1-بۆلۈم


ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرى

ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدە بولغاندەك تارىم دەرياسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئاقسۇ دەرياسى، ياركەنت دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسى قاتارلىق 3 دەريانىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن. ياركەنت دەرياسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2137 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاقيار يېزىسىغا كەلگەندە ئىككىگە ئايرىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە قايتىدىن قوشۇلۇپ، بىر دەرياغا ئايلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسى مۇشۇنداق ئىككىگە ئايرىلىپ، قايتا قوشۇلۇشقا بولغان ئارىلىقتا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قۇرۇقلۇق "ئارال" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارايدىغان بىر يېزىدىن ئىبارەتتۇر. گەرچە ئارال كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىسىمۇ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭغا كونىشەھەردىن بىۋاستە بارغىلى بولمايدۇ. ئارالغا كوناشەھەرنىڭ باشقا يېزىلىرىدىن بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ، ئاندىن ئاقسۇدىن ئۇچتۇرپانغا بارىدىغان يول بىلەن بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئارال يېزىسى يەر كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر يېزا بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى "مەكىت" دەپ ئاتىلىدۇ. مەكىتنىڭ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر ئەتىراپىدا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاقيار يېزىسى بىلەن چېگرىداش قىسىملىرى "جەگجى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئارالغا كىرىش ئېغىزىدىن ئاقسۇ-ئۇچتۇرپان يولى بويىدا پەقەت ئىككىلا ئېغىز بار بولۇپ، بۇ ئېغىزنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە چوقۇم ئاقسۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۇش كېرەك. 60-يىللاردا ياز مەزگىللىرى كەلكۈن كېلىپ، بۇ ئېغىزلاردىكى كۆۋرۈكنى پات-پات سۇ ئېلىپ كېتىپ، ئارالغا بارغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولغان ئىدى. بىر قېتىملىق چوڭ كەلكۈن جەريانىدا، پۈتۈن ئارال يېزىسى سۇ ئاستىدا قالغانلىقى ئەركىن سىدىقنىڭ ھازىرمۇ ئېسىدە بار.
رەسىمدە: ئارالنىڭ ئاقسۇ خەرىتىسىدە كورسىتىلىشى.

2a
ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ يۇرتى يۇقىرىقى ئارال يېزىسىنىڭ جەگجى كەنتى بولۇپ، ئاپىسىنىڭ يۇرتى بولسا مەكىت كەنتىدۇر. ئەركىن سىدىق 1958-يىلى 4-ئايدا ئارالنىڭ جەگجى كەنتىدىكى بوۋا-مومىسىنىڭ (دادىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى) ئۆيىدە تۇغۇلغان. ئەركىن سىدىق بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۆزىدىن 2 ياش چوڭ "ئابلەت" ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار.

ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى سىدىق مەمەت جەگجىدىكى بىر يوقسۇز، نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، دەسلەپتە ئىسلام دىنى مەكتىپىدە "قارى" بولغىچە ئوقۇپ، كېيىن يېڭى مەكتەپتە تاكى سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. دىنىي مەكتەپتىكى ئاساسى ياخشى بولغاچقا، يېڭى مەكتەپتە ھەر يىلى سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇپ، ئوقۇشنى ناھايىتى تېزلا تاماملىغان. شۇڭا ئۇ تولۇق ساۋاتلىق بولۇپ، 1953-يىلىدىن باشلاپ ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەتتە كادىر بولۇپ ئىشلىگەن (ئۇ چاغدا بۇ يېزا "ئارال گۇڭشېسى" دەپ ئاتىلاتتى). ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى پاتەمخان بولسا مەكىتتىكى يېرى كوپ، مۈلۈككە باي بىر دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. 1949-يىلىدىن بۇرۇن مەكىتتىكى يەرلەرنىڭ كۆپۈنچە قىسمى پاتەمخاننىڭ ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ قالغان 4 ئاكا، ئىنى ۋە سىڭىللىرىغا تەۋە بولغان. شۇڭا 50-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئىسلاھاتى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋ زېدۇڭ چىقارغان ئۆلچەم بويىچە دېھقانلارنى ئوخشىمىغان سىنىپلارغا ئايرىغاندا، پاتەمخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى ئىگىلىگەن يېرىنىڭ كۆپلۈكىدىن "پومېشچىك" بولۇپ ئايرىلىپ قالغان. ئاپىسىنىڭ قالغان قېرىنداشلىرى بولسا ياكى "ھاللىق باي دېھقان" ياكى "باي دېھقان" بولۇپ قالغان. سىدىق مەمەت 1953-يىلى پاتەمخان بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، دەسلەپتە پاتەمخاننىڭ دادىسى "كادىر دېگەن قەلەندەر كېلىدۇ"، دەپ، پاتەمخاننى بېرىشكە ئۇنىمىغان. كېيىن بۇ ئىشقا ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارىلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ماقۇل بولغان. 1958-يىلى ئەركىن سىدىق تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى پاتەمخان ئاران 18 ياشتا ئىدى. سىدىق مەمەت 1956-يىلى كونىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە يۆتكەلگەن بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە ئارالنىڭ جەگجى كەنتىگە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشكەن. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن سىدىق مەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق مانا شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان.

1958-يىلى 7-ئايدا سىدىق مەمەت "پولات-تۆمۈر" تاۋلاش ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر يىللىق خىزمەتكە ئەۋەتىلدى. پاتەمخان ئىككى ياشلىق ئوغلى ئابلەت بىلەن ئەمدى 3 ئايلىق بولغان ئوغلى ئەركىن سىدىقنى ئېلىپ، بىر قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ (ئۇ چاغدا ئاقسۇ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يولوچىلار ئاپتۇۋۇزى يوق ئىدى)، تەڭرىتېغىنىڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى بىر ئېگىز داۋىنىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۈرۈمچىدە بىر يىل تۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىدىق مەمەت دەسلەپتە ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە، كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گېزىتخانىدا بىر قانچە ئايدىن ئىشلىگەن. ئاندىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. 1960-يىلى سىدىق مەمەت ئىچكىرىگە 6 يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن (مەرھۇم سىدىق مەمەت پېشقەدەم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئىچىدە، 60-يىللىرى بېيجىڭدا ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان بىر ئادەم بولسىمۇ، 1998-يىلى 3-نويابىردا 66 يېشىدا ۋاپات بولغىچە، ئۆزى ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ۋە يۇۋاش بولغاچقا، ئاقسۇ دىكى بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىدىن يۇقىرى ۋەزىپىگە قويۇلۇپ باقمىغان،ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكۈزگەن.). شۇنداق بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن ئاساسەن بىرگە بولالمىغان. ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى ھەر يىلى دادىسى يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بېيجىڭدىن ئالغاچ كەلگەن ئانچە-مۇنچە ئويۇنچۇقلاردىنلا ئىبارەت. ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان بىر ئايال بولۇپ، 1960-يىلىدىن 64-يىلىغىچە ئاقسۇ تاشقى-سودا شىركىتىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن 66-يىلىغىچە ئاقسۇ كەمپۈت زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بالىلارنى پاتەمخاننىڭ ئاپىسى مەرەمخان ئوسمان بېقىپ بەرگەن. مەرەمخان، ئۇنىڭ ئېرى ئەرشىدىن ئېزىز، ۋە قالغان 4 قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى دىنى ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك، كۈنىگە 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئەركىن سىدىققا بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەخلاق تەربىيىسى كۈچلۈك دەرىجىدە سىڭگەن. مەرەمخان ئىنتايىن ساپ دىل، ئاقكۆڭۈل، قوسىقى كەڭ، ئەستايىدىل، ھەممە ئىشتا سالماق، ئېسىل سۈپەت ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ "مۇنداق-مۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ؛ مۇنداق-مۇنداق قىلساڭ ساۋاپ بولىدۇ" دېگەن تەربىيىلىرى ئەركىن سىدىقنىڭ يادىدا ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. 1980-يىلى 27-يانۋاردا ۋاپات بولغان مەرھۇم مەرەمخان ئوسمان ئەركىن سىدىقنىڭ قەلبىدە ھېلىھەم ئۇ ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان، بۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان سۈپىتىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ھاجىم تاغىسى (دادىسىنىڭ ئىنىسى) سادىق مەمەت بىلەن ئۇزۇندىن بېرى "يەر شارىنىڭ شەكلى يۇمىلاق" دېگەن مەسىلە ئۇستىدە مۇنازىرە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ تاغىسىنىڭ ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئۇنى ھازىرغىچە قايىل قىلىپ بولالمىغان.

1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشلىق مەھسۇلاتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقان يىللار ئىدى. لېكىن، 1960-يىلى 7-ئايدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئوز ئالدىغا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودىن بۇرۇن بېرىلگەن قەرزلەرنى تۆلەشكە قىستىدى. ئاشۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئاشلىقلارنىڭ زور قىسمىمۇ ئېلىپ كېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى خېلى ئۇزۇنغىچە ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى. ئاشۇ يىللارنىڭ بىرىدە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقان. شۇ مەزگىلدە پۈتۈن جۇڭگودا ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىليوندىن 60 مىليونغىچە، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرى مانا شۇ ئاچارچىلىق كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن. يىللاپ يىللاپ گۆش كۆرمەسلىكقۇ بىر تەرەپتە تۇرسۇن، قوساق تويغىچە يەيدىغانغا قوناق نېنىمۇ بولمىغان. ئاشلىق پۈتۈنلەي نورمىلىق بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ يېشىغا قاراپ ئاشلىق بېرىلگەن. چوڭ ئاپىسى بەزىدە ئارالغا كەتكەندە، كۈندۈزلىرى ئەركىن سىدىق ئاكىسى بىلەن بىرگە ئۆيدە ئۆزلىرى يالغۇز تۇرغان. ئاپىسى ئۇلارغا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىردىن توقاچ تەييارلاپ قويغان. چۈش بولغىچە قوسىقى ئېچىپ كېتىپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت (بۇ يازمىدا پۈتۈنلەي شىنجاڭ ۋاقتى ئىشلىتىلىدۇ) 10 دىن باشلاپلا ئەركىن سىدىق ئاكىسىدىن ھېلىقى توقاچنى يېيىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. ئاكىسى "تېخى چۈش بولمىدى، سەل ساقلاپ تۇرايلى" دىسە، ئۇ "مەن بېرىپ سائەتكە قاراپ باقاي"، دەپ، ئىدارىنىڭ بىر بىناسىغا ئېسىقلىق تام سائىتىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ، سائەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئىستىرىلكىلىرىنىڭ ئورنىنى كۆرۈۋېلىپ، يەنە يۈگرەپ قايتىپ كېلىپ، "ئاكا، سائەتنىڭ چوڭ تىلى مانچىگە، كىچىك تىلى مانچىگە كەپتۇ. توقاچنى ئەمدى يېسەك بولامدۇ؟" دەپ سورايتتى. بۇ يىللاردا، ئەركىن سىدىق بەزى ۋاقىتلارنى ئارالغا بېرىپ، چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزىلىرىدىكى تاماق "كوللېكتىپ تامىقى" بولۇپ، ھەر بىر ئەترەت (ھازىرقى بىر كەنتكە توغرا كېلىدۇ) تىكى دېھقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى بىرگە ئېتىپ، بىرگە يېگەن. دېھقانلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت 5-6 لەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر-ئىككى سائەت "دولقۇن" غا چىقاتتى (شۇ چاغدىكى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ئەمگەك "دولقۇن" دەپ ئاتىلاتتى). دولقۇندىن قايتىپ كېلىپ، ئاندىن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەيتتى. ئەركىن سىدىق ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاشۇ ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىش ئۇچۇن كوللېكتىپ "ئاشخانىسى" غا باراتتى. بۇ يەردىكى "ئاشخانا" دېگىنىمىز، سىرتقى دالىدىكى بىر بوش ئورۇننى ئويۇپ، ئۇ يەرگە بىر داش قازاننى ئېسىپ ئاش ئېتىدىغان ئورۇننى كۆرسىتەتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئېسىدە قالغان، ئاشۇ ۋاقىتتا كوللېكتىپ ئاشخانىغا بېرىپ يېگەن ئەتىگەنلىك تاماق قوناق ئۇنىنى سۇغا چېلىپ ئەتكەن ئۇماچتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇ مەزگىلدە، ئەتىگەنلىكى بىرەر دېھقاننىڭ ئۆيىنىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىپ قالسا، ئەترەت كادىرلىرى ئۇ ئۆيگە تۇيۇقسىز بېرىپ تەكشۈرەتتى. ئۆز ئۆيىدە بىرەر ۋاق ئايرىم تاماق ئېتىۋاتقان دېھقاننى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭغا ئېغىر جەرىمانە قويۇپ، ياكى ئۇنى "سىنىپىي دۇشمەن" قاتارىدا كۈرەشكە تارتىپ، قاتتىق جازالايتتى. شۇڭا ھىچ كىم ئوز ئۆيىدە ئايرىم قازان ئېسىشقا پېتىنالمايتتى.

ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھىرى ئىچىدىن ئېقىپ ئوتىدىغان "سۈزۈك ئۆستەڭ" دېگەن بىر كىچىك ئۆستەڭدىن كېلىدىغان بىر سۇ ئېرىقى بار ئىدى (بۇ ئۆستەڭ ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدە يوق بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىيات پىلانىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانغا ئېلىندى ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئەينى ۋاقىتتا تېخى سۇ قۇدۇقى مەيدانغا كەلمىگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچەتتى. ئېھتىمال ئەركىن سىدىق 4 ياشقا، ئاكىسى 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلار بولسا كېرەك، ئاپىسى ئىشتىن قايتىپ كەلگىچە بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بىر كىچىك قەلەي چەينەكنىڭ تۇتقۇچىغا بىر ياغاچنى ئۆتكۈزۇپ، ئۇ ياغاچنىڭ بىر تەرىپىنى ئۆزى، يەنە بىر تەرىپىنى ئاكىسى كۆتۈرۈپ، ئېرىقتىن ئۆيگە سۇ توشۇپ، ئۆيدىكى چېلەكنى سۇ بىلەن تولدۇرغان. بىر چېلەكنى تولدۇرغىچە، 10 قېتىمدەك سەپەر قىلىشقا توغرا كەلگەن. مانا بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ ئېسىدە قالغان، بالىلىق دەۋرىدە ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن قىلغان ئۆي ئىشلىرىنىڭ بىرسىدۇر.


رەسىمدە: ئەركىن سىدىقنىڭ ئائىلىسىدىكى ئوزىدىن باشقا كىشىلەر: دادىسى، ئاپىسى، ئاكىسى، 2 ئىنىسى، 2 سىڭلىسى، ئاكىسىنىڭ خانىمى ۋە قىزى. بۇ رەسىم 1985-1988 يىللىرى ئەركىن سىدىق ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تارتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئوزى كىرەلمەي قالغان.

 2b

تۈۋەنكى رەسىمدە: ئەركىن سىدىقنىڭ دادا تەرىپىدىكى تۇققانلىرى. رەسىمنىڭ 2-قۇرى، ئەركىن سىدىقنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدە تۇرغانلار يەقىندىن يىراققا قاراپ ماڭغاندا ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسى رىزۋانىخان، دادىسىنىڭ ئىنىسى سادىق مەمەت ھاجى، ۋە دادىسىنىڭ ھەدىسى ھاۋانىخانلار. بۇ قېتىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇلار بىلەن 15 يىلدىن كېيىنكى تۇنجى كۆرۈشىشى بولۇپ، بۇ رەسىم 2006-يىلى 1-سىنتەبىر كۈنى تارتىلغان.


2c
تۈۋەنكى رەسىمدە: ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپا تەرىپىدىكى بىر قىسىم تۇققانلىرى. 2-قۇردىكى ئەركىن سىدىقنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان 6 كىشى بىلەن 1-قۇردىكى چېچىغا بىر ئاز ئاق كىرىپ قالغان ئەر بولۇپ بۇ 7 كىشىنىڭ ھەممىسى ئەركىن سىدىقنىڭ چوڭ ئاپىسىنىڭ ئىنىسى مەتنىياز قارىمنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 كىشى ياش جەھەتتە ئەركىن سىدىقتىن كىچىك. ئەركىن سىدىق ئەينى ۋاقىتتا ئارالدىكى نۇرغۇن ۋاقتىنى ئاشۇ تۇققانلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۇزگەن. ھاۋارەڭ ياغىلىق ئارتىۋالغان بۇخەلچەم ھەدىسى ئەركىن سىدىقنىڭ 1980-يىلى 27-يانىۋاردا ۋاپات بولغان چوڭ ئاپىسىغا ئىنتايىن ئوخشايدۇ. بۇ رەسىممۇ 2006-يىلى 1-سىنتەبىر كۈنى تارتىلغان.


2d

تۈۋەنكى رەسىمدە: ئەركىن سىدىق 2006-يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنى ئايرىلغىلى 15 يىل بولغان يۇرتى ئاقسۇغا بارغاندا ئاپىسى، تاغىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىمى. رەسىمدىكى كىشىلەر ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى، ئاپىسىنىڭ ئىنىسى (ئوتتۇرىدىكى ساقاللىق كىشى، ئىسمى ئابدۇشۈكۈر ئەرشىدىن)، ئاكىسى ئابلەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، چوڭ ئىنىسى ئىلھام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، چوڭ سىڭلىسى چىمەنگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ۋە كىچىك سىڭلىسى باھارگۈل قاتارلىقلار. ئەركىن سىدىقنىڭ كىچىك ئىنىسى ئۆمەر ھازىر ئامېرىكىدا بولۇپ، بۇ رەسىمگە كىرمەي قالغان.
2e


باش بەتكە قايتىش