3-بۆلۈم


 ئوتتۇرا مەكتەپ

 باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ، قىشلىق تەتىلنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1971-يىلى 3-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. بۇ مەزگىل مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئەۋج ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ناچار سۆز-ھەرىكەتلەرناھايىتى يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇ چاغدا مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىمۇ ھەرگىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىتىش بولماستىن، باشقا ھەممە ساھەلەرگە ئوخشاش ئۇمۇ بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ قورالىغا ئايلانغان ئىدى. مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى "كۈرەش قىلىش، تەنقىد قىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش" قاتارلىق ھەر خىل ئۆز-ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش ۋە كۈرەش قىلىش بولۇپ قالغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە كۈرەش قىلىش ئىشلىرىغا ئاتلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇش بىلەن ھېچ كىمنىڭ كارى يوق بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. 1971-يىلى 9-ئايدا لىن بياۋ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى پاش بولغاندىن كېيىن، مەكتەپ يېرىم كۈن ئوقۇتۇش، يېرىم كۈن سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللاندى. تەبىئىي پەن دەرسلىرى ئۈچۈن نورمالنى ماتېرىياللار ئوقۇتۇلدى. لېكىن، ئەدەبىيات، سىياسەت ۋە تارىخقا ئوخشاش ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇچۇن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسەرلىرى، شېئىرلىرى ۋە پارتىيە تارىخى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئەركىن سىدىق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى. ھەمدە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپتە ھېچ قانداق ئورنى بولمىغاچقا، مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلار خالىغاننى قىلىپ ئولتۇراتتى. ئەگەر ئوقۇتقۇچى بىر ئاز باشقۇرماقچى بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئۈنلۈك ۋارقىراپ، بەزىدە ھەتتا تىللاپ، ئوقۇتقۇچىغا ئازراقمۇ كۈن بەرمەيتتى. ئوقۇتقۇچىلار تەييارلاپ ئەكىرگەن دەرسىنى نورمالنى ئۆتەلمەي، داۋاملىق ئازابلىنىپ ھەسرەت ئىچىدىلا ئۆتەتتى. بىر يىلى قىشتا، بىر قانچە قېتىم ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكى بەزى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىم دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن، سىنىپنى ئىسسىتىدىغان مەشنىڭ ئۈستۈنكى ياپقۇچىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتۇننى مەشنىڭ ئۈستىگە قاتارى قويۇپ كۆيدۈرۈپ، پۈتۈن سىنىپنىڭ ئىچىنى ئىسقا لىق توشقۇزۇپ، سىنىپتىكىلەر بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويدى. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن، ئامالسىز دەرس ئۆتمەي چىقىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا بىر خېمىيە ئۆتىدىغان ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپقا كىرىپ بولۇپلا يىغلاپ كەتكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قارىۋېتىپ، سىنىپتىن چىقىپ كەتكىنى ئەركىن سىدىقنىڭ يادىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

ئارالدا كۆرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئەركىن سىدىق شۇ ۋاقىتتىكى بىر قىسىم تەشۋىقاتلارغا ئىشەنمەيتتى. بولۇپمۇ "بىلىمنىڭ كېرىكى يوق" سەپسەتىسىگە، ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ئەسكى سىنىپقا تەۋە ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا مەيلى ئەمەلىي مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى كۆڭۈلدە بولسۇن ئەركىن سىدىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ۋە ياخشى مۇناسىۋەت ساقلىدى. داۋاملىق ئوقۇتقۇچى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەرسلەرنى نورمالنى ئۆتۈۋېلىشىغا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بىر قىسىم كەپسىزراق ساۋاقداشلىرىنىڭ زەربىسىگىمۇ داۋاملىق ئۇچراپ تۇردى. ئەركىن سىدىق ئۆزىگە بېرىلگەن زەربىلەرگە ئانچە پىسەنت قىلماي، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئىزچىل تۈردە پۇختا ئۆگىنىپ ماڭدى. تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقلىرىدا بولسا كېرەك، بىر قېتىم ماتېماتىكىدا بىر يېڭى باپ ئۆتىلىدىغان چاغدا، ئەركىن سىدىق بۇ تېخى ئۆتۈلمىگەن بابنى پۈتۈنلەي ئۆزى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەشىقلەرنىمۇ بىرنى قويماي ئىشلەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىقنى دەرسكە قاتناشماي، سىرتتا ئويناشقا رۇخسەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ بىر دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئوقۇۋاتقاندا، ئەركىن سىدىق ئۆزى يالغۇز ۋاسكىتبول مەيدانىدا توپ ئوينىدى. ئەركىن سىدىق تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەر بولسا كېرەك، مائارىپ ساھەسىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ "يالغۇز ئوقۇتقۇچىلارلا دوسكا ئالدىغا چىقىپ دەرس سۆزلىمەي، ئوقۇغۇچىلارمۇ سۆزلەپ بېقىشى كېرەك" دېگەنگە ئوخشاش بىر چاقىرىقى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوقۇشتا ياخشى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئۆتۈشكە سېلىندى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن سىدىقمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن بىر يىللىق تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قانچە ھەپتە ماتېماتىكا دەرسى بەردى. ئەركىن سىدىق ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆزىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، مەيلى تەبىئىي پەن بولسۇن، ياكى ئىجتىمائىي پەن بولسۇن، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ناھايىتى پۇختا ئۆگىنىپ ماڭدى. شۇڭا ئىمتىھانلاردىمۇ ئىزچىل تۈردە تولۇق نومۇر ئالدى. تولۇقسىزنىڭ 3-يىلى بولسا كېرەك، بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدا ئۇ 97 نومۇر ئېلىپ قېلىپ، ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن بىر قانچە سائەت يىغلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى "بىلىمنىڭ كېرىكى يوق" دېگەن تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاساسەن ياخشى ئوقۇيالمىدى. تولۇقسىز ئوقۇشى جەريانىدا، ئەركىن سىدىقنىڭ بىر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى يىللىق ئىمتىھانىنى ئوچۇق ئىمتىھان قىلىپ ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان سوئالىنى تارقىتىپ بېرىپ، 3 كۈندىن كېيىن يىغىۋالىدىغان بولدى. شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، سوئالنىڭ جاۋابىنى ئەركىن سىدىقتىن كۆچۈردى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ 2 ئېغىزلىق ئۆيىنىڭ ئىچى ئادەمگە لىق تولدى. قەغەزنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئەھۋالنى دەرھاللا سېزىپ، ئەركىن سىدىققا 100 نومۇر، قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە 50 نومۇر بەردى.

ئەركىن سىدىق كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئامراق ئىدى. لېكىن، ئۇ چاغلاردا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار قەتئىيلا يوق ئىدى. ئەركىن سىدىق تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىل بولسا كېرەك، ئۇيغۇر دىيارىدا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان "قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە" دېگەن بىر كىتاب تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە (يەنى لاتىن يېزىقىدا) بېسىلىپ تارقالدى. ئەركىن سىدىق ئۇ كىتابنى دەرھاللا سېتىۋېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سىنىپىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلاردىن پۇل يىغىپ، كىتابخانىدىن ھېلىقى كىتابتىن تەخمىنەن 15 دانە سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ، ساۋاقداشلىرىغا تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش لېي فېڭ توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ۋە "دۇڭ سۇنرۇينىڭ كۆۋرۈك پارتلىتىشى" دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ تۇردى. ئاشۇنداق كىتاب ئوقۇش جەرياندا ئۇ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ياشاش، قانداق قىلىپ بىر ئالىجاناپ ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ئۆزىدە بىر يۈرۈش چۈشەنچە ۋە دۇنيا قاراش ھاسىل قىلىشقا باشلىدى. بۇ چۈشەنچە ۋە دۇنيا قاراشلار ئەركىن سىدىقنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئىزچىل تۈردە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ئەركىن سىدىق كىتابنى ھەرگىز نوقۇل ھالدا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇمايتتى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ كىتاب ئوقۇۋاتقاندا جۈملىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، شەيئىلەرنىڭ تەسۋىرلىنىش ئۇسۇلىغا، ھەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە ۋە يەكۈنلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى. بىر خەۋەر ئوقۇسىمۇ، ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن "خەۋەرنىڭ تۈزىلىشى قانداق بولىدىغاندۇ؟" دېگەن سوئالنى ئۆز-ئۆزىدىن سوراپ، خەۋەرنى كۆزىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ، پەقەتلا ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۆرەتتى. ئەگەر كىتابتا بىر يېڭى ئىدىيە ياكى چۈشەنچە بولسا، كىتابنىڭ ئاشۇ يېرىنى بىر قانچە قېتىم تەكرار ئوقۇپ، ئۇنى ئېسىدە قالدۇرۇشقا تىرىشاتتى. ھەمدە ھەر قېتىم كىتابنىڭ بىر باپ ياكى بىر چوڭ مەزمۇنىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن "بۇ قىسىمدا مەن ئۈچۈن يېڭىلىق بولغان ۋە مۇھىم بولغان نېمە ئۇقۇم بار ئىكەن؟ مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئېسىمدە قالدۇرۋېلىشىم كېرەك ئىكەن؟" دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ باقاتتى. شۇڭلاشقا كىتابلار ئىنتايىن چەكلىك بولغان، دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن تار دائىرە ئىچىدە بولغان ئاشۇ مەزگىللەردە، مەكتەپتە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن ۋە سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيىتى قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ماۋ زېدۇڭنىڭ 3 توم ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەر-شېئىرلىرىنى ئوقۇش پائالىيىتى ئەركىن سىدىقنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئاشۇ كىتاب ئوقۇشلارغا ئەركىن سىدىق يۇقۇرىقىدەك ھەممە جەھەتتىن، ئىمكانىيىتى بار بولغان ھەممە بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىش پوزىتسىيىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن، شۇ چاغدا ئىگىلىگەن بىلىم ئەركىن سىدىققا تاكى ھازىرغىچە ئەسقېتىپ كەلمەكتە. يەنى، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇ بىلىم تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: بىر مۇرەككەپ شەيئىگە دۇچ كەلگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىشكە تىرىشىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ ئەستە قالدۇرۇش، ھەمدە ئۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يازغاندىمۇ ئۇنى ئەڭ ئاددىي تىلدا تەسۋىرلەپ چۈشەندۈرۈش. بۇ خىل ئەھۋالنى ئەركىن سىدىقنىڭ بىلىۋال تور بېتىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇنداق ئىقتىدارنى ئەركىن سىدىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز كەسپىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئىزچىل تۈردە ئىشلىتىپ، ئۆز خىزمەتداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. دېمەك، بىر ئادەم ئۈچۈن يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى يوق. مۇھىمى بار نەرسىلەردىن قانداق قىلىپ تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتۇر. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خەنزۇلارنىڭ داڭلىق تارىخىي يازغۇچىسى لۇ شۈن نىڭ فېليەتونلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندا، ئەركىن سىدىق ئۇلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ تۇردى. ئۇ لۇ شۈنگە ئوخشاش، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى توغرىسىدا فېليەتون يېزىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ سىرتىدىكى ئەمگەككە كۆپ قاتنىشىپ، ئۆيدە ۋە مەكتەپتە كۆپ تۇرالمىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. لېكىن، ئەركىن سىدىق شېئىرىيەت ئىشلىرىغا خېلى قىزىققان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە، شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى مەزمۇن قىلغان شېئىرلىرى ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

1974-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماۋ زېدۇڭنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن "سانائەتتە داچىڭدىن، يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئازادلىق ئارمىيىدىن ئۆگىنىش" دولقۇنى باشلاندى. شۇ دولقۇننىڭ تەسىرى بىلەن مەكتەپلەردىمۇ سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى قوزغىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى بەلگىلەندى. ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكىلەر ھەر يىلى يازنىڭ ئورما مەزگىلىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئورما ئورغىلى (يەنى ئورغاق بىلەن بۇغداي ئورۇغىلى) باردى. بەزىدە بىر-ئىككى ھەپتە ئاشۇ يېزىدا ئۇخلاپ-قوپۇپ ئىشلىدى. ئورما ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇغداي بېشى تېرىش ئىشلىرىنىمۇ قىلدى. قىش كۈنلىرى بولسا بۇغدايلىققا قىغ ۋە توپا توشۇش، ھەمدە ئۇلارنى كەتمەن بىلەن يېيىتىش ئىشلىرىنى قىلدى. بۇرۇنقىدەكلا ھەر يىلى قىشتا ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئوغۇت تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ تۇرمىسا بولمايتتى. 1975-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىدىكى 2 تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى 3 كەسپىي سىنىپقا، يەنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىنىپى، يېزا ئىگىلىك سىنىپى، ۋە قىزىل يالاڭ ئاياق دوختۇر سىنىپىغا بۆلۈندى. ئەركىن سىدىق بۆلۈنگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىنىپىدا 24 ئوغۇل ئوقۇغۇچىلا بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. دوختۇرلۇق سىنىپىنىڭ ھەممىسى قىز ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، پەقەت يېزا ئىگىلىكى سىنىپىدىلا قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. مۇشۇنداق 3 سىنىپقا بۆلۈنۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يېزا ماشىنىلىرى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاقسۇ شەھەرلىك تراكتور پونكىتىدا بىر مەۋسۇم ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. بۇ ھەم ھەر خىل دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان تراكتورلارنى رېمونت قىلىدىغان، ھەم مېتالدىن ياسالغان ھەر خىل يېزا ئىگىلىك سايمانلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ، ئەركىن سىدىق دەسلەپتە تراكتور رېمونت قىلىدىغان يەردە 2-3 ئاي ئىشلىدى. شۇ جەرياندا ئۇ رېمونت قىلىنىپ بولغان 28-نومۇرلۇق تراكتورنى زاۋۇتنىڭ ئىچىدە ھەيدەپ يۈرۈپ، تراكتور ھەيدەشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كالا ياكى ئاتقا سۆرىتىپ، يەر ھەيدەيدىغان (يەنى يەرنى ئاغدۇرىدىغان) قوش-سوقا ئىشلەپ چىقىرىدىغان سېختىمۇ بىر قانچە ئاي ئىشلەپ، ئۇ يەردە بارلىق ئىستانوكلارنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە يەتتى. 1975-76-يىللىرىغا كەلگەندە، ئەركىن سىدىق بىلەن ئوخشاش قاراردىكى سىنىپلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا بېرىپ، شۇ يەردە يېتىپ-قوپۇپ، 5-6 ئاي ئىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرى لاي ئېتىپ، كېسەك قويۇپ، كېسەكلەر قۇرىغاندا ئۇنىڭدىن ئۆي سالدى. قوناق تېرىدى. يېمىش كۆچەتلىرىنى تىكىپ، باغ ياسىدى. شۇ چاغدا ئەركىن سىدىق بىر قانچە ھەپتە 28-نومۇرلۇق تراكتورنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ، يەر ئاغدۇرۇپ، قوناق تېرىيدىغان يەرگە ئىشلىگىنى ئۇنىڭ ئېسىدە ھازىرمۇ بار. شۇ قېتىم بارلىق ئوقۇغۇچىلار يەر تۈزلەش، چالما ئېزىش، ئېرىق كولاش، قۇر سېلىش، قوناق تېرىش، قوناققا توپا يۆلەش ۋە ئۇنىڭغا پەرۋىش قىلىش قاتارلىق قوناق تېرىش جەريانىنى باشتىن-ئاخىر ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئىدى. مەكتەپ مەيدانىدا يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەپ يۈرگەن ئاشۇ مەزگىلدە، ئەركىن سىدىق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرى ئېلىپ بارغان بىر دۇتارنى كەچقۇرۇنلىرى ئانچە-مۇنچە چېلىپ يۈرۈپ، دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىۋالدى (ئەركىن سىدىق ئالىي مەكتەپكە ماڭغۇچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر دۇتار ئېلىشقا تېخى چىقىنالمىغان ئىدى).

مەكتەپ مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، شۇ ۋاقىتتىكى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ماۋ زېدۇڭنىڭ "خۇنەن يېزىلىرىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات" دېگەن ئەسىرىنى ئۆگىنىش پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، مەكتەپ ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلاردىن 5 كىشىنى يىغىپ، بىر "جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى" نى قۇردى. ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا باشلىق بولدى. ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ 4-5 يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسىرىنىڭ روھى بويىچە ئېيتقاندا، ئەسلىدە ھەر بىر ئەترەتكە كەمبەغەل دېھقانلار ئەترەت باشلىقى بولغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئېشىشى، باي دېھقان ياكى پومېشچىكلار ئەترەت باشلىقى بولغاندا، ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى چۈشۈپ كېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئەركىن سىدىقنىڭ گۇرۇپپىسى تەكشۈرگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، يېزىلارنى تەكشۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق مەكتەپكە بىر دوكلات يېزىپ، ئىگىلىگەن ئەھۋال ئاساسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشىدىغان بىر دوكلات يېزىش مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەكتەپمۇ بۇ ئىشقا قايىل بولۇپ، رەسمىي دوكلات تەييارلاشتىن ۋاز كەچتى.

تولۇقسىزنىڭ 2- ياكى 3-يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان بىر ياز كۈنى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىملىق ئۆتمۈشنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتنىڭ ئورنى ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيىسىدە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەرگە 2 ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ۋېلىسىپىت بىلەن باردى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن يېرىم كۈن ئۆتمۈشنى ئەسلەش كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا، ھەممەيلەن بىر چوڭ داش قازاندا سۈتلۈك ئوتنى (يەنى پەقەت ھايۋانلا يەيدىغان بىر ياۋا ئوتنى) قاينىتىپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇنىدىن تاسقاپ ئايرىۋالغان كېپەكنى چېلىپ ياسالغان ئۇماچنى ئىچىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بەزى قىز ئوقۇغۇچىلار ئۇ ئاشنى ئىچكىلى ئۇنىمىسا، مەكتەپتىن كەلگەن باشلىقلار ئۇلارنى ھېلىقى ئاشنى ئىچىشكە قاتتىق مەجبۇرلىدى. بەزىلەر ئۇ ئاشنى ئىچكەندىن كېيىن ھۆ بولۇپ قۇسۇۋەتتى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئېچىندى ــــ ئۇنىڭ بىلىشىچە، 1949-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا ياۋا ئوت بىلەن كېپەكنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى تاماق قىلىپ يېگەن ئىش ھەرگىزمۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى.

ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئەركىن سىدىق سىنىپ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى، مەكتەپ جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن باشقا، يەنە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى، مەكتەپ خەلق ئەسكىرى ليەن (مىن بىڭ ليەن) سىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋە مەكتەپ ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتەپ باققان (ئۇ چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر شۆبىسى بىلەن خەنزۇ شۆبىسى بولۇپ 2 شۆبىگە ئايرىلغان ئىدى). بىر مەزگىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە "ھەممە ئىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش" دولقۇنى قوزغىلىپ، ئاشۇ ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىر مەخسۇس يىغىن ئاچتى. بۇ يىغىندا، ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە، ھەر بىر جۈملىنىڭ بېشىغا چوقۇم "پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە،" دېگەن سۆزنى قوشۇپ سۆزلەش قارار قىلىندى. ئۇنىڭغا بىر مىسال قىلىپ، يىغىن باشقۇرغۇچىسى: "مەسىلەن، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرگە ئوبدان پەرۋىش قىلىپ بۇغداي تېرىساق، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ساغلام بۇغداي ئۆسۈپ چىقىدۇ، دېيىشىمىز كېرەك"، دېدى. شۇ چاغدا ئەركىن سىدىقنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان بىر ئوقۇتقۇچى چاقچاق قىلىپ، "ئەگەر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، يەرگە بۇغداي تېرىسا، ئۇنىڭدىن چوقۇم قوناق ئۆسۈپ چىقىشى مۈمكىن"، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىغىندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى كۈلىشىپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، مەكتەپ خەلق ئەسكىرى ليەنى بىر ئالاھىدە ۋەزىپە سۈپىتىدە، ۋاقىت يېرىم كېچە 11 دىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە بۆلۈنگەن رايون ياكى ئىدارىگە بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى بىر-بىرلەپ ئاقتۇردى. ھەر بىر كىشىنىڭ قولىدا بىردىن ئوقى يوق مىلتىق بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شەھەرگە تۇغقان يوقلاش ئۇچۇن يېزىدىن رۇخسەتسىز كېلىپ قالغان دېھقانلارنى تۇتۇش ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنداق كىشىلەر "قارا نوپۇسلار" دەپ ئاتالغان ئىدى. بارلىق ئادەملەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى قاتتىق كونترول قىلىنغان بولۇپ، يول خېتى يوق تۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ تەلىيىگە يارىشا، ئۇلار كېچىسى ۋەزىپە ئۆتەشكە چىققان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ قولىغا بىرەرمۇ "قارا نوپۇسلار" چۈشۈپ قالمىدى.

ئەركىن سىدىق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىمۇ ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ، ھەر خىل ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ياز كۈنلىرى يامغۇر يېغىپ، ھويلا تاملىرىنى ئۆرۈۋەتكەندە، ئاكىسى بىلەن ئىككىسى تامچىلىق قىلىپ، ئۇنى قايتىدىن قوپۇردى. كۈزدە كۆمۈردە كېسەك قۇيدى ۋە گەمە كولىدى. سەي ئېلىپ گەمىگە سالدى. سوۋېتنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىتىدە ھەممە ئائىلىلەرگە ئۆز جان سانىغا قاراپ خۇسۇسىي ئاكوپ كولاش ئىشلىرى قانات يايغاندا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئاكوپ كولىدى. )‏بۇ دەۋرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە شۇ مەزگىللەردە كولانغان ھاۋا مۇداپىئە ئاكوپلىرى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن كونا شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى يارداڭلىقتا ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرماقتا ـــــ مۇھەررىردىن( ئىدارىسىدە دەرەخ ئۆرىگەندە، ئوتۇن قىلىپ قالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىلتىزلىرىنى كولىدى. ئاپىسىغا ياردەملىشىپ بىر مەزگىل گىلەممۇ توقۇدى. ھەمدە ئاپىسى پىچىپ تەييار قىلىپ قويغان رەختلەردىن ئىچ كىيىملەرنى كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا ئۆزى تىكىپ كىيدى. ئەركىن سىدىق دەسلەپتە ئىدارىسىنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىدىكى تاشلىۋېتىلگەن، چېقىلىپ كەتكەن ھېجىر چىنەلەرنىڭ دۈگىلەك ئاستىنى چىرايلىق ياساپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىنى مىخ بىلەن تېشىپ، ئۇنىڭدىن ئىككىسىنى بىر ياغاچ ئوققا ئۆتكۈزۈپ، غالتەك ياساپ، ئۇنى ھەر خىل نەرسىلەرنى توشۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ئىنى-سىڭىللىرىنى بېسىپ سۆرەپ يۈرۈپ بېقىشقا ئىشلەتكەن ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە ئاكىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ تېخنىكىسى بىر دەرىجە ئۆستى. ئۇلار بازاردىن شارىكلىق چاق سېتىۋېلىپ، تۆمۈرچىلىك ۋە ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىپ، خېلى يۇقىرى سۈپەتلىك غالتەك ياسايدىغان بولدى. ئەركىن سىدىق مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان ئوغۇتنى مانا مۇشۇنداق غالتەكتە ئاپىرىدىغان بولدى. تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئەركىن سىدىق ئاكىسى بىلەن بىرگە قۇرۇلۇشتا ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇنداق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى "شياۋگۇڭ" دەپ ئاتاپ، تامچى ئۇستاملارنى بولسا "داگۇڭ" دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ بەزىدە قاتتىق ۋە تاشلىق يەرنىڭ ئۈستىدە كەڭلىكى 80 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلىقى بىر مېتىر كېلىدىغان تام ئۇلى ئۆڭكۈرىنى قازدى. بەزىدە توپا ياكى سېمونت لاي ئەتتى. بەزىدە ئەپكەش بىلەن بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە لاي توشىدى. بەزىدە يەردىن ئۆگزىگە لاي ياكى خىش چىقاردى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئېتىلىدىغان لايغا ھاك ئىلەشتۈرىلىدىغان بولۇپ، پۇتنى قوغداش ئۈچۈن لاي ئېتىدىغانلار پۇتىغا رېزىنكە ئۆتۈك كىيىۋالاتتى. شۇنداق بولسىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پۇتنىڭ ئىچىگە لاي كىرىپ كېتىپ، لايدىكى ھاك پۇتنى يېرىپ قانىتىۋېتەتتى. ھاك سېلىنمىغان لاينى بولسا تىزدىن ئاشقىچە چوڭقۇرلۇقتىكى لايغا كېچىپ يۈرۈپ ئېتىشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردىمۇ ئاشلىق ئىنتايىن قىس بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئەتىگەنلىك تاماق ئۈچۈن ئۇماچ ئىچىپ، چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىر دانە قوناق نېنىنى يەپ ئىشلەيتتى. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن يازلىق تەتىلنىڭ كۆپىنچىسىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزەتتى. بىر كۈندە 8 سائەت ئىشلەپ، ھەر بىرسى ئاران 80 پۇڭ پۇل تاپاتتى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە كىيىم-كېچەك ئالدى. قالغان بىر قىسمىدا بولسا رادىئو زاپچاسلىرى ئېلىپ، مەكتەپ باشلانغاندىن كېيىنكى كەچلىك ۋە ئاخشاملىق ۋاقىتلاردا رادىئو قۇراشتۇرۇپ ئوينىدى. شۇ چاغدا بىر دانە ترانزىستور (ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا) نىڭ باھاسى بىر سوم ئىدى. يۈز سوپۇنى قۇتىسىنىڭ ئىچىگە پەقەت بىرلا باتارېيىدە ماڭىدىغان، پەقەت بىرلا كۈچەيتكۈچىسى بار، ھەمدە پەقەت قۇلاق كانىيى ئارقىلىقلا سۆزلەيدىغان رادىئودىن ھەر بىرسى بىردىن ياسىۋالدى. بۇ ئىشلارغا ئۇستا بولغاندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رادىئوسىنى رېمونت قىلىپ بېرىپ، بىر ئاز پۇل تاپتى. ئۇ چاغدا ئېلېكتىر ۋە رادىئو ساھەسىدە ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە كىتاب بولمىغاچقا، ئەركىن سىدىق ئاكىسى بىلەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ، خەنزۇچە رادىئوغا ئائىت كىتابلاردىكى ئېلېكتىر توك يولى رەسىملىرىنى كۆرەلەيدىغان، رادىئو زاپچاسلىرىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدى. ھەمدە ئۆگەنگەنسېرى ئۆز بىلىمىنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، ئۇلار شۇ چاغدىن باشلاپلا باشقا تىللارنىڭ ۋە بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدى.

ئەركىن سىدىقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارالدىكى تۇغقانلىرى توي-تۆكۈن قىلغاندا، داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئەركىن سىدىق ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى ئارالغا 3-4 كۈنلۈك بېرىپ كېلەتتى. شۇڭا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ئادەتلەندى. ھەمدە ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى بىر مەزگىل ئاقسۇ گىلەم زاۋۇتىدا گىلەم توقۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ مەزگىلدە ئەركىن سىدىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەچلىك تامىقى ئۈچۈن ئاساسەن سۇيۇقئاش ئېتىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ، سۇيۇقئاشنىڭ سۈيىنى قاينىتىپ، ئۇنىڭغا پىياز-چامغۇرلارنى توغراپ سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنى يېيىپ بولغاندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، گىلەم زاۋۇتىغا بېرىپ، ئاپىسىنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئەكىلەتتى. لەغمەن خېمىرىنى يۇغۇرۇش، پىلتە قىلىش ۋە ئېشىشكىمۇ شۇ چاغدىن باشلاپلا ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىقتىدار ئەركىن سىدىققا بىر ئۆمۈر ئەسقېتىپ كەلمەكتە. ئۇ يېزىغا قايتا تەربىيىگە بارغان، شاڭخەيگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان، ۋە ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋەتەنداشلىرىغا لەغمەن ئېتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ھازىرمۇ ئۆيىدىكى لەغمەن خېمىرىنى ئاساسەن ئۆزى يۇغۇرىدۇ. ئەركىن سىدىق كىچىكىدىنلا ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن كۆيۈنىدىغان بولۇپ، يۇقۇرىقىدەك ئىشلارنى ھەرگىز ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.

تۇرمۇشنى ئىنتايىن سۆيىدىغان ئەركىن سىدىق تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپلا مۇھەببەت ۋە كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ چاغدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىشى بىر خىل جىنايەتتەك قارىلاتتى. مۇھەببەت توغرىسىدىكى ھەر قانداق نەرسە بۇرژۇئازىيىنىڭ نەرسىلىرى ۋە ئەكسىلئىنقىلابىي نەرسىلەر، دەپ قارىلاتتى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىشى ئاساسەن يوق ئىش ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خاتىرە دەپتەرگە يېزىلغان مۇھەببەت خەتلىرىنى ئوقۇش، ۋە ئۇنى كۆچۈرىۋېلىش ئىشلىرى بولۇپ تۇردى. ئەركىن سىدىقمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاشۇنداق خاتىرىلەرنى بىر خاتىرە دەپتىرىگە كۆچۈردى. ھەمدە سىنىپىدىكى رەسىم سىزىشقا ئۇستا بىر ساۋاقدىشىغا دەپ، ئۇ خاتىرە دەپتىرىگە بىر جۈپ قۇشنىڭ دەرەخ شېخىدا بىر-بىرسىگە قاراپ سايرىشىپ تۇرغان رەسىمىدىن بىرنى سىزدۇردى. شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بىر مۇھەببەت خاتىرىسى تەييارلىدى. ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشقا، ھەمدە ھەممە ئىشنى يۈكسەك دەرىجىلىك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنىڭ پۈتۈنلەي قاپ-قاراڭغۇ بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن ئەركىن سىدىق، بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىنى پەقەت ئىمكان بولسا كەلگۈسىدە قانداق ياشاش، قانداق بىر ئائىلە قۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىش، ئەتراپىدىكىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن قانداق بىر جۆرىنى ئىستەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش بىلەنلا چەكلىگەن بولۇپ، ھەممە ئىشتا سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشتى. قىز ساۋاقداشلىرى ئارىسىغا زىددىيەت چۈشۈپ، ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ قالغان ۋاقىتلاردا، ئۇلارنى ياخشىلاشتۇرۇپ قويۇشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقاردى.

ئاشۇ مەزگىللەردە ئەركىن سىدىق يازلىق تەتىلنىڭ بىر قىسمى بىلەن قىشلىق تەتىلنى ئاساسەن داۋاملىق تۈردە ئارالدا ئۆتكۈزدى. كۈندۈزى تۇغقانلىرىنىڭ ئورنىغا ئىشقا چىقتى. ئاخشىمى تۇغقانلىرى بىلەن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، قىش كۈنلىرى كاڭ ئوچىقىنىڭ ئالدىغا 7-8 ئادەم قىستىلىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئوت ئىسسىنغاچ بىرسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايتتى. ئابدۇشۈكۈر تاغىسى ھېكايە ئېيتىشتا داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى مانا مۇشۇنداق كۆپ ئاڭلاپ يۈرۈپ، ئەركىن سىدىقمۇ خېلى يېتىشىپ قالغان ئىدى. "مىڭ بىر كېچە" نىڭ ھېكايىسىنى ئاساسەن يادقا بىلەتتى. شۇڭا ئوقۇش داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە، چۈشتە ئۆيىگە قايتمايدىغان ساۋاقداشلىرىغا داۋاملىق ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ يۈرگەن ئىدى. شۇ دەۋىردىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ھەممە يېزىلاردا "يېزا ئىگىلىگىنى گۇيخۇالاشتۇرۇش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئارالدىكى دېھقانلار نەچچە 10، نەچچە 100 يىللاردىن بەرى تەبىئىي ئورمانلىق ياكى باغ قىلىپ ساقلاپ كەلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ، چوڭ كۆلەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا مەجبۇرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكى دېھقانلار دەسلىپىدە ئوتۇنغا ئىنتايىن باي بولۇپ كەتتى. لېكىن ئارىدىن 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كەسكەن دەرەخلىرىنى پۈتۈنلەي قالاپ تۈگىتىپ، يېڭى دەرەخلەر تېخى چوڭ بولماي، ئارالدا بىراقلا ئوتۇن قىس بولۇپ كەتتى. بىر ۋاق تاماق ئېتىپ يېيىش ئۈچۈن كىشىلەر يىراق-يىراقلاردىكى جاڭگالغا بېرىپ، يانتاق، يۇلغۇن قاتارلىق ئوت-چاۋارلارنى كېسىپ كېلىپ ئاش ئېتىشكە ئىشلەتتى. كېيىن بۇلارمۇ تۈگەپ كېتىپ، ئىلاجىسىز جاڭگالدىكى كالا ۋە باشقا ئات-ئۇلاغلارنى باقىدىغان يەرلەرگە بېرىپ، قۇرۇپ قالغان كالا تېزىكىنى يىغىپ كېلىپ، شۇنى كۆيدۈرۈپ ئاش ئېتىدىغان بولدى. ئارالنىڭ جەگجى كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىدا تۇرغاندا، ئەركىن سىدىقمۇ ئاشۇنداق قۇرۇق تېزەك تېرىشكە كۆپ قېتىم چىققان ئىدى.

70-يىللارنىڭ باشلىرى "سولچىل" سىياسەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچىيىپ، ئارالدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە قالدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىدىن ئۆيىدىكى جان سانىغا قاراپ، بىر جانغا بىردىن چوشقا بېقىشنى مەجبۇرى ۋەزىپە قىلدى. يەنى، ئەگەر بىر دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە 5 جان كىشى بولسا، ئۇ دېھقان چوقۇم 5 دانە چوشقا بېقىش شەرت قىلىندى. ئۇ چاغدىكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، دېھقانلارغا بۈگۈن يەيدىغان ئاشلىقنى شۇ كۈنى ئەتىگەندە تارقىتىپ بېرىدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەممە يەردە ئاشلىق كرىزىسى بولۇپ كەتتى.شۇڭا دېھقانلار ئارىسىدا چوشقىغا بېرىلگەن قوناقنى ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىۋالىدىغان ئەھۋالمۇ كوپ كۆرۈلدى. بۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىي بولغىنى، بىر قىسىم مەسچىتلەر چوشقا قوتىنىغا ئايلاندۇرىۋېتىلدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى چوشقىلارنى ئوبدان ئىدارە قىلالماي، قوتانلىرىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن چوشقىلار يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ ھەممە يەردە كۆرۈلدى. ئۇ چاغدا ئاقسۇدا خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولغاچقا، ئۇلار بېقىلغان چوشقىلارنى زادىلا يەپ تۈگىتەلمىگەن ئىدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا يىللاپ-يىللاپ بىرەر قېتىم قوي گۆشى يېيەلمىگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. شۇ چاغدىكى قىش پەسلىنىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى ئەركىن سىدىق ئاقسۇ شەھىرى ئىچىدە، قۇچىقىدا بىر بوۋاق بالىسى بار بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايالنىڭ بىر پىگىلو ھارۋىسىغا 10 نەچچە چوشقىنى بېسىپ ساتقىلى ئەكىلىپ، بىر كۈن بازاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ساتالماي، كۈن كەچ بولغاندا ھۆكۈرەپ يىغلاپ تۇرۇپ، ھارۋىدىكى چوشقىلارنىڭ ھەممىسىنى شەھەر ئىچىدىكى كوچىغىلا قويۇپ بېرىپ، يېزىسىغا قايتىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدە ئەركىن سىدىق بىر ھەپتىگىچە ئاخشاملىق ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلىيالمىدى. بۇلار ئەركىن سىدىق ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ ۋەھشىي مىللىي خورلۇقنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ئېسىدە ھازىرمۇ خۇددى تۈنۈگۈنلا بولغان ئىشتەك ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇ چاغلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ جەمى 5 يىل بولسىمۇ، 1976-يىلىغا كەلگەندە يىللىق ئوقۇش تاماملىنىدىغان ۋاقىت ئەسلىدىكى 1-ئايدىن 7-ئايغا ئۆزگەردى. شۇڭا، ئەركىن سىدىقنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىدىكى ئوقۇشى 1976-يىلى 7-ئايدا تاماملىنىپ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە 5 يىل ئەمەس، 5 يېرىم يىل ئوقۇشقا مەجبۇرى بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئارتۇق ئوقۇغان يېرىم يىلنى قوشقاندا، ئەركىن سىدىقنىڭ ئوقۇشى جەمى بىر يىل ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولدى

4a

ئەركىن سىدىق تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى ۋە دوستى دىلشات بىلەن بىرگە. بۇ رەسىم 1975-76-يىللىرى تارتىلغان.

4b

ئەركىن سىدىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى رەھمان ۋايىت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە. بۇ ساۋاقداشلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى رەسىمى بولۇپ، 2006-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى ئەركىن سىدىق يۇرتنى يوقلاپ بارغاندا تارتىلغان.

4c

ئەركىن سىدىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازلىرى ۋە ھازىرقى دوستلىرى. ئوڭدىن سولغا قاراپ خۇدۇيۇمبەردى، مەمەت سىدىق (ئەركىن سىدىقنىڭ سابىق سىنىپ مۇدىرى)، ئەركىن سىدىق، ئەھەت ئامان (سابىق مەكتەپ مۇدىرى)، رەھمان ۋايىت (سابىق مەكتەپ مۇدىرى)، تۇرسۇنجان ھېزىم، ۋە ئابدۇۋەلى تۆمۈر. 2006-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى تارتىلغان.

4d

ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا. ئارقىدىكى ئەسكى تام ئەركىن سىدىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرى كېسەك قۇيۇپ، ئۆزلىرى سالغان ئۆينىڭ بىر قىسمى. 2006-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى تارتىلغان.

.

 


باش بەتكە قايتىش