9- بۆلۈم

جەنۇبىي كالىفورنىيەدىكى ماگىستىرلىق ئوقۇشى

ئەركىن سىدىق ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى خالىدەم ئاپپاي ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يېتەكلەۋاتقان ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى 3 ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق ئېلېكتىر كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىغا يېتەكچى بولدى. ئۇ چاغدا ئامېرىكىدىكى ئوقۇش توغرىسىدا تېخى رەسمىي چاقىرىق كەلمىگەن ئىدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 5 كىچە ئۆز ئىشخانىسىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالە تەييارلاش ئىشىنى رەسمىي ياپونىيەدىكىدەك ئېلىپ باردى. شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەركىن سىدىققا يېقىندىن ماسلىشىپ قاتتىق تىرىشتى. ئۇلار بىر قانچە ئېلېكتروماگنىتلىق دولقۇن مەسىلىسى توغرىسىدا ئالدى بىلەن ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاندىن ئۇلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ھېسابلاپ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىپ بولغاندا، ئۇلارنى گرافىك قىلىپ سىزىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆز ماقالىلىرىغا كىرگۈزدى. بۇ ئىش فاكۇلتېتتا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى. ئۇلار ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغاندا، بۇ 4 ئوقۇغۇچىدىن 3 كىشىنىڭ ماقالىسى "ئەلا"، يەنە بىرسىنىڭ بولسا "ياخشى" بولۇپ باھالاندى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن چىقىرىپ بولۇشىغىلا، ئەركىن سىدىققا ئامېرىكىدىن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى. گەرچە ئۇلار چاقىرىق قەغىزىنى 6-ئاينىڭ بېشىدىلا ماڭدۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ چاقىرىق ئەركىن سىدىققا زادىلا تەگمىدى. شۇنىڭ بىلەن 7-ئاي كىرگەندە ئۇلار چاقىرىقنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن يەنە بىرنى ماڭدۇردى. بۇ ئارىلىقتىكى بىر ئاي ۋاقىتنى ئەركىن سىدىق ئىنتايىن تىت-تىتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.

ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ئۇنى ئەڭ ئېچىندۇرغان بىر ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدىكى ئارقا ئىشىك مەسىلىسى ئىدى. ئارقا ئىشىكنىڭ ئېغىرلىقىدىن، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش يېشىدىكى بالىسى بار ئاتا-ئانىلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىسىنىڭ ئىشىغا يول ماڭىدۇ. نۇرغۇن ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە يەنىلا قوبۇل قىلدۇرالمايدىغان ئىشلار داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىر يېرى، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىغا ئىشەنمەس بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. ئارقا ئىشىك بىلەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار دەرسكە يېتىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار رەھىمدىل بولغاچقا، كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بىر ئامال قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرىۋالسۇن، دەپ، پۈتۈن سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇشۇنداق بىر زەنجىرسىمان جەريان تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى يېتەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلالماي، بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىدۇ. ئەركىن سىدىقنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئەھۋالغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنى چوقۇم ئۇيغۇرلار ئۆزى ئوڭشىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ياپوندا ئوقۇش جەريانىدا، ئەركىن سىدىق بۇ ئىش ئۈستىدە نۇرغۇن باش قاتۇرۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېڭىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئوڭشاشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى تۈزۈم ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق تۈزلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدىكى ئارقا ئىشىكنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش تەدبىرىنى ئويلاپ چىقتى. ئەركىن سىدىق ئۆز ئويلىرىنى مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى سۇلتان مۇئەللىم بىلەن تىلۋىقان مۇئەللىم (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) لەرگە ئاغزاكى ئېيتقاندا، ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئەركىن سىدىقتىن ئۆزى ئويلىغانلىرىنى تەپسىلى يېزىپ چىقىپ، ئۇلارغا يوللاشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ياپونىيەدىن قايتىپ كېلىپ، ئامېرىكىغا ماڭغىچە بولغان 3 ئاي ۋاقىت ئىچىدىكى يۇقۇرىقىدەك بىر قاتار ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن، ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز ئويلىرىنى يېزىپ چىقىشىغا پۇرسەت بولمىدى. ئەركىن سىدىق بۇ ئىش ئۈچۈن ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىدۇ. ھەمدە ئۆز-ئۆزىدىن داۋاملىق «ئەگەر مەن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالماي، ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كېتىپ ئىشلىگەن بولسام، يۇقۇرىقىدەك ئىشلاردا ئويلىغانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولاتتىممۇ؟ مېنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىمغا يول قويىلاتتىمۇ؟ ئەگەر يول قويۇلغان بولسا، ئۇنداق قىلىشنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرالىغان بولاتتىم؟» دەپ سورايدۇ.

1988-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى زادىلا چۈشەنمەيدىغان ئەركىن سىدىق خەتتە ئېيتىلغان مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (كېيىن ئۇقسا، ئۇ ئەسلىدە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلغان تىزىملىتىش ۋاقتى ئىكەن)، 8-ئاينىڭ بېشىدا بولىدىغان قۇربان ھېيتقىمۇ قارىماي، 7-ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدى. ھەمدە 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لوس ئانژېلىس شەھىرىگە يېتىپ باردى. لېكىن، بۇ مەكتەپتىكى دەرس 9-ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق بىر ئاي بىكار بولۇپ قېلىپ، TOEFL ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى. ھەمدە شۇ ئارىلىقتا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىپ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىۋالدى.

كالىفورنىيەدە ئالىي مەكتەپلەر شتات ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەر، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەردىن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتى ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەنلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چوڭ-كىچىك ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن 100 دىن ئارتۇقى بار. شتات ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 10 مەكتەپ، كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 22 مەكتەپ، ۋە جەمئىيەت ئىنستىتۇتى (ئىنگلىزچە "Community College") دەپ ئاتىلىدىغان 2 يىللىق ئالىي مەكتەپتىن 105 مەكتەپ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتنى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ، ئۇلاردا دوكتورلۇق ئۈنۋانىغىچە بېرىلىدۇ. كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولسا ماگىستىرلىق ئۈنۋانىغىچە بېرىلىدۇ. جەمئىيەت ئىنستىتۇتى بولسا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئۇنۋانى بېرىپ جەمئىيەتكە چىقىرىپ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق دەرسلىرىنى ئۆتۈپ تۈگىتىپ، ئۇلارنى قالغان 2 يىللىق ئوقۇشنى يۇقۇرىقى قالغان 2 خىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا تەييارلايدۇ. ھەر بىر مەكتەپتە 20-30 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بولىدۇ.

ئەركىن سىدىقنى قوبۇل قىلغىنى لوس ئانژېلىس شەھىرىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان "Northridge" دېگەن شەھەرگە جايلاشقان كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتى ئىدى (تور بەت ئادرېسى:
http://www.csun.edu ). ئۇ ئىنگلىزچە «Cafilornia State University, Northridge (CSUN)» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە مۇشۇ فاكۇلتېتتا "Paul Chow" ئىسىملىك بىر خەنزۇ پروفېسسور بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئايشەم ئاپپاي بىلەن سۇلتان مۇئەللىملەر بىر قېتىم ئامېرىكىغا ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەندە مۇشۇ پروفېسسورنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى مەكتەپ ئارىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى. يەنە مۇشۇ Paul Chow دېگەن پروفېسسورنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قېتىمقى ئوقۇش پۇرسىتىنى ھەل قىلغانىدى. مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئەركىن سىدىققا يەنە "ياردەمچى ئوقۇتقۇچى" لىق خىزمىتى بېرىلگەن ئىدى. شۇڭا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يول كىراسىنى چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزى قامدايتتى. كالىفورنىيەدىكى مەكتەپلەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئوقۇش پۇلى 2 تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى "ئوقۇش پۇلى" (ئىنگلىزچە "Tuition") دەپ ئاتىلىپ، يەنە بىرسى "تىزىملىتىش پۇلى" (ئىنگلىزچە "Registration Fee") دەپ ئاتىلىدۇ. كالىفورنىيە نوپۇسىدىكى كىشىلەر پەقەت "تىزىملىتىش پۇلى" نىلا تۆلەيدىغان بولۇپ، چەت ئەللىكلەر بولسا ھەر ئىككىلىسىنى تۆلەيدۇ. ئەركىن سىدىق بولسا پەقەت "تىزىملىتىش پۇلى" نىلا ئۆزى تۆلەيتتى. پروفېسسور Paul Chow ئەسلىدە جۇڭگودىكى بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسى بولۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئامېرىكىغا بارىدىغان بىر يۈك توشۇش پاراخوتىغا يۇشۇرىنىۋېلىپ قانۇنسىز كېلىپ، كېيىن دوكتورلۇققىچە ئوقۇپ، ھازىرقى مەكتەپكە پروفېسسور بولغان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغان كىشى بولۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن بۇ مەكتەپكە جەمى 5 ئۇيغۇر ۋە بىر قىرغىز ئوقۇغۇچى كېلىپ ئوقۇغان.


ئەركىن سىدىقنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن CSUN نىڭ فىزىكا فاكۇلتېتى تەتقىقاتتا فاكۇلتېت بويىچە ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، مۇشۇ مەكتەپ بىلەن كالىفورنىيە تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتى دا تەڭلا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدىغان «Ryoichi Seki» ئىسىملىك پروفېسسورنى ئۇنىڭغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ بېكىتىپ قويدى. بۇ پروفېسسورنىڭ ئەسلى مىللىتى ياپونلۇق بولۇپ، ئامېرىكىدا ئوقۇپ، دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا پروفېسسور بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئەركىن سىدىق ياپونىيىدە كورېيە مىللىتىدىن بولغان پروفېسسورنىڭ قولىدا، ئەمدى ئامېرىكىدا بولسا ياپونلۇق پروفېسسورنىڭ قولىدا ئىشلىدى.


ئەركىن سىدىقنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغىنى ئېلېكتىر ئېنژېنېرلىكى بولسىمۇ، بۇ مەكتەپنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، كەسىپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئومۇمىي دەرسلەر قاتارىدا ئوقۇغان بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك فىزىكا دەرسىدىن باشقا، ئۇنىڭ فىزىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. ھەمدە فىزىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئىنگلىزچىسى ئۇياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچىسى ۋە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر ھەپتىسى 20 سائەت (يەنى 2 يېرىم كۈن) تەجرىبە دەرسى ئۆتمىسە بولمايتتى. شۇڭا ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ كەتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر چەت ئەللىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھەر مەۋسۇمدە 9 ئوقۇش نومۇرى (يەنى 3 ئوقۇش نومۇرلۇق دەرستىن 3 نى) تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەركىن سىدىقمۇ دەسلەپتە 3 دەرس تاللىدى. ئەمما بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە كىتاب بويىچە ئۆتمەي، ھەمدە كىتابنىڭ قايسى قىسمىنى ئۆتىدىغانلىقىنىمۇ دوسكىغا يېزىپمۇ قويماي دەرس سۆزلەيدىغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىق ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە بىر دەرسنىڭ مەۋسۇم ئارىلىقىدىكى ئىمتىھان ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئەركىن سىدىق ئىلاجىسىز نۇرغۇن يول مېڭىپ يۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر دەرسىنى قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن مەۋسۇم ئاخىرىدا قالغان 2 دەرستە "A" (يەنى "ئەلا") نومۇر ئالدى. ئىككىنچى مەۋسۇمدىن باشلاپ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلار ئەركىن سىدىقتىن دەرس سورايدىغان بولدى.

1989-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئەركىن سىدىق تۇغقان يوقلاش ۋە ئايالى ئامانگۈلنى ئامېرىكىغا ئەكىلىش ئۈچۈن بېيىجىڭگە باردى. ئۇ يۇرتقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىش ۋىزىسى بىلەن ئامانگۈلنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسىنى بېجىرمەكچى بولدى. 3-ئىيۇل كۈنى ئاخشىمى بېيجىڭدا چوڭ ۋەقە بولدى. ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئىدارىسى مېھمانخانىسىدا بولغاچقا، ئوق-بومبىلارنىڭ پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. بۇ ئىشلاردىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق ئامانگۈل 4-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە ئەمدى 5 ئايلىق بولغان ئوغلى دىلشاتنى قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيىجىڭگە كەلدى. ئۇ كۈنى بېيجىڭنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قاتناش پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەركىن سىدىق بېيجىڭ ئايرۇدۇرىمىغا بارىدىغان قاتناش قورالى تاپالماي، تىت-تىت بولۇپ تۇرغاندا، ئۆزى تۇرغان مېھمانخانىدىن بىر مىنىبۇسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەكىلىش ئۈچۈن ئايرۇدۇرۇمغا بارىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشۇ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، يولدا تېخىچە كۆيۈۋاتقان ھەربىي ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئايرۇدۇرۇمغاا بېرىپ، ئامانگۈل بىلەن دىلشاتنى مېھمانخانىغا قايتۇرۇپ كەلدى. 4-ئىيۇل ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىغان بولغاچقا، ئۇلار 10 كۈنگىچە ۋىزا بېجىرەلمەي بېيجىڭدا تۇرۇپ، ئاندىن ۋىزا بېجىرىپ ئۈرۈمچىگە قايتتى.

1989-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئەركىن سىدىق بىلەن ئامانگۈل 4 ياشلىق قىزى دىلنارىنى ئامانگۈلنىڭ ھەدىسىگە، 7 ئايلىق ئوغلى دىلشاتنى ئامانگۈلنىڭ ئاپىسىغا بېقىپ بېرىشكە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن سىدىق ئۆز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامانگۈل ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، توئەفل ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى. بىر ئانا ئۈچۈن 7 ئايلىق بالىنى سۈتتىن مەجبۇرى ئايرىپ، ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا قويۇپ قويۇپ، يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كېتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ بىر مەزگىل ئامانگۈل ئۈچۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ قىيىن ۋە ئازابلىق ۋاقىتلار بولدى. قولىغا كىتاب ئالسىلا، خىيالىغا بالىلار كىرىۋالاتتى. ئۇخلىسىلا چۈشىدە ئۆزىنى ئىزدەۋاتقان بالىلىرىنى كۆرەتتى. ئەركىن سىدىق بولسا ئۆز ئوقۇشىنى ئوقۇپ، فاكۇلتېتتىكى خىزمىتىنى ئىشلەشتىن سىرت، يەنە مەكتەپنىڭ "ئاكادېمىيىلىك ياردەم مەركىزى" دەپ ئاتىلىدىغان، دەرستە قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ئورۇندىمۇ ئىشلىدى. ھەمدە ئۆز ئالدىغا فىزىكا ۋە ماتېماتىكا دەرسلىرى بويىچە سائىتىگە 12 دوللار ھەق ئالىدىغان دەرس چۈشەندۈرگۈچى (ئىنگلىزچە "Tutor") بولۇپمۇ ئىشلىدى. بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتىپ، ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۈنىگە 12 سائەت ئىشلەشكە توغرا كەلدى. ئەركىن سىدىق مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ دەرسى ۋە تەتقىقاتىدا ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1990-يىلى 5-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇغان دەرسلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا دەرستىن "B" نومۇر ئالغاندىن باشقا، قالغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە "A" ئالدى. ئەركىن سىدىق 1989-يىلى 5-ئايدا فىزىكا فاكۇلتېتى ھەر يىلى پەقەت بىرلا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان "C. Y. Liang خاتىرە مۇكاپاتى" غا ئېرىشىپ، بىر مۇكاپاتنامە بىلەن 1200 دوللار پۇل مۇكاپات ئالدى. 1990-يىلى 5-ئايدا بولسا فىزىكا فاكۇلتېتى ھەر يىلى پەقەت بىرلا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان "ئىلغار ياردەمچى ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى" غا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسىغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ يازغان ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلى "قوللانما فىزىكا ژورنىلى" (ئىنگلىزچە "Journal of Applied Physics") دا ئېلان قىلىندى.

1989-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئەركىن سىدىق مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى كەسپى بار باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنژېنىرلىكى كەسپىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ جەمى 10 دەك مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى. بۇ مەكتەپلەر: كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (داۋىس، كالىفورنىيە)، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (لوس ئانژېلىس، كالىفورنىيە)، ئوتتۇرا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇتاھ ئۇنىۋېرسىتېتى (سالت لاكە شەھىرى)، ماركۇېەتتا ئۇنىۋەرسىتي (مىلۋائۇكە، ۋىسكونسىن)، ۋە رىكە ئۇنىۋېرسىتېتى (خىيوستون، تېكساس). ئەمما، ئامېرىكىدا ئېلېكتىر ئېنژېنېرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا كۆپىنچە ھاللاردا 1-يىلى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلمەيدىغان بولغاچقا، ئەركىن سىدىقنىڭ بىرەر مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مادارى يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامانگۈل بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ ئوقۇشنى بىر يىل كېچىكتۈرۇپ، بىر يىل ئىشلەپ پۇل تېپىش قارارىغا كەلدى. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭىدىن پارچىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سانائىتى ۋەيران بولۇپ، ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتكەن بىر مەزگىل بولۇپ، يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت تېپىش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن سىدىق بىر چەت ئەللىك بولۇپ، ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرماقچى ئىدى (ئامېرىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىللىق، دوكتورلۇققا ئېرىشكەنلەرگە بىر يېرىم يىللىق ئىشلەپ پراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بېرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئىشلەش قانۇنلۇق ئىدى.) ئەركىن سىدىق شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەپ زادىلا ئىش تاپالمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە چوڭ رېستورانغا كۈتكۈچى بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغىلى بارسا "بىز ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بارلارنى ئالمايمىز"، دەپ تۇرىۋالدى. ئەركىن سىدىق تۇرىۋاتقان جاي ھوللىۋود كىنو بازىسىغا يېقىن ئىدى. ئۇ "كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بالىسىنى باقسا، خېلى كوپ مائاش ئالغىلى بولىدىكەن"، دەپ ئاڭلاپ، گېزىتتىن بالا باققۇچى ئىزدەۋاتقان ئېلانلارنى تېپىپ، بىر قانچە يەرگە تېلېفون قىلسا، ئۇلار "بىز ئەر كىشىنى ئالمايمىز"، دېدى. (ئەركىن سىدىق بۇرۇن ئۆز ئۇكىلىرىنى بېقىپ باققان بولۇپ، بالىغا بەك ئەستايىدىل قارايدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئىنتايىن ئىشەنچ قىلغان ئىدى.) ئاشۇنداق يول تاپالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرسىدە ئۇ 10 دەك ئادىمى بار بىر كىچىك شىركەتتىن خىزمەت تاپتى. بۇ شىركەت قىلىدىغان ئىش باشقا شىركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان، كۆپ قەۋەتلىك توك يولى بار، ناھايىتى مۇرەككەپ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىغا ئىشلىتىدىغان تاختايلارنى تەكشۈرۈش ۋە سىناق قىلىش ئىدى. لېكىن شىركەتنىڭ ئىگىسىدىن باشقىلار ئاساسەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانلار بولۇپ، كۆپىنچىسى مېكسىكىلىقلار ئىدى. ئىنگلىزچىنىمۇ تۈزۈكرەك سۆزلىيەلمەيتتى. ئەركىن سىدىققا ئاشۇلارنىڭ قاتارىدا سائىتىگە 5 دوللار ئىش ھەققى بەردى. ئۇ چاغدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئايلىق ياتاق ئىجارىسى 350 دوللار بولۇپ، ئامانگۈل بىلەن ئىككىسىنىڭ ئايلىق تامىقى ئۈچۈنمۇ 150-200 دوللار پۇل كېتەتتى. شۇڭا پەقەت يوقۇرقى شىركەتتىكى خىزمەتكە تايانغاندا، ھېچ قانداق پۇل يىغقىلى بولمايتتى. شۇڭلاشقا ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق خىزمەت ئىزدىدى. ھەمدە بىر تونۇشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر شىركەتتە ئىش تاپتى. بۇ شىركەت يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىغا ئىشلىتىدىغان توك يولى تاختىيىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت ئىدى. بۇ شىركەت ئەركىن سىدىققا سائىتىگە 6.5 دوللار ئىش ھەققى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق 1-شىركەتتە ھەر كۈنى 5 سائەت (ئەتىگەن سائەت 7 دىن 12 گىچە)، 2-شىركەتتە 8 سائەت (چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن كەچ سائەت 9 غىچە) ئىشلەيدىغان قىلىۋالدى. ئەتىگىنى ئۆيدىن سائەت 6 دە چىقىپ كەتسە، كەچلىكى سائەت 10 لاردا قايتىپ كېلەتتى. بەزى كۈنلىرى ئارتۇق ئىشلەپ، سائەت 12 لەردە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى. لېكىن، بۇ 2 شىركەتتە ئىشلەپمۇ، ئۇنىڭ ھەر ئايدا يىغالايدىغان پۇلى 500 دوللارغا بارمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قىلىدىغىنى بىر خىل تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەر بولغاچقا، ئۇ داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئەسكى مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئازاپ چەكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (بۇ مەكتەپنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Uniw└rsiti of California, Davis» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «UCD» دەپ ئاتىلىدۇ.) ھەمدە ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشى جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئالغان مۇكاپاتنىڭ ئىشىنى فاكۇلتېت مۇدىرىغا ئېيتتى. فاكۇلتېت مۇدىرى ئەركىن سىدىقنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 25 پىرسەنت (يەنى ھەپتىسىگە 10 سائەت) ئىشلەيدىغان ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى بېرىشنى قارار قىلدى. UCD نىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىدىغان يىللىق ئوقۇش پۇلى 13 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق ئىدى. ئەركىن سىدىق بىلەن ئامانگۈل بىر-ئىككى ھەپتە قاتتىق ئويلىنىپ، ئاخىرى شىمالىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان بۇ UCD كە كېتىش قارارىغا كەلدى. ھەمدە 1990-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇلار بارلىق يۈك-تاقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى كىچىك ماشىنىسىغا قاچىلاپ (بۇ ماشىنىلار كونا ماشىنىلار بولۇپ، ھەر بىرسىنى 700 دوللاردىن سېتىۋالغان)، شىمالىي كالىفورنىيەدىكى شتات پايتەختى بولغان ساكرامېنتو (ئىنگلىزچە «Sacramento») شەھىرىگە 30 كىلومېتىر، سان فرانسىسكو (ئىنگلىزچە «San Francisco») شەھىرىگە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئىنگلىزچە «Davis» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرگە قاراپ يول ئالدى

Dr. Erkin Sidick's Short Biography


Erkin10a يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىنگلىزچە "كالىفورنىئا ستاتە ئۇنىۋەرسىتي،
نورتھرىدگە كسۇن" دەپ ئاتىلىدىغان كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق
ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتا چۈشكەن خاتىرە رەسىمى.

Erkin10b يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق ئامېرىكىغا بارغان كۈندىن تارتىپ ئايالىنىڭ ئىسمى نانسى (ئىنگلىزچە "نانكي")،
ئېرىنىڭ ئىسمى جون ۋولتېر ("جوھن ۋالتەر") دەپ ئاتىلىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياخشى ئۆتكەن.
بۇ ئامېرىكىلىقلار بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەزگىل ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتۈپ باققان بولۇپ
دىيارىدىن كەلگەن يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئامراق ئىدى. بۇ رەسىم 1990-يىلى يازدا ئاشۇ
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھويلىسىدا تارتىلغان. 1-قۇر ئوڭدىن سولغا: گۈلباھار بىلەن ئەركىن سىدىق. 2-قۇر
ئوڭدىن سولغا: ئامانگۈل، ھەكىمە ئاپپاي (ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ،
بۇ يەرگە ساياھەت قىلغاچ ئەركىن سىدىقلارنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى)، مەركىزىي مىللەتلەر كومىتېتىدىن
تەۋەككۈل ئەپەندى، جھون، نانكي، ۋە پولات (قىرغىز). گۈلباھار بىلەن پولاتمۇ ئەينى ۋاقىتتا
كسۇن دا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدۇر.

 

Erkin10c يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىقنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ريوئىچى سەكى ئەپەندى.

 

 Erkin10d

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق 1989-يىلى 6-ئايدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا كەلگەندە
ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆيىنىڭ ئىچىدە چۈشكەن رەسىم. ئەركىن سىدىقنىڭ
قۇچىغىدىكىسى ئەمدى 4 ياشقا تولغان قىزى دىلنارە، ئامانگۈلنىڭ قۇچىغىدىكىسى
ئەمدى 5 ئايلىق بولغان ئوغلى دىلشات.

 

Erkin10e

يوقۇرقى رەسىم: ئەركىن سىدىق ئۆزىنى ئامېرىكىغا ئەكەلگەن پروفېسسور پائۇل چوۋ بىلەن بىرگە.
ئوڭدىن سولغا: ماھىرە، ئەركىن سىدىق، پروفېسسور پائۇل چوۋنىڭ خانىمى، پروفېسسور
پائۇل چوۋ، ئامانگۈل، ۋە ئادىل ئاتاۋۇللا. ئارقا قۇردىكى غەيرەت سابىت. بۇ رەسىم
1996-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى لوس ئانجىلىس تىكى ماۋلان بىلەن گۈلباھارنىڭ ئارقا ھويلىسىدا تارتىلغان.




باش بەتكە قايتىش