5-بۆلۈم


   سوئال: مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قاراشلىرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ھەم تېز ھەم مۇستەھكەم ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىگە ئائىت مەزمۇن ئىكەن. بۇ سوئالنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بۇ سوئالغا بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي چۈشەنچىلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشىم كېرەكمۇ-يوق، دەپمۇ ئويلاندىم. ئەگەر ئۇنداق قىلسام، بەرگەن جاۋابىم كەسپىي كىتابتىكى مەزمۇنلاردىن ئانچە پەرقى يوق بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدا كۆزەتكەنلىرىم ئاساسىدا، بىر يېڭى شىركەت قۇرۇش، ياكى بىر يېڭى ئىگىلىك يارىتىشتا قانداق يوللارنىڭ بارلىقى ئۈستىدە سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلدىم.

ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەرنى ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە قانداق خاراكتېردە تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى ئىقتىسادىي مەبلەغ مەنبەسى، ئۇنىڭ باشقۇرۇلۇش خاراكتېرى، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقى قاتارلىقلار ئاساسىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. مەن بۇ يەردە ئۇلارنى تەپسىلى تەسۋىرلىمەيمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، تۆۋەندىكىدەك سوئاللارغا جاۋاب يازىمەن:

ئەگەر ئۆزەم بىر شىركەت قۇرماقچى بولسام، ماڭا قانداق يوللار بار؟

گەرچە مېنىڭ يازىدىغىنىم ئامېركىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزى شىركەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئازراق ياردىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

تۆۋەندە مەن ئامېركىلىقلار بىر يېڭى خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇشتا، ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان شىركەت تۈرلىرى ۋە يوللار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىمەن.

1. يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت. مەن بۇ خىل شىركەتلەر توغرىسىدا مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا خېلى تەپسىلى توختالدىم. شۇڭا ئۇلارنى بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن. قىسقىچە خۇلاسىلىگەندە، ئەگەر سىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر نەرسە توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىمايدىغان ياكى باشقىلارنىڭكىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىرەر ئىدىيە، پاتېنت ياكى تېخنىكىڭىز بولسا، سىز ئۆز يېنىڭىزغا ئىقتىدارلىق تېخنىكىلىق، كەسپىي ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىدىن بىر قانچىنى توپلاپ، شۇ نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرىسىز. دەسلەپكى مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىر قىسمىنى ئۆزىڭىز چىقىرىپ، بىر قىسمىنى باشقا شەخسلەردىن، مەبلەغ سېلىش كاپىتالىستلىرىدىن، مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىدىن ياكى ھۆكۈمەت قەرز پۇلىدىن ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى ھەممىنى سىرتتىن ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

2. ئامېرىكىدا كەڭ-كۆلەمدە مەۋجۇت بولغان ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ-كۆلەمدە تارقالغان بىر خىل ئىگىلىك بار بولۇپ، ئۇنى ئىنگلىزچە "Small Business" ۋە "Family Owned Business" دەپ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى "كىچىك ئىگىلىك" ۋە "ئائىلە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىگىلىك" دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇلار كىچىك تىپتىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەر بىلەن ماددىي مەھسۇلاتى يوق، پەقەت خېرىدارلارنى مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكىلەر مۇشۇ تۈردىكى ئىگىلىككە كىرىدۇ:

1) ئېلان چىقىرىشى مۇلازىمىتى (Advertising Services) 2) ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئۆي ئىسسىتىش بۇيۇملىرى (Air Conditioning and Heating) 3) ئائىلە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش (Appliance Repair Service) 4) رېكورد-ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇپ ۋە ساقلاپ بېرىش مۇلازىمىتى (Bookkeeping Serivice) 5) بىنا ۋە ئۆي رېمونت قىلىش (Building and Home Repairs) 6) گىلەم مۇلازىمىتى ۋە گىلەم تازىلاش (Carpet Service and Cleaning) 7) بالا بېقىپ بېرىش (Childcare) 8) كومپيۇتېر مۇلازىمىتى (Computer Service) 9) سېمونت ئىشلىرى (Concrete). مەسىلەن ئۆينىڭ ئالدىغا سېمونت ياتقۇزۇش قاتارلىقلار. 10) كېلىشىم بىلەن ئۆي قۇرۇلىشى ئىشلىرىنى قىلىش (Contractors and Builders). مەسىلەن، بۇرۇنقى ئۆيىگە يەنە بىر ئېغىزلىق ئوي قوشۇش؛ ئاشخانىنى قايتىدىن ياساپ چىقىش؛ مۇنچىنى قايتىدىن ياساپ چىقىش قاتارلىقلار. 11) كىيىم تىكىش ۋە ئۆزگەرتىش (Dressmaking and Alterations) 12) توك يوللىرى (Electrical) 13) ھويلا تاملىرى (Fencing) 14) باغۋەنچىلىك (Gardening Service). مەسىلەن، مۇددەتلىك ھالدا ئۆينىڭ ئالدىدىكى ۋە ئارقا ھويلىدىكى ئوتنى ئورۇش. 15) ئىشچان ئادەم مۇلازىمىتى (Handyman Service). قولىدىن ھەر خىل ئىشلار كېلىدىغان ئادەمنى ئىنگلىزچىدە "Handyman" دەپ ئاتايدۇ. ئاشۇنداق ئادەملەر ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكى ياكى شىركىتىدىكى ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، سائەتىگە ياكى قىلغان ئىشىغا قاراپ پۇل ئالىدۇ. 16) يۆتكەش شىركىتى (Hauling). كونا ئۆيلەرنى بۇزۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان نەرسىلەرنى يۆتكەش؛ ئۆي ۋە ھويلىنى تازىلاپ، ئۇنىڭدىن چىققان ئەخلەتلەرنى يۆتكەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 17) ئۆينى ياخشىلاش (Home Improvement). بۇنداق شىركەت ئاشخانا بىلەن مۇنچىدىن باشقا يەنە ئۆينىڭ تورۇسى، سۇ تۇرۇببىلىرى ۋە دەرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ قىلىدۇ. 18) ھويلا قۇرۇلۇشى (Landscaping) 19) كۆچۈش ۋە ساقلاش (Moving and Storage). ئۆي كۆچۈرۈش، ئۆيگە پاتمىغان نەرسىلەرنى ساقلاپ بېرىش قاتارلىقلارنى قىلىدۇ. 20) سىرلاش (Painting). ئۆي ۋە باشقا بىنالارنىڭ ئىچى-تېشىنى سىرلاش، ھويلا تاملىرىنى سىرلاش قاتارلىقلارنى قىلىدۇ. 21) سۇ تۇرۇببىلىرى (Plumbing) 22) كۆلچەك ۋە ئىسسىق تەڭلە ياساش ۋە رېمونت قىلىش (Pool and Spa) 23) ئۆگزىنى يېڭىدىن يېپىش (Roofing) 24) دەرەخ مۇلازىمەتلىرى (Tree Service) 25) ياغاچنى بىر تەرەپ قىلىش (Wood Processing). مەسىلەن، ياغاچ سۇپا ياساش. 26) ماشىنا گاراج ئىشىكى (Garage Door)

يۇقىرىقىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدىكى شەخسىي ئۆيلەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك شىركەتلەرمۇ بار:

27) رېستۇران 28) ماشىنا رېمونتخانا 29) ساتىراشخانا 30) گۈلخانا 31) كىچىك كۆلەملىك سودا دۇكىنى 32) كىچىك تىپلىق يۈك توشۇش شىركىتى 33) تاكسى شىركىتى 34) كوپىيخانا (ماتېرىيال نۇسخىلاش) 35) پوچتا مۇلازىمىتى شىركىتى

يۇقىرىقىلار ھەرگىز بىر مۇكەممەل تىزىم ئەمەس؛ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنماي قالغانلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىگىلىك ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداق ئىگىلىكنى باشلاش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانى كەتمەيدۇ. نۇرغۇن پۇلمۇ كەتمەيدۇ. جەمئىيەت ئېھتىياجى بار بىر ئورۇننى ۋە جەمئىيەت ئېھتىياجى بولغان بىر كەسپ ياكى بىر مەھسۇلاتنى تاللاپ، ئۇنى باشلىسا، ئۇنى يامان ئەمەس ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدا بۇ خىل سىنىپتىكى كىشىلەر كەمبەغەللەردىن يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەبىقىلەردىن تۆۋەنرەك سەۋىيىدە ياشايدۇ. يەنى، بۇ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بەك بايمۇ بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ياكى ئاچ-يالىڭاچمۇ قالمايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ خىل ئىگىلىكتىن ناھايىتى ئوبدان خەۋىرى بار، دەپ ئويلايمەن.

يۇقىرىقىدەك شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋىيەدە ياشايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. 2003-يىلى بىزنىڭ ماشىنا گىراجىمىزنىڭ ئىشىكى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. مەسىلە گىراج ئىشىكىنى ئاچىدىغان، يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئېلېكتىرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچتە بولۇپ، مەن قايسى سايماننىڭ بۇزۇلغانلىقىنى تېپىپ چىقتىم. ئۇ سايماننى سېتىۋېلىپ بۇزۇلغان نەرسىنى ئۆزۈم ياساش ئۈچۈن، مەن گېزىتتىن ئۆزىمىزنىڭ شەھىرىدىكى بىر مەخسۇس گىراج ئىشىكىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان شىركەتنىڭ ئادرېسىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا بارسام، ئۇ ئەسلىدە ئاشۇ شىركەتنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۇ ئادەم ئۆيىدە تۇرۇپ، بۇ شىركەتنى ماڭدۇرىۋېتىپتۇ. ئۆيىگە كىرىپ ھەيران قالدىم: ئۇ كىشىنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆيدىن جىق چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەن. يەنى، مېنىڭ پەرىزىمچە، بۇ كىشىنىڭ كىرىمى مېنىڭكىدىن كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.

3. كەسپىي شىركەتلەر

يۇقىرىدا تىزىپ چىقىلغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى كەسپىي (professional) شىركەتلەردىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، گىراج ئىشىكىنى ئالماشتۇرۇش، سېمونت ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلار. بۇنداق شىركەتلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار مەلۇم بىر كەسىپتە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە تېخنىكىلاشقان ۋە سايمانلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئىنتايىن يۇقۇرى سۈپەت بىلەن قىلىدۇ. شۇنداقلا كۆپۈنچىلىرى قىلغان ئىشىغا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقا كاپالەت بېرىدۇ.

4. "Franchised" شىركەتلەر. "Franchised" دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى "بىر ئادەمگە بېرىلگەن ئالاھىدە ھوقۇق بولۇپ، بۇ ئادەم بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە مۇشۇ ھوقۇقنى بەرگەن شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى مەلۇم بىر رايوندا ساتسا ياكى تارقاتسا بولىدۇ" دېگەندىن ئىبارەت. بۇنداق شىركەتنىڭ بىر مىسالى ماشىنا مېيى ساتىدىغان شىركەتلەردۇر. مەسىلەن، ئامېرىكىدا "Shell", "Mobil" دېگەندەك ماشىنا مېيى ساتىدىغان پونكىتلار ھەممە يەردە بار. ئەسلىدە بۇ پونكىتلارنىڭ باش شىركەتلىرى "Shell", "Mobil" دېگەن شىركەتلەر بولۇپ، ھەر بىر پونكىتنى بىر ئادەم باش شىركەتتىن "Franchised" قىلىۋالغان بولىدۇ. كىرىمنى قانچە پىرسەنتتىن تەقسىم قىلىشىدىغانلىقىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئېھتىمال ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئۈچۈن بۇ نىسبەتمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ بىلىشىمچە كالىفورنىيەدە ئاشۇنداق ماي سېتىش پونكىتىدىن بىرنى قۇرۇش ئۈچۈن 150 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن.

5. زەنجىرسىمان شىركەتلەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقىنى زەنجىرسىمان رېستۇران ۋە زەنجىرسىمان سودا دۇكانلىرى بولۇپ، ئىنگلىزچە ئۇلارنى "Chain Store" دەپ ئاتايدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئېھتىمال ھازىر جۇڭگودا ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك يېمەكلىكلەر رېستۇرانى "ماكدونالد" (MacDonald)نى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى پەقەت بىرلا بولۇپ، يېڭى مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئېچىش، ئېلان چىقىرىش، بوغالتىرلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش ئېلىپ بارىدۇ. سودا دۇكانلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلاردا، بىر دۇكاننى ماڭدۇرۇش بىلەن 5 دۇكاننى ماڭدۇرغاندىكى چىقىمنىڭ نىسبىتى ھەرگىزمۇ 1:5 كىچە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىشلاردا چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىمنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق مىساللار ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپتۇر.

ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىر شىركەت باشلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

(1) بەزى ئادەملەر كىچىكىدىن تارتىپلا مەلۇم بىر كەسپكە قىزىقىدىغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ بىر شىركەت قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ھەمدە ئۆزىنى ئاشۇ يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ بولۇپ بىر ياخشى پۇرسەتنى تاپقاندىلا دەرھال ئۆزى بىر شىركەت قۇرۇپ، ئىگىلىك باشلايدۇ. دۇنيادىكى كېيىنچە ناھايىتى چوڭ، ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك شىركەتلەردىن بىرى بولۇپ تەرەققىي تاپقان شىركەتلەرنى قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇ خىلدىكى ئادەملەردۇر. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلل گېيتىس، ئاپپلە (ئالما Apple) كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ستەۋە جوبس، ۋە دەلل (Dell) كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دەلل قاتارلىقلاردۇر.

(2) جان بېقىشنىڭ يولىنى ئىزدەش جەريانىدا پۇرسەت تېپىپ، شۇنىڭ بىلەن شىركەت قۇرىدىغانلار. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىچىك تىپتىكى ۋە ئائىلە ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇنداق كىشىلەردۇر.

(3) ئۆزى بىر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىپ، ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن، شۇ نەرسىنى چىقىرىش ئىدىيىسىگە كېلىپ، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى كەسپىنى تاشلاپ شىركەت قۇرىدىغانلار. يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە پۈتۈن دۇنيادا كىچىك بالىلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ئويۇنچۇق ۋە تەربىيە ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. مەن 2001-يىللىرى ئوقۇغان بىر گېزىتتىكى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇنداق ئويۇنچۇقلارنى ئىجات قىلغان كىشى كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خىمىيە ئىنجىنېرى ئىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ بالىسى 2 ياشقا كىرگەندە ھەم بالىسىغا ئويۇنچۇق بولىدىغان، ھەم بالىسىغا بەزى كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان بىر ئويۇنچۇق ئىزدەپتۇ. لېكىن ھەچ يەردىن ئۇنداق ئويۇنچۇق تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئۆزى شىركەت قۇرۇش ئىدىيىسىگە كېلىپ، خۇسۇسىي كاپىتالىستلاردىن مەبلەغ پۇلى ھەل قىلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەردىلا بىر شىركەت قۇرۇپتۇ. كېيىن بۇ شىركەت تەرەققىي قىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆز پۇل بايلىقىمۇ نەچچە ئون مىليون دوللارغا يېتىپتۇ. ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدا تۇرىدىغان شانە مالەك (Shane Malek ) ئىسىملىك بىر خىمىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ چېچى ئىنتايىن كۆپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا دورا ئىزدەپ، ئۆزى قانائەتلەنگىدەك بىر نەرسە تاپالماپتۇ. ئۆزى بۇرۇن ئىشلەۋاتقىنى ئادەمنىڭ چېچى قويۇق يېرىنىڭ چېچىنى ئېلىپ، ئۇنى چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭ يەرگە كۆچۈرىدىغان بىر دوختۇرخانا بولۇپ، مالەك بۇنداق ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى ياقتۇرماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى بۇنىڭغا دورا ئىجات قىلىش يولىدا ئىزدىنىشكە باشلاپ، نەچچە يىل تىرىشىپ يۈرۈپ، بىر چاچ ئۆستۈرىدىغان ماينى ئىجات قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇپ، بۇ ماينى ئىشلەپ چىقىرىپ سېتىۋاتىدۇ. بۇ ماينىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى "Scalp Med" بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ھازىرمۇ كۆپ مىقتاردا سېتىلىۋاتىدۇ.

(4) مەلۇم بىر كەسپتە، مەلۇم بىر نەرسىنى لايىھىلەپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتە نۇرغۇن يىل ئىشلەپ، تېخنىكىنى ۋە بىلىمنى پۇختا ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بۇرۇنقى شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرىدىغانلار. كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا شىركەت قۇرۇۋاتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى مانا مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەردۇر. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان، ئېلېكترونلۇق گىراج ئىشىكىنى ئاچقۇچىنى رېمونت قىلىدىغان ئادەممۇ ئېھتىمال ئاشۇ ئەسۋابنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئادەم بولۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى پۈتۈنلەي ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقى شىركىتىدىن چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

قىسقىسى، شىركەت قۇرۇش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بار. ئانچە كۆپ تالانتى يوق كىشىلەرمۇ شىركەت قۇرالايدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئۆز-ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تولۇق بايقاش، جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق چۈشىنىش، كەلگۈسىدە بىرەر شىركەت قۇرۇش غايىسىنى تىكلىگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن توختىماي پۇرسەت ئىزدەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز-ئۆزىنى ئاشۇنداق بىر يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر--ئۆزىدە بىلىم، تېخنىكا ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇنداق ئىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل، ئادەمدە بىر ئىشنى باشلاپ، دەتتىكوم دەپ كۆرۈپ بېقىشقا جۇرئەت قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىدۇر. بۇنى ئىنگلىزچە "capable of taking a risk" دەپ ئاتايدۇ. بالىنى قانچە ئەركىن قويۇپ بېرىپ چوڭ قىلسا، بالىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمۇ شۇنچە ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

2005-يىلى 11-نويابىر كۈنى، ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ پىشىۋاسى دەپ ئاتالغان ئامېرىكىلىق پېتېر درۇككەر (Peter Drucker ) ئەپەندى 95 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئادەمنىڭ قارىشىچە، بىر شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل بۇ شىركەتتە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شىركەتكە ئاتىغان خادىملارنىڭ بولۇشىدىن، شۇنداقلا ئۆز مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىش (ئىنگلىزچە "marketing") بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىقتىسادىي كىرىمدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت.

بۇ ماقالە بىلىۋال تور بېتىدىن ئېلىندى. مەنبەسى: بىلىۋال تورى
 

باش بەتكە قايتىش