¡¡ ¡¡ ¡¡

¡¡ ¡¡

 

9- بۆلۈم

سوئال: جۇڭگو مائارىپىدا، ئالىي مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلغان. بىزدە يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغانلار ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. سىزچە تەبىئىي پەندە ئوقۇش ئالەمنىڭ خوجايىنى بولۇشنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟


1988-يىلى 4-ئايدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن ياپونىيەگە تۇنجى قېتىم ئوقۇشقا چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇشىمىزنى تاماملاپ، يۇرتمىزغا قايتىپ كەلدۇق. بىز كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش ئىدارىسى بىز بىلەن بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. شۇ چاغدا يىغىن ئېچىلغان ئىشخانىنىڭ تېمىغا قارىسام، تامدا بىر پارچە مۇكاپاتنامە ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا يېزىلغىنى "يېزىق ئۆزگەرتىشتە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغىنى ئۈچۈن تەقدىم قىلىندى" دېگەنگە ئوخشاش بىر جۈملە سۆز ئىكەن. بۇ سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە، مەن تامدىكى تەقدىرنامىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: "مەن تامدىكى تەقدىرنامىنى كۆردۇم. ئەگەر يېزىق ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەن مەسئۇل بولغان بولسام، مەن سىلەرگە مۇكاپات ئەمەس، جازا بەرگەن بولاتتىم"، دېدىم. ھەمدە سۆزۈمنى ئەسلىدە سورالغان سوئالغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇردۇم. بۇ چاغدا يىغىندىكىلەر مېنىڭ يۇقىرىقى سۆزۈمگە بىر نەرسە دېمىدى. لېكىن، كېيىن بىلسەم، گېزىتخانىدىكى بىر خادىم مەن بىلەن ياپونغا بىرگە بارغانلاردىن بىرسىگە: "سۆزلىگەن بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ئەجەپ ئالجىپ قالغان كىشىكەنا بۇ!"، دەپتۇ.

شۇنداق. مەن 1985-يىلى 9-ئايدا ياپونىيەگە ئوقۇشقا ماڭغاندا، ئۇيغۇرلار تېخىچە لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتەتتى. مەن باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن تارتىپ، تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاشۇ يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان ئىدىم. مېنىڭ داداممۇ ئۇيغۇر يېزىغى كونا يېزىقتىن يېڭى يېزىققا ئۆزگەرگەندىن كېيىن نەچچە يىل تىرىشىپ، يېڭى يېزىقتىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان، ھەمدە ئاشۇ يېڭى يېزىقتا تېز سۈرئەتتە ماقالە يازالايدىغان سەۋىيەگە ئاللىقاچان يېتىپ بولغانىدى. لېكىن، 1988-يىلى ياپونىيەدىن كەلسەم، بىزنىڭ بۇرۇنقى كونا يېزىقىمىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ بولۇپتۇ.

مەن ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىر قەدەر ياخشىراق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئۇلاردا قولىغا قەلەم ئېلىپ، خەتنى قول بىلەن يازىدىغان ئىشلار ئاساسەن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى، كىشىلەر خەت ياكى ماقالە يازغاندا خەت يېزىش ماشىنىسى ياكى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ياپونلۇقلارنىڭمۇ ئۆز يېزىقىدىكى خەنزۇچە خەتنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنگلىزچە سۆزلەرنى دەسسىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بىزنىڭ رەسمىي باسمىخانىلاردا بېسىلغان دەرسلىك كىتابىمىز ئاساسەن يوق ئىدى. بىز ئاساسەن مەكتەپ ئۆزى تەييارلىغان لېكسىيەلەرگە ياكى بولمىسا ئۆزىمىز قالدۇرغان دەرس خاتىرىسىگە تايىنىپ ئوقۇيتتۇق. بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي دەرسلەر ئۈچۈن خەنزۇچە كىتابلارنى بىۋاسىتە قوللانغان ئىدۇق. مەن دەرستىن تېزرەك ۋە تولۇقراق خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا دەرس خاتىرىسىنى ئۆزۈم ئۆگىنىۋالغان كونا يېزىقتا قالدۇراتتىم. تەبىئى پەنلەردە تېكىستلەرنى ئوڭدىن سولغا يېزىپ، ماتېماتىكىلىق ۋە خېمىيەلىك فورمۇلالارغا ياكى سانلىق رەقەملەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇلارنى سولدىن ئوڭغا يازاتتىم. بەزىدە فورمۇلا ۋە سانلىق رەقەملەرگە قانچىلىك ئورۇن قۇيۇپ ئاندىن يېزىشنى باشلاشنى بىلمەي، قويغان ئارىلىق قىسقا كېلىپ قېلىپ، بۇرۇن يازغان تېكىستنىڭ ئۈستىگە يېزىشىمغا توغرا كېلەتتى. مانا بۇ كونا يېزىقنىڭ تەبىئى پەندىكى بىر ئاجىز ۋە ناچار يېرى ئىدى. ئۇيغۇر ئەرەپچە يېزىقى (UEY) نىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى، ئۇ بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر بىلەن يېزىق ئىشلىرىدا ئورتاقلىشىشىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن، ناخشا ۋە مۇزىكا نوتىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار خەلقئارادا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نەرسە بولۇپ، ھەممىسى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. ناخشا نوتىلىرىنىڭ ئۈستىگە ناخشا تېكىستىنى UEY دا يېزىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس.

ھازىر لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەلخەت ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدىن ۋە يانفوننىڭ تېكىست ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىدىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. ئۆز دۆلىتى ئىچىدىلا ئەمەس، ئۆز دۆلىتى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. لېكىن، ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەر ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار كومپيۇتېرغا مەخسۇس ئىشلەپ چىقىرىلغان باشقا ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىشى كېرەك. يانفۇنمۇ چوقۇم "يەرلىك يانفۇن" بولۇشى كېرەك. "خەلقئارالىق يانفۇن" لار ئۇنداق دۆلەت ياكى رايونلاردا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. تەبىئى پەن، يۇقىرى تېخنىكا، ئىنجىنېرلىق ۋە سانائەت ساھەسىنىڭ ھەممىسىدە لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشنىڭ ئەرەبچىگە قارىغاندا ساناق تۈگەتكۈسىز ئەۋزەللىكلىرى بار. مەن 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئىشخانىسىدا، دوختۇرخانىدا ساقلاپ ئولتۇرغاندا ۋە باشقا ئاممىۋىي سورۇنلاردا UEY دا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ياكى كىتابلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. سەۋەبى مېنى باشقىلار كۆرسە، مېنىڭ "ئەرەبچە" نى ئوقۇۋاتقىنىمنى باشقىلار كۆرسە، ئۇلار مېنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. ماڭا ئۆچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر دوختۇر بولسا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق دېسەم بەزىلەر ھەيران بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەنمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. لېكىن، ھازىر قانداقتۇ ئامېرىكىدا ئۇنىڭ "ئەرەب" ۋە ئۇنىڭ بىلەن چېتىشلىق نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى مەن ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن. لېكىن، مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. ئۇ ھازىر بىر رېئاللىق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنى ئامېرىكىنىڭ باشقا بىر يېڭى نەرسىسىنى چۈشىنىۋالسۇن، دەپ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ قويدۇم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەن بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئاساسىي ئىدىيە بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مۇستافا كەمال تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىسلاھاتچىدۇر. ئۇ تۈركىيەگە پرېزىدېنت بولۇپ يۈرگەن دەۋردىكى 1924-يىلى بىلەن 1938-يىلىنىڭ ئارىلىقىدا، پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيە ۋە تۈركلەرنىڭ قىياپىتى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر چوڭ ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى. مۇستافا كەمالنىڭ تارىخىي ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈن، تۈركلەر شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنى "ئاتا تۈرك" دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.

مۇستافا كەمال ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتنىڭ بىر چوڭ قىسمى تۈرك يېزىقىدۇر. دۇنيا تارىخىدا بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ تىل-يېزىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىددەتلىك ھالدا ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىگە غايەت زور بېسىم بىلەن تاڭغان دۆلەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. لېكىن، مۇستافا كەمال مانا ئاشۇنداق قىلغانلارنىڭ بىرسى. ئۇ تىل-يېزىق ئىسلاھاتىنى بىر يېڭى تۈركىيە بىلەن بىر يېڭى، زامانىۋىلاشقان تۈرك مىللىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، دەپ قارىغان. ئۆزگەرتىلگەن تۈرك تىل-يېزىقى تۈركلەرگە بىر يېڭى مىللىيەتلىك ۋە مىللىي كىملىك بەرپا قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرسى، دەپ قارىغان. شۇڭا 1928-يىلى تۈركىيە رېسپۇبلىكىسى قۇرۇلۇپ 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ تىل-يېزىقنى ئىسلاھات قىلىپ، تۈرك يېزىقىنىمۇ ئەرەبچىدىن ھازىرقى لاتىنچە يېزىققا ئۆزگەرتكەن. ئۇ مۇشۇ ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئۆزى ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى تۈركىيەدىكى چوڭ ئاممىۋىي باغچىلارغا بېرىپ، تۈرك خەلقىگە لاتىن يېزىقى دەسرسىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئۆتكەن. تۈركلەر مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇستافا كەمالنى "ئاتا تۈرك" دەپ ئاتىشىۋاتىدۇ.

ئاتا تۈركنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يېزىق ئۆزگەرتىشىنىڭ پايدىسىنى تاكى ھازىرغىچە كۆرۈۋاتىدۇ -- تۈركىيە گەرچە دۇنيادىكى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەڭ تۇرالمىسىمۇ، ئۇ ھازىر (مېنىڭچە) بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىر ئۈلگىسى سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىز ئۇيغۇرلار مۇستافا كەمال ئەرەبچە يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ 55-60 يىل ئۆتكەن 1986-87-يىللىرى ئۆزىمىزگە پۈتۈنلەي ئۆزلىشىپ بولغان لاتىن يېزىقىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەبچە يېزىقىنى قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدۇق.

مەن 1980-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بىلمەيمەن. سەۋەبى مەن ئۇ چاغدا ياپونىيەدە ئىدىم. مېنىڭ بۇ ئىشنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى مەقسىدىم ھەرگىز ئەينى ۋاقىتتا يېزىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان ئۇيغۇر كەسپ ئەھلىلىرىنى ياكى رەھبەرلەرنى ئەيىپلەش ئەمەس. يەنە بىر قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشنى، يەنى UEY نى لاتىن يېزىغىغا ئۆزگەرتىشنى، تەشەببۇس قىلىشمۇ ئەمەس -- ئەگەر ھازىرقى ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە، ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۇ كەلمەسلىگىمۇ مۇمكىن. مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن يېقىنقى بىر تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتۈش. شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ، يەنى يېزىقىمىزنىڭ لاتىن يېزىقىدىن ئەرەب يېزىقىغا ئۆزگەرتىلگىنىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنىڭ زىيىنىنى خېلى بىر مەزگىل تارتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.

بىر مىللەتتە قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرمۇ بولىدۇ. ئۆزگەرتىشكە، ئىسلاھات قىلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى يوقىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى پۈتۈن مىللەت بارلىق كۈچى بىلەن قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك نەرسە ئىدى. لېكىن ئۇ ھازىر ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتكە ۋە تەرەققىي تېپىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇنى قول بىلەن ناھايىتى تېز يازغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان بولسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ UEY نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز تەرققىي قىلماسلىق يولىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ.

ياپونلۇقلارنىڭ خەنزۇچە خەتلەرنى تاشلاپ، ئىنگلىزچە سۆزلەرگە يۈرۈش قىلىشىدىكى سەۋەب دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈندۇر. بىز قول بىلەن ئىتتىك يازغىلى بولىدىغان يېزىققا ئەمەس، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان ماشىنا بىلەن يازغىلى بولىدىغان، ۋە ھازىرقى دەۋردىكى زامانىۋىي تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ھەم ئۆزئارا ھەم دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولىدىغان يېزىققا ئۆتۈشىمىز كېرەك ئىدى. تەبىئى پەن، يۇقىرى تېخنىكا، ئىنجىنېرلىق، ۋە سانائەتلىشىش ئېھتىياجىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزىقنى تاللىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز مەيلى نېمىنى قوغداپ قالايلى، نېمىنى ئۆزگەرتەيلى، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ھېچ بولمىغاندا مىللەتنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىدا بىر مىللەت سۈپىتىدە ياشىيالىشىغا، بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇشى كېرەك. ئۇنى دۇنيا سەھنىسىدە بىر ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇندا ساقلاپ تۇرۇش. ئۇنى ئۆزىگە چۇشلۇق بىر سەۋىيىدە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. ياكى بولمىسا مىللەتنى بارا-بارا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغۇزۇش. بىزنى مۇشۇنداق نىشانغا يەتكۈزمەيدىغان، ياكى ئۇنداق قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر قىممىتى يوق. ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ مەسىلىدە، ئەگەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئىسلاھ قىلىنغان بولسىلا كۇپايە ئىدى. ئۇنىڭ ئۇئەي غا ئۆزگەرتىلىشى ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون يىل ئارقىغا چېكىندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى يۇقىرىقى سوئالنىڭ مېغىزىغا كېلەيلى. تەرەققىي تاپقان ۋە ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر بار. بۇنداق پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائى، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارنى، تارىخىي ۋە سىياسىي ئامىللارنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ۋە جۇغراپىيەلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بۇ سەۋەبلەر يالغۇز يۇقىرىقىلارلا ئەمەس. ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيە جەھەتتىكى بۇنداق ئىككى خىل دۆلەتلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا قۇرۇلمىسىدىكى پەرق ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشىدىكى پەرقلەر ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان.

بىر دۆلەتنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقىرىلىتىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى شەرت ئۇنىڭدا بىر ياخشى مائارىپ سىستېمىسى بولۇشىدىن ئىبارەت. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھازىرقىدەك يۈكسىلىشىگە ئۇنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان مائارىپ سىستېمىسى ئەڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ رولىنى ئوينىغان.
بۇرۇن ئەرەبستانغا ئوخشاش بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بەزىلىرى ھەتتا يول باشلىغۇچ رولىنىمۇ ئويناپ باققان. بىراق، ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكىنىڭ مېغىزىنى چېقىش 17-ئەسردە ياۋروپادا باشلىنىپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرلا كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن يالغۇز مەدەنىيەتنىڭ ماددىي جەھەتلىرىدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا پەرق پەيدا بولۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي مۇھىتتىمۇ پەرق پەيدا بولغان. يەنى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئىلىم-پەننىڭ تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلىي قوللىنىلىشى بۇ دۆلەتلەرنى مائارىپ بىلەن ئىلىم-پەنگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولۇش تەرەپكە ئېلىپ ماڭغان. ئۇلاردا ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىش بىر كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشتۇر، دېگەن ئاڭنى يېتىشتۈرگەن. ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاساسىي ۋە قوللىنىشچان ("applied") ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىش بىر ئەڭ مۇھىم ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش، دەپ قارىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق تالانتىنى ئۇرغىتىش ۋە يېتىلدۈرۈشكە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە مائارىپ بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ناھايىتى زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ. تەرەققىياتتىكى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۈنۈم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي تەلىم-تەربىيەنى قوللاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسا ئىلىم-پەنگە 2-دەرىجىلىك ئىشلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارقىدا قالغان قالاق ھالىتىنى زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكىنى ئۆز جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىدى. بەزىلىرى ئۇنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي كۆڭۈل بولمىدى. بۇ دۆلەتلەردە ئىلىم-پەن قۇرۇلمىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى بىر چوڭ ۋە ھالقىلىق توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا.

بۇنىڭ بىر ئەڭ تىپىك مىسالى، مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ بۇرۇنقى قىسىملىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن جۇڭگودىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدىكى پەرقلەردۇر. ئامېرىكىدا ئۆسمۈرلەرگە زېھنىي جەھەتتىن ھېچ قانداق بېسىم ئىشلەتمەيدۇ. ھەرگىز بىر نەرسىنى قارىغۇلارچە يادلاتقۇزمايدۇ. باشلانغۇچتا ئۆگىتىدىغان كۆپەيتىش كەررىلىرىنىمۇ ھەرگىز يادلاتقۇزمايدۇ. بەشكە 4 نى كۆپەيتىش 5 نى ئۆز-ئۆزىگە 4 قېتىم قوشۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ (يەنى، 5 كەررە 4 = 5 + 5 + 5 + 5)، ھەرگىز 5 كەررە 4 = 20، دەپ يادقا ئالغۇزمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈنىگە 4-6 سائەت تالادا ئويناشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنىگە 9-10 سائەت ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئاتا-ئانىلاردىن تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلار ئىمكانقەدەر باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا، ھەرگىز ئۆزىنىڭ سۆزىگە ۋە كىتابتا يېزىلغان نەرسىلەرگە يۈزدە-يۈز ئىشىنىپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ. "مەنمۇ بىر ئادەم، كىتابنى يازغىچىمۇ بىر ئادەم، سەنمۇ بىر ئادەم. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ھېچ قانداق پەرقىمىز يوق." دەپ، ياشلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە، ئۆز قابىلىيىتىگە ئىشىنىشكە، ھەرگىز ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن چاغلىماسلىققا، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆز غورۇرىنى ساقلاشقا، ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنى ساقلاشقا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەمەس، ئۆزىنىگ يۈرەك ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مەن بۇ يىل (2006-يىلى) يۇرتقا بېرىپ، باشلانغۇچ 1-سىنىپىدا ئەمدى ئوقۇشنى باشلىغان تۇغقىنىمنىڭ بىر ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم. مەكتەپ باشلىنىپ، 1-كۈنىلا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بالىنىڭ دادىسى بالىسى بىلەن 4 سائەتتەك بىرگە تاپشۇرۇق ئىشلىدى. بۇ ئوقۇغۇچى بىر قوش تىللىق سىنىپتا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ، خەنزۇ تىلىدىنمۇ تەڭلا تاپشۇرۇق بېرىلىپتۇ. مەن ئويلاپ قالدىم: ئەگەر بالىلار 6 ياش ۋاقتىدىلا مۇشۇنداق زېھىن جەھەتتىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلار چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ بالىلارنى بۇنداق كۈنگە قويۇشنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى بارمىدۇ؟ ئەگەر بار بولسا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەر پۈتۈنلەي باشقىچە يول تۇتىدۇ؟ مەندە ھازىر مۇشۇنداق جاۋابسىز قالغان سوئاللار ئىنتايىن كۆپ.

مەن يۇقىرىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ "ئىلىم-پەن" مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئاساسەن ئۇلارنىڭ "تەبىئى پەن"، تېخنىكا ۋە ئىنجىنېرلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقان. يەنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدا قالغىنى ئۇلارنىڭ تەبىئى پەن، تېخنىكا ۋە ئىنجىنېرلىق تەرەققىياتىدۇر. 1990-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۇۋەيتنىڭ ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىلىرىنى ئامېرىكا شىركەتلىرى بېرىپ رېمونت قىلىپ بەردى. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلغاندا، كۇۋەيتنىڭ سۇ تۇرۇببىسىنى ياسىغىدەك ئىنجىنېرلىرىنىڭمۇ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق مەسخىرە قىلغىنىنى كۆرگەنىدىم. يەنى، كۇۋەيتنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى دۆلەتلەر قاتارىدا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئىنجىنېرلىك ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلمىغان ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ بېشىدە تىلغا ئالغاندەك، ئىسرائىلىيەدىكى ھەر 4 ئادەمنىڭ بىرسى ئىنجىنېر ئىكەن. ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ تېخنىكىلىق خادىملار ۋە ئىنجىنېرلار دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى نىسبىتىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلار تەرەققىي قىلىۋاتقان مىللەتلەر كاتېگورىيىسىگە كىرىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن يۇقىرىدا ئېيتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر توغرىسىدىكى بايانلار ئۇيغۇرلارغىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلار بىر مائارىپنى، بىلىمنى، ئىلىم-پەننى ۋە بىلىم ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدىغان مىللەت. لېكىن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 19-ئەسرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىلىق يۈكسىلىشلەردىن ئاساسەن بەھرىمەن بولالماي قالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەرياندا تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىغا كۈچلۈك دەرىجىدە سەۋەبچى بولدى. ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر سانائىتىمۇ بەرپا بولمىدى. بەرپا بولغانلىرىمۇ ھېچ قانداق تەرەققى قىلالمىدى. ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدە ئىشچىلار قوشۇنى دېگەن بىر تەركىب قەتئىيلا ۋۇجۇدقا كېلەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەبىئى پەن ۋە تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىدىكى رولىغا بولغان كۆز قارىشى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىرمۇ "زىيالىي" دېسە پەقەت شائىر، يازغۇچى ۋە تارىخچىلارنىلا كۆزدە تۇتىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر. مەن 1980-يىللىرى ئۇلي دىن ئۇئەي غا ئۆتۈشىمىزدىمۇ يۇقىرىقى ئارقا كۆرۈنۈشلەر خېلى چوڭ رول ئوينىغان، دەپ ئويلايمەن (بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ ¨Cمۇخبىر). ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك ئۆز رايونىدا ۋە رايون ئاتلاپ رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبىنىمۇ يۇقىرىقى ئامىللاردىن كۆرۈمەن. مەن يېقىندا مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ "ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت" دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرىنى خېلى ياقتۇرۇپ قالدىم. مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۆۋەندىكى بىر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر قىسمى بولىشى مۇمكىن:

مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن نەقىل: "قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرىت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟ يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى."

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى كىشىنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ. شۇنداقلا كىشىنى ئىنتايىن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇيغۇرلار زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟ مەن بۇ سوئالنى ئۆز-ئۆزۈمدىن داۋاملىق سورايمەن. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرگەن. شۇڭلاشقا، تەرەققىياتنى ئىستەيدىغان ھەر بىر دۆلەت ۋە مىللەت چوقۇم مائارىپ، تەتقىقات ۋە تېخنىكىغا تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان قورال سۈپىتىدە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىكى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئىشلاردا ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولالايدىغان ھالەتتە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى پەندە ئوقۇغان كىشىلىرى سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشىغا قارىماي، شۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىمۇ بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولماقتا. نۇرغۇن ياشلار ئوقۇغان نەرسىلىرىنى پۈتۈنلەي تاشلاپ، جان بېقىش ئۈچۈن ھېچ قانداق ئالىي دەرىجىلىك مائارىپ سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلمايدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتنى تېپىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا. چوڭ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت قارىمىغىدىكى ئىدارىلەرگە ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەسلىدە ئوقۇغان كەسپىنى پۈتۈنلەي تاشلاپ، باشقا كەسپنى قىلىۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەن بىرقەدەر ياخشىراق بىلىدىغان ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەدە ھەر قېتىم ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىش سۈرئىتى تېزلەشكەن ۋاقىتتا، تەبىئى پەندە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار يېتىشمەيدۇ. نۇرغۇن شىركەتلەر ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە ئېلىپ بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئومۇمى ئاھالە ئىچىدىكى نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ دۆلەتلەردە "تېز تەرەققىيات" دېگەن نەرسە "ئالىي بىلىملىك ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك" دېگەن نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنداق ئەمەسكەن. يېڭى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى پەن، تېخنىكا، ئىنجىنېرلىك ۋە سانائەت ساھەسىدىكى ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ۋە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان يولىغا باغلىق. يەرلىك ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپلەر ۋە سانائەت شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تېخنىكا، ھەرخىل بايلىق ۋە ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ھەر خىل ئېھتىياجلار، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا بىر ئىلىم-پەن تەرەققىياتى سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقالىسا، ئۇنى قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلالىسا، بولۇپمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىزمەت پۇرسىتى جەھەتتە چوڭ مىللەت بىلەن باراۋەر بولۇشىغا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلالىسا، شۇ چاغدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى پەن، تېخنىكا، ئىنجىنېرلىق ۋە سانائەت ئىشلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز ھالدا تەرەققىي قىلالايدۇ. ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈملۈك يول بولماسلىقى مۇمكىن.


باش بەتكە قايتىش

¡¡
¡¡ ¡¡
¡¡ ¡¡ ¡¡