8- ﺑﯚﻟﯜﻡ

ياپونىيىدىكى ئوقۇش


ئەركىن سىدىق 1985-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىگە كېلىپ، ياپونىيىدىكى بىلىم ئاشۇرۇشنى باشلىدى. ئەركىن سىدىقنى قوبۇل قىلغان مەكتەپنىڭ ئىسمى ئوساكا ئېلېكترونلۇق خەۋەرلىشىش ئۇنىۋېرسىتېتى (تور بېتى:http://www.osakac.ac.jp بولۇپ، تۆۋەندە OEXU دەپ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇ ئوساكاغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان Neyagawa شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ مەكتەپ ياپونىيىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر كىچىك مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدا باكلاۋېر ئۇنۋانىدىن باشقا ئۇنۋانلار بېرىلمەيتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ نىمە سەۋەبتىن بۇ مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭغا ئۇستاز بولغان كىشى مەكتەپنىڭ خەۋەرلىشىش ئېنژېنېرلىكى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئەسلى مىللىتى كورىيەلىك ئىدى. ئەركىن سىدىق يېڭى كېلىپ، بۇ پروفېسسورنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەشكە باشلىغاندا، ئۇ كىشى ئەركىن سىدىقنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمىدى. ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئۇنىڭ ئۇستازى كېلىپ، ئەركىن سىدىقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا ياپون تىلىدا سالام بەرسە، ئۇ جاۋابمۇ بەرمەي ئۆتۈپ كەتتى. ئەركىن سىدىق بىر نەرسىنى سورىغىلى ئۇ پروفېسسورنىڭ يېنىغا كىرسە، ئۇ كىشى ئانچە چىرايىنى ئاچمايتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ سوئالىغىمۇ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپ ئانچە خوش ياقمىغاندەك جاۋاب بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ بۇ كىشى ئۈچۈن بىر ئارتۇقچە يۈك بولۇپ تۇيىلىۋاتقانلىغىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا ھېچ قانداق تەجرىبىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەكتەپلەر ئۇلارنى پۇلسىز ئوقۇتۇپ قويۇۋاتاتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىق دەردىنى ئىچىدە بىلىپ، كۆڭلىدىكى بىئاراملىقنى ھېچ كىمگە بىلىندۈرمىدى. ئۇ كېلىپ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇستازى ئۇنىڭغا بىر دۆۋە كىتاپ-ژورنال بىلەن 10-20 پارچە ياپون ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي ماقالىنى تاشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئاشۇلارنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ كىشىنىڭ تەتقىقات قىلىدىغىنى مىكرو-دولقۇن خەۋەرلىشىشىگە ئىشلىتىدىغان ئانتېننا ۋە باشقا بىر قىسىم زاپچاسلار بولۇپ، ئەركىن سىدىقمۇ تەبىئىي ھالدا ئاشۇ يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى. ياپونلۇقلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا خىزمەت باشلايدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 8 دىلا ئىشخانىغا بېرىپ، يېرىم كېچە سائەت 12 گىچە ئۆگىنىش قىلدى. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا تاكى ياتاققا ئۇخلىغىلى بارغىچە كەچلىك تاماقنىمۇ يېمىدى. ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇستازى بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىشتىن باشلاپ، چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى تەجرىبىخانىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى. شۇنداق قىلىپ ئۆز ئۇستازىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىۋېلىپ، ياپونغا كېلىپ 2 ئاي ئۆتمەيلا بىر يېڭى نەزەرىيىۋى مەسىلە ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ياپونىيىگە كېلىپ 3 ئاي ئۆتكەندە تەتقىقاتتا بىر يېڭى نەتىجە چىقىرىپ، ياپونىيىنىڭ مەملىكەتلىك ئېلېكترونلۇق خەۋەرلىشىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بىر مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا ئۆزىنىڭ 1-ئىلمىي ماقالىسىنى يوللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
ياپونىيىدە يېڭى ئوقۇش يىلى ھەر يىلنىڭ ئاپرىل ئېيىدا باشلىنىدۇ. 1986-يىلى 4-ئايدا، ئەركىن سىدىق بىلەن بىرگە 1-تۈركۈمدە ياپونغا ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن تولىسى ئۆز مەكتىپىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىپ كەتتى. بۇنداق ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ھەمدە ئاشۇ يولدا ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئەركىن سىدىق بولسا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىلمەيدىغان بىر مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاسپىرانت بولالماي، ئىنتايىن تىت-تىت بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆز تەتقىقاتىنى بۇرۇنقىدەكلا ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان سۇلتان مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەكتەپ ئالمىشىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ ئارىلىقتا ياپونىيىدە ئېنژېنېرلىك ساھەسىدە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى ئەركىن سىدىقنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپ، ۋە ئۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ئەركىن سىدىقنى ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلىدىغان تەتقىقات مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ھەمدە يول كىراسىنىمۇ ئاشۇ پروفېسسور ئۆزى چىقىرىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئەركىن سىدىقنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش ئارزۇسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ پروفېسسور ئۆز مەكتىپىگە ئېيتىپ، ئەركىن سىدىقنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدىغان بولدى. سۇلتان مۇئەللىممۇ بەزى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىقنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بۇ ئىشقا "ئەركىن بىزنى ياراتمىدى" دەپ قاراپ خاپا بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەركىن سىدىقنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى ۋە تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن ئالاھىدە نەتىجىلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشىنى قىزغىن قوللاپ، بۇ ئىش ئۈچۈن تولۇق كۈچ چىقاردى. بۇنىڭدىن ئەركىن سىدىق چەكسىز خۇشال بولدى. مەكتەپ ئالمىشىش ۋاقتىنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىگە ئىنتايىن تەقەززا بولۇپ يۇردى.

1986-يىلى 20-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيىنىڭ بىردىن-بىر مەملىكەتلىك تېلېۋىزور ئىستانسىسى بولغان NHK "9-نۆۋەتلىك چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپون تىلىدا تەشەببۇسنامە قىلىش مۇسابىقىسى" دېگەن ماۋزۇدا بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ Kobe دىكى Kansei Gakuyin ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن "يىپەك يولىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە تەييارلاپ، ئۇنى مۇشۇ مۇسابىقىدە ئوقۇدى. ھەمدە 72 دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 4-بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھاياجانلانلدى. ھەمدە ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. بۇ ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قازانغان 1-قېتىملىق چوڭ شان-شەرىپى ئىدى.

1986-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندى ياپونىيىگە كېلىپ، كيوتو «مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى» دە «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى -- قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن ماۋزۇدا ئىلمىي دوكلات بەردى. بۇ دوكلاتنى ئەركىن سىدىق نەق مەيداندا ئۇيغۇرچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. ھەمدە ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم كيوتو ۋە ئوساكالاردا ئېكسكۇرسىيىدە بولغاندا ئۇنىڭغا تەرجىمان بولۇپ بەردى. بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدا 1988-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن بىر ماقالىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بار بولۇپ، ئۇنىڭغا قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى تور بېتىدىن بىرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
http://www.meripet.com/Sohbet/Oylunush.htm
http://www.orkhun.com/bbsxp7/ShowPost.asp?ThreadID=55
http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... &extra=page%3D1
1987-يىلى ئەتىيازدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر رەھبەرلىك ئۆمىكى ياپونىيىگە ئېكىسكۇرسىيە ۋە خىزمەت تەكشۈرۈشكە كەلدى. ئۇلار ئەركىن سىدىقنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ، بىر يىغىن زالىغا كەلتۈرۈلگەن چۈشلۈك تاماقنى يېيىش جەريانىدا، بۇ مەكتەپنىڭ 1-قول مۇدىرى ئۇلارغا ئەركىن سىدىقنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سۆزلەپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۆمەكنىڭ باشلىقى بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىپ ئاسپىرانت بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارغا بىر تەرەپتىن تازىم قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا: "ئەركىن بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئۆزىدە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تالانت بارلىقىنى، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتتا دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھەمدە تەتقىقاتتا بىز بۇرۇن ئانچە كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىزنىڭچە ئەركىننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بولىدۇ. مۇمكىن بولسا قارارىڭلارنى قايتا ئويلىشىپ باقساڭلار. سىلەر ئەركىننى قانچە ئوقۇتساڭلارمۇ ھەرگىز زىيان تارتمايسىلەر"، دېدى. لېكىن ھېلىقى ئۆمەكنىڭ كىشىلىرى گەپ قىلماي جىملا تۇرىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئەركىن سىدىق بىلەن بىر تۈركۈمدە كەلگەنلەر ئىچىدە مەكتەپ ئالمىشىپ ئاسپىرانت بولغان باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئارمانىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ھەسرەتكە چۆمدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ياپونلۇقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن جۇڭگودىن كەلگەن ئۆمەكنىڭ كىشىلىرىگە تازىم قىلىپ، ئۇلارغا باش ئېگىپ، ئۇلارغا يېلىنىپ يالۋۇرىۋاتقان كۆرۈنۈشكە قاراپ يۈرىكى قاتتىق ئېزىلدى. (ياپونلۇقلارنىڭ بىر مىجەزى، ئۇلار ئادەتتە ھەرگىز باشقىلارغا باش ئەگمەيدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا باشقىلارغا باش ئېگىشنىڭ ئورنىغا قورسىقىغا پىچاق ياكى قىلىچ تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.) شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز غۇۋالىشىپ، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىپ قىلچە ئاۋاز چىقارمىدى. لېكىن بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە نىمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى ئۇنىڭ مېڭىسىگە ئازراقمۇ كىرمىدى. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ بۇنداق قاتتىق يىغلاپ باقمىغان ئىدى. ياپونلۇقلار ئۈچۈن، ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان پەللىگىچە ئوقۇش بىر ئادەتتىكى ئىش ئىدى. لېكىن ئەركىن سىدىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان پەللىگىچە ئوقۇش ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇر ياشلىرى بەھرىمەن بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلاردىن ۋاز كېچىپ، بىر ئۆمۈر قاتتىق تىرىشىپ، ھەممە ئىمتىھان ۋە تاللاشلاردا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئېرىشتى. ئۇ دۇنيا بويىچە قاتتىق ئىشلەشتە ئەڭ داڭلىق بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ قاتتىق ئىشلەشتە ھەيران قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭمۇ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كۆز ئالدىدىكى بۇ بىر ئالتۇندەك پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىش ئەركىن سىدىققا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئازراقمۇ چۈشكۈنلەشمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك تىرىشتى. گەرچە ھەر سائەت ۋە ھەر كۈننى چوڭقۇر پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تەتقىقاتقا بېغىشلاپ، چەلگە ئوقۇشقا چىقىپمۇ ئۇنۋان ئالالماسلىقنىڭ ئورنىنى ئەلا تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تولدۇرۇشقا بەل باغلىدى. مىنۇت-سېكۇنت ۋاقىتنىمۇ چىڭ تۇتتى. ئۆز ئىشخانىسىدا تەتقىقاتقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلىگەنلىكى، ياتاققا بارسا ئەتراپىدا ھېچ قانداق تونۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتى ئاساسەن يوق بولۇپ، بەزىدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ گەپ قىلغان ۋاقتى يېرىم سائەتكىمۇ يەتمەيتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بۇ ئۆمەك قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇدىرى بىر كۈنى ئۇنى ئۆز ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئىنتايىن ئارماندا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە ئەركىن سىدىقتىن "مەن سەن ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان باشقا بىرەر ئىشمۇ بارمۇ؟" دەپ سورىدى. ئەركىن سىدىق ئۇنىڭغا "ئەگەر سەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇشۇ ئوقۇش ئىشىغا مەسئۇل كىشى بادەي ئەپەندىگە بىر پارچە خەت يېزىپ باقساڭ، ئېھتىمال پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن"، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى بادەيگە بىر پارچە خەت يازدى. ئارىلىقتىن 2 ئاي ئۆتتى. ئۈچ ئايمۇ ئۆتتى. لېكىن بادەيدىن جاۋاب خەت كەلمىدى. بۇ جەرياندا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھەر قېتىم ئەركىن سىدىقنى كۆرگەندە "مېنىڭ خېتىمگە زادىلا جاۋاب كەلمەيۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن شۇنداقلىقىنى بىلەمسەن؟" دەپ سوراپ تۇردى. ئۇنىڭ سوئالىغا ئەركىن سىدىق جاۋاب بېرەلمەيتتى. ياپونىيىدە بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى خۇددى شۇ مەكتەپنىڭ پادىشاھىغا ئوخشاش قارىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەركىن سىدىق ئۈچۈن يۇقۇرىقىدەك قىلىشى بىر كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ھەقىقىي ئىنسانلىقنىڭ سۈپىتىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ياپونلۇقلار ئۈچۈن يازغان خېتىگە جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالالماسلىق بىر ھەرگىزمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. بۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن سىدىقنى ئۆزىنىڭ بىر دوستىدەك كۆرۈپ، ئۆز ئۆيىگە ئۇنىڭ ئۇستازى بىلەن ئىككىسىنى بىر قېتىم مېھماندارچىلىققا چاقىردى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇستازى بۇ مەكتەپتە ئىشلىگىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىشى مۇشۇ قېتىم تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن. 1991-يىلى يازدا ئەركىن سىدىق ئامانگۈل بىلەن يۇرتقا قايتاشىدا ئالدى بىلەن ياپونىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە 10 كۈن تۇردى. شۇ جەريانىدا ئۇلار ئەركىن سىدىق بۇرۇن ئوقۇغان مەكتەپكىمۇ باردى. بۇ مەكتەپ بۇ ئىككىسى ئۈچۈن بىر ئالاھىدە زىياپەت بەردى. شۇ زىياپەت جەريانىدا ھېلىقى مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن سىدىققا مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ مەكتەپتە بولۇپ ئۆتكەن ئەركىن سىدىق ۋەقەسى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ مەكتەپتە ماگىستىرلىق پروگراممىسى ئېچىشقا قەتئىي بەل باغلىدىم. ھەمدە ئىككى يىل قاتتىق تىرىشىپ، 1990-يىلى بۇ پروگراممىنى رەسمىي باشلىدۇق. شۇڭا بۇ ئىشتا سېنىڭ تۆھپەڭ بەك چوڭ. ئەگەر ئەركىن سىدىق ۋەقەسى بولۇپ ئۆتمىگەن بولسا، بۇ ئىشنى بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولالمايتتىم".

بىرىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ياپونغا بارغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇلارنىڭ ئارىلىقتا يۇرتقا قايتىپ كېلىپ تۇغقان يوقلىشىغا، ياكى ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ياپونغا بېرىشىغا پۈتۈنلەي يول قويمىدى. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا تېلېفون تېخى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى پەقەت پوچتىخانىدىلا قىلغىلى بولاتتى. شۇڭلاشقا ئەركىن سىدىق ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرەر قېتىممۇ تېلېفوندا سوزلىشەلمىدى. ئۇ ھەر يەكشەنبە كۈنى ئىشخانىسىغا كېلىپ، 2-3 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئامانگۈلگە خەت يازدى. ئامانگۈلمۇ ھەر ھەپتىدە خەت قايتۇردى. ئۇ چاغدا ياپونىيىدىن ئۈرۈمچىگە بىر پارچە خەت 15 كۈندە ئاران تېگەتتى. شۇڭا ئۇلار ھەر قېتىم بىر-بىرىگە خەت يازغاندا 2 ھەپتىدىن بۇرۇن يېزىلغان خەتكە جاۋاب يازاتتى. ئامانگۈلنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئىچىدە ئېرى ياپونغا ئوقۇشقا كەتكەنلەردىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلارغا ئەرلىرىدىن نەچچە ئايدا ئاران بىر قېتىم خەت كېلىدىغان بولغاچقا، ياپونىيىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ئۇلار پات-پات ئامانگۈلنىڭ قېشىغا كىرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

1987-يىلى 5-ئايدا، ئەركىن سىدىق ئۇستازى بىلەن بىللە ياپون-جۇڭگو بىرلىشىپ ئاچقان بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا باردى. يىغىن نەنجىڭدە ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن سىدىق تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلىدا ئۆز تەتقىقاتىدىن دوكلات بەردى. ئۇنىڭ ئىنگلىزچىسى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇ دەيدىغان ھەر بىر جۈملە سۆزلىرىنى ئىنگلىزچە يادلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇنداق بىر يىغىنغا قاتنىشالىغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلىققا چۆمگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا جاكالىۋەتكۈسى كەلدى. شۇڭا سۆزلەش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە، ئۇ ئالدى بىلەن "مېنىڭ ئىسمىم ئەركىن سىدىق. مەن ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر بولىمەن"، دېدى. خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا سۆزگە چىققاندا، گەپنى بۇنداق باشلاش ئادىتى يوق ئىدى. شۇڭا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەركىن سىدىق بىلەن ئوخشاش مەكتەپتىن كەلگەنلەر بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران بولمىدى. ئۇلار ئەركىن سىدىقنىڭ كىملىكىنى بىلەتتى، ھەمدە ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىن بىر ئاز خەۋەردار ئىدى. نەنجىڭدىكى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇستازىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەركىن سىدىق ئۈرۈمچىگە 2 ھەپتىلىك تەتىل قىلىپ قايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايرىلغىلى 2 يىل بولاي دەپ قالغان ئايالى ئامانگۈل بىلەن قىزى دىلنارەنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دىلنارە بۇ چاغدا 2 ياشقا توشاي دەپ قالغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق قايتىپ بارغان دەسلەپكى 10 كۈن ئىچىدە ئۇ ئەركىن سىدىقنى "دادا" دەپ چاقىرىشقا ئۇنىمىدى. پەقەتلا "ئاكا" دەپ چاقىردى. ئەركىن سىدىق ماڭىدىغانغا بىر-ئىككى كۈن قالغاندا ئاران "دادا" دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

ئەركىن سىدىق بۇ قېتىم يۇرتقا بارغاندا، ئۇنىڭغا ياخشى ئىشتىن يەنە بىرسى يۈز بەردى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رەھمەتلىك ھاكىم جاپپار بىلەن مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ئايشەم ئاپپاي ئەركىن سىدىققا فىزىكا كەسپىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىغا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ھەل قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر فىزىكا كەسپىدە ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ يوقلىغىنى، ئەگەر ئەركىن سىدىق ئىنگلىزچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولالىسا، بۇ ئوقۇشقا ئۇنى ئەۋەتىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەسلىدە ئەركىن سىدىق ياپوندا ئۇچرىغان تەقدىردىن سۇلتان مۇئەللىم، ھاكىم جاپپار ئەپەندى ۋە ئايشەم ئاپپايلار ئىنتايىن نارازى بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئوقۇش پۇرسىتى ھەل بولۇشىغىلا، مەكتەپتە ئۇنىڭغا لايىق باشقا كاندىدات بولمىغاچقا، ئۇلار ئەركىن سىدىقنى ئويلاشقان ئىدى. ئەركىن سىدىق ياپونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئۆز تەتقىقاتىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە تايىنىپ ئىنگلىزچىنى تەكرارلاشنى باشلىدى. ئىشخانىسىدىن ھەر كۈنى كەچ سائەت 10 لاردا قايتىپ كېلىپ، ئەتىگەن سائەت 2 بولغۇچە ئىنگلىزچىنى تەكرارلىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ۋاقتىدا تاماق يېمەي، قاتتىق ئىشلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق نېرۋا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ كېسەل تاكى ئەركىن سىدىق 1995-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغىچە داۋاملاشتى (ئۇ كېسەل ھازىر پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتى). 1987-يىلى 10-ئايدا ئەركىن سىدىق 1-قېتىم TOEFL دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئارىلىقتا بىر ئاي ئۆتۈپ، ئەركىن سىدىق ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدا 540 نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەندە، ھاياجانلانغىنىدىن ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە تارام-تارام ياش ئاقتى. ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ كەتتى. ئامېرىكىدىن ماگىستىرلىق ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلەپ 550 نومۇر بولۇپ، ئەركىن سىدىق بۇنچىلىك نومۇر ئالالايدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدى. بۇ ھەپتە ئۇ ئامانگۈلگە خەت يازغاندا، ئامانگۈلگە بۇ خەۋەرنى تېزراق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خەت لىپاپىسىنىڭ ئارقىسىغا (يەنى لىپاپىنىڭ تېشىغا) "TOEFL دا 540 ئاپتىمەن"، دەپ يېزىپ قويدى. ئەركىن سىدىقنى ئالماقچى بولغان مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى توشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەركىن سىدىق TOEFL ئىمتىھانىغا يەنە داۋاملىق بىر قانچە قېتىم قاتناشتى. ئوساكادا بۇنداق ئىمتىھان بىر چوڭ زالدا ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئىمتىھاننىڭ ئاڭلاش قىسمىنى زالدىكى بىر قانچە چوڭ كاناي ئارقىلىق ئالدى. ئۇ قىش كۈنى بولغاچقا، زۇكامداپ يۆتەل بولۇپ قالغانلار كۆپ بولۇپ، ئەركىن سىدىق ھەر قېتىم ئاڭلاش ئىمتىھانى قىسمىنى ياخشى بېرەلمىدى. شۇڭا ئەركىن سىدىق يەنىلا 540 تىن يۇقىرى نومۇر ئالالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكىدىكى مەكتەپ ئەركىن سىدىقنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۇنى شەرتلىك قوبۇل قىلىپ، TOEFL ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن تولۇقلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن سىدىق 1988-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىدا قاتناشقان TOEFL ئىمتىھانىدا 580 نومۇر ئالغان).

ياپونىيىدىكى ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى يېرىم يىلى قالغاندا، ئەركىن سىدىق بىر ئاز قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تېپىۋېلىش ئۈچۈن، ھەر يەكشەنبە كۈنىKansei Gakuyin ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 6 نەپەر تارىخ كەسپى ئوقۇغۇچىسىغا خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتتى. ئوساكا چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ياش ئوقۇتقۇچىسىغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتتى. يەنە بىر بىر تونۇشىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزىغا ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتتى. ئەركىن سىدىقتىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرچىنى ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ. ئۇ ھازىر يۇقۇرىقى مەكتەپتە تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ياپونىيىدە ئوقۇغان 2 يېرىم يىل جەريانىدا، ئەركىن سىدىق جەمى 19 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 3 پارچە ماقالە ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرىدا، يەنە بىرسى ياپونىيىنىڭ بىر مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ياپونلۇقلارنىڭ ئوز ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندىمۇ بۇ ناھايىتى زور نەتىجە بولۇپ، ئادەتتە ياپونىيىدىكى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق ژورنالدا پەقەت بىر پارچىلا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلالىسىلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيتتى. ئەركىن سىدىق ئوقۇغان مەكتەپتىكىلەر ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. ھەمدە ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى. شۇڭا كۆپ قېتىم ئەركىن سىدىقنى مەكتەپ گېزىتىدە تونۇشتۇردى. ئەركىن سىدىق ۋەتەنگە قايتىدىغاندا، ئۇ مەكتەپتىكى بەزى پروفېسسورلار ئۇنىڭغا: "ئەگەر ئۆزۈڭدەك ياخشى ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ياشلار بولسا بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويساڭ. بىز ئۇلارنى پۇلسىز ئوقۇتۇپ قويساق"، دېدى. ئەركىن سىدىق 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 1-تۈركۈم ياپونغا كەلگەن باشقا 13 نەپەر كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى.

ئەركىن سىدىق ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدا يوقىرىدا تەسۋىرلىگەندەك تەبىئىي-پەن ساھەسىدە خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرىدا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالىغان بىر ئۇيغۇرغا ئايلاندى. شۇڭا ئۇ ياپونىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىپ، كېيىن ئامېرىكىغا كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا خېلى بىر مەزگىلگىچە تەشۋىق قىلىندى. تەسىر دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر قانچە ماقالىلار ئېلان قىلىندى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماقالە مانا شۇنىڭ بىرسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1989-يىللىرى «ئەركىن سىدىق ھادىسىسى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىق روھىدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەت ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن ئىدى. مۇشۇ تەرجىمىھالنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىدا بېرىلگەن تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئەركىن سىدىققا ئاتاپ يازغان شېئىرىمۇ مانا ئاشۇ مەزگىلدە يېزىلغان ئىدى

9a

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳﺎﻛﺎ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ Chang Nion-Sock ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ 2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ 78 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ

9b

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق 1986-يىلى ئەتىيازدىكى ياپونىيەنىڭ
دۆلەتلىك بايرىمى "ساكۇرا بايرىمى" دا قالدۇرغان بىر خاتىرە رەسىمى.

9c

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق 1986-يىلى 20-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن
"9-نۆۋەتلىك چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپون تىلىدا تەشەببۇسنامە قىلىش مۇسابىقىسى" دىكى
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا. ئەركىن سىدىق بۇ مۇسابىقىدە
72 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 4-ئورۇنغا ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەت ياپونىيىنىڭ دۆلەتلىك
تېلېۋىزور ئىستانسىسى بولغان نھك تېلېۋىزورىدا نەچچە كۈن تەكرار بېرىلگەن ئىدى.



9dيوقۇرقى رەسىم:
 1986-يىلى ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندى ياپونىيەگە كېلىپ،
كيوتو "مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات مەركزى" دە "ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ
يېتۈك قامۇسى -- قۇتادغۇ بىلىك" دىگەن ماۋزۇدا ئىلمىي دوكلات بەردى. بۇ دوكلاتنى
ئەركىن سىدىق نەق مەيداندا ئۇيغۇرچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى.
بۇ رەسىم ئاشۇ چاغدىكى سەھنىنىڭ بىر كۆرىنىشى 

 


باش بەتكە قايتىش