1-بۆلۈم


سوئال: ھازىر جۇڭگو خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ بازار دەپ قارىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو «غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. سىزچە، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى جۇڭگو بازىرىنى ئېچىش، پۇت دەسسەپ تۇرۇشتا قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق يولدا ماڭغاندا بۇ جەھەتتە تېز ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ؟

بۇ سوئال مېنىڭ ئۆز كەسپىمدىن خېلى يىراق بىر كەسپىي دائىرىدە جاۋاب بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭغا مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ماتېرىياللار ۋە ئۆزۈم كۆزەتكەن ئەھۋاللار ئاساسىدا جاۋاب بېرىپ باقاي.
ئالدىنقى 20 يىلدىن ئۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، جۇڭگو ھەقىقەتەنمۇ بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويۇش يولىنى بويلاپ نۇرغۇن مۇھىم قەدەملەرنى باستى. بەزى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1) جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ھۇلى بولغان دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار بىر غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپ كۆتۈرۈلمەكتە.
2) بازار مەھسۇلات مەنبەسى بىلەن بازار ئېھتىياجى ئاساسىدىكى باھا مېخانىزمى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلدى. پىلانلىق ئىقتىساد دەۋرىدە باھا پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. ھازىر بولسا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسى سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ سودىسى ئارقىلىق بەلگىلەنمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ھۆكۈمەت قاتتىق مونوپول قىلىۋالغان خەۋەرلىشىش، پوچتا ۋە ئېلېكتىر قاتارلىق سانائەت دائىرىسىدىمۇ ۋۇجۇتقا كەلمەكتە.
3) كاپىتال بازىرى ئىجتىمائى بايلىقلارنى تەقسىم قىلىش ساھەسىدە بارغانسېرى كۈچلۈك رول ئوينىماقتا.
4) ئۇزۇندىن بۇيان ھۆكۈمەت مونوپول قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم سانائەتلەر ھازىر ئەركىن قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى. بۇ سانائەتلەر نېفىت خىمىيە بۇيۇملىرى، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش، تۆمۈر يول قاتنىشى ۋە يولۇچىلار ھاۋا قاتنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سانائەتلەرنى ئەركىن قويۇپ بەرگەندە، ئۇلار مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەل كاپىتالىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
يەنە بەزى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو تېخى بازار ئىقتىسادى ئۆلچەم سىزىقىدىن ئۆتەلمىدى. جۇڭگو ھازىرغا قەدەر بازار ئىقتىسادى بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ بوسۇغىدىن تېخى ئۆتەلمىدى. بازار ئىقتىسادىنىڭ ھەر خىل تەركىبىي قىسىملىرى بار. ئاشۇ تەركىبىي قىسىملار بويىچە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بازارلىشىش دەرىجىسىگە قارىغاندا، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازار ئىقتىسادى يولى بويىچە مېڭىۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما، قالغان ئىقتىسادىي تەركىبلەر تېخى بازار ئىقتىسادىغا قەدەم قويمىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك:
(1) جۇڭگودىكى ھەر خىل ئىگىلىكلەرنىڭ كاپىتال بىلەن تەمىن ئېتىلىشى ھازىرمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلمىغان. ھازىرقى جۇڭگودىكى كاپىتال ئىگىلىرى قىمارخانىلارنىڭ ئىگىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ستراتېگىيىسى پەقەت «دەتتىكام» دەپ تەلەي سىناشتىن ئىبارەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلاردا مەبلەغنى ھەر ساھەلەرگە تەڭشەپ سېلىش، كاپىتالنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارى يەنىلا ئىنتايىن كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئىگىلىكلەرنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى نامى ۋە رېكوردىسى ناچار بولغاچقا (بۇ ئىنگلىزچىدە "financial credit" دەپ ئاتىلىدۇ؛ مەن بۇ سۆزگە تېخىچە ئۇيغۇرچە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم)، بانكىلارمۇ ئۇلارغا قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن قورقۇۋاتىدۇ.
مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا خۇسۇسىي vc كاپىتالىستلار بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئىگىلىكلەرگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلىپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا شەخسىيلەر قۇرغان شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان يەنە مۇنداق ئىككى ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئورگانلار بار. ئۇنىڭ بىرسى «مەبلەغ سېلىش بانكىسى» (ئىنگلىزچە "Investment Bank" دەپ ئاتىلىدۇ). يەنە بىرى ئوتتۇرا ۋە چوڭ دەرىجىلىك شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر تارمىقى تەرىقىسىدە تەسىس قىلغان شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش بۆلۈمى. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان، كومپيۇتېرنىڭ cpu سىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان «intel» دېگەن شىركەتنىڭ «intel كاپىتال» دېگەن بىر تارمىقى بار. ياپونىيەنىڭ «Hitachi» دېگەن شىركىتىنىڭمۇ «Hitachi كاپىتال» دېگەن بىر تارمىقى بار. بۇ 2 ئىككى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمۇ خۇددى خۇسۇسىي كاپىتالىستلارغا ئوخشاش يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان، ناھايىتى ياخشى مېڭىۋاتقان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان باشقا شىركەتلەرگىمۇ مەبلەغ سالىدۇ. شۇنداقلا، بۇ يەردىكى ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش تارماقلىرىنىڭ يەنە بىر خىزمىتى، مەھسۇلاتلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بۇيۇملارغا كېرەكلىك بولغان ھەر خىل كۆلەمدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يۆلەشتىن ئىبارەت. ئۇلار ھەرگىز كىچىك شىركەتلەرگە پۇلنى بىكارغا بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەبلەغ سالغان پۇلىدىن بانكا ئۆسۈمىگە قارىغاندا يۇقىرىراق دەرىجىدىكى ئۆسۈمنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ئىگىلىكلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان باشقا شىركەتلەرنىمۇ يۆلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكىدا شەخسىيلەر قۇرغان شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان خۇسۇسىي ئىقتىسادىي ئورگانلاردىن يۇقىرقى 3 خىلى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ چىقارغان مەھسۇلاتى دەرھال ئىقتىسادىي پايدا بەرمەيدىغان، ئەمما يېڭى تېخنىكىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسىگە پايدىلىق بولغان شىركەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدىكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مەبلەغلەرنىڭ تەقسىم قىلىنىشى مەبلەغ تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتى ھەمدە پۇل بەرگۈچى بىلەن پۇل ئالغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا سودىلىشىپ كېلىشىشى ئاساسىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق رىقابەتتە ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەممە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن قاتتىق قانۇن ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدۇ.
2003-يىلى دېكابىردا، مەن jpl گە ئىشقا چۈشۈشكە بىر قانچە ھەپتە قالغاندا، ھېلىقى ئۆزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىشى بىرلىشىپ قۇرغان Telelase دېگەن شىركەتنىڭ رەئىسى مېنى چاقىرتىپ، شىركەت تەييارلىماقچى بولغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پۇل تەلەپ قىلىدىغان بىر «مەبلەغ لايىھەسى» (ئىنگلىزچە "Fund Proposal" دەپ ئاتىلىدۇ) تەييارلاشقا ياردەملىشىشىمنى ئىلتىماس قىلدى. مەن ماقۇل بولۇپ، جەمئى 2 ھەپتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىدە شۇ ئىشنى ئىشلىدىم. ئەسلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر يېڭى ھەربىي قوماندان سىستېمىسى ئىشلەپ چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى توغرىسىدا يېڭى لايىھە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، لايىھەسى تاللانغان شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانىكەن. بۇنداق خەۋەرلىشىش تورىنى ئىشلەتكەندە، ھەربىي قوماندانلار ئۆزئارا سۆزلىشىپلا قالماي، دىئامېتىرى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى قوماندانلىق مەركىزىدىكى كىشىلەر چوڭ تىپلىق تېلېۋىزور ئىكرانىدا ئەينەن كۆرۈپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭغا كېتىدىغان خەۋەرلىشىش سۈرئىتى بىر سېكۇنتىغا 10 مىليارت بىت (10 Gbps) بولۇپ، چوقۇم لازېر نۇرى ئىشلەتمىسە بولمايدۇ. بىراق، نۇر بۇلۇتتىن ئۆتەلمىگەچكە، بۇنداق سىستېمىنىڭ بۇلۇتلۇق كۈنلەردىمۇ ئىشلىيەلىشى ئۈچۈن، لازېر نۇرى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان ئايروپىلاندىن بىر قانچىسى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسماندا داۋاملىق تۇرۇپ، بىر يەر بىلەن خەۋەرلىشىش تورىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاسماننىڭ بىر يېرىگە بۇلۇت كېلىپ قالسا، بۇ ئايروپىلانلار بۇلۇتسىز ئورۇنغا يۆتكىلىپ، خەۋەرلىشىش نۇر سىگنالىنى بۇلۇتقا يولۇقتۇرماي بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ماڭدۇرۇپ بېرەلەيدۇ. كېيىن ئۇقسام، بىز ئىلتىماس قىلغان بىر تەتقىقات تۈرىگە جەمئى 20-30 شىركەتلەر ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە لازېر نۇرى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ساھەسىدە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغىلى كۆپ يىل بولغان شىركەتلەرمۇ كۆپ بولغاچقا، بىزنىڭ لايىھىمىز تاللانماي قاپتۇ. مەن بۇ ئىشتا ئۈمىد چوڭ ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا مۆلچەرلىگەن ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، «قىلىپ سىناپ باقمىسا، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئېھتىماللىقى نول بولىدۇ» دېگەن پرىنسىپقا ئاساسەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇ لايىھىنى تەييارلاپ يوللاپ، سىناپ باقتىم.
(2) جۇڭگودا تېخىچە بىر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرى يوق. ئوخشىمىغان ئۆلكىلەر ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرى توسالغۇلار ھازىرمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەركىن ئېقىشىنى توسۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائى پاراۋانلىق تورى ئىنتايىن تار ۋە ئاجىز بولۇپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ كۆپ قىسمى بۇنداق ئىجتىمائى پاراۋانلىقتىن مەھرۇم. بۇ ئەھۋال جۇڭگو ئەمگەك كۈچىنىڭ مەھسۇلات چىقىرىش ئۈنۈمىگە زور دەرىجىدە دەخلى قىلىۋاتىدۇ.
مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، بىر شىركەت ئۆزىگە بىرەر يېڭى خىزمەتچى ئالماقچى بولسا، بۇ خىزمەتچىنىڭ ئىش تەقسىماتى بىلەن ئۇنىڭ چىقىمىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ھېساپلايدىغانلىقىنى، بۇ چىقىم بۇ يېڭى خادىمنىڭ سالامەتلىك "سۇغۇرتا" سىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر شىركەتنىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي چىقىمى ئۇ كىشىگە بېرىلىدىغان مائاشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى (يەنى 1/3) گە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزگەن قانۇنلىرى ئارقىلىق تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئامېرىدىكى بىر ئادەم دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن خىزمەت تېپىپ، شۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارلىغىچە كۆچۈپ كېتەلەيدۇ. شىركەتلەرمۇ ئۆز خادىملىرىنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىگە مەسئۇل ئەمەس بولۇپ، ئۆينى ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر يەردە تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرى ھەر يەر ھەر يەرلەردە بولىدۇ. ئامېرىكىدا قوشنىلار بىر-بىرىنى تونۇماسلىقىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى مۇشۇدۇر. ئامېرىكىدا كىشىلەر ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشنىڭ بىرى ئۆي كۆچۈش. نەدە خىزمەت تېپىلسا، شۇ يەرگە كۆچىدىغان گەپ. شۇڭا سىز بىر ئائىلىلىكلەر رايونىغا كىرىپ، بىر ئاز ئايلانسىڭىز، «ئۆينى ساتىمەن» دېگەن خەت يېزىلغان تاختايلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىسىز. ماڭا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغانلار بىر يېڭى خىزمەتكە ئېرىشىپ، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچمەكچى بولسا، كۆچۈش خىراجىتىنى خىزمەتكە ئالغان شىركەت پۈتۈنلەي كۆتۈرىدۇ. ئامېرىكىدا مەخسۇس ئۆي كۆچۈپ بېرىدىغان شىركەتلەرمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنى «ئۆي كۆچۈرۈش شىركىتى» (ئىنگلىزچىدە "Moving Company") دەپ ئاتايدۇ. ئۆي كۆچۈش ماشىنىلىرىمۇ 18 چاقلىق، 20 توننىلىق ماشىنىلار بولۇپ، 4 ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۆيىنى بىر ماشىنا بىر قېتىمدىلا كۆچۈرۈپ كېتەلەيدۇ. بۇ ئۆي كۆچۈش شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ساندۇققا ئۆزلىرى قاچىلاپ، رەختىن تىكىلگەن يۇمشاق ئەدىياللارغا ئوراپ، ماشىنىغا بېسىپ، يېڭى ئورۇنغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ، يېڭى ئۆيگە ئەكىرىپ، يېڭى ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىز دېگەن يەرگە قويۇپ، بىكار بولغان كارتۇشكا ساندۇقلارنى ۋە نەرسە ئوراشقا ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنى ئېچىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىر خىزمەتچى ئۈچۈن، ئۆي كۆچۈشمۇ ئىنتايىن ئاسان ئىش. مەن CVI لازېر شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، شىركىتىم ئۆيۈمنى كالىفورنىيەنىڭ «Davis» دېگەن شەھىرىدىن «San Ramon» دېگەن شەھىرىگە كۆچۈرۈپ بەردى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى 104 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەن جپل غا ئىشقا كىرگەندە، ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن شىمالىي كالىفورنىيەدىن جەنۇبىي كالىفورنىيەگە ئۆي ئىزدەپ 2 قېتىم كەلدىم. چىقىمنى شىركەت كۆتەردى. ئىشقا چۈشۈپ دەسلەپكى 45 كۈن ئىچىدە بىر مېھمانخانىدا تۇردۇم. بۇ چىقىمنىمۇ شىركەت كۆتەردى. ئۆينى كۆچۈرۈش چىقىمىنۇ شىركەت كۆتەردى. بۇ ئىشلار ئامېرىكىدىكى شىركەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچۈشى بىر ئادەتتىكىلا ئىش.
مۇشۇنداق بىر سىستېما بولغاچقا، ئامېرىكىلىقلار تاكى ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان بىر خىزمەتنى تاپقىچە توختىماي يېڭى خىزمەت ئىزدەپ، شىركەت ئالماشتۇرىدۇ. شىركەتلەرمۇ ئۆزلىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتچى خادىمىنى تاپقىچە توختىماي ياخشى ئىشلىمىگەن ياكى ئىشلىيەلمىگەنلەرنى ئىشتىن بوشىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى خىزمەتچى ئالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر توختىماي بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئېقىپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شىركەتتە ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشايدۇ. شۇنداق بولغاچقا خىزمەت قىلىش كۆپىنچە ئادەملەر ئۈچۈن بىر ھوزۇر قىلىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ.
(3) جۇڭگودا ئەقلىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان قانۇن-پەرمانلار بولمىغاچقا، ياكى بولسىمۇ يېڭىدىن تۈزۈلگەن، يولىدا ئىجرا قىلىنمىغان بولغاچقا، تېخنىكا يېڭىلىلىقلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ھېچ قانداق ماددىي ياردەمگە ئېرىشمەيۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق سۇ سېپىۋاتىدۇ. جۇڭگودا چەت ئەللەرنىڭ ئەقلىي مۈلكىنىمۇ قوغدىماسلىق ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر خەلقئارالىق مەسىلە سۈپىدە قارىلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، جۇڭگو پەقەت خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى بازارلاشتۇرۇش جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ستراتېگىيەلىك ھالدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يەنىلا ئىنتايىن كۆپ. جۇڭگودا بازار ئىقتىسادىنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشىغا بەزى ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدىيەت جەھەتتىكى ئامىللارمۇ سەۋەبچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بازار ئىقتىسادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شەكىل قوغلاشقان بىلەنلا بولمايدۇ. مۇھىمى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. تۈپ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بازار ئىقتىسادى دېگەنلىك خۇسۇسىي مال-مۈلۈك بىلەن ئادەمگە ھۆرمەت قىلىشنى، شەخسىلەرنىڭ تولۇق ئەركىنلىككە ۋە ئۆز ئىشىنى ئۆزى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارسىز ھەقىقىي بازار ئىقتىسادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىمال مۇمكىن ئەمەستۇر. ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان بىر ئادەم مەلۇم دەرىجىدە تۆمۈر قەپەزغە سولاپ قويۇلغان بىر قۇشقا ئوخشايدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئازابلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرى. ئامېرىكىنىڭ بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ۋە ئەڭ تالانتلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىشى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھازىرلاپ بەرگەن چەكسىز پۇرسەتلەردۇر. شۇنداقلا بۇ پۇرسەتلەردىن ھەممە ئادەملەرنىڭ باراۋەر پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن-تۈزۈملەردۇر. ئامېرىكىدا بىر قانچە يىل ياشاپ باققان كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ دۆلەتكە يىغىلغانلىقىنى ئاسانلا كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئامېرىكا ئافغانىستاننى تالىبانلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئافغانلىقلار ۋەتىنىگە قايتىپ، ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىنى ئالدى. دۆلەتنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى بولغان بىر كىشى ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئاشۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋاقتىدا شىمالىي كالىفورنىيەدىكى بىر ئافغانلىقلار رېستۇرانىغا مۇئاۋىن باشلىق بولغان ئىكەن. ئامېرىكىدا ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇ كىشىگە ئاران شۇ خىزمەت تەگكەنىدى. بۇنداق ئەھۋال ئامېرىكىدا ئىنتايىن كۆپ.

erkin1a



ئەركىن سىدىق ئەپەندى 24-مايدىن 31-مايغىچە ئامېرىكا فلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھرىدە ئوتكۇزۇلگەن خەلقارا ئوپتىكا ئىنجىنىرلىرى جەمىيىتى 2006-يىللىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا. رەسىمدە كورسىتىلگىنى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئوزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى. بۇ رەسىم 2006-يىلى 26-ماي كۇنى تارتىلغان.


1b



ئەركىن سىدىق ئەپەندى "James Webb" ئالەم تېلېسكوپى مودېلىنىڭ ئالدىدا. بۇ مودېل يوقۇرقى خەلقارالىق يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ كورىشى ئۇچۇن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان تېلېسكوپ 2013-يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ ئالەم بوشلىغىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ھازىر پۇتۇن كائىناتنى تەكشۇرۇشكە ئىشلىتىلىۋاتقان "Hubble" ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئۇ چاغدا "Hubble" تېلېسكوپى ئىشلىتىلىشتىن توختايدۇ. رەسىمدىكى تېلېسكوپ مودېلىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى ۋە قۇرۇلمىسى ھازىر ياسىلىۋاتقان ھەقىقىي تېلېسكوپ بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ رەسىممۇ 2006-يىلى 26-ماي كۇنى تارتىلغان.



باش بەتكە قايتىش