2- بۆلۈم

 

سوئال: ئالدىنقى ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت خۇسۇسىي كارخانىچىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. شۇغىنىسى، بۇ شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى رايوندىن ھالقىتالمىدى. سىزچە خۇسۇسىي مىللىي كارخانىلار قانداق قىلغاندا ساھەدىن، رايوندىن، چېگرىدىن ھالقىيالايدۇ؟

ئىنگلىزچە «Behavioral Science» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچىدە «قىلمىش ئىلمى» دېگەن مەناغا يېقىن كېلىدىغان بىر ئىلىم بار. بۇ ئىلىمنىڭ ئەڭ تۈپ نەزەرىيىسى مۇنداق: ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بولسا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دۇنيادا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئىلىم-پەنلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىر-بىرى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. مەن ئىقتىساد كەسپىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولمىغاچقا، بۇ يەردە يۇقىرىدىكى سوئالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت بىر مەسىلىنى يۇقىرىدا بايان قىلغان قىلمىش ئىلمى نەزەرىيىسى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ باقاي.

مېنىڭچە ئىگىلىك ۋە سودا-سېتىقنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشتە ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغان مۇنداق ئىككى ئامىل بار. ئۇنىڭ بىرى، باشقا ساھە، باشقا رايون ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ سىز چىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتقا بولغان ئەھتىياجى. يەنە بىرى بولسا سىز چىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاشۇ ماكانلاردىكى رىقابەتلىشىش كۈچى. تۆۋەندە مەن مۇشۇ 2 ئامىلنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي.

1. بىر يېڭى شىركەت قۇرۇشتىكى ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنىڭ بۇ شىركەت چىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئەھۋال ئىگىلىك ۋە سودا-سېتىقنى كېڭەيتىشكىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ. نۇرھگۇن شىركەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ياكى بولمىسا كۆپلىگەن ئىقتىسادىي مەبلەغنى ئىسراپ قىلىۋېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ بازار ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك ئىگىلىرى بازار ئېھتىياجىنى كۆزىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن ئوخشىمىغان رايونلاردىكى بازار ئەھۋالىنى ئۆزى بىۋاسىتە، پىلانلىق ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇ جەھەتتە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن ئۇچۇر سېتىۋېلىپ، شۇ ئۇچۇرلاردىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەك. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودا-سېتىق يىغىنى ۋە كۆرگەزمىلىرىگە بېرىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق يالغۇز ئۆز شىركىتى ھازىر ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا يېڭى بازار تاپالاپلا قالماستىن، قانداق يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى بارلىقىنىمۇ بايقاپ، شۇ ئارقىلىق مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ سانىنىمۇ كۆپەيتىشكە ئاساس يارىتالايدۇ.

مەن ئامېرىكىدا ئىشلەپ باققان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، شۇنداقلا مەن بىلىدىغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «سودا-سېتىق ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى» دېگەن بۆلۈمدىن بىرى بار بولۇپ، بۇ بۆلۈمنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى، ئىزچىل تۈردە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنىڭ يېڭى يۈزلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە «New Product Introduction (NPI) Procedure» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە «يېڭى مەھسۇلات بەرپا قىلىش قەدەم-باسقۇچلىرى» دېگەن مەنادىكى بىر شىركەت تۈزۈمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ 1-قەدىمى «بازار تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش» تىن ئىبارەت بولىدۇ.

يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنى ئۇلارنىڭ سودا ستراتېگىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى بازار ئې ھتىياجىغا ئاساسەن راۋاجلاندۇرۇلۇدىغان شىركەت بولۇپ، ئىنگلىزچە «Market driven development» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. يەنە بىرى بولسا تېخنىكىلىق ئېھتىياج ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلىدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇنى ئىنگلىزچە «Technology driven development» دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق شىركەتنى قۇرغان ئادەم مەلۇم بىر يېڭى تېخنىكىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مەلۇم مىقتاردىكى ئىقتىسادىي مەبلىغى بار بولغان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن بىر يېڭى تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا خېرىدار ئىزدەيدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق شىركەتلەر ھازىرچە يوق دېيەرلىك بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى خىلدىكى شىركەتلەر ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن ۋە كېڭەيتىمەن دەيدىكەن، چوقۇم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنى مۇكەممەل چۈشىنىش جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئۈنۈملۈك كېڭىيىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ.

2. كارخانا ئىگىلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە تېخنىكا يېڭىلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخىنى چۈشۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك. كەسكىن رىقابەتتە ئۇتۇشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يولى يوق. ئامېرىكىدىكى مەن بىلىدىغان، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىۋاتقان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ئۆز كىرىمىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن 30 پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنى يېڭى مەھسۇلات تەتقىقاتىغا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. بۇنى ئىنگلىزچە «Research and Development» دەپ ئاتاپ، قىسقارتىپ «R&D» دەيدۇ («&» بەلگۈسى ئىنگلىزچە « and» دېگەن سۆزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ). «R&D» غا خەجلىگەن پۇل دەسلەپتە ھېچ قانداق ئىقتىسادىي قىممەت ياراتمايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇلنى خەجلەشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ شىركىتىمۇ ياخشى ماڭمايدۇ. ھەقىقىي بىلىملىك، يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەر بولسا بۇ پۇلنى خەجلەشتىن ئازراقمۇ باش تارتمايدۇ. ئامېرىكىدا بۇ جەھەتتە مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان دوكلاتلار بار. شۇڭا مەن ئۇيغۇر كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بىر ئادەم ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، ھەرگىز ئۇنى خەجلەپ تۈگىتىشكە ئالدىرىماسلىقى كېرەك. «بۇ پۇلنى قانداق خەجلىسەم، شىركىتىمنىڭ ئىگىلىكىنى تەخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايمەن؟»، «مەن تىرىشىپ "a" نۇقتىدىن "b" نۇقتىغا يېتەلىدىم. ئەمدى قانداق قىلسام "b" نۇقتىدىن "c" نۇقتىغا يېتەلەيمەن؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئۆزىدىن داۋاملىق سوراپ تۇرۇشى كېرەك. پات-پات باشقا رايون ۋە باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ چىقىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش كەسپىي ساھەسىدە نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادا يەنە قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك.

مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن، ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى يەنە مۇنداق بىر ئەھۋال بار. ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىۋاتقان شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىگىلىرى ھەرگىز غايەت زور بايلىققا ئېرىشكەن ھامان قانائەتلىنىپ توختاپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشتىكى ئەسلى مەقسىدىمۇ ھەرگىز پۇل تېپىپ، باي بولۇش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى، ئۆز ئىقتىدارىنى ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق خەلق-ئالەم ئالدىدا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت. سىز ئەگەر ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسىڭىز، بۇنداق كىشىلەر ئاللىقاچان بىر ئۆمۈر قانداق خەجلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان بايلىققا ئېرىشىپ بولغانلىقىنى بايقايسىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرى دەسلەپتە يېڭى ئىگىلىك باشلىغان ۋاقىتتىكى جاپا-مۇشەقەتكە بەرداشلىق بېرىپ، قاتتىق تىرىشىش روھىنى ئازراقمۇ بوشاتمىغان بولۇپ، بۇرۇن ھەر بىر كۈنننى قانداق ئۆتكۈزگەن بولسا، ھازىرمۇ بىر كۈنىنى شۇنداق ئۆتكۈزىدۇ. بىر ئۆمۈر ئاشۇنداق ياشاپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدىغاندا، يىغقان پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز پەرزەنت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قالدۇرسا، قالغان بىر قىسمىنى ھەر خىل پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر سىز ئامېرىكىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىنالىرىنىڭ ئىسىملىرىغا قارىسىڭىز، كۆپىنچىسى بىرەر ئادەمنىڭ ئىسمىدا نام ئالغانلىقىنى بىلىسىز. بۇ ئادەم ئەسلىدە ئاشۇ بىنانىڭ سېلىنىشىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشى بولۇپ، شۇ ئادەمنىڭ شەرىپى ئۈ چۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى شۇ بىنانىڭ نامى قىلىپ بېكىتكەن بولىدۇ.

ئامېرىكىدىكى كارخانا ئىگىلىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك، مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقايمىز. «شىركەت قۇرۇپ، مىليونېر بولغاندا پېنسىيەگە چىقىپ، راھەت ياشايمەن» دەپ نىشان تۈزگەنلەر مەڭگۈ مىليونېر بولالمىغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىر يېڭى ئىگىلىك يارىتىپ، ئۆز قابىلىيىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلماقچى بولغانلار مىليونېر ۋە مىلياردېر بولغان. ئۆتكەن يىلى كالىفورنىيەگە شىتات باشلىقى بولۇپ سايلانغان Arnold Schwarzenegger 1968-يىلى ئاۋسترىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە 1983-يىلى ئامېرىكا گىراجدانلىقىغا كىرگەن بولۇپ، سايلىنىشتىن بۇرۇن يىغقان بايلىقىنىڭ قىممىتى 850 مىليون دوللار ئىكەن. ئۇنىڭ 2000-يىلىدىكى بىر يىللىق كىرىمى 31 مىليون دوللار بولۇپ، شىتات ۋە دۆلەت بېجى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار تاپشۇرۇپتۇ. ئاشۇنداق بايلىق بىلەن، ئۇنىڭ كالىفورنىيەدەك بىر چوڭ ۋە مۇرەككەپ شىتاتقا رىقابەت ئىچىدە باشلىق بولۇشىدىكى مەقسەت نېمە؟ مېنىڭچە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.

3. ئۇيغۇر كارخانا ئىگىلىرى ئۆز بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىلمىدىكى ھەقىقىي كەسپ ئەھلى بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارخانا ئىگىلىرى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتىس نىڭ ھېكايىسىنى خېلى كۆپ ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بىل گېيتىس ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە باكالاۋر ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ، ئۆزى مىكروسوفت شىركىتىنى باشلىغان. ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېز-تاماق رەستۇرانت شىركىتىنىڭ بىرى بولغان «Denny's» نىڭ قۇرغۇچىسى دەنني دېگەن كىشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرەلمەي، شۇنىڭ بىلەن ئاسۇ شىركەتنى باشلىغانىكەن. بۇ كىشىنىڭمۇ ئامېرىكىدا خېلى داڭقى بار (ئۇ كىشى 2004-يىلى ئۆلۈپ كەتتى). لېكىن، يۇقىرىقىلار ئىگىلىك يارىتىش جەھەتتىكى مۆجىزىلەر بولۇپ، ئۇ ھەرگىز ئومۇمىلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئادەم بىر شىركەت ئېچىپ، پەقەت ئۆز تۇرمۇشىنى شۇ شىركەتتىن كىرىدىغان كىرىم بىلەن قامداشنى نىشان قىلسا، ئۇنى بىر ئوقۇمىغان كىشىمۇ قىلىپ كەتەلەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ئۆز ئىگىلىكىنى كېڭەيتىپ، بىر قانچە كىشىلىك كىچىك شىركەتتىن بىر قانچە يۈز كىشىلىك كىچىك شىركەتكە، نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ كىشىلىك ئوتتۇرا كۆلەملىك شىركەتكە، ھەتتا چوڭ كۆلەملىك شىركەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئىلىم-پەننى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ بېشىدا، 50 ياشلارغا كىرگەن، بىر كارخانىسى بار قوشنىمىزنىڭ ھازىر ئالىي ماتېماتىكا دەرسلىرىنى تاللاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بىر كەسپىي ساھەدە كەم دېگەندە بىردىن ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانى بولۇپلا قالماي، «ئىگىلىك باشقۇرۇش» كەسپىدە بىردىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانى بار. نەچچە يۈز كىشىلىك شىركەت خادىملىرى بار شىركەتلەردە بولسا، بۇنداق ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئۇنۋانى بارلاردىن بىر قانچىسى بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدىكى ھەممە ئالىي مەكتەپلەردە « ئىگىلىك باشقۇرۇش» (ئىنگلىزچە «Management and Business Administration» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «MBA» دەپ ئاتىلىدۇ) كەسپى بار بولۇپلا قالماي، پەقەتلا MBA ئۇنۋانى بېرىدىغان كىچىك تىپتىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ. نەگىلا بارسىڭىز بۇنداق مەكتەپلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. بۇ كەسىپ ئىشلەۋېتىپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دەرسلىرى ئاساسەن ئاخشىمى ۋە شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆتۈلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇيدۇ. كارخانا ئىگىلىرى بىلىم ئارقىلىق ئۆزلىرىگە يېڭى پۇرسەت يارىتالايدۇ. بىلىم ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. رىقابەت مېخانىزمى ئۆ زلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو جەمئىيىتىدە ھەمدە ھەممە ئىگىلىك ئىنتايىن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە راۋاجلىنىدىغان چەت ئەللەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر كارخانا ئىگىلىرى چوقۇم ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىدىكى يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئۆزلۈكسىز ۋە تولۇق قوراللاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىش دەسلەپتە بىر خىل ئىسراپچىلىقتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئادەمنى جەلپ قىلالماي، زېرىكتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ بىر قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتمەي ئىلاج يوق. تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش، ئۇلارنىڭ بازىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىلىم، ئىقتىدار ۋە تېخنىكا جەھەتتە ھېچ بولمىغاندا چوقۇم باشقىلارغا يېتىشىۋېلىش، مۇمكىن بولسا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈش كېرەك. ئۆز سودا-سېتىقىنى باشقا جايغا، باشقا رايون؟غا ۋە چەت ئەلگە كېڭەيتىشتە بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش شەرت ئەمەس. دەسلەپتە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي ساھەسىدە ئالىي مەكتەپ دەرسىدىن بىرنى تاللاپ ئوقۇشتىن باشلىسىڭىزمۇ پۈتۈنلەي بولىدۇ. مېنىڭچە، بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئۇيغۇر كارخانا ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئۇنچىۋالا تەس توختاپ كەتمەيدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ئاشۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى بىر دەمدىلا كۆرىسىز. ئاشۇنداق بىر دەرسنى تاللاپ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىپ، بۇنداق ئوقۇشنى سىزنىڭ ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا كۆزىڭىز يەتسە، سىز يەنە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئوقۇسىڭىز، ھەمدە مۇمكىن بولسا ئاخىرىدا مبا دە ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئېلىۋالسىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن چەكسىز پايدىسى بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى قانچىلىك تەرەققىي قىلدى، بۇنىسى ماڭا مەلۇم ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق ئىشلار ھازىرچە يوق بولسا، پات ئارىدا بار بولۇشى مۇمكىن. ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن تەز تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ھازىرقى دۇنيانىڭ مۇقەررەر تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ، شىجائەتلىك ئۇيغۇر كارخانا ئىگىلىرىمۇ مۇقەررەر ھالدا بۇ ئېقىمنىڭ ئىچىگە تارتىلىپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

4. ئىجتىمائى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈچۈن توختىماي يېڭى خېرىدار تېپىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا بايان قىلغان، ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سودا-سېتىق ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى ئۆز شىركىتىنىڭ خېرىدارسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان باشقا شىركەتلەرنى توختىماي ئىزدەش ۋە ئۇ شىركەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خېرىدارلار قوشۇنىغا كىرگۈزۈۋېلىش. سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنى ئۆزنىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىدىن خەۋەردار قىلىشىڭىز كېرەك. خېرىدارلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىش مانا بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر. يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە جۇڭگونىڭ شاڭخەي ۋە شېنجېن رايونلىرى ئامېرىكىدىكى مىڭلىغان سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنى ئۆ زلىرىگە جەلپ قىلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئامېرىكا بازىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ھازىر خەلقئارادا «دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. مېنىڭچە جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە ئىشلەتكەن ئەڭ ئۈ نۈملۈك ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپىتى ۋە تۆۋەن تەننەرخىگە ۋە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ خىللىقىغا ئىشەندۈرگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو ماللىرىنىڭ مۇشۇنداق يوللار بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاپ كىرىشى نەتىجىسىدە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يىللىق سودىسىنىڭ قىزىل رەقىمى 50 مىليارت دوللاردىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

ئاخىرىدا، مەن جۇڭگودىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى خەلقئارالىق بازارلارنى ئىگىلەش جەھەتتە قوللىنىۋاتقان يەنە بىر ئۇسۇلى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلاي. مەن بۇلارنى يۇقىرىدا تىزغانلىرىمنىڭ بەشىنچىسى قىلىپ تىزمىدىم. سەۋەبى، بۇ ئۇسۇل جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەڭ چوڭ كارخانىلارنىڭ قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر كارخانىلىرىگە ھازىرچە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، جۇڭگودىكى بىر قىسىم كارخانىلار ئامېرىكىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بىلەن ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، خەلقئارالىق بازار ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بەزى شىركەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى شۇلارنىڭ نامى بىلەن سېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق بازارلاردىكى ئورنىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىلەر مانا مۇشۇنداق بىر ئىقتىسادىي ستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ بىر قانچە مىساللىرىدۇر:

(1) جۇڭگو دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «Haier گۇرۇھى» ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئۆي ئىچى ئېلېكترونلۇق بۇيۇملىرى (مەسىلەن، مۇزلاتقۇ، مىكرو-دولقۇن دوخوپكىسى قاتارلىقلار) نى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان «Maytag» نى سېتىۋېلىش ئۈ چۈن ئۇنىڭغا 1.28 مىليارت دوللار باھا قويدى.

(2) جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى CNOOC نېفىت شىركىتى ئامېرىكىنىڭ «Unocal» نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر نېفىت شىركىتى « Chevron» بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ قويغان باھاسى Chevron نىڭكىدىن 2 مىليارت دوللار ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ، ھازىر بۇ ئىش ئامېرىكىدا ئىنتايىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغاۋاتىدۇ. سەۋەبى، نېفىت بىر دۆلەتنىڭ ستراتېگىيەلىك تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بولغاچقا، بەزى كىشىلەر «جۇڭگو مۇشۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ نېفىت بازىرىنى كونترول قىلماقچى» دەپ قاراۋاتىدۇ.

(3) 2005-يىلى ئەتىيازدا، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك دېڭىز نېفىت شىركىتى كانادادىكى «MEG ئېنېرگىيەسى» ناملىق شىركىتىنىڭ 17 پىرسەنتىنى سېتىۋالدى. جۇڭگونىڭ يەنە بىر دۆلەت ئىگىلىدىكى نېفىت شىركىتى كانادانىڭ ئالبېرتا رايونىنىڭ قۇملۇقىدىكى بىر نېفىت پروجېكتىنىڭ 40 پىرسەنتىنى سېتىۋالدى.

(4) 2004-يىلى دېكابىردا، جۇڭگونىڭ «لەۋونو گۇرۇھى»(ليەنشياڭ گۇرۇھى) ئىبم نىڭ خۇسۇسىي كومپيۇتېر تارمىقىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

(5) 2004-يىلى، جۇڭگونىڭ «TCL گۇرۇھى» ئۆزىنىڭ تېلېۋىزور بىلەنDVDئىگىلىكىنى فرانسىيە «Thomson» شىركىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «RCA» ماركىسى بىلەن تېلېۋىزور ياسايدىغان دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى تېلېۋىزور شىركىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

((6) 2002-يىلى، جۇڭگونىڭ «Netcom خەۋەرلىشىش گۇرۇھى» ئامېرىكىنىڭ «Global Crossing» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ تىپلىق خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئاسىيا تارمىغىنى بىر مىليارت دوللار پۇلغا سېتىۋالدى.


2a

فلورىدادىكى "كېننېدي ئالەم بوشلۇق مەركىزى" دە. رەسىمدىكىسى
ئامېرىكا ئالەم بوشلىغىغا سۇنئى ھەمرا ۋە باشقا ئۇشقۇرلىرىنى قويۇپ بەرىش ئۇچۇن ئىشلەتكەن راكېتالارنىڭ مودېلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەڭگى، قۇرۇلمىسى ۋە چوڭ-كىچىكلىگى ھەقىقىي راكېتالارنىڭ بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ رەسىم 2006-يىلى 28-ماي كۇنى تارتىلغان.


1a

كېننېدي ئالەم بوشلۇق مەركىزىدىكى ئالەم بوشلۇق قاتناش كېمىسى بىلەن ئۇنى ئالەم بوشلىغىغا ئېلىپ چىققۇچى راكېتانىڭ مودېلى. ئۇلارنىڭ رەڭگى بىلەن چوڭ-كىچىكلىگى رەسمىي نەرسىلەرنىڭ بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمىگىچە ئۇلارنىڭ قانچىلىك چوڭ بولىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەن.
بۇ رەسىم 2006-يىلى 28-ماي كۇنى تارتىلغان.


2b

كېننېدي ئالەم بوشلۇق مەركىزىدىكى ئالەم ئۇشقۇرلىرىنى راكېتاغا ئورۇنلاشتۇرۇش بىناسى. راكېتا مۇشۇ بىنانىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ تىپلىق تومۇر تاپانلىق ماشىنىنىڭ ئۇستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، راكېتانىڭ ئۇستىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھەممە ئىشلار پۇتكەندىن كېيىن، بۇ تومۇر تاپانلىق ماشىنا ئالەمگە قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بارىدۇ. ئاندىن راكېتا ئاشۇ مەيداندا ئالەم بوشلىغىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ بىنا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىنالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سىغىمى نىيوۋ يورك شەھرىدىكى ئېمپىراتور بىناسىنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
بۇ رەسىم 2006-يىلى 28-ماي كۇنى تارتىلغان.


2c

كېننېدي ئالەم بوشلۇق مەركىزىدىكى ئالەم قاتناش كېمىسىنى ئالەمگە ئېلىپ چىققۇچى راكېتا مودېلىنىڭ ئاستىنقى تەرىپى. ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىگى،قۇرۇلمىسى ۋە رەڭگى ھەقىقى راكېتا بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ يەردىكى 5 يۇملاق نەرسە پارتىلىغان ئوت ئېتىلىپ چىقىدىغان مۇرىغا ئوخشاش نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرسىنىڭ دىيامېتىرى بىر ئادەمنىڭ بويى بىلەن باراۋەر كېلىدىكەن.
بۇ رەسىم 2006-يىلى 28-ماي كۇنى تارتىلغان.

باش بەتكە قايتىش