ئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىب


بىلىمخۇمار

2013-9-10


مەن بۈگۈن دوستىمىز تاشپولات روزىنىڭ باغداشقا چىقارغان «تونۇشۇش» تېمىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم.  ھەمدە ئۇشبۇ ئۇچۇر ئارقىلىق، بۇ يازمىنى بارلىق دوستلارغا، بولۇپمۇ ئوقۇغان قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.


ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن ۋەتەندىكى بىر ئۇكىمىزدىن بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم.  ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: «ھازىرقى توردا بولۇۋاتقان ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىش كېرەكمۇ، ياكى ئۇيغۇرنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەقمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق بىر قەلەم تەۋرەتكەن بولسىڭىز، چۈنكى مىللەتنى ئويغىتىش ھازىرقى زۆرۈرىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قىسمى، دەپ قارايمەن.».  مېنىڭ پەرىزىمچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرالايدىغان بىر مۇكەممەل مىللەت ئىكەنلىكىدىن گومانلىنىدىغانلارنىڭ سانى تەدرىجى ھالدا كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.  ئۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىر قانچىسى بار.  ئۇنىڭ بىرسى ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى سەپىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كىشىلىرىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز بىر ئوقۇغان ئۇيغۇر بولسىڭىز، دوستىمىز تاشپولات روزىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسرانىم، باغداش ۋە ئىزدىنىش قاتارلىق تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ.  ۋەتەندىكى ئۆزىڭىز بىلەن كەسىپداش قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇمكىن بولسا ھەتتا ئۇلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى دائىرىسىدە ھەمكارلىشىپ تۇرۇڭ.  ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى ۋەتەندىكىلەرگە تونۇشتۇرۇپ تۇرۇڭ.  بۇنىڭ ۋەتەندىكىلەرگە بولغان قىممىتى ئىنتايىن زور.  بىزنىڭ كىندىكىمىزنىڭ قېنى ئاشۇ زىمىنغا تۆكۈلگەن.  بىزنى ئاشۇ زېمىن بېقىپ ئۆستۈرگەن.  ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ قالمايلى.  ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيلى.  ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە يۇرتىمىزغا ۋە خەلقىمىزگە بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرەيلى.  ھازىر چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قازانغان، ئىلىم-پەن ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەپىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس.  لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەندىكىلەر بىلەن بىر دائىملىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ۋەتەندىكىلەرگە ئاز-تولا پايدا يەتكۈزىۋاتقانلار ئىنتايىن ئاز.  ئاساسەن يوق دېيەرلىك.  مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.  ھاياتنىڭ 3 خىل تۈرى بولىدۇ:  ئىسراپچىلىق ھاياتى، زۆرۈر ھايات، ۋە ئۇلۇغۋار ھايات.  ئۇلۇغۋار ھاياتنى ياشىيالىغانلار پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ۋە بىر تار دائىرىدىكى ئائىلىسى ئۈچۈن ياشىغانلار ئەمەس.  ئۇلار ئاساسلىقى باشقىلار ئۈچۈن ياشىغانلار.  ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغىچە بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتىغانلار.  سىزنىڭ ئىسراپچىلىق ھاياتىڭىز بىلەن زۆرۈر ھاياتىڭىز، مەسىلەن، سىزنىڭ ھايات ۋاقتىڭىزدا قانداق يېگەنلىكىڭىز، قانداق كېيىنگەنلىكىڭىز، قانداق ئۆيدە تۇرغىنىڭىز، ۋە قانداق ماشىنا ھەيدىگىنىڭىز، سىز يەنە بىر دۇنياغا قەدەم قويغان كۈنىلا كىشىلەر قەلبىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.  پەقەت سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ھاياتىڭىزلا باشقىلار قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ.  بۇنىڭ مىسالىغا مەھمۇد قەشقىرى، ئەلشىر ناۋايى، يۈسۈپخاس ھاجىپ، مەمتىمىن تەۋپىق ۋە ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس) قاتارلىقلارنى ئەسلىسىڭىز بولىدۇ.  ئەگەر چەت ئەلدە ئوقۇپ ياكى ئىشلەپ تۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرنى ئىلغار ئىلىم-پەن ۋە باشقا ئۇچۇرلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرىدىغانلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈز، ھەتتا بىر قانچە مىڭغا يەتسە، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى زور دەرىجىدە پايدا ئالالايدۇ.  ئەگەر سىز بىر ئوقۇغان ئۇيغۇر بولسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.