4- بۆلۈم

 سوئال: سىز ھازىر ئىلىم-پەندە ئالەمگە يۈرۈش قىلىۋاتىسىز. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئاپىرىدە بولغان شۇ جايىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى بىلمەس ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. دېمەكچى، سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى دۇنيا بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيا ھەققىدىكى قاراش قارىمۇ-قارشى. سىز بۇ ئوبيېكتىپ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئالېكس ھالەي ئۆزىنىڭ «مىللەت يىلتىزى» (يۇرتىمىزدا بۇ رومان ئاساسىدا ئىشلەنگەن «يىلتىز» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان) دېگەن رومانىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىدىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلارغا قۇل بولمايدۇ». بۇ بىر ئادەم ئۈچۈن شۇنداق. بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ھەم شۇنداق. مېنىڭچە يۇقىرىدىكى سوئالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ئۆز-ئۆزىمىزگە قانداق قاراش، ئۆز-ئۆزىمىزنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

1991-يىلى مەن يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بېرىپ، بىر كۈنى كەچتە رەھمەتلىك دادام ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئىچىدە سەيلە قىلىپ مېڭىۋاتقاندا، مېنى تونۇيدىغان بىر ياش ئوقۇتقۇچىغا ئۇچراپ قالدىم. بۇ ئوقۇتقۇچى بىر ئاز ھاراق ئىچىۋالغان بولۇپ، مېنى كۆرۈپلا قولۇمنى مەھكەم تۇتۇپ، «بىر دەم پاراڭلىشايلى دەپ مېنى ياتىقىغا تارتىپ ماڭدى. مېنىڭ ۋاقتىم بەك قىس بولغاچقا، ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىشنى رەت قىلىپ، ئۇ يەرگە كىرمەسلىككە بىر ئاز تىرىشىپ باقتىم. لېكىن مەن ئۇتالمىدىم. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياتىقىغا كىرگەندىن كېيىن، بىز بىر دەم ئۇ يەر، بۇ يەرلەردىن پاراڭلاشتۇق. ئاندىن، ئېھتىمال ھېلىقى ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن بولسا كېرەك، بۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا تازا سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان بىر قىسىم نەرسىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادا قانچىلىك ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى رولى نەقەدەر چوڭ بولغانلىقى، ھازىرمۇ ئۇنىڭغا ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەقەدەر يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقى بولدى. بۇ ئوقۇتقۇچى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەن بولۇپ، بىرەر چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغان ئىدى. مەن بولسام ئۇ ۋاقىتتا ياپونىيەدە 2 يېرىم يىل، ئامېرىكىدا 3 يىل ياشاپ باققان بولساممۇ، بۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا مەن ھېچ نېمىنى بىلمەيدىغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، مېنىڭ سۆز قىلىشىمغىمۇ پۇرسەت بەرمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ئورنى ھەققىدە ماڭا بىر قېتىم دەرس ئۆتتى.

بۇ بىر ئايرىم ۋەقە بولسىمۇ، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىلەرنى ناھايىتى گەۋدىلىك نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. بىر قىسىم ئوقۇغان ئۇيغۇرلار سەمىمىي ئەمەس. يۇقىرىقى ۋەقەدە، ئەسلىدە مەن ھېلىقى ياش ئوقۇتقۇچىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ئورنىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزۈمنىڭ چەت ئەلدىكى تەجرىبەمگە ئاساسەن ئېيتىپ بەرگەن بولسام، ھېچ بولمىغاندا ئىككىمىز ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرغان بولساق، سەل مۇۋاپىقراق بولاتتى. مەن يەنە مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇچراتتىم: ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈرۈمچىدە تونۇش-بىلىشلىرىگە «مېنىڭ ئوغلۇم دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولغانىدى، ئۇنى ئامېرىكىدىكى 4-5 داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر تالىشىپ قاپتۇ.» ئامېرىكىدا باكالاۋر، ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشتا، بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ھەر بىر مەكتەپ ئۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆزىنىڭ شەرتلىرى بويىچە باھالاپ، ئەگەر شەرتى توشسا، ئۇنىڭغا چاقىرىق قەغىزى ماڭدۇرىدۇ. بىر مەكتەپ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا قانچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغىنىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزى قوبۇل قىلىنغان مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن مەكتەپنى تاللايدۇ. مەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغاندا، جەمئى 10 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغانىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 مەكتەپتىن ماڭا چاقىرىق خېتى كەلدى. يەنى، مېنى ھەرگىز بۇ 6 مەكتەپ تالىشىپ قالغان ئەمەس. مېنىڭ قىزىم ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىمۇ، ئۇنىڭغا 3 مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنىدى. ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئالىي تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۆز-ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمىي بولۇشقا ئادەتلىنىشى كېرەك. ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئالداپ يۈرۈش بىر ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە ئەخمەقلىكتۇر. بۇنداق مىجەز بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ھەم شۇنداق.

2. نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم بىر مەسىلە ياكى مەلۇم بىر كەسىپ جەھەتتە ھېچ قانداق بىلىمگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئۇ مەسىلە ياكى كەسپ ئۈستىدىن بىر مۇتەخەسسىسكە ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىشقا ئىنتايىن ئامراق. مەسىلەن، مەن ئامېرىكىدا ساز چېلىشتىن ۋە ناخشا-مۇزىكىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر گىتارچىسى شىرئەلىنى «دۇنيا بويىچە گىتار چېلىشتا ئۇنىڭغا يېتىدىغان كىشى يوق» دەپ باھالاپ قىلغان سۆزلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇ خىلدىكى ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئېغىر. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ھەرگىز ئۇ گىتارچىغا ئۆزى باھا بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «مەن شىرئەلىنىڭ گىتار مۇزىكىسىنى بەك ياخشى كۆرۈمەن»، ياكى «مەن شىرئەلىنىڭ گىتار مۇزىكىسىنى مۇزىكىلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرۈمەن»، دەيدۇ. شىرئەلىنىڭ گىتار چېلىش ھۈنىرىنىڭ دۇنيادا قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى گىتار ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش مۇزىكا كەسپىي ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، شۇلارغا باھالىتىش كېرەك.

3. غەربلىكلەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: "بەئائۇتي ئىس ئون تھە ئەيەس." بۇ سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «گۈزەللىك ئادەمنىڭ كۆزىدە» بولۇپ، بىر نەرسىنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكى ئۇنى كۆرۈۋاتقان ئادەمگە باغلىق، دېگەندەك مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەلۇم بىر شەيئى توغرىسىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنى 2 تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرسى پاكىت. يەنە بىرسى پىكىر. ئەگەر مەن ئالدىمدا تۇرغان بىر ماشىنىغا قاراپ «ماۋۇ ماشىنا قىزىل رەڭلىك ئىكەن» دېسەم، مېنىڭ دېگىنىم بىر پاكىت بولىدۇ. ئەگەر مەن «ماۋۇ ماشىنا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ماشىنا» دېسەم، ئۇ مېنىڭ پىكىرىم بولىدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ ماشىنا ئەڭ ياخشى بولسىمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى ناتايىن. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىزنىڭ ناخشىمىز، مۇزىكىمىز، ئۇسسۇلىمىز، تامىقىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىز قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز ئىنتايىن ئېسىل. لېكىن، ئۇلارنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى، دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل بولغىنى بىلەن، باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى ناتايىن. بىر مىللەتكە خاس نەرسىلەر ئاساسىدا ئۇ مىللەت دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى مىللەت، دەپ باھا بېرىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. سىز تۇنجى قېتىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماكدانول رېستۇرانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ "ساندۋىتچ" دېگەن تامىقى بىلەن مايدا پىشۇرغان ياڭيوسىنى يېسىڭىز، ئۇ ئىنتايىن مىزىلىك تۇيۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن سىز ئۇنى ئۇدا 2 كۈن ئىككى ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن يېسىڭىز، ئۇنىڭدىن قاتتىق زېرىكىپ كېتىسىز. لەغمەننى ئۇدا 2 كۈن ئىككى ۋاق يىسىڭىز ئۇنداق زېرىكمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر ۋىئېتناملىقلارنىڭ رېستۇرانى ئالدىدىن ئۆتسىڭىز، بۇرنىڭىزغا بىر خىل سېسىق پۇراق كىرىدۇ. ئەمما شۇ بىز ئۈچۈن سېسىق پۇراق ۋىئېتناملىقلار ئۈچۈن خۇددى بىزنىڭ بۇنىمىزغا پولو پۇرىغاندەك پۇرىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز «ۋىئېتناملىقلارنىڭ تامىقى ئىنتايىن سېسىق ئىكەن» دېسەك بولمايدۇ. قىسقىسى، بىر مىللەتكە خاس نەرسىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئىمكان قەدەر سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سىز ئۇنى باھالىسىڭىز، سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پاكىت بولۇشى ناتايىن.

مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرغا باھا بېرىشتىكى توغرا پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇلغا ئائىت بىر نەچچە مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتتۈم. بىز ئەمدى ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىشقا تەييار بولدۇق. تۆۋەندە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ كۆزەتكەن ۋە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتەي.

1) مەن گەپنى ئالدى بىلەن تارىختىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باشلاي. تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مۇشۇ 4 مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋىر جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۆڭكۈردىكى بۇدخانا (بۇددا مىڭئۆيلىرى)، بۇددا ئىبادەتخانىسى قالدۇقلىرى، تام رەسىملىرى، قىممەتلىك ئىزاھ رەسىملىرى، كىتاب ۋە ھۆججەتلەر بايقالغان. ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەلىك تەكشۈرگۈچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا تېپىلغان سەنئەت بايلىقلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى دۇنيادىكى قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بېرلىن، لوندون، پارىج، توكيو، لېنىنگراد ۋە نەۋ دېلھى مۇزېيلىرىدا قويۇلغان بۇيۇملارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا تېپىلغان قول يازما ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىنتايىن يۇقىرى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يەتكەن مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىختا 3 خىل يېزىق ئىشلىتىپ باققان. 6- ۋە 7-ئەسىرلەردە ئۇلار كۆك تۈرك بىلەن بىرلىكتە ئورقۇن يېزىقىنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كېيىنلىكتە «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتالغان بىر يېزىقنى قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار كېيىنكى 800 يىل جەريانىدا ئىشلىتىپلا قالماستىن، باشقا تۈرك خەلقلىرى، موڭغۇللار، ھەتتا مانجۇلارمۇ ئىشلەتكەن. 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىپ، ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىشى 11-ئەسىردە ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا دىنى بىلەن مانى دىنى تېكىستلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەسرىي، شېئىرىي ئەسەرلەر ۋە داستانلارمۇ بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى گېرمانچە، ئىنگلىزچە ۋە رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇقىرى ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈللەنگەن. ئاشۇ دەۋردىن باشلاپ ياشاپ كەلگەن يۈزلىگەن مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە يۈسۈپ ھاس ھاجىپ (1069-70) نىڭ «قۇتاتغۇ بىلىك»ئى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانى لۇغەت تۈرك»ئى ۋە ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»لىرى (ياكى "ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى") بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىك ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن كەڭ بىلىمى بولغان. سۇڭ سۇلالىسى (906-960) خاتىرىلىرىدە كۆرسىتىشىچە، نانتو ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دوختۇر شۇ چاغدىكى جۇڭگو دىيارىغا سەپەر قىلىپ، خەنزۇلار ئۇقمايدىغان نۇرغۇن دورىلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان. لى شىجېن (1518-1593) تۈزگەن دۇنياغا داڭلىق جۇڭگو تېبابەتنىڭ قىسقىچە بايانى ئىچىگە ئۇيغۇرلار دورا قىلىپ ئىشلەتكەن 103 تۈرلۈك ئۆسۈملۈك كىرگۈزۈلگەن. غەربلىك زىيالىلارنىڭ ئېيتىشىچە «يىڭنە سانجىپ داۋالاش»نى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنستىتۇتلاردىن بىر قانچىسى قۇرۇلدى.

ئۇيغۇرلار بىناكارلىق، سەنئەت، مۇزىكا ۋە خەت بېسىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ياۋروپالىق دېھقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنداق قىلالايدىغانلار ئانچە يوق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى قانۇنىي تەرمىلوگىيە ئىشلىتىپ كېلىشىم يازالىغان. ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، گۇتېنبېرگ خەت بېسىشنى كەشىپ قىلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كىتاب بېسىپ چىقىرىشنى بىلىپ بولغان. ئوتتۇرا ئەسردە، خەنزۇلارنىڭ شېئىرىيەت، ئەدەبىيات، تىياتىرخانا، مۇزىكا ۋە رەسىم سىزىش ئىشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە قوبۇل قىلغان. 981-يىلى بىلەن 984-يىلىنىڭ ئارىلىقىدا قاراخوجا ئۇيغۇر پادىشاھلىقىغا ئامباسىدور بولۇپ ئىشلىگەن ۋاڭ يەندې ئۆز تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ئۇيغۇر پادىشاھلىقىدا كۆرگەن بۇ كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەتكە ئىنتايىن ھەيران قالدىم. بۇ پادىشاھلىقنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ياسالغان بۇدخانا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، تام رەسىمى، ھەيكەل، مۇنار، گۈلىستان، ئۆي ۋە ئوردىلارنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار قولدا ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرى ۋە ۋازا ۋە ساپال قاچىلار ياساشقا ئىنتايىن ماھىر ئىكەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە تەڭرى بۇ خىل تالانتنى مۇشۇ خەلققىلا بەرگەن ئىكەن.»

ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار شامانىزم، بۇددىزم ۋە مانىزم دىنلىرىغا ئىشەنگەن. بۇددىزم ئۇيغۇر دىيارىغا بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ بېشىدا كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا ناھايىتى تېزلا كېڭەيگەن. مىڭئۆي دەپ ئاتالغان دۇنياغا مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قالدۇغىنى كۇچا، تۇرپان ۋە گانجىلىق ئۇيغۇرلار ياشىغان دۇنخۇئاڭلاردا ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. كۇچا شەھىرىدە كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان 50 تىن ئارتۇق بۇتخانا، كۈتۈپخانا ۋە خەيرى-ساھاۋات ئورۇنلىرى بولغان. خوتەن شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن 14 بار بولغان. ئۇيغۇرلار 934-يىلى قاراخانىلار ھۆكۈمدارى ساتۇق بۇغرا خان دەۋرىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر دىنى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ قۇدرىتى ۋە مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردە تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇتۇپ كەلگەن.

ئەمما، 1870-يىللىرىدىكى مانجۇلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار قاتتىق چېكىنىشكە باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلار 19-ئەسرنىڭ ئاخىرقى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىغا ھېچ قانداق تۆھپە قوشالمىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىقتىساتتا تېز تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرەلمىدى. 20-ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى خەۋەرلىشىش دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى ۋە كومپيۇتېر دەۋرلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئوبدان خىزمەت قىلدۇرالمىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىن دۇنيانى جەلپ قىلغۇدەك بىرەر نەرسە چىقمىغاچقا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر بىلەن قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى يوق مىللەتلەر ئۇيغۇرنى ئاساسەن ئاڭلاپ باقمىغان، بىر خىل ھالەت ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. ئەگەر ئۇيغۇرلار يېقىنقى زاماندىكى پەننىي، تېخنىكىلىق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتلارغاقا يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭالىغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئى بايلىقلىرى بىلەن، ھازىر ھېچ بولمىغاندا قاتار ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتنىڭ خەلقلىرى بىلەن ئوخشاش تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشىيالىغان بولاتتى. مەن بىلىمەن، بۇ تەسۋىرلەر ھەر بىر غورۇرلۇق ۋە ۋىجدانلىق ئۇيغۇرغا ياخشى ئاڭلانمايدۇ. لېكىن، بۇ ئەمەلىيەت. بىز تارىختا دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باققان. لېكىن، بىز ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن دۇنياۋىي ئۇتۇق ۋە شان-شۆھرەتلەر ئۇلارنى ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنى ئۈستۈن مىللەت قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ، بۇنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتىدىغان يولىمىز بەلگۈلەيدۇ.

2) ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر تارىختا ئامېرىكىدىكى يەرلىك مىللەت بولغان ئىندىيانلىكلەر ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانلىقلار يەھۇدىيلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ باقتى. ياپونلۇقلار بولسا ئاسىيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ باقتى. بۇنىڭغا ئوخشاش، بىر مىللەت باشقا بىر مىللەت ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ باققان مىساللار يەنە ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ پۈتۈن تارىخىدا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق ۋە مەردلىك بىلەن باشقا مىللەت، باشقا مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت، ۋە باشقا دىنلارغا يول قويۇپ، ئۆزىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتكەن. پۇرسەت تاپقاندا باشقا مىللەتلەرگە ياردەمدە بولغان. ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەرگە ۋە ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ، باياشات ياشىغان. ھەرگىز باشقىلار ئۈستىدىن زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ باقمىغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ھېچ قانداق بىر تارىخىي جىنايىتى يوق پاك مىللەت. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار دۇنيا ئالدىدا قەددىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا ياشاشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

3) 1870-يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ۋە سىياسى قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىلارنى بېسىپ ئۆتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ سانائىتى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بىلەن، ئۇلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە يايلاقلىرى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىپ، ئىنتايىن باياشات تۇرمۇش كەچېرگەن. ھەچنېمىدىن ئەندىشە قىلمىغان. باشقا مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىشكە مەجبۇرى بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلاردا بىر ئالاھىدە خىلدىكى ئاقكۆڭۈل، يۇۋاش، مەرت، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان پسىخىكا تەرەققىي قىلىپ يېتىشكەن. بۇ خىل پسىخىكا ئەينى زامانغا پۈتۈنلەي ماس كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك مىجەزلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇ چاغدا بىر خىل ئارتۇقچىلىق ئىدى. ھازىر جاھان پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇرۇن بىر ئادەم 10 دانە نان يېگەن بولسا، ھازىر 10 ئادەم بىر دانە ناننى تالىشىپ يەيدىغان بولدى. شۇڭا، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قۇلدەك ياشاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇۋاشلىق بىلەن ھورۇنلۇقنى تاشلىشى كېرەك. كىچىكىدىن تارتىپ باشقا مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدىغان ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە. شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلغار نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ ئىلغار مەدەيەتنى تېز قوبۇل قىلالايدىغان مەدەنىي ۋە ئاڭ-سەۋىيە ئاساسىغا ئىگە. بۇ نۇقتا تارىختىمۇ ئىستاپلانغان. ھازىرمۇ ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. مەن بىر قېتىم كالىفورنىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكىلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئىندىيانلەرنىڭ ھازىرقى زامان نەتىجىلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر كۆرگەزمىگە باردىم. بۇ كۆرگەزمىدە ئىندىيانلەردىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەخسلەرنى تونۇشتۇرغان جايدا ئاران 3 كىشى بار ئىكەن. بۇلار پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە تاللانغانلارمۇ، ياكى شۇ بىر جايدىن چىققانلارمۇ، ئۇ مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۇنىڭ بىرسى كېسەل داۋالايدىغان دوختۇر، بىرسى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى، يەنە بىرسى بولسا ئۆزى شىركەت قۇرۇپ، ئىگىلىك ياراتقان كىشى ئىكەن. ئامېرىكىدەك ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىسىگىچە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بار بىر دۆلەتتە، بىر مىللەتتىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك كىشىدىن ئاران 3 ئادەم چىقىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار 1980-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇشۇ قىسقىغىنا 20 يىلغا يەتمەيدىغان ۋاقىت ئىچىدە، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بۇ بىر تۇركۇم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى يېتىشىپ چىقتى. مېنىڭ پەرىزىمچە مۇشۇ 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 50 تىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتۈشتىكى يوشۇرۇن كۈچنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدە مىللەتنى تەتقىق قىلىدىغان زىيالىلاردىن بىرەرسى يوق. دۇنيادا مىللەتنى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىدىغانلار ياپونلۇقلار. ئۇلاردىن قالسا گېرمانلىقلار. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھالىتى بىزنىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقىمىز بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىر مىللەت پەقەت سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. سېلىشتۇرماي تۇرۇپ ئۆزىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەۋېلىش بىر ئۇچىغا چىققان نادانلىقتۇر. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى بىر قىسمىدا بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىگە بىر باياننامە تاللىۋېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. بۇ بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق باياننامىنى «مىللەت تەربىيىسى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ياپونلۇقلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان مىللەت ياكى دۆلەت تەربىيىسى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (تولۇق بولمىغان جايلىرىنى ياپونىيەدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان باشقا ھەمشەھەرلەرنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن):

1. ياپونىيە ھېچ قانداق تەبىئى بايلىقى يوق بىر ئارال دۆلەت. شۇڭا ياپونلۇقلار باشقىلارغا بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن چوقۇم دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق ئىشلەپ، باشقىلارنىڭكىدىن ياخشىراق نەرسە ئىشلەپ چىقىرىشى كېرەك. ياپوندا بىر مەزگىل تۇرۇپ باققان كىشىلەر بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. مەن ياپوندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇرۇن بىزنىڭ تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ كېتىپ، شىركەتتە بىر قانچە يىل ئىشلەپ باققانلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەسلەپكى 5 يىل ئىچىدە، شىركەتتە ھەپتىسىگە 7 كۈن، ھەر كۈنى كەم دېگەندە 12 سائەت ئىشلەيدىكەن. ئەگەر سىز ياپونىيەگە بارسىڭىز، كەچ سائەت 10 لاردا ئۇلارنىڭ بىنالىرىغا قاراپ بېقىڭ. شىركەت بىنالىرىنىڭ چىرىغى ئاساسەن يورۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

2. ئىشەنچلىك ئادەم بولۇش، كرېدىتى بار ئادەم بولۇش مۇتلەق كۆپ سانلىق ياپونلۇقلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى بولۇپ، بۇنى ھەر بىر بالىغا كىچىكىدىن تارتىپ سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر بىر ياپونلۇق بىرىگە ۋەدە بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ياكى سىرتقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرالمىغان بولسا، كېيىنكى قېتىم ۋەدە بەرگەن ئادەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز قارنىنى پىچاق بىلەن يېرىپ ئۆلۈپ بېرىشى مۇمكىن. ياپونلۇقلاردىكى ئىشەنچلىك بولۇش، كرېدىتى بار بولۇش كۆز قارىشى مانا مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش قابىليىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

3. باشقىلارغا توسالغۇ بولماسلىق. ئەگەر سىز ياپونىيەنىڭ كوچىسىدا كېتىپ بېرىپ، دىققەتسىزلىكتىن بىر كىشىنى سوقۇۋەتسىڭىز، سىز ئەپۇ سوراشتىن بۇرۇن ئۇ كىشى سىزدىن ئەپۇ سورايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ ئويلىغىنى «ئەگەر مەن دەل مۇشۇ پەيتتە مۇشۇ ئورۇندا بولمىغان بولسام، ئۇ كىشى مېنى سوقۇۋەتمەيتتى»، دېگەندىن ئىبارەت. ياپونىيەدە پويىزغا چۈشسىڭىز ئادەم بىلەن لىق تولغان پويىز ۋاگونىدا ھېچكىم ھېچ قانداق ئاۋاز چىقارماي، تېلېفوندىمۇ سۆزلەشمەي، جىمجىت ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. مانا بۇ ئەتراپىدىكىلەرگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنداق. بۇ ئىشنىڭ بىز بۇ يەردە توختىلىۋاتقان مەسىلە بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. شۇنداقتىمۇ ئۇنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ياپون خەلقىدىكى مىللەت ئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت.

ياپونىيەدە مىللەت ئېڭى توغرىسىدا ھېچ قانداق تەشۋىقات ياكى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت يوق. ھېچ بولمىغاندا مەن ياپونىيەدە تۇرغان 2 يېرىم يىل جەريانىدا مەن ئۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىدىم. لېكىن، ياش-ئۆسمۈرلەردە يۇقىرىقىدەك ئاڭنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش، ھەر بىر ياپون خەلقىنىڭ ئاڭلىق ئىشىغا ئايلانغان. ئاتا-ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تەربىيىسى ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئاڭلار ھەر بىر ياپونلۇقتا پۇختا يېتىلگەن.

ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ئورتاقلاشقان «مىللەت ئېڭى دېگەن نەرسە يوق. بۇ جەھەتتە بالىلار ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھېچ قانداق تەربىيە يوق. ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بولۇپمۇ ئوقۇغان ۋە شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىشەنچلىك كىشىلەر، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان كىشىلەر، سەمىمىي كىشىلەر ئىنتايىن ئاز. ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرچىدە تاكى ھازىرغىچە ئىنگلىزچىدىكى «كرەدىت» دېگەن سېزگە توغرا كېلىدىغان بىر سۆزلۈك يوق. شۇڭا كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېڭى ھەققىدە سۆز ئېچىشمۇ قىيىن. شۇنى كەسكىن ئېيتىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇر ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقىدا، بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ، بىرەر چوڭ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقىدا، ئادەملەردە «كرەدىت» يوقلۇقى، ئادەملەرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى ئىنتايىن چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كرېدىتى بار يۇقىرى سۈپەتلىك ئادەملەرنىڭ كەمچىللىقى ئۇيغۇرنى دۇنياغا ساپاسى تۆۋەن بىر مىللەت قىلىپ نامايەن قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ بىر شىركەت قۇرسا ياكى ئىگىلىك باشلىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چوقۇم خىيانەت قىلىدىغان ئادەم چىقىۋاتىدۇ. بىر گۇرۇپپا ئادەم بىرلىشىپ بىرەر چوڭ ئىشنى باشلىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چوقۇم ئورتاق قوبۇل قىلىنغان ۋەدىگە ئاسىيلىق قىلىدىشان ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ بىر ئىش ئېلىپ بارغاندا، چوقۇم شەخسىي مەنپەئەت ياكى كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ياكى چوڭ مەنپەئەتنى قۇربان قىلىدىغانلار چىقىۋاتىدۇ. ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەملەردىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ، بەزىلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنىدىن، ئۆزى خالىغانچە ئۆزگىرىۋېلىشىدىن بۇرنىغا يەپ، قاتتىق ھەسرەتتە قالغان، زىيانغا ئۇچرىغان ۋە قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ، چەت ئەلدىمۇ شۇنداق. ئەمدى بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىلىرى ئىزدىنىپ، پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدە يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مىللەت ئېڭى، مىللەت روھى ۋە مىللەت ئەخلاقى توغرىسىدا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشىلىنىشقا قاراپ بۇرىيالمايمىز.

باش بەتكە قايتىش