12-بۆلۈم

 

ئامېرىكىلىقلارنىڭ «سورۇن مەدەنىيىتى» ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ ئۆتەمسىز؟

ئامېرىكا بىر كۆپ مىللەتلىك، ياكى، تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەممە مىللەتلىك دۆلەت بولغاچقا، مېھماندارچىلىق ئادىتى ئۈستىدە توختالغاندا "ئامېرىكىلىق" دېگەن سۆز بىلەن ئامېرىكا ئەھۋالىنى توغرا تونۇشتۇرغىنى بولمايدۇ. چوقۇم ھەر بىر مىللەت ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىق، ھىندىستانلىقلارغا ئوخشاش كەمبەغەل دۆلەتلەردىن كەلگەن مىللەتلەر زىياپەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مېھماندارچىلىقنى كۆپرەك قىلىدۇ. كورېيەلىقلار بولسا زىياپەتسىز مەدەنىي پائالىيەتلەرنى، مەسىلەن كىچىك بالىلارنىڭ پىئانىنو چېلىش مۇسابىقىسى، ۋە چوڭلارنىڭ پۇتبول ئويناش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا زىياپەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل يىغىلىشلارنى ئېلىپ بېرىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە "دەرىجىدىن تاشقىرى مىللەت" بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەن ئامېرىكىغا كەلگەن 18 يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ئۇيغۇردىن باشقا مىللەت ئۇيۇشتۇرغان سورۇنلارغا بېرىپ باققان ۋاقتىم ئىنتايىن ئاز بولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ تويىدىن پەقەت بىرسىگىلا بېرىپ باقتىم. ھازىر ساناپ باقسام ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇپ باققان ئامېرىكىلىقلار ئائىلىسى پەقەت 10 ئەتراپىدا ئىكەن. بىز ئامېرىكىدا ئەڭ كوپ قاتناشقان نەرسە ھەر يىلى يازدا شىركەتتىن ئۇيۇشتۇرىدىغان، ئىنگلىزچە "پىكنىك" دەپ ئاتىلىدىغان دالا ئولتۇرۇشى بولدى. بۇ ئولتۇرۇشنى مەن تۆۋەندە "پىكنىك" دەپ ئاتايمەن. قالغانلىرى بولسا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئولتۇرۇشىدۇر.

مەن قاتنىشىپ باققان يۇقىرىقى ئامېرىكىلىقلار سورۇنىنى 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرسى ھەر بىر ئادەمگە ئايرىم-ئايرىمدىن بىر كىشىلىك تاماق تەييارلايدىغان سورۇن. مەسىلەن، بىز قاتناشقان توي ئەنە شۇنداق بولدى. تويغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلار ئالدىن بېكىتىلگەن 3-4 خىل تاماقنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللايدۇ. تاماق ۋاقتىدا ھەر بىر ئادەمگە ئۆزى تاللىغان تاماق كەلتۈرۈلىدۇ. تاماقنىڭ پەرقى ئاساسەن ئۇنىڭدىكى گۆشتە بولۇپ، بىرسى توخۇ گۆشى، بىرسى كالا گۆشى، يەنە بىرسى بېلىق دېگەندەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇمچە بىر ئاز ياڭيۇ ياكى گۈرۈچ، ھەمدە ئازراق سەي-كۆكتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلتۈرۈلگەن تاماققا ئادەم ئارانلا تويىدۇ (تويمايدىغانلارمۇ چوقۇم ئاز بولماسلىقى مۇمكىن). ئىككىنچى سورۇن ھەممە تاماقنى بىر جايغا قويۇپ، مېھمانلار ئۆزى خالىغان تاماقلارنى بىر تەخسىگە ئېلىپ، ئۆزى خالىغان جايغا بېرىپ يەيدىغان سورۇندىن ئىبارەت. بۇ خىلدىكى سورۇن ئامېرىكىدا ئەڭ ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، ھازىر بىر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئېلىپ بارىدىغان يىغىلىشلاردىمۇ مۇشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق سورۇندىمۇ ئولتۇرغان جايىڭىزدا تاماق بولمىغان بولغاچقا، تاماق يېيىش پەقەت 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، قالغان ۋاقىتلاردا تاماق ئانچە يېيىلمەيدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكىدەك چوڭ تاماق ئۈستىلى يوق. تاماق ئۈستىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۆرگىلەيدىغان قىسمىمۇ يوق. شۇڭا ھەممە ئادەم بىر ئۈستەلگە توپلاشقان ئوپچە سورۇن ۋە ئوپچە سورۇندىكى ئورتاق پاراڭمۇ يوق. ئامېرىكىلىقلار پىكنىك قىلغاندا، ياكى ھويلىسىدا مېھمان كۈتكەندە، ھەرگىز سورۇننى بىر ئورتاق سۆزدىن باشلىمايدۇ. شىركەتنىڭ پىكنىكلىرىدىمۇ ھېچ قانداق باشلىق، ھېچ قانداق كىشى كوللېكتىپقا سۆز قىلمايدۇ. پىكنىكنىڭ مەقسىتى پەقەت يېيىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش بولغاچقا، شۇنىلا قىلىپ تارقايدۇ. مەن ئامېرىكىنىڭ مېھماندارچىلىق سورۇنى توغرىسىدا مۇشۇ جاۋابنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇش سەرگۇزەشتلىرىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلارنىڭ تەييارلىغان تامىقى ئېشىپ قالسا، ئۇ بىر نورمالسىزلىق ئىكەن. ئوي ئىگىسى "ماۋۇ كىچىككىنە ئېشىپ قالدى. قايسىڭلار يەيسىلەر؟" دەپ توۋلاپ كېتىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنمىز: بىز چوقۇم راۋۇرۇس ئېشىپ قالغۇدەك تاماق تەييارلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلماي، تاماق تۈگەپ كەتسە، "تاماق يېتىشمىگەن" بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئىنتايىن نومۇس قىلىپ كېتىمىز.

ئامېرىكىدىكى ئاسىيالىق مىللەتلەر ئاچقان رېستوراندا بىر قىسىم چوڭ تەخسىدە چىقىدىغان يېمەكلىكلەر بار بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ رېستورانلىرىدا ئۇنداق ھەممە ئادەم بىللە يەيدىغان نەرسىلەر ئاساسەن يوق. بىر توپ ئادەم بىر رېستورانغا كىرسىمۇ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تامىقىنى ئۆزى بۇيرۇيدۇ. بىز بەزىدە بىر چوڭ تۈرنى تاماملاپ، ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن باشلىقىمىز بىزنى ئۆز پۇلى بىلەن بىر رېستورانغا چاقىرىپ قالسىمۇ، تاماقنى ھەر بىرىمىز ئايرىم-ئايرىم بۇيرۇيمىز. ئۇنىڭ پۇلىسىنى باشلىقىمىز تۆلەيدۇ. مۇشۇنداق ئوپچە تاماق يوق سورۇننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئىسراپچىلىق بولمايدىكەن. ئامېرىكىلىقلار بۇيرۇتقان تامىقىنى پاكىز يەپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر يەپ بولالماي قالسا، ئېشىپ قالغىنىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مەن كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئېشىپ قالغان ئازراق گۈرۈچنىمۇ ئېلىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. ئامېرىكىدىكى ھەممە رېستورانلار تاماقنى ئۆيىگە ئەكېتىدىغان خېرىدارلار ئۈچۈن قەغەز قاچا ۋە پىلاستىك خالتا تەييارلاپ قويغان بولۇپ، سىز ئۇلاردىن قانچىلىك سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە شۇنچىلىك بېرىدۇ. بەزى رېستورانلار تېخى تاماقنى ئۆزلىرى قەغەز قاچىغا قاچىلاپ، ئۇنى پىلاستىك خالتىغا سېلىپ، ھەتتا چىرايلىق چىگىپ تەييارلاپ بېرىدۇ. كىشىلەر نەزىرىدە بۇ بىر خىل ئېسىل ئەخلاق بولۇپ، ھېچ قانداق ئادەم بۇنداق قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىنتايىن نورمال ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.

ياپونلۇقلار ئاساسەن قورۇغان تاماق يېمەيدۇ. قىزىل گۆش (مەسىلەن، قوي گۆشى ۋە كالا گۆشى دېگەنلەر) نىمۇ ئاساسەن يېمەيدۇ. يەيدىغان گۆشى ئاساسەن دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بولۇپ، ھەر ۋاقلىق تاماقنى ئاز لېكىن كۈچلۈك قىلىپ يەيدۇ. شۇڭا ياپونلۇقلاردا سېمىز ئادەمنى تاپماق ئىنتايىن قىيىن. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ياۋروپالىقلارنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ياۋروپاغا بېرىپ باققان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇ يەردىكى رېستوراندا سېتىلىدىغان بىر كىشىلىك تاماققا تويۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ياۋروپالىقلارنىڭ ھەر بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان ئاشۇنداق ئاز بولغاچقا، ئۇ يەردىمۇ سېمىز ئادەملەر ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىكەن.

مەن بۇ يىل يازدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدىكى رېستوران تەرەققىياتلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قالدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ رېستوران ساھەسىدە ئىگىلىك يارىتىش ۋە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بىناكارلىق-قۇرۇلۇش سەنئىتىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەمدە ئۇ رېستورانلارنىڭ تامىقىدىن يۇرتتا بولغان 3 ھەپتە جەريانىدا تازا پۇخادىن چىققۇچە ھۇزۇرلىنىۋالدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ۋە ئوي ئىچىنى چىرايلىق نەقىش ۋە گۈزەل رەڭلەر بىلەن بېزەش تېخنىكىسىغا مەن ئىنتايىن قايىل بولدۇم. مېنىڭ بۇنداق تۇرمۇشنى كەچۈرمىگىنىمگە، بۇنداق تەرەققىياتلارنى كۆرمىگىنىمگە 15 يىل بولغان ئىدى. بىز ئامېرىكىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئايرىلغان ھالدا ياشايدىغانلىقىمىزنى ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشىمىز ئىنتايىن جىددىي، يولغا كېتىدىغان ۋاقتىمىز ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، ھەپتە ئارىلىقلىرىدىكى ھەر بىر كۈننىڭ كەچلىكى ئاران بىر خىل ئۇيغۇر تامىقى ئېتىپ يېيەلەيمىز. چۈشلۈكى بولسا ئالدىنقى ئاخشىمى ئېشىپ قالغان تاماقنى ئەكېتىپ يەيمىز. ياكى بولمىسا ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدىن (ئۇيغۇر تامىقى بولمىغاچقا) باشقا مىللەتلەرنىڭ تامىقىنى ئېلىپ يەيمىز. بەزىدە باشقىچىراق بىر نەرسە يېگۈمىز كېلىپ، پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقساقمۇ، ئاغزىمىزغا تېتىغۇدەك ھېچ نېمە تېپىلمايدۇ -- بىز ياشاۋاتقان لوس ئاڭەلەس رايونىدا ھېچ قانداق ئۇيغۇر ياكى تۇڭگان رېستورانى يوق. بەزىدە تۈرك، ئىرانلىق، ئافغانىستانلىق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر رېستورانىغا تاماق يىگىنى بارىمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ تاماقلىرىنىڭ تەمىمۇ بىزنىڭكىدىن جىق پەرقلىق بولغاچقا، ئۇ تاماقلار بىز ئۈچۈن پەقەت "بىخەتەر" لا بولۇپ، بىزنىڭ ئۆز يۇرتىمىزنىڭ تامىقىغا بولغان سېغىنىشىمىزنى ئازراقمۇ قاندۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تامىقى ۋە توي-تۆكۈنگە ئوخشاش ئۇيغۇر سورۇنلىرى بىز ئۈچۈن ئامېرىكىدا تېپىلمايدىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ "سورۇن مەدەنىيىتى" دە ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈپ كېتەي. بۇ مەسىلىلەر نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سېزىلمىگەن نەرسىلەر ئەمەس--مەن داۋاملىق باشقىلاردىن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە غودۇرلىغىنىنى ۋە شىكايەت قىلغىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئېھتىمال ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان نەرسىلەرمۇ يېزىلغان ۋە بىر قىسىم تەشۋىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتەي.

1. ئىسراپچىلىق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرىدىكى ئىسراپچىلىق ھەممە ئادەم بىلىدىغان، ۋە ھەممە ئادەم قاقشايدىغان بىر مەسىلە ئىكەن. ئەمىليەتتىمۇ، توي-تۆكۈندىكى ئىسراپچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قالاق تەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى، دېيىشكە پۈتۈنلەي بولىدۇ. ھەرقانداق ئۆلچەم بىلەن قارىغاندىمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئىلمىيلىك تېپىش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، گەرچە بۇ مەسىلە بىر "مەسىلە" گە ئايلانغىلى نەچچە 10 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە كىشىلەر ئەڭ كوپ قاقشايدىغان بولسىمۇ، ئۇ ۋىلايەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە تېخىچە تۈزىتىلمەپتۇ. بەزى جەھەتتە تېخى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش مۇتلەق كوپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن خېلى قىيىنغا توختايدىغان بىر ئىش. شۇنداق بولسىمۇ، چوقۇم بىرەر ئادەم چىقىپ، بىر ئۆزگىرىشنى، بىر يېڭىلىقنى باشلاپ بېرىشى كېرەك. ھەممە ئادەم شىكايەت قىلىپ، لېكىن ھېچ كىم ئۆزگەرتمىسە، مەسىلە مەڭگۈ داۋاملىشىپ كېتىۋېرىدۇ. مېنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن بىر ياش تونۇشۇم ئۆزى توي قىلغاندا، توي سورۇنلىرى ئۈچۈن ھېچ قانداق ھاراق تەييارلىمىغانلىغىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تويى "ھاراقسىز توي" بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن بۇ بىر ئومۇملاشقان ئىشمۇ-ئەمەسمۇ بىلمەيمەن. لېكىن مەن ئۇ تونۇشىمدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەمدە پەخىرلەندىم. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇنداق قىلىشتا جەمئىيەت بېسىمى ئاز بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ئاشۇنداق قىلالاپتۇ. ناچار "مەدەنىيەت" ۋە ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە، ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا بىزگە مانا مۇشۇنداق قىلالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى كېرەك. مانا مۇشۇنداق يول باشلامچىلار كېرەك. ئەگەر خاتا ئىكەنلىگىنى سىز ئىلمىي جەھەتتىن تولۇق چۈشەنسىڭىز، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىڭ. مەن ئالدىنقى بىر سوئالغا يازغان جاۋابتا، بىر ياپونلۇق مىليونېرنىڭ ئۈرۈمچىدە سۇ قىسلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ،ئۈرۈمچىدە تۇرغان 5-6 كۈن ئىچىدە بىر قېتىممۇ مۇنچىغا چۈشمىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر كۈنى بىرەر ۋاق قورسىقى تويغىچە تاماق يېيەلمەيدىغان، يىلدا بىرەر قېتىممۇ پولو-لەغمەن يېيەلمەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى كۈرمىڭ تولىغۇ؟ بىر مېھمانغا نەچچە كىشىلىك يېمەكلىك تەييارلىتىپ توي قىلىۋاتقانلارنىڭ ئېسىگە ئاشۇ دېھقانلار زادىلا كەلمەمدىغاندۇ؟ توي-تۆكۈنگە تاماق تەييارلىتىشتا 2 نەرسە مەقسەت قىلىنغان. بىرسى مېھمانلارنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇش. يەنە بىرسى مېھمانلارغا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش. بۇ 2 مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك قىلىش كەتمەيدۇ. ئۇ مەقسەتلەرگە يېتىشنىڭمۇ ئىنتايىن ئىلغار ئىلمىي ئۇسۇلى بار. مەسىلەن، مەن كالىفورنىيىدە مۇنداق بىر رېستورانغا كىرىپ تاماق يەپ باقتىم: رېستوراندىكى تاماقنىڭ تۇرى 20 خىل ئەتراپىدا بولۇپ، رېستوران خادىملىرى ھەر بىر خىل تاماقنى بىر كىچىك تەخسىگە سېلىپ، ئۇنى بىر ھارۋىغا رەتلىك بېسىپ، ھارۋىنى مېھمانلار ئارىسىدا سۆرەپ يۈرۈيدۇ. مېھمانلار بىر ھارۋا قېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى تاللاپ ئېلىۋالىدۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ قايتىشىدا، ھەر بىر خېرىدار ئۆزى تاللاپ قۇرۇقدىغان تەخسىلەرنى كۆتۈرۈپ، رېستوران ئىشىكىنىڭ قېشىدىكى پۇل تۆلەش پوكىيىگە بارىدۇ. ھەمدە ھەر بىر تەخسىگە بىر دوللار تاپشۇرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ھەممە ئادەم پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن تاماقنىلا يەپ، ھېچ قانداق تاماقنى ئىسراپ قىلمايدۇ.

مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك يېزىلاردا بىر توي زىياپىتى ئۈچۈن قىز-يىگىت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چىقىمىنى قوشقاندا 5000 سومدىن ئاز پۇل كېتىدىكەن. يەنى ئۇ يەرلەردە ئىسراپچىلىق ئاساسەن بولمايدىكەن. بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك قىز-يىگىتلەر بۇ جەھەتتە ھەرگىز ئىسراپچىلىق قىلمايدىكەن. لېكىن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە بولسا بىر توي زىياپىتى ئۈچۈن كۆپىنچە ئەھۋالدا 10000 سومدىن كوپ پۇل كېتىدىكەن. 20000 سومغا بارىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار ئىكەن. مەن ئەقلى-ھوشى جايىدا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللىي تۈركۈم ئېڭى، مىللىي ھەمكارلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە، ھەمدە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھازىرقى ئىسراپچىلىق ھەرگىز ئابرۇيلۇق ياكى شەرەپلىك ئىش ئەمەس. ئۇ بىر خىل نومۇس--بىر خىل مىللىي نومۇس.


2. تاماقنى ئارتۇقچە يەۋېلىش. بۇنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى، ھەمدە ۋىلايەت ۋە ناھىيە شەھەرلىرىدىكى 40 ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ دومبىيىپ چىقىپ قالغان قورسىقى بىلەن 40 ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سېمىزلىكىگە قاراشلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېشى 40 تىن ئاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئېغىر سالامەتلىك مەسىلىسى يوق كىشىلەرنىڭ نىسبىتى سىزچە قانچىلىكتۇر؟ 30 پىرسەنتكە بارارمۇ؟ ئامېرىكىدا يېشى 80 تىن ئاشسىمۇ ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقىدىغانلار مۇتلەق كوپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېشى 80 دىن ئاشتى، دېگەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇشۇنداق چوڭ پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك سەمرىپ كېتىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشنى كوپ قىلىشى ھەمدە مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا تاماقنى ئارتۇقچە يەۋېلىشى ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ. سەمرىپ كېتىشنىڭ ئادەم سالامەتلىكى ئۈچۈن بولغان زىيىنى ئىنتايىن كوپ. ئامېرىكىدىكى دوكتۇر مەمەت ئەمىن بۇنداق زىيانلارنى تۆۋەندىكىدەك تىزىپ چىققان (مەنبەسى: http://health.groups.yahoo.com/group/SaghlamBolung/message/35):
1) تاجسىمان يۈرەك قان تومۇر كېسىلى

2) قىزىل قان تومۇر قېتىشىۋېلىش

3) يۇقىرى قان بېسىمى

4) مېڭە قان تومۇر كېسىلى

5) دىئابېت كېسىلى

6) ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى

7) قىزىل ئۆڭگەچ راكى

بۆرەك راكى

9) سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى

10) ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئوت كېسەللىكلىرى

11) مايلىق جىگەر كېسىلى

12) ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى

13) ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش

14) يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 8 جىڭ ياكى 4 كىلودىن ئېشىپ كەتكەندە بوۋاقنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

(يۇقىرىدا ئىسكوپكا ئىچىگە يېزىلغىنى شۇ كېسەلنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىدۇر). بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى دىئابېت كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. دوكتۇر مەمەت ئەمىن نىڭ ساغلاملىق توغرىسىدىكى باشقا يازمىلىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ:

http://health.groups.yahoo.com/group/SaghlamBolung/

3. تاماكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش. تاماكىنىڭ زىيىنى ئامېرىكا جەمئىيىتى، رادىئو-تېلىۋىزورلىرى ۋە مەكتەپلەردە ئەڭ كوپ تەشۋىق قىلىنىدىغان بىر نەرسىگە ئايلانغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يالغۇز بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇتۇپلا قالماستىن، تاماكا چېكىشنى ئازايتىش جەھەتتە مەمۇرى جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ بىرسى تاماكىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاماكا بېجى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈرۈلدى. مەن ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەندە بىر قاپ تاماكىنىڭ باھاسى بىر دوللاردىن سەل يۇقىرى ئىدى. ھازىر بولسا 3 يېرىم دوللار ئەتراپىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش قاتتىق چەكلەنگەن. مۇتلەق كوپ ساندىكى ئىدارە-شىركەتلەر ھېچ قانداق بىنانىڭ ئىچىدە تاماكا چېكىشكە يول قويمايدۇ. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىدارىلەر بولسا ئۆز ئىدارىسىنىڭ دائىرىسىدىكى ھەر قانداق زېمىندا، مەيلى ئۇ بىرەر بىنانىڭ ئىچى بولسۇن ياكى تالا بولسۇن، تاماكا چېكىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تۇزۇم چىقاردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاماكا چېكىشنى بۇ دەرىجىدە چەكلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تاماكىنىڭ كىشىلەر سالامەتلىكىگە كەلتۈرىدىغان غايەت زور زىيىنىدىن ئىبارەتتۇر. يېقىنقى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، تاماكا ھەر يىلى ئولتۇرىدىغان ئادەمنىڭ سانى دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي يۇقۇملۇق كېسەلنىڭكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. تاماكا 17 خىلدىكى ئوخشىمىغان راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە راك كېسىلىنى ئەڭ كوپ ۋە ئەڭ ئاسان پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، تاماكا چېكىش ياكى تاماكا چەككەن كىشىنىڭ يېنىدا تۇرۇش تۈپەيلىدىن ئامېرىكىدا ھەر يىلى بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ سانى 438،000 ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ئۆلۈم تۈپەيلىدىن تارتىۋاتقان يىللىق زىيان 92 مىليارد دوللار ئىكەن. ئەگەر بۇنىڭغا تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن سەراپ قىلىنغان پۇلنى قوشقاندا، ھازىر يىللىق تاماكا چېكىش تۈپەيلىدىن تارتىلغان زىيان 167 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

مەن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان بىرەر ئىلمىي تەتقىقاتنى ياكى ئېلان قىلىنغان ئىلمىي دوكلاتنى كۆرۈپ باقمىدىم. لېكىن، مەن كۆرگەن ئەھۋال ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. توي-تۆكۈن ۋە باشقا ئولتۇرۇش سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى تاماكا ئىسى بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە بەخىرامان تاماكا چېكىۋېرىدىكەن. بۇ ئەھۋال كىچىك بالىلار بار ئائىلىدىمۇ ئوخشاش ئىكەن. خىزمەت ئورۇنلىرىمۇ ھەم شۇنداق ئىكەن. يېقىنقى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئۆيدە 5 جان ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى ئوي ئىچىدە تاماكا چەكسە، يالغۇز تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆزى ئېغىر سالامەتلىك خەۋپىگە دۇچار بولۇپلا قالماي، قالغان 4 كىشى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ساغلامسىزلىق تەھتىدىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مېھماندارچىلىق سورۇنلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. يۇقۇرقىدەك ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نېمە ئۈچۈن يېتىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئۇيغۇرلار ئىچىدە كېسەللىكنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى، ئەمما ئۇ كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىقتىسادىي چامىسى يېتىدىغانلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر ھەقىقەت. تاماكا چېكىشنى چەكلەش بالدۇر ئۆلۈپ كەتىشنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. شۇنداقلا ئۇ كېسەل بولۇپ بولغاندىن كېيىن داۋالاش بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ كوپ ئاسان ئۇسۇل. ئۇيغۇر خەلقى بۇ جەھەتتە ئۆز ئېڭىنى تەز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە جىددىي موھتاج.

ئامېرىكىدىكى دوكتور مەمەت ئەمىن ساغلام ياشاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىزغاندا، تاماكا چېكىشنى 1-ئورۇنغا قويغان. مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ يازمىنىڭ تور ئادرېسى:
http://health.groups.yahoo.com/group/SaghlamBolung/message/37

4. بالىلارغا بولغان زىيانلار. ئامېرىكىدا مەخسۇس چوڭلارنىڭ ئاخشاملىرى ھاراق ئىچىپ، ناخشا ئاڭلاپ، ئۇسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان، ئىنگلىزچە "بار" دەپ ئاتىلىدىغان شاراپخانىلىرى بار. ئۇنىڭ بەزىلىرىدە ناخشا، ئۇسۇل، شاراپتىن باشقا، پەقەت چوڭلار ئۈچۈن تەييارلانغان قېلىن چاقچاقلارمۇ بولىدۇ. ئۇ يەردىكى مۇزىكىلارمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلىدىغان، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نورمال ئاۋاز سۆزلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. قېشىدىكى ئادەمگىمۇ قاتتىق ۋارقىراپ سۆزلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالمايدۇ. لېكىن، بۇنداق سورۇنلار ۋە مەخسۇس ھاراق سېتىلىدىغان دوكانلار ئائىلىلىكلەر جايلاشقان رايونلاردىن مەلۇم ئارىلىق يىراقلىقتا بولۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن. بۇنداق سورۇن ۋە دۇكانلارغا يېشى 21 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ كىرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنغان بولۇپ، دۇكان ئىگىلىرى يېشى كىچىكرەك كۆرۈنىدىغان بىرەر خېرىدارنى كۆرگەن ھامان، ئۇلاردىن شوپۇرلۇق پىراۋانى ياكى باشقا كىملىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 21 ياشتىن كىچىكلەرگە ھېچ قانداق ئورۇن تاماكىمۇ ساتمايدۇ. توي زىياپىتى قاتارلىق چوڭ سورۇنلارغا ئاتا-ئانىلار ئاساسەن بالىلىرىنى ئاپارمايدۇ. چوقۇم ئۆيىگە كېلىپ بالىغا قاراپ بېرىدىغان بالا باققۇچى تېپىپ، بالىسىنى بىر قانچە سائەت شۇلارغا باققۇزۇپ، ئۆزلىرى مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىغا بارىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقانلار بالىلار ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. بۇ زىيانلار كەم دېگەندە تۆۋەندىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) چوڭلار ئۆز-ئارا قىلىشقان بولمىغۇر گەپ-سۆز ۋە چاقچاقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش. 2) كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىزچىل تۈردە ھاراق سورۇنىغا ئارلىشىپ قېلىش. 3) تاماكا ئىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش. 4) يۇقىرى ناخشا-مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە ئىزچىل تۈردە 5 سائەت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش. ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئادەم 85 دەسىبەلدىن يۇقىرى ئاۋازنىڭ تەسىرىگە ئىزچىل ئۇچراۋەرسە، بۇ ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا زەخىمگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر توي-تۆكۈنلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاۋازى 150 دەسىبەلغا يېتىشى مۇمكىن. بۇنداق يۇقىرى ئاۋاز بالىلارغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا كۆرۈنەرلىك تەسىر كورسەتمىگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ياشىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قېلىش جەريانىنى جىق تېزلىتىشى مۇمكىن. 5) چارچاش ۋە يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق تۈپەيلىدىن زېھنىنىڭ ئاجىزلىشىشى. ئۇيغۇرلاردا 5-8 سائەت داۋام قىلىدىغان، يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە داۋام قىلىدىغان سورۇنلار ناھايىتى كوپ. بۇنداق سورۇنلاردا چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى، ھەمدە ئۇلار زېھنى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئانچە چارچاپ قالمايدۇ. لېكىن، بۇ بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن تەس. بالىلار ئۈچۈن لايىھىلەنمىگەن بۇنداق سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھېچ قانداق كۆڭۈل ئېچىش بولۇپ تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سورۇن داۋاملاشقان 5-8 سائەت ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار قاتتىق چارچاپ، ئولتۇرۇش بولغان كۈنى يېتەرلىك ئۇخلىيالماي، ئۇلارنىڭ زېھنى تەدرىجىي ھالدا زەخىمگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئولتۇرۇش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىكى ئوقۇش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئۈنۈملۈك بولماسلىقىمۇ تۇرغان گەپ. شۇڭا بىر ئولتۇرۇشقا بارماقچى بولغان ئاتا-ئانا چوقۇم "بالام قانداق قىلىدۇ؟"، دەپ ئۆزىدىن بىر قېتىم سوراپ قويۇشى كېرەك. ئۈزىڭىز كۆڭۈل ئېچىپ، بالىڭىز زىيانغا ئۇچرىسا، سىزگە بولغان ئاخىرقى پايدا نېمە بولىدۇ؟

5. ۋاقىت جەھەتتىكى زىيانلار. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئەتكەندەك، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆيىگە ياكى رېستورانغا مېھمان چاقىرىدىغان ئىش ئاساسەن يوق. ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا تەرەققىي قىلغان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ھەم شۇنداق. ئامېرىكىدا ھەر يىلى يازدا شىركەتتىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان دالا ئولتۇرۇشى "پىكنىك" بىر قېتىم بولىدۇ. 12-ئاينىڭ ئاخىرى شىركەتلەر بىر قېتىم "چرىسماس يىغىلىشى" ئۆتكۈزىدۇ. خۇسۇسىي شىركەتلەر بۇ يىغىلىشلارنىڭ چىقىمىنى شىركەتتىن چىقىرىدۇ. ھۆكۈمەتكە تايىنىدىغان بىزنىڭكىگە ئوخشاش ئىدارە بولسا "چرىسماس يىغىلىشى" نىڭ چىقىمىنى ئۆزىمىز كۆتۈرىمىز. شۇڭا ئۇنىڭغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ئۆز ئىختىيارلىغىمىزدا بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار توي-مۇراسىمى ۋە ئۆلۈم بولغان ۋاقىتتا تۇققان ۋە دوستلىرىنى بىر قېتىم يىغىدۇ. 11-ئاينىڭ 20 نەچچىنچى كۈنى بولىدىغان "رەھمەت ئېيتىش بايرىمى" (ئىنگلىزچە "تھانكسگىۋىڭ ھولىداي") دە بولسا تۇغقانلار بىر ئۆيگە جەم بولىدۇ. ئىدارە ياكى شىركەتلەردە بىر چوڭ نەتىجە قازىنىش بولغاندا، بىر گۇرۇپپا ئادەم ياكى شىركەت بويىچە تەبرىكلەش نۇقتىسىدىن بىرەر رېستورانغا ياكى مېھمانخانا زالىغا يىغىلىشلار بولىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى بۇنىڭدىن باشقا مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. مەن ھازىرغىچە يەھۇدىيلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ياپوننىڭ كوچىلىرىدا ماڭسىڭىز ياكى پويىزىغا چىقسىڭىز ئاساسەن قاپىقى تۈرۈك، قاتتىق ئويلىنىۋاتقان كىشىلەرنىلا كورىسىز. كۈلۈمسىرىگەن كىشىلەرنى ئاسانلىقچە تاپالمايسىز. دۇنيادا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا قالسىمۇ، يەنە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، كۈلۈپ-يايراپ ياشىيالايدىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇردىن باشقىسى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار دۇنيا بويىچە بىر مۆجىزە ياراتتى، دەپ ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ھازىر بۇنداق كۈلۈپ-يايراشلار ۋاقىت جەھەتتىكى ناھايىتى چوڭ ئىسراپچىلىق بەدىلىگە كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق جەھەتتىكى ئورۇپ ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز كەسپىدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىشىگە، ياكى بېسىپ چۈشەلىگەن تەقدىردىمۇ ئاشۇ ئورنىنى ساقلاپ تۇرالىشىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سېلىۋاتىدۇ. كوپ ئوينايدىغان مىللەت كوپ ئويلايدىغان مىللەت بىلەن بىرگە ياشىسا چوقۇم زىيان تارتىدۇ. بۇنى ھازىر ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ھالدا بىر نورمالنى ئادەم قاتارىدا ياشىيالىشى ئۈچۈن كوپ ئوينايدىغان مىللەت ئۆزىنى بىر ئاز ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ساز-مۇزىكا ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر بولۇشى ئۇلارنىڭ بىر چوڭ مىللىي ئارتۇقچىلىقى ئىدى. ئەقىل ئىشلىتىپ، ئىلمىي يوسۇندا ئىش كۆرگەندە، ئەسلىدە بۇ ئالاھىدىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيەت تۇرمۇشىغا ھېچ قانداق ئەكسى تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تۇرمۇشىنى ياكى پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن بولاتتى. بۇ جەھەتتە ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نەمۇنىلىك رول ئويناۋاتقان مىساللار ئاز ئەمەس. لېكىن، ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ كەتىپ، ئۆز كەسپى جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتقان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر. ھەمدە ئۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتىۋاتىدۇ. بالىڭىز ماڭغان ۋاقىتتىن تارتىپلا ئۇسۇل ئويناشنى مەشىق قىلىپ چوڭ بولغىنى بىر ياخشى ئىش. ئۇ سىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئۇنىڭ بالىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ كوپ پايدىسى بار. لېكىن، بالىڭىزغا ئۇسۇل ئۆگىتىش بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. بالىڭىز كەلگۈسىدە ناخشىچى ياكى ئۇسۇلچى بولالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگىنىش بىلەنلا چوڭ بولۇپ، چوڭ بولغاندا ھەممىسى ئۇسۇلچى بولۇپ كەتسە، ئۇيغۇرنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. بالىڭىز ئۇسۇلدىن باشقا ھەر قانداق بىر كەسىپنى ياخشى قىلىشى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بولالىشى ئۈچۈن، چوقۇم كىتاب ئوقۇشنى ۋە بىلىم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشى كېرەك.

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى "ئىشلار بۇزۇلۇپ كەتتى" دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىشنى تېخىمۇ بۇزۇشقا قاراپ يول تۇتىدۇ. ئۇيغۇر مېھماندارچىلىقىدىكى ئىسراپچىلىق ھازىر مانا مۇشۇنداق "بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىشلار" دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر مېھماندارچىلىقنىڭ ھازىرقى ھالىتى مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، مېھماندارچىلىقتىكى تاماق ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئارتۇق يەۋېلىش، تاماكا ئىسى ۋە يۇقىرى ئاۋازنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ بىر ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىگىنى توغرا چۈشىنىش ھەرگىز ئىلغار مىللەت، ئىلغار مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئىلغار مىللىي ئورۇپ-ئادەت قاتارلىقلار توغرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك بىلىمنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىگىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەر بىر ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەر ئۆز ئەقلىنى ئازراق ئىشقا سالسىلا كۇپايە. كىشىلەردە مەلۇم بىر ئىشنىڭ ئوڭشىلىشىغا نىسبەتەن ئۈمىد پەيدا بولغاندا، ئۇلارمۇ مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلمىي يوسۇندا ياشاشقا قاراپ مېڭىپ، ئۇ ئىشنىڭ ئوڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا يوقارقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى، ئۇيغۇرلاردا ئىشنى ئوڭشاشقا بولغان ئىشەنچىنى پەيدا قىلىش. بۇ جەھەتتە چوقۇم بىر قىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلار باشلامچى بولۇشى كېرەك.

ئاخىرىدا مەن بالا تەربىيىسى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. ھازىرقى مېڭە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كىچىك بالىلىق دەۋرىدە بەشىدىن كەچۈرگەن روھىي جەھەتتىكى، فىزىكىلىق جەھەتتىكى ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى مۇھىت شۇ كىشىنىڭ مېڭىسىنىڭ تۈزىلىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر كىچىك بالىغا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە باشقا بالا باققۇچىلارنىڭ قانداق قارىغانلىقى بۇ بالىنىڭ كېلەچەكتىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەمئىيەت ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بالا قۇچاقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ 5 ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى قانداق تەربىيىلىسە بالىلار ئەڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىغانلىقى جەھەتتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئومۇميۈزلۈك ۋە مەركەزلەشكەن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئورۇنلار جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇننىڭ بىرسى "كالىفورنىيە پەرزەنتلەر ۋە ئائىلىلەر كومىتېتى" دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تور بەت ئادرېسى:
http://www.ccfc.ca.gov

نۇرغۇن ئۇيغۇر ياش ئانىلىرى ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن مۇشۇ سۆھبەتتە ئىمكانقەدەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆپرەك كىرگۈزۈشىمنى تەلەپ قىلدى. "قانداق قىلغاندا بالىنى ياخشى تەربىيىلىگىلى بولىدۇ؟"، دەپ ئايرىم سوئال چىقارغان قېرىنداشلارمۇ بار. ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكىدا بالا تەربىيىسى توغرىسىدىكى بىلىم ۋە ئۇچۇر ئىنتايىن كوپ. كالىفورنىيىدىكى 10 كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن 22 كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەممىسىدە "بالىلار تەرەققىياتى" (ئىنگلىزچە "چىلد دەۋەلوپمەنت") دېگەن مەخسۇس فاكۇلتېتلار بار بولۇپ، بالىلار يەسلىسىدە ئىشلەيدىغانلار كەم دېگەندە مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇپ، 12 ئوقۇش نومۇرى (ئىنگلىزچە "ئۇنىت") نى تاماملىشى كېرەك. بۇ ھەپتىسىگە 3 سائەت ئۆتىلىدىغان، بىر يىل 2 مەۋسۇمغا بۆلىنىدىغان مەۋسۇملۇق دەرستىن 4 دەرسكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇلارنى ھەرگىز بالىلار يەسلىسىگە خىزمەتكە ئالمايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلار كەم دېگەندە مۇشۇ كەسىپتە باكلاۋۇر ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. مەن يۇقۇرقىدەك بالىلىرىغا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان، بالىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ۋە ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بولىدىغان ئۇيغۇر ئانىلىرىدىن ئىنتايىن رازىمەن. ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. قۇلۇمدىن كېلىشىچە ئۇلارنى قوللاشنى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن، ئەگەر مەن يۇقۇرقىدەك سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىمەن دېسەم، ياكى ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ "بالىلار تەرەققىياتى" دېگەن كەسپىدە ئوقۇشۇم كېرەك. ياكى بولمىسا ئاشۇ كەسىپكە ئائىت كىتابلارنى ئۆزۈم ئۆگىنىپ چىقىشىم كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم بىر كىتاب يېزىشىم كېرەك. لېكىن، مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. شۇڭا ئەگەر ۋەتەندە بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ھەمدە ئىنگلىزچىنى بىلىدىغانلار بولسا، مەن ئۇلارغا ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان، بالا تەربىيىلەشكە ئائىت ھازىرقى زامان بىلىملىرى بار ئىنگلىزچە تور بەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ بېرىشنى خالايمەن. مەسىلەن، يۇقىرىقى تور بېتىنىڭ تۆۋەندىكى سەھىپىسىدە بالا تەربىيىسىگە ئائىت ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار بار ئىكەن:
http://www.ccfc.ca.gov/pubs.htm

ئۇنىڭدىن باشقا، بالا تەربىيىسىگە ئائىت مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم سوئالى بارلار بولسا، ماڭا سوئالىنى ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بەرسە، مەن ئىنگلىزچە ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىزدىنىپ، ئۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىپ باقساممۇ، ھەمدە ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك بىر نەرسە يازالىسام، ئۇنى تور بېتى ئارقىلىق ھەممە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنساممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادرىسىم:erkinsidiq@gmail.com

پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا تۆھپە ئەمەس. پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى بىر جەمئىيەتكە ئەسقاتىدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرمەسلىك بىر چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئۇ ھەتتا بەزىدە بىر خىل جىنايەت. مەن داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ شاد-خۇراملىقىنى ئىستەيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ ھەر زامان ۋە ھەر جايدا ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى، بالىسىنى ساغلام ۋە ئەتراپلىق تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈشكە خۇددى بىر سىستېما ئىنجىنىرلىقى پروجەكتىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى مۇكەممەل ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باش بەتكە قايتىش