10-بۆلۇم

سوئال: مىللىتىمىز ئارىسىدا «پېشقەدەملەر» ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش، ياشلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ئاكتىپ، توغرا باھا بەرمەسلىك مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. دېمەكچى، بىزنىڭ پىشىۋالىرىمىزدا بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ياشلىرىمىزغا «كەڭ قورساق بولماسلىق» مەۋجۇت، چەت ئەللەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىشلىرى قانداق؟


مېنىڭچە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار دۆلەتلەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مىللەتلەرگە قاراپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش دۆلەت، ئوخشاش رايون ۋە ئوخشاش مىللەتتىمۇ كىشىلەر تەبىقىسىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونى، شاڭخەي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئوخشىمىغان رايون ۋە دۆلەتلەردە ياشاپ باقتىم. دېھقان، ئىشچى، رېمونتچى، ئوقۇغۇچى، بىلىم ئاشۇرغۇچى، تەتقىقاتچى، ئوقۇتقۇچى، ئالىي دەرىجىلىك ئىنجىنېر ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەم شىركەت ئىچىدىكى باشلىقمۇ بولۇپ باقتىم. مۇشۇ جەرياندا بىر-بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى ۋە ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. مېنىڭچە يۇقىرىقى سوئالغا ئۆزۈمنىڭ ياپون ۋە ئامېرىكىدا كۆزەتكەنلىرىم ئاساسىدا جاۋاب بەرگىنىم ياخشى. بۇ 2 دۆلەتتە مەن بىر قەدەر يۇقىرى تەبىقىدىكى ئادەملەر بىلەن كۆپرەك ئارىلاشتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىن كەلگەن ئادەملەر بار. شۇڭا مەن شۇلار بىلەن ئارلىشىش جەريانىدىكى كۆزەتكەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ باقاي.

مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم، بىر مىللەتنىڭ مەرت بولۇش-بولماسلىقى، كورسىقىنىڭ كەڭ-تار بولۇشى، ئاقكۆڭۈل ياكى قارا نىيەت بولۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەر بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىقلار شۇ مىللەت ياشىغان دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى تارىخى ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

مەن ياپونىيەگە يېڭى بارغاندا، ئۆزۈمنىڭ تەتقىقاتتىكى ئۇستازىمنىڭ ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم. ئۇ كىشى ماڭا ئۆزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتىنى ۋە تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قۇچاق كىتاب-ژورناللارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مېنىڭ خىزمەت ئۈستىلىمگە پالاق-پۇلۇق تۆكۈپ قويدى. ئاندىن "مۇشۇلارنى ئوقۇساڭ، بىزنىڭ تەجرىبە ئۈسكۈنلىرىمىزنى ۋە مېنىڭ تەتقىقاتىمنى تەلتۆكۈس چۈشىنەلەيسەن"، دېدى. مەندەك دۇنيانىڭ بىر قالاق يېرىدىن كەلگەن، ئۆمرىدە بىرەر قېتىم يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ مۇئامىلە ئىنتايىن نامۇۋاپىق تۇيۇلدى. ھەتتا كۆڭلۈم بىر ئاز زەربىمۇ يېدى. شۇ چاغدا "ياپونلۇقلار ئىنتايىن رەھىمسىز مىللەت ئىكەن"، دەپ ئويلىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل، ئەڭ رەھىمدىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا ياشايدىغان ھاسۇمى ماسايو ئىسىملىك بىر مەرىپەتچى، ساخاۋەتچى كىشى بار. بۇ كىشى پۇلى خېلى كۆپ بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيەگە ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر رايونىغىمۇ خېلى كۆپ پۇل ئىئانە قىلىپتۇ. بىلىۋال تور بېتىدە ئۇ كىشىنى تونۇشتۇرغان بىر يازما بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى: http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_article_1023.html. ئۇ كىشى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا، باشقىلاردىن شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە سۇ ئىنتايىن قىس بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۈرۈمچىدە تۇرغان 4-5 كۈن جەريانىدا، سۇنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن بىر قېتىممۇ مۇنچىغا چۇشمەپتۇ. ماسايو ئەپەندىدەك بىر نەچچە مىليون، ياكى نەچچە ئون مىليون دوللار پۇلى بار كىشىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ.

مەن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇيغۇر تارىخىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىر قانچە ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇلار بىلەن يېقىن ئۆتتۈم. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى غېرىبسىنىپ قالغان ياكى زېرىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، يېرىم كۈن پاراڭلىشىپ، تاماق يەپ قايتىپ كېلەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىن خېلى يىراق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن پويىز يول كىراسىغا 10-15 دوللار پۇل كېتەتتى. ئەگەر ئۇلار مېنى چاقىرغان بولسا، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ چىقىدىغاندا، ئۇلار بىر لىپاپىنىڭ ئىچىگە 2 مىڭ يېن ياپون پۇلىنى سېلىپ، ئۇنى ماڭا يول كىراسىغا ئىشلىتىشكە بېرەتتى. مەن ئۇنى ئالمىسام ئۇلار ھەرگىز ئۇنىمايتتى. (بۇ يەردىكى "يېن" دېگەن ياپون پۇلىنىڭ بىرلىكى بولۇپ، بىر مىڭ يەن ھازىر تەخمىنەن 8.5 دوللارغا توغرا كېلىدۇ). ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىزگە شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بەرگەن تۇرمۇش خىراجەت پۇلى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ يۇقىرىقىدەك قىلاتتى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەن ياپونلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. كەسىپ ۋە تەتقىقات جەھەتتىمۇ، مېنىڭ ئۇستازىم ئۆزى يىغقان تەتقىقات ماتېرىيالىنى ۋە ئۆز بىلىمىنى مەندىن زادىلا ئايىمىدى. مەن گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەتقىقات جەھەتتە مەكتەپ بويىچە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن بولساممۇ، مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ باشقا پروفېسسورلارغىچە، شۇنداقلا مەن بىلەن بىر تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدىغان ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلارغىچە ھەممىسى ماڭا قىلچىمۇ ھەسەتخورلۇق قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە مەن باشقا پروفېسسورلار بىلەن مەكتەپ ياكى بىنالارنىڭ ئىچىدە ئۇچرىشىپ قالسام ماڭا چوڭقۇر تازىم قىلىپ، مېنى ناھايىتى ھۆرمەتلىدى.

كېيىن چۈشەنسەم، ئۇستازىمنىڭ ماڭا بىر قۇچاق كىتابنى تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىمنى تەلەپ قىلىشى ياپونىيەدىكى بىر ئورتاق ئەھۋال بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلاردا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تۇتقان يولى ئىكەن. ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بىلەن ئۇنىڭ بىر قانچە ئاسپرانىتلىرى بىر تەتقىقات مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي، ئۇنى مەن ھەل قىلغاندا، ئۇلار ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىشنىڭ ئەكسىچە مېنى ئۆز مەكتىپىدىكى ھەپتىلىك تەتقىقات مۇزاكىرە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇردى. مېنىڭ يول كىرايىمنىمۇ شۇلار ئۆزى چىقىرىپ بەردى. مەن تەقسىم قىلىنغان ئالىي مەكتەپتە ماگىستېرلىق ياكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى يوق بولغاچقا، مەن ئۆز مەكتىپىمدىن ياپونىيە بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنداق ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ مەكتىپىمدىكىلەر "بىزنى ياراتماپتۇ" دەپ ماڭا قورسىقى كۆپۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە بېرىپ، بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ كەلدى. ھەمدە شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر ئۆمىكى بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەندە، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئۇلارغا باش ئېگىپ تازىم قىلىپ تۇرۇپ، مېنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشىمغا ماقۇل بولۇشىنى يالۋۇرۇپ تۇرۇپ تەلەپ قىلدى. (لېكىن، مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، شۇ قېتىم مېنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشىم شىنجاڭدىكىلەرنىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن يەنىلا ھەل بولمىدى.)

ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلار ياپونلۇقلارغا قارىغاندا ناھايىتى جىق خۇشخۇي كېلىدۇ. نەگىلا قارىسا، قاچانلا قارىسا ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ يۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يۈزىدە غەم-ئەندىشە دېگەندىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەكتەپ ۋە شىركەتنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىنىڭ قانچىلىك جىددى مەسىلە ئىكەنلىگىدىن قەتئىينەزەر، يىغىن باشقۇرغۇچى ۋە يىغىندىكى سۆزلىگۇچىلەر ئىمكانقەدەر يۇمۇرلۇق گەپلەرنى كۆپ ئىشلىتىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى كۈلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. 2002-يىلى مەن خىزمەت ئالمىشىش قارارىغا كېلىپ، بىر تۈرك قۇرغان، ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرىنى ياساپ چىقارماقچى بولغان بىر شىركەت بىلەن ئالاقىلەشتىم. ئۇلار چىقارغان خىزمەت ئېلانىدا ئالماقچى بولغان ئادەمگە بولغان تەلەپلىرىنى تىزىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا "ئادەمنىڭ تاسما بەلۋىغىنى ئۈزۈۋېتىدىغان دەرىجىدە باشقىلارنى كۈلدۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك"، دېگەن بىر ماددىنى قوشۇپ قويۇپتۇ. مەندە كىشىلەرنى ئۇ دەرىجىدە كۈلدۇرەلەيدىغان يۇمۇرلۇق ئىقتىدار يوق. شۇنداق بولسىمۇ مېنى ئۇ شىركەت خىزمەتكە ئالغانىدى. لېكىن، ئەڭ ئاخىرى مەن ئۇنىڭغا بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بارمىدىم (مەن بۇ شىركەتنى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا تىلغا ئالغانىدىم. شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن).

ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق خۇشخۇي بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ھالىتى بەلگىلىگەن. يەنى ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن يوقسىزلىقنىڭ، تۇرمۇش قاتتىقچىلىغىنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان ئادەملەر ئەمەس. ئۇلار ئۈچۈن باياشاتلىق تۇرمۇش ئاساسەن كاپالەتكە ئىگە. ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، بانكىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك پۇلىغا قەرز بولۇپ قالسىمۇ، يەنە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يوللىرى بار. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر قىيىنچىققا دۇچ كېلىپ، بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، ئۇنى بىر قانچە يىل تۆلىيەلمىسە، مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا خۇسۇسىي كرىزىس (ئىنگلىزچە "personal bankrupcy") ئېلان قىلسا، بانكا ئۇنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بۇنداق ئادەم كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بانكىدىن قايتا قەرز پۇل ئالالمايدۇ. بانكىلار ئۇلارغا كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە كرېدىت كارتىسىمۇ بەرمەيدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشلارمۇ پۈتۈنلەي بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان بۇنداق قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى ھۆكۈمەت مەخسۇس بەرپا قىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا بۇ قەرز پۇلىنى قايتۇرماي، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تەدرىجى تۆلەپ بولسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق يول بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسى بار ھەر بىر ياشقا ئوقۇش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىلگەن.

2006-يىلى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى ساق 300 مىليونغا يەتتى (مەن بۇ خەۋەرنى لوس ئانژېلىس دەۋىر گەزىتىدىن كۆردۈم). لېكىن ئۇنىڭ يەر زېمىنى ۋە بايلىقى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ. شۇنداقلا يېقىنقى بىرەر يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ئۇلار تۇرمۇش ئازابىنى، يوقسىزلىقنىڭ ئازابىنى ئاساسەن تارتىپ باقمىغان. ئېھتىمال مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن كەڭ قورساق كېلىدۇ. مەن بىر قېتىم بىر يېمەكلىكلەر دۇكىنىدا نەرسە ئېلىپ، پۇل تۆلەيدىغاندا ئالغان نەرسىلىرىمگە 10 دوللار 3 سېنت كەلدى (بىر ئامېرىكا دوللىرى 100 سېنت بولۇپ، ئۇنى ئىنگلىزچە "cent" دەپ يازىدۇ). مەن مال ساتقۇچىغا 20 دوللار بەرسەم، ئۇ مەندىن "سەندە 3 سېنت بارمۇ؟" دەپ سورىدى. مەن "ياق، مەندە يوق"، دەپ جاۋاب بەرسەم، مال ساتقۇچى ئۆز يانچۇقىدىن 3 سېنت ئېلىپ، مېنىڭ پۇلۇمغا قوشۇپ تۆلەپ، ماڭا 10 دوللار قايتۇرۇپ بەردى. مەن بۇ ئىشتىن خېلى تەسىرلەندىم. مېنىڭچە جۇڭگودا بۇنداق ئىشنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىدا بولسا بۇنداق ئىشنى نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. ئادەم شەخسىي ئۆيلەر جايلاشقان رايونلاردا يول يۈرسە، بەزىدە كىشىلەر ئۆز ئۆيىدىكى سافالاردىن بىرەرنى ياكى باشقا ئائىلە جابدۇقلىرىنى يول بويىغا ئېپچىقىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە "بۇنى بىكارغا ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ" (ئىنگلىزچە "Free to take") دەپ يېزىپ قويغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنى، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىغا تاشلاۋەتمەي، بۇنى كېرەك قىلىدىغانلار ئىشلىتىۋالسۇن، دەپ يولنىڭ بويىغا قويۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئادەمگەرچىلىكى ئىلىم-پەن ۋە ھەر خىل كەسپ ساھەلىرىدۇ تولۇق ئەكس ئەتكەن. مەن قولىدا ئىشلەپ باققان ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىم مېنىڭ ئىلىم-پەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچ قانداق نەرسىسىنى مەندىن ئاياپ باقمىدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ماڭا ياردەم قىلدى. مەن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا سوئال سوراپ كىرسەم، ئۇلار سوئالىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ، ئاندىن ئۆزى ئاشۇ ساھەدە يىغقان بارلىق ئىلمىي ماقالە توپلانمىسىنى ياكى ئىلىم-پەن كىتابلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇلار ئۆزلىرى كوپىي قىلىۋېلىپ يىغقان ئىلمىي ماقالە توپلىمىنى "بۇلارنى ئۆزۈڭگە كوپىي قىلىۋېلىپ، ئاندىن ماڭا قايتۇرۇپ بەر. ياكى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ"، دەيتتى. كىتابلارنى بولسا "ئىشلىتپ بولۇپ ئاندىن قايتۇرۇپ بەر"، دەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىلمىي ماقالە جۇرناللىرىدا ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇلار مېنىڭ تۆھپەمگە ئاساسەن، قىلچە ئىككىلەنمەي مېنى 1-ئاپتور قىلدى (تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تەتقىقاتنى ئاساسلىق كىشى بولۇپ ئېلىپ بارغان كىشى تەبىئى ھالدا 1-ئاپتور بولىدۇ). مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ 1-قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ ئۇستازلىرىمدا مېنى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن مەندەك ئوقۇغۇچىنىڭ چىققىنىدىن پەخىرلىنىپ، پۇرسەتلا بولسا مېنى ماختاپ يۈردى.

مەن ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسى، JPL ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە ئىشلىگەندە، مۇنداق 2 خىل ئادەملەر بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتىدە بولدۇم. بىرى مېنىڭ باشلىقىم. شىركەتتىكى بۇنداق باشلىقلارنى ئىنگلىزچىدە "manager" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى "باشقۇرغۇچى" دېگەندىن ئىبارەت. JPL دەك ئورۇنلاردا بولسا "supervisor" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى "نازارەتچى" دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. يەنى بۇ ئورۇندا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىملىرى بولغاچقا، ئۇلارغا "باشقۇرغۇچى" ئەمەس، پەقەت "نازارەتچى" لەرلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بىزنىڭ باشلىقىمىز بىزگە يېقىنقى بىر مەزگىلدە قىلىدىغان ئىشىمىزنى تاپشۇرۇپلا قويۇپ، بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىشىمىز بىلەن ھېچ قانداق كارى بولمايدۇ. ئۇ ئىشلارنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قىلىش پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىق. بىز زۆرۈر تېپىلغاندا باشلىقىمىزغا دوكلات قىلىپ قويساقلا بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە باشلىقىمنى بىرەر قېتىممۇ كۆرمەيدىغان، بەزىدە ئۇنى ئىزدەپمۇ بىرەر قېتىم تاپالمايدىغان ۋاقىتلىرىم ئىنتايىن كۆپ. يۇقىرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا باشلىقلارنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ مۇئامىلىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى. شۇڭا بۇ يەردە ئۇ ئىشلارنى تەپسىلى تەسۋىرلىمەيمەن.

شىركەتتىكى باشلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، بىر شىركەتنى شىركەت قىلىدىغان ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مېنىڭ شىركەتتىكى باشلىقلىرىم ئۆزلىرىنى مەندىن ئۈستۈن قويۇۋالماي، ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، ئۆزلىرىنى مېنىڭ خىزمەتچىم (بۇنى ئىنگلىزچە "servant" دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىكى بالا باققۇچىلار مانا ئاشۇنداق "servant" قا كىرىدۇ) دەك ئورۇندا تۇتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مېنىڭ ئىشىمنىڭ ئوڭايراق بولۇشى، ئۈنۈملۈكرەك بولۇشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئەمەس، ئۇلار مېنىڭ كۆزۈمگە قارىدى.

مەن بىرگە ئىشلىگەن 2-خىلدىكى كىشىلەر مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم. مېنىڭ بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم يۇقىرىقىدىن سەل مۇرەككەپرەك بولدى. ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى دوستانە رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى ئىنتايىن قاتتىق تەكىتلەيدۇ. بۇنى ئىنگىزچىدە "team work" دەي ئاتايدۇ. خىزمەتكە ئادەم ئېلىش ئېلانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالماقچى بولغان كىشىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئەگەر بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئىچىدە باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان "ناچار" ئادەمدىن بىرى بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۆزى ياخشى ئىشلىمەيلا قالماستىن، پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا شىركەتلىرى يېڭى خىزمەتچى ئېلىشتا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، كاندىداتلار بىلەن "يۈز كۆرۈشۈش" پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ (بۇنى ئىنگلىزچە "job interview" دەپ ئاتايدۇ)، كاندىداتنىڭ كىشىلىك مىجەزىنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىقلاشقا ئىنتايىن تىرىشىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىچىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ خۇددى مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازىم ۋە باشلىقلىرىمغا ئوخشاش كەڭ قورساق، مەرت، ئاقكۆڭۈل ۋە ئىنسانپەرۋەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن ئۇلاردىن بىر نەرسە سورىسام، ئۇلار سەمىمىيلىك ۋە قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب ياكى ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش، ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئىنتايىن ئاسان ئىش. باشقا مىللەتلەر بولسا ئاق تەنلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەن تۇردى. بولۇپمۇ خەنزۇلار، پاكىستانلىقلار، ھىندىستانلىقلار ۋە فىلىپپىنلىقلار قاتارلىق ئاسىيالىقلار ھەمدە يەھۇدىيلار كۆپىنچە ھالدا ناھايىتى ئىچى تار، ھەممىنى باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان، باشقىلارغا ئانچە ياردەم بەرمەيدىغان كېلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى ھەتتا ئىچى زەھەر كېلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خىل ئەھۋالنى ئامېرىكىدىكى باشقا ئۇيغۇر ۋەتەنداشلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلىدىم. مەن تەدرىجى ھالدا بىرگە ئىشلەيدىغان خەنزۇ خىزمەتداشلاردىن بىر نەرسە سوراپ بارسام، ئۇنىڭدىن تولۇق ياكى توغرا جاۋاب ئالالمايدىغانلىقىمغا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ بارىدىغان بولۇپ قالدىم. بىزنىڭ ھازىرقى گۇرۇپپىدا جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلىقىدىن كەلگەن بىر خەنزۇ خادىم بار. بىز ئادەتتە ئۆزىمىز يازغان كومپيۇتېر پروگرامىلىرىنى ۋە باشقا مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ مۇلازىمېتىرىگە (ئىنگلىزچە "computer server") قويۇپ قويىمىز. ئۇنداق قىلىشتا 2 مەقسەت بار. بىرى، سەرۋەرلەردىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەر كۈنى مەخسۇس ساقلاپ (ئىنگلىزچە "backup") قويىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بىرەر سەۋەبتىن ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىدىن كاشىلا چىقىپ قالسىمۇ، بىز تەييارلىغان پروگرامما بىلەن ھۆججەتلەر يوقاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن. يەنە بىرى، بىر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ پروگرامما ۋە ھۆججەتلىرىدىن بىمالال پايدىلىنىش ئۈچۈن. يەنى، مەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سەرۋەردە ساقلىغان پروگرامما ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلەيمەن. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىغا كۆچۈرۈپ ئالالايمەن. لېكىن ئۇلارنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتەلمەيمەن (ئۆزۈم كۆچۈرۈۋالغان نۇسخىسىنى ئۆزگەرتسەم بولىۋېرىدۇ). بىر قېتىم مېنىڭ باشلىقىم ماڭا بىر ئىشنى تاپشۇرۇپ، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ھېلىقى خەنزۇ خادىم بۇ ئىشنى بۇرۇن ئازراق قىلىپ باققانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر مەن ئۇنىڭ يازغان پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باقسام، ئېھتىمال ماڭا پايدىسى بولۇپ قالىدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ سەرۋەردىكى ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كورسەم، ئۇنىڭ سەرۋەردىكى ھۆججەت ساقلاش ئورنى ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئۇ يەردىن ھېچنېمە تاپالمىدىم. يەنى، ئۇ ئۆزى تەييارلىغان نەرسىلەرنى سەرۋەرگە پەقەتلا قويماپتۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىن ئۇچراتماق تەس.

مېنىڭ بۇ يەردە بىر ئەسكەرتىپ قويۇشۇمغا تېگىشلىك ئەھۋال، مېنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆمرۈم ئاساسەن ئالىي مەكتەپلەردە، دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا ئىدارىسىدە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە ئۆتتى. بۇ ئورۇندىكى كىشىلەر جەمئىيەتتىكى مائارىپ سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يۇقىرى تەبىقىلەرگە كىرىدۇ. شۇڭا تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى مەن يۇقىرىدا ئېيتقان ئەھۋاللاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋاللارنىڭ ھىچ قايسىسى مۇتلەق ئەھۋال ئەمەس. بىر گۇرۇپپا بولۇپ توپلاشقان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە چوقۇم ياخشى ئادەملەر، ئوتتۇرا ھال ئادەملەر ۋە ناچار ئادەملەر بولىدۇ. بۇ ھەممە دۆلەت ۋە ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئورتاق بۇلۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەت بىلەن ئوخشىمىغان مىللەتلەردە ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنىڭ نىسبىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقى 3 خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بار. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق. باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ھەم شۇنداق.
مەن باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن تارتىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بارا-بارا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۆزۈم ئۈچۈن بىر خۇشاللىق، بىر خىل شەرەپلىك ۋە بىر خىل بەختلىك ئىشتەك تۇيۇلىدىغان بولدى. ئامېرىكىغا كېلىپ، ھەقىقىي تەتقىقاتچىلىق ئىشىمنى باشلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىكى تېخنىكاممۇ ئۆسۈپ ماڭدى. 1992-يىلىدىن باشلاپ، مەن ئۆزۈم ئېلىپ بارغان ھەر بىر تەتقىقاتتا، ئىشلەپ چىقارغان نەتىجىلەر ۋە پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "تەتقىقات دوكلادى" تەييارلىدىم. ئۇلارنىڭ كومپيۇتېردا تەييارلىغىلى بولىدىغان قىسمىنى كومپيۇتېردا تەييارلىدىم. ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىغان قىسمىنى قول بىلەن يازدىم. ئۇلارنى بېسىپ چىقىرىپ ياكى نۇسخىلاپ، يىل بويىچە ئايرىم-ئايرىم تۈپلەپ، 5-10cm قېلىنلىقتىكى كىتابتەك قىلىۋالدىم. مەن ئۇلاردىن ئىلمىي ماقالە يازىدىغاندا پايدىلاندىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىم بۇرۇنقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋاقىتتا، ئۇلاردىن يەنە پايدىلاندىم. ھەمدە ئۇلارنى مەندىن ياردەم سوراپ كەلگەنلەرگە كەڭ تۈردە تارقاتتىم. مەسىلەن، بىرسى ماڭا كېلىپ، "ئەركىن، ماۋۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟" دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا "مەن ئۇنى بۇرۇن ھەل قىلىپ بولغان. ماۋۇ دوكلادنى كوپىي قىلىۋېلىپ، كۆرۈپ باق"، دەپ قولىغا دوكلادىمدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ دوكلادلىرىم كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋە مەن ئىشلىگەن باشقا شىركەت-ئىدارىلەردە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈردى. مەندە ھازىرمۇ 1992-يىلدىن بۇيان ئاشۇنداق تەييارلىغان دوكلادلىرىمنىڭ ھەممىسى بار. مەن ھازىرقى ئىدارەم بولغان JPL گە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، بىر قېتىم مېنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىمدىن تېلېفون كېلىپ، "ئەركىن، ماڭا سېنىڭ XXX نەرسە توغرىسىدىكى دوكلادىڭنىڭ كوپىيسى لازىم بولۇپ قالدى. ئۆزۈمدىكىسىنى تاپالمىدىم. بولسا ئۇنى كوپىي قىلىپ ماڭا دەرھال ماڭدۇرۋەتسەڭ" دېدى. مەن شۇنداق قىلدىم. ماڭا بۇرۇن ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا پوستدوكتور ئۇستازى بولۇپ، كېيىن گېئورگىئا تېخنىكا ئىنستىتۇتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان ئۇستازىمدىنمۇ بىر قېتىم ئاشۇنداق تەلەپ كەلگەنىدى. ئۇنىمۇ دېگىنى بويىچە بېجىرىپ بەردىم. JPL غا كىرگەندىن بۇيان، مەن قىلىدىغان تەتقىقاتنىڭ تۈرى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلەرنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن تەييارلايدىغان ھېلىقىدەك تەتقىقات دوكلادىنىڭ سانىمۇ بەك يۇقىرىلاپ كەتتى. مەن 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تەييارلىغان تەتقىقات دوكلادىنىڭ سانى 74 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل (2006-يىلى) يازدا ئېلىپ بېرىلغان يىللىق باھالاشتا، باشلىقىم مۇنداق باھا يازدى:

-- ئەركىن خىزمەتنى پەۋقۇلئاددە ياخشى ئىشلىدى. ھەمدە چىقارغان نەتىجىلىرىنى گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەندىن ياخشى ھۆججەتلەشتۈردى
(ئىنگلىزچە "documented"). ئۇ ئۆز زېھنىنى ھەقىقەتەنمۇ پروجەكتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا مەركەزلەشتۈردى.

-- ئەركىن باشقىلار بىلەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلالايدۇ. ئۇ باشقا ھەممە كىشىلەرگە كۆيۈنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.

-- ئەركىن ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ناھايىتى تېز ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا مۇتەخەسىسلەر ئىچىدىكى مۇتەخەسىسلىك (ئىنگلىزچە "an expert among experts") سالاھىيىتىگە كۆتۈرۈلدى.

-- ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىننىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئەلا دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىنتايىن ماھىر ئىكەنلىكىنى باھالىدى. (ئەسكەرتىش: يىللىق باھالاشتا باشلىقىمىز باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭمۇ پىكىرىنى ئالىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكىسى شۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ خۇلاسىسىدۇر.)

-- ئەركىن گۇرۇپپىمىزدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.
(يۇقىرىقىلار باشلىغىم 2006-يىلى ئىيۇلدا مېنى باھالاش جەدىۋىلىدىكى ئوخشىمىغان كاتېگورىيەگە تولدۇرۇپ يازغان قول يازمىسىنىڭ ئەينەن تەرجىمىسى.)

دوكلادنىڭ سانى مۇشۇنداق كۆپىيىپ كەتكەن بولغاچقا، مەن تەدرىجى ھالدا بۇ دوكلادلارنى بېسىپ چىقىرىپ، تۈپلەپ قويۇشنى توختاتتىم. لېكىن، ئۇلار ناھايىتى ئېنىق ئىسىملار بىلەن تەرتىپلەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بىرەرسىنى تېپىش ئىنتايىن ئاسان. مەسىلەن، بىر دوكلادنىڭ كومپيۇتېردىكى ھۆججەت ئىسمى مۇنداق:
ES06-19-P4-V3-HCIT-4th_New
بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق:
ES = ئەركىن سىدىق نىڭ باش ھەرىپى
06 = 2006-يىلى
19-P4-V3 دېگەنلىك=19-نۇمۇرلۇق دوكلاد، 4-قىسىم 3-نۇسخىسى
HCIT = تۈر ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرى ("High-Contrast Imaging Testbed)
4th دېگەنلىك =4-دەرىجىلىك ماسكا
New = بۇ ماسكىنىڭ يېڭى لاھىيىسى
دوكلادنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولغان بىلەن، ئۇلارغا يۇقىرىقىدەك ئىسىم قويغاندا، ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىش ئىنتايىن ئاسان بولىدۇ. مېنىڭ باشلىقىم بەزىدە ماڭا تېلېفون قىلىپ، مەن بۇرۇن قىلغان بىر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سورايدۇ. ئۇ تېلېفوندا ماڭا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بولغىچە، مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى دوكلادنى تېپىپ، ئۇ ھۆججەتنى ئېچىپ، باشلىقىم سورىغان سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىپ بولالايمەن. بۇنىڭغا نەچچە 10 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىدە باشلىقنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىمەن. بەزىدە شۇ ھۆججەتنى شۇنداقلا ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بېرىمەن. بىر قانچە ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلىگەن تەتقىقات توغرىسىدىكى دوكلادنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا گۇرۇپپىدىكى ھەممە كىشىگە ماڭدۇرۇپ بېرىمەن. ئىدارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە توغرىسىدىكى دوكلادنى شۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىمەن. خىزمەتداشلىرىم ياردەم سوراپ كەلسە، ئۇلارغا مۇشۇنداق دوكلادنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇلارغىمۇ بېرىمەن. ھازىر بىزنىڭ باشلىق گۇرۇپپا يىغىنىدا باشقىلارنىڭ ئېغىزاكى دوكلادىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، "ئۇنى ئەركىنگە ئوخشاش دوكلاد قىلىپ يېزىپ چىقساڭ"، دەيدىغان بولدى. ئاڭلىشىمچە مەن مۇشۇنداق تەييارلىغان بەزى ھۆججەتلەرنى ھازىر NASAنىڭ باش ئىشخانىسىمۇ ئىشلىتىۋېتىپتۇ.

قىسقىسى، مەن كىشىلەردىن ھەرگىز ياردىمىمنى ئايىمىدىم. ئۆزۈم ياردەم قىلالايدىغانلا ئىش بولسا، چوقۇم ئۇنداق ئىشلارنى ئۆز ئىشىمدىنمۇ مۇھىم ئىشلار قاتارىغا قويۇپ، ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بېجىرىپ بېرىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. يېقىندىن بۇيان ماڭا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلاردىن كېلىدىغان تەلەپلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، ئۆزۈم يۇرتىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىممۇ كۆپىيىپ، ئۆزۈمگە تەۋە دەم ئېلىش ۋاقتىم بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ. لېكىن، مەن باشقىلار ئۈچۈن بىر ئاز كېرەكلىك ئىش قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

بىر ئادەم باشقىلارغا ياردەم قىلسا، ئۇنى ياردەمگە ئېرىشكەن ئادەم بىۋاسىتە قايتۇرۇشى ياكى قايتۇرالىشى ناتايىن. لېكىن مەن ئۇنى ئاللاھ چوقۇم باشقا يوللار بىلەن قايتۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بىر ئادەم باشقىلارغا بىر ئىش قىلىپ بەرسە، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە قانداق قايتىپ كېلىشىنى ئويلىماسلىقى كېرەك. ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە مەن كۆزەتكەن ئىشلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئىچى تار ئادەملەر ئۆزى بىلىدىغان ئىشلارنى شۇنچە باش قاتۇرۇپ باشقىلاردىن يوشۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق، ۋە باشقىلاردىن ھېچ قانداق ياردەمنى ئايىمايدىغان ئادەملەرنىڭكىدىن ياخشى بولمايدۇ. بەزىدە ئۇلار تېخى بەكرەك زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى شىركەتلەردە ئادەم چىقىرىش بولسا، ئالدى بىلەن ئاشۇنداق باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغان ئادەملەرنى ئىشتىن بوشىتىدۇ.

مەن يېقىندا ئوقۇغان بىر ماقالىدە (http://www.meripet.com/Academy/MAbduxukur.htm), مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم دۇنيادىكى مىللەتلەرنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىپتۇ: ئېتنولوگىيىلىك مىللەت، ئىجتىمائىي مىللەت، ۋە سىياسىي مىللەت. ئۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلار "ئېتنولوگىيەلىك مىللەت" تۈرىگە، ياپونلۇقلار بىلەن يەھۇدىيلار بولسا "سىياسىي مىللەت" تۈرىگە ئايرىلىپتۇ. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاپتور ياپونلۇق بىلەن ياھۇدىيلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇلار نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز، تاغلىق ئارالنى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان."
دېمەك، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ "ئېتنولوگىيىلىك مىللەت" لىك كاتگوريىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياپونلۇقلار ۋە ياھۇدىيلارغا ئوخشاش "سىئايسىي مىللەت" كاتېگورىيىسىگە ئۆتمەكچى بولساق، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا بولۇشىمىزدىن قەتئى نەزەر، پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئويلاپ ئەمەس، مىللەتنى قەلبكە پۈككەن ئاساستا، مىللەتكە مەسئۇل بولغان ئاساستا ئىش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىغان ۋاقىتتىلا ئۇيغۇرلار بىر يۇقىرى سۈپەتلىك مىللەت بولۇش تەرەپكە قاراپ ماڭالايدۇ.

ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشلۈك مىللەتلەر توپلانغان دۆلەت. ئاشۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ ھازىر دۇنيادىكى بىر ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقىدەك ھالەتكە يېتەلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم. بىر دۆلەت، بىر رايون ياكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىك بولالىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى 2 نەرسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرى كەم بولسا بولمايدىكەن. ئۇنىڭ بىرى، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي قانۇن. يەنە بىرى ئىمان. مېنىڭ بىلىشىمچە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتتىن كوپرەكى بىرەر دىنغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ دىن خىرىستىيان دىنى بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئەخلاقىي قۇرۇلمىسى مۇشۇ دىن ئاساسىغا قۇرۇلغان. مېنىڭ بىلىشىمچە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىمۇ 5 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قانۇن-پەرمانلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك. شۇڭا بۇ دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ شۇنچە ئەبجەش بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ شۇنچە پەرقلىك بولۇشىغا قارىماي، بۇ دۆلەت دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى تۇتۇۋاتىدۇ. قانۇن بىلەن ئىمان ئەھۋالى ئۇيغۇر دىيارىدا قانداقراق؟ جۇڭگودىچۇ؟.

باش بەتكە قايتىش