تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر


ئەسلى مەنبەسى:


TÜRKİYE BURSLARINA İLİŞKİN DUYURU

ھازىر تۈركىيەدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن TCS دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئوقۇش مۇكاپاتى پروگراممىسى 2012 - يىل 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. يېڭى سىستېمىغا ئاساسەن، 2012 - يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى تىزىملاش پروگراممىسىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- يېڭى ئوقۇش مۇكاپاتى سىستېمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ھەركىمگە تەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، رەسمىيەتلەرنى ئازايتىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە قابىلىيەتلىرىگە يارىشا مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

2- تىزىملىتىش: ئوقۇغۇچىلار ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۆزلىرى بىۋاسىتە تىزىملىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىدىن تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى سكەن قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى تور بېتىگە يوللايدۇ.   www.ytb.gov.tr

خالىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىغا پوچتا ياكى قول ئارقىلىق تاپشۇرۇپ  بەرسە بولىدۇ. بۇ يىلدىن تارتىپ تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سانى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن ئاز بولىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىق ئۇقتۇرۇش 4 - ئايدا ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

3- تاللاش: ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش شەكلى ئىككى باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق نەتىجىلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرنى كۆرسىتىشى كېرەك). ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنىمۇ تىزىملىتىش ۋاقتىدا ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەۋەتىلگەن ماتېرىياللار باھالاپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا مۇناسىپ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ يۈزتۇرانە ئىمتىھان باسقۇچى بولۇپ، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) تاللىغان كەسپىگە مۇۋاپىق كېلىپ - كەلمەيدىغانلىقى، دۆلىتى ۋە تۈركىيەگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە كەلگۈسى (خىزمەت) پىلانى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى باسقۇچتا ئالغان نومۇرلىرىنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلاردىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھان ھەر دۆلەتنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش كالېندارىغا ئاساسەن 6 -، 7 - ۋە 8 - ئايلارنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، تۈركىيەدە ئوقۇشقا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى 8 - ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.

4- قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئوقۇش نەتىجىلىرى يۇقىرى بولغان، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنى ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيىتىگە كۆرە تاللىغان نامزاتلارغا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مۇۋاپىق ساندا زاپاس نامزات بېكىتىلىپ، ئالدىن تاللانغان نامزاتلاردىن كەلمىگەنلەرنىڭ ئورنىغا تىزىملىكتىكى رەت نومۇرى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

5- ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت پىلانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمنۇنىيىتىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ئالدىن قاتاردىكى ۋەقپە)شەخسى) ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، دەرسنى ئىنگىلىزچە بېرىدىغان فاكۇلتېتلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيتىلدى.

6- تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىلىرىنىڭ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق) 60 تىن تۆۋەن بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

7- بۇ يىل يولغا قويۇلغان «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىى»نىڭ تىزىملىتىش شەرتلىرى، تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ۋە نامزاتلارنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات 4 - ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى ئۇقتۇرۇش ۋە تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىق قارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈرك مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتى: www.ytb.gov.tr <http://www.ytb.gov.tr/> نى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى تارماق باشقارمىسى


 

2012-2013学 年度土耳其政府奖学金的通知

 

到现在为止,来自100多 个国家的留学生在土耳其审请到奖学金的。

到今年、留学生通过TCS(土 耳其共和国考试)或者外国政府单位被选来到土耳其的。2012 1 11 日 土耳其政府把原来的奖学金系统在土 耳其奖学金名 下重建了。重建的奖学金系统:申请、学生被选、配额和选择院校专业等方面带来了新的安排和方便。

2012-2013 学年度奖学金系统申请前的原则如下:

1. 新 的奖学金系统易于访问,对学生机会平等、便于学生根据自己的能力选择适合自己的学校和专业。

2. 申 请:申请人应符合奖学金的基本条件和要求,准备好有关申请材料后能在网上申请、愿意者把材料直接送抵或寄达本国驻土耳其大使馆。申请 比过去年方便多。接受申请日期4月初将在我们网上公布(www.ytb.gov.tr)。

3. 选 择:学生选择将分为两个步骤。第一步 骤,将确认于学生的学术地位(文凭级 / 高中毕业考试成绩 / 高考成绩 / 如果国际考试成绩或文凭级不明确、至少要学 生学业成绩平均点数之一)。土耳其大学为留学生提供了数以百计的专业选择、专业您申请的时候一块填写。在评估结果、学业成绩好的、合适土耳其奖学金的要求和条件的人员被通知面 试。如果没有条件面试的情况下,根据申请材料将在线面试或 / 或者通话确定是否合格。

第二是面试步骤。面试主要根据审请人员的学术背景是否适合自己选择的专业,自己的国家和土耳其的前景以及学生在职业生涯 的规划来评估的。根据两个步骤的成功排名,分配他们自己选的院校和专业。面试按各国的日历将在6-7-8月份进行。优胜者名单将于8月里公布。

4. 没有任何配额的限制。学业成绩好,专业的选择要注意能力,材料的准备要注意技巧,做到与众不同、才能顺利 地拿到奖学金。另 外限定替补人员数量、原名单上没来报名的人员由学业成绩较好的人员替换。

5. 选择院校和专业上作出了学生满意的新安排。 学生可以选择土耳其的私人大学。此外,在许多大学里增加了英语教育的专业。

6. 申请人员报告的任何一个学业成 绩必须达到及格线以上高中文凭级 / 高中毕业考试成绩 / 高考成绩 / 如果国际考试成绩或文凭级不明确、至少要学 生学业成绩平均点数之一)。

 

7. 今年实行的土耳其奖学金的申请条件,所要求的文件和选举的详细信息在4 月初与市 民共享。为土耳其奖学金的公布信息及申请期限参照我们网站(www.ytb.gov.tr)

 

在深深的敬意宣布公众

 

 

Wheelchairs
Wheelchairs