ مەن ھەر كۈنى قىزىمنى ئەپكېلىپ، دىلنارە بىلەن بىر سائەت ئوينىغىلى قويسام. بۇ جەرياندا سېنىڭ بالاڭغىمۇ مەن قاراپ بەرسەم ¡°، دەپ تەلەپ قىلدى. بىز ماقۇل بولدۇق. ئامېرىكىلىقلار ئوقۇش يېشىدىكى بالىسىنى ئۆزىدىن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 4 ھەپتىدىن ئارتۇق ئايرىمايدۇ. يازلىق كانىكول جەريانىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىنگلىزچە ¡°سۇممەر چامپ¡± دەپ ئاتىلىدىغان يازلىق دالا پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە بالىلار ئۆز شەھىرىدىن يىراقتىكى بىر گۈزەل مەنزىرىلىك يەرگە بېرىپ، تەلىم-تەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇددىتى بىر ھەپتىدىن 4 ھەپتىگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ چىقىمىنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى تۆلەيدۇ. بالىنى بۇ پائالىيەتكە ئەۋەتىشتىكى بىر شەرت شۇكى، ئەگەر بالا ئۆينى سېغىنىپ، ¡±ئۆيۈمگە كېتىمەن ¡° دېسە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆيىگە ئەكىلىپ قويىدۇ. بىر ئادەم نورمال ئەھۋالدا ئۆز ئۆمرىنىڭ پەقەت 18 يىلىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ 18 يىل ئىچىدە "بالا" بولۇپ ياشايدۇ. مېنىڭچە، مۇشۇ 18 يىل جەريانىدا ئىمكان قەدەر بالىنى بالىدەك ياشىغىلى قويغان ياخشى. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، بالا ھەممە جەھەتتىن نورمال چوڭ بولىدۇ. يەنە بىر ئىش، بىر كىشىنىڭ ئۆز مىللىتى، ئۆز يۇرتى، ئۆز ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئانا تىلى توغرىسىدىكى نۇرغۇن دۇنيا قارىشى مۇشۇ 18 يىل جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بالا ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىلا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلسا، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم بولغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇرۇق قېلىشى مۇمكىن.

نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلار مەندىن¡± ئىنگىلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئىنگىلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىچۇ؟ ¡° دەپ سورىدى. مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تور بېتىگە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم. بۇ سۆھبەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن ئۇنى بۇ يەرگىمۇ كىرگۈزۈپ قوياي.

سوئال: ئىنگىلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئىنگىلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىچۇ؟

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچ كىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىدا مۇستەھكەم ئىدىيىۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەببىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىگىنى 2 يىل ئىچىدە ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگىلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.

مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق: (1) ھەر كۈنى يېڭى خام سۆزدىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش.

(2)بىر خام سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش.

(3)تېكىستنى پۈتۈنلەي يادلىۋېلىش.

4) ) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش.

تۆۋەندە ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توھتىلىپ ئۆتەي؛

1)  ) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى خام سۆزنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. يېتەرلىك مىقتاردىكى چەت ئەل تىلى سۆزلۈكىنى يادلىۋېلىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم. يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ، ئىنگىلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆزلۈك ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆزلۈك بولۇپ جەمئىي 100 سۆزلۈكنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگىلىزچىسىنى يازدىم. بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىق تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزلۈكنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزلۈكنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.

2) )يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.

3) ) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبئي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تەكستى ۋە بىردىن "ئىختىيارىي ئوقۇش تېكستى" (Reading Text) بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۇنى ئەتىگەندە تېكىستنىڭ بىر قىسمىنى يادلاپ، ھەپتە ئاخىرىغىچە تېكىستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سۆزلۈكنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن. مەن ¡°Reading Text¡± نىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم.

4)  ) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگەلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.

مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىنىڭ بىرىدە، بىر داڭلىق ئادەمنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى تىلغا ئالغانىدىم: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھىسابلەيدىغانئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ ."  بۇ سۆزنى تىل ئۆگىنىشكە تەدبىقلىغاندا ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا يول ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگىلىزچە سۆزلۈك يادلىغان ئىدىم.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنىشى، ھەرگىز باشقا بىر مىللەت ئۆزلىگىدىن بېرىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى دۇنياغا بىر تايىنى بار مىللەت سۈپىتىدە تونۇتۇشتا، ھەر بىر ئۇيغۇر ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مۇشۇنداق رولنى ئۈنۈملۇك ئويناشنىڭ بىر شەرتى، ھەر بىر ئىرادىلىك ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇ تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككى تىلنى پۇختا بىلىش، ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ¡±ياشاش يولى ¡° نىڭمۇ بىر كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەرلىك يول كۆرسىتىشى ۋە ياردەم قىلىشى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يۇقۇرىقى تىل ئۆگىنىش نىشانىغا يېتىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

¡¡


باش بەتكە قايتىش

¡¡
¡¡ ¡¡
¡¡ ¡¡ ¡¡