5-بۆلۈم


 ئالىي مەكتەپ

1978-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىللىق خەنزۇ تىلى ئوقۇشىنى باشلىدى. گەرچە ئۇلار ئوقۇش باشلىغان يىل 1978-يىلى بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1977-يىلى باشلانغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن جۇڭگو بويىچە "77-يىللىق ئوقۇغۇچىلار" دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى جەھەتتە قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ، فىزىكا فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ مەسئۇلى ياقۇپ مۇئەللىمنىڭ تاللىشى ۋە كۆرسىتىشى بىلەن، فاكۇلتېتتىن ئۇنى سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى، ۋە فاكۇلتېت ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قىلىپ تەيىنلىدى. سىنىپتىكى ئايرىم ئۈرۈمچىلىك ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە بۇ يېزىلىق تۈسىنى ئالغان ئەركىن سىدىقنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمىدى. لېكىن ئارىلىقتىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا، ئەركىن سىدىق ئۆز سىنىپىدا مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن ياكى خىزمەتتە بولسۇن كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كىچىك پېئىل، ئادەملەر بىلەن چىقىشقاق، باشقىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، خىزمەتنى ئىنچىكە ۋە ئىنتايىن رەتلىك ئىشلەيدىغان مىجەزى، ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدىكى تەشكىللەش، ھەر بىر ئىشنى يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىش ئىقتىدارى بارا-بارا باشقىلارنى قايىل قىلىشقا باشلىدى. 1978-يىلى كۈزدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئىتتىپاق قۇرۇلتىيىغا بىر ۋەكىل تاللايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر بىر فاكۇلتېت بىردىن كاندىدات تاللاپ چىقتى. ئاندىن ھەممە فاكۇلتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېلىقى كاندىداتلار ئىچىدىن پەقەت بىرلا ۋەكىلنى تاللايدىغاندا، ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى شەرىپ مۇئەللىم بىلەن يۇقۇرىقى ياقۇپ مۇئەللىمنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئەخلاق، ئۆگىنىش ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە ئەركىن سىدىق ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ، مەكتەپ ۋەكىللىكىگە تاللاندى. ھەمدە 1978-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئىتتىپاق قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.

1978-يىلىنىڭ ئاخىرى تەييارلىق باسقۇچىدىكى خەنزۇچە ئۆگىنىش ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، ئەركىن سىدىق سىنىپىدىكى ساۋاقدىشى ئەھمەت نىياز بىلەن بىرلىكتە ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاشنى قارار قىلدى. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولغاچقا، بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئىچىدە دەسلەپتە ئەركىن سىدىق بىلەن ئەھمەت نىيازنى زاڭلىق قىلغانلارمۇ بولدى. لېكىن ئۇلار باشقىلارنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماي، شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چە ئەل تىلى فاكۇلتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەكىمە ئاپپايدىن ئىشنى نەدىن ۋە قانداق باشلاش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ، ھەمدە ئۇنىڭدىن بەزى كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى. ھەكىمە ئاپپايمۇ ئاقسۇلۇق بولغاچقا، ئەركىن سىدىق ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئەركىن سىدىق بىلەن ئەھمەت نىياز ئۇ ئاپپاينىڭ ئۆيىگە پات-پات كىرىپ تۇراتتى. كەسپىي دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ ئوقۇش ئەركىن سىدىققا ھېچ قانداق ئېغىر كەلمىگەنلىكى، ھەمدە ئۇ چاغدا باشقا قوشۇمچە ئىشلىرىمۇ بەك كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە خېلى كۆپ ۋاقىت ئاجراتتى. تىل ئۆگىنىشنى 77-يىللىق تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇلار 2 ھەپتىدە ئوقۇغان دەرسنى ئەركىن سىدىق ئۆزى ئۆگىنىپ بىر ھەپتىدە تۈگىتىپ ماڭدى. 1979-يىلى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ قاتتىق تۇتۇش قىلىش بىلەن، ئەركىن سىدىق شۇ ۋاقىتتىكى 77-يىللىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە پۈتۈنلەي يېتىشىۋالدى. يەنى، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار 3 مەۋسۇم دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ تۈگەتكەن دەرسنى ئەركىن سىدىق بىر مەۋسۇم ۋە بىر يازلىق تەتىلدە ئۆزى ئۆگىنىپ تۈگىتىپ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش يىللىقتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋالدى.

بۇ ۋاقىتقىچە ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قانچە تەبىئىي پەن فاكۇلتېتلىرى چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رۇس تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىپ بەردى. كۇرس يېڭى باشلانغاندا تىل ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، سىنىپقا پېتىشماي، ئۈستەللەر ئارىسىدىكى بوش ئورۇنلار ۋە دوسكىنىڭ ئەتراپىدىكى بوش ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دەرس ئاڭلىماقچى بولغانلار بىلەن توشۇپ كەتتى. ئارىلىقتىن بىرەر ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئېچىلغان سىنىپتا يەردە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىغانلار ئاساسەن قالمىدى. يەنە بىرەر ئايدەك ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ سىنىپتا دەرس ئېلىۋاتقانلار سىنىپنىڭ يېرىمىنىمۇ توشقۇزالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق. بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش سۆزلىمەككە ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن ئىنتايىن ئاسانلا چىقىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش بىر ئىنتايىن قىيىن ئىش. ئەركىن سىدىقنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، تىل ئۆگىنىشتەك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە ئارىلىقتا ئۈزۈلدۈرمەي ئىزچىل ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە بىر خىل تۈزۈم تۈزۈپ چىقىپ (بۇنداق تۈزۈم ئىنگلىزچە "discipline" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق بۇنىڭغا "تۈزۈم" دىن باشقا ياخشىراق سوز تاپالمىدى)، ئۇ تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاپلا، ئەركىن سىدىق ھەر كۈنى 20-25 تىن يېڭى سۆز يادلاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلدى. ئۇ ھەر بىر سۆزنى كۈنىگە 3 قېتىمدىن جەمى 5 كۈن يازىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى تور بېتىدە بار:

http://www.meripet.com/Academy/InglizTili.htm

ئەركىن سىدىق ھەر كۈنلۈك خام سۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:00 (شىنجاڭ ۋاقتى بولۇپ، ئاخىرقى ئىككى خانا مىنۇتنى كۆرسىتىدۇ) دىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن شۇ كۈنلۈك خام سۆزلەرنى يادلىدى. ئەتىگەنلىك دەرسكە باشقىلاردىن 10-15 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن خام سۆزلەرنى بىر قېتىم يېزىپ چىقتى. چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇنمۇ، ۋە كەچتە كەچلىك تاماقنى يەپ، ئاخشاملىق دەرس تەكرارلاشنى باشلاشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلدى. بۇنى بىر كۈنى بىرەر قېتىممۇ توختىتىپ قويمىدى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ توختىتىپ قويمىدى. دەم ئېلىش كۈنلىرى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندىمۇ، ئارىلىقتا 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، خام سۆزنى يېزىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ تۇردى.

ئالىي مەكتەپكە 77-يىللىق ئوقۇغۇچىلار كېلىشتىن بۇرۇنقى 10 يىل ئىچىدە مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمى بىر ئاز "داتلىشىپ" قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان رادىئو ئېلېكترونىكىسى كەسپى سىنىپى ئىدى. شۇڭا 77-يىللىق ئوقۇغۇچىلار كەلگەندىن كېيىن، بەزىدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى ئالدىرىتىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇردى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس قىلىپ سۆزلەۋاتقان ماتېرىيالنى ئۆزىمۇ ئوبدان بىلمىگەچكە، دەرسنى "مۇنداق مۇنداق قىلسا، مۇنداق بولىدىكەن"، دەپ، ھېكايە سۆزلىگەندەك سۆزلەپ، "مۇنداق بولىدۇ"، دەپ كەسكىن ئېيتالمايتتى. ئۇ چاغدا تەبىئىي پەن توغرىسىدا رەسمىي بېسىلىپ چىققان دەرسلىك كىتاب پەقەتلا يوق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئۆتىدىغان دەرس توغرىسىدا لېكسىيە تەييارلاپ، ئۇنى مەكتەپ باسمىخانىسىدا ئاددىيلا بېسىپ چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرەتتى. بۇنداق لېكسىيە كىتابىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، نۇرغۇن يەرلىرى چاپاق بولۇپ، ئوقۇماق خېلى تەس ئىدى. بىر قېتىم ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكىسى دەرسىنى ئۆتىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى قول بىلەن يېزىپ لېكسىيە تەييارلاپ، ئۇنى مەكتەپ باسمىخانىسىغا بەرگەندە، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ بىلىمىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، ماتېماتىكىدىكى "چەكسىزلىك" كە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىنى "بۇ مۇئەللىم 8 نى ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ" دەپ ئويلاپ، ھەممە "چەكسىزلىك" بەلگىسىنى "8" قىلىپ بېسىپ چىقىرىپتۇ. ھەمدە ئۇ ئوقۇتقۇچىغا: "مۇئەللىم، سىز ھەممە 8 نى ياتقۇزۇپ قويۇپتىكەنسىز. مەن ئۇلارنى قوپۇرۇپ قويدۇم"، دەپتۇ. بۇ مۇئەللىم ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىغا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە كىتابىنى تارقىتىدىغان ۋاقىتتا، يوپۇقى ئەھۋالنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدى. ئەركىن سىدىق ئۆزىگە تەلەپنى تېخىمۇ يۇقىرى قويۇپ، كەسپىي بىلىم جەھەتتە خەنزۇ بالىلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە ئوقۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە، 1979-يىلىنىڭ باشلىرى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆزىنىڭ كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سۇلتان جانبولاتوۋ مۇئەللىمنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سىنىپىغا يۆتكىلىش ئىلتىماسىنى ئېيتتى. سۇلتان مۇئەللىم ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: "ئۇكام، مەن سېنىڭ ھازىرغىچە قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدىن ئىنتايىن رازى. مېنىڭچە سەن كەلگۈسىدە خېلى چوڭ ئىشلارنى قىلالايسەن. خەنزۇ سىنىپقا يوتكەلسەڭمۇ ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىغىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىمەن. لېكىن، سەن ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق ئاز-سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇپ قالدىڭ. ئەگەر خەنزۇ سىنىپقا يوتكەلسەڭ بۇ سالاھىيەتنى ئاساسەن يوقىتىپ قويىسەن. مېنىڭچە بولسا سەن ئۇيغۇر سىنىپتا ئوقۇۋېرىپ، ئۆز قابىلىيىتىڭنى ئىسپاتلىغىن. شۇنداق قىلساڭ سېنىڭ تۆھپەڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى چوقۇم ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقىن. ئەگەر ئۆگىنىشنى ھازىرقىدەكلا داۋاملاشتۇرساڭ، كەلگۈسىدە مەكتىپىمىزگە چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان پۇرسەتتىن پەقەت بىرسىلا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭغا مەن سېنى ماڭدۇرىمەن. ئەگەر ئۇنداق ساندىن پەقەت ئىككىسىلا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىرسىگە چوقۇم سېنى ماڭدۇرىمەن." بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ سىنىپ ئالمىشىش نىيىتىدىن ياندى. كېيىنكى مەۋسۇم سۇلتان مۇئەللىم ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىغا ھەر ھەپتىسى 2 قېتىم، ھەر قېتىم 2 سائەتلىك دەرسكە كىردى. ئەركىن سىدىققا ئۇنىڭ دەرسى ھېچ قانداق قىيىن تۇيۇلمىغاچقا، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا پەقەت بىر قېتىملىق دەرسكىلا بېرىپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرس ۋاقتىدا فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 77-يىللىق 1-سىنىپىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرسىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان مۇئەللىم بۇنىڭغا ماقۇل بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر مەۋسۇم ئەركىن سىدىق ئۆزىگە دەرس يوق ۋاقىتتا چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ئىنگلىز تىلى كەسپىنىڭ 79-يىللىق خەنزۇ سىنىپىغا بېرىپ، شۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىزچە دەرس ئېلىشنى تەلەپ قىلدى (ئۇ سىنىپتا 2 ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئامېرىكىدا). سۇلتان مۇئەللىم يول مېڭىپ، بۇنىڭغىمۇ مەكتەپتىن رۇخسەت ئېلىپ بەردى. 1981-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن 77-يىللىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىنى تاماملاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، فىزىكا فاكۇلتېتى 77-يىللىق 1-سىنىپى بويىچە 5-ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇ سىنىپ خەنزۇ تىلى سىنىپلىرىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئىلغار سىنىپ بولۇپ، نۇرغۇن قېتىم "ئىلغار كوللېكتىپ" بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى (ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنىڭ ئىچىدە ئەركىن سىدىق ئوقۇغان 77-يىللىق 4-سىنىپ شۇنداق بولغان ئىدى). شۇنداق قىلىپ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار رەسمىي دەرس سۈپىتىدە 3 يىلدا ئوقۇپ تۈگەتكەن دەرسنى، ئۇ ئۆزى قوشۇمچە ئۆگىنىپ 2 يىل ئىچىدە تاماملىدى.

ئومۇمىي ئىنگلىز تىلى دەرسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق كەسپىي ئىنگلىز سۆزلىگى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئۆز كەسپىگە ئائىت ئىنگلىزچە كىتابتىن بىرنى تېپىپ، ئۇنى ئوقۇپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭدىن 25 خام سۆز تەييارلاپ، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئۇلارنى يادلاپ ماڭدى. شۇ چاغدا (يەنى 1981-يىلىنىڭ بېشىدا) شىنجاڭ خەنزۇچە رادىئو ئىستانسىسىدا بىر ياپون تىلى لېكسىيىسى بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھەپتىسى 2 قېتىم، ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئىدى. ئەركىن سىدىق رادىئودىكى شۇ ياپون تىلى لېكسىيىسىنى ئاڭلاشنى باشلىدى. ئۇنىڭ بىرەر ئۈنئالغۇسىمۇ بولمىغاچقا، پەقەت ئۆزى رېمونت قىلىپ ساقايتىۋالغان بىر كىچىك رادىئيوغىلا تايىناتتى. لېكسىيىنى ئۈزۈلدۈرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رادىئونى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، لېكسىيە ۋاقتى بولغاندا، ئۇنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خاتىرە قالدۇردى. لېكسىيە بىرەر ئولتۇرۇشقا بارغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇ سورۇندىن ئاستا چىقىپ كېتىپ، بىر جىمجىت يەرنى تېپىپ، رادىئونى 30 مىنۇت ئاڭلاپ، ئاندىن سورۇنغا قايتىپ كىردى. لېكسىيە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسا، ئادەملەر بار ئۆيدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، 30 مىنۇتلۇق لېكسىيىنى ئاڭلاپ تۈگىتىپ، ئاندىن سورۇنغا قايتىپ كىردى. مۇشۇنداق ئۆگىنىشنى 2 يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، ياپون تىلىنىڭ ھەممە گرامماتىكىسىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ، ئۆزىگە ياپون تىلىدىنمۇ خېلى پۇختا ئاساس سېلىۋالدى.

كەسپىي دەرسلەرنىڭ يۇقىرى قىسمىغا كەلگەندە، ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكىلەر بىۋاستە خەنزۇچە دەرسلىك كىتابلارنى ئىشلەتتى. بۇ كىتابلار مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈزۈپ چىققان كىتابلار بولۇپ، ئىچكىركى ئۆلكىلەردىكى باشقا داڭلىق مەكتەپلەرمۇ ئوخشاش دەرسلىكنى ئىشلىتەتتى. ئەركىن سىدىق يېڭى دەرسنىڭ كىتابتىكى مەزمۇنىنى دەرستىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۆزى كۆرۈپ چىقىدىغان بولۇپ، دەرس ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى. ئەگەر ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرستە بىرەر خاتالىق بولۇپ قالسا، ئۇنى دەرھاللا بايقاپ، ئوقۇتقۇچىغا كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۇ ھەممە دەرسلەردە ئاشۇنداق قىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ خۇددى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى تەستىقلاپ بېرىدىغان بىرسىدەك رول ئوينايتتى. مۇئەللىم ئەركىن سىدىققا قاراپ دەرس سۆزلەپ، ئۇنىڭ چىرايى سەل نورمالسىزلىققا ئۆزگەرسە، بەزى مۇئەللىملەر سۆزلەشتىن توختاپ، "ئەركىن، بىر يېرى خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟"، دەپ سورايتتى. مۇئەللىم سورىغان سوئالغىمۇئۇ 1-بولۇپ جاۋاب بېرەتتى. تەبىئىي پەندە دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن يېڭى مەزمۇننى ئۆزى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنىڭ ناھايىتى زور پايدىسى بار. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، ئوقۇغۇچىلار ئىككى تۈرلۈك يېڭى نەرسىگە دۇچ كېلىدۇ: بىرسى يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار. يەنە بىرسى يېڭى كەسپىي مەزمۇنلار. دەرستىن بۇرۇن يېڭى مەزمۇننى ئۆزى بىر قېتىم كۆرۈۋالسا، گەرچە كەسپىي مەزمۇننى تولۇق چۈشىنىۋېلىش كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئادەم يېڭى ئاتالغۇلار بىلەن تونۇشىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرس ئۆتۈلگەندە زېھنىنى يېڭى مەزمۇنغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ ئوقۇتقۇچى سۆزلىمەي ئۆتۈپ كەتكەن قىسمىنىمۇ، قانداق مەزمۇن ئۆتۈلمەي قالغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچىگە ئىگە بولۇۋېلىش ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق ئۆزى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقاتتى. مۇشۇنداق ئۇسۇل ۋە روھ بىلەن ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كەسپىي دەرسلەرنىمۇ ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىپ ماڭدى. مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلاردا ئانچە قىينالمايلا تولۇق نومۇر ئالاتتى. ئاشۇ مەزگىلنىڭ بىر يىلى مەۋسۇم ئاخىرىدا، فىزىكا فاكۇلتېتى ھەر بىر سىنىپتىكى ئىمتىھانلاردا ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان 3 دەرستىكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر تاختايغا چىقىرىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت ئەركىن سىدىقنىڭلا بارلىق دەرستىكى نەتىجىسى 100 نومۇر بولۇپ چىققان ئىدى. ئەركىن سىدىق كەسپىي ئۆگىنىشتىمۇ ئۆزىگە بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، شۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئىزچىل تۈردە ياخشى ئۆگەندى. ئۇنىڭ كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى تور بېتىدە خۇلاسىلانغان:

http://www.meripet.com/Academy/TebbiPen.htm

1979-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، ئەركىن سىدىق بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. ھەمدە ئۇنىڭدا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىگىكە تەيىنلەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر رەئىسى ۋە 16 مۇئاۋىن رەئىسى بار بولۇپ، قۇرۇلتايدىن بۇرۇن بۇ 17 سان جۇڭگودىكى 30 شەھەر، ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارغا تەقسىم قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي-شىمال رايونىغا (يەنى لەنجۇ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا) پەقەت بىر مۇئاۋىن رەئىسلىك سانى بېرىلگەن ئىدى. بۇ سانغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ياكى مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنى بولۇپ تاللانغان بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 77-يىللىق ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تېخى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەركىن سىدىقنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. 1979-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەر يىغىنى بىلەن 8-نۆۋەتلىك ئىتتىپاق قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ئەركىن سىدىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، ۋە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەندى. 1980-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى بىلەن 3-نۆۋەتلىك ياشلار قۇرۇلتىيىدا، ئەركىن سىدىق ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئەركىن سىدىقنىڭ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدىكى ۋەزىپىسى 5 كە كۆپەيدى.

ئۇ ۋاقىت مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، بۇرۇنقى 10 نەچچە يىل داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىقنى يېڭىۋاشتىن رەتكە سېلىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلار تېخى بىر رېتىمگە چۈشۈپ بولالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ رەھبەرلىكى تەلەپ قىلغاننى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى مەكتەپ رەھبەرلىكى ياقتۇرمايدىغان بىر ئېغىر زىدىيەتمۇ مەۋجۇد بولۇپ، ئىشلارنى ھەر ئىككى تەرەپنى رەنجىتمەي، ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلغان ھالدا ئېلىپ مېڭىش يۈكى ئەركىن سىدىقنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەركىن سىدىق ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كادىرلىرىنىڭ بۇرنىنى باشقىلار يېتىلەپ ماڭىدىغان ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ئىشتا ئاجىز بولۇپ كۆرۈنىدىغان ۋەزىيەتنى قەتئىي ئۆزگەرتىشكە قاتتىق بەل باغلىدى. شۇڭا ئۇ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدىمۇ ھېچ كىمنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرماي، ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، قاتتىق تىرىشىپ ئىشلىدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارغىمۇ ۋە خەنزۇ كادىرلارغىمۇ ھەقىقىي تۈردە ياخشى باشلامچىلىق قىلدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا "يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش" مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يىلدا بىر قېتىم "شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش" مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇردى. بەزى يىللىرى فاكۇلتېتلار ئارا سەنئەت ئويۇنلىرى كورىگىمۇ ئۆتكۈزدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنلىرىدا ئۇ ئالدىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، كەينىدە خەنزۇچە سۆزلەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا تەرجىمان كەتمەيتتى. خەنزۇ ئوقۇغۇچى كادىرلىرىنىمۇ ھەممە جەھەتتىن قايىل قىلىپ يېتەكلەپ ماڭغاچقا، ئەركىن سىدىقنى ئۇلارمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەكتەپتە بۇرۇن مەۋجۇد بولغان، 1-قول ئۇيغۇر باشلىقنى باشقىلار يېتىلەپ ماڭىدىغان ئەھۋالغا پۈتۈنلەي خاتىمە بەردى. 3-نۆۋەتلىك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ 2 يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات يازىدىغاندا، ئەركىن سىدىق ئۇ ئىشنى ياڭ فامىلىلىك، ھەربىيلىكتە نەچچە يىل كادىر بولۇپ ئىشلىگەن، تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسىگە تاپشۇرغاندا، ئۇ ئەركىن سىدىققا مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئەركىن، ئەگەر مەن مەكتەپنى دېسەم بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلغۇم يوق ئىدى. بىراق، مەن ئۇنى سېنىڭ يۈزۈڭ ئۈچۈن قىلىپ بېرەي." ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بىر قىسىم ئىشلىرىنى ياقتۇرمىغان، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن نارازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى بولغاچقا، يۇقۇرىقىدەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان يۇقۇرىقىدەك پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغاپ، شۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا كادىر بولۇپ ئىشلەش بىر يۇقىرى دەرىجىلىك شان-شەرەپكە ئايلانغان ئىدى. 1981-يىلى 3-نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، 4-نۆۋەتلىك ئۇيۇشما ۋۇجۇدقا كەلگەندە، ئەركىن سىدىق داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

1978-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشلىق كرىزىسى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوپچە ئاشخانىدا تاماق يەيتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۈستەل بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان بولۇپ، بىر ئۈستەلدە 10 دىن كىشى بار ئىدى. ئاشپەز ئۇستاملار ھەر بىر ئۈستەل ئۈچۈن بىر داسقا تاماقنى ئۇسۇپ بېرەتتى. ئوقۇغۇچىلار بۇ داسنى ئۆز ئۈستىلىگە ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىكى تاماقنى بۆلىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى دۇخوپكىدا پۇشۇرغان بىر كىچىك قوناق نېنى ياكى قوناق ھور نېنى بولۇپ، بىرسىگە بىر ئادەمنىڭ قورسىقى ئارانلا توياتتى. ئۇ-بۇ يەرلەرگە كېتىپ قېلىپ، تاماققا كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېنىنى تاماققا كەلگەنلەر بۆلىشىپ ئېلىۋالاتتى. ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىقنىڭ ياتىقىدا 12 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇلار 6 دانە قوش كىشىلىك كارىۋاتتا ئۇخلايتتى. ئاخشىمى سائەت 11 غىچە ئۆگىنىش قىلىپ، چىراغ ئۆچۈرۈلگەندە ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقىدەك قوناق نېنى بارلار كارىۋاتنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر چاشكىغا قايناق سۇ ياكى سوغۇق سۇ قۇيۇۋېلىپ، ئۇنى ئىچكەچ ھېلىقى قېتىپ قالغان ناننى غاجاپ يەيتتى. نېنى يوقلار بولسا ئۇتتۇرلا يوتقانغا كىرىپ كېتەتتى. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنىڭ سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئادەمنىڭ قورسىقى ئارانلا توياتتى. ئۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاماق سۇيۇقئاشمۇ ئەمەس، لەغمەنمۇ ئەمەس، ئاشۇ ئىككى تاماقنىڭ ئوتتۇرىدا قالغان "بوسو" دېگەن بىر تاماق ئىدى. شۇڭا تاماققا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى "جىقراق ئوقۇغۇچىلار تاماققا كەلمىسىكەن"، دېگەننى تىلەيتتى. قىز ئوقۇغۇچىلار بەكرەك تاماققا بارمايدىغان بولۇپ، قىز ئوقۇغۇچىلار كۆپراق بولغان ئۇستەلدىكىلەر "تەلەيلىكلەر" ھېسابلىناتتى. ئۇنداق ئۈستەللەرگە بەزىدە باشقا ئۈستەلدىن "زىيارەت" كە ئادەم كېلىپ قالاتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكى 30 دەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاران بەشى قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۈرۈمچىلىك ئىدى. ئۇ ئىككىيلەن ئۆيىدىن قاتناپ ئوقۇپ، ئاشخانىدا تاماق يېمەيتتى. شۇڭا فىزىكا 77-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى تاماق جەھەتتە "تەلەيسىزلەر" ئىدى.

ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇنىڭ ئارىلىقى مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ چاغدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بۇ مۇساپىنى 4 كۈندە باساتتى. شۇڭا يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا يولدا 3 ئاخشام ئۇخلاپ، 4 كۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ياتاقلار ئىنتايىن قاسماق بولۇپ، ھەممىسىدە دېگۈدەك چۇسا ۋە بۈرگىلەر بار ئىدى. شۇڭا كېچىسى ئۇخلاش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئادەمنى قاتتىق سىلكىيدىغان ھېلىقى ئاپتۇۋۇزدا بىر كۈن ئولتۇرۇپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن، كىشىلەر پەقەت ئۇزايلىنىپ يېتىۋېلىش ئۈچۈنلا ياتاققا چۈشەتتى. يولنىڭ تامىقىمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بىر چىنە لەغمەن ئالسىڭىز ئۇنىڭ 3 تىن 2 قىسمى قوناق ئۇنىدا ياسالغان چۆپ بولۇپ، پەقەت ئۈستۈنكى بىر قەۋەت چۆپلا بۇغداي ئۇنى بولۇپ چىقىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى.

ئەركىن سىدىق پەقەت يازلىق تەتىلدىلا يۇرتىغا قايتىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا قىشلىق تەتىلدە بىر قېتىممۇ ئۆيىگە بېرىپ باقمىدى. ئۇ ھەر يازدا ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ماڭغاندا يولۇچى ئاپتۇۋۇزىدا ئولتۇراتتى. ئۆيىدە 15 كۈندەك تۇرغاندىن كېيىن، ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى رەئىسلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە بالدۇرلا قايتىپ كېلەتتى. ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىدە 8 جان ئادەم بولۇپ، ھەممەيلەن دادىسىنىڭ 80 نەچچە سوم ئايلىق مائاشىغا قاراشلىق ئىدى. ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئاپتوبۇس يول كىراسىغىلا 15 سوم ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغان بولغاچقا، يول كىراسىنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دادىسى ئىمكان بار ئۈرۈمچىگە بارىدىغان قارا ماشىنىدىن بىرەرنى تېپىپ، ئەركىن سىدىقنى شۇ ماشىنىغا سېلىپ قوياتتى. مۇشۇ تەرجىمىھالنىڭ ئالدىنقى بىر قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان، ئەركىن سىدىقنىڭ روزى تۇردى دېگەن تاغىسىنىڭ ئىنىسى قادىر تۇردى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتىخانىدا ئىشلەيتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ھەر يىلى ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۈرۈمچىگە خەت توشۇيدىغان قارا ماشىنا بار-يوقلىغىنى سۈرۈشتە قىلاتتى. ئەركىن سىدىق بىر قېتىم ئۇستى ئوچۇق خەت توشۇش ماشىنىسىدا، خەت خالتىلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتتى. ھەر كۈنى كەچتە ماشىنىدىن چۈشكەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇستى-بېشى خۇددى كونا ئۆيلەرنى چاقىدىغان قارا خىزمەتچىلەرنىڭكىگە ئوخشاش توپا بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىغا چىدىماقمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. يەنە بىر يىلى ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ئاقسۇ يۇڭ زاۋۇتىدىن ئۈرۈمچىگە مال توشۇيدىغان بىر قارا ماشىنىنى تاپتى. ئۇنىڭ شوپۇرى بىر خەنزۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەركىن سىدىقنى ئۈرۈمچىگە بىكارغا ئاپىرىپ قويۇشى ئۈچۈن ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ئۆيىدىكى بىر قانچە كىلو ياڭاق بىلەن يەنە بىر قانچە كىلو گۈلىنى 2 خالتا قىلىپ، شوپۇرغا سوغا قىلدى. ئۇ شوپۇر ئەركىن سىدىقنى ئېلىپ شىڭخاغا كەلگەندە ئەركىن سىدىقنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ، "بىر دەم ساقلاپ تۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ ئازراق ئىشىنى تۈگىتىپ، قايتىپ كېلىپ سېنى ئېلىۋالىمەن"، دېدى. ئەركىن سىدىق چوڭ تاش يول بويىدا سومكىسىنى تۇتۇپ ساقلىدى. بىر سائەت ساقلىدى. ئىككى سائەت ساقلىدى. ئۇچ سائەت ساقلىدى. لېكىن ئۇ شوپۇر قايتىپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجىسىز شىڭخادا ياتاققا چۈشۈپ، ئەتىسى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئاپتوبۇس بىلەن قايتىپ كەتتى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرىگە ماڭغۇچە بولغان بىر ھەپتە، ۋە ئىچكىرىدىكى يىغىندىن قايتىپ كېلىپ، دەرس باشلانغىچە بولغان 10 كۈن جەريانىدا ئۈرۈمچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تۇرمۇش پۇلى يول كىراسى بىلەن تۈگەپ كېتىپ، ئەركىن سىدىق قاتتىق قىينالغان ئىدى.

ئۇ چاغدا مەكتەپ باشلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا پۇل ئېلىنمايتتى. ئەركىن سىدىق ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمكانقەدەر ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورىماي، ئىنتايىن ئاددىي-ساددا ياشايتتى. بەزىدە 3 ئاي ئىچىدە ئاتا-ئانىسىدىن ئالغان پۇل 5 سومغىمۇ بارمىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ قەلىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، باشقا مەقسەت بىلەن يېزىلغان نەرسىلىرى ئۇ-بۇ يەردە ئېلان قىلىنىپ قېلىپ، شۇنىڭ قەلەم ھەققىمۇ ئەركىن سىدىقنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئەسقاتقان ئىدى. بىر قېتىم ئۇنىڭ "توك يولى" دېگەن دەرسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەممە ئوقۇغۇچىلاردىن تاپشۇرۇق ئورنىدا بىر پارچە ماقالە يېزىشنى ئورۇنلاشتۇردى. يېزىلغان ماقالىنى سىنىپنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ئوقۇغاندا، ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىسى سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىققا ئۇ ماقالىنى "شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى" غا يوللاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماقالە ئاشۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ، ئەركىن سىدىققا ئازراق قەلەم ھەققى كەلدى. ئەركىن سىدىقنىڭ "مەن قانداق ئۆگەندىم"، "ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟" دېگەن ماقالىلىرىمۇ "شىنجاڭ ياشلار ژورنىلى" قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارغىمۇ قەلەم ھەققى كەلدى. ئەركىن سىدىق سۇلتان مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە يازغان "مىكرو دولقۇن تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى قوللىنىشى" ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى "شىنجاڭ بىلىم-كۈچ ژورنىلى" دا ئېلان قىلىندى.

ئەركىن سىدىق ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىدى. مىللەتكە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ئۇ مەيلى چوڭ ئىش بولسۇن ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، ئۇ ئىشلارنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قىلىپ تۇردى. شۇ ۋاقىتتىكى بىر مەزگىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق ئېلىشى بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. تاماق ئېلىشتا ھەممە ئوقۇغۇچىلار 3-4 دېرىزىدە ئۆچىرەت تۇرىدىغان بولۇپ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق قىز ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىپ، ئۆچىرەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىۋېلىپ، تاكى بارلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تاماق ئېلىپ بولمىغىچە قىز ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەت تەگمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق دەسلىپىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى 2 كىشىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ بۆلۇپ، ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بىر گۇرۇپپىدىكى 2 كىشى بىلىكىگە قىزىل بەلگە باغلاپ، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا ئۆچىرەت ساقلايدىغان قىلدى. گەرچە ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆزى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىدەك يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ئۆچىرەت ساقلاشنى 1-بولۇپ ئۆزى باشلاپ بەردى. كېيىنچە مەكتەپكە تەكلىپ بېرىپ، ئوغۇللار بىلەن قىزلار تاماق ئالىدىغان دېرىزىنى ئايرىۋەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشتىن چەكسىز خۇرسەن بولۇشتى. بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى بىر بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە بولغان بولۇپ، قىش كۈنى پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشكىچە ئوقۇغۇچىلار مۇزغا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىك تاماققا كېلىشتىن بۇرۇن پەلەمپەيدىكى مۇزلارنى تازىلىغۇزۇپ قويدى.

1979-يىللىرىنىڭ باشلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى قەييۇم باۋۇدۇن بىر قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار چوڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: "بىز 30 يىل تىرىشىپ، ئۇيغۇر پروفېسسوردىن ئاران ئىككىنى يېتىشتۈردۇق (جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى مىجىت خۇدابەردى بىلەن ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننى دېمەكچى). بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر پروفېسسوردىن يەنە ئاران ئىككىسى چىقسا، ئۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر چوڭ نومۇس. شۇڭا سىلەر چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇڭلار." بۇ سۆزلەر ئەركىن سىدىقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەركىن سىدىقمۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىمكانقەدەر چوڭراق تەسىر كۆرسىتىشكە ئىزچىل تۈردە تىرىشتى. يېڭى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا چوڭ يىغىن ئاچقاندا، ئۇ "ھازىرقى زاماندا بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەسلىگى مۈمكىن. لېكىن بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. تىل بىلىم ئىسكىلاتىنىڭ ئاچقۇچى. شۇڭا سىلەر ھازىردىن باشلاپ ۋاقىتنى چوڭقۇر قەدىرلەپ، تەييارلىق باسقۇچىدىكى بىر يىلدىن پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئىگىلىۋېلىڭلار"، دېدى.

ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدا دىلمۇرات تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتەتتى. دىلمۇرات تەنتەربىيەگە ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ قىسقا يۈگۈرەشتىمۇ ئىنتايىن ماھارەتلىك بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 200 مېتىر، 400 مېتىر ۋە 800 مېتىرلىق يۈگۈرۈش تۈرلىرىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتقان ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر كۈنى چېنىقاتتى. كۈنىگە 3 ۋاق يۈگۈرەيتتى. قىش پەسلى 1-ئاينىڭ زىمىستان كۈنلىرىمۇ كۈنىگە 3 ۋاق يۈگۈرەيتتى. ياز پەسلى 7-، 8-ئاينىڭ ئوتتەك ئىسسىق كۈنلىرىمۇ كۈنىگە 3 ۋاق يۈگۈرەييتى. يامغۇر ياققاندىمۇ يۈگۈرەييتى. قار ياققاندىمۇ يۈگۈرەييتى. ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا: ئۆزىنىڭ تەنتەربىيەدىكى ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەت ئۈچۈن شان-شەرەپ قازىنىش. بەزىلەر ئۇنىڭ ھەر كۈنى يۈگۈرەپ يۈرگىنىنى زاڭلىق قىلىشقان ئىدى. لېكىن ئەركىن سىدىق ئۇنى قاتتىق ھۆرمەتلەيتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىگە تۆھپە قوشالايدىغان 1-ئىشى ئۆز ئىشىنى ھېچ بولمىغاندا باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ياخشى قىلىش، ئەگەر مۈمكىن بولسا ئۇلاردىن ئاشۇرۇپراق ياخشى قىلىش. ئەگەر ھەر بىر ساھەدە دىلمۇرات تۇرسۇندەك كەسىپتە باشقا مىللەتلەرنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان، يېڭى رېكورت يارىتالايدىغان ئۇيغۇردىن بىرسى چىقسا، مىللەتنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي باشقىچە بولار ئىدى.

ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىۋار بېرىلىشىگە ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇڭا بىر قانچە سورۇندا ئۇ: "ئۇيغۇرلارغا باشقىلارنىڭ ئېتىۋار بېرىشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى. لېكىن، بۇ بىر شەرەپلىك ئىش ئەمەس. ئۇ بىر نومۇس ئىش. بىر مىللەت پەقەت ئۆز ئالدىغا نورمالنى ياشاپ ماڭالمىغاندا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئېتىۋار بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئىمكانقەدەر تېزراق ھازىرقىدەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشىمىز، باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك"، دېدى. بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇ ئوقۇش، خىزمەت، ۋە خىزمەت ئورنىدا ئۆسۈش قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇرسەت ئالدىدا باشقىلار بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى. 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئەركىن سىدىق ئىچكىركى ئۆلكىنىڭ تەييۈەن شەھىرىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بىر قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا ئۇلار بىر يەرلىك ھەربىي بازىدا، شۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا بىر تۈركۈم ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە، مىلتىق بىلەن قارىغا ئوق ئېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھەر بىر ئادەمگە 7 پايدىن ئوق بېرىلىپ، ئۆزىدىن 100 مېتىر يىراقلىقتىكى قارىغا نىشانلاپ ئوق ئاتتى. ئوقنىڭ نىشانى قىلىپ قويۇلغان قارا تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئوق تەگسە، قارا يەرگە چۈشۈپ كېتەتتى. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قارىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئوقنى باشقىلارنىڭ قارىسىنى چەنلەپ ئاتسا بولىۋېرەتتى. ئەركىن سىدىق ئوق ئېتىۋاتقاندا، ئۆز ئوقىنىڭ قارىغا تەگكەنلىكىنى نەچچە قېتىم ئاڭلىدى. لېكىن ئۇنىڭ قارىسى يەرگە چۈشمىدى. ئوقنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ بولسىمۇ قارا يەرگە چۈشمىدى. باشقىلار ئۆز قارىسىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئەركىن سىدىقنىڭ قارىسىنى ئاتقاندا، ئوق قارىغا تېگىپ چىققان ئاۋازنىمۇ ئەركىن سىدىق ئاڭلاپ تۇردى. بۇ نۆۋەت ئوق ئاتقان ھەممەيلەننىڭ ئوقى تۈگىگەندە، بىر ھەربىي باشلىق كېلىپ، "ماۋۇ كىشى ئاز-سانلىق مىللەت بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئېتىۋار بېرىپ، يەنە 5 پاي ئوق بېرىڭلار"، دېدى. ئەركىن سىدىق كېيىنكى نۆۋەت ئوق ئاتىدىغانلار قاتارىدا يەنە ھېلىقى 5 پاي ئوقنى ئېتىپ تۇگەتسىمۇ، ئۇنىڭ قارىسى يەنىلا چۈشمىدى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك قارىغا ئوق ئېتىش تاماملانغاندىن كېيىن، بىرسى بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئەركىن سىدىقنىڭ قارىسى ئوق تەگسىمۇ چۈشۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ ئېسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئەركىن سىدىققا بۇ قېتىمقى "ئېتىۋار بېرىلىش" قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇ ئىنتايىن غەزەپلەنگەنلىكتىن نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ ئاخشىمى ئۇيقۇسى كەلمىدى.

1982-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ئەركىن سىدىق "ئىلغار ئوقۇغۇچىلار كادىرى" ۋەكىلى بولۇپ، بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك 3 تە ياخشى ئوقۇغۇچىلار، ئىلغار ئوقۇغۇچى كادىرلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4 كىشى بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر، قالغان ئىككىسى خەنزۇ ئىدى. يىغىن جەريانىدا مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جياڭ نەنشياڭ ۋە قالغان 4 مۇئاۋىن مىنىستىرلار يىغىنغا قاتناشقا ئاز-سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىنى ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ يىغىندا ئەركىن سىدىق قول كۆتۈرۈپ سوز قىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى: "شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش قوراللىرى ئىنتايىن ناچار. ھازىر 80-يىللار بولسىمۇ، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىشلىتىدىغىمىز يەنىلا ئىنتايىن چاپاق، خېتىنى ئوبدان ئوقۇغىلى بولمايدىغان دەرس لېكسىيىسى. بىزدە تېخىچە تەبىئىي پەننىڭ رەسمىي بېسىلىپ چىققان دەرسلىك كىتابى يوق. گەپنىڭ راستىنى دېسەم، ئەگەر سىلەر شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقلەر ئارىسىدا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەم دېگەندە 90 پىرسەنت كىشىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياخشىراق كۆرىدىغانلىقىنى بايقايسىلەر. بۇ نىمە ئۈچۈن دېسەڭلار، شىنجاڭغا 50-يىللاردىلا سوۋېتتا بېسىلغان قاتتىق تاشلىق ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەن كىتابلىرى كىرگەن ئىدى. لېكىن بىز سىلەردىن ئاز-سانلىق مىللەتلەرگە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ بېرىمىز' دېگەن تەشۋىقاتنى ئاڭلىغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت بىر تەشۋىقات بولۇپ، گېزىتتىلا تۇرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ جەھەتتە ھېچ قانداق چوڭ ئۆزگىرىش يوق. ئىشەنمىسەڭلار شىنجاڭغا بېرىپ ئۆزۈڭلار تەكشۈرۈپ بېقىڭلار". ئەركىن سىدىقنىڭ سۆزىدىن كېيىن، يىغىن زالىدىكى ۋەكىللەر قاتتىق چاۋاك چېلىپ كەتتى. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ بولغىچە، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 4 ۋەكىلىنى باشلاپ كەلگەن ئۆمەك باشلىقى بىر تەرەپتىن "بولدى قىلىڭ، ئۇكام. ئەمدى توختىتىڭ، ئۇكام"، دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەركىن سىدىقنىڭ قولىنى تارتىپ تۇردى. لېكىن ئەركىن سىدىق دەيدىغىنى تولۇق دەپ بولۇپ، ئاندىن سۆزدىن توختىدى.

80-يىللارنىڭ بېشىدا، خۇ ياۋباڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغاندا، ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم "3 دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى" ئېچىلدى. يىغىندا "ئۈچنى 60 پىرسەنت قىلىش" قارارى ماقۇللاندى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز-سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش، ئىشچىلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز-سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش، ۋە كادىرلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز-سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش. يىغىن ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ روھىنى تۆۋەندىكىلەرگە يەتكۈزۈش بولۇۋاتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسلىرىنى يىغىپ، بىر قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان رەئىسلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن پەقەت ئەركىن سىدىقلا بار ئىدى. بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يۇقۇرىقى "ئۇچنى 60 پىرسەنت قىلىش" قارارىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ يۈرگەن ئەركىن سىدىق، بۇ يىغىندا بىر قېتىم چوڭقۇر دەرس ئالدى: خەنزۇ ئوقۇغۇچى كادىرلار ئارقا-ئارقىدىن سۆزلەپ، يۇقۇرىقى يېڭىلىقتىن خۇشال بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا چوڭقۇر نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا "ئاز-سانلىق مىللەتلەرنىڭ سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن تۇرسا، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەم ئىش كەلمەيدىغان تۇرسا، بۇنداق قىلغاندا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە ساھەدىكى سەۋىيىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتمەمدۇ؟" دېگەنلەرمۇ بولدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ رادىئو ئېلېكترونىكىسى كەسپىنى تاللىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى. "ئىسىت، مەن سىياسەتتىمۇ ياكى باشقا بىر ئىجتىمائىي پەندىمۇ ئوقۇپ، مۇشۇلار بىلەن قاتتىق تۇتۇشسام بولماسمىدى؟"، دەپ ئويلىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ ئۆز كەسپىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنىمۇ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پۈتۈنلەي مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئەڭ ئاخىرى سۆزلەش نۆۋىتى ئەركىن سىدىققا كەلگەندە، ئۇ تىترەپ كەتتى. كۆزلىرى ياشقا لىق تولدى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە مۇنداق دېدى: "بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بىرلا تەلىپىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ 3 دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى شۇ پېتى ئىجرا قىلىش". ئەركىن سىدىقتىن كېيىن، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خەنزۇ 1-قول سېكرېتارى بىر قېتىم قاتتىق "ئۇھ" تارتىۋېتىپ، ئاستا ۋە سالماق ئاۋازدا، يىغىندىكىلەرگە مۇنداق بىر ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى: "جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر ۋىلايەت شەھىرىدە بىر يېمەكلىك سودا شىركىتى بار. ئۇ ئىدارىنىڭ 1-قول باشلىقى خەنزۇ بولۇپ، 2-قول باشلىقى ئۇيغۇر. يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە بۇ خەنزۇ باشلىق ئىچكىرىكى ئۆلكىدىن 18 نەپەر تۇغقىنىنى ئەكىلىپ، ئۆز ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. لېكىن ھېلىقى ئۇيغۇر باشلىقنىڭ ئايالى تېخىچە يېزا نوپۇسىدا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر باشلىق تۇرمۇشتا بەك قىينىلىپ قېلىپ، 5 يىلدىن بۇيان ئايالىنىڭ نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشى تېخىچە ھەل بولماپتۇ. ئويلاپ بېقىڭلار. بىز خەنزۇلاردىكى ئىنساپ نەگە كەتتى؟. بىز مۇشۇنداق ئىنساپسىز مىللەتمۇ؟".
كەسپىي ئوقۇش، ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ ھەممىسىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئېلىپ ماڭغان ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى گېزىت، ژورنال ۋە رادىئولاردا بىر مەزگىل كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىرلەرنى قوزغىدى. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە يېقىن بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى (ئېھتىمال ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇشى مۇمكىن) ئەركىن سىدىقنى شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئەركىن سىدىق ئۆز لېكسىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى پەقەت ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇن بىلەنلا چەكلەپ قويماي، ئۆزى بىر قانچە يىل جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى ۋە جۇڭگو ياشلىرى ژورنىلى قاتارلىق خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئارقىلىق توپلىغان، تىل، مائارىپ، ئوقۇش، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى، ھەمدە بۇ ساھەدە جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى رەتلەپ، ئۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىغان ئاساستا 2 سائەتلىك بىر سۆز نۇتقى تەييارلاپ چىقتى. ئۇ ھېلىقى مەكتەپكە بېرىپ، 150 تەك ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا سۆزلەپ، مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يىغىن مەيدانىدىكىلەر چاۋاك چالغاندىن باشقا ۋاقىتتا، خۇددى يەرگە بىر دانە يىڭنە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغاندەك جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى. بەزى مۇئەللىملەر ئەركىن سىدىقنىڭ سۆزىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ بالىلىرىغا قويۇپ بەردى. كېيىن شىنجاڭ ياشلار ژۇرنىلى بۇ سۆز تېكىستىنى قىسقارتىپ، "ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك" دېگەن ماۋزۇ بىلەن باستى. ئۇنى شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىمۇ ئاڭلاتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ "مەن قانداق ئۆگەندىم" دېگەن بىر پارچە ماقالىسىمۇ شىنجاڭ گېزىتىغا بېسىلىپ، رادىئودا ئاڭلىتىلغان ئىدى. 1982-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ھەر ئىككى نۇسخىسىغا ئەركىن سىدىق توغرىسىدا "توختىماي ئالغا بېسىۋاتقان ئوقۇغۇچى" دېگەندەك بىر ماۋزۇدا بىر باش ماقالە بېسىلدى.

ئوقۇغۇچىلار ۋەزىپىسىدىن 5 نى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئوقۇشىدىن باشقا كەم دېگەندە بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئۈچۈن ۋاقىت ئىنتايىن قىس ئىدى. ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە 3 كۈن چۈشتىن كېيىننى مەكتەپتە ئېچىلغان ھەر خىل يىغىنلارغا قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 14-16 سائەت ئىشلىدى. ئۇ چاغدا بىر ھەپتىدە پەقەت يەكشەنبە كۈنى بىر كۈنلا دەم ئالىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق بۇ كۈنىمۇ ھەرگىز دەم ئالمىدى. ئۇ شەنبە كۈنلىرى كەچتە ئۆزىنى چاقىرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى يۇرتلۇق دوستلىرىنىڭ ئولتۇرۇشىغا چوقۇم باراتتى. مانا بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ ھەر بىر ھەپتە ئىچىدىكى بىردىن-بىر دەم ئېلىش ۋاقتى ئىدى. ئۇ ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئىزچىل تۈردە ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئىزدەندى. شۇ جەرياندا ئۇ بىر داڭلىق ئەربابنىڭ "ۋاقىتنى سېكونت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا 60 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ"، دېگەن سۆزىنى ئۇچراتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋاقىتنى سېكونت بويىچە ھېسابلايدىغان بولدى. ئۇ يەنە بىر داڭلىق ئەربابنىڭ بىر ئىشنى قىلىپ ھېرىپ كەتكەندە، يەنە بىر ئىشنى قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق تەجرىبىسىنى ئۇچراتتى. بۇنى ئۇ "ئاق رەڭلىك بوردا خەت يېزىپ دوسكىدىكى خەتنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغاندا، قىزىل رەڭلىك بوردا خەت يازسا داۋاملىق كۆرگىلى بولىدۇ"، دىگەنگە ئوخشىتىپ چۈشىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇسۇلدىن ئىزچىل تۈردە پايدىلاندى. يەنى، ئەگەر ئۇ ئېلېكتىر دەرسىنى كۆرۈپ ھېرىپ كەتسە، ماتېماتىكا ياكى ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىنى كۆردى. بۇ ئۇسۇلنى مەكتەپ ئىچىدىمۇ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى. ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇ تاماققا ئۆچىرەت تۇرغاندا ئىنگلىز تىلى خام سۆزىنى يادلىدى. ئاپتۇۋۇزدا بىر يەرگە ماڭغاندىمۇ خام سۆز يادلىدى. يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدىمۇ خام سۆز يادلىدى. كەسپىي دەرس ئوقۇشى بىلەن شۇغۇللانغان 4 يىل جەريانىدا، ئۇ ئاران 3 قېتىم كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرۈپ باقتى. ئۆز غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇ باشقا ئۇيغۇر ياشلىرى بەھرىمەن بولىدىغان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. 1982-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات جەدۋىلىنى مۇنداق تۈزگەن ئىدى (بۇ يەردىمۇ شىنجاڭ ۋاقتى ئىشلىتىلدى):

سائەت 5:00 تىن 5:40 گىچە: ئورنىدىن تۇرۇش، يۈگۈرەش، چېنىقىش، يۈز يۇيۇش

سائەت 5:40 تىن 6:50 گىچە: چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش

سائەت 6:50 تىن 7:30 غىچە: ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىش، خام سۆز يېزىش

سائەت 7:30 تىن 11:30 گىچە: دەرس ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش

سائەت 11:30 تىن 12:30 گىچە: چۈشلۈك تاماق يېيىش، گېزىت ئوقۇش

سائەت 12:30 تىن 14:00 گىچە: چۈشلۈك ئۇخلاش

سائەت 14:00 تىن 17:30 گىچە: دەرس ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش

سائەت 17:30 تىن 18:00 گىچە: كەچلىك تاماق يېيىش

سائەت 18:00 تىن 21:30 گىچە: كەسپىي دەرسلەرنى تەكرارلاش

سائەت 21:30 تىن 22:00 گىچە: ياپونچە رادىئو لېكسىيىسىنى ئاڭلاش

سائەت 22:00 تىن 23:00 گىچە: كەسپىي ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش

دېمەك، ئەركىن سىدىقنىڭ ئاخشىمى كارىۋاتتا ئۇخلىغىلى ياتىدىغان ۋاقتى جەمى 6 سائەت بولغان.

1979-يىلى ئەتىيازدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئەركىن سىدىقنىڭ قېشىغا ئاقسۇدىن كەلگەن بىر كىشىنى باشلاپ كەلدى. بۇ كىشى ئەسلىدە ئامانگۈل (ئەركىن سىدىقنىڭ ھازىرقى ئايالى) نىڭ تۇغقىنى بولۇپ، ئامانگۈل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ئىكەن. ئامانگۈلنى نەدىن تېپىشنى بىلمەي، بۇ ئوقۇغۇچىدىن سورىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچى ئەركىن سىدىقنىڭمۇ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇ كىشىنى ئەركىن سىدىقنىڭ قېشىغا باشلاپ كېلىشى ئىكەن. ئۇ چاغدا ئامانگۈلنى ئەركىن سىدىق تونۇمايدىغان بولۇپ، ئامانگۈلنىڭ قايسى فاكۇلتېتتا ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ كىشىگە ئامانگۈلنى ئىزدەپ تېپىپ بەردى. شۇ چاغدا قارىسا ئامانگۈلنى ئەركىن سىدىق بۇرۇن كۆرگەن ئىكەن: ئەركىن سىدىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ۋاقتىدا، ئامانگۈل خەنزۇ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە قېتىملىق يىغىنلاردا بىرگە بولغان ئىدى. لېكىن، ئۇ چاغدا ئامانگۈل ئوغۇل بالا بىلەن پاراڭلىشىش ياكى ئوغۇل بالا بىلەن باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى بىر خىل ئەخلاقسىزلىق ۋە نومۇس قىلىدىغان ئىش، دەپ بىلگەچكە، ئاشۇ نەچچە قېتىم بىرگە قاتناشقان كىچىك يىغىن جەريانىدا ئەركىن سىدىققا بىرەر قېتىممۇ سەپ سېلىپ قاراپ باقمىغان ئىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن ئەركىن سىدىق ئامانگۈلنى بىر ئاز چۈشىنىپ باقماقچى بولدى. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن ئەركىن سىدىق ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىلى چىققاندا، ئامانگۈلمۇ تىل ئۆگىنىشكە چىقاتتى. ئەركىن سىدىق ئامانگۈلنىڭ قېشىغا بېرىپ، 5-10 مىنۇت ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. گەرچە ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى شۇ چاغدا ئامانگۈلنىڭكىدىن تۆۋەن بولمىسىمۇ، ئەركىن سىدىق بەزىدە ئىنگلىز تىلى توغرىسىدا سوئال سورىغان بولۇپ ئامانگۈلنىڭ قېشىغا باراتتى. بەزىدە ئۆزىدە بار كىتابنى ئامانگۈلدىن يەنە ئارىيەت ئېلىش باھانىسى بىلەن، ۋە كېيىنلىكتە ئۇ كىتابنى قايتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئامانگۈلنىڭ قېشىغا باراتتى. بەزى كۈنلىرى ئامانگۈل بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشكە چىقماي قالسا، ئەركىن سىدىقنىڭ كۆڭلى پۈتۈن بىر كۈن يېرىم ئۆتەتتى. شۇ ئارقىلىق ئەركىن سىدىق ئاستا-ئاستا ئامانگۈلنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ئامانگۈل باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن تارتىپ ھەممە مەكتەپنى خەنزۇچىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئوقۇشى سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا جۇڭگودا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان دۇنيادىكى داڭلىق رومانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئىدىيىۋى سەۋىيىنىڭ بەزى جەھەتلىرىدە ئامانگۈل ئەركىن سىدىقتىن يۇقىرىراق تۇراتتى. نۇرغۇن ئىشلاردا ئىككىسى ناھايىتى ئوبدان پاراڭلىشالايتتى. مۇشۇنداق بىر قانچە ئاي ئۆتۈش جەريانىدا، ئەركىن سىدىقنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئامانگۈلگە كۆڭلى چۈشتى. 79-يىلى 7-ئايدا، ئەركىن سىدىق ئۆز كۆڭلىنى ئامانگۈلگە ئىزھار قىلدى. ئامانگۈل بىر قانچە ھەپتە ئويلىنىپ، ئاندىن ئەركىن سىدىققا جاۋاب بەردى: ئۇ ئەركىن سىدىق بىلەن يۈرۈشكە ماقۇل بولدى. بۇ مۇھەببەتلىشىشنىڭ پەقەت بىرلا مەقسىتى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدە ئىككىسى توي قىلىش. ئەركىن سىدىق بۇ ۋاقىتلاردا ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، ئامانگۈلگە قاتتىق كۆڭلى چۈشكەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە بولغۇسى كېلەتتى. لېكىن، ئەركىن سىدىقنىڭ نەزىرىدە، بىر ئوغۇل بالا بىر قىزغا تەلەپ قويۇشتىن بۇرۇن مۇنداق 2 شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: 1. ئۇ قىزنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرۈشى كېرەك. 2. كەلگۈسىدە ئۇ قىزنى بەختلىك قىلالايدىغان ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرگەن كىشىسىنى كەلگۈسىدە ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھالەتكە تىقىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. ئادەم ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ھەممىدىن بەك قەدىرلەيدۇ. ئەگەر بىر ئوغۇل بالا ئۆزى ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرىدىغان قىزنى بەختلىك قىلالمىسا، ئۇ قىزنى ھەقىقىي تۈردە قەدىرلەش نۇقتىسىدىن بولسىمۇ ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ كېتىشى كېرەك. بۇ مەزگىل ئەركىن سىدىق كەلگۈسىدە ياخشى ياشاش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلەۋاتقان ۋە ھەر خىل ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرىۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ نۇقتا ئەركىن سىدىقنىڭ كاللىسىدا ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇ مۇھەببەتكە قاتتىق بېرىلىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلاندى. ھەرگىز كۆڭۈلنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول قويمىدى. بۇ ئىشنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى، دەپ بىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامانگۈلمۇ ئىنتايىن تارتىنچاق بولۇپ، يۇقۇرىقىدەك كونا ئىدىيىلەردىن تېخى ئازات بولالمىغان ئىدى. ئۇ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى "ھەساپلانما ماتېماتىكا" (خەنزۇچە "柴麻方僥") كەسپىدىكى 77-يىللىق مىنكاۋخەن سىنىپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ سىنىپى ئەركىن سىدىقنىڭكى بىلەن باشقا-باشقا بىنادا ئىدى. باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن خىجىل بولۇپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز سىنىپىغا ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ چاغدا قىزلار ياتاق بىناسىدا ئىشىك باققۇچى بار بولۇپ، ئوغۇللارنىڭ ئۇ بىنادىكى قىزلارنى ئىزدەپ كېلىشىگىمۇ يول قويمايتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىق بىرەر ئىش بولسا، ئامانگۈلگە سىنىپىدىكى قىزلار ئارقىلىق گەپ ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇلار ئەڭ كۆپ بولسا، ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشەتتى. ئەركىن سىدىق بارىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغىمۇ ئامانگۈل ئاساسەن بارمايتتى. "ئامانگۈل بەزى يەكشەنبە ۋە بايرام كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنداق چاغلاردا ئۇلار ھەپتىدە بىر قېتىممۇ كورۇشەلمەيتتى."
بۇ ئىككىسىنىڭ يۈرگىنىنى بىلىدىغان، ئەمما كونكرېت ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان بەزى ئوقۇغۇچىلار "ئەركىن سىدىق ئامانگۈلنى بەك قاتتىق تۇتىدىكەن"، دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى. بىر قېتىم ئەركىن سىدىق ئامانگۈلنى بىرگە بىر كىنو كۆرۈپ كېلىشكە مىڭ تەسلىكتە قايىل قىلدى (بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان، ئەركىن سىدىق 4 يىل جەريانىدا بېرىپ باققان 3 قېتىملىق كىنونىڭ بىرسىدۇر). ئۇلار ئىتتىپاق كۇلۇبىغا بېرىپ، ئىككى بېلەت ئېلىپ كىنوخانىغا كىرىپ قارىسا، بۇ ئىككى بېلەت كىنوخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىكەن. ئەركىن سىدىقنى ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونۇيدىغان بولۇپ، بۇ كىنوخانىغا كىنوغا بارىدىغانلارمۇ ئاساسەن شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق ئۈچۈن بىر ئورۇندۇقنى ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ئاسان ئىش ئىدى. لېكىن، بۇ ئىشقا ئامانگۈل خىجىل بولۇپ ئۇنىمىدى. ئەركىن سىدىق ئامانگۈلگە توختىماي بىر ئورۇندۇقنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا پەس ئاۋازدا ياكى شەرەت بىلەن يالۋۇردى. پۈتۈن ئەس-ھۇشى ئامانگۈلدە بولۇپ، كىنودا نىمە چىقىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ كاللىسىغا ئازراقمۇ كىرمەيتتى. ئارىلىقتىن بىرەر سائەت ئۆتۈپ، كىنونىڭ يېرىمى تۈگىگەندىن كېيىن، ئامانگۈل ئورۇن ئالمىشىشقا ئاران ماقۇل بولدى. ئەركىن سىدىق يېنىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا سوز ئېچىپ بولغىچە ئۇ سەكرەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆز ئورۇندىقىنى ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئەركىن سىدىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئامانگۈل بىلەن مانا مۇشۇنداق بىر قېتىم بىرگە كىنو كۆرەلىدى. ئەركىن سىدىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئۈرۈمچىدە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان "مۆلجەر تاغ بورانلىرى" ناملىق بىر ئۇيغۇرچە دراما قويۇلدى. ئەركىن سىدىق ئامانگۈلدىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن بۇ درامىغا ئىككى بېلەت ئېلىپ، ئىككىسى خەلق تىياتىرخانىسىدىكى درامىغا بىرگە باردى. ئويۇن تۈگىگەندە كوچا ئاپتۇۋۇزلىرى توختاپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بىر ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىنىڭ ۋېلىسىپىتىنى ئارىيەت ئالدى. لېكىن، تىياتىرخانىغا بارغىچە ئامانگۈل خىجىل بولۇپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ۋەلىسپىتىگە مىنىپ بېرىشقا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ۋېلىسىپىتنى يېتىلەپ، تىياتىرخانىغا پىيادە باردى. ئامانگۈل يولدا تونۇشلار ئۇچراپ قالسا خىجىل بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئالدىدا 2 مېتىر ئارىلىق قويۇپ پىيادە ماڭدى. كەچتە دراما تۈگەپ، مەكتەپكە قايتىپ كېلىدىغاندا، قاراڭغۇدا ھېچ كىم ھېچ كىمنى تونۇيالمايدىغان بولغاچقا، ئامانگۈل ئاران ئەركىن سىدىقنىڭ ۋەلىسپىتىدە بىرگە قايتىپ كېلىشكە ماقۇل بولدى.

ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5 يىل ئوقۇش جەريانىدا، يۇقۇرىقىدەك قىلىپ خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىنى ئۆگەندى. مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ۋەزىپىسىدىن 5 نى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھەمدە پەقەت بىر قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدا 94 نومۇر ئېلىپ قالغاندىن باشقا، 5 يىل ئوقۇش جەريانىدىكى باشقا بارلىق ئىمتىھانلاردا 100 دىن نومۇر ئالدى. ئوقۇش ۋە خىزمەت جەھەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق رازى ۋە قايىل قىلدى. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ياشلار ژورنىلى، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ۋە جۇڭگو خەلق گېزىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىندى. (ئەركىن سىدىق مەتبۇئاتلارغا بېسىلغان، ئۆزى يازغان ۋە ئۆزى توغرۇلۇق باشقىلار يازغان گېزىت-ژورنالدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئۇ 1988-يىلى ياپونىيىدىكى ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بۇ ماتېرىياللىرىنى شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى ئارىيەتكە ئېلىپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق ئۆزى يىغقان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق قالغان. ئەگەر ئاشۇ مۇخبىر ھېلىقى ماتېرىياللارنى ھازىر قايتۇرۇپ بېرەلىسە، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولغان بولاتتى.) ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتى يېقىنلىشىشقا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەسىپ بىلەن مەمۇرىي خىزمەتتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرسىنى تاللاش ۋاقتى كەلدى.

ئەركىن سىدىق مەكتەپتىكى ھەر خىل سىياسىي ۋە مەمۇرىي يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا، ئۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى يوقلىغىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولغان ئوقۇشنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ، ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغان ۋە شۇنىڭغا غايە تىكلىگەن ئىدى. 1982-يىلىنىڭ ئىچىدە ئۇ بىر قېتىم بېيجىڭغا يىغىنغا بارغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ ياكى سىياسىي كېڭەشمۇ ئىشقىلىپ بىر مەملىكەتلىك يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن بىر قىسىم پېشقەدەم ئۇيغۇر كادىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇلار ئەركىن سىدىققا بىرلا ئېغىزدىن: "ئۇكام، ھەرگىز مەمۇرىي خىزمەت قىلىمەن، دەپ ئۆزۈڭنى بىزدەك نابۇت قىلىۋالما. چوقۇم ئۆز كەسپىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەت ئۈچۈن بىر ئاز شان-شەرەپ كەلتۈرگىن"، دېدى. ئامانگۈلمۇ ئەركىن سىدىقنىڭ نام چىقىرىشىغا ۋە باشلىق بولۇشىغا ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن قارشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەملىكەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بىر سېكرېتارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قەييۇم باۋۇدۇن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئايشەم ئاپپاي، فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى سۇلتان مۇئەللىم ۋە باشقا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ھەم خەنزۇ باشلىقلارمۇ ئەركىن سىدىقنىڭ كەلگۈسىدە كەسپىي جەھەتتە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. شۇ مەزگىللەرنىڭ بىر كۈنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-سېكرېتارى جاڭ ياڭ ئەركىن سىدىقنى ئۆز ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى ( ئۇ كىشى كېيىنلىكتە شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-سېكرېتارى بولدى): "ئەركىن، ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا ئىككى چوڭ يول بار. ئۇنىڭ بىرسى ماڭا ئوخشاش كادىر بولۇش. ئەگەر سەن بۇ يولنى تاللىساڭ، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، تېزلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ كېتەلەيسەن. ئۇ چاغدا ماڭا ئوخشاش سېنىڭ ئايرىم شوپۇرۇڭ بولىدۇ. ھەتتا ئايرىم ئاشپىزىڭمۇ بولىدۇ. ھە دىسىلا زىياپەتتە يۈرۈپ، جاپا چەكمەي باياشات ياشىيالايسەن. سەن ئۈچۈن 2-يول ئۆز كەسپىڭنى داۋاملاشتۇرۇش. مەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىرغىچە كەسىپتە سەندەك پەۋقۇلئاددە بۆسۈپ چىققان بىرسىنى كۆرۈپ باقمىغان. كادىر بولالايدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ. لېكىن كەسىپنى سەندەك قىلالايدىغان ئۇيغۇرلارنى مەن ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم. شۇڭا مېنىڭچە ئەگەر سەن كەسىپ يولىنى تاللىساڭ، ئۆز مىللىتىڭگە چوڭراق تۆھپە قوشالىشىڭ مۈمكىن. ئۆزۈڭ ئوبدان ئويلاپ قارار قىلغىن." ھەقىقەتەنمۇ ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىق بىلەن ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ باققان كىشىلەرنىڭ مەمۇرىي جەھەتتە خېلىلا ئىستىقبالى بار ئىدى. ئەركىن سىدىق بىلەن بىرگە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن چىڭ خۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ شاۋزو كېيىنلىكتە مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مىنىسترىلىگىنىڭ مىنىستىرى بولدى. 1989-يىلى ئەركىن سىدىق ئامېرىكىدىن يۇرتنى يوقلاش ئۈچۈن قايتىپ بېرىپ، ئامېرىكىغا قايتىشىدا ۋۇ شاۋزوغا تېلېفون قىلغان ئىدى، ۋۇ شاۋزو ئەركىن سىدىقنى ئۆزىنىڭ كىچىك ماشىنىسى بىلەن بېيجىڭ ئايدۇرۇمىغا ئەچىقىپ قويغان ئىدى. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا بېيجىڭگە كەلگەندە ئۇنى ئىزدىشىنى ئېيتقان ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ پەرىزىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بولۇپ ئىشلىگەن 16 ئوقۇغۇچىدىن كەم دېگەندە 5 كىشى ھازىر جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ھوقۇق تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. ئەركىن سىدىق كەلگۈسى ئۈچۈن يول تاللايدىغان ئەڭ ئاخىرقى پەيت كەلگەندە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن كەسىپ يولىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ يولنى ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە

6a

ئەركىن سىدىقنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى. ئەڭ ئالدىنقى قۇر ئوڭدىن سانىغاندىكى 5-كىشى ئەركىن سىدىقنىڭ 5 يىللىق سىنىپ مۇدىرى شەرىپ مۇئەللىم بولىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ.


6b

ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدا.

6c

ئەركىن سىدىقنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ، ئۇنىڭغا ھەر دائىم يېقىندىن ياردەمدە بولغان سۇلتان جانبولاتوۋ مۇئەللىم. بۇ رەسىم 2006-يىلى 9-ئايدا تارتىلغان. سۇلتان مۇئەللىم كېيىنلىكتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەردە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى تور بېتىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ: http://janbolat.anyp.cn

6d

ئەركىن سىدىق ساۋاقدىشى ۋە دوستى دىلمۇرات تۇرسۇن بىلەن بىرگە. بۇ رەسىم 1980-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تارتىلغان. دىلمۇرات تۇرسۇن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

6e

ئەركىن سىدىق سىنىپ مۇدىرى شەرىپ مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن رەڭسىز تېلېۋىزور تەجرىبىسى ئىشلىمەكتە. بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم بىر جۇرنالدىكى ئەركىن سىدىقنى تونۇشتۇرىدىغان بىر پارچە ماقالە بىلەن بىرگە ئېلان قىلىنغان ئىدى. قايسى جۇرنال ئىكەنلىكى ھازىر ئەركىن سىدىقنىڭ ئېسىدە قالماپتۇ.

6f

1981-يىلىدىن 83-يىلىغىچە 4-نۆۋەتلىك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئوقۇغۇچى كادىرلارنىڭ خاتىرىسى. بىرىنچى قۇر سولدىن سانىغاندىكى 5-كىشى ئەركىن سىدىق، ئوڭدىن سانىغاندىكى كۆزەينەك تاقىۋالغان 3-كىشى ياش ئۇيغۇر خىمىيە ئالىمى زەپەر ئابلىزدۇر. ئەركىن سىدىق ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشخانىسىنى ئۆز ياتىقى قىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن زەپەر ئابلىز بۇ ئىشخانىدا ئەركىن سىدىق بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بىرگە تۇرغان ئىدى.


6g

1982-يىلى يازدا ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇچىلىرى يازلىق دالا پائالىيىتىگە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خاتىرىسى. ئەركىن سىدىق مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ 1-قول مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

6h

ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ 19-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻢ 1979-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﯞﯗ ﺷﺎﯞﺯﻭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ 1998-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.


باش بەتكە قايتىش