7-بۆلۈم


سوئال: چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەش بىر مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگەنلىرىدىن بىر ئاز سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


سىز بۇ سوئالدا ھەقىقەتەنمۇ ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئالدىنقى سوئالغا بەرگەن جاۋابىمدا، مەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلار چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغاندا كەم دېگەندە مۇنداق 4 مەقسەتنى كۆزدە تۇتىدىغانلىغىنى ئېيتقان ئىدىم:

1) ئىلىم-پەن، ئالىي تېخنىكا ۋە ئۆز كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقىرىئى پەللىسىگە چىقىش.

2) چەت ئەلنىڭ ئەۋزەللىكىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش.

3) ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇپ، ماددىي جەھەتتە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش.

4) كۈچىنىڭ يېتىشىچە مىللەت ئۈچۈن بىر ئاز ئىش قىلىپ بېرىش.

جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت پۇرسىتى بەك قىس بولغاچقا، مېنىڭچە چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدە يۇقىرىقى 2-مەقسەت خېلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولغاچقا، ئۆز پەرزەنتىنى بىلىم ۋە ئىقتىداي جەھەتتە ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىقتىسادىي سەۋىيىدە ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بەك تەسكە توختىمايدۇ. بۇ يەردىكى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بالىنى يەنە بىر "ئامېرىكىلىق" قىلىپ تەربىيىلەيمىزمۇ، ياكى "ئۇيغۇر ئامېرىكىلىق" قىلىپ تەربىيىلەيمىزمۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئامېرىكىدىكى بالىلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن كەچ سائەت 6 گىچە چەت ئەل مۇھىتىدا ياشاپ، پەقەت ئاخشىمى كارىۋاتقا چىققىچىلىك بولغان 3-4 سائەت ۋاقىتلا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئۇيغۇرچە ياشايدىغان ئاتا-ئانا بىلەن بىرگە بولغانلىقى، بۇ جەرياندىمۇ كۆرىدىغان تېلېۋىزور يەنىلا ئىنگلىز تىلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىدا ئۇيغۇرلۇق يىلتىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە ئىكەن. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ بالىغا ئۆيدە ئۇيغۇرچىدە سۆزلەيدۇ. ئۆيدە بالىغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆگىتىدۇ. بىزنىڭ تاماقلىرىمىزمۇ 90 پىرسەنتتىن كۆپ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تامىقىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋاشىنگتون ۋە نەۋ يورك شەھەرلىرى ھەمدە كالىفورنىيە ۋە تېكساس قاتارلىق شىتاتلاردىكى ئۇيغۇرلار پات-پات بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلىپ، ھەر قېتىم يىغىلغاندا باللىرىمىزنى بىرگە ئويناشقا قويۇپ بېرىمىز. ياكى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىمىز. 2005-يىلى مايدىن ئۆكتەبىرگىچە، جەنۇبىي كالىفورنىيە بىلەن شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەم دېگەندە ھەر ئايدا بىر قېتىم دالا ئولتۇرۇشى قىلدى. بۇ ئولتۇرۇش ئىنگلىزچىدە "picnic" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىز ئۆزىمىزگە يېقىن بىر ئاممىۋىي باغچىنى ياكى بىرەر گۈزەل مۇھىتلىق ئورۇننى تاللاپ، شۇ يەرگە شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى چۈشتە يىغىلىمىز. ھەر بىر ئائىلە كەم دېگەندە بىردىن تاماق تەييارلايدۇ. ئۆپچە گۆش، ئىچىملىك ۋە يەل-يېمىش ئېلىپ، گۆشتە ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋىپىنى تەييارلايمىز. تاكى كەچ سائەت 6-7 گىچە ئولتۇرىمىز. بۇ جەرياندا تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ۋە باشقا ئويۇنلارنىمۇ ئوينايمىز. بەزىدە مەخسۇس ئادەملەر سەيلى قىلىش ئۈچۈن ياساپ قويغان يوللاردا بىر قانچە كىلومېتىر مېڭىپ كېلىمىز. شۇڭا بۇ يىغىلىشىمىزنىڭ شەكلى ئامېرىكىچە، ئەمما مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ. بالىلىرىمىز مۇشۇنداق يىغىلىپ، بىرگە ئوينىغاننى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. 2006-يىلى مارت ئېيىدا شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىدا بىر يىغىلىش قىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە شېئىر ئوقۇش، نورۇز ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب تېپىش، ئۇيغۇرچە نومۇرلارنى كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ بولدى. تۆت ياشتىن 10 نەچچە ياشقىچە بالىلارنىڭ ھەممىسى نومۇر كۆرسەتتى. مانا بۇلار بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشتىكى بىردىن-بىر مۇھىتىمىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. قالغان ۋاقىتلاردا بىز "مەدەنىيەتسىز ياشايمىز". يەنى، بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىدىن بەھرىمەن بولالمايمىز.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن "ئۇيغۇر ئۈمىد مەكتىپى" دېگەن بىر مەكتەپنى قۇردى. بۇ مەكتەپ ھەر شەنبە كۈنى بىر قانچە سائەت ۋاشىنگتون شەھىرى رايونىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە دەرس ئۆتىدۇ. 2006-يىللىق نورۇز بايرىمىدىكى يىغىلىشتا، شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇشنى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر تور بېتى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ تور بېتىدە ھەممە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى "باشقۇرغۇچى" بولۇپ، ئۇ تور بېتىگە خالىغان بالا ئۆزى بىر نەرسىلەرنى قويالايدىغان، بىر نەرسىنى يازالايدىغان قىلماقچى بولدى.

چەت ئەلدە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، بالىلارغا گەپ بىلەنلا ئۇيغۇرنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولۇش قىيىن. گەپ بىلەنلا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھىمدىللىكى، ئاقكۆڭۈللۈكى، سەمىمىيلىكى، مەرتلىكى ۋە مېھماندوستلۇقى قاتارلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش ئاسانلىقچە مۇمكىن ئەمەس. گەپ بىلەنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ ئائىلىدە، بىز 1996-يىلىدىن باشلاپ ئىككى بالىمىزنى ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىككى يىلدا بىر قېتىم يۇرتقا ماڭدۇرۇپ تۇردۇق. ئۇلار يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا تۇرماي، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىلارغىچە باردى. دېھقانلار ئۆيىدە تاماق يەپ، دېھقانانلار بېغىدا يېمىش يەپ، دېھقانلار بىلەن مەشرەپ ئويناپ باقتى. بۇ ئىشلار ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلدى. بىر قېتىم مەن ئۇلار بىر يېزىدا ۋاقتىدا تېلېفون قىلسام، ئىككى بالام ئايرىم-ئايرىم ھالدا: "دادا، بىز بۇ يەردىكى ۋاقتىمىزدىن قاتتىق بەھرىمان بولدۇق. دېھقانلاردىن بەك تەسىرلەندۇق. مەن بۇرۇن بۇ دۇنيادا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدەك ياخشى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن،" دېدى. چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ بىزدەك بالىلىرىنى پات-پات يۇرتقا ماڭدۇرۇپ تۇرۇش شارائىتى يوق. شۇڭا، مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئۈچۈن باشقا ئامال يوق. ئەگەر شارائىت بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يۇرتقا ماڭدۇرۇپ تۇرسا، ئۇلارغا مىڭ سۆز بىلەن قىلغان تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇرتقا بىر قېتىم بېرىپ كېلىشى بىلەنلا قازىنالايدۇ. شۇڭا مەن بۇ ئىشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلىمەن.

مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدەك، بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلانىڭ كۆپىنچىسى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشاۋاتىمىز.

ئەمدى مېنىڭمۇ بىر سوئال سوراپ باققىم كېلىۋاتىدۇ: ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلىۋاتىدۇ؟

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەن مۇنداق بىر ئىشقا ئىنتايىن ھەيران قېلىۋاتىمەن: ئەگەر مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرەرسىدىن بىر تېلېفون نومۇرىنى سورىسام، ئۇلار ماڭا چوقۇم رەقەملەرنى خەنزۇچە ئېيتىپ بېرىدۇ. يېشى 80 ياشتىن ئاشقان بوۋاي-مومايلارمۇ شۇنداق. ئون نەچچە ياشلىق بالىلارمۇ شۇنداق. ئۈرۈمچىدىكىلەرمۇ شۇنداق. ۋىلايەت ۋە ناھىيىدىكىلەرمۇ شۇنداق. تېخى مەن ئۇلار خەنزۇچە دەپ بەرگەن ساننى خاتا بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ئۇيغۇرچە تەكرارلىسام، ئۇلار چۈشىنەلمىگەندەك گاڭگىراپ تۇرۇپ قالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە بولىۋاتىدۇ؟ ئەمدى ئۆزىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىمىزنى ئۇنتۇلۇپ، مۇشۇ دەرىجىگە كېلىپ قالدۇقمۇ؟ گەرچە ماڭا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، سان ساناشقا كەلگەندە، مەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ باققان ۋەتەندىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ ئۇيغۇرچەم كۆپ ياخشى ئىكەن. مېنىڭچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلققە بىرەرسى رەقەمنى خەنزۇچە دېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقىنى يوق. ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا خەنزۇچە سۆزلىشىشكە بىرەرسى مەجبۇرلاۋاتقىنى يوق. ئەگەر ئۆز تىلىمىزنى ئۆزىمىز ئاسرىمىساق، ئۆز تىلىمىزگە ئۆزىمىز كۆيمىسەك، ئۆز تىلىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق، ئۇنى باشقا ھېچ كىم بىزگە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن بىزنىڭ ئانچە ئامالىمىز يوق. لېكىن بىز ئۆزىمىزگە ھازىر يول قويۇلغان شارائىتنى ئىنتايىن قەدىرلىشىمىز، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىمىز كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئۆز تىلىمىزنى قوغدىشىمىز، ئۇنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ، مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس.

بۇ ماقالە بىلىۋال تور بېتىدىن ئېلىندى


باش بەتكە قايتىش