خۇلاسە

 

ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتىمىز شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى
مەنبە: بىلىۋال تور بېتى

بىلىك تورىدىكى بىر قانچە ئىنكاسلار:

ياشاش ھەققىدە

ئەركىن سىدىقنىڭ مۇۋاپىقىيتى بىزگە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى،ھەقىقىي ئادەمنىڭ قانداق ياشىسا ھاياتىنىڭ مەنىسى بولىدىغانلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟ئىنسانىيەتكە پايدىلىق قانچىلىك ئىشلارنى قىلالىدۇق؟قىلالمىغان بولساق بالىلارنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق قايسى ئىشقا دەۋەت قىلىۋاتىمىز،قانداق تەربىيلاۋاتىمىز؟ مۇشۇلارنى ياخشى ئويلايلى

ئەركىن سىدىق ئاكىزنىڭ باشقا تېلىلىرنىغۇ كۈرۈپ كېلۋاتقىلى خېلى بولدى، لىكىن بۇ كۈرۈلۈش قېتىم سانى 10 مليۇن قېتىمدىن ئاشقان تېمىنى ئەمدى كۈرۈشۈم ، تېمىنى يۇلىغۇچى ئەليار ئەپەندىمنىڭ ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تىنى سالامەت بولسۇن!

**************************

ھاياجان!

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئېزىز تورداش-سىرداشلار ،سىلەرگە ئالى ئېھتىرام !
كەمىنە < ئارىف> بۇ تور بېتىگە تۈنجى قېتىم خەت يازالاۋاتقانلىغىمدىن ئىنتايىن ھاياجاندىمەن !
مەنمۇ بارلىق تورداشلىرىمغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ سۆ ھبىتى ۋە مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرىمەن .

خەيرىيەت ... بىلىك تور بېتى ۋە باشقا تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئالىملارغا، بولۇپمۇ ئەركىن سىدىققا ئوخشاش
ھەم تېخنىكىۋى ھەم پىكرى قابىلىيەتلىك ئالىملىرىمىزنىڭ، ھايات پائالىيەتلىرىنى ۋە < مىللەتنى گۈللەندۈرۈش > نىڭ
ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى سەبىرچانلىق بىلەن، جانلىق تەشۋىق قىلىشىنى سەمىيمى ئۈمىد قىلىمەن .

************************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: مىللىتىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىرى............

سىلەرنىڭ ئىرىشكەن شان - شەرىپىڭلار ، ئاققۇزغان تەرلىرىڭلار.... بىزدەكلەرنىڭ باشلىرىغا يامغۇر بولۇپ ياغىدىغان مۇشۇنداق
كۈنلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن!!!! رەخمەت سىلەرگە

************************
مەن سۆھبەتنى باشتىن ئاخىر تولۇق كۆردۈم ، ئوقۇغانسىرى كاللام بىر خىل بىر نەرسىنى چۇشىنىۋاتقانداك ، بىر نەرسىلەرگە تۇيۇقسىز جاۋاپ تېپىپ قالغاندەك ھىسلارغا تولۇپ قالدىم ، مەن بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن ، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى سۆزلەپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
 !
****************************************

سۆھبەتنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولدى دەپ قارايمەن. كۆپرەك مۇشۇنداق دۇنيادىكى خەۋەرلەردىن، ئۆزىمىز ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. مۇمكىن بولسا ئمكانىيەتنىڭ بېرىچە باشقا دۆلەتلەردىكى ئالىملەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشپ، ئۆزىمىزنى تونۇۋېلىشىمىزنى ئۈچۈن ئەيكەن بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

*********************************

شۇكۇرى

تومۇر - تومۇرلىرىدا ساپ ئۇيغۇرنىڭ قىنى ئىقىۋاتقان ئالىملىرىمىز نىڭ ئىيتقانلىرى مەندە ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز تەسراتلارنى قالدۇردى . بارىكاللا ئۇيغۇرنىڭ ئۇمىدۋارى ..............

**************************************

ئالىم ئەركىن سىدىق ھەقىقەتەن بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا زىيالىيلار ئۈچۈن ماياك ئىكەن . ئىشلىرى روناق تاپقاي! ئاللا ئىگەم ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي!
جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت سىلەرگە

**************************************

مەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىن سىدىقنىڭ پۈتكۈل ماقالىسىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم قايتا ئوقۇپ چىقىشىنى ئويلايمەن.

*************************************

ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ۋاقتى ئىچىدىن يەنە ۋاقت چىقىرىپ بىزگە شۇنداق ئېسىل تېمىلارنى يوللىغىنىغا، ئەليار ئەپەندىنىڭ تارتقان جاپاسىغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ھەر بىر سۇئالغا بەرگەن جاۋابى گويا مېنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەندەك ھېس قىلىمەن.

************************************

ھايات مۇشكىلات ۋە غەلىبە قىلىشلار بىلەن مەنالارغا تولىدۇ، ھەۋەس قىلىش بىلەن قۇۋۋەتكە كىلىپ، ئىرىشىش بىلەن تويۇنۇپ تونۇلۇش بىلەن كامالەتكە يىتىدۇ، ھەممىمىز يۈكسەك كامالەتكە يىتىش ئۈچۈن ئوۇغۇنايلى!!!!!!!!! ماياكلار ئارىمىزدا.!!!!!!!!!!!!!! نىشان ھامان كۆز ئالدىمىزدا.!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!


باش بەتكە قايتىش