12-بۆلۈم

 

ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلىرىدىكى خىزمەت


بىز ئەسلىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈملەرنىمۇ ئالدىنقى بۆلۈملەرگە ئوخشاش بىر ئاز تەپسىلىراق يېزىپ تەييارلاشنى ئويلىغان ئىدۇق. بىراق، ئەركىن سىدىقنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇش ۋە خىزمىتىگە ئائىت بولغان ئوقۇرمەنلەر بىر قەدەر قىزىقىدىغان نۇرغۇن مەلۇماتلار ئەركىن سىدىقنىڭ بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىماسلىقنى مۇۋاپىق كۆردۇق. قىزىققىچىلار بىلىۋال، بوستان ۋە بىلىك تور بەتلىرىدىن سۆھبەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى كۆرۈۋالسا بولىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈملەر نىسبەتەن قىسقا بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت چوڭ - چوڭ ۋەقەلەرلا خۇلاسىلەندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى، ھەمدە توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 CVI لازېر نۇرى شىركىتى («CVI Laser Corporation»)
ئەركىن سىدىق شىمالىي كالىفورنىيىدىكى «Livermore» دېگەن شەھەرگە جايلاشقان ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا پوست - دوكتورلۇق قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ بۇ دۆلەت تەجرىبىخانىسى ئىدارىسىنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە يول قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پروجەكت (تەتقىقات) گۇرۇپپىسى ئاچىدىغان ھەپتىلىك تەتقىقات يىغىنىنى مۇشۇ ئىدارىگە 10 كىلومېتىردەك كېلىدىغان « CVI لازېر نۇرى شىركىتى» (ئىنگلىزچە «CVI Laser Corporation»، www. cvilaser. com) دېگەن شىركەتتە ئاچتى. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىدارىسى يېڭى مېكسىكا (New Mexico) شتاتىدا بولۇپ، شىمالىي كالىفورنىيەدىكىسى ئۇنىڭ بىر تارماق شىركىتى ئىدى. بۇ تارماق شىركەتنىڭ باشلىقى، پۈتۈن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالېكىس (Alex Jacobson) ئەسلىدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باركلېي (Berkeley) شۆبىسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇستازى Rick Trebino بىلەن ئالېكىس ئىككىسى ئوقۇغۇچى دەۋرىدىن تارتىپلا تونۇش ئىدى. ئالېكىس يەھۇدىي مىللىتىدىن بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇمۇ ئىنتايىن تالانتلىق ۋە ئەقىللىق كىشى بولۇپ، ئوپتىكا ۋە ئوپتىكىلىق مېخانىكا ساھەسىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. CVI نىڭ پۈتۈن ئوپتىكىلىق مېخانىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئۇ ئۆزى لايىھىلەپ چىقارغان ئىدى. ئالېكىسنىڭ ئىقتىدارىغا بەك ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، رىك ئەپەندى ئۆزلىرى ياساپ چىقارماقچى بولغان ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ئوزون قەۋىتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان بىر «Lidar» ئۈسكۈنىنىڭ ئوپتىكىلىق ۋە مېخانىكىلىق زاپچاسلىرىنى ياساپ چىقىش ئىشىنى ئاشۇ ئالېكىسكە بەرگەن ئىدى.
ئالېكىسكە ئەركىن سىدىق بەك ياراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ CVI نىڭ باش شىركىتى بىلەن قايتا -قايتا مۇزاكىرىلىشىپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ساندىئادىكى پوست - دوكتورلۇق ئىشى تاماملانغاندا، ئۇنى CVI غا خىزمەتكە ئالىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن 1996- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەركىن سىدىق CVI دا ئالى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى (ئىنگلىزچە «Senior Optical Engineer») بولۇپ خىزمەت باشلىدى. دەسلەپتە ئۇ لازېر نۇرى ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ئوپتىكىلىق زاپچاسلارنى لايىھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئالتە ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ شىركەتنىڭ لازېر نۇرى زاپچاسلىرىنى چىقىرىدىغان بۆلۈمىگە باشلىق بولۇپ، ئىنژېنېرلىق بىلەن بۇ خىزمەتنى تەڭ ئىشلىدى. بۇنداق زاپچاسلارنى چىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىسمى «ھەقىقىي بوشلۇق چەمبىرى» بولۇپ، ئىنگلىزچە «Vacuum Chamber» دەپ ئاتايدۇ. CVI نىڭ شىمالىي كالىفورنىيىدىكى تارماق شىركىتىدە بۇنداق ئۈسكۈنىدىن جەمى ئۈچى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرسى ھەر 2 سائەتتە بىر نەچچە مىڭ دوللاردىن 10 مىڭ دوللارغىچە قىممەتتىكى ئوپتىكا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بىر ئۈسكۈنىنىڭ ھەر بىرسىنى بىر تېخنىك باشقۇرىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، تېخنىكتىن ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ. ئەركىن سىدىق بۇ ئۈسكۈنىنى باشقۇرۇشنى ئۆزى پۇختا ئۆگىنىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئېلىنغان تېخنىكلارنى تەربىيىلەش ئىشىنى ئۆزى ئېلىپ باردى. بىر قېتىم ئۇ ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن يېڭى تېخنىكتىن 3 كىشىنى ئىشقا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بۇ ئۈسكۈنىنى باشقۇرۇش ماھارىتىنى زادىلا ئۆگىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 كىشىنى 3 ھەپتىدىن كېيىن ئىشتىن بوشاتتى. كىتابلارغا يېزىلىشىچە، مۇشۇنداق ئۈسكۈنىدە ئىشلەپ چىقارغان ئوپتىكىلىق زاپچاسنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىدىكى دۇنيا رېكورتى 2 پىرسەنت بولۇپ، ئەركىن سىدىق مۇشۇنداق تەكشىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە بىر مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىنى 0.5 پىرسەنتكە يەتكۈزدى. بۇ ئىشنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زور پايدىسى بولۇپ، CVI دا چوڭ تەسىر قوزغىدى. مۇشۇ بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئالېكىس ئەركىن سىدىقنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ كەتتى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن، چوشقا گۆشى يېيىشنىمۇ توختاتتى. مۇشۇ مەزگىلدە ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا پۈتتۈرۈپ، كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان دوستى ئادىل ئاتاۋۇللانىمۇ CVI غا ئوپتىكا ئىنژېنېرى قىلىپ ئىشقا ئېلىپ، ئىككىسى بۇ شىركەتتە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بىرگە ئىشلىدى. ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتا بۇ ئىككىسى ئۇيغۇرچە مۇڭداشتى. ئىش ئارىلىقىدىمۇ ئەركىن سىدىق ئادىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، بىر قانچە مىنۇت پاراڭلىشىپ كېلەتتى. ئەركىن سىدىق ئۈچۈن بۇ بىر مەزگىل CVI دىكى ئەڭ ياخشى ئۆتكەن ۋاقىتلار بولدى.
CVI ۋە ئامېرىكىدىكى باشقا بىر قىسىم شىركەتلەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ئىنتايىن قىسقا ئوپتىكا پۇلسې (ئىنگلىزچە «ultra-short optical pulse») ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بەزى زاپچاسلار بار بولۇپ، شىركەتلەر ئۇنى ئىشلەپ چىقارغان بىلەن، ئۇنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقىدىغان ئاپپارات يوق ئىدى. شۇڭا ئالېكىس ئەركىن سىدىققا ئىنگلىزچە «White light interferometer» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوپتىكىلىق ئۆلچەش ئاپپاراتىنى لايىھىلەپ ئىشلەپ چىقىشنى تاپشۇردى. ئەركىن سىدىق CVI نىڭ ئىچىدە بىر ئېلېكترو - ئوپتىكىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇپ، ئۇ ئاپپاراتنى ئۆزى لايىھىلەپ، ئۇنىڭ ئوپتىكا، ئېلېكترونىكا، مېخانىكا ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى لايىھىلەپ، ئەڭ ئاخىرقى ئاپپاراتنىمۇ ئۆزى ياساپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق ئاپپاراتتىن دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى تەجرىبىخانىلاردا پەقەت ئۈچىلا بار ئىدى. كالىفورنىيىدىكى «Coherent» دېگەن چوڭ كۆلەملىك ئوپتىكا شىركىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ ئاپپاراتتىن ھەر بىرسىنى 15 مىڭ دوللاردىن ئۈچ دانە سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئالېكىس ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. بىرىنچىدىن، بۇ ئاپپاراتنى باشقۇرۇش بەك قىيىن بولۇپ، سېتىلىپ بولغان ئاپپاراتنىڭ كېيىنكى تېخنىكىلىق ياردەم ئىشلىرىنى قىلىدىغانغا CVI نىڭ ئادەم كۈچى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، Coherent بۇ ئاپپاراتنى سېتىۋالسا، ئۇلار CVI ۋە باشقا شىركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان زاپچاسلارنىڭ سۈپىتىنى ۋە لايىھىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قالاتتى. بۇ CVI ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى.
CVI بىر مەزگىل دۇنياغا مەشۇر بولغان، كومپيۇتېر CPU سىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان «Intel» دېگەن شىركەتكە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ھەقىقىي بوشلۇق چەمبىرى» ئۈسكۈنىسىنىڭ كىچىك تىپتىكىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپ ساتتى. Intel بۇ ئۈسكۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق چىقىپ قالغان CPU سىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. بۇ ئۈسكۈنىگە ئىشلىتىدىغان ئىنگلىزچە «Lock-in Amplifier» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېلېكترونلۇق ئاپپارات بار بولۇپ، بۇرۇن CVI ئۇ ئاپپاراتنى باشقا بىر شىركەتتىن بىرسىنى 3 مىڭ دوللارغا سېتىپ ئالاتتى. ئۇنىڭ ھەجمى چوڭ ۋە باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، ئالېكىس ئەركىن سىدىققا مۇشۇنداق ئاپپاراتتىن ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان قىلىپ بىرنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىشنى تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق UCD دىن بىر كىتابنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئەكېلىپ، شۇ كىتابتىكى بىلىملەرگە ئاساسەن بۇنداق ئاپپاراتتىن بىرنى ئۆزى لايىھىلەپ، ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ئۇ بۇ شىركەتلەردىن سېتىپ ئېلىپ تەييارلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 100 - 200 دوللار چىقىم بىلەن بۇ ئاپپاراتنىڭ بىر سىناق نۇسخىسىنى ياساپ چىقتى. لېكىن، Intel شىركىتى CVI دىن يېڭى ئۈسكۈنە ئېلىشنى توختىتىش سەۋەبى بىلەن، بۇ ئېلېكترونلۇق ئاپپارات ئەمەلىي ئىشلارغا ئىشلىتىلمىدى.
ئەركىن سىدىق CVI غا يېڭى ئىشقا چۈشكەندە، ئۇنىڭ ئائىلىسى تېخىچە داۋىس دېگەن شەھەردە بولۇپ، ئىككى يەرنىڭ ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلەتتى. ھەر كۈنى بۇنداق ئۇزۇن ئارىلىقنى بېسىپ ئىشقا كېلىپ - كېتىش بەك قىيىن بولغاچقا، ئەركىن سىدىق Livermore غا يېقىن يەنە بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقان ئادىل ئاتاۋۇللا، نۇر ۋە غەيرەت سابىت قاتارلىق 3 ئۇيغۇر ياشلىرىغا قوشۇلۇپ، بىر ياتاقتا تۇرۇپ تۇردى. بۇ ياتاققا كېيىنچە پولات ئۆمەر ئىسىملىك يەنە بىر ياش كېلىپ قوشۇلدى. ئەركىن سىدىق ئۆيىگە ھەر جۈمە كۈنى كەچتە قايتىپ كېتىپ، كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قايتىپ كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى ياتاق تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ياتاقتىكىلەر ئاخشىمى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ھەر خىل تاماقلارنى ئەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاماقنى تەرتىپسىز ھالدا كۆپ يەۋېلىپ، ئەركىن سىدىقمۇ بىر قانچە ئاينىڭ ئىچىدە باشقىچىلا سەمرىپ، قورساق سېلىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنداق تۇرمۇشنى 6 ئايدىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، 1997- يىلى ئامانگۈل ساكرامېنتودىكى كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمىي ماگىستىرلىقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ئەركىن سىدىقنىڭ شىركىتىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان «San Ramon» دېگەن شەھەردىن بىر ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۆيىنى شۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدى. ئەركىن سىدىق كېيىنچە بىرەر يىل ۋاقىت تىرىشىپ، ئۆز بەدىنىنى ئاران ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى.
CVI دىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتلەر ئەركىن سىدىق ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلغان ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ مائاشىمۇ ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە شىركەتكە يېڭى كىرگەن ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا 45 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن، 1999- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، CVI دا ئەركىن سىدىققا چۇشلۇق قىزىقارلىق ۋە يۇقىرى تالانت بىلەن يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان يېڭى ئىشلار ئانچە كۆپ قالمىدى. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۇ شىركەتتە نېمە ئىش بولسا، شۇنى قىلىپ تۇردى. بەزى كۈنلىرى تېلېفوندا خېرىدارلار بىلەن سۆزلىشىپ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغانلاردىن بىرەرسى ئاغرىپ قالسا، شۇلارنىڭ ئورنىدا خېرىدارلارغا ئوپتىكا زاپچاسلىرىنى سېتىش ئىشلىرىنىمۇ قىلىپ باقتى. بىر قېتىم شىركەتنىڭ مېخانىكىلىق ئوپتىكا زاپچاسلىرىغا شىركەت ئىسمى بىلەن زاپچاس ماركىسىنى يازىدىغان قىممەت باھالىق لازېر نۇرلۇق ئۈسكۈنە بۇزۇلۇپ قالغاندا، ئەركىن سىدىق ئۇنى چۇۋۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر ئېلېكترونلۇق زاپچىسى كۆيۈپ كەتكىنىنى بايقاپ، ئۇ زاپچاسنى سېتىپ ئەكەلدۈرۈپ، بۇ ئۈسكۈنىنى رېمونت قىلىپ ساقايتتى. بۇ ئىش ئالېكىسنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. لېكىن، ئەركىن سىدىق ئۆز ئۆمرىنىڭ قالغان قىسمىنى مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالىمايتتى.
1999- يىلى 10- ئايدا، ئەركىن سىدىق باشقا 2 كىشى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان بىر شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن (بۇ شىركەت توغرىسىدا مۇشۇ بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئايرىم توختىلىمىز)، جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى بىر چوڭ تەجرىبىخانىغا بىر ھەپتىلىك خىزمەتكە بارىدىغان بولدى. ئۇ يەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئەركىن سىدىق ئىنتېرنېت ئارقىلىق باشقا خىزمەت ئىزدەشكە باشلىغان بولۇپ، جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى يېڭى قۇرۇلغان بىر شىركەتتە ئۆزىگە لايىق بىر خىزمەت بارلىقىنى بايقىدى. ھەمدە ئۇلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەركىن سىدىق بىلەن بىر قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشىدىغان بولدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشنى يۇقىرىقى بىر ھەپتىلىك ئىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرىلىدى. ھەمدە شۇ قېتىم بۇ يېڭى شىركەت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇلار ئەركىن سىدىقنى ئىشقا ئېلىشنى قارار قىلدى. ئەركىن سىدىق شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئالېكىسكە ئۆز خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغان خەتنى تاپشۇردى (ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملاردىن ئۆز خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغاندا 2 ھەپتە بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ). ئالېكىسمۇ بۇ ۋاقىتلاردا CVI نىڭ ئەركىن سىدىققا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ ئىلتىماسىغا ئازراقمۇ خاپا بولمىدى. ئەركىن سىدىق 12- ئاينىڭ ئاخىرغىچە CVI دا تۇرۇپ، يېڭى يىلدىن باشلاپ ھېلىقى يېڭى شىركەتكە ئىشقا چۈشىدىغان بولدى.

(2) كالارمەكس تېخنولوگىيە شىركىتى
 («ColorMax Technology Incorporated»)
ئەركىن سىدىق 2000- يىلى يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈپ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ تويوتا 4 رۇننېر ماركىلىق ماشىنىسىغا قاچىلاپ، جەنۇبىي كالىفورنىيىگە قاراپ يول ئالدى. بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ ياپونىيىگە بارغان ۋە ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىن كېيىنكى ئۆز ئۆيىدىن يەنە بىر قېتىم، يەنى 3- قېتىم ئايرىلىشى ئىدى. ئۇ بىر ئامېرىكىلىقنىڭ بىر ئېغىزلىق ئۆيىنى ئېيىغا 450 دوللار تۆلەيدىغانغا ئىجارىگە ئالدى. دەسلەپتە ئۇ يەرگە ئۆزى يالغۇز بېرىپ، يېرىم يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ يەردىن ئۆي ئېلىپ، ئائىلىنى يۆتكەپ كېتىشنى پىلانلىدى. ئۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىر كېلەتتى. ئۇ يولدا يالغۇز كېتىۋېتىپ، ماشىنىدا ئۇيغۇرچە ناخشا CDسى ئاڭلاپ ماڭدى. ناخشىلارنىڭ ئارىسىدىن «تۇمانلىق كېچە» دېگەن ناخشا چىققاندا، ئەركىن سىدىقنىڭ كۆڭلى بىراقلا بۇزۇلۇپ، كۆزىدىن ياش ئېقىپ كەتتى. ئەركىن سىدىق بۇ چاغدا ئۆزىنى خۇددى ئۇيغۇر يېزىسىدىكى ياز كۈنلىرى ھاشارغا ماڭغان دېھقانلاردەكلا ھېس قىلدى. ئامېرىكىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ئۆزىنىڭ كەسىپتە ئىمكان قەدەر ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش غايىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ئۇ يېشى 42 گە يېتەي دېگەندە يەنە ئۆيىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز ياشايدىغان مۇشۇنداق بىر يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئەركىن سىدىقنى قوبۇل قىلغان شىركەتنىڭ ئىسمى كالارمەكس (ئىنگلىزچە «ColorMax») بولۇپ، قۇرۇلغىلى تېخى 6 ئايدەك ۋاقىت بولغان ئىدى. ئۇ جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى دىسنېي باغچىسى بار شەھەرگە 30 كىلومېتىردەك كېلىدىغان «Tustin» دېگەن شەھەرگە جايلاشقان ئىدى. ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئىچىدە 8 پىرسەنت ئەرلەر بىلەن 3 پىرسەنت ئاياللار رەڭ كۆرمەيدىغان (رەڭ قارىغۇسى) بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپ چىقارماقچى بولغىنى ئاشۇنداق كىشىلەرنى رەڭ كۆرىدىغان قىلالايدىغان بىر خىل كۆزەينەك ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر يېقىن تۇغقىنىمۇ رەڭ كۆرمەس (رەڭ قارىغۇسى) بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ناھايىتى يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىغا قارىماي ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىگەن ئىدى. بۇنداق كۆزەينەكنىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھەقىقىي بوشلۇق چەمبىرى» ئىچىدە ئىشلەپ چىقىراتتى. بۇ بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، ئەركىن سىدىق CVIدا 3 يىل ئىشلەش جەريانىدا بۇ تېخنىكىدا تولۇق يېتىشكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. كالارمەكس ئەينى ۋاقىتتا ئەركىن سىدىقنى ئىشقا ئېلىپ بولۇپ، ئۇ تېخى رەسمىي ئىشقا چۈشمىگەن ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى بىر «ئىگىلىك خەۋىرى»دە ئەركىن سىدىق توغرىسىدا بىر مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، ئۇ خەۋەرنى ھازىرمۇ تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرۈشكە بولىدىكەن:
http://www.findarticles.com/p/ar ... _Nov_18/ai_57619597
ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ شىركەتتىكى خىزمەت مەنسىپى «تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىش دىرېكتورى» بولۇپ، شىركەت بويىچە بۇنداق تېخنىكىنى ۋە ئوپتىكا ئىلمىنى بىلىدىغانلاردىن ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىم يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ يالغۇز ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلىپلا قالماي، پۈتۈن شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقىمۇ ئۆز زىممىسىدە بولغاچقا، داۋاملىق ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ھېس قىلاتتى. بۇ شىركەت مائاشتىن باشقا، ئەركىن سىدىققا شىركەتنىڭ پاي چېكىدىنمۇ يەنە خېلى كۆپ مىقداردا بەرگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ شىركەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، ئەركىن سىدىق 5 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە مىليونېر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىدىغان ئىشىمۇ يېڭى ۋە ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ ياخشى بولغاچقا، ئەركىن سىدىق شىمالىي كالىفورنىيىدىن جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى بۇ شىركەتكە يۆتكىلىپ كېلىشكە رازى بولغان ئىدى.
ئەركىن سىدىق ئىشقا چۈشىدىغانغا بىرەر ئاي ۋاقىت قالغاندا، بۇ شىركەتنى ئامېرىكىنىڭ بىر مەملىكەتلىك چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۈتۈن مەملىكەتكە بىر قېتىم تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ تېخى ئىشلەپ چىقارمىغان مەھسۇلاتىغا نۇرغۇن كۆز دوختۇرخانىلىرى ۋە شەخسىيلەر ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى. بۇ شىركەتتە مەھسۇلاتنى ساتىدىغان خادىملاردىن 6 - 7 نەپىرى بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق شىركەتكە كېلىپلا، ئۇلارنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە توختىماي ئۆزلىرىگە تېلېفون قىلغان خېرىدارلارغا «كۆزەينەك چىقىدىغانغا يەنە بىر - ئىككى ئايلا ۋاقىت قالدى. شۇڭا سەل ساقلاپ تۇرۇڭ» دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ شىركەتتە ئىش باشلاپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ نيۇ-يورك شتاتىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى بىر شىركەتتىن ھەقىقىي بوشلۇق چەمبىرىدىن بىرنى سېتىۋېلىش ئىشىغا قاتناشتى. ئۇنى يۆتكەپ كېلىشكە بىر قانچە ھەپتە كېتىدىغان بولغاچقا، ۋاقىتنى زايە قىلماسلىق ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق نيۇيوركتا تۇرۇپلا ھېلىقى ئۈسكۈنىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنى 3 ھەپتىدىن كېيىن يۆتكەپ كېلىپ، ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دەرھال قاتتىق ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 6 بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاخشىمى سائەت 10 غىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا مۇشۇ كۆزئەينەكلەرنى تېزرەك ئىشلەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بىرلا خىيال ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇ شىركەت بىلەن ھەر 2 ئايدا ئۆيىگە بىر قېتىم قايتىپ، بىر ھەپتە ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلەپ بېرىپ ئاندىن قايتىپ كېلىشنى كېلىشىۋالغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئارىلىقتا ئۆيىگىمۇ قايتمىدى. پەقەت كېيىنكى 2 قېتىملىق ئۆيىگە بېرىپ كېلىشنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ قويدى.
ئىنسانلارنىڭ رەڭ كۆرمەيدىغان كۆزىنىڭ 8 خىل تۈرى بار بولۇپ، ئۇلارغا 8 خىل ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى كۆز ئەينەكنى ئىشلەپ چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ شىركەتنى قۇرغان كىشى بىر كورىيەلىك سودىگەر بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي پەندىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق ئىدى. لېكىن ئىگىلىك يارىتىش ئىشلىرىغا ماھىر بولغاچقا، كورىيەلىكلەردىن 10 مىليون دوللاردەك پۇل يىغىپ، مۇشۇ شىركەتنى قۇرغان ئىكەن. بۇ كىشى دەسلەپتە ئەركىن سىدىققا خېلى تۈزۈكتەك كۆرۈنگەن بولۇپ، كېيىن بۇ يەردە بىر ئايدىن ئارتۇق ئىشلىگەندىن كېيىن قارىسا، ئۇ كىشى ئىنتايىن ئەسكى مىجەزلىك ئادەم ئىكەن. يۇقىرىقى 8 خىل كۆزەينەكنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن، ھەقىقىي بوشلۇق چەمبىرىدىكى پۈتۈن ھاۋانى تولۇق شۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىپ («ھەقىقىي بوشلۇق» دېگەننىڭ مەنىسى ئەنە شۇ)، ئۇنى 300 گرادۇسقىچە قىزىتىپ، ئاندىن 2 - 3 خىل قاتتىق ماتېرىيالنى ئېلېكترون ئېقىمى بىلەن سوقىدۇ. بۇ سوقۇلۇشتىن ھېلىقى ماتېرىياللار پارچىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مولېكۇلىلار ۋە ئاتوملار ئاجراپ چىقىپ، ھەقىقىي بوشلۇقتا ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرۈش جەريانىدا كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىگە قونىدۇ. ئەينەك ناھايىتى قىزىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مولېكۇلىلار ۋە ئاتوملارنىڭ بىر قىسمى ئاشۇ ئەينەككە چاپلىشىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇنداق ماتېرىيالنىڭ قېلىنلىقىنى 1 - 2 نانومېتىرگىچە كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇ ماتېرىيالنىڭ تەسىرى بىلەن كۆز ئەينەك بىر قىسىم رەڭدىكى نۇرنى ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر قىسىم رەڭنى ئۆتكۈزمەي، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تاقىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كىرىدىغان نۇرنىڭ رەڭگىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بېرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر شۇنىڭ بىلەن رەڭلىك نەرسىلەرنى ئەينەن كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. ئەركىن سىدىق كومپيۇتېردا ھېسابلاپ كۆرۈپ، ھېلىقى 8 خىل كۆزەينەكنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 6 خىل ماتېرىيال ئىشلەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقتى. لېكىن شىركەتنىڭ ھېلىقى كورىيەلىك باشلىقى پەقەت 2 خىل ماتېرىيالدىن باشقىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋالدى. ئەركىن سىدىق قايتا - قايتا چۈشەندۈرسىمۇ ۋە مۇنازىرىلەشسىمۇ ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدا چىڭ تۇرۇۋالدى. نەتىجىدە پەقەت 4 خىل كۆزەينەك نورمال چىقىپ، قالغان 4 خىلى يازدىلا تەلەپكە لايىق چىقمىدى. بۇ شىركەتتىكى ھېچ قانداق ئادەم بۇ كۆزەينەكلەرنىڭ تېخنىكىلىق كورسەتكۈچىلىرىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەركىن سىدىق قايتا - قايتا سۈرۈشتە قىلىپمۇ ئۇ كۆرسەتكۈچلەرگە ئېرىشەلمىدى. ھېلىقى كورىيەلىك باشلىقنىڭ قىزى ئىقتىساد كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇشۇ شىركەتنىڭ بارلىق ئىقتىسادىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇ قىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھېچ ئىش قىلماي، ئۆز ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ كورىيەچە گېزىت ئوقۇيدىكەن. ئامېرىكىدا بىر شىركەتتىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق دائىرىسىدە خۇددى بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. پۈتۈن تېخنىكىلىق قارارلارنى ئۆزى چىقىرىدۇ. ياخشى - يامان نەتىجىلەرگىمۇ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ شىركەتتە دۇچ كەلگىنى بىر ئىنتايىن نورمالسىز، ئىلىمسىز ئەھۋال بولۇپ، بۇنداق ئىشنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بىر قانچە ھەپتە كۈنىگە 16 سائەتتىن ئىشلەپ بېقىپمۇ، ھېلىقى 4 خىل كۆزەينەكنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش پەيدا قىلالمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 2 خىل ماتېرىياللار بىلەن ئۇلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا ھېچ قانداق كۆزى يەتمەي، «مەن خاتا يەرگە كېلىپ قاپتىمەن» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ شىركەتكە كېلىپ ئەمدى 2 ئاي توشقان كۈنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇ ياتىقىغا بېرىپ، نەرسە كېرەكلىرىنى 2 سائەت ئىچىدە يىغىشتۇرۇپ ماشىنىسىغا قاچىلاپ، شىمالىي كالىفورنىيىدىكى ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتىى.
ئەركىن سىدىق بۇ شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى ئاتا - قىز ئىككى كورىيەلىك بۇ شىركەتنىڭ مەبلىغىگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كالارمەكسكە مەبلەغ سالغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شىركەت پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، تاقىلىپ كەتتى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ھېچ قانداق ئىز - دېرىكى يوق. (ئەركىن سىدىق ئىشلىگەن شىركەتنىڭ تولۇق ئىسمى «ColorMax Technology Incorporated» بولۇپ، ئۇ ھازىر مەۋجۇد ئەمەس. ئامېرىكىدا ھازىرمۇ «ColorMax» سۆزى بىلەن باشلىنىدىغان باشقا شىركەتلەردىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىدىغىنى رەڭ كۆرمەيدىغانلارنىڭ (رەڭ قارىغۇلىرىنىڭ) كۆز ئەينىكى ئەمەس.)
شۇنداق قىلىپ ئەركىن سىدىق بۇ قېتىم خىزمەت يۆتكىلىپ، ئەسلىدە ئويلىغىنىدەك مىليونېر بولالمىدى. رەڭ كۆرەلمەيدىغانلار (رەڭ قارىغۇلىرى) ئىشلىتىدىغان كۆز ئەينەكنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقى ئۆزىنىڭ CVI دىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىش بىلەن 2 قېتىملىق ئايروپىلان يول كىراسى ۋە بىر ئايلىق ياتاققا ئالدىن تۆلىگەن ئۆي ئىجارىسى پۇللىرىدىن قۇرۇق قېلىش بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەركىن سىدىق ئۈچۈن ئىشنى يەنە يېڭى باشتىن باشلاشقا توغرا كەلدى.

(3 WaveSplitter تېخنولوگىيە شىركىتى
 («WaveSplitter Technology Inc»)

ئەركىن سىدىق جەنۇبىي كالىفورنىيىدىن قايتىپ كېلىپ، بىر كۈننىمۇ ئىسراپ قىلماي، يەنە خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوپتىكا ساھەسىدىكى شىركەتلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم تېپىپ بېرىدىغان بىر شىركەت بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇنداق ئورۇنلار ئامېرىكىدا «خىزمەت تېپىپ بېرىش شىركىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار باشقا شىركەتلەرنىڭ ئادەم ئېلىش ئېلانلىرىنى يىغىپ، ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كەلگەن خىزمەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتلەر بولۇپ قالسا، خىزمەت ئىزدىگۈچىنى خىزمەتكە ئالغۇچى شىركەتكە تونۇشتۇرىدۇ. ئەگەر بىر شىركەت بىر ئادەمنى ئاشۇنداق يول بىلەن ئىشقا ئېلىپ قالسا، بۇ خىزمەت تېپىپ بېرىش شىركىتىگە ئادەم ئالغان شىركەت مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدۇ. كالىفورنىيىنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا (بۇ ئاتالغۇ ئېلىمىزدە كېرىمنىي جىلغىسى دېگەن نام بىلەن ئومۇملاشقان ــــ مۇھەررىردىن) بۇنداق شىركەتكە بېرىلىدىغان پۇل ئىشقا ئېلىنغان ئادەمنىڭ بىر يىللىق مائاشىنىڭ 15 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. يەنى ئەگەر ئىشقا ئېلىنغان ئادەمنىڭ يىللىق مائاشى 100 مىڭ دوللار بولسا، بۇ ئىش تېپىپ بېرىش شىركىتىدىكىلەرگە ئىشقا ئالغۇچى شىركەت 15 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل بېرىدۇ. ئىش ئىزدىگۈچىگە ھېچ قانداق چىقىم بولمايدۇ.
ئەركىن سىدىق ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى خىزمەت تېپىپ بېرىدىغان شىركەتنىڭ ياردىمىدە جەمى 3 شىركەتنى ئۆزىگە لايىق تېپىپ، شۇلارغا ئىلتىماس قىلدى. ئارىلىقتىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن سىدىقنى كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ھەر بىر شىركەتتە پۈتۈن بىر كۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، بۇ 3 شىركەتنىڭ ھەممىسى ئەركىن سىدىقنى خىزمەتكە ئالىدىغان بولدى. ئەركىن سىدىق «KLA Tencor» دېگەن شىركەتنىڭ مائاشىنى، قىلىدىغان ئىشىنى ۋە تۇرغۇنلىقىنى ياخشى كۆردى. بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىقىرىدىغان بىر چوڭ شىركەت بولۇپ، يىللىق سودىسى 4 مىليارد دوللاردىن ئاشاتتى. «WaveSplitter Technology» (www. wavesplitter. com) دېگەن شىركەت قۇرۇلغىلى تېخى 2 يىلدەك بولغان، نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىكا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر يېڭى شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتنىڭ پاي - چېكى تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولغاچقا، ئەگەر ئۇ ئوبدان مېڭىپ قالسا، شىركەتتىن بېرىدىغان پاي - چەك ئارقىلىق قىسقا ۋاقىتتا نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق WaveSplitter دېگەن شىركەتنى تاللىدى. ھەمدە 2000- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى بۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشتى.
بۇ شىركەت كالىفورنىيىدىكى دۇنياغا داڭلىق بولغان سىلىكون جىلغىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان «Fremont» دېگەن شەھەرگە جايلاشقان ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ شىركەتتىكى خىزمەت مەنسىپى دەسلەپتە ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولدى. ئارىلىقتىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە شىركەت ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك نۇرلۇق - تالا ئوپتىكا تېخنولوگىيىسىگە مەسئۇل ئىنژېنېرلار باشلىقىغا ئۆستۈردى. بۇنى ئىنگلىزچە «Engineering manager, Advanced fiber-optic technology» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋاقىتقىچە ئەركىن سىدىقنىڭ مائاشىمۇ شىركەتكە يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا 25 پىرسەنت ئۆستۈرۈلدى.
بۇ شىركەت ئىشلەپ چىقىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئىنگلىزچە «Interleaver» دەپ ئاتىلىدىغان بىر زاپچاس بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق بۇ شىركەتكە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئاشۇ مەھسۇلاتنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتى. بۇ زاپچاس نۇرلۇق تالادىكى ئۇچۇر كانىلىنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش (مەسىلەن، 20 كانالنى 40 كانالغا، 40 كانالنى 80 كانالغا كۆپەيتىش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەركىن سىدىق دەسلەپكى 3 - 4 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ زاپچاسنىڭ تېخنىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئېنىقلاپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ تېپىپ چىقتى. ھەمدە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىشلارنى ئەركىن سىدىقتىن بۇرۇن كەلگەن باشقا ئىنژېنېرلار قىلالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق بۇ زاپچاسنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى باش مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى. پۈتۈن شىركەت ئەركىن سىدىق تۈزۈپ چىققان قوللانمىنى ئىشلىتىدىغان، ئەركىن سىدىق ئويلاپ چىققان تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنى قوللىنىدىغان بولدى. بىر قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ تاللاشتا، WaveSplitter نىڭ بۇ مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ATT شىركىتى، ياپونىيىنىڭ NEC شىركىتى، ۋە گېرمانىيىنىڭ Siemens شىركىتى قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ كۆلەملىك شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدە WaveSplitter نىڭ ئاشۇ زاپچىسىنى ئىشلىتىدىغان بولدى.
ئۇزۇن يوللۇق نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىشىدە، نۇرلۇق تالادا ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان نۇرنى ھەر 100 كىلومېتىر ئارىلىقتا بىر قېتىم لازېر نۇرى ئارقىلىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر لازېر نۇرىنىڭ قۇۋۋىتى بەك يۇقىرى بولمىغاچقا، بىر ئورۇندا بىر قانچە لازېر نۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ لازېر نۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولغاچقا، ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇش ئۈچۈن بىر خىل ئالاھىدە زاپچاس ئىشلىتىلىدۇ. WaveSplitter بىر خىل ئالاھىدە نۇرلۇق تالادىن ياسىلىدىغان مۇشۇ زاپچاسنى ئىشلەپ چىقىرىشنى قارار قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئەركىن سىدىققا بەردى. ئەركىن سىدىق دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار ئېنژېنېرلاردىن 4 كىشى ۋە باشقا ئىنژېنېر بىلەن تېخنىكلاردىن يەنە 5 كىشىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، بۇ پروجەكتنى (تەتقىقاتنى) باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيادا WaveSplitterبىلەن مۇشۇ زاپچاسنى ئىشلەپ چىقىرىشتا رىقابەتلىشىدىغان شىركەتلەردىن يەنە بىر قانچىسى بار ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ گۇرۇپپىسى باشقىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە نۇرغۇن پاتېنتلىرىنى ئوقۇپ، شۇ ئارقىلىق تېخنىكىلىق ئۆتكەللەردىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ئاشۇ ئارىلىقتا ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ CVI دىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئالېكىس ئۈچۈن يول مېڭىپ، ئۇنىمۇ WaveSplitter گە خىزمەتكە ئالدۇرغان ئىدى. ئەركىن سىدىق ئوپتىكا ئېنژېنېرلىكىنىڭ باشلىقى بولغاندا، ئالېكىسمۇ ئوپتىكىلىق مېخانىكىنىڭ باشلىقى بولدى. ئەركىن سىدىق ھازىر قىلىۋاتقان بۇ پروجەكتنىڭ ھەممە مېخانىكىلىق ئىشلىرىغا ئالېكىس مەسئۇل بولدى. ئالېكىسنىڭ ۋە ئەركىن سىدىقنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى يەنە بىر دوكتورنىڭ ئۆيلىرى ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئاندىن بۇ 3 كىشى بىر ماشىنىدا ئىشقا بېرىپ كەلدى. يولدا ماشىنا بەك كۆپ، يول قىستا - قىستاڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ 40 كىلومېتىر يولنى بېسىشقا 40 مىنۇتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋاقىتتا تېخنىكىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئاشۇ ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ھەل قىلدى. ۋاقىت بەك قىس بولغاچقا، بۇ مەھسۇلاتنى تېزرەك چىقىرىش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق مۇشۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرىنىمۇ شىركەتتە ئۆتكۈزدى. ھەمدە بۇ پروجەكتنى باشلاپ بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بىر شەنبە كۈنى ئەركىن سىدىق يەنە بىر تېخنىك ئايال بىلەن بىرلىكتە تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى دۇنيادىكى باشقا بارلىق شىركەتلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان مەھسۇلاتتىن بىرنى ياساپ چىقتى. ئاشۇ پەيتتە ئەركىن سىدىق خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىققا چۆمۈپ سەكرەپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە بۇ شىركەت ھېلىقى مەھسۇلاتنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىشقا تەييار بولغاندا، خەلقئارالىق نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش سانائىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ خىل مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياج بىراقلا يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن WaveSplitter بۇ مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىر مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ، ئاخىرى بۇ مەھسۇلاتتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى.
بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ساھەسىدە نۇر دولقۇنى ئۆتكۈزگۈچ ئاساسىدا ياسىلىدىغان ھەر خىل ئوپتىكا زاپچاسلىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل زاپچاسلار ئىنگلىزچە «(Planar Lightwave Circuits (PLC» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرلۇق تالانىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى نۇر ماڭىدىغان قىسمىنىڭ توملۇقى 9 مىكرومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ پوستى 125 مىكرومېتىر كېلىدۇ (ئىنسانلارنىڭ چېچىنىڭ توملۇقى 17 مىكرومېتىردىن 180 مىكرومېتىرغىچە كېلىدۇ). PLC نۇر يولىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئاران 4 مىكرومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تاختىيىنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن ئوپتىكىلىق زاپچاسلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن WaveSplitter مۇ ئاشۇ ساھەگە كىرىشنى قارار قىلىپ، 6 دوكتوردىن بىر ئوپتىكىلىق لايىھىلەش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەركىن سىدىقنى مەسئۇل قىلدى. ئەركىن سىدىق بۇ بىر يېڭى ساھەگىمۇ ئىنتايىن تېزلا كىرىشىپ، 2 - 3 ئايدىن كېيىنلا يېڭى زاپچاسلارنى لايىھىلەپ چىقتى. شىركەت 10 مىليون دوللارلىق PLC ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ياپونىيىنىڭ NEC شىركىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل زاپچاسلارنى ئىشلەپ چىقارماقچى بولدى. بۇ جەرياندا ئەركىن سىدىق پۈتۈن شىركەتنىڭ ئوپتىكا تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق خادىملىق رولىنى ئوينىدى. ئوپتىكا زاپچاسلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماي، شىركەت ئۈچۈن يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى باھالاپ بېرىش، ۋە شىركەتنىڭ پاتېنت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ بېرىش ئىشلىرىنىمۇ قوشۇمچە ئىشلىدى. ئۇ 2001- ۋە 2002- يىللىرى ياپونىيىنىڭ NEC، Hitachi ۋە Fujitsu شىركەتلىرىگە كۆپ قېتىم بېرىپ، WaveSplitter گە ۋاكالىتەن تېخنىكىلىق سۆھبەتلەشكۈچى رولىنى ئوينىدى. گېرمانىيىنىڭ Siemens شىركىتىگىمۇ بىر قېتىم باردى. ئەركىن سىدىق ياپونغا بارغاندا، ئۇنىڭ ياپون تىلىنى بىلگىنى شىركەت ئۈچۈن كۆپ پايدا قىلدى. ئۇ ياپونىيىدىكى شىركەتلەردە ئىلمىي دوكلات بەرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ياپونلۇقلار ئىنتايىن ھەيران قالدى. يەنى، ئەركىن سىدىق PLC زاپچاسلىرىنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقىرىشتىن باشقا لايىھىلەشتىن ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەپ سىناق قىلىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە قىلالايتتى. بىر قېتىم ئۇ Fujitsu شىركىتى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۇ شىركەتنىڭ بىر باشلىقى ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ، «بىزنىڭ شىركەتكە يۆتكىلىپ كېلىشنى خالامسەن؟» دەپ سورىغان ئىدى. PLC تېخنىكىسى جەھەتتە WaveSplitter نىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ياپوننىڭ NEL شىركىتى بولۇپ، ئوپتىكىلىق زاپچاسلارنى لايىھىلەش جەھەتتە ئەركىن سىدىق يالغۇز بىر ئادەم NEL نىڭ بىر گۇرۇپپا ئادەملىرى بىلەن رىقابەتلىشەتتى. NEL بىر ئالاھىدە شىركەت بولۇپ، ئۇلار كونكرېت مەھسۇلاتنى ئانچە كۆپ ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلارنىڭ 500 نەپەردەك ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى يېڭى تېخنىكا بايقاپ ياكى كەشىپ قىلىپ، ئۇلارنى پاتېنت قىلدۇرۇپ، ئاندىن باشقا شىركەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ پاتېنتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىشتىن ئىبارەت.
ئالېكىستىن باشقا، ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ئادىل ئاتاۋۇللا بىلەن پولات ئۆمەر قاتارلىق ۋەتەنداشلىرىنىمۇ ئىشقا ئالدۇرغان بولۇپ، بىر مەزگىل WaveSplitter ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتكە ئايلانغان ئىدى. ئەركىن سىدىق ئۇلاردىن باشقىلارنىمۇ ئىشقا ئالالايدىغان بولسىمۇ، سان فرانسىسكو رايونىدا تەبىئىي پەندە ئوقۇغان باشقا ئۇيغۇرلار قالمىغان ئىدى.
2002- يىلىنىڭ ئاخىرى دۇنيا نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش سانائىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. يېڭى تېخنىكىغا چۈشىدىغان ئېھتىياج توغرىسىدىكى بۇرۇنقى مۆلچەرلەرنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقىپ، ئەسلىدە ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان يېڭى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشقا توغرا كەلدى. WaveSplitter 2001- يىلى 11- ئايدىكى بىر شەنبە كۈنىلا ئىنگلىزچە «Open House» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈندىلا 30 كىشىنى خىزمەتكە ئالغان بولسا، 2002- يىلى 3- ئايغا كەلگەندە شىركەتتىن بىر كۈندىلا بىراقلا 100 دەك كىشىنى قىسقارتتى. بۇ چاغدا ئالېكىسنىڭ بۇ شىركەتكە كەلگىنىگە ئاران 6 ئايدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇنىمۇ شۇ قاتاردا ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. ھەممە كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇددى دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان بىر پاراخوتنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، بىر تەرەپتىن باشقا ئىش ئىزدەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشتىن چىقىرىلىش نۆۋىتىنىڭ ئۆزىگە قاچان كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ يۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن شىركەتتە يەنە بىر قانچە قېتىم ئادەم قىسقارتىش بولدى. بۇ قېتىمقى نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش سانائىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش دولقۇنى دۇنيا مىقياسىدىكى بىر ھادىسە بولغاچقا، ئوپتىكا ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن يېڭى ئىش تېپىشمۇ بىراقلا تەس بولۇپ كەتتى. 2002- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، WaveSplitter دىكى 10 نەچچە ئوپتىكا ئىنژېنېرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشتىن بوشىتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئېنژېنېرلىرىدىن يالغۇز ئەركىن سىدىقلا قالدى. شىركەت ئۆزىنىڭ ئىنژېنېرلىق ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەيۋەنگە يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئۈسكۈنىلىرىنى ئەرزان پۇلغا سېتىۋەتتى. شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بىر شىركىتى WaveSplitter نىڭ بىر مىليون دوللارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى 200 مىڭ دوللارغا سېتىۋالغان ئىدى. 2003- يىلى 3- ئايغا كەلگەندە، WaveSplitter ئەركىن سىدىقتىن تەيۋەنگە يۆتكىلىشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەنگە بېرىشقا قوشۇلسا، ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ بىر پىرسەنتىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن سىدىق «تەيۋەنگە بېرىشتىن كۆرە، يۇرتۇمغا قايتقىنىم تۈزۈك» دەپ ئويلاپ، بۇ ئىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر دۈشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ باشلىقى كېلىپ، «ئەركىن، مۇشۇ ھەپتە سېنىڭ WaveSplitter دىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتەڭ بولىدۇ. خەۋەر تېپىپ قال» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئەركىن سىدىقنىڭ ئىشلىگىلى 3 يىلدىن ئاشقان بۇ خىزمىتى ئاخىرلاشتى. بۇ 3 يىل ئەركىن سىدىق ئۈچۈن «ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان سىلىكون جىلغىسىدىكى ئەڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىر يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىدە ئەڭ قىزىقارلىق، ئەڭ ھاياجانلىنارلىق ۋە ئەڭ پەخىرلىنەرلىك ھاياتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن 3 يىل بولدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئەركىن سىدىقنى خىزمەتكە ئالغان KLA-Tencor دېگەن شىركەت ھېلىھەم مەۋجۇد بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىكى ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى مېڭىۋاتىدۇ. ئەركىن سىدىقنى ئىشقا ئالغان 3- شىركەتنى 2002- يىلى باشقا بىر چوڭ شىركەت سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەركىن سىدىققا ئېنىق ئەمەس. ئاشۇ قېتىم نۇرلۇق تالا سانائىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كالىفورنىيىگە بولغان زىيان بىر ترىلىئون دوللاردىن ئاشىدۇ. WaveSplitter مۇ ئۆزى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان 5 يىل ۋاقىت ئىچىدە باشقىلار مەبلەغ سالغان 125 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى خەجلەپ تۈگەتتى.

(4) مىكرو - ئېقىم سىستېمىسى شىركىتى
 («MicroFluidic Systems Inc, MFSI»)
WaveSplitter دىكى خىزمىتى توختاپ قالغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق يەنە يېڭى خىزمەت ئىزدەشنى باشلىدى. بۇ چاغدا ئوپتىكا ئىنژېنېرلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، WaveSplitter شىركىتى 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئىشتىن بوشاتقان ئامېرىكىلىق ئېنژېنېرلاردىن تېخىچە خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەنلەرمۇ بار ئىدى. بەزى خەنزۇ ئىنژېنېرلار جۇڭگوغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئەركىن سىدىق WaveSplitter دىكى ئىشىدىن بوشاپ 3 ھەپتىدىن كېيىن، ئۆيىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان «Pleasanton» دېگەن شەھەردىكى «مىكرو - ئېقىم سىستېمىسى شىركىتى» (MFSI، www.mfsi.biz) دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتتىن خىزمەت تاپتى. بۇ شىركەتتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بارلاردىن 3 كىشى بار بولۇپ، بىرسىنىڭ كەسپى بىئولوگىيە، بىرسىنىڭ خىمىيە، يەنە بىرسىنىڭ مېخانىكا ئىدى. بىئولوگىيە كەسپىدىكى كىشى ئامېرىكىدا خېلى داڭلىق بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ ئامېرىكا مىكرو - ئېقىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇلاردىن باشقا ماگىستىرلىق ھەم باكلاۋېر ئۇنۋانى بارلاردىن يەنە 4 كىشى بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق بۇ شىركەتكە 8- خادىم بولۇپ كىردى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ شىركەت ئامېرىكىنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (ئىنگلىزچە «Federal Bureau of Investigation, FBI») دىن بىر يېرىم مىليون دوللار پۇلغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ پۇل ئارقىلىق ھاۋادىكى خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى لايىھىلەپ ياساپ چىقماقچى ئىكەن. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ ئۈسكۈنىنى ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ، ئەگەر ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، ئۇنى ئىراق ئۇرۇشىغا ئاپىرىپ ئىشلىتىش ئىكەن. بۇنداق ئۈسكۈنە ئالدى بىلەن ھاۋادىكى ھەر خىل زەررىچىلەرنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى DNA لارنى ئايرىپ چىقىپ، بىر خىل خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق بۇ DNA نى كۈچەيتىپ، بۇ كۈچەيتىلگەن DNA غا ئوخشىمىغان رەڭدىكى نۇرنى چۈشۈرۈپ، مۇشۇ نۇرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن DNA دىن چىقىدىغان باشقا يېڭى رەڭدىكى نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بۇ DNA نىڭ قانداق DNA ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن. ئەركىن سىدىقنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئوپتىكىلىق قىسمىنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىش ئىدى. ئەركىن سىدىق ئۈچۈن بۇ بىر يېڭى ئىش بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتى. لېكىن، بۇ شىركەتتە ئوپتىكىنى بىلىدىغانلاردىن ئەركىن سىدىقتىن باشقا ھېچ كىم بولمىغاچقا، شىركەتتىكى ھايات بىر ئاز زېرىكىشلىك بولدى. ئەركىن سىدىق بۇ شىركەتتە 2003- يىلى 4- ئايدا ئىش باشلاپ، 8- ئايغا بارغاندا ئوپتىكىلىق ئاپپاراتتىن بىرنى ياساپ چىقتى. پەقەت ئوپتىكىلىق ئانالىزنىلا قىلىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەجمى چوڭ ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى مۇۋاپىق بولمىغاچقا ئۇلارنى بۇ ئۈسكۈنىگە بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولمايتتى. شۇڭا بۇ شىركەت ئوپتىكىلىق ئاپپاراتنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ياساپ چىقىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەركىن سىدىق ئاپپاراتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى تەجرىبە ئارقىلىق سىناق قىلىپ، چىققان نەتىجىلەرنى باشقا ئاپپاراتتا ئېلىپ بارغان سىناق نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇردى. نەتىجىدە ئەركىن سىدىق ياسىغان ئاپپاراتنىڭ نەتىجىسى باشقا ئاپپاراتنىڭكىدىنمۇ ياخشىراق چىقىپ، شىركەت باشلىقلىرى ئەركىن سىدىقتىن ئىنتايىن رازى بولدى. لېكىن، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ مىكرو - ئېقىم مېخانىكىلىق قىسمىدا چوڭ مەسىلە بار بولۇپ، شىركەت ئۇنى زادىلا ھەل قىلالمىدى. ئۆزلىرى لايىھىلەپ، 600 مىڭ دوللار پۇل بىلەن باشقا بىر شىركەتكە ياساتقان مىكرومېتىر چوڭلۇقتىكى سۇيۇقلۇق تۇرۇبىسى بار بىر ئەينەك قۇرۇلما مۇۋاپىق ئىشلىمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئۈسكۈنىنى FBI غا تاپشۇرۇش ۋاقتى 12- ئاي بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇلار بۇ ئۈسكۈنىدىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى. مۇشۇ پەيتكە كەلگەندە، ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ بۇ شىركەتتە ئۇزۇن تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شىركەت باشلىقى بىر ئاق تەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ئىدى. ئۇ كىشى ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك ئىلىم - پەن فوندى جەمئىيىتى (ئىنگلىزچە «National Science Foundation, NSF») نىڭ بىئولوگىيىگە ئاجرىتىلغان پۇلىنى تەقسىم قىلىشقا بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان كىشى بولغاچقا، ھەر يىلى ئۆز شىركىتىگە پۇل ھەل قىلىشتا ئاساسەن مەسىلە يوق ئىكەن. شۇڭا بۇ MFSI دېگەن شىركەت ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ، ئۆتكەن يىلى (يەنى 2006- يىلى) تېخى بىر چوڭراق بىناغا كۆچۈپتۇ. لېكىن، ئۆز ئۆمرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئىستەيدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ياساپ چىققان مەھسۇلاتى نورمال ئىشلىمەيدىغان بىر شىركەتتە ئۆتكۈزۈش بىر خىل ئىسراپچىلىق ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق يەنە دەرھال خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى. كىچىك شىركەتلەردىن بىر قانچىسىدە ئىشلەپ تويغان ئەركىن سىدىق بۇ قېتىم بىر قانچە چوڭ شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەپ بېقىشنى قارار قىلدى. ھەمدە شۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ قاتارىدا JPL نىڭ تور بېتىگىمۇ كىرىپ، ئۇلار ئېلان قىلغان ئادەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشلىرىغىمۇ تەپسىلىي قاراپ چىقتى. ھەمدە ئۆزىنىڭ شەرتى تولۇق توشىدىغان خىزمەتلەردىن بىر قانچىنى بايقىدى. ئەركىن سىدىق ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىلتىماسىنى JPL گە ماڭدۇرۇپ، ئارىلىقتىن 2 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، JPL ئۇنى خىزمەتكە ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتتى. ئەركىن سىدىق جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى JPL غا بېرىپ، بىر كۈن ئىلمىي دوكلات بېرىش ۋە كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۇنىڭ بىلەن 5 گۇرۇپپا باشلىقى ۋە بىر چوڭ باشقارما (JPL نىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسى ئىنگلىزچە «Directorate, Section, Group» دېگەنلەرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى باشقارما دېگەن سوز «Section» گە قارىتىلدى) باشلىقى بىلەن بىر سائەتتىن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئەركىن سىدىق تەييارلاپ ماڭدۇرۇپ بەرگەن خىزمەت تارىخى (ئىنگلىزچە «Resume») بويىچە ئەركىن سىدىقتىن كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوپتىكىلىق زاپچاس لايىھىلەش، ئوپتىكىلىق سىستېما ئىقتىدارىنى ئېنىقلاپ چىقىش، ئوپتىكىلىق سىستېما ۋە ئاپپارات لايىھىلەش، ئۇلارنى تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىش، ياساپ چىقىش ۋە سىناق قىلىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا نۇرغۇن كەسپىي سوئاللارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەركىن سىدىققا «سېنىڭ ھازىرغىچە قىلغان ئىشلىرىڭ بەك كەڭ دائىرىلىك ۋە تەسىرلىك ئىكەن» دېدى. بۇ كۆرۈشۈش ئاخىرلىشىپ، ئارىلىقتىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، JPL دىن ئەركىن سىدىققا خىزمەتكە ئېلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشتىن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خۇشال بولدى. 2003- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۇ MFSI غا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش خېتىنى تاپشۇرۇپ، 2004- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ JPL دا خىزمەتكە چۈشتى.

(5) يېڭى شىركەت قۇرۇش

ئەركىن سىدىق 30 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكىغا كېلىپ، 37 ياشقا كىرگەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. رەسمىي خىزمەتنى 38 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن باشلىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا سەل كېچىككەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت قۇرۇپ بېقىشنى ئىزچىل تۈردە ئارزۇ قىلىپ كەلدى.
1996- يىلى يازدا، ئۆزىنىڭ پوست - دوكتورلۇق ئۇستازى Rick Trebino نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەركىن سىدىق يېشى 50 تىن ئاشقان، سىلىكون جىلغىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ، ئۆز ئالدىغا بىر قانچە شىركەت قۇرۇپ باققان كىشىلەردىن ئىككىسى بىلەن تونۇشتى. ھەمدە بۇ 3 كىشى بىلەن بىرلىشىپ، شۇ يىلى 7- ئايدا بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت قۇردى. شىركەتنىڭ ئىسمىنى Rick Trebino «Telelase» دەپ قويۇپ بەردى. شىركەتنىڭ پىلانى، خەۋەرلىشىش نۇرىنى نۇرلۇق تالادا ماڭدۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ، بىر بىنا بىلەن يەنە بىر بىنانى يۇقىرى سۈرئەتلىك خەۋەرلىشىش لىنىيىسى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى لايىھىلەپ چىقىپ، ئاندىن خۇسۇسىي مەبلەغچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق شىركەتكە مەبلەغ توپلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مەھسۇلاتنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى شىركەتنىڭ رەئىسى، يەنە بىر كىشى سودىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئەركىن سىدىق تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. ئەركىن سىدىق شىركەتتىكى بىردىن - بىر تېخنىكىلىق خادىم بولغاچقا، ئاخشىمى، شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە بايرام كۈنلىرىمۇ دەم ئالماي، ئاشۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى لايىھىلەپ چىقىش بىلەن شۇغۇللاندى. CVI غا ئىشقا كىرىپ، باشقا 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىر ياتاقتا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ، ئاخشىمى قالغانلارنىڭ ھەممىسى ياتاقتا تېلېۋىزور كۆرسە، ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ، كارىۋات ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. مۇشۇنداق ئىشلەش ئارقىلىق ئوپتىكىلىق سىستېمىدىن بىرنى لايىھىلەپ چىقىپ، ئۇنىڭغا دەسلەپكى پاتېنت ئېلىش ئۈچۈن ئۆز لايىھىسىنى بىر پاتېنت ئورگىنىغا يوللىدى. شىركەتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئەركىن سىدىق SMNP بىلەن «Windows Programming» قاتارلىق بەزى يۇمشاق دېتاللارنىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ چىقتى. 1997- يىلى يازدا بۇ 3 كىشى بىر تەپسىلىي «ئىگىلىك پىلانى» نى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا سىستېما لايىھىسىنى قوشۇپ، سىلىكون جىلغىسى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم خۇسۇسىي مەبلەغچىلەر ۋە بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئالدىغا مەبلەغ سوراپ بېرىشقا باشلىدى. دەل ئاشۇ چاغدا، ئامېرىكىنىڭ غايەت زور خەلقئارالىق شىركىتىنىڭ بىرسى بولغان «Lucent Technology» شىركىتى ۋاشىنگتون شتاتىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان، Telelase نىڭكى بىلەن ئوخشاش ئۈسكۈنىنى چىقارماقچى بولغان «Terabeam» ئىسىملىك بىر شىركەتكە 500 مىليون دوللار پۇلنى مەبلەغ سېلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن Telelase نىڭ يولى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ Telelase نىڭ رەئىسى بىلەن ئەركىن سىدىق ئۆز شىركىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەي، ئۇنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شىركەتنىڭ رەئىسى بۇ شىركەت ئۈچۈن پۈتۈن كۈن ئىشلەپ، باشقىلار ياساپ چىقارغان خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسىنى سېتىش بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغۇدەك پۇل تېپىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئەركىن سىدىق 2004- يىلى جەنۇبىي كالىفورنىيىگە يۆتكىلىپ كېلىدىغاندا بۇ شىركەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. بۇ شىركەت ھازىرمۇ مەۋجۇد بولۇپ، ئەركىن سىدىق ھازىرمۇ ئاشۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق پاي - چەك ئىگىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
2001- يىلى 3- ئايدا، ئەركىن سىدىق «WaveSplitter» دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، جەنۇبىي كالىفورنىيىدىكى 5 كۈنلۈك بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن ئوپتىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان بىر چوڭ كۆلەملىك ئوپتىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا، «زەينەپ ھاكىم ئوغلى» ئىسىملىك بىر تۈرك ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدى. بۇ ئايال ئەسلىدە كانادادىكى «ئۆمەر» ئىسىملىك بىر تۈرك ئادەم قۇرغان «ئۆز ئوپتىكس» (ئىنگلىزچە «Oz Optics») دېگەن شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئەركىن سىدىق بىلەن بىر سائەتتەك پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئەركىن سىدىق ئۇ چاغدا خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى قىلچىمۇ ئويلاشمىغان بولغاچقا، بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. شۇ يىلى يازدا، زەينەپ خانىم ئەركىن سىدىقنى يەنە قايتا ئىزدىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئەركىن سىدىقنى ئۆز ئوپتىكسكە ئىشلەپ بېرىشكە ئەمەس، بىرلىكتە ئۆز ئالدىغا بىر ئايرىم شىركەت قۇرۇشقا ئىزدىگەن ئىدى. ئۇزۇن يوللۇق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىشىدە، ئوپتىكىلىق سىگنال 500 كىلومېتىردەك ئارىلىققا نۇرلۇق تالا ئارقىلىق ماڭغاندا، سىگنال سۈپىتىدە بۇزۇلۇش بولىدۇ. زەينەپنىڭ شىركەت قۇرۇپ ئىشلەپ چىقارماقچى بولغىنى مانا مۇشۇنداق بۇزۇلغان سىگنالنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانغا ئىشلىتىدىغان ئوپتىكىلىق ئاپپارات ياساپ چىقىش ئىدى. زەينەپنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش بولۇپ، ياسىماقچى بولغان ئاپپاراتنىڭ بارلىق ئوپتىكا تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا ئەركىن سىدىقنى مەسئۇل قىلماقچى ئىدى. ئەركىن سىدىق بۇ شىركەت ئۈچۈن ھازىرقى خىزمىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا قوشۇمچە ئىشلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. بۇ ئىككىسىدىن باشقا زەينەپ خانىم يەنە يۇمشاق دېتال قىلىدىغان ئادەمدىن بىرنى ۋە ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمدىنمۇ بىرنى تاپقان ئىدى. بۇ 4 كىشى بىرلىكتە بىر «ئىگىلىك پىلانى» تۈزۈپ چىقتى. ئەركىن سىدىق بىر قانچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلسا، بۇ خىل ئاپپاراتنى لايىھىلەپ چىقالايتتى. لېكىن، زەينەپ بەك ئالدىراپ كېتىپ، ئوپتىكىلىق لايىھىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا، «ئىگىلىك پىلانى» غا «بىزدە بۇ خىل ئاپپاراتنى ئىشلەپ چىقىرىشتا باشقا ھېچ كىمدە يوق تېخنىكا بار» دېگەندەك سۆزلەرنى كىرگۈزدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئىگىلىك پىلانى بىلەن پۇل مەبلەغ سالغۇچىلارنى قايىل قىلىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن، زەينەپنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن بۇ 4 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك پىلانىنى كۆتۈرۈپ، 4 - 5 مەبلەغ سالغۇچى شەخسىيلەر ۋە چوڭ شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئەركىن سىدىق يالغان گەپ قىلالمايدىغان بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دوكلاتنىڭ تېخنىكىلىق قىسمىنى ئۆزى بېرىشكە قوشۇلمىدى. دەل ئەركىن سىدىق پەرەز قىلغاندەك، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ 4 كىشىنى بىر دەمدىلا سوئالدا تۇتۇۋالدى. ھەمدە ئۇلارنى «بىزنى قايىل قىلغۇدەك نەرسىنى تەييارلىغاندىن كېيىن قايتا كېلىڭلار»، دەپ يولغا سالدى. بۇ ۋاقىتلار 2001- يىلىنىڭ ئاخىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش سانائىتىدە تۆۋەنگە چۈشۈشكە قاراپ مېڭىش باشلانغان بولۇپ، ھېچ كىم بۇ سانائەتكە مەبلەغ سالمايدىغان بولۇپ قالدى (زەينەپ خانىمنىڭ تېزرەك پۇل ئېلىۋېلىشقا ئالدىرىشىدىكى بىر سەۋەب مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئىدى). شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ ئىشى توختاپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زەينەپ خانىم ئۆز خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، سىلىكون جىلغىسىدىكى باشقا بىر ئوپتىكا شىركىتىگە يۆتكەلدى. لېكىن، ئۆز ئوپتىكس شىركىتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر كېيىن بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، زەينەپنىڭ ئۈستىدىن «بىزنىڭ شىركەتنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغان» دېگەن باھانە بىلەن ئەرز قىلدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ چاغدا ئۆز ئوپتىكىس شىركىتىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئۇنداق ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا ھېچ قانداق تېخنىكىسى يوق ئىدى. مۇشۇ قانۇنىي جېدەل جەريانىدا، زەينەپ خانىم ئەركىن سىدىقنى 2 قېتىم سان فرانسىسكو شەھىرىگە ئىسپاتلىققا چاقىرتتى. ئەركىن سىدىق WaveSplitter شىركىتىنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئىككى كۈن ۋاقىتنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. زەينەپ خانىم بىلەن ئۆمەر ئەپەندىمنىڭ بۇ جېدىلى ئەڭ ئاخىرى قانداق بولغىنى ئەركىن سىدىققا ئېنىق ئەمەس. ئىشقىلىپ ئەركىن سىدىق بۇ ئىشتا ھېچ پايدا كۆرمەي، بىر قىسىم «يېڭى ئىشلار» نى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
2000- يىلى 3- ئايدا ئەركىن سىدىق يېڭى خىزمەت ئىزدىگەندە، «KLA-Tencor» دېگەن شىركەتتىن ئۇنى ئىشقا ئالغىنى شىركەتنىڭ بارلىق تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «Mehrdad Nikoonahad» ئىدى. بۇ كىشى ئەسلى ئىرانلىق بولۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ، كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. يېشى ئەركىن سىدىقنىڭكى بىلەن باراۋەر كېلەتتى. ئەركىن سىدىقنى خىزمەتكە ئېلىش ئۈچۈن يۈز كۆرۈشكەندە، ئۇ ھەر خىل تېخنىكىلىق سوئاللارنى سوراپ، ئەركىن سىدىقنىڭ جاۋابىغا ئىنتايىن قايىل بولۇپ، ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. كېيىن ئەركىن سىدىق ئۇ بەرگەن خىزمەتنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەركىن سىدىق بىلەن دوست بولۇپ قالغان ئىدى. ئەركىن سىدىق ئۇنىڭدىن كېيىن تېخى مېھىرداد بىلەن ئالېكىسنى بىر قېتىم ئۆز ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرغان ئىدى. 2002- يىلى يازدا، مېھرداد ئەركىن سىدىقنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ بىر شىركەت قۇرۇش پىلانىنى، ھەمدە ئەركىن سىدىقنىڭ ئاشۇ يېڭى شىركەت قۇرۇش ئىشىغا قاتنىشىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مېھرداد ئۆز ئالدىغا ئايرىم شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇنقى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپتۇ. ئۇنىڭKLAدا ئىشلەش جەريانىدا ئالغان 50 دىن ئارتۇق پاتېنتى بار بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان مىليونېر بولۇپ بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ پۇلغا بەك چىڭ بولۇپ، 1- قېتىم ئەركىن سىدىقنى يېڭى شىركەت قۇرۇش ئىشى بىلەن خېلى يىراق جايدىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەرگە چاقىرتىپ، چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېگەندە، ئەركىن سىدىقنىڭ تاماق پۇلىنى ئۆزىگە تۆلەتكۈزگەن ئىدى (بۇنداق ئىش ئامېرىكىدا بەك ئاز ئۇچرايدۇ). مېھردادنىڭ كەسپى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. مېھردادنىڭ يېڭى شىركەت قۇرۇپ ياساپ چىقارماقچى بولغىنى ئۇزۇن يوللۇق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش لىنىيىسىگە ئىشلىتىدىغان بىر زاپچاس ئىدى. بۇنداق لىنىيە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك ماشىنا يولىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر شەھەرگە بارغاندا، بۇنداق لىنىيىدىن بىر خەۋەرلىشىش كانىلىنى ئايرىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خۇددى تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ چىقىش ئېغىزىغا ئوخشايدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا يېڭى بىر خەۋەرلىشىش كانىلىنى قوشۇشقىمۇ توغرا كېلىدۇ. بۇ خۇددى تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوخشايدۇ. مېھردادنىڭ ئىشلەپ چىقارماقچى بولغىنى مانا مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان زاپچاس ئىدى. ئەركىن سىدىق WaveSplitter ئۈچۈن يېڭى مەھسۇلات ئىزدەپ، يۇقىرىقى زاپچاسقا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل تېخنىكىلار ۋە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر توغرىسىدا خېلى كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە خېلى مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە ئىدى. ئۇ چاغدا WaveSplitter دېگەن شىركەتمۇ تۆۋەنگە چۈشۈشكە يۈزلەنگەن بولغاچقا، مېھردادنىڭ نوپۇزىغا ئىشەنچ قىلىپ، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ سىرتىدا ئىشلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. مېھرداد ئەركىن سىدىقنى شىركەتنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قىلدى. ھەمدە قۇرغان شىركەتكە «MN Technology » دەپ ئىسىم قويدى (بۇ يەردىكى MN مېھردادنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ باش ھەرپلىرىدىن ئىبارەت). ئەركىن سىدىق ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ يېڭى شىركەت ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان ئوپتىكىلىق ئاپپاراتنىڭ لايىھىسىنى ئىشلەپ چىقتى. سىلىكون جىلغىسىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىرانلىقلار بار بولۇپ، مېھرداد ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئىرانلىقلارنىڭ بىر ژۇرنىلىغا مەسئۇل بولغاچقا، نۇرغۇن ئىرانلىقلارنى تونۇيتتى. شۇڭا مېھرداد بىلەن ئەركىن سىدىق ئىككىسى پۇل مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەردىكى ئىرانلىقلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىدى. لېكىن، نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش سانائىتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقان بۇنداق بىر شارائىتتا، بىر ئىككى ئاينىڭ ئىچىدىلا يېڭى قۇرۇلغان شىركەتكە مەبلەغ ئېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېنىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن 2002- يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ شىركەتمۇ مەۋجۇد بولۇشتىن توختىدى. ئەركىن سىدىق ئېرىشكەن بۇ شىركەتنىڭ پاي - چېكىمۇ بىر قۇرۇق سانغا ئايلاندى.

(6) JPL («Jet Propulsion Laboratory»)
JPL دېگەن ئىسىم توغرىسىدا تۆۋەندىكى تور بېتىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار:
http://www.meripet.com/Kainat/JPL.htm
2004- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئامېرىكىنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بىر شەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، JPL كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى (يەنى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى) نى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق 1- ئاينىڭ 4- كۈنى JPL غا ئىشقا كەلدى. ئەتىگىنى كېلىپ قارىسا، JPL نىڭ ئىچى ئامېرىكىدىكى ھەممە چوڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئۈستىدە ئانتېننىسى بار سىگنال تارقىتىش ماشىنىلىرى بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى ۋە چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدى. كېيىن ئىشخانىسىغا بېرىپ باشقىلاردىن سوراپ، ئەسلى ئەھۋالنى بىلدى: JPL بىلەن NASA مارسقا ماڭدۇرغان «خىسلەت» (ئىنگلىزچە «Mars Eploration Rover - Spirit») ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى مارسقا ساق - سالامەت قونغان بولۇپ، بۇ مۇخبىرلار ئاشۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر تەييارلاش ئۈچۈن JPL گە يىغىلىپ قالغان ئىكەن.
ئەركىن سىدىقنىڭ JPL دىكى خىزمەت مەنسىپى يەنىلا «يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى» بولۇپ، ئۇ بۇ ئىدارىدە بۇرۇن قىلىپ باقمىغان بىر ساھەدە يېڭى ئىش باشلىدى. ئۇنىڭ WaveSplitter شىركىتىدە قىلغىنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك، 4 مىكرومېتىر كەڭلىكتىكى ئوپتىكا زاپچىسى بولسا، JPL دە قىلىدىغىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، دىئامېتىرى بىر قانچە مېتىر كېلىدىغان ئالەم تېلېسكوپى بولدى. ئۇ ئىشنى بىر ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياسىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەينىكى توك ئارقىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئەينەك بولۇپ، ئاشۇ ئەينەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋە يەر شارى ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتايىن ئوچۇق سۈرەتكە ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر ئەركىن سىدىق يۇقىرىدا ئېيتىلغان يېڭى تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىدىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ يېڭى لايىھىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەينىكىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئالگورىسىمى (ھېسابلاش ئۇسۇلى) بىلەن يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئەركىن سىدىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالەم تېلېسكوپىدىن 2013- يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان «James Webb ئالەم تېلېسكوپى (JWST)» بىلەن 2016- يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان، ئۈستىدە جانلىقلار بولۇش ئېھتىمالى بولغان باشقا پلانېتىلارنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىشلىتىدىغان TPF تېلېسكوپى قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتە كائىناتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىسمى «Hubble ئالەم تېلېسكوپى» بولۇپ، ئۇ 1990- يىلى قويۇپ بېرىلگەن. James Webb ئالەم تېلېسكوپى ئالەمگە چىقىرىلغاندىن كېيىن، خۇببلە ئىشلىتىلىشتىن توختايدۇ. ئەركىن سىدىق 2006-يىلى TPF توغرىسىدا ئۆزى ئېلىپ بارغان تەتقىقات ئاساسىدا 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ يىل TPF ۋە باشقا تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا ئىككى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا 5 پارچە ۋە بىر ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىغا بىر پارچە ماقالە ماڭدۇرۇپ بولدى. ئۇ ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى بىر ياپونلۇق قىز ۋە بىر يەھۇدىي ئەر كىشى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ قىيىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
گرىئېن - سىدىق ئالگورىسىمى
ئەركىن سىدىق ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كونترول قىلىنىدىغان ئالەم تېلېسكوپى تېخنىكىسىدا بىر چوڭ يۈكسىلىش پەيدا قىلىدىغان بىر ماتېماتىكىلىق ئالگورىسىم ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدا زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. NASA باش ئىدارىسى بۇ ئالگورىسىمنى «NASA يېڭى تېخنولوگىيە رېكورتى» (ئىنگلىزچە «New Technology Records, NTR») غا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ھەمدە JPL ئۆزىنىڭ باش ئىدارىسى بولغان كالىفورنىيە تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتىغا بۇ يېڭى تېخنىكا ئۈستىدە بىر پاتېنت ئېلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. JPL بۇ يېڭى ئالگورىسىمغا بىر ئىسىم قويىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىقتىن ئۇنىڭغا «سىدىق - گرىئېن ئالگورىسىمى» دەپ ئىسىم قويسا مۇۋاپىقمۇ، ياكى «گرىئېن - سىدىق ئالگورىسىمى» دەپ ئىسىم قويسا مۇۋاپىقمۇ، دەپ سورىغاندا، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىكىگە خاس ھالدا، «گرىئېن - سىدىق ئالگورىسىمى» دەپ ئىسىم قويۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ يەردىكى «گرىئېن» دېگەن سوز ئەركىن سىدىق ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرىقى پروجەكتنىڭ مەسئۇلى «Joseph Green» (يەھۇدىي مىللىتىدىن) نىڭ ئىسىم فامىلىسى بولۇپ، گەرچە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەركىن سىدىق ئۆزى قىلغان، ھەمدە بۇ ساھەدە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەركىن سىدىق بىرىنچى ئاپتور بولغان بولسىمۇ، ئۆزىگە مۇشۇنداق پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن كىشىگە يۇقىرىقىدەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى تىرىشچانلىقى ۋە كەڭ - قورساق مىجەزى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئۆز خىزمەتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئىسمى JPL دىكى 4 چوڭ ئالەم تېلېسكوپى پروجەكتىسىنىڭ ھەممىسىدە بار. ھەر قېتىم ۋەزىپىگە ئادەم تەقسىم قىلىش بولغاندا ھەممە پروجەكتنىڭ مەسئۇللىرى ئەركىن سىدىقنى تالىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەركىن سىدىق JPL دە ئىش باشلىغاندىن بۇيان JPL ۋە NASA قىلغان، ياكى كائىناتتا يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە يېزىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ يازمىلارنى بىلىۋال تور بېتى مۇنبىرىنىڭ «كائىناتتىكى ئىشلار» دېگەن سەھىپىسى بىلەن مەرىپەت تور بېتىنىڭ ئىلىم - پەن سەھىپىسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ سەھىپىلەرنىڭ ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك:
http://www.meripet.com/Kainat/0Kainat.htm
http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_forum_26.html
ئەركىن سىدىقنىڭ قىزى ھازىر كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «Northride» دېگەن شەھەردىكى شۆبىسىدە ئىقتىساد كەسپى بويىچە باكلاۋېر ئۇنۋانى ئۈچۈن 4- يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا ئەركىن سىدىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان مەكتەپتۇر. دىلنارە 2006- يىلى 5- ئايدا ئوقۇغۇچى خىزمەتچى (ئىنگلىزچە «Student Intern») بولۇپ JPL غا خىزمەتكە كىرگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مۇشۇ ئىدارىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ھەپتىسىگە 30 سائەت ئىشلەۋاتىدۇ (رەسمىي خىزمەتچىلەر ھەپتىسىگە 40 سائەت ئىشلەيدۇ). دىلنارە ئىشلەيدىغان باشقارما ئىدارە مالىيىسىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىنى، يەنى يىلىغا 500 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى باشقۇرىدۇ. دىلنارەمۇ خىزمەتنى ياخشى قىلغانلىقى ئۈچۈن، JPL غا ئىشقا كىرىپ 3 ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئىدارىنىڭ «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» دېگەن بىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىر ئۇنىڭ بۆلۈمىدىكىلەر دىلنارەدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇشۇ ئىدارىدە رەسمىي خادىم بولۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. 2006- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى دىلنارە ئىشلەۋاتقان باشقارما ئۆزىنىڭ بارلىق خادىملىرىغا ئامېرىكىنىڭ بىر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. زىياپەتنى قىزىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىر تالانت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دىلنارەمۇ نومۇر كۆرسەتتى. بۇ مۇسابىقىدە ئالدى بىلەن ئەركىن سىدىق سەھنىگە چىقىپ، مېھمانلارغا ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى، ھەمدە دىلنارەنى تونۇشتۇردى. ئۇ مېھمانلارغا «دىلنارە 6 يېشىدا ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ھېچ قانداق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆرمەي چوڭ بولدى. ئۇ بىرەر ئۇيغۇرچە ئۇسۇل مەكتىپىدە ئوقۇپ باقمىغانلا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار يىغىلىشىدا ئۇسۇل ئويناپ بېقىش پۇرسىتىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا يىلىغا پەقەت بىرەر قېتىملا بولدى. سىلەرنىڭ ھازىر كۆرىدىغىنىڭلار مانا مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇلى. دىلنارەنىڭ نۇرغۇن تالانتى بار. مەن ئۇلارنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. بۈگۈن سىلەر ئۇنىڭ تالانتلىرىدىن پەقەت بىرىنىلا كۆرىسىلەر. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىڭلار» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دىلنارە ئۆزى يالغۇز ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناپ بەردى. دىلنارەنىڭ ئۇسۇلى تۈگەپ بولغۇچە، زىياپەتتىكىلەر نەچچە قېتىم قىزغىن چاۋاك چېلىپ كەتتى. دىلنارە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ JPL دە چوڭ پائالىيەتلەر بولغاندا، ئۇ پائالىيەتلەرگە دادىسى بىلەن ئۇيغۇرچە تاماقلارنى تەييارلاپ ئاپىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۆلۈمىدىكى ھەر بىر كىشى ھەر جۈمە كۈنى نۆۋەت بويىچە باشقىلار ئۈچۈن ئەتىگەنلىك يېمەكلىك تەييارلاپ ئەكېلىدىغان بولۇپ، دىلنارە ھازىرغىچە 3 قېتىم ئەتىگىنى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ئامانگۈل بىلەن ئۇيغۇر سامسىسى پىشۇرۇپ، ئاشۇ تاماقنى ئاپىرىپ بەردى. دىلنارەنىڭ بۆلۈمىدىكىلەر بۇ سامسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كېتىپ، بىر قىسىم كىشىلەر دىلنارە تاماق ئەكېلىدىغان كۈننى ئۆز كالېندارىغا كىرگۈزۈۋالدى. ھازىر تاماق ئەكىلىش نۆۋىتى دىلنارەگە كەلگەندە، دىلنارە ئىشقا يېتىپ بارغىچە ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلارمۇ بار

13a

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىقنىڭ ۋاۋەسپلىتتەر شىركىتىدىكى ئېنجېنېرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى.
ئوڭدىن 2-كىشى ئەركىن سىدىقنىڭ يەھۇدىي مىللىتىدىن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەتدىشى ۋە دوستى
ئالېكىس بولىدۇ. بۇ رەسىم 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى شىركەتنىڭ بىر تەجرىبىخانىسىدا ئىنگلىزچە
"پولارىزاتىئون بەئام كومبىنەر" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوپتىكىلىق زاپچاستا بىر چوڭ بۆسۈش بولغاندا تارتىلغان.


13b
يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق "جامەس ۋەبب ئالەم تېلېسكوپى" نىڭ مودېلىنىڭ قېشىدا.
رەسىمدىكى مودېلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قۇرۇلمىسى 2013-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا
چىقىرىلىدىغان رەسمىي تېلېسكوپنىڭكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ رەسىم 2006-يىلى 5-ئايدا
فلورىدا شتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە تارتىلغان.



13c
يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق جپل دىكى بىر تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئېلىپ بارماقتا.


13d
يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق ۋە ئۇنىڭ قىزى دىلنارە 2006-يىلى فىزىكا نوبېل مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن ئالىم، ناسا نىڭ "گوددارد ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزى" ("گوددارد سپاكە فلىغت كەنتەر")
دىكى دوكتۇر جوھن ماتھەر ئەپەندىم بىلەن بىرگە. بۇ رەسىم 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى،
جوھن ماتھەر ئەپەندىم جپل كە "چوڭ پارتلاشتىن نوبېل مۇكاپىتىغىچە" دېگەن
ماۋزۇدا بىر ئىلمىي دوكلات بېرىشكە كەلگەندە تارتىلغان. بۇ مەزمۇن توغرىسىدا
تەپسىلىراق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ماۋۇ تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ:
http:// www.meripet.com/Kainat/JohnMather.htm



13e
يوقۇرقى رەسىم: دىلنارە جپل نىڭ مالىيە باشقارمىسى خادىملىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر "تالانت كۆرسىتىش"
مۇسابىقىسىدە يالغۇز كىشىلىك ئۇيغۇر ئۇسۇلى بويىچە نومۇر كۆرسەتمەكتە. بۇ رەسىم
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان.


13f

ئەركىن سىدىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھازىرقى بىر پارچە رەسىمى. بۇ رەسىم ئۇلارنىڭ لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىنىڭ «ئائىلە ئۆيى» ئىچىدە تارتىلغان.


باش بەتكە قايتىش