4- بۆلۈم


 يېزىدىكى قايتا تەربىيە


ئەركىن سىدىق 1976-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىر ئايدەك يازلىق تەتىل قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپكە يىغدى. شۇ كۈنى بىر مەيدان داغدۇغىلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار قارا ماشىنا ۋە تراكتور كوزۇپلىرىدا ئولتۇرۇپ، ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن رايونلاردىكى ئالدىن تەقسىم قىلىنىپ قويۇلغان يېزىلارغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا ماڭدى. ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىچىدە، ئائىلىسىدە ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، يېزىغا بارماسلىققا يول قويۇلغان ۋە ئارقا ئىشىك قىلالايدىغان بىر قانچە ساۋاقداشلىرىدىن باشقا ھەممە ياشلار تەرەپ-تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى نۇرغۇن يول مېڭىپ، "ئۆيگە يېقىن" دەپ، ئۇنىڭغا كونىشەھەر شال ئۇرۇقچىلىق مەيدانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىنى ھەل قىلىپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ يۇتقان-كۆرپىلىرىنى، ۋە ئابدۇشۈكۈر تاغىسى سوغا قىلغان بىر كىچىك ئوماق كەتمەننى ئېلىپ، بىر 28-نومۇرلۇق تراكتورنىڭ كوزۇپىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز يېزىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئالدىدىكىسى بىر چەكسىز كەتكەن ئۇزۇن يول ئىدى. ئۇنىڭ ئىستىقبالى بىر قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش پۈتۈنلەي نۇرسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرى نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆمرىنى نېمە ئىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدە، يەنە يېزىدا ئوبدان ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق 20 نەچچە سوم ئايلىق بېرىدىغان بىرەر ئىشچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىر ئارزۇ، پىلان ۋە ئىرادىلا بار ئىدى. ئۇ چاغدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر بارىدىغان ئىش يوق بولۇپ، بىرەر ئىشچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ، يېزىدا كام دېگەندە 2 يىل قايتا تەربىيە ئالمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ چاغدىكى ياشلار يۇقۇرىقىدىن باشقا ھىچ نەرسىنى ئۈمىد ياكى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

ئەركىن سىدىق بارغان بۇ يېزا ئاقسۇ شەھىرىگە 10 كىلومېتىر، كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا 4 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەردە بولۇپ، ئۇ يەرگە ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۆزىدىن باشقا پەرىدە ئىسىملىك يەنە بىر قىزلا باردى. ئۇ يېزا شۇ يىلى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان زىيالىيلار قايتا تەربىيە ئېلىش پونكىتى بولۇپ، شۇ يىلى كوناشەھەر ناھىيىسىدە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىمۇ ئاشۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئاقسۇ 1-ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ كوناشەھەرگە بارغان باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ بار بولسىمۇ، ئۇلار باشقا يېزىغا بارغان ئىدى.

بۇ يېزىغا ئۇ چاغدا تېخى توك ئۇلانمىغان بولۇپ، ھەممە كىشىلەر ئۆي-ياتاقلىرىنى كىرسىن چىرىغى بىلەن يورۇتاتتى. ئۇ يەرنىڭ ئىشچىلىرى ئىچىدە پەقەت بىر ئائىلە كىشىلا ئۇيغۇر بولۇپ، قالغانلىرى ئىچكىرىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خەنزۇلار ئىدى. بۇ مەيداننىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغىنى شال ئۇرۇقى بولۇپ، كوناشەھەر ناھىيىسى ئالىي سۈپەتلىك شال ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەيتتى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى نەم ۋە سۈيى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، پاشا ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ياز كۈنلىرى ئادەم داكا رەختتىن ياسالغان كىچىك پاشىلىقلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالمىسا، ئاخشىمى ئۇخلاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ياز كۈنلىرى نەچچە ئايدا بىر قېتىم ناھىيىدىن بۇ مەيدانغا كىنو ئەكىلىپ قويۇپ بەرگەندە، ئادەم پۈتۈن بەدىنىنى بىر نەرسە بىلەن ئوراپ ئولتۇرمىسا، پاشىنىڭ دەردىدىن سىرتتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت كۆزىنىلا ئوچۇق قويۇپ ئولتۇرسىمۇ، پاشىلار ئادەمنىڭ كۆزىگە ئولۇشۇپ كېتەتتى. شۇڭا كىنو كۆرۈش ئەمەلىيەتتە كۆزىگە ئولىشىۋالغان پاشىلارنى قورۇپ ئولتۇرۇش جەريانى بولاتتى. ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى قۇرما تام بىلەن ياسالغان ئىنتايىن ئاددىي ئۆيلەر ئىدى. گۈرۈچ كۆپ چىقىدىغان بۇنداق يەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، ئۇ يەرلەردە چاشقان ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. ئەركىن سىدىق قالغان زىيالىيلار بىلەن شال ئورۇغاندا، پات-پات ئېتىزلىقنىڭ 10 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر يەرلىرىدىن ئېغىرلىقى بىرەر كىلو كېلىدىغان، ئىنتايىن پاكىز ۋە ئىنتايىن پۈتۈن ئاقلانغان گۈرۈچلەرنى تېپىۋالاتتى. بۇ شال ئېتىزلىقىدا جان باقىدىغان چاشقانلار ئۆزلىرىنىڭ قىشلىق يېمەكلىكى ئۈچۈن تەييارلىغان "ئىسكىلاتتىكى ئاشلىقى" ئىدى. بۇ چاشقانلار ئۇيغۇر زىيالىيلار ياتاقلىرىنىڭ تورۇسى ۋە قۇرما تام ئارىلىقلىرىغىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇۋا تۇتىۋالغان بولۇپ، ئاخشىمى ئادەم ئۇخلىغىلى ياتقان ھامان، پۈتۈن چاشقانلار كېچىلىك پائالىيىتىنى باشلىۋېتەتتى. بەزىلىرى تورۇستىن چالما تاشلايتتى. بەزىلىرى تاماق قاچىلىرىنى تاراڭلىتاتتى. بەزىلىرى ئۈستىدە ئادەم ياتقان كۆرپىنىڭ ئاستىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولاتتى. چاشقاننىڭ تاجاۋۇزچىلىقى مۇشۇنداق ئېغىر بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاماق قاچىسىنى يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى--يۇيۇلمىغان قاچىنى شۇ پېتى قويۇپ، ئەتىسى ئەتىگىنى قارىسا، ئۇ چاشقانلارنىڭ "تازىلىشى" بىلەن پاك-پاكىز بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا زىيالىيلار قاچىسىنى تاماق يەپ بولغاندا ئەمەس، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن يۇياتتى. ئەركىن سىدىق بىر قانچە قېتىم ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا، كۆرپىسىنىڭ ئاستىدىن ئۆلۈك چاشقان تېپىۋالغان ئىدى. بۇلار كېچىسى كۆرپە ئاستىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە "سەپەر" قىلىپ كېتىۋاتقاندا، كۆرپە ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان كىشى ئۇيقا ئىچىدە ئۆرۈلگەندە ئۇقماي بېسىۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان چاشقانلار ئىدى. بەزى ئوغۇللار شال ئومىسى ۋاقتىدا شال ئېتىزىدىكى چاشقانلاردىن 20-30 نى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى خۇددى تىزىلىپ بىر يەرگە مېڭىۋاتقاندەك كۆرسۈتۈپ قاتارى تىزىپ قويغان ئىشلارمۇ بولغان ئىدى.

ئۇ چاغدا سائەت بولمىغاچقا، زىيالىيلار تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشقا بېرىپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئىشتىن چۈشەتتى. تاماقنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كىشىلەر ئايلاپ-ئايلاپ گۆش كۆرمەيتتى. لېكىن تاماق ئاساسەن نورمىسىز بولۇپ، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك بار ئىدى. ئەتىگىنى يەيدىغىنى ھور نان بولۇپ، ئاشخانىدا ئوت قالاپ ئىسسىتىدىغان مەش بولمىغاچقا، قىش كۈنى ھور نانلىرى پۈتۈنلەي توڭلاپ قالاتتى. بەزىدە ئاشپەزلىك قىلىدىغان زىيالىي شەھەرگە كېتىپ، ئەتتگىنى ناننى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالغاندا، ئەركىن سىدىق ئاشۇنداق توڭلاپ قالغان ھور نېنىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ، سۇ چاشكىسىدىن بىرنى ئېلىپ، ياتىقىنىڭ قېشىدىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ ئىچكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ھېلىقى توڭلاپ قالغان ھور نېنىنى ئازراق-ئازراقتىن غاجىغان ئەھۋاللار ئۇنىڭ ئېسىدە ھازىرمۇ ئەينەن ساقلاقلىق تۇرماقتا. ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ ئىچكەندە، ئۇنىڭ باش تەرىپىدە ئات-كالىلارنىڭ ئۆستەڭگە كىرىۋېلىپ سۇ ئىچىۋاتقىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چاشكىغا ئالغان سۇنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ھەر خىل نەرسىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، سۇنى ئالغاندىن كېيىن سەل ساقلاپ، ئايلىنىپ يۈرگەن نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى چاشكىنىڭ ئاستىغا ئولتۇرۇپ، قالغان قىسمى يەنىلا لەيلەپ تۇرسىمۇ، سۇنى ئىچىۋەرەتتى.

ئەركىن سىدىق ھەر شەنبە كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاقسۇدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە يېزىسىغا يەنە قايتىپ كېتىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە پەقەت بىرلا ۋېلىسىپىت بولغاچقا، ھەر قېتىم ئۇ ئۆي بىلەن يېزىنىڭ ئارىلىقىدىكى 10 كىلومېتىر يولنى پىيادە باستى. يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئۇ چوڭ يولدا ماڭماي، جاڭگالمۇ-جاڭگال، ئېتىزلىقمۇ-ئېتىزلىق، ئۆزى يالغۇز يول يۈرەتتى. غەيرەت قىلىپ ئىتتىك ماڭسا، 10 كىلومېتىر يولنى 2 سائەتتە بېسىپ بولاتتى. ئۆيىگە ماڭغاندا خۇشال ۋە كۆتۈرەڭگۈ-روھلۇق ماڭسا، ئەتىسى قايتىپ كېلىدىغاندا ئەمگەكتىن باشقا ھىچ نەرسە يوق، روھىي تۇرمۇشتىن ئەسەرمۇ يوق بۇ جايغا بىرسى بوينىنى باغلاپ تارتىپ كېتىۋاتقاندەك، پۇتىنى سۆرەپ، ئىنتايىن تەسلىكتە ماڭاتتى. يولمۇ ناھايىتى يىراق تۇيۇلۇپ كېتەتتى. بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيىگە قايتماي، 4 كىلومېتىر يولنى پىيادە يۈرۈپ كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، بەزى سەپداشلىرىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولاتتى. ناھىيە كۇلۇبىدا كىنو قويغاندا، دوستلىرى بىلەن كىنو كۆرەتتى. يېزىدا بىرگە قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان ئىسكەندەر ئىسىملىك بىر سەپدىشى بۇرۇن شۇ ناھىيىلىك كىنوخانىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئەركىن سىدىق كىنو كۆرگىلى بارغاندا، ئۇنىڭدىن بېلەت ئالماي كىرگۈزىۋېتەتتى. قايتا تەربىيە مەزگىلىدە ئەركىن سىدىق تۇرغان يېزىدىكى زىيالىلارغا ھىچ قانداق ئىش ھەققى بەرمىگەن بولۇپ، قورساققا يېگەن تامىقى ئاشۇ زىيالىيلارنىڭ ئىش ھەققى ئىدى. شۇڭا زىيالىيلار ئىنتايىن كەمبەغەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تاماكا پۇلىسىغىمۇ چىقىنالمايتتى. شۇڭلاشقا ئوغۇللاردىن بىرسى موخوركىدىن بىرنى يۆگەپ چەكسە، بىر دەمدىلا باشقىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، نۆۋەتلىشىپ ئۇ بىر موخۇركىنى چېكىش ئۈچۈن ئۆچىرەت بولۇپ كېتەتتى. كوناشەھەرنىڭ دۆڭ تۆپىسىگە يېقىن جايىدا بىر سۈيى ئىنتايىن تاتلىق بۇلاق بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق بەزىدە دوستلىرى بىلەن شۇ بۇلاق ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، دۇتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېكايە ئېيتىشىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. مانا بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان مەزگىلدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىدۇر.

1977-يىلى، ئەركىن سىدىق ئەتىياز پەسلىدىكى 4-ئايدىن باشلاپلا رېزىنكە ئۆتۈك كىيىۋېلىپ سۇغا كىرىپ، شال تېرىش مەشغۇلاتىنى باشلىدى. دەسلەپتە سۇغا كىرگەندە يەر تېخى ئېرىپ بولالمىغان بولۇپ، توڭ يەرنىڭ ئۇستىگە دەسسەپ ئىشلەشكە توغرا كەلدى. ئۇ يېڭى نەرسىنى تېز ئۆگىنىدىغانلىغى، ۋە ھەممە ئىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋاقىتقىچە ئۇ شال تېرىشتا مەيداندىكى 1-دەرىجىلىك ئەمگەك كۈچى قاتارىدا ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇ شال تېرىش، مايسا ئۆستۈرۈش، مايسا كۆچۈرۈش، ئوت ئوتاش، ۋە ئەڭ ئاخىرى شال ئورۇشقىچە ھەممە ئىشنى باشتىن-ئاخىر قىلىپ چىقتى. شۇ يىلى ئەڭ ئاخىرى 10-ئايلارغا ئاز قالغىچە سۇ ئىچىدە ئىشلىدى. شال ئورۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي شەكلىدىكى ئورغىقىنى تېز سۈرئەتتە بىلەۋېتىپ، ئۇنى سولدىن ئوڭغا بىلىگەندە، ئوغاقنىڭ ئۇچى بىلەيدىن سېرىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئارقىغا ياندۇرۇپ بىلەش ھەرىكىتىنى قىلغاندا ئوغاق بىلەي تۇتقان قولنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىقنىڭ بېلىكىنىڭ 3 سانت-مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېرىنى ئاچىماق شەكلىدە كېسىپ، بېلىكىنىڭ سۆڭىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشتىن كېيىن بىلىكىنى تېڭىپ ساقايتتى. لېكىن، ئوغاق كەسكەن جاي سول قولىنىڭ سائەت تاقايدىغان يېرىدىن سەللا ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ يەر بىر ئاچىماق شەكىلدە چوڭ تارتۇق بولۇپ قالدى. بۇ تارتۇق ئەركىن سىدىقنىڭ بىلىكىدە ھازىرمۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم بىلىكىدىكى سائەتكە قارىغاندا، بۇ تارتۇق ئۇنىڭغا ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىش جەريانىدا بېشىدىن كەچۈرگەن يۇقۇرىقىدەك جاپالىق تۇرمۇشنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە ۋە ھازىرقى JPL دا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلاردا ئەركىن سىدىقنىڭ بەزى خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭدىن بېلىكى نىمىشقا تارتۇق بولۇپ قالغانلىقىنى سورىدى. بۇ تارتۇق سۆزلەيدىغان تارىخىي ھېكايە ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە ئېچىنىشلىق بولغاچقا، ئەركىن سىدىق ئۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرماي، "بىر قېتىم دىققەتسىزلىكىمدىن پىچاق كېسىۋەتكەن"، دەپلا قويدى.

شال تېرىشتىن باشقا، ئەركىن سىدىق بۇ مەيداندا ھەر خىل سەي-كۆكتاتلارنى تېرىشقا، ھەمدە ئۇنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشقىمۇ قاتناشتى. 1977-يىلى يازدا، ئۇ تېخى بىر ئاي يېزىسىنىڭ 30 دەك ئات، كالا ۋە قويلىرىنى ھەيدەپ، ئۆزىدىن باشقا ھىچ قانداق ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىغان بىر جاڭگالدا پادا باقتى. بۇ ئۇلاغ توپىنىڭ ئىچىدە بىر جۇغى كىچىك، ئەمما ئىنتايىن ئىتتىك يۈگرەيدىغان بىر جىگەررەڭ ئات بولۇپ، پادا باققىلى چىققانلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئاتنى مىنىۋالاتتى. لېكىن ئاتقا ئارتىدىغان توقۇم يوق بولۇپ، ھەممەيلەن ئۇنى يايداق پېتىلا مىنەتتى. ئەركىن سىدىق بۇ ئاتنى مىنىشكە باشلىغان بىرىنچى ھەپتىسى ئۇنىڭ سۆڭگىچىنى ئاتنىڭ دۈمبىسى غاجىلاپ يېغىر قىلىپ قويدى. بۇنداق يېغىر ئىنتايىن ئاغرىيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەردىدە ئەركىن سىدىق بىر قانچە ھەپتە تۈز ئولتۇرالماي، بىر يەردە ئولتۇرسا سۆڭگىچىنىڭ يېرىمىنى قويۇپ، قىيپاش ئولتۇرۇپ يۈردى. ئۇ چاغدا بىرەر رادىئو ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانغا ئازراق ھەمرا بولۇپ بېرىدىغان ھىچ نېمە يوق ئىدى. ۋاقىتنى بىر ئاز ئەھمىيەتلىك ۋە تېزراق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق پادا بېقىش جەريانىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان 4-تومىنى ۋە لۇ شۈننىڭ فىليەتونلىرىنى ئوقۇدى. بەزىدە خەنزۇ تىلى ئۆگەندى. ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىقتا بىرەر خەنزۇ تىلى دەرسلىكى ياكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت بولمىغاچقا، ئۇ بىر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىلەن خەنزۇچىسىنى تەڭلا كۆتۈرىۋېلىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ تىل ئۆگەندى. بۇنداق تىل ئۆگىنىشنى پادا بېقىشتىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ، ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ھەممە ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىزچىل تۈردە ئېلىپ باردى.

ئەركىن سىدىق يېزىدىكى ۋاقتىدىمۇ ئۇيغۇر ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى، مەيدان ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مەيدان باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەيدان خەۋەرلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مەيدان تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ 10 دەك ئۇيغۇر زىيالىيلارنى يىغىپ، بىر سەنئەت ئەترىتى تەشكىللىدى. ئۇنىڭدا ئۆزى شېئىر يېزىپ، يازغان شېئىرلارنى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇزىكا ئاھاڭىغا سېلىپ ناخشا قىلدى. ھەمدە بەزىدە دۇتار، بەزىدە راۋاپ، ۋە بەزىدە داپ چېلىپ، سەنئەت ئويۇنلىرى تەييارلىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردا ھازىرمۇ ياخشى كۆرۈلۈپ ئېيتىلىدىغان "سەنى ئەسلەيمەن" دېگەن ناخشا ئاھاڭىغا ئەينى زاماندىكى ۋەزىيەتكە ماسلاشقان، داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرى يازغان بىر شېئىر تېكىستىنى كىرگۈزۇپ، سەنئەت ئەترىتىنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئوپچە ئوقۇيدىغان بىر كوللېكتىپ ناخشىسى قىلىپ چىقتى (ئۇ چاغدا مۇھەببەت خاراكتېرىگە ياتىدىغان ھەممە ناخشىلار "سېرىق ناخشا" تۈرىگە ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئېيتىش قەتئىي مەنئى قىلىنغان ئىدى). بۇ سەنئەت ئەترىتى كوناشەھەر ناھىيىلىك كىنو كۇلۇبىدا شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن بىر قېتىم ئويۇن قويۇپ بەردى. ئۇ چاغدا يېزىغا قايتا تەربىيىگە بارغان زىيالىيلارنىڭ ئالدىدىكى بىردىن-بىر چىقىش يولى ئىككى يىل ياخشى ئىشلەپ، مەيداننىڭ باھالىشىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، نان تېپىپ يىگىلى بولغىدەك خىزمەتتىن بىرنى تېپىش ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق ئۆزىلا ھەر جەھەتتىن قاتتىق تىرىشىپ ياخىشى ئىشلەپلا قالماي، باشقا ئۇيغۇر زىيالىلارغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق يولغا يېتەكلەپ تۇردى. ئەركىن سىدىق بۇرۇنقى رېكوردلىرى ئانچە ياخشى بولمىغان بەزى زىيالىيلار بىلەن يېقىن دوست بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە مەيدانغا پايدىلىق بولغان ھەر خىل ياخشى ئىشلارنى قىلدى. ئۇ يەردىكى زىيالىيلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوق ئىدى.

1977-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى دېڭ شياۋپىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو رەھبەرلىرى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ تاللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ ئىش ئەركىن سىدىقنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان، 10 مىڭلىغان ياشلارنى چەكسىز خوشال قىلدى. ئۇلارغا بىر خىل ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. شۇ يىلى كۈزدىن باشلاپ، ھەر يەر ھەر يەرلەردە قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان زىيالىيلار ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش دولقۇنى قوزغالدى. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس دەرس تەكرارلاش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئەركىن سىدىق كوناشەھەر ناھىيە تەۋەسىدە بولغاچقا، مەيدان رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ئاقسۇغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەكتىپىدىكى دەرس تەكرارلاش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشىغا يول قويمىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز يېزىسىدىكى قالغان زىيالىلارغا ئوخشاش، چۈشتىن بۇرۇن ئىشلەپ، چۈشتىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، دەرس تەكرارلاش كۇرسىغا قاتناشتى. ئاخشىمى ئۆز ياتىقىدا، ئۆزى ياسىۋالغان بىر غېرىچ ئىگىزلىكتىكى جىن چىراغنىڭ يوروقىدا ئۆزى دەرس تەكرارلىدى. چىراغقا ناھايىتى يېقىن كەلمىسە كىتابتىكى خەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا ئادەم بۇرنىنى سىلىسا، قولىغا قاپ-قارا چىراق ئىسى چىقاتتى. شۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كوناشەھەر ناھىيىسىدە 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە جەمى 3 داۋام قىلدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىمتىھانلارنى كوناشەھەر ناھىيىسىدە بېرىپ، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇردى. ئارىلىقتىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق تۇرغان يېزىغا "ئاقسۇدىن بىر بالا بۇ قېتىمقى ئىمتىھانىدا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى نومۇر ئاپتۇ" دېگەن خەۋەر كەلدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن "بۇ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى نومۇر ئالغان بالا كوناشەھەردە ئىكەن"، دېگەن خەۋەر كەلدى. ئارىلىقتا يەنە بىر قانچە كۇن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە يەرگە "بۇ بالا كوناشەھەر شال ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا ئىكەن"، "بۇ بالا ئەركىن سىدىق ئىكەن"، دېگەن خەۋەرلەرمۇ تارقالدى. ئەركىن سىدىق بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ھەم خۇشاللىنىپ، ھەم ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئېقىپ كەتتى. ھەمدە ئىچىدە: "ئاھ خۇدا. ساڭا مىڭلارچە رەخمەت!" دېدى. ئەركىن سىدىق باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ئۆزى ئۈچۈن "بۇ دۇنيادا قانچىلىك ئوقۇش بولسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇيمەن" دېگەن بىر غايىنى تىكلىگەن ئىدى. لېكىن، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېزىغا قايتا تەربىيىگە چۈشكەندىن كېيىن، بۇ غايە پۈتۈنلەي ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم كەلگەن خۇش خەۋەر ئۇنىڭ ئۈمىدىگە قايتىدىن جان كىرگۈزدى. كېيىن شۇ قېتىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2-ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكى ئېنىق بولدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتە ئەركىن سىدىقنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ توغرىسىدا ھەر خىل گەپلەر تارقىلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، كېيىنچىراق بېيىجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇنىڭدىن كېيىن چىڭ خۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەڭ ئاخىرىدا چەت ئەلنىڭ گېپى چىقتى. لېكىن، ئەركىن سىدىق ئۈرۈمچىدىن باشقا ئورۇنلارنىڭ گېپىگە زادىلا ئىشەنمىدى. سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا ئۇ خەنزۇچىدىمۇ تېخى چالا ساۋاتلىق بولۇپ، چەت ئەل تىلىنى قىلچىمۇ بىلمەيتتى. مەكتەپتىن تېخى چاقىرىق كېلىپ بولالمىغان بىر پەيتتە، كوناشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەركىن سىدىققا ئايلىق مائاشى 26 سوملۇق بىر تەرجىمانلىق خىزمىتى بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ئۇنى ئالى مەكتەپكە ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىك توغرىسىدا سەل ئىككىلىنىپ قالدى. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بۇ ۋاقىتقىچە ئىقتىساد قىيىنچىلىقىنى ئىنتايىن كۆپ تارتىپ كەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، گەرچە ئەركىن سىدىقنىڭ ئاكىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر شۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرمىغان ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كېچىش ئەركىن سىدىق ئۈچۈن بىر تەسەۋۋۇر قىلالىغۇسىز چوڭ زەربە ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالى مەكتەپكە بېرىشتا قىلچىمۇ تەۋرەنمەي، ئىنتايىن چىڭ تۇردى. ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمىسە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تايانمايدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ دوستلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دادىسىنى ئەيىبلەپ، ئەركىن سىدىقنى قەتئىي ئوقۇتمىسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى تەسلىكتە ماقۇل بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەركىن سىدىققا ئۆزى ئارزۇ قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى رادىئو ئېلېكترونىكىسى كەسپىدىن ئوقۇش چاقىرىقى كەلدى. شۇ يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئەركىن سىدىق بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا پۈتتۈرگەن 3 سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە، پەقەت 3 ئوقۇغۇچىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا بارالىدى. ئۇلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىنىپىدىن ئەركىن سىدىق، دوختۇرلۇق سىنىپىدىن رەيھان ئىمىن، ۋە يېزا ئىگىلىكى سىنىپىدىن گۈلزەپەر بولۇپ، رەيھان شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىگە، گۈلزەپەر بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق ئۆزى چېنىققان يېزىدىكى يوتقان-كۆرپىلىرىنى يىغىپ باغلاپ، ھېلىقى ئۇيغۇر ئىشچى ئائىلىسى ۋە يېزىدا شۇ چاغدا تېخىچە تۇرىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن خوشلىشىپ، ۋېلىسىپىت بىلەن چېنىققىلى بىر يېرىم يىل بولغان بۇ جايدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئۇزىتىش پائالىيىتىمۇ بولمىدى. مەيدان رەھبەرلىرى خوشمۇ دەپ قويمىدى. ئۇ جىمجىت مەيداندىن ئۆزى يالغۇز سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاستا ئاقسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. گەرچە ئەركىن سىدىق بۇ يېزىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا خېلى چوڭقۇر مېھرى سىڭىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا 1978-يىلى يازدا تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، ۋېلىسىپىت بىلەن ئۆزى چېنىققان بۇ يېزىغا بىر قېتىم باردى. بۇرۇن ئۆزى ئىشلىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەرنى بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈردى. بىرەر تونۇش ئۇچراپ قالارمىكىن، دەپ بەك ئۇمۇنغان بولسىمۇ، ھىچ كىمنى ئۇچرىتالمىدى. ئۇ جاي بۇرۇنقىغا قارىغاندا جىق جىمجىت كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ يەردىن ئاستا قايتىپ كەتتى.

ئەركىن سىدىق ئۆزى قايتا تەربىيىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆگەنگەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئۇ شىمالىي كالىفورنىيەدە 1997-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۆيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىغا ھەر خىل دەرەخلەرنى تىكىپ، سەي-كۆكتات تېرىپ، بۇنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ 2004-يىلى JPL غا خىزمەتكە كىرىپ، ئائىلىسىنى جەنۇبىي كالىفورنىيەدىكى يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ يەر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزى لاھىيىلەپ چىقتى. بۇ ھويلىغا 4 تۈپ ئانار، 3 تۈپ ئۈزۈم، بىر تۈپ "لېمون"، بىر تۈپ "ئاپلىسىن"، ۋە بىر تۈپ گلاس دەرىخى تىكتى. ئەتىرگۈل، قوغۇنگۈل ۋە ھەشقىپىچەك گۈللىرىنى تىكتى. ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئازراق ئۈجمىمۇ ئۆستۈردى. 2005-يىلى ئۇ ھويلىسىدا قوغۇن بىلەن تاۋۇز ئۆستۈرۈپ باقتى. بۇ يىل ھويلىسىغا پەمىدۇر ۋە ئاچچىق مۇچ (لازا) تېرىپ، بۇ 2 خىل سەي-كۆكتاتتا پۈتۈن ياز ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىدى. ئەركىن سىدىق ئۈچۈن ھويلىدا ئاشۇنداق بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆستۈرۈش ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۇزۇرلىنىدىغان روھىي تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولماقتا

5a

ئەركىن سىدىق يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان مەزگىلدىكى كوناشەھەردە بىرگە ئۆتكەن بىر قانچە زىيالىي ياش سەپداشلىرى بىلەن دوستلىرى.

5b

ئەركىن سىدىق بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى 1976-يىلى بىرگە پۈتتۈرۈپ، 1978-يىلى 2-ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان 3 ساۋاقداشلار. ئوڭ تەرەپتىكىسى گۈلزەپەر بولۇپ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. سول تەرەپتىكىسى رەيھان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغانلارنى داۋالاپ ئۆزگەرتىش ئورنىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ رەسىم 2006-يىلى 9-ئايدا تارتىلغان


5c
ئەركىن سىدىقنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان ھازىرقى ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ بىر كۆرۈنىشى. ھويلىدىكى چوڭ تەشتەك، تاش سۇپا، يول ۋە ئوتلۇقلارنى ئەركىن سىدىق ئۆزى لاھىيىلەپ، ئادەم ياللاپ ياساتقان. بۇ رەسىم 2005-يىلى يازدا تارتىلغان بولۇپ، ھويلىدىكى گۈل-دەرەخلەرنى ئەركىن سىدىق شۇ يىلى (2005-يىلى) ئەتىيازدا تىككەن. رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىكىسى پەمىدۇر كوچەتلىرىدۇر.

5d

ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بىر تۈپ ئانار. بۇ ئانارنى ئەركىن سىدىق 2005-يىلى ئەتىيازدا تىككەن بولۇپ، بۇ رەسىم 2006-يىلى يازدا تارتىلغان.


 


باش بەتكە قايتىش