Insan Mukemmellikini Qoghlusush

Erkin Sidiq

2011-yili 10-ayning 2-küni

Yehudilarning qandaq qilip ikki ming yildin artuq waqit wetensiz halda özini saqlap qalalighanliqi méni nahayiti qiziqturidighan témilarning biri.  Men bu toghrisida hazirghiche téxi bir sistémiliq izdinishni bashlimighan bolsammu, bu heqte birer matériyalni uchurtup qalsam, uni nahayiti qiziqish ichide oqup chiqimen.  Bügün men Yehudilar hazir tebriklewatqan «Aliy bayram künliri» (High Holy Days) dep atilidighan bir 10 künlük bayram toghrisidiki bir parche qisqa maqalini körüp qaldim.  Hemde uningdiki bezi uchurlarning Uyghurlar üchün xéle qimmiti barliqini hés qildim.  Shunga bu yazmamda men oqughan ashu matériyalning mezmunini qisqiche tonushturimen.

Ularning bu yilliq bayrimi 29-Séntebir künidiki Yehudilar Yéngi Yil küni bashlan’ghan bolup, 8-Öktebirdiki «toluqlap tölesh küni» axirlishidiken.

Yehudilarning bu bayram künliride élip baridighan eng muhim ishi insan mukemmellikini qoghlishish, her bir ademning öz xaraktéri yaki kishilik exlaqini dawamliq bahalash we yaxshilash mejburiyitini ishqa ashurushqa intilish, we özining mijezini insanlarning eng yuqiri derijilik exlaqiy mumkinchiliki boyiche qaytidin qurashturup chiqishqa tirishish iken.

Ular bu bayram künliri jeryanida yalghuz yéngi yilliq qararlarni élish bilenla cheklinip qalmaydiken.  Ular bu künlerde özlirining barliq kündilik ishlirini pütünley toxtitip, jim-jit olturup, özliri üstide obyéktip höküm chiqiridiken.  Özining hazirqi rohiy halitini tekshürüp, öz-özini jawabkarliqqa tartip, özining ang-chüshenchiliri bilen emeliy ish-herikiti otturisidiki, we özi turghuzghan ölchemler bilen özi qollan’ghan ish-heriketler otturisidiki perqlerni iqrar qilidiken.  Ularning qarishiche, insanlar özining idilogiyisi bilen ish-herikiti otturisidiki boshluqni tolduridighan exlaqiy küchlüklük yaki artuqchiliqqa dawamliq ige bolup turushi mumkin emes, lékin ularning bu yolda toxtawsiz tirishish mejburiyiti bar. Eger ademler özlirining gunahi bilen kemchiliklirige étibarsiz qaraydiken yaki ularni qobul qilidiken, ularning gunahi bilen kemchilikliri hessilep köpüyüp mangidu.

Yehudilerge bu bayram jeryanida qilidighan mundaq 4 alahide wezipe bérilgen iken:
  1. Ötüp ketken ishlarni eslesh
  2. Towa qilish
  3. Bashqilardin kechürüm sorash
  4. Kechürüm sorighanlarni kechüriwétish
Gerche bu jeryanlar diniy resmiyetlerning ichige kirgüzüwétilgen bolsimu, bu uqumlar dinning sirtidimu oxshashla nahayiti zor küchke igidur.  Dinchilar bilen dinsizlarning her ikkisi qoshulidighan bir nerse shuki, barliq janliqlar ichide peqet insanlarla yaxshi bilen yamanni perq étish, hemde ulardin birini tallash iqtidarigha ige.

Meyli biz uni exlaq yaki exlaq ölchimi deyli, meyli biz özimizning qelbi yaki xaraktéri boyiche oylayli, insan hayatining meqsiti we yoshurun küchi heqqide oylinip baqqan kishiler érishken bir ortaq xulase shuki, exlaqliq hayat eng aliyjanab hayat.

Méning Yehudi xizmetdashlirimning hemmisi bu bayramning axirqi küni qet’iy ishqa kelmeydu.  Anglishimche ular bu küni «xizmet» katégoriyisige kiridighan héch qandaq ishni qilmaydiken.  Bir yerge bérishqa mejburi bolup qalsa, mashinimu heydimeydiken, yaki bashqa qatnash qorallirinimu ishletmeydiken, peqetla piyade baridiken  Bu qaidige pütün Yehudilar intayin qattiq emel qilidiken.  Hemmimizning xewiride bolghinidek, Yehudi milliti dunyadiki eng sapaliq milletlerning biri.  Ularning ashundaq bolalishida, méningche yuqiriqidek 10 künlük yéngi yil bayrimini tebriklesh qaidisi nahayiti muhim rol oynighan. 

Bu yerde biz tebi’iy halda mundaq bir soalni sorimay turalmaymiz: Biz Uyghurlar öz bayramlirimizni qandaq tebriklep ötküzimiz?

Men hazirghiche Yehudilerning az bolmighan nachar tereplirinimu kördüm, hem chüshünüp yettim.  Hazirmu körüp turuwatimen.  Ashundaq waqitlarning beziliride ghezeplinip kétip, özümni qoyidighan yer tapalmay qalidighan peytlermu bar.  Lékin, bu yazma ularni omumyüzlük bahalap chiqishni meqset qilmighan.  Peqet ularning bir jehettiki artuqchiliqini yaki alahidilikini tonushturushnila meqset qilghan. Shunga oqurmenlerning bu nuqtini toghra chüshinishini soraymen.

Xulasilighanda, eger biz insanlarni mundaq 2 türge ayrisaq:
  1. Mukemmellikni qoghlishidighan, insan iqtidarlirining eng yuqiri derijilik mumkinchilikini emelge ashurushqa intilidighan kishiler
  2. Asasiy turmush éhtiyajidin chiqishnila közlep, shu derijige yetsila qana’et hés qilip, dawamliq yuqiri örleshni xalimaydighan yaki u yolda héch qandaq tirishchanliq körsetmeydighan kishiler
méning öz chüshenchemge asaslan’ghanda, Yehudilar ichide 1-xildiki ademler asasiy orunda turidu.  Shunglashqa ular hazirqidek teqdirge érisheligen. Undaqta pütün Uyghurlar ichide qaysi xildiki ademler köprek? Birinchi xildiki ademler Uyghur nopusining qanchilik pirsentini igileydu?  Men bu soalgha her bir oqurmenning özi jawab bérip béqishini soraymen.  Her bir millet teqdirining qandaq bolushini shu milletning ezaliri ichide qaysi xildiki ademlerning köplüki belgileydu.  Shunglashqa yuqiriqidek soallar üstide bir az oylinish nahayitimu muhim.

Paydilinish matériyalining menbeisi: http://josephsoninstitute.org/

Bu yazmini héch kimdin ruxset sorimay, menbesini eskertken halda, toluq tékisti bilen bashqa her qandaq tor betliride élan qilsingiz boliwéridu. 


ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇسۇش 

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى


يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىلىپ ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ۋەتەنسىز ھالدا ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغانلىقى مېنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.  مەن بۇ توغرىسىدا ھازىرغىچە تېخى بىر سىستېمىلىق ئىزدىنىشنى باشلىمىغان بولساممۇ، بۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالنى ئۇچۇرتۇپ قالسام، ئۇنى ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىمەن.  بۈگۈن مەن يەھۇدىلار ھازىر تەبرىكلەۋاتقان «ئالىي بايرام كۈنلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر 10 كۈنلۈك بايرام توغرىسىدىكى بىر پارچە قىسقا ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم.  ھەمدە ئۇنىڭدىكى بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خېلە قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.  شۇڭا بۇ يازمامدا مەن ئوقۇغان ئاشۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.

ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق بايرىمى 29-سېنتەبىر كۈنىدىكى يەھۇدىلار يېڭى يىل كۈنى باشلانغان بولۇپ، 8-ئۆكتەبىردىكى «تولۇقلاپ تۆلەش كۈنى» ئاخىرلىشىدىكەن. 

يەھۇدىلارنىڭ بۇ بايرام كۈنلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاراكتېرى ياكى كىشىلىك ئەخلاقىنى داۋاملىق باھالاش ۋە ياخشىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىش، ۋە ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقىي مۇمكىنچىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش ئىكەن.

ئۇلار بۇ بايرام كۈنلىرى جەريانىدا يالغۇز يېڭى يىللىق قارارلارنى ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.  ئۇلار بۇ كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈندىلىك ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، جىم-جىت ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۈستىدە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.  ئۆزىنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئاڭ-چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى، ۋە ئۆزى تۇرغۇزغان ئۆلچەملەر بىلەن ئۆزى قوللانغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئىقرار قىلىدىكەن.  ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىدىلوگىيىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ئەخلاقىي كۈچلۈكلۈك ياكى ئارتۇقچىلىققا داۋاملىق ئىگە بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ يولدا توختاۋسىز تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرىگە ئېتىبارسىز قارايدىكەن ياكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ گۇناھى بىلەن كەمچىلىكلىرى ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپ ماڭىدۇ.

يەھۇدىلەرگە بۇ بايرام جەريانىدا قىلىدىغان مۇنداق 4 ئالاھىدە ۋەزىپە بېرىلگەن ئىكەن:

1) ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئەسلەش

2) توۋا قىلىش

3) باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراش

4) كەچۈرۈم سورىغانلارنى كەچۈرىۋېتىش

گەرچە بۇ جەريانلار دىنىي رەسمىيەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقۇملار دىننىڭ سىرتىدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى زور كۈچكە ئىگىدۇر.  دىنچىلار بىلەن دىنسىزلارنىڭ ھەر ئىككىسى قوشۇلىدىغان بىر نەرسە شۇكى، بارلىق جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش، ھەمدە ئۇلاردىن بىرىنى تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

مەيلى بىز ئۇنى ئەخلاق ياكى ئەخلاق ئۆلچىمى دەيلى، مەيلى بىز ئۆزىمىزنىڭ قەلبى ياكى خاراكتېرى بويىچە ئويلايلى، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەقسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدە ئويلىنىپ باققان كىشىلەر ئېرىشكەن بىر ئورتاق خۇلاسە شۇكى، ئەخلاقلىق ھايات ئەڭ ئالىيجاناب ھايات.

مېنىڭ يەھۇدى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ بايرامنىڭ ئاخىرقى كۈنى قەتئىي ئىشقا كەلمەيدۇ.  ئاڭلىشىمچە ئۇلار بۇ كۈنى «خىزمەت» كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان ھېچ قانداق ئىشنى قىلمايدىكەن.  بىر يەرگە بېرىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالسا، ماشىنىمۇ ھەيدىمەيدىكەن، ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن، پەقەتلا پىيادە بارىدىكەن  بۇ قائىدىگە پۈتۈن يەھۇدىلار ئىنتايىن قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن.  ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، يەھۇدى مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ ساپالىق مىللەتلەرنىڭ بىرى.  ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق بولالىشىدا، مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك 10 كۈنلۈك يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەش قائىدىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.   

بۇ يەردە بىز تەبىئىي ھالدا مۇنداق بىر سوئالنى سورىماي تۇرالمايمىز: بىز ئۇيغۇرلار ئۆز بايراملىرىمىزنى قانداق تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىمىز؟

مەن ھازىرغىچە يەھۇدىلەرنىڭ ئاز بولمىغان ناچار تەرەپلىرىنىمۇ كۆردۈم، ھەم چۈشۈنۈپ يەتتىم.  ھازىرمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن.  ئاشۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بەزىلىرىدە غەزەپلىنىپ كېتىپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدىغان پەيتلەرمۇ بار.  لېكىن، بۇ يازما ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ چىقىشنى مەقسەت قىلمىغان.  پەقەت ئۇلارنىڭ بىر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ياكى ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

خۇلاسىلىغاندا، ئەگەر بىز ئىنسانلارنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىساق:

1-مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان، ئىنسان ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇمكىنچىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر

2-ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىقىشنىلا كۆزلەپ، شۇ دەرىجىگە يەتسىلا قانائەت ھېس قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەشنى خالىمايدىغان ياكى ئۇ يولدا ھېچ قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر 

مېنىڭ ئۆز چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، يەھۇدىلار ئىچىدە 1-خىلدىكى ئادەملەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.  شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىرقىدەك تەقدىرگە ئېرىشەلىگەن. ئۇنداقتا پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە قايسى خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك؟ بىرىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچىلىك پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟  مەن بۇ سوئالغا ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى جاۋاب بېرىپ بېقىشىنى سورايمەن.  ھەر بىر مىللەت تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى شۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە قايسى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى بەلگىلەيدۇ.  شۇڭلاشقا يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىش ناھايىتىمۇ مۇھىم.

پايدىلىنىش ماتېرىيالىنىڭ مەنبەئىسى: http://josephsoninstitute.org/

بۇ يازمىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، تولۇق تېكىستى بىلەن باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbéti 

Wheelchairs
Wheelchairs