6-بۆلۈم

 

 شاڭخەي دىكى بىلىم ئاشۇرۇش


ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان كەسپىي دەرسلەرنىڭ بىرسى "ئېلېكترو-ماگنىتلىق مەيدان ۋە دولقۇنلار" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۇر ۋە باشقا ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنلارنىڭ قانداق قىلىپ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە تارقىتىدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا ماتېرىياللارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دەرستۇر. ئۇ ئېلىكتىر ئېنژېنېرلىگى كەسپى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەرسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فىزىكا كەسپىدىكى 3 چوڭ نەزىرىيەنىڭ بىرسىمۇ ئەنە شۇدۇر. بۇ دەرسنىڭ ئېلىكتىر ئېنژېنېرلىگى (رادىئو ئېلېكترونىكىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ساھەسىدىكى باشقا دەرسلەر بىلەن بولغان چوڭ پەرقى، بۇ دەرستە ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇننى تەسۋىرلەيدىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالاردا ۋېكتورلۇق قىممەتلەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، قالغان كەسپىي دەرسلەردە بولسا ۋېكتورلار ئۇنچىۋالا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا بۇ دەرس ئېلېكتىر ئېنژېنېرلىگى كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قەدەر تەس تۇيۇلىدۇ. ئەركىن سىدىق ھازىرغىچە جۇڭگو، ياپون ۋە ئامېرىكىدا ياشاپ باققان بولۇپ، بۇ 3 دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن "ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنىنى ئۆگەنمەكمۇ تەس، دەرس قىلىپ ئۆتمەكمۇ تەس، ھەمدە ئىشلىتىشمۇ تەس" دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقتى. بۇ دەرسنى ئۆگىنىش تەس بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بارغان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىغىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردى. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىېتىدا بۇ دەرستە تەربىيىلەنگەن بىرەرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى يوق بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن باشقا بىر ساھەدە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن بىرىنى ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىغا مۇشۇ دەرسنى ئۆتۈشكە قويغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇ دەرسنى ياخشى ئۆتەلمەي، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر قېتىملىق دەرستە ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن قاقشاپلا ئولتۇردى. ئەركىن سىدىق بولسا بىر ئاز بولسىمۇ بىر نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇ ئوقۇتقۇچىدىن توختىماي سوئال سورايتتى. مەۋسۇمنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ئوقۇتقۇچى ئەركىن سىدىقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: "ئۇكام، كېلەر قېتىملىق دەرسنى سەن ئۆتۈپ باقامسەن؟" دەپ سورىدى. ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق دەرسنىڭ ۋاقتى كەلگىچە بۇ دەرسكە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى. ھەمدە بىر قېتىملىق دەرسنى ئۆتتى. ئەركىن سىدىق ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق مەزمۇنغا ئائىت بۇرۇنقى مەزمۇنلارنى بىرەر قۇر تەكرارلىۋېتىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن يېڭى مەزمۇننى سۆزلىدى. ئۇنىڭ لېكسىيىسى ئىنتايىن سىستېمىلىق ۋە چۈشىنىشلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەندە ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە ناھايىتى جەلىپ قىلالايدىغان بولغاچقا، ساۋاقداشلىرى بۇرۇنقىدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماي، دەرسنى ئىنتايىن زېھىن قويۇپ ئاڭلىدى. ھەمدە دەرس ئاخىرلاشقاندا، سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىردەكلا قاتتىق چاۋاك چېلىپ كەتتى. دەرستىن چۈشكەندە بەزىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: "ئەركىن، مەن بۇ دەرسنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم چۈشىنەلىدىم"، دىدى. بۇ دەرسنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاجىز بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا ھىچ قانداق تاپشۇرۇق بەرمىدى. ھىچ قانداق مەشىقمۇ ئىشلەتكۈزمىدى. يېرىم مەۋسۇملۇق ۋە مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئىمتىھانىلارنىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل ۋېكتورلۇق فورمۇلالار بىلەن ئۇلارنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىنى يادلىغۇزۇپ، شۇنىڭدىنلا ئىمتىھان ئالدى. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدا بايان قىلغان "مىكرو دولقۇن تېخنىكىسى" مۇ يۈقۇرقى ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۇلتان مۇئەللىم بىلەن فاكۇلتىتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.

77-يىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 1983-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوقۇش پۇتۇرەتتى. 1983-يىلى 1-ئايدا ئەركىن سىدىق كەلگۈسىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، فاكۇلتېتنىڭ مۇدىرى سۇلتان مۇئەللىم ئەركىن سىدىقنى كەلگۈسىدە ئەشۇ ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنى دەرسىنى ئۆتۈشكە تەقسىم قىلدى. ھەمدە 77-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنى ئېلان قىلىشقىمۇ ساقلىماي، ئەركىن سىدىقنىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنژېنېرلىگى فاكۇلتىتىغا بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

1983-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەركىن سىدىق شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى. ھەمدە 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 1-مەۋسۇملۇق دەرسىنى باشلىدى. دەرس باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەملىكەت بويىچە شۇ يىللىق ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئىمتىھانى ئېلىندى. ئەركىن سىدىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھىچ قانداق ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخى قوبۇل قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىق ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنى كەسپىگە تىزىملاتقان ئىدى. ھەمدە تىزىملاتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، كۈچىنىڭ بېرىچە بۇ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىپ كەلگەنىدى. ئىمتىھان ئېلىنغان پەنلەرنىڭ بىرسى سىياسەت دەرسى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيىسى تارىخىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىق يالغۇز بۇ دەرسنىڭ مەزمۇنىغا خەنزۇچە تەييارلىق قىلىپلا قالماي، ئادەم بىلەن جايلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچىدا قانداق يېزىشقىمۇ تەييارلىق قىلىشقا توغرا كەلدى. ھەمدە ئۇ ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنى ساھەسىدە يۇقۇرىقى ئىككى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن جىق ئاجىز ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىملىق ئىمتىھانىغا ئىزچىل تۈردە كۈچىنىڭ بېرىچە تەييارلىق قىلىپ قاتناشقان بولسىمۇ، ئۇنى يۇقۇىرقى ئىككى مەكتەپ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلمىدى.

ئەركىن سىدىق ئۇ چاغدا كۆڭلىگە مۇنداق بىر نىشاننى پۈككەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئېلېكترو-ماگنىتلىق دولقۇنى بىلەن مىكرو دولقۇن تېخنىكىسى كەسىپلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇرتقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش. دېمىسىمۇ ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ ساھەدە ئىشلەيدىغان بىرمۇ ئادەمنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىرەر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ قېلىپ ياردەم سوراي دىسە، ياردەم بېرەلەيدىغان بىرەرمۇ كىشى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكرو-دولقۇن دەرس تەجرىخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىمۇ ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق 1-سائەتلىك دەرستىن باشلاپ قاتتىق تىرىشىشنى باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دە كۇتۇپخانىنى تاقىغىچە كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلدى. كۇتۇپخانا تاقالغاندىن كېيىن ئېلىكتىر ئېنژېنېرلىكى فاكۇلتېتىنىڭ رادار تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، كېچە سائەت 12 دىن ئاشقىچە يەنە ئۆگىنىش قىلدى (بۇ تەجرىبىخانىنىڭ توكى كېچىچە توختاپ قالمايتتى). دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە بايرام كۈنلىرىمۇ پەقەت دەم ئالماي ئۆگىنىش قىلدى. بۇ مەكتەپ جۇڭگو بويىچە ئەڭ داڭلىق 5-6 مەكتەپنىڭ بىرسى بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بىرگە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئاساسى جەھەتلەردە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر سىنىپىنى پۈتتۈرگەن سەۋىيە بىلەن بىر تەرەپتىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قالغان ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىپ مېڭىشقا تىرىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچى سىنىپتا سۆزلىمىگەن ۋە تاپشۇرۇق قىلىپ بەرمىگەن مەشىقلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىشلەپ ماڭدى. قىيىنچىلىققا يولۇقسا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ داۋاملىق ئوز-ئۆزىدىن: "مەن ئۆزەم دەرس ئۆتكەندە، ماۋۇ مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرىمەن؟" دەپ سوراپ تۇردى. كىتابتا ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بىرەر مەزمۇننىڭ بولىشىغا قەتئىي يول قويمىدى. ئۇنىڭ نىشانى ئۇ ئۆزى بۇرۇن بېشىدىن كەچۈرگەن، بەزىلەر ئېلىكتىر ئېنژېنېرلىكىگە ئائىت كەسپىي دەرسلەردە "ئەگەر مۇنداق مۇنداق قىلسا، مۇنداق بولىدىكەن" دەپ ئۆزى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېكايە سۆزلىگەندەك دەرس ئۆتىدىغان ئەھۋالغا ئۇزۇل-كېسىل خاتىمە بېرىش ئىدى.

ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىگە يېڭى بارغاندا، ئۇ مەكتەپكە شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدىن خالىق ۋە ئابلىكىم ئىسىملىك ئىككى ئوقۇتقۇچىمۇ بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان بولۇپ، بۇ ئۈچەيلەن بىر ياتاقتا تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەكتەپتە ئۇلار بېرىشتىن بىرەر يىل بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان، كەسپى "پەن-تېخنىكىغا ئائىت ئېنگلىز تىلى" بولغان بىر "شىنجاڭ سىنىپى" بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن 30غا يېقىن ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقى ئەركىن سىدىقنىڭ بىلەن ئۇتتۇر خوشنا ئىدى.

پۈتۈن ياتاق بىنالىرىدا قىش كۈنى پار يوق، ۋە ياز كۈنى ھاۋا تەڭشىگۈچ يوق ئىدى. شۇڭا قىش كۈنلىرى كۇتۇپخانا ۋە سىنىپلار تاقاق ۋاقتىدا ياتاقتا ئۆگىنىش قىلغاندا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئىمكانقەدەر يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئۆگىنىش قىلاتتى. لېكىن، قول بىلەن خەت يازىدىغاندا ياكى ماتېماتىكىلىق ھېسابلارنى ئىشلەيدىغاندا يەنە سوغاق ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭلاشقا ئەركىن سىدىق قىش كۈنلىرى بىر چوڭ بوتۇلكىغا قايناق سۇ قاچىلىۋېلىپ، ئۇ بوتۇلكىنى قولىغا تەككۇزۇپ تۇرۇپ، ياكى ئۇنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلدى. ياز كۈنلىرى شاڭخەيدە پاشا تولا، ھاۋا ئىنتايىن تىنجىق ۋە نەم بولىدۇ. يۇغان كىيىملەر 4-5 كۈندە ئاران قۇرۇيدۇ. خۇرۇم ئاياق ۋە خۇرۇم ساندۇقلار نەملىكتە كوكۇرۇپ كېتىدۇ. ئادەم ياتاقتا ئۆگىنىش قىلغاندا، كىيىم كىيىپ ئولتۇرسا ئىسسىقنىڭ دىمىقىغا چىدىغىلى بولمايتتى. كىيىمنى سېلىۋەتسە پاشا چاقاتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىق كالتە ئىشتىنىدىن باشقا ھەممە كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، بىر ئاق داكا رەختتىن تىكىلگەن پاشىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئۆگىنىش قىلاتتى. مەكتەپنىڭ تامىقىمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھەر كۈنى چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ئۈچۈن كېسەك شەكىلدە كېسىلگەن گۈرۈچ تامىقىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. بۇ گۈرۈچ نورمالنى گۈرۈچلەردىن ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش يۈزىسىدىن 10 يىلدىن ئارتۇق ئاش ئىسكىلاتلىرىدا ساقلانغان كونا گۈرۈچ ئىدى. شۇڭا كېسەك شەكلىدىكى گۈرۈچنىڭ رەڭگى ئاق بولماستىن، بەزى يەرلىرى ئاق، بەزى يەرلىرى قىزغۇچ بولۇپ، بىر ئاللا-چىپار رەڭلىك كېسەككە ئوخشايتتى. بۇنداق گۈرۈچنىڭ تەمىمۇ ئىنتايىن ناچار ئىدى. مەكتەپكە يېقىنراق بىر جايدا تۇڭگان ئاشخانىسىدىن بىرسى بولسىمۇ، ئۇ پەقەت جۇۋاۋىدىن باشقا نەرسە ئەتمەيتتى. بۇ كېسەك گۈرۈچتىن بەك زېرىكىپ كېتىپ، بىر يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنى ئەركىن سىدىق ئۆزى تاماق يەيدىغان تۇڭگان ئاشخانىسىدىكىلەردىن ئاشخانىنى 2 سائەتلىك ئارىيەت ئېلىپ، بىر قېتىم ئۆزى لەغمەن ئېتىپ، بىر قىسىم ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە يېدى.

قايتىپ بارغاندىن كېيىن مىكرو-دولقۇن تەجرىبىخانىسى قۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن، ئەركىن سىدىق ھەر مەۋسۇمدە مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن 3 دەرس تاللىغاندىن باشقا، ئۆزىگە ئۇستاز بولغان گۇ رۈيلۇڭ ئىسىملىك پروفېسسورنىڭ مىكرو-دولقۇن تەجرىبىسى دەرسىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۆز مەكتىپىدە ۋە شاڭخەي شەھىرى رايونىدا ئوتكۇزۇلگەن مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسىغا ئائىت ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، "شىنجاڭ سىنىپى" ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېنگلىز تىلىدا ئۆتۈلگەن "ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكىسى" دەرسىنىمۇ ئىزچىل تۈردە قوشۇمچە قىلىپ ئاڭلىدى. ئۇ چاغدا شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تەبىئىي بايلىق ئەھۋالىنى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئىشىنى كۆتۈرىگە ئالغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق مۇشۇ قۇرۇلۇش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ بىرىنى قالدۇرماي قاتناشتى.

ئەركىن سىدىق قوشۇلۇپ ئوقۇغان سىنىپ ئېلىكتىر ئېنژېنېرلىكى فاكۇلتېتىنىڭ 1984-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپى بولۇپ، 1983-يىلى يازلىق تەتىلدە مەكتەپ ئۇلارنى 2 ھەپتىلىك پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەركىن سىدىق بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھاللا سۇلتان مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ پراكتىكىغا ئۆزىنىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئىلتىماس قىلدى. سۇلتان مۇئەللىم ئەركىن سىدىقنى قوللاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۇ پراكتىكا ئۈچۈن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىگە تۆلەيدىغان خىراجەتنى ھەل قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق 1983-يىلى 7-ئايدا نەنجىڭ شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى بىر مەخپىي ھەربىي رادار زاۋۇتىدا 2 ھەپتە پراكتىكا قىلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا رادار ھەققىدە دەرس ئوقۇدى. رادارلارنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈردى. زاۋۇتنىڭ ئىچىدىكى بىر رادارنى باشقۇرۇپ، نەنجىڭ شەھەرلىك ئايرۇدۇرۇمغا چۈشكەن ھەمدە ئۇ يەردىن ئۇچقان ئايرۇپىلانلارنى رادار ئارقىلىق كۆزىتىشنى مەشىق قىلدى. ھەمدە رادارنى سىناق قىلىش مەيدانىغىمۇ بىر قانچە كۈن باردى. بۇ مەيدان نەنجىڭ شەھىرىدىن خېلى يىراقلىقتىكى بىر يېزىدا بولۇپ، ئۇ يەرگە 1-كۈنى بارغاندا، ئۇ ئەتراپتىن ئەركىن سىدىق چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىرەر تۇڭگان ئاشخانىسى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈنى ئۇ چۈشلۈك تاماق يېمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئەتىگەنلىك تامىقى ئۈچۈن 100 گراملىق ھور نېنىدىن 2-3 نى يەۋېلىپ، كەچتە ئۆز جايىغا قايتىپ كەلگىچە تاماق يېمىدى. 7-ئايلاردا نەنجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئىسسىق ھەم ئىنتايىن نەم بولغاچقا، ھەمدە ئۇ چاغدا تېخى توڭلاتقۇ بولمىغاچقا، ھور نېنىنى ئېلىۋالسا، ئۇ چۈشكىچە بۇزۇلۇپ قالاتتى. نەنجىڭدە 7-ئايلارنىڭ كېچىسى ئىسسىق ۋە نەملىك تۈپەيلىدىن ئادەمنىڭ ئۇخلىشى ئىنتايىن تەس ئىدى. شارائىت ئاشۇنداق ناچار بولسىمۇ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق ھىچ كىمگە ھىچ نىمە توغرىسىدا تەلەپ قويمىدى. جىم-جىت يۈرۈپ، ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان ھەممە نەرسىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشتى. ئىككى مەۋسۇمدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپىغا قوشۇلۇپ ئوقۇغان 6 كەسپىي دەرسنىڭ ھەممىسىدە 80 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، بۇ مەكتەپنىمۇ ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىمۇ رازى قىلدى.

بۇ ۋاققىچە ئەركىن سىدىق تېخى جۇڭگودىكى مىللەتلەردىن باشقىنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ ۋە يەھۇدىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ياپونىيەدە 2 يېرىم يىل ياشاپ، ھەمدە ئامېرىكىغا كېلىپ بىر قانچە يەھۇدىلار بىلەن بىرگە ئىشلەپ باققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆگىنىش ئىشىدا تۇتقان يولىنى ئەسلەپ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىمۇ خۇددى ياپونلۇق ۋە يەھۇدىلارغا ئوخشاش ھەممە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى ئېرىشەلىگەن 1-يولنى ئېتىپ قويماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كىچىك يولنى چوڭايتىپ، بىلىم يولىدا يۈكسەك شىجائەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىنتىلگەنلىگىنى ھېس قىلدى. شۇنداقلا نوپۇسى 10 مىليونغا بارمايدىغان، ئادەملىرى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن يەھۇدىلاردىن قانداق قىلىپ ھازىرغىچە 160 تىن كۆپ كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىگەنلىگىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەھۇدىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر نادان ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرماي تۇرۇپمۇ، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر جەمىيىتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى توختىماي تەھلىل قىلىپ، توختىماي كۆزىتىپ، ئۆزىدە بىر يۈرۈش چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ئەينى ۋاقىتتا ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپتە قۇرۇلغان "شىنجاڭ سىنىپى" دىن ئىبارەت. ئەركىن سىدىق شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان مەزگىل مۇشۇنداق سىنىپلار قۇرۇلغىنىنىڭ 2-يىللىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ سىنىپلار بار مەكتەپتە يۇز بەرگەن ئەھۋاللار ئەركىن سىدىقنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. ئىنتايىن ئېچىندۇردى. ئەركىن سىدىق ئۆز مەكتىپىدىكى "شىنجاڭ سىنىپى" نىڭ دەرسىگە بارغاندا، ھەر كۈنى 2-3 ئوقۇغۇچى "ئاغرىپ قالدۇق"، دەپ دەرسكە كەلمەيتتى. بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىلاردىن ئۆتەلمەي، مەكتەپتىن چېكىنىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقى بىر 6 قەۋەتلىك چوڭ ياتاق بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدە بولۇپ، بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇلار ياتىقىدا كېچە سائەت 12 دىن ئاشقىچە ئولتۇرۇش قىلىپ (بىنانىڭ چىرىقى ئۆچۈرۈلگەندە ياتاققا شام ياندۇرۇپ قويۇپ)، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، پۈتۈن بىنادىكىلەرنى ئۇخلاتقۇزمىدى. ئۇلارغا گەپ قىلغىلى كەلگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ، مەكتەپتە بىر چوڭ ۋەقە تۇغدۇردى. شاڭخەيدىن باشقا يەرلەردىكى "شىنجاڭ سىنىپى" ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ، بەزىلىرى "قوش قەۋەتلىك كارىۋاتتا يېتىش بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزگە خىلاپ"، دەپ مەكتەپكە دەۋا قىلىپ، بىر قەۋەتلىك كارىۋاتتا يېتىشنى تەلەپ قىلغان. يەنە بەزىلىرى "بىز قۇربان ھېيتىدا چوقۇم قوي ئۆلتۈرمىسەك بولمايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتى"، دەپ، مەكتەپلىرىگە تىرىك قوي تاپقۇزغان. ھەممە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دېگىدەك ئۆز مەكتىپىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭ مۇشتلاش-جىدەللىرىنى تۇغدۇرغان. ئەركىن سىدىق بۇ ئەھۋاللارغا ئىنتايىن ئېچىندى. بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا 8 كىشى ياتىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئەينى ۋاقىتتا 12 كىشىلىك ياتاقتا تۇرۇپ باققان ئىدى. ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرلانغان بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ ھەرگىز ئاسانلىقچە قولغا كەلمىگەنلىگىنى تولۇق بىلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر رەھبەرلەر نۇرغۇن يول ماڭغان، باشقىلارغا ئىنتايىن كۆپ يالۋۇرغان ئىدى. مەقسىتى مۇشۇنداق يول ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيغۇر كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەپ يېتىلدۇرۇش ئىدى. سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەلىپى بىلەن، ئەركىن سىدىق بىر كۈنى ئۆز مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر سىنىپقا كىرىپ بىر سائەت سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى:

سىلەر بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن كەلدىڭلار؟ تاماق يېيىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئۇخلاش ئۈچۈنمۇ؟
سىلەر بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭلار؟ بەك ئەقىللىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنمۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بەك يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈنمۇ؟
سىلەرنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭلار قانداق جاپالارنى چېكىۋاتىدۇ بىلەمسىلەر؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر باشلىقلار ھازىر سىلەرنىڭ پوقۇڭلارنى تازىلاش ئۈچۈن نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ بىلەمسىلەر؟

ئەركىن سىدىق يوقۇرقى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى. ھەمدە ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ تۇرۇپ، ئادەم قانداق ياشىغاندا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ قىممىتى بولىدىغانلىقى، ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە قانداق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىدى. بۇ ئىشنى ئۇيغۇر سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى قوبۇل قىلدى. بۇ ئىشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ رولى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئەركىن سىدىقنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان بولدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 1983-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر ئۇيغۇر ئاشپەزمۇ ئەكەلدى (ھەر بىر "شىنجاڭ سىنىپى" غا بېشىدىن تارتىپلا بىر پۈتۈن كۈنلۈك ئۇيغۇر سىنىپ مۇدىرى ئەۋەتىلگەن ئىدى). شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقىدا زور ياخشىلىنىش بولدى. لېكىن، ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، "شىنجاڭ سىنىپى" شۇ بىر قېتىم بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. بىر قېتىم "شىنجاڭ سىنىپى" نى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرشنى رەت قىلدى. ئۇلارغا كەلگەن تەلەپ-دەۋالارنىڭ كۆپلىگى، ۋە مەكتەپتە يۇز بەرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ئۇرۇش-ماجرا ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇ مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرگە: "بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشىنىپ بولالمايدىكەنمىز. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز جايىڭلاردىلا تەربىيىلەڭلار" دىدى. ئەركىن سىدىق ھازىر پات-پات شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق سوئالنى سوراپ باقىدۇ: "ئەگەر ئۇ چاغدا بەرپا بولغىنى 'شىنجاڭ سىنىپى" بولماستىن، 'ياپونلۇقلار سىنىپى' بولۇپ قالغان بولسا، ياكى 'يەھۇدىلار سىنىپى' بولۇپ قالغان بولسا، ئىش قانداق بولار ئىدى-ھە؟ ئۇ چاغدا چوقۇم ئىش پۈتۈنلەي ھازىرقىنىڭ ئەكسىچە بولار ئىدى". جۇڭگو ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى جىق كۆرىدۇ. بۇ بىر پاكىت. لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇنداق پايدىسى ھېلىقى "شىنجاڭ سىنىپى" نى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەرگە بىۋاستە تېگىشى ناتايىن. ھېلىقى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭلىدە، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر چوڭ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى پۇلسىز ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ بېرىۋاتاتتى. ئۇلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قەرزدار ئەمەس، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇلار ئۈچۈن قەرزدار ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇ مەكتەپلەرگە تاماق يىگىلى ياكى ئۇخلىغىلى ئەمەس (ئەگەر مەقسىتىڭىز ياخشى يەپ ياخشى ئۇخلاش بولسا، سىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆيىڭىزدىن باشقا ھىچ قانداق يەرگە بارماسلىقىڭىز كېرەك)، ئوقۇغىلى بارغاندىكىن، بارلىق ئىمكانىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ياخشى ئوقۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىدا يەھۇدىلار بولۇپ قالغان بولسا، دەل ئاشۇنداق قىلغان بولاتتى. مۇشۇنداق ئالتۇندەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلىرىنى تەربىيىلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن بولاتتى (بۇنداق بولىشىغا ئەينى ۋاقىتتا شارائىت بار ئىدى). شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھېلىقى "شىنجاڭ سىنىپى" دا ئوقۇغان ئىككى قىز ئوقۇغۇچى ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. لېكىن نادان ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلالمىدى. بۇ ئالتۇندەك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئېرىشكەن 1-يولنى چوڭايتىپ مېڭىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى ساقلاپمۇ ماڭالماي، پۈتۈنلەي ئېتىپ قويدى.

لېكىن، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەر ئەركىن سىدىقتىن ئىنتايىن رازى بولدى. ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلىدى. بىر قېتىم ئۇلارنىڭ بىر مەكتەپ رەھبەرلىك ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى رەھبەرلەرگە ئۆز مەكتىپىدىكى ئەھۋالدىن دوكلاد بەرگەندە، "شىنجاڭ سىنىپى" ھەققىدىكى نارازىلىقىدىن كېيىن، "ئەگەر ئەركىن سىدىقتەك ئادەملەرنى تاللاپ ئەۋەتسەڭلەر، ئۇنداقلاردىن قانچىسى بولسا شۇنچىسىنى ئالىمىز"، دىدى.

1983-يىلى يازلىق تەتىلدە ئەركىن سىدىق نەنجىڭدىكى پراكتىكىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يۇرتقا قايتماي، يەنە شاڭخەيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ كۆپراق بىلىم ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلمەيدىغان "مىكرو-دولقۇنلۇق توك يولى" دېگەن بىر كەسپىي كىتابنى ئۇستازىدىن ئارىيەت ئېلىپ، ھەر كۈنى ئۇنى ئوقۇدى. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كالتە ئىشتاندىن باشقا كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپ، ئۆزىنى پاشىلىقنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ كىتاب ئوقۇدى. بۇ كەسپىي كىتابنى ئۆزىنى قاتتىق مەجبۇرلاپ تۇرۇپ، خۇددى رومان ئوقۇغاندەك ئوقۇپ چىقتى. ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت ۋاقىتنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزدى. 1983-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەركىن سىدىق پويىز بىلەن بېيجىڭگە بېرىپ، 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ قېتىم ئۇ بېيجىڭگە ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. يىغىن جەريانىدا ئالدىنقى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 17 نەپەر رەئىسلىرى بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلىقىنى باشقىلارغا تونۇشتۇردى. بۇ يىغىندا پەقەت ئەركىن سىدىقلا "مەن ئۆز كەسپىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدۇم" دېدى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي خىزمەتكە بۆلۈنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تەقسىم قىلىنغان 4-5 كىشى مۇشۇ يىغىن جەريانىدا تېخى قانداق قىلىپ بىر-بىرىنى يۆلەپ، ھوقۇق شوتىسىنىڭ يۇقىرى بالدىقىغا چىقىش توغرىسىدا بەزى پىلانلارنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. ئەركىن سىدىقنىڭ كۆڭلى ئازراقمۇ يېرىم بولمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ بۇ قېتىم بېيجىڭغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەندىن كېيىنكى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلارنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئەڭ ئۇتۇقلۇق، ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكەن، ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر ھۆرمەتتىن تەسەۋۋۇر قىلالىغۇسىز دەرىجىدە بەھرىمەن بولغان مەزگىللەر ئىدى. بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتى ئۇنىڭ شۇ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ -- ئەركىن سىدىق بۇ ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى ھاياتى جەريانىدا ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى.

ئامانگۈل مىنكاۋخەن ئوقۇغان بولغاچقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەركىن سىدىقتىن بىر يىل بالدۇر پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىندى. ھەمدە ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكىلەر ئەڭ ئاخىرقى يىلى "ئالگول" دەپ ئاتىلىدىغان كومپيۇتېر تىلىنى ئوقۇغاندا، ئامانگۈل ئاشۇ دەرسكە ياردەمچى ئوقۇتقۇچىمۇ بولغان ئىدى. بىر قېتىم ئامانگۈل دەرس ئۆتىۋېتىپ بىر سوئال سورىغاندا، ئەركىن سىدىق قول كۆتۈردى. تۆۋەندە ئولتۇرغان 2 سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە قول كۆتۈرگەنلەردىن ئەركىن سىدىقتىن باشقىسى بولمىغاچقا، ئامانگۈل نائىلاج ئەركىن سىدىقنىڭ جاۋاب بېرىشىگە رۇخسەت بەردى. ئەركىن سىدىقنىڭ جاۋابىدىن كېيىن ئامانگۈل "ئەركىننىڭ جاۋابى توغرا"، دېسە، تۆۋەندىكى بىر ئوقۇغۇچى چاقچاق قىلىپ، "جاۋاب بەرگەن ئەركىن بولغاندىكىن، ئۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ-دە"، دېدى. ئامانگۈل ئۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىر ئالىيىپ قويدى. 1983-يىلى كۈزدە، فاكۇلتېت ئامانگۈلنىمۇ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا كومپيۇتېر ئىلمى بويىچە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۈتمىگەن يەردە بۇ ئىككىسىگە شاڭخەيدە يېرىم يىل بىرگە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىلىپ قالدى. ئۇلار دەرسكە بارغان ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە بىرگە ئۆگىنىش قىلدى. ئۇلار كۇتۇپخانىدا، "شىنجاڭ سىنىپى" دا ۋە مىكرو-دولقۇن تەجرىبىخانىسىدا كېچە-كېچىلەپ بىرگە دەرس تەكرارلىدى. شۇ يىلى كۈزدىكى بىر بايرام جەريانىدا، ئەركىن سىدىق، ئامانگۈل، خالىق ۋە ئابلىكىم تۆتى بىرلىشىپ، خاڭجۇ شەھىرىگە بېرىپ، بىر قانچە كۈن بىرگە ساياھەت قىلىپ كەلدى. 1984-يىلى 1-ئايدا ئەركىن سىدىق ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىشتىن بۇرۇن، ئۇلار ئىككىسى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، توي قىلىشنىڭ بەزى تەييارلىقلىرىنى شاڭخەيدە قىلىۋالدى. بۇلار ئەركىن سىدىقنىڭ قەلبىدە توي قىلىشتىن بۇرۇنقى "مۇھەببەت ھاياتى" تىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ساقلانماقتا

Dr. Erkin Sidick's Short Biography

 Erkin7a
يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە. 1983-يىلى تارتىلغان.

 Erkin7b

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق ئۇستازى گۇ رۈيلۇڭ پروفېسسور بىلەن بىرگە. 1983-يىلى تارتىلغان.

 

 Erkin7c

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق بىلەن ئامانگۈل مەكتەپ سىرتىغا قاراپ ماڭماقتا. 1983-يىلى تارتىلغان.

 

 Erkin7d


يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق بىلەن ئامانگۈل خاڭجۇغا قىلغان ساياھىتى جەريانىدا
قالدۇرغان بىر خاتىرە رەسىم. 1983-يىلى تارتىلغان.
 

 Erkin7e

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق بىلەن بىرگە بىلىم ئاشۇرغان ئابلىكىم (ئوڭدىن 1-كىشى)،
خالىق (سولدىن 2-كىشى) ۋە "شىنجاڭ سىنىپى" نىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىلىرى. 1983-يىلى تارتىلغان.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦAlyar ﺑﯩﻠﻪﻥ بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇلۇبىدىن ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯔ.

 


باش بەتكە قايتىش