6-بۆلۈم

 

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار كۆپەيدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كەلدى، بەزىلىرى قېلىپ قالدى، سىز بۇ ئىككى مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

مەن ئالدى بىلەن 80-يىللاردىن باشلاپ ئوقۇش يولى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىشىنىڭ قانداق باشلانغىنىنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتەي.

1993-يىلى 3-ئايدا، مېنىڭ تەشەببۇسۇم ۋە تەشكىللىشىم بىلەن، ئامېرىكىدىكى 17 ئۇيغۇر ئائىلىسى بىرلىشىپ، تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئىنگلىزچە "Tengritagh Overseas Students and Scholars Association" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "TOSSA" دەپ ئاتىلىدۇ) نى قۇردۇق. شۇ چاغدا، مەن TOSSA نىڭ نىزامنامىسى بىلەن بىر چاقىرىق خېتى يازغان ئىدىم. ئۇ خەتتە مەن ئۇيغۇرلارنى مۇنداق 3 تۈرگە بولگەن: 1) ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار (Inside people)، 2) ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار (Outside people)، 3) ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار (In-Out people). مېنىڭ شۇ چاغدا TOSSA نى قۇرۇشتىكى مەقسىدىم، يۇقىرىقى چاقىرىق خېتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى بەرپا قىلىش ئىدى. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئەينى ۋاقىتتا مەندە ۋەتەندىمۇ ۋە چەت ئەللەردىمۇ ئىشلىيەلەيدىغان، ئالىي دەرىجىلىك بىلىمگە ياكى يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بىر ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ بەرپا بولۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئارزۇيۇمنىڭ بولغىنىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.

1993-يىلى سېنتەبىردە، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پرېزىدېنتى بۇش (ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى گەئورگە بۇشنىڭ دادىسى) 89-يىلىدىكى تىئەنئەنمەن ۋەقەسى توغرىسىدا بىر "تولۇق-ھوقۇقلۇق بۇيرۇق" (Executive Order) نى تەستىقلاپ، 1990-يىلى 10-ئايدىن بۇرۇن جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئامېرىكىدا "يېشىل كارد" (ئىنگلىزچە "Green Card") دەپ ئاتىلىدىغان كېنىشكىنى بېرىشنى قارار قىلدى. يېشىل كاردقا ئېرىشىش دېگەنلىك، ئامېرىكا نوپۇسىغا كىرىش دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشكەن ئادەم مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشلاردا خۇددى ئامېرىكا گراجدانىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇخراسىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى چوڭ پەرقى بولۇپ، ئۇلار: 1) سايلام ھوقۇقى يوق. 2) ئامېرىكا پاسپورتى يوق. قالغان جەھەتلەردە، ھەتتا تۆلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى جەھەتتىمۇ، ئامېرىكا پۇخراسىغا پۈتۈنلەي ئوخشاش. مۇشۇ يېشىل كارد كېنىشكىگە ئېرىشىپ، 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئادەم ئامېرىكا پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇ چاغدا يېشىل كارد ئالغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى مېنىڭ مۆلچەرىمچە 60 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە (مېنىڭ بۈگۈن ھېسابلاپ كۆرۈشۈمچە) 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىدى. قالغانلىرى ئاساسەن خەنزۇلار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاران 10 نەچچە بولغاچقا، ئۇلاردىن تەخمىنەن 10 كىشى يېشىل كارد ئالدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغىچىلارنىڭ ئىچىدە بۇ يەردە قېلىپ قېلىشنى ئويلايدىغانلارمۇ ئاساسەن يوق ئىدى. بىزمۇ يېشىل كارد خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش-كەتمەسلىكنى ئويلاشتۇق. بىزنى قېلىپ قېلىش يولىنى تاللاشقا ئىلھاملاندۇرغان بىر چوڭ ئىش شۇ بولدىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى دېڭ شياپىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا ھەقىقىي نارازىلىك بىلدۈرمىدى. ھېلىقى 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىچىدە ھۆكۈمەت راسخودى بىلەن كەلگەنلەرنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇلار كەم دېگەندە باكالاۋرغىچە بولغان ئوقۇشىنى جۇڭگودا دۆلەت خىراجىتى بىلەن تاماملىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىش توغرىسىدا بىر بايانات ئېلان قىلىپ قويۇپلا، بۇ ئىشقا ھەقىقىي تۇردە نارازىلىق بىلدۈرمىدى.

بۇ نېمىشقا بىلەمسىز؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بىلەن پەن-تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدا ھېلىقى 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىنتايىن چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ (كېيىنچە بۇ 60 مىڭ ئادەمنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىمۇ ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇشنىڭ ھېلىقى بۇيرۇقىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئامېرىكىلىق بولۇۋالغان خەنزۇلارنىڭ سانى مېنىڭ مۆلچەرىمچە 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى). ئۇلارنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇپ ئويناۋاتقان رولى، جۇڭگوغا قايتقان ئەھۋال ئاستىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا جىق كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بۇنى ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شياپىڭ ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ئىدى.

مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىشىدا ئاساسلىغى مۇنداق 4 مەقسەت بار:

1) ئىلىم-پەن، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۆز كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش.

2) بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەپ ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈش، بالىلىرىغا خىزمەت تېپىپ بېرىش، ياكى بولمىسا كەلگۈسىدە بالىسىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش يولىدىكى غەم-ئەندىشىلەردىن قۇتۇلۇش. چەت ئەلنىڭ ئىلغار مائارىپ شائارىتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى بېسىمسىز ھالدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ياخشى تەربىيىلەپ، شۇ ئارقىلىق بالىلىرىڭ كەلگۈسىدە ياخشى ھايات كەچۈرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

3) ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ماددىي جەھەتتە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش، روھىي جەھەتتە ئەركىن ياشاش.

4) مىللەت ئۈچۈن ۋەتەندە تۇرۇپ قىلىپ بېرەلمەيدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش.

باشقا مەقسەتلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مېنىڭچە يۇقىرىقى تۆتىسى ئاساسلىق مەقسەتلەردىن ئىبارەت. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغاندا، مانا يۇقىرىقى 4 سەۋەبنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم. بۇ يەردە مەن چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇرۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبىنى بىر ئويلاپ بېقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن چەت ئەلدە ياشاشقا ھەممىدىن بەك تۈرتكە بولۇۋاتقىنى 2- ۋە 3-سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇشىنى جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەلگىلىگەن. يەنى، جۇڭگودا نوپۇسنىڭ كۆپ بولۇشى، مەكتەپنىڭ قىس بولۇشى، ئادەملەر ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئۆمرىدە ئۆز قابىلىيىتى يول قويغان ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ***ۈرۈلۈش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە ئۈندەيدۇ. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، جۇڭگودا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش شارائىتى ئانچە نورمال ئەمەس. كەلگۈسىدە بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى 1-سىنىپتىن باشلاپ قاتتىق بېسىم بىلەن تەربىيىلەيدۇ. بالىلارنى كۈنىگە 10 نەچچە سائەت ئۆگىنىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرەلىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئالىي مەكتەپكە كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇغان كەسپىگە، ئوقۇغان دەرىجىسىگە ۋە ئۆز ئىقتىدارىغا چۇشلۇق خىزمەت تاپالىشى يەنە كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. نوپۇس كۆپ، خىزمەت پۇرسىتى بەك كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۆز ئىقتىدارىدىن جىق تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ئىشنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بولماسلىق بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىش. ئۇنداق ئادەملەر ئۆزىنى خۇددى قەپەزدىكى ئۇچار جانىۋاردەك ھېس قىلىدۇ. ئامېرىكىدا چەت ئەلدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن كىشىلەر توغرىسىدا "ئامېرىكا غايىسى" دېگەن بىر سۆز بار. بۇنى ئىنگلىزچىدە "Am└rican dream" دەپ ئاتايدۇ. يەنى، ئامېرىكىغا كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى "ئامېرىكا غايىسى" نى قوغلىشىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ غايە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ، ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ماددىي جەھەتتە روناق تېپىش، ھەمدە روھىي جەھەتتە ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىدا ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن مۇشۇنداق پۇرسەت بار. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى شۇنچە نۇرغۇن مىللەتنى ۋە شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەبتۇر. شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز-ئۆزىدىن: "مېكسىكا بىلەن كانادا ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش بىر كونتىنېنتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ھەمدە بىر-بىرىگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟" دەپ سورىشىدۇ. بۇنىڭ ئاسالىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي سىستېمىسىدىكى ۋە دۆلەت قانۇنىدىكى پەرقتىن ئىبارەت. شۇڭا مېكسىكا ئامېرىكا بىلەن بىر يەردە، ھەم ئامېرىكىغا قوشنا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى دۇنيادىكى خېلى كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تۆۋەن تۇرماقتا.

ئۇيغۇر زىيالىلىرىمۇ يۇقىرىقى 60 مىڭ كىشىدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قوشالايدۇ. تۆھپە قوشۇشنى خالامدۇ؟ مېنىڭچە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، چەت ئەللەردە ئوقۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ بېرىپ، ئىنتايىن ناچار شارائىت ئاستىدىمۇ مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىگىلىك يارىتىش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتقان، چوڭ تۆھپىلەرنى يارىتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خېلى كۆپ. ئۆز يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ، تەتقىقات مەركىزى قۇرغانلارمۇ بار. بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ياپوندا ئوقۇغانلار كۆپرەك ساننى ئىگىلەيدۇ. مەن بۇ يەردە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ، ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەر خىل خىزمەتلەرنى كۆرسىتىۋاتقان بارلىق ياشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن.

مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمىسەم بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ساھەسىدە باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. دۇنيادا، بىر مىللەتنىڭ ئىلغار مىللەت ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكى شۇ مىللەتنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا شارائىت يار بەرگەن ۋاقىتتىمۇ، ھەممە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش توغرا ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان پايدىسىدىن زىيىنى چوڭراق بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەقىل، تالانت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە قانداقلىقىنى بىلىۋېلىش ھەمدە ئۇنى دۇنياغا توغرا نامايەن قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چوقۇم چەت ئەلدە ئىشلىشى كېرەك. دۇنيادىكى ئىلغار بىلىم بىلەن ئەڭ يېڭى تېخنىكىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا سەھنىدە باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە زۆرۈر بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇپلا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن "WaveSplitter" دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا، شىركەتتىن بىر قانچە خىل ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپلىق زاپچاسلارنى ئىشلەپ چىقىرىشنى قارار قىلدى. مەن ئۇنى لايىھىلەپ، تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم تېخنىكىلىق خادىمنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ ئوپتىكىلىق زاپچاسلارنى لايىھىلەش ئۈچۈن بىزگە 120 مىڭ دوللارلىق ئوپتىكىلىق لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرى كېرەك بولغان ئىدى. ئۇنى شىركەتتىن سېتىۋالدى. ئۇلارنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن 10 مىليون دوللارلىك ئۈسكۈنە كېرەك ئىدى. ئۇنىمۇ شىركەتتىن سېتىۋېلىپ، بىر چوڭ شىركەت بىناسىدا تەييارلاپ چىقتى. بۇنداق ئىشلار ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئاسانلىقچە مۇمكىن ئەمەس. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ "ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ" دېگەن بىر مۇھىتتا چوڭ بولغانىدىم. مانا ھازىر 80-يىللاردىن باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ، چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار "ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ" دېگەن باھانىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تالانت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرمايدىغانلىقىنىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئۆز فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئوقۇدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپلەردە ئىنتايىن ياخشى تەسىر قوزغاپ، باشقا دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ھەيرانلىققا قويدى. چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتى.

مەن بۇ يەردە ئۆزىگە "Jeck" دېگەن ئىنتېرنېت ئىسمى قويۇۋالغان بىر ۋەتەندىشىمىز يېقىندا ئىزدىنىش تور بېتىنىڭ "مەشھۇر كىشىلەر" دېگەن سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان، "مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتورلىرى" دېگەن ماۋزۇدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. گەرچە بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلغىنى پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتورلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى بولسىمۇ، ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق يېقىنقى 20 يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىدە قانچىلىك ئىلگىرلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدا چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان چوڭلار ئۈستىدە توختالدىم. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىچۇ؟ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى چەت ئەلدە قانداقراق ئورۇن تۇتۇۋاتىدۇ؟ مەن بىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز مەكتەپلىرىدە ئىنتايىن ئەلا دەرىجىدە ئوقۇۋاتىدۇ. سىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەكتەپتىن بەرگەن، تامغا چاپلاغلىق تۇرغان نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى كۆرىسىز. مېنىڭ بىلىشىمچە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز سىنىپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ قىزى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بولغان ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ يىل كالىفورنىيەدە تۇرىدىغان دوستىمىز ئادىل ئاتاۋۇللانىڭ ئوغلى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان 15 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى بولغان لوس ئانجېلېستىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى. دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى 100 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھازىر ئامېرىكىدا يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ.

مەن بۇ يەردە ئۆزۈم ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بىر ئۇيغۇر سىڭلىمىزنى قىسقىچە تىلغا ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئىسمى رەيھان باكتۇر. باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئوقۇغان. باكالاۋىر بىلەن ماگىستېرلىق ئۇنۋانلىرىنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىدىكى كلېمسون (Clemson) ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئېلېكتىر ئىنجىنېرلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، سىڭلىمىز رەيھاننىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسى خەلقئارا رادىيو ئىلمىي بىرلىكىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەملىكەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي ماقالە كۆرىكىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. بۇ يىل سىڭلىمىز رەيھان يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتىنىڭ لوگان شەھىرىدىكى يۇتا شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىگە پروفېسسورلۇققا قوبۇل قىلىنىپ، بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ئەشۇ مەكتەپكە ئىشقا چۈشمەكچى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىنجىنېرلىق كەسپىنى ئوقۇش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى قىيىن بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك قىزلار ئىچىدە بۇ كەسىپنى ئوقۇيدىغانلار ئىنتايىن ئاز. ئۇنى دوكتورلۇققىچە ئوقۇيدىغانلار، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە مۇشۇ كەسپنىڭ پروفېسسورى بولىدىغانلار تېخىمۇ ئاز. لېكىن، بىر ئۇيغۇر قىزى بۇ ئىشنى قىلالىدى. سىڭلىمىز رەيھاننىڭ يېشى تېخى 30 ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغان، دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلىرىغىچە تەربىيىلەيدىغان ئامېرىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە پروفېسسور بولدى. مەن بۇ يەردە رەيھاننىڭ ئىشلىرىنى بىر قانچە جۈملە سۆز بىلەنلا تەسۋىرلىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە يەڭگەن جاپا-مۇشاقەتلىرىنى يازسا بىر كىتاب بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەينان ۋەتەندىكى ۋاقتىدىلا تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ئىرادىسىنى تاۋلىغان. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ تاغقا چىقىش بىلەن تاغدا قار تېيىلىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەشتىكى بىر ۋاسىتە تەرىقىسىدە داۋاملاشتۇرغان.

ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ياردەمچى پروفېسسور (Assistant Professor)، دوتسېنت پروفەسسور (Associate Professor) ۋە پروفېسسور (Professor) دەپ جەمئىي 3 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. دوكتورلۇقنى يېڭىدىن پۈتتۈرۈپ، پروفېسسور بولۇپ كىرگەنلەر چوقۇم ياردەمچى پروفېسسور دەرىجىسى بىلەن خىزمەت باشلىشى كېرەك. دەسلەپكى 5 يىل سىناق مەزگىلى بولۇپ، بۇ جەرياندا ياخشى ئىشلىگەنلەر دوتسېنتلىق دەرىجىسىگە ***ۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 2-3 يىل ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن رەسمىي پروفېسسور بولالايدۇ. ئادەتتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا، بىرەر مەكتەپكە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ كىرىشنىڭ ئۆزىلا ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئامېرىكىدا ئاشۇنداق قىلالىشى تېخىمۇ شۇنداق. بىز سىڭلىمىز رەيھان باكتۇردىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ، چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىندىكىنىڭ قېنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراققا تۆكۈلگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلانغۇچ مەكتەپنى، ئوتتۇرا مەكتەپنى، ھەتتا ئالىي مەكتەپنىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تاماملىغان. شۇڭا بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ۋىجدانىي قەرزىمىز بار. ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش مىللىي بۇرچىمىز بار. بىز دۇنيانىڭ قانداق بىر يېرىدە ياشىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، مۇشۇنداق بىر ۋىجدانىي قەرز ۋە مىللىي بۇرچىمىزدىن تېنىۋالالمايمىز. بىزنىڭ چەت ئەلدە ياشىشىمىزنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىرەر ئالاھىدە قىممەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، چەت ئەلدىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش ھەمدە پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەپ چىقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالىساق، ئاندىن بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر ئاز قىممەت يارىتالايمىز.

لېكىن، بۇمۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئورنىمىز ۋە قىممىتىمىز "يەنە بىر چەت ئەللىك"، "يەنە بىر ئامېرىكىلىق"، ياكى "يەنە بىر XXX لىق" تىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ بولۇش-بولماسلىقىمىز بىز ئىشلەۋاتقان ئىدارىگە ياكى بىز ياشاۋاتقان دۆلەتكە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئىدارىمىزدە بىز بولمىساق، ئورنىمىزغا باشقا بىر ئادەمنى ئاسانلا تېپىپ سەپلىيەلەيدۇ. ئەمما، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىز ئۇنداق ئەمەس. چەت ئەلدە ياشاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنداق قىممىتىنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ ئەسلى مەقسىدىمىز ماددىي جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشلا بولغان بولسا، بىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىمىزنىڭ ھېچ قانداق ھاجىتى يوق ئىدى. نۇرغۇنلىرىمىز چەت ئەلگە چىقمىغان بولساق، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ماددىي جەھەتتە ئوبدان ياشىيالايتتۇق. شۇڭا ماددىي تۇرمۇش بىردىن-بىر مەقسەت ئەمەس. ئەڭ مۇھىم مەخسەتمۇ بولماسلىقى كېرەك.

بىر ئادەمگە خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بەزىلەر ياخشى كىيىنگەنلىكتىن بەختلىك ھېس قىلىدۇ. بەزىلەر ياخشى يېگەنلىكىدىن بەختلىك ھېس قىلىدۇ. بەزىلەر بىر بەختىيار ئائىلە قۇرغانلىقى ئۈچۈن بەختلىك ھېس قىلىدۇ. بەزىلەر باشقا ئىش ئۈچۈن بەختلىك ھېس قىلىدۇ. قانداق ئىش بىلەن ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېسابلاش ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە بىر ئادەمگە بەختلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىغان باشقا بىر ئىشنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش. بۇنى ئىنگلىزچە "make a diffirence on others and your community" دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئادەم ئۆزىدە چەكسىز بەختلىك ھەس قىلالايدۇ. بۇنداق بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى باشقا ئىشلار بىلەن ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

مەن يېقىندا تېلېۋىزوردا دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى، نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن ئالبېرت ئېينىشتېيىن توغرىسىدا بىر ھۆججەتلىك فىلم كۆردۈم. ئېينىشتېيىن 1879-يىلى گېرمانىيەدىكى بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1933-يىلى گېرمانلىقلارنىڭ باستۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ، بىر قانچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، 1955-يىلى 18-ئاپرىل كۇنى ۋاپات بولغىچە ئامېرىكىدا فىزىكا ساھەسىدە داۋاملىق يېڭىلىقلارنى ياراتقان. گەرچە ئېينىشتېيىن چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ، ئاساسەن چەت ئەلدىلا ياشاپ، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شۇنچە چوڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات يولىدىكى ئورىگىنال قول يازمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلىيەگە تەقدىم قىلغان. مانا بۇ مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ بىر ياخشى مىسالىدۇر.

مەن چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەنداشنىڭ تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەردىم؟ مەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ئۇيغۇر خەلقى ھازىر تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە مۇھتاج. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپمۇ، خىزمەت تاپالماي، ئۆزلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا باقتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئىنتايىن مۇھتاج. ئەگەر سىز چەت ئەلدە پروفېسسور بولسىڭىز، ھەر يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن بىرنى ئېپكېلىش ئېھتىماللىغى بارمۇ، ئىزدىنىپ باقسىڭىز. ئەگەر سىز چەت ئەلدە بىرەر شىركەت قۇرۇپ ماڭدۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ شىركىتىڭىزگە ئوخشاش شىركەتتىن بىرنى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتچى قىلىپ ئېلىپ ماڭدۇرۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ، ئويلىنىپ باقسىڭىز. ياكى سىز چەت ئەلدە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك ياراتقان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتچى قىلىپ ئېپكېلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ، تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئامېرىكىدا يۇمشاق دېتال بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملارنىڭ كەم دېگەندە يېرىمى ھىندىستانلىقلار بولۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىدىكى يولنى ۋە ھىندىستاندىكى يۇمشاق دېتال ئىگىلىكىنىڭ تېز ۋە مۇنتىزىم ھالدا تەرەققىي قىلىش يولىنىمۇ دەل ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھىندىستانلىقلار ئاچقان ئىدى. ئامېرىكىدىكى چوڭ دوختۇرخانانىلاردىكى سېستىرالارنىڭ يېرىمىدىن تولىسى فىلىپىنلىقتەك قىلىدۇ. خۇددىي ھىندىستانلىقلارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆچمەن قىلىپ ئەكەلگەن فىلىپىنلىقلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى. خۇددىي مۇشۇ مىللەتلەرگە ئوخشاش، قالغان نۇرغۇن مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى دۆلىتىكى خەلقىنىڭ گۈللىلنىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ راۋاجلىنىشىغا ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

يېقىندا مېنىڭ ئامېرىكىدا ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئوقۇيدىغان بىر تونۇشۇم ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي مەكتىپى ئېچىش ئارزۇسىنى ئېيتتى. مەن بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. چۈنكى، بۇ بىر يېڭى يۈزلىنىش. بىر يېڭى باشلىنىش. بۇ ساھەدە چەت ئەلدىكىلەر قىلالايدىغان ئىشلاردىن يەنە نۇرغۇنلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ۋەتەندىكىلەر مۇشۇنداق چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغانلارغا ھازىر ئىنتايىن مۇھتاج. مەن www.meripet.com (بۇرۇنقى "www.uyghurscholars.org" تور بېتى) نى ئېچىپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەندىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن باشلىغان بۇ ئىشىمغا ياردەمدە بولۇشىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ماڭا خېلى كۆپ كىشىلەردىن جاۋاب كەلدى. ئاۋىسترالىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، مالايسىيا، كانادا، دۇبەي ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئوت يۈرەك ياشلار ئارقا-ئارقىدىن ماڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلار ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىپ، رەتلەپ يېزىپ چىقىپ، ماڭا ماڭدۇرۇپ بەردى. ھازىر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى meripet.com تور بېتىدە بار. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردىن ماڭا: "ئەركىن ئاكا، سىز ئېھتىمال ھازىر بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر بىز قىلالايدىغان ئىشلار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە تاپشۇرۇڭ. ئۇلارنى بىز قىلايلى" دېگەنگە ئوخشاش ئىنتايىن قىزغىن خەتلەر كەلدى. بۇ كىشىلەر ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۈن-تىنسىز ۋە نامسىز ھالدا مېنىڭ ۋەتەندىكى ياشلارغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىمغا ھەمكارلىشىپ بېرىۋاتىدۇ.

"ئوقيا" ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ Yahoo ئېلخەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ ماڭدۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىشىغا قولايلىق ئېپكېلىپ بەردى. ئامېرىكىدىكى مەمەت ئىمىن ئەپەندى "ساغلام بولۇڭ" دېگەن بىر ئېلخەت گۇرۇپپىسىنى ماڭدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ساغلاملىققا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. مەن يۇقىرىقى ۋەتەنداشلاردىن ئىنتايىن رازىمەن. ئۇلاردىن ئىنتايىن مىننەتتارمەن. ئەمما، مەن بۇ جەھەتتە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرى تېخىمۇ كوپ، دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ مەن ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىپ، ئەگەر ئاشۇنداق ئېھتىماللىق بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يېزىپ چىقىپ، ماڭا ماڭدۇرۇپ بېرىشىنى تولىمۇ ئۈمىت قىلىمەن. Meripet.com تور بېتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولسا، مەن ئۇنداقلارنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالىمەن. ھەمدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىمەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزىگە "HelloLife" دەپ تور بەت ئىسمى قويۇۋالغان بىر ۋەتەندىشىمىز ھازىر "چەت ئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت" دېگەن بىر سۆھبەت خاتىرىسىنى تەييارلاۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمچە بۇ قېرىندىشىمىز ئۇ سۆھبەتنى كېيىنچە بىر كىتاب قىلىپ چىقىرىدىكەن. بۇ ئىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش www.izdinix.com تور بېتىدە بار ئىكەن. مېنىڭچە بۇمۇ مىللەت ئۈچۈن زور پايدىلىق بىر ئىش. چەت ئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئومۇمىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرمۇ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ياشاۋاتىدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق قىممىتى يوق نۇرغۇن ئۇچۇرلار ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. "ماۋۇ ئىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇنداقتى، مەن تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە، مەن بىللە ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ جەمئىيىتىدە مۇنداق ئىكەن"، دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىز ئۈچۈن زور قىممىتى بار. شۇڭا مەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنىڭ "HelloLife" ئەپەندىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن نەرسىلەرنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ماڭدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەلەيلىك كىشىلەرمىز. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يوللار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەت ئەلنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن تەلەيسىز خەلقىمىزگە ياردەم قىلىشقا تىرىشايلى.

ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا قېلىپ قېلىشى مەسىلىسىدە ھەقىقەتەنمۇ دانىشمەنلىك قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەشۇ دانىشمەنلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىلىم-پېنى، يۇقىرى تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىسى بولدى ھەم بولۇۋاتىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىشلار چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ پۈتۈنلەي مۇۋاپىق كېلەر ئىدى. لېكىن، جۇڭگودىن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۈرلۈك ئەندىشە ۋە توسالغۇلار تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەركىن-ئازادە بېرىپ كېلىشى، ئۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك يارىتىشى ۋە ئۇ يەرنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇشى تېخىچە دېگەندەك باشلىنىپ كېتەلمىدى. ئەگەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سىياسىي جەھەتتىكى ئەندىشىنى يوقىتىپ، مەمۇرىي جەھەتتە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرسە، چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۇ يەرگە ھەر خىل يوللار بىلەن ياردەم قىلىدىغانلار چوقۇم كۆپىيىدۇ.

بۇ ماقالە ئەسلى بىلىۋال تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان


باش بەتكە قايتىش