8- ﺑﯚﻟﯜﻡ

سىزچە مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ بۇ تەربىيىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەكمۇ-يوق؟

بۇ سوئالنىڭ ئالدىنقى قىسمى "توغرا ئىش قىلىش" قا بېرىپ تاقالسا، كېيىنكىسى "ئىشنى توغرا قىلىش" مەسىلىسىگە ئائىت ئىكەن. مەن سوئالدا سورالغان مەسىلىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر قانچە ئىشنى تەسۋىرلەپ ئۆتەي.

ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن قىلىدىغان پروجەكتنىڭ بىرسى قۇياش سىستېمىسىغا يېقىن باشقا يۇلتۇزلارنى ئايلىنىپ تۇرىدىغان پلانەتالارنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا بىزگە ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلايدىغان بىر ئالەم تېلېسكوپى لايىھىلەش.  بۇ ناسا نىڭ "ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى" دېگەن بىر چوڭ تەتقىقات نىشانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ تەتقىقات مۇنداق 3 سوئالغا جاۋاب تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ:

1) بىز (يەنى يەر شارى ۋە ئىنسانلار) نەدىن كەلگەن؟

2) كائىناتتا بىز يالغۇزمۇ؟

3) بىز نەگە بارىمىز؟

مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى 3 سوئالنى ئۇچراتقاندا، ئېسىمگە بىز ئۇيغۇرلار كېلىپ قالىدۇ: قانچىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغاندۇ؟ قانچىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىدىغاندۇ؟ قانچىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئويلايدىغاندۇ؟

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، خۇددى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش يېڭى بىر ئىمپېرىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىدى. شۇ ۋاقىتتىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ گېزىت-جۇرناللىرىدا مۇشۇ مەسىلىگە ئائىت ماقالىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. شۇ چاغدا مەن بىر پارچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىنىمۇ كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە بىر قىسىم ۋىلايەتنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ سودا قىلىدىغان بازارلارغا بېرىپ، ئۇچراتقان ئۇيغۇرلاردىن: "سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە؟" دەپ سوراپتۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا: "مەن قەشقەرلىك"، "مەن قاغىلىقتىن"، "مەن غۇلجىلىق"، "مەن كۇچالىق"، "مەن ئاقسۇلۇق" دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىپتۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بولسا ئۇنىڭغا: "مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر"، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا: ئۇيغۇرلاردا تېخى بىرلىككە كەلگەن بىر مىللىيەتلىك ئېڭى شەكىللەنمەپتۇ، دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن، دېگەندەك نەرسىلەرنى يېزىپتۇ.  ئەگەر ھازىر بىر كىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلاردىن: "سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە؟"، دەپ سورىسا، ئۇلارنىڭ قانچە پىرسەنتى: "مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر"، دەپ جاۋاب بېرەر؟  "مەن ئۇيغۇر" دېگەنلەرنىڭ ئىچىدە قانچە پىرسەنتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، قانچە پىرسەنتى ئۇياتقاندەك بولۇپ جاۋاب بېرەر؟  ھازىر ئۆزىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ "مەن ئۇيغۇر" دەيدىغانلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟

1993-يىلى مەن، مېنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىم ئاندرە كنوئەسەن ۋە ئۇنىڭ بىر بۇرۇنقى ساۋاقدىشى ئۈچىمىز بىرلىشىپ ئامېرىكىدىكى بىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات جۇرنىلىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇق. ئۇستازىمنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمى جوسەپھ مائىت بولۇپ، ئۇنىڭ مىللىتى يەھۇدىي ئىكەن. بۇ مەن چەت ئەلگە چىقىپ، تۇنجى قېتىم تونۇشقان يەھۇدى ئىدى.  ئۇستازىم بىلەن ئىككىسى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن بىرگە ئوقۇغانلار ئىكەن. جوسەپھ ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شىتاتىغا جايلاشقان بىر داڭلىق مىلىتاري تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. بىز ئۇ ماقالىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن جوسەپھ بىلەن ئامېرىكىدا ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا بىرگە بولۇپ قالدىم. بىز بىرگە پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ مەندىن مېنىڭ نېمە مىللەت ئىكەنلىكىمنى، ئىسمىم ئۇنىڭغا بەك يېڭى تۇيۇلغانلىقىنى سورىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئادىتىم بويىچە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر توغرىسىدا بىر مەيدان دەرس ئۆتتۈم. سۆزۈمنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن: "ئاندرە نىڭ دەپ بېرىشىچە سەن يەھۇدى ئىكەنسەن-ھە؟" دەپ سورۇدۇم. ئۇ: "ھەئە، مەن بىر يەھۇدى. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر يەھۇدى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن." دەپ جاۋاب بەردى. مەن بۇ سۆزگە قارىتا ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ كۈلۈپ قويدۇم. قانداقتۇ بۇ سۆزدىن كېيىن مېنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن بىئارام بولۇپ كەتتى. ئازراق زەربە يېگەندەكمۇ ھەس قىلدىم. "مەن ئۇ كىشىدىن ئۆزۈڭنىڭ بىر يەھۇدى ئىكەنلىكىڭگە قانداق قارايسەن؟' دەپ سورىمىغان تۇرسام، ئۇ ماڭا نېمىشقا بۇنداق جاۋاب بېرىدۇ؟" دەپ قورسۇقۇممۇ بىر ئاز كۆپتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ سۆز يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورناپ كەتتى. ھەر قېتىم بۇ ۋەقەنى ئەسلىگىنىمدە: "نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلار بىر كىشى سورىمىسىمۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدى بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۇنداق دېمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنداق دېيەلمەيمىز؟" مەن ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بالىلارنىڭ مەكتىپىدە بەزى پائالىيەتلەر بولۇپ قېلىپ، شۇ پائالىيەتتە مەن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرسام، تۆۋەندىن ھېچ قانداق سادا چىقمىغان ئىدى. ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقاندا ئۇلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرسام، بەزىلىرى مېنىڭ دېگەنلىرىمگە ئەجەبلىنىۋاتقاندەك چىراي ھالىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلار بۇ پاراڭ مەزمۇنىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى.

يەھۇدىيلار كوممۇنىزمنى ئىجات قىلغان. ئۇلار دېموكراتىيەنىمۇ ئىجات قىلغان. ئىنسان تارىخىدىكى ئەڭ مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئېينىشتېينمۇ يەھۇدىي. 1987-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە بانكىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كىشى ئالان گرېن سپانمۇ يەھۇدىي. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىشىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى پۈتۈن دۇنيانىڭ پايچەك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ 2 سېنەتورىمۇ يەھۇدىي. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان قىسىملىرىدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن يەھۇدىي ئالىملىرىدىن ئاز دېگەندە 3 كىشىنى تىلغا ئالدىم. بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئىزدەپ كۆرسەم، يەھۇدىيلاردىن نوبېل مۇكاپىتى ئالغانلارنىڭ سانى 160 كىشىدىن ئاشىدىكەن. بۇ سان دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق مىللەتنى بېسىپ چۈشىدىكەن. ياھۇدىيلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇشۇنداق تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كەم دېگەندە بىرەر كىتاب يېزىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ۋە ئىنسانىيەتكە قىلغان جىنايى ئىشلىرىدىنمۇ خېلى كۆپ. تېخى يېقىندا ئۇلار خۇددى بىر خوتۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، خاپا بولۇپ، ئۆيىدىكى چىنە-قاچىلارنى چاققان ئەرگە ئوخشاش (ئىنگلىزچىدە بۇنى "ئا ماد مان" دەپ ئاتايدۇ) لىۋانغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرنى 2 ئاي بومباردىمان قىلىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، دېڭىز بويىنى ماي بىلەن بۇلغاپ، 1000 دىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، ئۇلار يەنە پۇرسەتلا بولسا باشقىلارغا "مەن ئۆزۈمنىڭ بىر يەھۇدىي بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن"، دەيدۇ.

2000-يىلى مەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن خېلى ئارىلىشىپ باققان بىر ئامېركىلىق بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ مەندىن ئۇيغۇرنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم بىلگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئۇ مېنىڭ قولۇمنى مەھكەم سىقىپ: "ئەركىن، مەن بۇ سوئاللارنى ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئۇيغۇرلاردىن سورىغان. لېكىن، بىرەرسىدىن ئۆزۈم قانائەتلەنگىدەك جاۋاب ئالالمىغان. مانا بۈگۈن سېنىڭ جاۋابىڭنى ئاڭلاپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندەك ھېس قىلدىم. ساڭا رەھمەت." دېدى.  

ئەمدى يۇقىرىقى سوئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۇ سورۇندا ئۇنى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا باغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىگە ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائى پەن مۇتەخەسسىسلىرى قانداق قارايدىكەن، شۇ توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىنى ئازراق سۆزلەپ بېرەي. مىللەتپەرۋەرلىك (ئىنگلىزچە "ناتىئونالىسم") بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك (ئىنگلىزچە "پاترىئوتىسم") مەنا جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشمۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. يەنى، بۇ 2 ئۇقۇمنىڭ قانداق كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىر دۆلەت، بىر رايون ۋە بىر مىللەتكە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، 20-ئەسىردە بىر قىسىم دىكتاتۇرچىلار خەلقنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنى ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئاقلاش ۋە خەلقنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. دېموكراتىيەلىك رېسپۇبلىكىلاردە بولسا، ئاشۇنداق دىكتاتۇرلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى، دەپ ھېسابلىدى.  

ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەت (ئىنگلىزچە "ناتىئون") دېگەن سۆز بىر خىل ئېتنىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئادەملەر توپىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ توپنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل تىلنى ياكى بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن بولغان تىلنى ئىشلىتىدۇ. مىللەت توغرىسىدا يېقىندا ئۆزىگە "ئاپتاپ" دېگەن ئىنتېرنېت ئىسمى قويۇۋالغان بىر قېرىندىشىمىز بىلىۋالغا بىر ئىنتايىن ياخشى ماقالە چىقاردى. ئۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى "مىللەت دېگەن نېمە؟" بولۇپ، ئىنتېرنېت ئادرىسى:

http://www.biliwal.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&p=2389#2389.  

مەن ئۇنى www.Meripet.com غىمۇ قويۇپ قويدۇم: http://www.meripet.com/Academy/Millet.htm. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مىللەتنىڭ تىل، غورۇر ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت 3 مۇھىم ئامىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تىل بولسا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ۋاسىتە. مەدەنىئەيت بولسا مىللەت روھىنىڭ ئىپادىچىسى، شۇنداقلا مىللەت پۈتۈنلۈكىنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى شىلىم. غورۇر بولسا مىللەتنىڭ روھى، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كىملىك كېنىشكىسى.

مىللەت سۆيۈملۈكنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ، بىر ئادەم ئۆز مىللىتى ئارقىلىق ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتى ئىچىدە ئۆزىگە خاس بۇرچى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بىر قىسىم ئالاھىدە ھوقۇقى بولىدۇ.  بۇ يەردىكى "بۇرچى" دېگىنىمىز ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئاساسىي قانۇنى ۋە جۇغراپىيەسى قاتارلىقلارنى بىلىش مەسئۇليىتىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، مىللەتپەرۋەر كىشىلەر بىر ئىنستىتۇتنى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرلىرىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان ئامىللارنى سۆيىدۇ. روشەنكى، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە شۇ ئارقىلىق مىللەتپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز مىللىتىنى، بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆز مىللىتىگە خاس بىر قىسىم نەرسىلەرنى بىلىش كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرگە بۇ نەرسىلەرنى مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئارقىلىق ئۆگىتىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مىللەتلەر قوللىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئىشلار پەقەت تەربىيە كۆرگەن ئاتا-ئانىلار ئۆيىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكەن بىر قانچە مىساللاردىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر بىر خىل ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى سۆيىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار: ۋەتەنپەرۋەرلىك كىشىلەرنىڭ دۆلەت سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ سىياسىي پائالىيەتلەر سايلامدا بېلەت تاشلاش، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، سوتقا چىقىپ دەۋالىشىش، ئەسكەر بولۇش ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇنداق دۆلەت سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، دۆلەت سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى ۋە تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

مەن مۇشۇ سوئالنى كورگەندىن كەيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشكە قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا ئازراق ئىزدىنىپ، تاپقان ماتېرىياللارنى تېز سۈرئەتتە ئوقۇپ باقتىم. مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىقلار ئاساسەن مەكتەپتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشكە قارشى ئىكەن. ئۇلار كۆرسەتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1. بەزىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن پايدىلىنىپ، بىر دۆلەتتىكى ئەركىن ۋە مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە سىياسىي مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

2. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئايرىمچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە قانۇنسىز ھالدا ئۆز گراجدانلىرىنى باشقا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىدۇ. بارلىق مۇھەببەتلەر "قارغۇ" (يەنى سەۋەبسىز) بولغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ بىر دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتى ئۇ دۆلەتنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرمەسلىككە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

3. بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئۆزى باشقۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەمىمىي قوللىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ غايەت زور ھوقۇقىنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئىشلىتىپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھۆكۈمەتنى ياقتۇرۇشقا مەجبۇرلىسا، ئۇ ھالدا خەلقنىڭ بۇ ھۆكۈمەتنى قوللىشى سەمىمىي بولماي قالىدۇ.

4. ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ تارىخ سۆزلىگەندە، تارىخنى ئۆزگەرتىش ۋە يالغان تارىخ ياساشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارغا تارىختا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغىنىنى ئەينەن سۆزلىگىلى بولمايدۇ. (مەن "جۇڭگو كومپارتىيە تارىخى" نى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە جەمئىي 3 قېتىم دەرس قىلىپ ئوقۇدۇم. ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بۇ 3 قېتىملىق دەرسنىڭ مەزمۇنىدا پەرق ئىنتايىن چوڭ بولدى.)

ئامېرىكا مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مونوپولىيە قىلىۋالمايدۇ. ئۇلار ھەر خىل سىياسونلار بىلەن، يەنى ھۆكۈمەت سىياسىتىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان سىياسونلار بىلەن، رىقابەتلىشىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى خۇدا، دەپ قارايدىغان دىنىي باشچىلار بىلەنمۇ رىقابەتلىشىدۇ. سىياسىغا قاتنىشىشنى ئەمەس، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ سودا شىركەتلىرى بىلەنمۇ رىقابەتلىشىدۇ. بۇ جەھەتتە مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى خۇددى بىر پادىشاھقا ئوخشاش بولۇپ، ھېچ قانداق كىشى ئۇ ئوقۇتقىچىنىڭ دەرسخانىدا نېمە دەپ دەرس سۆزلىشىگە ئارىلىشالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەتنىڭ ھەر خىل چوڭ سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل چوڭ سىياسىي ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەس-مۇنازىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەڭ سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى مۇستەقىل ئويلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاخىرقى خۇلاسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى چىقىرۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىغىدا ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ھەر قېتىملىق دەرستە ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېما بولۇۋاتقان ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى چوڭ بەس-مۇنازىرەلەرنى چۈشەندۈرۈپ تۇردى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگەن نۇرغۇن نەرسىلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئايرىم مۇددىئاسى بولۇپ، بۇشنى چۈشۈرىدىغان نەرسىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولدى. مەن نۇرغۇن گېزىت ئوقۇپ چۈشىنىپ ماڭغان نەرسىلەرنى مېنىڭ ئوغلۇم مەكتەپتىكى دەرس ئارىقىلىقلا چۈشىنىپ ماڭدى. نۇرغۇن سىياسىي ئىشلاردا مەن ھازىر ئوغلۇم بىلەن خېلى ئۇزۇن ئوخشاش سەۋىيەدە پاراڭلىشالايمەن.

ئامېرىكىدىكى  ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مادىسون شۆبىسىدە "كەۋىن باررەتت" ئىسىملىك بىر پروفېسسور بولۇپ، ئۇ سىنىپىدا دەرس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارغا 11-سىنتەبىر ۋەقىسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پىلانلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشتا سىياسىي پايدىغا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بۇ پروفېسسورنى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. لېكىن، ئۇ مەكتەپ بۇ پروفېسسورنى ئىشتىن بوشاتمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە بۇ پروفېسسورنى قوللاش ھەرىكىتى قوزغىلىپ، گېزىت-جۇرناللاردا ئۇنى قوللايدىغان نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پروفېسسور بىر مەملىكەتلىك قەھرىمان ياكى "چولپان" بولۇپ قالدى.  مەن بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئاختۇرۇپ كۆرسەم، ئامېرىكىدىكى بىر ئورۇن "كەۋىن باررەت" قا ئوخشاش، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قاراپ مەيدانغا چىققان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق كىشىلەردىن جەمئىي 44 نەپەرنى تىزىملاپتۇ.

يۇقىرىقىلار ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى. مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ يەردىكى ئۇقۇملارنى ئۇيغۇرغا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۆزلىرى تەدبىقلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نەرسە شۇكى، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، بىر ئادەم ئۆزىنى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى، دەپ ھېسابلايدىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى مۇنداق بىر بۇرچنى ئادا قىلىشى كەرەك: ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئاساسىي قانۇنىنى، ۋە جۇغراپىيەسىنى ياخشى ئىگىلىۋېلىش.  ئۇيغۇرلار ھازىر بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز.

بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا، مەن بىر پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر جۇرنالىستلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىسى بىلەن يېرىم سائەت پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ئاكىمىز ھازىرغىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇن مەسىلىنى نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپتۇ. خېلى كۆپ كىتابمۇ چىقىرىپتۇ. ئۇنىڭ ھازىر باسمىغا تەييارلاۋاتقان كىتابىنىڭ مەزمۇنىدىن مەن ئازراق خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم. سەۋەبى، مەن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇنداق مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ئادەملەر يوقمىكىن، دەپ ئەنسىرەيتتىم. ئۈرۈمچىدە كىتابخانىلار ئانچە كۆپ ئەمەسكەن. ئاقسۇدىمۇ ھەم شۇنداق. مەن ئۇلارغا كىرىپ باقتىم. بىر قىسىم كىتابلارنى ۋاراقلاپ باقتىم. ناھايىتى ياخشى يېزىلغان كىتابلار بار ئىكەن. بىر قىسىم ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زاتلىرى توسالغۇنىڭ قانچىلىك كۆپ بولۇشى، قىيىنچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشى، شارائىتنىڭ قانچىلىك ناچار بولىشىغا قارىماي، ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل گۆھەرلەرنى قېزىپ تېپىپ، ئۇنى كىتاب قىلىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپتۇ. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئىكەن. لېكىن، يازغان نەرسىلىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بىر كۈنى مەن بىر چوڭ بازار بىناسىنىڭ ئىچىدە كېتىۋاتسام، مېنى بىر ئۇكىمىز چاقىردى. ئۇ ئۇكىمىز شۇ بازاردا بىر كىچىك يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇيغۇر كىتاب دۇكىنى ئاچقان ئىكەن. مېنىڭ رەسىمىمنى بۇرۇن تور بەتلىرىدىن كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇۋېلىپ چاقىرىشى ئىكەن. ئىككىمىز ئولتۇرۇپ بىر دەم پاراڭلاشتۇق. پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە بۇ ئۇكىمىز ئۆزى يېزىپ چىقارغان كىتابتىن ماڭا 3 خىل كىتاب سوۋغات قىلدى. پۇل بەرسەم ھەرگىز ئالمىدى. مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يازغۇچى مۇشۇنداق كىتاب چىقارسا، ئۇنىڭدىن جەمئىي ئاران 3000 دانە ئەتراپىدا سېتىلىدىكەن. شۇڭلاشقا باسقاندىمۇ ھەر بىر خىل كىتابنى 3000 دانە ئەتراپىدا بېسىپ چىقىرىدىكەن. تەخمىنەن سەككىز مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىدىن مۇشۇنداق كىتابلارنى سېتىۋالىدىغانلاردىن ئاران 3000 كىشى چىقىدىكەن. كىتابخانىلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كىشىگە ناھايىتى سوغۇق تۇيۇلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى باشقا بىر دۇنيا ئىكەن. مەيلى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولسۇن، مەيلى كەچلىك تاماق ۋاقتى بولسۇن، مەيلى ھەپتە ئارىلىغى بولسۇن، ياكى شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن، ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى ئىچىنىڭ ئاۋاتلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. مەن ئامېرىكىدا ئۇيغۇر دىيارىدە كۆرگەننىڭ دەل ئەكسىنى كورىمەن: كىتابخانىلار مىغ-مىغ ئادەم بىلەن لىق تولغان. رېستۇرانتار بولسا ئادەمسىز چۆللۈككە ئوخشاپ قالغان. بۇنىڭدىن 3 ھەپتە بۇرۇن بىزنىڭ بىر ئەر-ئايال دوستىمىز ئۆزلىرىنىڭ يىللىق توي خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنى بىر ئىرانلىقلار ئاچقان رېستۇرانغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ بىر جۈمە كۈنى كەچتىكى ئىش بولۇپ، ئادەتتە بۇنداق ۋاقىت ئامېرىكىنىڭ رېستۇرانلىرىدا ئادەم ئەڭ كۆپ بولىدىغان ۋاقىت ئىدى. بۇ بىر ئاۋات  بازارغا جايلاشقان، دەرىجىسى خېلى يۇقىرى رېستۇران بولۇپ، نەق مەيداندا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان ئادەملىرىدىن 5-6 ئادىمى بار ئىكەن. مەخسۇس ئۇسسۇل ئوينايدىغان سورۇنىمۇ بار ئىكەن. لېكىن، ئۇ كۈنى كەچتە بۇ رېستۇرانغا بىزدىن باشقا پەقەت يەنە بىر جۈپ ئادەملا كەلدى. سازچىلار بىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جەمئىي 6 خېرىدارغا كەچ سائەت 11 گىچە ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بەردى.

جپل دە مەن بار بىنانىڭ مېنىڭ ئىشخانام جايلاشقان قەۋىتىدە ئىشلەيدىغان بىر يەھۇدىي بار. ئۇ بېشىغا داۋاملىق يەھۇدىيلەرنىڭ كىچىك دوپپىسىنى كىيىۋالىدۇ. خالاغا ماڭغاندىمۇ قولىدا بىرەر كىتاب ياكى جۇرنال ئوقۇپ ماڭىدۇ. قولىدىكى كىتابقا قاراپ، يولغا قارىمايدىغان بولغاچقا، مەن ھەر دائىم ئۇنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۈسۈشۈپ كەتمەي، دەپ ناھايىتى ئېھتىياتلىق بىلەن ماڭىمەن.  بىر نەچچە قېتىم مەن ئۇنىڭ خالادا ئۆرە تۇرۇپ، كىچىك تەرەت قىلىۋاتقاندىمۇ بىر قولىدا كىتاب بار بولۇپ، ئۇنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، مەن بۇ كىشىدىن باشقىلارنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم. لېكىن، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەردىن ئىلىم-پەن قاتارلىق بىر قىسىم ساھەلەردە ئېشىپ كېتىشىدە مانا مۇشۇنداق روھنىڭ چوڭ رولى بار. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ 1-قىسمىدا تىلغا ئالغان مېنىڭ ئالېكس ئىسىملىك يەھۇدى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە بىرەرمۇ تېلېۋىزور يوق.  ئۇ قەتئىي تېلېۋىزور كۆرمەي، بوش ۋاقىتلىرىدىمۇ كىتاب-جۇرنال ئوقۇيدۇ. كىتاب ئوقۇشتىن خۇددى باشقىلار تېلېۋىزور كۆرۈپ ھوزۇرلانغاندەك ھوزۇرلىنىدۇ.  بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇنداق بىر ياشاش يولىنى تاللاش ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىش ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن 55 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئالېكس ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. مەن 80-يىللارنىڭ بېشىدا مائو زېدوڭنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ باققان. ئۇ كىشىنىڭ ئۇخلايدىغان كارىۋىتى 2 كىشىلىك كارىۋات بولۇپ، يېرىمىدا ئۆزى ئۇخلايدىكەن، قالغان يېرىمىغا بولسا لىقمۇ-لىق كىتاب تىزىقلىق ئىكەن. كۆرگەزمە خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىشى كۈنىگە پەقەت 3-4 سائەتلا ئۇخلاپ، قالغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇيدىكەن. خالادىكى  ئورۇننىڭ ئالدىغا ۋە يېنىغا بىردىن كىچىك ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارغىمۇ لىقمۇ-لىق كىتاب قويۇلغان ئىكەن. مەن يېقىندا جپل دە ئادەمنىڭ ئۇخلىشى ھەققىدە بىر مۇتەخەسسىسنىڭ دوكلادىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئادەم ھەرگىزمۇ ئۇخلىمىغانغا ئۆلۈپ قالمايدىكەن (لېكىن، ئىلمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەم نورمال ئەھۋالدا كۈنىگە 6-9 سائەت ئۇخلىشى كېرەك ئىكەن). مەن ئۆمرۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تولا كىتاب ئوقۇيدىغان، ياكى مەكتەپتە بەك تىرىشىپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرگە قارىتا "كەچكىچە كىتاپلا ئوقۇيدىكەن، يا بىرەر ئالىم بولالمايدىكەن" دېگەن گېپىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم. شۇنداق، ئازراق كىتاب ئوقۇپ قويۇپلا ئالىم بولغىلى بولمايدۇ. ئالىم بولماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس. خەقلەر كىتاب ئوقۇپ يۈرسە، سىز ئۇلاردەك كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ يۈرسىڭىز، ئۇلار ئالىم بولالمىسىمۇ سىزگە خوجايىن بولالايدۇ. سىز تەدرىجى ھالدا ئۇلارغا قۇل بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.  يېقىندا بىلىۋال تور بېتىگە "كىتاپقا ئىشتىياق باغلىغان مىللەت، ئۈمىدكە تولغان مىللەت"، دېگەن بىر قىسقا يازما چاپلاندى. كىتابقا ئىشتىياق باغلىمىغان مىللەت قانداق بولۇپ كېتەر؟  80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر يازدا، ئۇيغۇر دىيارىدا "ئىتتىپاقلىق ئېيى" ھەرىكىتى بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر خالانىڭ ئىشىكىگە "مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى خخخ قىلىمەن"، دېگەن بىر جۈملە خەت يېزىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە خېلى بىر مەزگىل چوڭ ۋەقەلەر بولۇپ كەتتى.  ئۇ خەت يېزىلغىلى ھازىر 20 يىلدەك بولۇپ قاپتۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

مىللەتپەرۋەرلىك دېگەن مىللەتنى سۆيۈش، مىللەتكە كۆيۈش، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر بىر ماكاندا، ھەر بىر زاماندا ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى يېيىش، دېگەن سۆز. كۆپ كىتاب ئوقۇغاندا، ئۇيغۇرلار تەرەققىيات جەھەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ خارلىنىپ قالمايدۇ. مۇشۇنداق مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىتابنى كۆپ ئوقۇش، مىللەتپەرۋەر بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.  ئۇيغۇرلار ئىچىدە توغرا ئىشنى قىلىشىنى ۋە ئىشنى توغرا قىلىشنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپ. لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى پايدىلىق بولغان ئىلغار سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋېتىپتۇ--يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابلار ۋە مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تەرەققىياتلىرى مانا مۇشۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. لېكىن، بۇ ئىدىيە، چۈشەنچە ۋە بىلىملەر ھازىر ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا ئانچە يېتىپ بارالمايۋېتىپتۇ.  سېتىلغان 3000 كىتابنى ئۆزئارا ئارىيەت ئېلىپ، ئۇنىڭدىن 3 ھەسسىدىن ئارتۇق ئادەم ئوقۇيدۇ، دېسەكمۇ، ئۇ 10000 ئادەم بولىدۇ.  بۇ ئادەملەر 8 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاران 0.125 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.  دېمەك، بۇ سان "يوق" دېگەندىن ئازراقلا ياخشى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن. ناھىيە ۋە يېزىلارغۇ ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ۋىلايەت شەھەرلىرىدىمۇ كومپيۇتېرى بارلار ۋە كومپيۇتېرىنى ئىنتېرنېتكە ئۇلىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئىلغار كىتاب يېزىۋاتقانلار، ئىلغار ماقالە ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەر يېزىۋاتقانلار، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ياساۋاتقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، قانداق قىلىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈش. بولۇپمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان تۈزۈم، بەلگىلىمە ۋە قانۇن پەرمانلار ئىچىدە، ئاپتونۇم رايون نىزاملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار پايدىلىنىشقا بولىدىغان، لېكىن ھازىرغىچە كۆمۈلۈپ قالغان ياكى ھېچ قانداق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن قانداق مەزمۇنلار بار، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش كېرەك. ئۇيغۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇنىي يوللارنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئاشۇ يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.  يېقىندا ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز "ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ" دېگەن، پۈتۈنلەي ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تەكلىپنى تەييارلاپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئىمزا توپلاۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن يۇقىرىدا ئېيتقان ئىشنىڭ بىر تىپىك مىسالى.  قانۇنىي يول ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇنىي يول ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن يول ئېچىش، قانۇنىي يول ئارقىلىق ئۆز ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىر تىپىك مىسالى. مەن بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەكلىپنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.  

باش بەتكە قايتىش