3-بۆلۈم

سوئال: سىزچە، بىر مىللەت قۇدرەت تېپىشتا ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى كېرەكمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەكسىچە بولسىچۇ؟

ئەگەر بىز يېقىنقى زامان خەلقئارا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى مۇنداق 2 خىل ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز: بىرىنچىسى، ھەربىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقا مىللەت، رايون ۋە دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى تاران-تاراج قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش. ئىككىنچىسى بولسا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش. 1815-يىلى ناپولىيون ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، 1914-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغىچە بولغان 100 يىل ۋاقىت جەريانىدا، ئەڭلىيە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇش رولىنى ئوينىدى. ئۇنىڭ تايانغىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىي تاپقان، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق يەر زىمىنىنىڭ 1/4 قىسمىنى ۋە دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 1/5 قىسمىنى بېسىۋالدى. ئۇنىڭ بېسىۋالغان دۆلەت ۋە رايونلىرى شىمالىي ئامېرىكا، كارىببىن، ھىندىستان، ئاۋىسترالىيە، ئافرىقا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى بېسىۋەلىپ، شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا چەكلىمە قويدى، ئۇلار يۇقىرىقىدەك قورالغا تايىنىپ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 2-يولنى: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىپ، شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تاللىدى. ھەممىمىزنىڭ ھازىر كۆرۈپ تۇرغىنىدەك، ئۇلار بۇ مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى زور كۈچلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياپونىيە ئۆزىنىڭ زىمىنىدە ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقى يوق بىر كىچىك ئارال دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، دۇنيا ئىقتىسادىدا پەقەت ئامېرىكىدىن كېيىنكى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى. شۇڭا ياپون مىللىتى ئىقتىسادىي ساھەدە ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك مىللەتكە ئايلانغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ.

سەۋەب-نەتىجە نۇقتىئىينەزەرى بويىچە ئېيتقاندا، يۇقىرىدا مەن ھەربىي كۈچ بىلەن ئىقتىسادىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سەۋەب، مىللەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى نەتىجە قىلىپ تەسۋىرلىدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ سەۋەبلەرنى يەنە بىر سەۋەبنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى مەيلى ئەنگلىيە بولسۇن، ياپونىيە بولسۇن ياكى گېرمانىيە بولسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تايانغان ۋاسىتىسى مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. شۇڭا، بىر قەدەم ئارقىغا يېنىپ قارايدىغان بولساق، مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەپ، ئۇلارغا تايىنىپ ھەربىي كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق مىللەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بولسا نەتىجە بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ روشەن مىسال ياپونىيەدۇر. گەرچە ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، 1945-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خەلق مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا 100 يىل بولغان ئىدى. شۇڭا، گەرچە 1940-يىللىرى توكيو ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە تۈپتۈز بولۇپ كەتكەن، پۈتۈن ياپون دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ئۈزۈل-كېسىل نابۇت بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئاساسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ياپون مىللىتى كېيىنكى 20-30 يىلنىڭ ئىچىدىلا بىر غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپ دۇنيا مىقياسىدا قەد كۆتۈردى. ئەگەر ياپونىيەنىڭ مائارىپ ئاساسى بولمىغان بولسا، بۇنداق بىر مۆجىزىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ناپولىيون بىر چاغدا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قىلغانىكەن: «جۇڭگو بىر ئۇخلاۋاتقان دىۋە (غايەت زور ئادەم). بىز ئۇنىڭ يېتىپ ئۇخلىشىغا يول قويايلى. ئۇنداق قىلماي ئۇ ئويغىنىپ كەتسە، ئۇ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ». بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دىۋە ھازىر ئاللىقاچان ئويغىنىپ بولدى. جۇڭگو دەسلەپتە سودىدا، كېيىن تېخنىكىدا، ھازىر بولسا ھەربىي كۈچ جەھەتتە قەد كۆتۈردى. ئەگەر سىز يېقىنقى جۇڭگو توغرىسىدىكى خەۋەر-ھېكايە، باش ماقالە ۋە ھەر خىل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن:

• ھازىر دۇنيا مىقياسىدا چوڭ كۈچنىڭ يۆتكىلىشى بولۇۋاتىدۇ
• جۇڭگو ئەڭ روشەن ئۆسۈۋاتقان كۈچتۇر
• جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانماقتا
• جۇڭگو ئاللىقاچان رايون خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلىنىپ بولدى، ھەمدە ھازىر دۇنياۋىي كۈچكە ئايلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.
• جۇڭگو 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر بەلگە شۇكى، جۇڭگو يېقىندا كۈنىگە 5 مىليون تۇڭ (ئىنگلىزچە «barrel») ماي ئىستېمال قىلىدىغان ئىقتىسادتىن كۈنىگە 8 مىليون تۇڭ ماي ئىستېمال قىلىدىغان ئىقتىسادقا سەكرىدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ پەرىزىچە، 2010-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى گېرمانىيەنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولۇشى ھەمدە 2020-يىلىغا بارغاندا ياپونىيەنى بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن.

بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىئا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى (SJADB) پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ناھايىتى جىددىي ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئەگەر بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىپ قالسا، ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ياۋروپا پۇلى ئەئۇرو ئامېرىكا دوللىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر پۈتۈن ئاسىيادا پەقەت بىرلا پۇل يولغا قويۇلسا، ئۇمۇ دوللار بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياۋروپا بىرلىكى 1980-يىلىدىن باشلاپ سجادب نىڭ سودا شېرىكى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، ياۋروپا بىرلىكى ھەربىي جەھەتتىمۇ جۇڭگوغا يېقىندىن ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈندۇر.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ سودا دۇكىنى ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرۇپ ماڭدۇرۋاتقانلار خېلى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. مەن ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئاشۇنداق كارخانا قۇرغۇچىلارنىڭ بىر قانچىسى بىلەن تونۇشتۇم ھەمدە ئۇلاردىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. لېكىن، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كارخانا قۇرۇپ، يېڭى ئىگىلىك يارىتىش جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئارقىدا. ئۇزۇن تارىختىن بۇيان، شۇنداقلا 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى بىر سودىغا ئىنتايىن ماھىر، سودا قىلىش ئىقىتدارى ئىنتايىن مول مىللەت سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەنىدى. لېكىن، يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە، ئۇيغۇرلار سودا-سېتىق، قول سانائىتى ۋە كارخانا قۇرۇپ، يېڭى ئىگىلىك يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خەنزۇلارنىڭ كۆپ ئارقىسىدا قالدى. ھازىرقى ۋەزىيەت ئادەمنى بەك ئېچىندۇرىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبى بار:

بىرىنچىدىن، جۇڭگودا قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئىجرا قىلىنىشى تېخى مۇكەممەللىشىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان ئادەملەر ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر خىزمەت تېپىش جەھەتتە ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەت ئالدىدا باراۋەر بولالمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغان زىيىنى ئەڭ كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالى، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە ئىچكىركى ئۆلكىلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتسىز قېلىۋاتقانلىقىدۇر. بىر ياشنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىنتايىن كۆپ پۇل سەرىپ قىلىدۇ. بۇ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن سېلىنغان بىر خىل مەبلەغ بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئۆز ئىقتىدارىغا لايىق خىزمەت تېپىپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن بۇ مەبلەغنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىنى، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ياشلارنى ئوقۇتۇپ قويۇپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلمىسە، بۇ بىر چوڭ ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا بولغان زىيىنىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال شۇكى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي، نورمال ھايات كەچۈرۈش ۋاسىتىسىدىنمۇ قۇرۇق قالغىلى تۇرۇپتۇ. مېنىڭ ئۇلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. ياش 22 دىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا تايىنىش، روھىي جەھەتتە ئىنتايىن ئازابلىنارلىق ئىش. شۇڭا خىزمەت پۇرسىتى جەھەتتىكى تەڭسىزلىكنى تېزدىن يوقىتىش كېرەك. 80-يىللاردا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش ۋە خىزمەتكە ئېرىشىش جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار قىلاتتى. ئەمدىلىكتە بولسا، خىزمەت تەپىش جەھەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى چەتكە قېقىلغىلى، كەمسىتىلگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنداق بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا سەكرەش ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇلۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ ھەر خىل قانۇن-پەرمانلىرى دائىرىسىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈشى، شۇ ئارقىلىق بىر قىسىم ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە يېڭى قانۇن-تۈزۈمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ دۆلەت ئۈچۈنمۇ، رايون ئۈچۈنمۇ ۋە شەخسىيلەر ئۈچۈنمۇ غايەت زور پايدىسى بار. ئامېرىكىدا بۇ دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بار. ئامېركىنىڭ ئادەم تۈزۈلمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇرەككەپ. كالىفورنىيەدە ھازىر مەكسىكولۇقلار نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقى بولۇپ قالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ھېچ قانداق مىللىي سۈركىلىش يوق. جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقى دېگەن ئۇقۇم ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق بولۇشتىكى تۈپ سەۋەپ، ئامېرىكىدا ئادەم، مىللەت،دىن ۋە جىنسىي كەمسىتىشكە قارشى تۈزۈلگەن قانۇن ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىمۇ ئىنتايىن قاتتىق. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى بۇش بۇرۇن تەكساس شىتاتىغا شىتات باشلىغى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ 18 ياشقا تولمىغان قىزى يېشىنى يوشۇرۇپ بىر ھاراق دۇكىنىدىن ھاراق ئالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قېلىپ، تۈرمىدە نەچچە ئاي يېتىپ چىققان (ئامېرىكىدا 18 ياشقا تولمىغان بىر كىشىنىڭ ھاراق ئىستېمال قىلىشى قانۇنغا خىلاپ). مېنىڭچە ئامېرىكىنىڭ كۆپ مىللەتلىك بىر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يۇقىرىقىدەك تۈزۈمى جۇڭگوغىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ئىشسىزلىق ھالىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلدارلار بۇ ئەھۋالنى چوقۇم تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە مەنپەئىتى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك.
ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر دەۋر ئىچىدە، يېرى كەڭ، ۋە بايلىقى مول بىر مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن. 1950-يىلىدىن بۇرۇنقى بىر تىپىك ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ بىر كەڭرى ئۆيى، ئۆيىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە ھەر خىل يېمىشلەر بىلەن تولغان بىر بېغى، كەڭرى كەتكەن، ئاشلىق تېرىغىلى بولىدىغان يېرى ۋە بىر توپ مېلى بار بولغان.
كۆپىنچە دېھقانلارنىڭ بىردىن ئاشلىق ئىسكىلاتىمۇ بولغان. ئۇيغۇرلاردا ھېچ قانداق سانائەت مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ، ئاشلىق ۋە باشقا يېمەكلىك ئىنتايىن كەڭرى بولغان. 50-يىللاردىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئەھۋال ھېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋام ئەتكەنىدى. مەن كىچىك ۋاقتىمدا، مەن ياشىغان ئاقسۇدا ھېچكىم تۇخۇمنى ۋە يەل-يەمىشنى ساتالمايتتى. ئۆستەڭدىكى بېلىقلارنى ھېچكىم تۇتمايتتى. مەن 6-7 ياشلاردىكى ۋاقتىمدا ئاقسۇنىڭ ئارال يېزىسىدىكى بىر ئۆستەڭگە ياز كۈنلىرى كۆپ سۇغا چۈشكەن بولۇپ، بەزىدە سۇدا جىم تۇرۇۋالساق، ھەر چوڭ بېلىقلار كېلىپ، يەيدىغان نەرسە ئوخشايدۇ، دەپ ئۇلار پۇتىمىزنى چىشلەشكە ئۇرۇناتتى.
پۇتىمىز بۇنىڭغا ئازراقمۇ ئاغرىمايتتى. كۆڭۈللۈك بولغاچقا، بىز داۋاملىق ئۆزىمىزنى بېلىقلارغا چىشلىتىپ ئوينايتتۇق. تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا ئۇلارنىڭ بېغىدىكى يېمىشنى يېسەك، ئۇلار ئىنتايىن خوش بولۇپ كېتەتتى. قىسقىسى، ئۇ چاغلاردا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشاشقا كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ھەمممىسى ئۆزىدىن تېپىلىدىغان بولۇپ، ئۇنچىۋالا جاپا چەكمىسىمۇ، ھېچكىم بىلەن رىقابەتلەشمىسىمۇ، تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىسىمۇ بىمالال ياشاپ ماڭالايتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرلاردا يېتىشتۈرگەن بىر مىجەز ئادەملەرنىڭ ھورۇنلۇقىدۇر. يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدۇر. جاپاغا چىداپ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىدۇر. مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئىش يامان ئىشقا ئايلانغان بىر ئەمەلىيەت.
80-يىللاردا ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، شىنجاڭغا ياردەم قىلىش تەرىقىسىدە بىر سىنىپتىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن، ئارىلىقتا ئۇزۇن ئۆتمەي، "تۇرمۇشقا كۆنەلمىدۇق" دەپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان تەلىپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپلەر بارا-بارا شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن زېرىكىپ، كېيىنچە ئۇلارغا بىرەر سىنىپ ئوقۇغۇچى ئالدۇرۇش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئادەم ئوبدان ئويلاپ بېقىشى كېرەك. كىم كىمگە قەرزدار؟ كىم كىمگە ياخشىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ ئىچكىركى ئۆلكىلەرگە تاماق يېگىلى، ئۇخلىغى بارمىغاندىكىن، بىر قانچە يىل جاپا چەكسىڭىزمۇ، ئۆگىنىدىغاننى ئوبدان ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشسىڭىز بولمامدۇ؟
90-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئامېرىكىنىڭ سان فرانكىسكو شەھىرىگە شىنجاڭدىن بىر 8 كىشىلىك ئۆمەك كېلىپتۇ. بۇ 8 ئادەمنىڭ يەتتىسى خەنزۇ بولۇپ، پەقەت بىرسى ئۇيغۇر ئىكەن. بىز بۇ ئۇيغۇرنى بىر ئاز تونۇيدىكەنمىز. بىر تونۇشىمىزدىن ئۇ كىشىنىڭ تاماق جەھەتتە ئىنتايىن قىينالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلار سان فرانكىسكو غا كېلىپ، 3 كۈن بولغاندا، ئۆيدە پولو ۋە مانتا ئېتىپ، 130 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئۇ ئۇيغۇرنى يوقلاپ باردۇق. ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىشى تاماقتا قىينالغانلىقى ئۈچۇن، ئامېرىكىدىكى ئېكىسكۇرسىيەنىڭ قالغىنىدىن ۋاز كېچىپ، سان فرانكىسكودىنلا ۋەتەڭە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆمەك باشلىقىقا ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. شىنجاڭدىن 8 كىشىلىك ئۆمەك ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئۇيغۇرنى قوشۇپ قويسا، بۇ ئۇيغۇر تاماققا كۆنەلمىدىم، دەپ 3 كۈندىن كېيىن كېتىمەن دەپ تۇرىۋالسا، ھەي، بىز ئۇيغۇرلار نېمە بولۇپ كەتتۇق؟ بۇنداق قىلساڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئۆمەككە ئۇيغۇر قوشامدۇ؟ بىر قانچە ھەپتە يېرىم قورساق يۈرسەڭ، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭنىڭ مەززىلىك تامىقىنى يېيەلمىسەڭ نېمە بوپتۇ؟ ئۆلۈپ قالمايتىڭغۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئېكىسكۇرسىيەگە كېلىش پۇرسىتى قانچىلىك تەسكە توختايدۇ، بىلەمسەن؟ كەيىنكىلەرنىمۇ ئويلاپ قويغان بولساڭ بولماسمىدى؟ مۇشۇ يازغانلىرىمدىن، مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىمنى ھەر بىر ئوقۇرمەن ئوبدان تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.
ئادەم تاماق يېيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ، ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيدۇ. ئادەم ئۇخلاش ئۈچۈن ياشىمايدۇ، ياشاش ئۈچۈن ئۇخلايدۇ. ھازىر زامان ئۆزگەردى. جاھان ئۆزگەردى. كونا كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. بۇرۇن بىر ئادەمگە 10 نان توغرا كەلگەن بولسا، ھازىر 10 ئادەم بىر ناننى تالىشىپ يېمىسە بولمايدىغان بىر جاھان ۋۇجۇتقا كەلدى. سەن نەگە بارساڭ، ئۆزۈڭ كۆنگەن تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ بارالمايسەن. شۇڭا كۆزۈڭنى يېڭى ماكاندىكى تۇرمۇش شارائىتىغا تىكىۋالماي، سەن ئۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەن، زېھنىڭنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرگىن. بۇ يېڭى ماكاندا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەممە بىلىمگە ۋە باشقا ھەممە نەرسىگە قاتتىق تىرىشىپ تولۇق ئېرىشىۋالغىن. بۇ جەرياندا يېيەلمىگەن تاماقلىرىڭنى يۇرتقا قايتىپ بارغاندىن يەنە تولۇقلىۋالالايسەن.
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مۇشۇ يېڭى زامانغا ماسلىشالايدىغان قىلىشى كېرەك. 80-يىللىرى جۇڭگودا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، مەن بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا بۇنداق ئېتىبار بېرىشنىڭ شۇ ۋاقىتتا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇ بىر شەرەپلىك ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇ بىر خىل نومۇس ئىكەنلىكىنى (ئادەم باشقىلار بىلەن ئىقتىدار جەھەتتە تەڭلىشەلمىگەندە، ئېتىۋار بېرىلىشكە مۇھتاج بولىدۇ، شۇڭا بۇ بىر نومۇس.)، بىز تەدرىجى ھالدا ئېتىبار بېرىلىش ئاستىدا ئەمەس، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ ياشىيالايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدىم. مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار ئېتىبار بېرىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. خىزمەت پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەرمۇ بولالمايدىغان بىر ئەھۋالدا ياشاشقا مەجبۇرى بولۇۋاتىدۇ. قانۇن ۋە تۈزۈمگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىشلاردا ئادەتتىكى پۇخرالار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئادەلەتلىك، راسچىل، ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن پىكىر-تەلەپلىرىنىلا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. دۆلەت قانۇن-پەرمانلىرى دائىرىسى ئىچىدە بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئاساسەن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا باغلىق. ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ قىلالايدىغىنى، ھورۇنلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يېڭى ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشتۇر.
يېقىنقى 4-5 يىل جەريانىدا، ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلىرى ئۆز شىركىتىنى ياكى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چەت ئەللەرگە يۆتكىدى. بۇنداق شىركەتلەر ئەڭ كۆپ يۆتكەلگەن دۆلەت جۇڭگو بولۇپ، ھازىر جۇڭگو خەلقئارادا «دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش فابرىكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ھازىر يالغۇز بىر قىسىم خىزمەتلەرلا چەت ئەلگە يۆتكىلىپ قالماي، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىمۇ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل يولنى توسۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، «باشقىلار تارتىپ ئالالايدىغان تېخنىكىلارنى ئۇلار ئېلىۋەرسۇن. ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر ھايات كەچۈرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم باشقىلار دورىيالمايدىغان تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېتىلدۈرسۇن. ئەگەر بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكىمىزنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قويساق، ئامېرىكا شىركەتلىرى يېڭى تېخنىكىنى كۆپلەپ بەرپا قىلماي، تەدرىجى ھالدا چەت ئەللەر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ»، دېگەن كۆز قاراش بىلەن ھېلىقى يوللارنى قىلچە توسۇپ قويمىدى. بۇ ئەھۋال بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ ئامېرىكىنى ئامېرىكا قىلغان زادى نېمە؟
ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىنى نامايەن قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە سانائەتلەشكەن ھەمدە ئۇلاردا ئىنجىنېرلار ئىنتايىن كۆپ. يەھۇدىي ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىنجىنېر ئىكەن. ياپون نوپۇسىنىڭ ئوندىن بىر قىسمى يولۇچىلار ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ پۈتۈنلەي سانائەت دۆلەتلىرى. ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن سانائەت ئاساسەن بولمىغان. ھازىرمۇ ئاساسەن يوق. ئۇيغۇرلار ياراتقان خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاخشانا، 2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى سودا-سېتىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىگىلىكلەرگە زامانىۋىي بىلىم ۋە زامانىۋىي تېخنىكا كەتمەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ھازىرمۇ "زىيالىي" دېگەن ئۇقۇم ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تەببىئىي پەنچىلەرمۇ تاكى 80-يىللارغىچە يوق دېيەرلىك ھالەتتە بولۇپ كەلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. تەببىئىي پەندە ئوقۇشى كېرەك. ئىنجىنېر بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر زامانىۋىي سانائىتىنى يوقتىن بار قىلىشى كېرەك. بۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. شۇڭا، ئۇيغۇرلار بۇ ئىشقا ھازىردىن باشلاپ چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخىي سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ھورۇنلىقىمىزنى تولۇق چۈشىنىپ، پۈتۈن مىللەت ئويغىنىپ، پۈتۈن مىللەت ھەرىكەتكە كېلىپ، رىقابەتتە ئۆز ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، باشقا مىللەتلەر بىلەنمۇ رىقابەتلىشەلەيدىغان شەرت-شارائىتنى ھازىرلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار دۇچ كەلگەن تەقدىرگە ئۇچراشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

3a

يوقۇرقى رەسىم: خەلقارا ئوپتىكا ئىنجىنىرلىرى جەمىيىتىنىڭ يىغىنى ئېچىلغان ۋە يىغىن ۋەكىللىرى چۇشكەن فلورىدا شىتاتى ئورلاندو شەھرىدىكى دۇنيا مەركىزى ماررىئوت مېھمانخانىسى (www.marriottworldcenter.com). بۇ مېھمانخانا ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ قەتىمقى يىغىن مۇشۇ مەھمانخانىدىكى 6 يىغىن زالىدا پاراللىل داۋاملاشتى.


3b

چاپلانغان رەسىم: ئورلاندو دىسنەي دۇنياسى مەركىزىدىن بىر كورۇنۇش.
ئامەرىكىدا چوڭ كولەملىك كوڭۇل ئېچىش باغچىلىرىدىن دىسنەي باغچىسى(Disneyland)، كىنو ئىشلەش جەريانىنى چۇشەندۇرۇشنى ساياھەت بىلەن بىرلەشتۇرگەن ئۇنىۋەرسال ستۇدىئو باغچىسى (Universal Studio) ۋە دېڭىز ھايۋاناتلىرىنىڭ ئويۇن كورسىتىشىنى ئاساس قىلغان دېڭىز دۇنياسى (Sea World)باغچىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار ئامەرىكىنىڭ 2 جايىغىلا جايلاشقان. بىرسى كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانجىلېس شەھرى. يەنە بىرى فلورىدانىڭ ئورلاندوشەھرى. بۇ رەسىم 2006-يىلى 29-ماي كۇنى تارتىلغان.

3c

ئورلاندۇ شەھەر مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش. بۇ رەسىم 2006-يىلى 29-ماي كۇنى تارتىلغان.

باش بەتكە قايتىش