7-بۆلۈم

 

 شاڭخەيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن


ئەركىن سىدىق 1984-يىلى 1-ئايدا شاڭخەيدىكى بىر يىللىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ بويىچە 30 غا يېقىن خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ، بىر ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى "TOEFL" دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۆرۈش كۇرسىنى ئاچتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوقۇشقا بارىدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىناتتى. ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سۇلتان مۇئەللىم ئەركىن سىدىقنى ئاشۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇشقا ئايرىدى. بۇ مەكتەپ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى TOEFL ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن ئۇلار ئۈچۈن چەتكە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى يارىتىش ئىدى. بۇ دەرسكە ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتىدىكى ئىنگلىز تىلى بويىچە بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن سۇن جىيۈن خانىم مەسئۇل بولدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئىنگلىز تىلى ئاساسىنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇس TOEFL ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى. بۇ بىر "كۈچلەندۈرۈلگەن سىنىپ" بولغاچقا، دەرسنىڭ ئۆتىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، كۈندىلىك تاپشۇرۇق ۋەزىپىسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار 3 ئايدىن سەل كۆپرەك ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن بىر ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئىمتىھانى ئېلىندى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇتىدىغان كىشىلەرنى تاللاشتا، ئۇلارنى ئىنگلىزچە "English Proficiency Test" دېيىلىدىغان، قىسقارتىلىپ "EPT" دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە مەنىسى "ئىنگلىزچە سەۋىيە ئىمتىھانى" گە توغرا كېلىدىغان، مەملىكەت بويىچە بىر قانچە جايلاردا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان بىر ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ، شۇ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارنى تاللايتتى. بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 100 نومۇر بولۇپ، 80 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار لاياقەتلىك بولاتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلىقى 30 ئوقۇتقۇچىدىن ئىمتىھان ئالغاندىمۇ، ئاشۇ EPT ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى ئىشلەتكەن ئىدى. گەرچە بۇ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى مىنكاۋخەن بولۇپ، ئۇلار ئىنگلىز تىلىنى ئالىي مەكتەپتە رەسمىي دەرس قىلىپ ئوقۇپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئۇيغۇرلاردىن پەقەت ئەركىن سىدىق بىر كىشىلا لاياقەتلىك بولدى. بۇ ئىشتىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ 1-قول باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئايشەم ئاپپاي بارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ، دەرھال بىر يىغىن چاقىردى. يىغىندا ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدىغانلىقىنى، شۇڭا چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ھازىردىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا "بۇ قېتىم خۇدايىم بەرگەن ئەركىن سىدىق بىرلا ئادەم ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولدى. ئىش بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق بولىۋەرمىسۇن"، دەپ، ھەممەيلەننى ئەركىن سىدىقتەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

1984-يىلى 6-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقۇرىقى ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن 6 كىشىنى شىئەنگە مەملىكەتلىك EPT ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن پەقەت ئەركىن سىدىق بىرلا كىشى بولۇپ، قالغانلىرى خەنزۇلار ئىدى. ئۇلار ئىمتىھاننى تۈگىتىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىمتىھان نەتىجىسى مەكتەپكە يېتىپ كەلدى: ئەركىن سىدىق 85 نومۇر بىلەن EPT ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولدى.

ئەركىن سىدىق بۇ ۋاقىتتا فىزىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى مىكرو-دولقۇن تەجرىبىخانىسى قىلىنىدىغان بىر چوڭ دەرسخانىغا يانداش بولغان بىر كىچىك ئىشخانىنى ياتاق قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئاقسۇدىن ياغاچ ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى ئۈرۈمچىدە شال قىلىپ تىلدۇرۇپ، ئادەم ياللاپ بۇ شالدىن ئۆي جابدۇقلىرى ياساتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن مال سېتىۋالغۇچى، يەنە بىر تەرەپتىن ياغاچچىلارغا ئاشپەز بولۇپ، بىر ھەپتە قاتتىق ئىشلەپ، ئۆي جابدۇقلىرىنى پۈتتۈردى. ئاندىن يۇرتىغا قايتتى. ئامانگۈلمۇ شاڭخەيدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، يۇرتقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار 8-ئاينىڭ بېشىدا توي قىلىشنى پىلانلاپ، باغاقنى باستۇرۇپ بولغاندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئەركىن سىدىققا بىر تېلېفون كەلدى: "بىز ھازىر ئىمتىھان ئېلىپ، ياپونغا بارىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللىماقچى. ئەگەر سىزنىڭ ياپونغا بارغىڭىز بولسا، دەرھال ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىڭ!" ئۇ چاغدا چەتكە ئوقۇشقا چىقىش ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلالىغۇسىز دەرىجىدە قىيىن ئىش ئىدى. شۇنداقلا تەسەۋۋۇر قىلالىغۇسىز دەرىجىدىكى قىممەتلىك ئىش ئىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئامانگۈل ۋە باشقا تۇغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، توينى سەل كېچىكتۈرىدىغان بولۇپ، يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزى بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتى.

ئەسلىدە 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئىچكى موڭغۇل مائارىپ نازارىتى ياپونىيەنىڭ خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەر يىلى ئاشۇ بىرلەشمىگە قارايدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە بەلگىلىك ساندا ئوقۇغۇچى چىقىرىۋاتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ "بادەي" ئىسىملىك موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان بىر رەھبىرى بار بولۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن، ياپونىيە خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسى تارمىقىدىكى مەكتەپلەرگە ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 25 كىشىنى ئوقۇشقا چىقىرىش ئىشى ھەل قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئادەم تاللاشتا، ئۈرۈمچىدىكى 5 ئالىي مەكتەپتىكى يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن نەمۇنە دەپ قارالغانلارنى تاللاپ، ياپونىيە ئوقۇشىغا ئادەم تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش قارار قىلىنغان ئىدى. ئىمتىھان جەمى 3 پەندىن ئېلىناتتى: ئۆزىنىڭ كەسپىدىن بىر پەن، بىر چەت ئەل تىلى، ۋە ماتېماتىكا. بۇ ئىمتىھانغا ئۈرۈمچى بويىچە 50 نەپەر ئەتراپىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتى. ئەركىن سىدىق ئىمتىھاننى تۈگىتىپلا يۇرتقا قايتىپ كەلدى. ھەمدە 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئامانگۈل بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي قىلىپ 2 كۈندىن كېيىنلا ئۈرۈمچىدىن ئەركىن سىدىققا خۇش خەۋەر كەلدى: ئەركىن سىدىق ھېلىقى ئىمتىھانلاردىن 1-بولۇپ ئۆتۈپ، ياپونىيىدىكى ئوقۇشقا تاللىنىپتۇ. بۇ ئىمتىھانلارنىڭ تولۇق نومۇرى 300 نومۇر بولۇپ، ئەركىن سىدىق 240 نومۇر ئېلىپتۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇپ ئۈرۈمچىدە ئوقۇتقۇچى بولغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى 180 نومۇر بىلەن ئىككىنچىلىك ئورۇنغا ئېرىشىپتۇ. ئەللىك نومۇردىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلاردىنمۇ بىر قانچىسى تاللىنىپ، بۇ ئوقۇشقا جەمى 15 كىشى تاللىنىپتۇ. ياپونىيەگە چىقىدىغانلارغا ياپون تىلى ئۆگىتىدىغان كۇرس 9-ئاينىڭ بېشىدىلا باشلىنىدىغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ خەۋەردىن كېيىن ئاقسۇدا زادىلا تۇرغۇسى كەلمىدى.

توي قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، ئامانگۈل بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۇلارغا "ئۆڭكۈر ئۆي" دەپ ئاتىلىدىغان، مەكتەپنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان چوڭ گولۇفاڭ غا يانداش بولغان بىر ئېغىزلىق ئۆيدىن بىرنى بەردى. ئۆينىڭ بىرلا دېرىزىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاشۇ گولۇفاڭغا قارايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى بار ئارقا تامغا يۆلەپ كۆمۈر دۆۋىلەنگەن بولۇپ، كۆمۈر ئۆي دېرىزىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى توسۇپ تۇراتتى. كۆمۈرنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئۆيگە داۋاملىق كىرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆينىڭ دېرىزىسىنى پلاستىك بىلەن پۈتۈنلەي توسۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە ھاۋا كىرىدىغان يەردىن پەقەت دېرىزىنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى ئىشىكلا قالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچى داۋاملىق دىمىق بولۇپ تۇراتتى. ئۆينىڭ تورۇسى سىلىندىر (يەنى چەمبىرەك) شەكلىدە ئەگرى بولغاچقا، بۇ ئۆيلەرگە "ئۆڭكۈر ئۆي" دەپ ئىسىم قويۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ بىر، كارىدورلۇق 2 قەۋەت بىنا بولۇپ، كارىدورنىڭ ئىككىلا تەرىپىدە ئۆيلەر بار ئىدى. ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا بۇ بىنادا ئوقۇغۇچىلارمۇ تۇراتتى. شۇڭا ھەر كۈنى 3 ۋاق تاماق ۋاقتى بولغاندا، كارىدور ئادەمگە لىق توشاتتى. ئۆينىڭ ئىچى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پۈتۈن بىنادىمۇ بىرەر ھاجەتخانا يوق ئىدى. بۇ بىنادا تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا "3 يېرىم قەۋەتلىك بىنا" دەپ ئاتىلىدىغان بىر سېرىق رەڭلىك داڭلىق بىنانىڭ قېشىدىكى بىر قەدىمىي شەكىلدە ياسالغان ھاجەتخانىغا باراتتى (ئەركىن سىدىق 2006-يىلى يازدا يۇرتقا بارغاندا، ئاتايىتەن بېرىپ بۇ 3 يېرىم قەۋەت بىنانى كۆرۈپ كەلدى). بۇ بىنانىڭ كارىدورىدىمۇ، سىرىتتىمۇ، ۋە ھېلىقى ھاجەتخانىدىمۇ ھېچ قانداق چىراغ يوق بولۇپ، بۇ بىنا بىلەن ھاجەتخانىنىڭ ئارىلىقىدىكى يوللاردا مۇز توڭلاپ كېتىدىغان بولغاچقا، قىش كۈنىنىڭ كېچىلىرى بۇ بىنادىن ھاجەتخانىغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. سۇنىمۇ 100 مېتىردىن يىراقراق كېلىدىغان بىر يەردىن ئەكىلىشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغدا گاز ئوچاق تېخى پەيدا بولمىغان بولۇپ، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ، مۇشۇنداق ئۆيگە ئېرىشەلىگەن ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى كىرسىن ئوچىقىدا تاماق ئېتەتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيى پەقەت بىرلا ئېغىز ئوي بولغاچقا، تاماقنى كارىدوردا ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار كارىدوردا ئادەم ئانچە ماڭمايدىغان ۋاقىتنى تاللاپ، ئاش ئېتىۋالاتتى. ئەركىن سىدىقتەك بىر ئېغىز ئۆيگە ئېرىشكەنلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ تەلەيلىك ياشلار بولۇپ، باشقا نۇرغۇن يېڭى توي قىلغان ياشلار خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە مۇشۇنداق ئۆيگىمۇ ئېرىشەلمەي ئۆيسىز يۈرگەن ئىدى.

ئەركىن سىدىق ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆينى ئەمدى يىغىشتۇرۇپ بولغاندا، ئۇلارنىڭ ياپون تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسى باشلاندى. ئۇلارغا تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا، ھەمدە ياپون تىلىنى ئۆتىدىغان 2 نەپەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى شىنجاڭ تىببى ئىنستىتۇتىدا بولغاچقا، مائارىپ نازارىتى بۇ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن شىنجاڭ تىببى ئىنستىتۇتىدا يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېلىقى تاللانغان 15 ئوقۇغۇچىدىن ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئەڭ ياخشى ئوقۇغان 10 كىشىنىلا تاللاپ ياپونغا ماڭدۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ 15 ئوقۇغۇچى ئىنتايىن كەسكىن رىقابەتكە چۆمدى. ھەممەيلەن شىنجاڭ تىببى ئىنستىتۇتىدىكى ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ، 1984-يىلى 9-ئايدا جىددىي ئوقۇشنى باشلىۋەتتى. ھەممەيلەننىڭ ھېلىقى 10 سانغا كىرىش ئارزۇسى بار ئىدى. ھىچ قايسىسى ياپونغا بارىدىغان ساندىن چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، ھەممە كىشى ئوخشاشلا قاتتىق تىرىشتى. ئەركىن سىدىق بۇرۇن ياپون تىلىدا خېلى ئوبدان ئاساس سېلىۋالغان بولۇپ، مۇشۇ سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ بىلگىنىنى ھىچ كىمدىن ئايىماي، باشقىلارغا يېقىندىن ياردەم بەردى. بەزىدە سىنىپ بويىچە بىرەر چۈشەنمىگەن مەسىلىگە دۇچ كەلسە، ئەركىن سىدىق دەرس تەكرارلاش ۋاقتىدا سىنىپنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، پۈتۈن سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئورتاق دەرس چۈشەندۈردى.

1985-يىلى ئەتىيازدا بۇ ياپون تىلى سىنىپى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، دەرس ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى. مۇشۇ تىل ئۆگىنىش مەزگىلىدە ئەركىن سىدىقنىڭ سىنىپىدىكى بىر ئوقۇغۇچى توي قىلغان بولۇپ، ھېلىقى 10 ساندىن قېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇ بۈگۈنى توي قىلىپ، ئەتىسىلا ياتاققا بېرىۋالغان ئىدى. ئەركىن سىدىقمۇ ھەر دۈشەنبە كۈنى ياتاققا كېتىپ، چارشەنبە كۈنى قايتىپ كېلىپ ئۆيدە بىر ئاخشام تۇرۇپ، ئاندىن شەنبە كۈنى كەچتە يەنە قايتىپ كېلىپ يۇردى.

1985-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، مەرھۇم ھاكىم جاپپار، مەكتەپنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى سۇلتان مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئوقۇش باشقارمىسىنىڭ سابىق 1-قول باشلىقى ئايشەم ئاپپاينىڭ يول مېڭىشى بىلەن فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىغا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن بىرسى ھەل بولدى. ئۇ چاغدا تىلدا لاياقەتلىك بولغان باشقا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولمىغاچقا، مەكتەپ ئۇ ئوقۇشقا ئەركىن سىدىقنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. شۇ چاغدا ئامېرىكا كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Northridge دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىكى شۆبىسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى Paul Chow ئەپەندىم بېيجىڭگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇشقا ماڭدۇرىدىغان كاندىدات بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق دەرھال مالىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييار بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، "ئەركىن سىدىقنىڭ ياپوندىكى ئوقۇشى ھازىر مۇقىم بولۇپ بولدى. ئۇنى ئەمدى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئامېرىكىغا ماڭدۇرۇشقا بولمايدۇ"، دەپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يوليورۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق بېيجىڭگە بارماي، ئۆزى بۇ سەپەر ئۈچۈن ئالغان پۇلنى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 79-يىللىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپ قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ياپونىيەدە يېڭى ئوقۇش يىلى ھەر يىلنىڭ 4-ئېيىدا باشلىنىدۇ. 1985-يىلى 4-ئاي كىرگەندە، ياپون تىلى سىنىپىدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ياپونىيىدىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەت تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلىدى. بىر ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە جەمى 5 تەك ئوقۇغۇچىغا خەت كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەركىن سىدىقمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان ئوقۇغۇچىلار چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇلار "ماڭا ياپونىيەدىن ئوقۇش چاقىرىقى كەلدى"، دەپ ئويلاپ يۇردى. ئەمما خەت تەگمىگەنلەر بولسا ئىنتايىن قاتتىق ھەسرەتكە قالدى. بىر ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بۇ سىنىپتىكى 15 كىشىنىڭ تەڭدىن تولىسى بىراقلا تاماكا چېكىدىغان بولۇپ كەتتى. نىمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچ كىم بىلمەيتتى. ھەممە ئادەم ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن گەپ تىڭ-تىڭلاپ يۈردى. 1985-يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئەركىن سىدىققا ھېلىقى خەت كەلگەنلەرنىڭ خېتى بىلەن پاسپورتىنى يىغىپ بېرىپ، ئۇنى بېيجىڭگە ئاشۇ 5 كىشى ئۈچۈن ياپونىيە كونسۇلخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ كېلىشكە ماڭدۇردى. ئەركىن سىدىق بېيجىڭگە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ 5 كىشىگە ياپونىيەدىن كەلگىنى ئوقۇش چاقىرىق قەغىزى بولماستىن، بىر ئادەتتىكى مۇبارەك خېتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ۋىزا بېجىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن سىدىق شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. دېمەك، ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشى ئاساسەن مەۋجۇد بولمىغاچقا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن تارتىپ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگىچە بىرەرمۇ ئادەم چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ نىمە رەسمىيەتلىرى بارلىقىنى بىلمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ياپون تىلى سىنىپىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار 7-ئايغىچە تىل ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەتىل باشلانغاندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇردى.

ئامانگۈلنىڭ بىر ھەدىسى بىلەن بىر ئىنىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلاتتى. ئاقسۇدا بىرمۇ بالىسى قالمىغانلىقتىن، ئامانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى 1984-يىلىنىڭ ئاخىرى پېنسىيىگە چىقىپ، بالىلىرى بىلەن بىر يەردە تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆيىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلدى. 1985-يىلى 6-ئايدا ئەركىن سىدىقنىڭ 1-پەرزەنتى دىلنارە تۇغۇلدى. ئامانگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە 2 ئايدىن كۆپرەك تۇرۇپ، 9-ئايدا كۈزلۈك مەۋسۇم ئوقۇشى باشلانغاندا ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. مانا شۇ چاغدا ئەركىن سىدىققا ئۆز بالىسىنى بېقىش پۇرسىتى ئازراق بولغان ئىدى. بىر قېتىم ئامانگۈلنىڭ دەرس ئۆتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قېلىپ، ئۇخلاپ قالغان بالىنى ئەركىن سىدىققا 2 سائەت قاراپ تۇرۇشقا قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئارىلىقتا دىلنارە ئويغىنىپ كېتىپ، قورسىقى ئاچقانلىقتىن قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. باشقىلارنىڭ يىغىسىغا چىدىيالمايدىغان ئەركىن سىدىق بالىنى دەرھال قۇچىقىغا ئېلىۋالدى. لېكىن، بالىغا سۈت بېرىش ئۈچۈن، كىرسىن ئوچاقنى كارىدورغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، سۈتنى ئۇنىڭدا قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى سوۋۇتۇپ، ئاندىن ئۇنى بالىغا بېرىش كېرەك ئىدى. بۇ مەشغۇلاتلارنى بالىنى قۇچىقىدا تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن دىلنارەنىڭ قاتتىق يىغلىغىنىغا قارىماي، ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ تۇرۇپ، دەرھال سۈتنى تەييارلىدى. لېكىن، شۇ ئارىلىقتا بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىماي، ئەركىن سىدىقمۇ يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالغان ئىدى. مۇشۇ بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئامانگۈلنىڭ كېچە ۋە كۈندۈزى بالا بېقىشىنى كۆرۈپ، ئەركىن سىدىق ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. نىمە ئۈچۈن كىشىلەر "ئانا ۋەتىنىم"، "ئانا يۇرتۇم"، "ئانا تىلىم" دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى "ئانا" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ئاتا" دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. ئۇ "ئۆز ئاپىسىنى ۋە ئايالىنى قانچىلىك قەدىرلىسىمۇ ئازلىق قىلىدىكەن"، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى.

1985-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ ياپون تىلى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونغا چىقىپ ئوقۇش ئىشى مۇقىملىشىپ، ھەممەيلەن جىددى ھالەتتە چەتكە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ھېلىقى 15 كىشىنىڭ ھەممىسىگە چاقىرىق كېلىپلا قالماستىن، شىنجاڭ تىببى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياپون تىلى سىنىپىغا كىرگۈزۈپ قويغان 2 كىشىگىمۇ چاقىرىق كەلدى. شۇنداق قىلىپ ياپونىيەگە بۇ 1-قاراردا 17 كىشى ئوقۇشقا چىقىدىغان بولدى. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ تىببى ئىنستىتۇتىدا بىر ئۇزىتىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ھېلىقى 17 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ۋاكالىتەن ئەركىن سىدىق ياپون تىلىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سۆزىنى قىلدى.

9-ئاينىڭ 20-نەچچىنچى كۈنى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، ياپونىيەگە قاراپ سەپەر قىلىدىغان كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. يولغا چىقىدىغان كۈنى ئەركىن سىدىق ئۆيىگە كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھاياجانلىق ئىچىدە خۇشال-خۇرام پاراڭلاشتى. خۇشال-خۇرام خوشلاشتى. ماشىنا ماڭىدىغان بولۇپ، ئەمدى 3 ئايلىق بولغان قىزى دىلنارەنىڭ مەڭزىگە سۆيگەن ۋاقىتتا ئەركىن سىدىقنىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ياش ئېقىشقا باشلىدى. ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ياش توختىمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن سىدىق ھېچ كىمگە سۆزمۇ قىلالمىدى. سۆزلەي دېسىمۇ ئاۋازى چىقمايتتى. شۇڭا ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرىمىغا يېتىپ بارغىچىمۇ جىمجىت ئولتۇردى. بۇ بىر تەرەپتىن ھاياجانلىق يېشى ئىدى: ئەركىن سىدىق كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، مانا ئەمدى ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بىر ھەسرەت يېشى ئىدى. كىچىكىدىن تارتىپ بىر بەختلىك ئائىلە ۋە گۈزەل ھاياتنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئەركىن سىدىق ئۇلارغا ئاخىرى ئېرىشكەن بولسىمۇ، مانا ئەمدى ئۇلاردىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىپ، ئۆزى پەقەتلا بىلمەيدىغان بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۆزى يالغۇز 2 يىل ياشاش ئۈچۈن يولغا چىقتى. بۇ 2 يىل جەريانىدا ئۇ ئامانگۈلنى ۋە قىزى دىلنارىنى كۆرەلمەيتتى. دىلنارىنىڭ قانداق ئۆمىلىگىنىنى، قانداق ماڭغىنىنى، ۋە قانداق تىلى چىققانلىقىنى كۆرەلمەيتتى. ئۆزى ئەڭ ئارزۇ قىلغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزى ئەڭ ئارزۇ قىلغان يەنە بىر نەرسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇ ئايرۇدۇرۇمغا بېرىپمۇ ئانچە كۆپ گەپ قىلمىدى. ھەمدە ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان ۋاقىت توشقان ھامان ھەممىنىڭ ئالدىدا ئايروپىلانغا قاراپ مېڭىپ كەتتى

Dr. Erkin Sidick's Short Biography

 Erkin8a

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىقنىڭ توي مەرىكىسىدىن كېيىنكى ئاخشاملىق ياشلار ئولتۇرىشىدىن بىر كۆرۈنۈش.
بۇ رەسىم 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان.
 

 Erkin8b

يوقۇرقى رەسىم: تويدىن كېيىنكى ياشلار ئولتۇرۇشىغا قاتناشقان ئوغۇل مېھمانلارنىڭ بىر قىسمى.

 

 Erkin8c

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ سابىق 1-قول باشلىقى
ئايشەم ئاپپاي بىلەن بىرگە. بۇ رەسىم 2006-يىلى 9-ئايدا تارتىلغان.
 

Erkin8d 

يوقۇرقى رەسىم: 1984-يىلى 6-ئايدا شىئەن دىكى ئەپت ئىمتىھانىغا قاتناشقان
6 ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتىرىسى. بۇ رەسىم شۇ چاغدا شىئەن دە تارتىلغان.


باش بەتكە قايتىش