ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش



ئەركىن سىدىق

2007-10-2

1. ئېلخەت ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىڭ

سالام ۋەتەنداشلار،

ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ رامازان كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەن يېقىندا بەزىلەرنىڭ ياھوو ئېلخېتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېلخەت ئىسمى بىلەن پارولى (ئۇسەر ئىد ئاند پاسسۋورد) ئوغۇرلىماقچى بولىۋاتقېنىنى بىر قانچە قېتىم بايقىدىم. شۇڭا بۇ ئىشتىن سىلەرنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئوغۇرلۇق ئۇسۇلى مۇنداق ئىكەن:

ئۇلار سىزنىڭ ياھوو ئېلخېتىڭىزگە بىر ئۇيغۇر نامىدىن بىر ياكى بىر قانچە ئېلخەت ماڭدۇرىدىكەن. ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولۇپ، ئۇ خەتنىڭ ماۋزۇسىنى چەكسىڭىز، ئىكران ياھوو ئېلخېتىگە ئىسىم بىلەن پارولنى كىرگۈزۈپ كىرىش بېتىگە ئۆزگىرىدىكەن. يەنى، سىز ئالللىقاچان ياھوو ئېلخېتىڭىزگە كىرىپ بولغان بولسىڭىزمۇ، بۇ ئىكران سىزدىن ئىسمىڭىز بىلەن پارولنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ ئىكران گەرچە ياھوو ئېلخېتى ئىكرانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇ ئەسلىدە ياھوو نىڭ بولماستىن، باشقىلار تەرىپىدىن ياسالغان ئىكران ئىكەن. ئەگەر سىز بۇ قېتىم ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزسىڭىز، بۇ ئۇچۇر ئۇتتۇرلام ھېلىقى ئوغۇرلارغا كېتىپ قالىدىكەن.

بۇنى مەن مۇنداق بىلدىم: يېڭى بىر ئىكران ئەچىلغاندىن كېيىن، مەن “باچك” دىگەن يەرنى چېكىپ، ئەسلىدىكى ئورنۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولسام، بۇ ئىە (ئىنتەرنەت ئەخپلورەر) دېتالى ئۇنىڭغا يول قويماي، ئاشۇ يېڭى ئىكراندا تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنتەرنەت تور بېتى ئادرىسىنى كىرگۇزىدىغان ئورۇنغا ۋۋۋ.ياھوو.چوم نى قايتا كىرگۈزۈپ، ئاندىن “ماىل” نى تاللىسام، مەن ئۆزەمنىڭ ئەسلىدىكى ئەلخەت ئىكرانىمغا كېرەلىدىم. يەنى، ياھوو مەندىن ئىسمىم بىلەن پارولىمنى قايتا كىرگۈزۈشىمنى تەلەپ قىلمىدى.

نورمالنى ئەھۋالدا ياھوو ئېلخەتى ھەرگىز سىزدىن بىر ئېلخەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق تەلەپ قىلىپ قالسا، ئۇ مەن يوقۇرىدا ئېيتقان ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ ھەركىتى ئىكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر سىز بۇرۇن بىر ئېلخەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزۈپ باققان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى پارولىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز سىزنىڭ خەتلىرىڭىزنى ھېلىقى ئېلخەت ئوغۇرلىرىمۇ تەڭ كۆرۈپ تۇرىدۇ.

مەن بۇ ھادىسىنى ھازىرغىچە پەقەت ياھوو ئېلخېتىدىلا ئۇچراتتىم. ئەگەر باشقا ئېلخەتلەردىمۇ ئاشۇنداق ھادىسە كۆرۈلسە، ئۇمۇ ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ قىلغىنى بولىشى مۇمكىن.

ماڭا بۈگۈن ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ خېتىدىن ئىككىسى كەلدى. ئۇنىڭ بىرسى ”ئۇسا.ئۇيغۇر” دىن كەلگەن بولۇپ، ماۋزۇسى:”دونت فورگەت!-پلەاسە ئاتتەند تھە مەەتىڭ پۇنچتۇاللي. ”

يەنە بىرسى “ئەنۋارجان” دىن بولۇپ، ماۋزۇسى: “سالام”

2. ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى

قېرىندىشىمىز "قايتماس" يوقۇرىدا ئىنتېرنېتتە ئۇچرايدىغان، مەن تېخى توختالمىغان بىر خىل ۋىرۇس نى تىلغا ئاپتۇ. ئىنتېرنېت ۋىرۇس لىرىدىن دىگەندەك ساۋادى يوق ۋەتەنداشلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ خىل ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدىمۇ توختۇلۇپ ئۆتەي. يەنە بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە بۇ يازمامنىڭ 3-قىسمى، يەنى "ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى (3)>، نى مۇشۇ مۇنبەرگە چىقىرىمەن.

مېنىڭ مەرىپەتتىكى ئېلخەت ساندۇقۇمغا "داشقال ئېلخەتلەر" ئىنتايىن كۆپ كەلىدىغان بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، بۇ يىل ئەتىيازدا مەن "گماىل.چوم" دىن بىر ئېلخەت ساندۇقى ئالدىم (بۇ ساندۇققا پۇل ئېلىنمايدۇ). شۇ كۈنى ۋەتەندىكى بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان جاۋاب خېتىمنى مۇشۇ ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق ماڭدۇردۇم. ئەتىسى قارىسام، خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، بۇ ساندۇققا جۇڭگودا چەكلەنگەن سىياسىي مەزمۇننى ماۋزۇ قىلغان بىر ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەتتىن بىرسى كېلىپتۇ. بۇ خەتنى ماڭدۇرغان كىشىنىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئىكەن. ماڭا بۇ ئېلخەت ساندۇقىنى ئالغىلى تېخى ئاران بىر كۈن بولغان بولغاچقا، مەن بۇ ئىشقا قاراپ، "جۇڭگو بىلەن چەت ئەل چىگرىسىدا مەخسۇس گماىل دىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملەر باركەن"، دىگەن خۇلاسىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەر ئايلىغى پۇل تۆلەيدىغان پۇللۇق ئېلخەت مۇلازىمەت شىركىتىدىن يېڭى ئېلخەت ساندۇقىدىن بىرنى ئالدىم. ھەمدە ۋەتەندىكى 2 تونۇشۇمغا بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن مۇشۇ يېڭى ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش توغرىسىدا ئېلخەت ماڭدۇردۇم. ئەمما، 2-كۈنى قارىسام، مەن ئاچقان بۇ يېڭى ئېلخەت ساندۇقىغىمۇ ھەلىقىدەك چاپلانما بار خەتتىن بىر قانچىسى كېلىپ بوپتۇ. بۇ ئىشتىن مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: جۇڭگو بىلەن چەت ئەل چىگرىسىدا، چەت ئەلدىن كەلگەن ھەممە ئېلخەتلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملەر بار ئىكەن. ئادەتتە ماڭا ۋىرۇس بار ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەت كەلگەندە، ئوخشاش بىر ئېلخەت مەن ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ساندۇقلىرىمنىڭ ھەممىسىگە تەڭلا كېلىدۇ. دىمەك، ھېلىقى نازارەتچىلەر مېنىڭ ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ھەممە ئېلخەت ساندۇقلۇرۇمنى بىلىپ تۇرىدىكەن.

سىزگە بىر ئۇيغۇر نامىدا ئېلخەت يوللاپ، ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق سىزگە جۇڭگودا چەكلەنگەن سىياسىي مەزمۇندىكى بىر ھۆججەتنى ماڭدۇرۇشتا، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇنداق 2 مەقسىدى بار:

1. سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى بۇزۇپ تاشلاش. نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق سۈيىقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. سىزگە كەلگەن بۇنداق ھۆججەتلەرنىڭ ماۋزۇسى كىشىنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدىغان بىر مەزمۇندا بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋىرۇس قاچىلانغان بولىدۇ. سىز ئۇنى ئوقۇپ باقماقچى بولۇپ، ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى چەكسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق قىلتاققا چۈشمەسلىك ئۈچۈن، ھەرگىز سىز تونۇمايدىغان بىرەرسىدىن كەلگەن خەتتىكى ھۆججەتنى ئاچماڭ. ئەگەر سىز سىزگە بۇ خەتنى ماڭدۇرغان كىشىنى تونۇسىڭىز، ئۇ ھۆججەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن سىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىگە بىر تېلېفون قىلىپ، ياكى ئۇنىڭغا بىر مەخسۇس ئېلخەت ماڭدۇرۇپ، بۇ ئېلخەتنى شۇ كىشىنىڭ سىزگە ئىۋەرتكەن-ئىۋەرتمىگەنلىگىنى سوراپ بېقىڭ. بۇ قەدەمنى باسماي تۇرۇپ ئۇ ھۆججەتنى ھەرگىز ئاچماڭ.

باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرسىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،سىزمۇ ئىمكان قەدەر باشقىلارغا چاپلانما ھۆججەت ماڭدۇرماي، ماڭدۇرماقچى بولغان نەرسىنى ئېلخەتنىڭ ئىچىدىكى تېكىست شەكلىدە ماڭدۇرۇڭ. ئەگەر چوقۇم چاپلانما ھۆججەت شەكلىدە ماڭدۇرۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم قارشى تەرەپكە تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇڭ. مەن ھەچ قانداق ئادەمگە بىكاردىن-بىكار چاپلانما ھۆججەت ماڭدۇرمايمەن. شۇڭا سىزگە مېنىڭ نامىمدا چاپلانما ھۆججەت كېلىپ قالسا، ئۇنى ھەرگىز ئاچماڭ.

2. سىزنى قورقۇتۇپ، سىزنى چەت ئەلدىكىلەر بىلەن ھەچ قانداق ئېلخەت ئالاقىسى قىلماسلىققا مەجبۇرلاش. چەت ئەلدىكىلەر بىلەن نورمالنى ئېلخەت ئالاقىسى قىلىش ھەچ قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق ئىش ئەمەس. سىزگە باشقىلاردىن سىياسىي مەزمۇنددىكى ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەت كەلسە، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سەۋەنلىگىڭىز ئەمەس. بولۇپمۇ مەنىڭ ھازىرغا قەدەر باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ماڭا باشقىلار پەقەت مەنىڭ كومپيۇتېرىمنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈنلا ھەلىقىدەك ئېلخەتلەرنى ماڭدۇرىۋاتىدۇ. ماڭا ئۇنداق ئېلخەتلەردىن ھەر كۈنى بىر قانچىسى كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ. سىز بۇنداق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ھەرگىز قورقۇپ كەتمەي، ئۇنى دەرھال ئۆچۈرۋېتىڭ. ياكى مەن يوقۇرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن تەدبىرنى قوللۇنۇڭ. ئەگەر سىزگە سىياسىي مەزمۇندىكى ھۆججەت كەلگەنلىگى تۇپەيلىدىن ئېلخەت ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچسىڭىز، سىز دەل باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشكەن بولىسىز.

بۇ ئىشتا ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش، ئۆز-ئۆزىنى زۆرۈر بىلىم بىلەن قورانلاندۇرۇش. شۇنداق قىلسىڭىز يامان نىيەتلىك رەزىل كىشىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانماي، ھازىرقى ئەڭ ئىلغار تەخنولوگىيەنىڭ بىر ۋەكىلى بولغان ئىنتېرنېتتىن سىزمۇ ئۆنۈملۇك پايدىلىنالايسىز.

مەن كومپيۇتېردىن ۋە ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن بىر ئاز خەۋىرى بار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقىلارغا ئۈگىتىش، باشقىلارنى تەربىيىلەش بۇرچى بار، دەپ قارايمەن. شۇنداق ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىگىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. كام قالغان جايلىرىنى باشقا قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى سورايمەن. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى باشقا تور بەتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تەپىشىغا ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.

يوقۇرقى "ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى (2)" دىگەن مەزمۇن توغرىسىدا قىسقىچە ئەسكەرتىش:

ھازىرقى تەخنولوگىيە نۇقتىسىدىن ئەلىپ ئەيتقاندا، چىگرىدىن چىقىپ-كىرىۋاتقان ئەلخەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى كورۇپ تەكشۇرۇش پۇتۇنلەي مۇمكىن. لەكىن بۇنداق قىلىش خەلە كوپ ماددىي كۇچ تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بىر ھوكۇمەت چەگرادىن چىقىپ-كىرىۋاتقان ھەممە ئەلخەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۇرۇپ تۇرىشى ناتايىن. لەكىن، مۇشۇنداق ئەلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەلخەت ساندۇق ئادرىسىنى تىزىملىۋەلىش ئانچە قىيىن بولماسلىغى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىزنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتىشىنىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلخەتنى نورمال ھالدا ئىشلىتىۋاتقانلىغىڭىز توغرىسىدا ئوز-ئوزىڭىزگە ئىچەنچىڭىز بولسا، ھەرگىز باشقىچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەمدە ئەلخەت ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچىپ يۇرمەڭ. كىمنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى ھەلىقىدەك ناچار نەرسىلەرنى ماڭدۇرىۋاتقانلار ھەممىدىن بەك بىلىدۇ.