ۋاداھىرنىڭ ئوچۇق خېتىگە جاۋاب

ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى


كونا يېزىق: http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=15318

ھۆرمەتلىك ۋاداھىر ئۇكام،

ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە ئوخشاش بىر قىسىم ياشلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ماڭا بىر "ئوچۇق خەت" شەكلىدە يەتكۈزگىنىڭىزگە، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. مەن خېتىڭىزنى ئوقۇپ، سىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىڭىزنىڭ كەڭلىكىگە، تەھلىلىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا ۋە پىكرىڭىزنىڭ ئورۇنلۇق ۋە ئۆتكۈرلۈكىگە قايىل بولدۇم ۋە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

سىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىممىتى بار دەپ قاراپ كەلگەن ئىشلارنىڭ بىرسى. مۇھىملىق دەرىجىسى جەھەتتە مەن ئۈچۈن بۇ ئىش ئۆزەمنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئەگەر مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە، سىز تەكلىپ قىلغان ساھەدە ئۆزەمنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزەمنىڭ بارلىق ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ بېقىشنى مەن چىن كۆڭلۈمدىن خالايمەن.

مەن ئادەتتە كەلگۈسى توغرىسىدا پىلان تۈزگەندە، قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يول ئۈستىدە تەڭ باش قاتتۇرىمەن. شۇ ئاساستا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ئويلاپ چىقالمىغان نەرسىلەرنى پىلانغا كىرگۈزمەيمەن. شۇڭا سىزنىڭ خېتىڭىزنى ئوقۇغان ۋاقىتتىن باشلاپ، مەن سىز تەكلىپ قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانداق يوللار بارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم. نەتىجىدە مۇنداق ئىككى يول بارلىقىنى ھەس قىلدىم: 1) يېڭى ئىدىيىلەرنى تەسۋىرلەيدىغان ماقالە ۋە كىتابلارنى يېزىش، ھەمدە ھەر خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ بۇ يېڭى ئىدىيىلەرنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلىش. 2) ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا نوتۇق سۆزلەش.

2005-يىلىدىن باشلاپ مەن ئۆزەم ھەس قىلغان ۋە چۈشىنىپ يەتكەن نەرسىلەرنى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىشقا بىر ئاز ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىمەن. خۇدايىم بۇيرىسا بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغۇم بار. ئەگەر تورداشلارنىڭ ئىچىدە مەن ۋە باشقىلار چەت ئەلدىكى شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئىزدىنىپ جاۋاب تاپالايدىغان، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر ئاز ئومۇمىيلىققا ئىگە سوئاللىرى بارلار بولسا، ئۇ سوئاللارنى ماڭا ئېلخەت ( erkinsidiq@gmail.com ) ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بەرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھمىيەتلىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە دەپ قارىغان سوئاللارغا جاۋاب تەييارلاپ چىقىشنى خالايمەن. ئۆزۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سوئاللارنى بولسا چەت ئەلدىكى باشقا قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

ئىككىنچى ئىشقا كەلسەك، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەپسىلى ۋە ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئاشۇ دەۋىردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلار قايسى ئىكەنلىكى، ئۇ ئىشلارنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ھايات يولى، ھاياتلىقنىڭ قىممىتى ۋە باشقىلار توغرىسىدا ئۆز كاللامدا بىر-ئىككى سائەتلىك لېكسىيە تەييارلىغان ئىدىم. پىيادە يول مېڭىۋاتقاندا، كوچا ئاپتوبۇسىدا بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ماڭغاندا، پويىز ياكى ئايروپىلاندا ئىچكىركى ئۆلكىلەرگە يىغىنغا ماڭغاندا ۋە ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، مەندىكى بۇ لېكسىيە ئۆز مېڭەمدە توختىماي ئۆز-ئۆزۈمگە ئوقۇلۇپ تۇراتتى. شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، ئىككى قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. شاڭخەيدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقاندا، ئۇ يەردىكى بىر سىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قېتىم بىر سائەت سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. ياپونىيە ۋە ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، گەرچە مېنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئاشۇنداق لېكسىيە سۆزلەش ئىستىكىم ئىنتايىن كۈچەيگەن ۋە مەن ئۇنىڭ ھەر خىل شەرت-شارائىتىنى ھازىرلىغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇنداق قىلىش ئىستىكىم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتىشمۇ ئانچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن.

مەن سىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ توغرىسىدا يەنە باشقا قانداق ئۈنۈملۈك چارە ۋە ۋاسىتىلەر بارلىقى توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ كۆرىمەن. بۇ جەھەتتە سىزنىڭ ۋا باشقا قېرىنداشلارنىڭ ھەر قانداق پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا ماڭا يوللاپ بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

مەن مۇشۇ تېمىغا ئائىت يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتنىڭ 2-قىسمى 8-سوئالنىڭ جاۋابىدا بىر ئاز توختالغان ئىدىم. ئەگەر تېخى كۆرمىگەن بولسىڭىز ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ باققان بولسىڭىز. ئۇنىڭ تور بەت ئادرىسى:

<http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina8.htm>

ئاخىرىدا ۋەتەندىكى تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن مەن مۇنداق بىر تەكلىپنى سۇنماقچى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرى سىياسىي ئۆگىنىش تۈزىمى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پايدىلانغىلى بولامدۇ؟ . ئەگەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە بىر قانچە ئاي ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەر ئۆگىنىلسە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى ئازايتىشقا زور پايدىسى بولار ئىدى. ئەگەر تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور زىيانلىرى توغرىسىدا بىر قانچە ئاي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلسە، ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولار ئىدى. سىياسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان ۋە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نادىر كىتابلارنى ئۆگىنىش قىلىشمۇ ھەم شۇنداق. بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن قىممىتى زور بولغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. لېكىن، ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رايىغا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باغلىق. بۇ جەھەتتە بىر يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟



بىر دۇنياغا داڭلىق زاتنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى: شۇنداقتىمۇ قىلىۋەر

مەن ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئىلمىي دوكلادقا قاتناشتىم. بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى: « تھە پوۋەر ئوف ئوئۇر چوئىكەس ئاند ئوئۇر  ۋوردس» بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «بىز تاللىغان يول ۋە بىز تاللىغان سۆزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى» دىگەنگە توغرا كېلىدۇ.  بۇ دوكلادنى بەرگەن كىشى بىر دۇنياغا داڭلىق ئايال زاتنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل قىلغان ئىدى، مەن ئۇ سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن تېپىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باقتىم.  بۇ سۆزلەر يوقۇرىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بەزى تەكلىپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.  مېنىڭ تەرجىمە قىلغىنىم دىگەندەك توغرا بولمىغان يەرلىرىمۇ بولىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقا قەرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تور بەتلىرىگە چىقىرىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنىمۇ ئۇيغۇرچىسىنىڭ كەينىگە قوشۇپ قويدۇم.  بۇ سۆزنى قىلغان خانىمنىڭ ئىسمىنى بۇ يەردە ئاتاشنى مەن مۇۋاپىق كۆرمىدىم. (بۈركۈت ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى تەلىۋىگە ئاساسەن، ئەسلىدە قىسقارتىلغان يېرىنى چىقىرىپ قويدۇم)

ئۇيغۇرچىسى:

 
كىشىلەر ئادەتتە ئورۇنسىز ۋە سەۋەپسىز ئىش كۆرىدىغان، ۋە ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋەر.
 
ئەگەر سەن ئاق-كۆڭۈل بولساڭ، كىشىلەر ساڭا "شەخسىيەتچى"، "غەيرى مەقسەتلىك" دېگەن بوھتاننى چاپلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئاق-كۆڭۈللۈك قىلىۋەر.
 
ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولساڭ، سەن ئۆزەڭ ئۈچۈن بەزى ساختا دوستلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىسەن، ھەمدە بەزى ھەقىقىي دۈشمەنلەرنى تىكلەيسەن. شۇنداقتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىۋەر.
 
ئەگەر سەن راستچىل ۋە سەمىمىي بولساڭ، كىشىلەر سېنى ئالدىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ راستچىل ۋە سەمىمىي بولىۋەر.
 
ئەگەر سەن نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ بىر نەرسە ياسىساڭ، باشقىلار ئۇنى بىر كېچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ياساۋەر.
 
ئەگەر سەن خاتىرجەملىك ۋە بەخىتلىككە ئېرىشسەڭ، بەزىلەر ھەسەتخورلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بەخىتلىك بولىۋەر.
 
سەن بۈگۈن قىلغان ياخشىلىق كۆپۈنچە ۋاقىتتا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىۋەر.
 
ئۆزەڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلساڭمۇ، باشقىلار سەندىن مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزەڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلىۋەر.
 
ئاخىرقى ھەساپتا، بۇ ئىش سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئەمەس. سەن بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.
 

بۇ ئايال زاتنىڭ ئىسمى «تەرەسا» بولۇپ، دۇنيا خەلقى ئۇنى ھۆرمەتلەپ «تەرەسا ئانا» دەپ ئاتايدۇ.  ئۇ خانىم 1910-يىلى توغۇلغان بولۇپ، 1997-يىلى ۋاپات بولغان. 1979-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. تۆۋەندىكى تور بېتىدە ئۇنىڭغا ئائىت ئىنگلىزچە ئۇچۇرلار بار:

http://www.prayerfoundation.org/mother_teresa_do_it_anyway.htm

 

ئىنگلىزچىسى
 
Meripet: Erkin Sidiqqa Ochuq Xet
In’glizchisi
 
People are often unreasonable, irrational, and self-centered.  Forgive them anyway.
 
If you are kind, people may accuse you of selfish, ulterior motives.  Be kind anyway.
 
If you are successful, you will win some unfaithful friends and some genuine enemies.  Succeed anyway.
 
If you are honest and sincere people may deceive you.  Be honest and sincere anyway.
 
What you spend years creating, others could destroy overnight.  Create anyway.
 
If you find serenity and happiness, some may be jealous.  Be happy anyway.
 
The good you do today, will often be forgotten.  Do good anyway.
 
Give the best you have, and it will never be enough.  Give your best anyway.
 
In the final analysis, it is between you and God.  It was never between you and them anyway.


--------------------------------------------------------------------------------

ئەركىن سىدىققا ئوچۇق خەت  

ئاپتورى: ۋادارىھ
2007-12-25

ئارزۇ بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى ھاڭ بەك كەڭ ھەم چۇڭقۇر . شۇڭا ئادەم قىلىمەن دىگەننى قىلالمىسىمۇ قىلىۋاتقىنىنى بولسىمۇ ياخشى قىلىشى كىرەك . ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى كىرەك . بولمىسا ھەممىسى نۆلگە تەڭ .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ، سىز باشلىق ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئوتلۇق سالام !

سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىز ئارقىلىق سىز بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ھەر بىر شەرەپ ئىگىسىنىڭ يۈرىكى سۆيۈنمەي قالمايدۇ . ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ مۇۋەپپەققىيەتلىرىڭىز – ئۇلاردىن خەۋەر تاپقان ھەر بىر قەلپ ئىگىسىنى ئىپتىخارلاندۇردى . ئۇلار كۆزلىرىنى سىزگە تىكتى . بۇ ئۈمىتلىك كۆزلەر سىزدىن نىمىنىدۇر كۈتىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە سىز ئاشۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسىز . سىزگە ئالەمچە تەشەككۈر !

سىزنىڭ ھايات مۇساپىڭىز ئاساسىدا ، مۇۋاپپەققىيەتلىرىڭىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە يەكۈنلەپ چىققان ‹‹ مۇۋەپپەققىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى ›› ھەر بىر ئوقۇرمەننى يېڭى پىكىر مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتتى . ‹‹ ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كىرەك ›› سەرلەۋھىلىك كۆرسەتمىڭىز – كەسپ تاللاشتا قايمۇقۇپ يۈرگەنلەرنىڭ پىكىر قاراڭغۇلۇقىنى يورۇتتى . سىزدىن سۇئال سورىغانلارغا ،ۋاقتى شۇنداق زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەتقىقات خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ ۋاقىت ئاجىرتىپ ئەستايىدىللىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن بەرگەن – ئەتراپلىق ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر مۇجەسسەملەشكەن جاۋاپلىرىڭىز ، ئۇلارنىڭ پىكىر توسقۇنلۇقلىرىنى ئېچىپ ، تەمتىرەپ يۈرگەن پىكىرلىرىنى ئىزىغا سالدى . ئۇلارغا ئىلھام ، مەدەت بولدى .

ھەر بىر ئادەم مۇۋەپپەققىيەتكە، يۇقۇرى پەللىگە ئىنتىلىدۇ . سۇ پەسكە ئاقىدۇ ، ئادەم ئىگىزگە . مۇۋەپپەققىيەتشۇناسلار مۇۋەپپەققىيەتنىڭ ئاساسى ئامىلىنى ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلايدۇ . ئىچكى ئامىلنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويىدۇ . مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە ، ‹‹ پۈتۈن دۇنيا ئورگانىك بىر گەۋدە ›› بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم جەمىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مۇۋەپپەققىيەتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە . بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەققىيتىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى – كەسىپتە . مەيلى تەتقىقاتچىلار بولسۇن ، ئالىملار بولسۇن ، داڭلىق سودىگەر ، ھۈنەرۋەنلەر بولسۇن ئۇلار ئاشۇ كەسىپنى تۇتقا قىلىپ مۇۋەپپەققىيەت قازانغان . سىزنىڭ بۇ ئىككى نوقتىنى باغلاپ تۇرۇپ يېڭىچە پىكىر ئەندىزىسى بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت .

مۇۋەپپەققىيەتنىڭ ئاساسى ئامىلى بولغان كەسىپ ۋە سىرتقى ئامىلغا كىلەيلى . بىزنىڭ بۇ يەردە مائارىپ يارىيار ھارۋىدەك قالاق ھالەتتە . مۇتەسسىپ . مائارىپنىڭ تەربىيلىگەن ياراملىقلىرى بەك ئاز . بۇ – ھەقىقەت. مائارىپ ئاللىقاچان ماياكلىق رولىدىن ئايرىلىپ قالغان . مەكتەپ پۇتتۈرگەن ياشلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جەمىيەتكە چىقىپلا گاڭگىراپ قېلىشى - بۇنىڭ يۈز پىرسەنتلىك دەلىلى . بىرىنىڭ بۇ يەردە كەسىپنى مۇۋەپپەققىيەتلىك تاللاش بەك مۈشكۈل . تاللىغان تەقدىردىمۇ مائارىپنىڭ مۇۋەپپەققىيەتكە يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يوق .

كەسپ تاللشتا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلارنىڭ %50 لا قوبۇل قىلىنىدىغان ساننىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن تىرشىدۇ . بۇ بەخىتكە نائىل بولغانلىرىدىن ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا ئۆزلىرى خالىغان كەسىپكە كىلەلەيدۇ . قالغانلىرى بولسا ئۆتكىنىدىن خوش . قايسى كەسىپنىڭ بولۇشى موھىم ئەمەس . مەكتەپكە كىلىپ بولۇپ كەسىپتىن قاقشايدۇ . بۇ يەردە مائارىپ كەسىپنى ‹‹ ئاكاڭ كىمنى ئالسا ، يەڭگەڭ شۇ ›› قىلىۋەتكەن . قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئۆزى خالىمىسىمۇ ئوقۇشقا مەجبۇر . چۈنكى بۇ قانداقلا بولمىسۇن كىيىنكى جان بېقىشنىڭ ئاساسى .

كەسىپنى ئۆزى تاللاپ كەلگەنلەرگە كەلسەك – مائارىپ ئۇلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز كەسپىنى توغرا تاللىغىنىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ، چۈنكى بۇ يەردە كەسىپنى توغرا تاللاشنىڭ ئۆلچىمى – تېز خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان بولۇش ، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولۇش . بۇنداق تېز ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەتتە ئالدىن بىلەر موللا تاپقاقلارمۇ بۇنىڭغا ئاجىز كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ تەقدىرىگە تەن بېرىپ جان بېقىشنىڭ ئاساسىنى ياراتتى .

يۇقارقى سەۋەپنىڭ ھەممىسى مائارىپ بىلەن جەمىيەتتە . مائارىپ ئۇلارنىڭ كۈتكىنىنى بىرەلمىدى . جەمىيەت بولسا تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قۇم تىقىپ تېخىمۇ قايمۇقتۇرىۋەتتى . شۇ سەۋەپلىك بىزدىن مۇۋەپپەققىيەت قازانغانلار بەك ئاز چىقتى . ئەلۋەتتە ، مىنىڭ بۇ قارىشىم ھازىر جەمىيەتتە مودا بولىۋاتقان ‹‹ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ لايغەزەللىشىشى ، تىرىشماسلىقى ، يولدىن چىقىشى ، ئۆزىنى تاشلىۋىتىشى ..... ››دەك قاراشلارنى چەتكە قاقمايدۇ . چۈنكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن بىرەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىققۇدەك بولۇش ، كەسىپنى ھەر ھالدا مۇكەممەل ئىگەللەش – ئۇلارغا قويىلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ . بۇنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلاردىن مۇۋەپپەققىيەتنى كۈتۈش ئاقىلانىلىك بولسا بۇ باشقا گەپ .

ئەمدى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە كىلەيلى . بۇ يەردە ئوقۇش ، ئۈگىنىش، ئىزدىنىش ئوقۇش پۈتتۈرگىچىلىكلا داۋاملىشىدۇ . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن جان بېقىش كىرەك . يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا شارائىتى يار بىرىدىغانلار بەك ئاز . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى نىمە ئىش قىلش ، خىزمەت مەسىلىسى باش قاتۇرىدۇ . ئورۇنلىشالىغانلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، ئورۇنلىشالمىغانلار خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە قالىدۇ . جەمىيەت ئۇلارغا ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىغىدەك ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ . چۈنكى جان بېقىش بارغانسىرى تەسلىشىپ كەتتى . بۇ ھال مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىزدىكىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە .

ئەركىن سىدىق ئاكا ، سىز تەڭلىمىڭىزدە پۇرسەتنى تەكىتلەپ ئاجايىپ ياخشى قىپسىز . سىز ئەگەر ئاشۇ چاغدا ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، مۇشۇ تاپتا ‹‹ ئامرىكا ھاۋا قاتنىشى ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى ›› دا ئەمەس بەلكى جۇڭگۇنىڭ تىراكتۇر تەتقىقات ئورنىدىمۇ ئىشلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئىدى . ( بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكىنىم ئەمەس. ). ھەر نىمە بولسا سىز شۇ پۇرسەتكە نائىل بولۇپتىكەنسىز . لىكىن كىسىپ ئېيتىمەنكى –ئۇنداق تەلەي ھەم چوڭ – كىچىك ياخشى پۇرسەتلەر بىزگە نىسىپ بولمايدۇ . ئاشۇ مۇۋەپپەققىيەتكە يۈزلىنىدىغان پۇرسەتنى يارىتىش ئۈچۈنمۇ بىز بەك ، بەك ، بەك تېرىشمىساق بولمايدۇ . مۇۋەپپەققىيەت بىزلەردىن قانچىلىك يىراقلىقتا بۇنىسى نامەلۇم . لىكىن بۇنىڭدىن چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىش – تىرىك تۇرۇپ تەييار گۆرگە كىرىپ ياتقانلىقنىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟

سىز ياخشى تەسىر قوزغىيالىدىڭىز . سىزگە ئاپىرىن ! مەن بۇ خېتىم ئارقىلىق سىزنىڭ تەڭلىمىڭىز ۋە كۆز قاراشلىرىڭىزغا پۈتۈنلەي قارمۇ – قارشى بولمىغان ھالدا ئاقساقاللىق بىلەن بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

مىنىڭچە سىزنىڭ ماقالىللىرىڭىزنى ئوقۇيدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئاللىقاچان يەڭگىسى بولۇپ بولغانلار . غايەت زور غەيرەتكە كىلىپ يەڭگە ئالماشتۇرماقچى بولغانلارغا ئاپىرىن ئېيتىمىزيۇ ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئاكىسىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تازا ئىشەنچ قىلالمايمىز . ئاشۇ يەڭگىسى بولۇپ بولغان ، يەڭگىسىدىن قاقشاپ يۈرگەنلەرگە ، گاڭگىراپ يۈرگەنلەرگە بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كېرىكى – قامچا . يەنى – ئۇلاردا تەقدىرىگە تەن بېرىپ ئەمەس ، رىئاللىققا دادىل يۈزلەنگەن ئاساستا يەڭگىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ئادەمگەرچىلىكنى يىتىلدۈرىدىغان ، ئات تاپقىچە ئېشەك مىنەلەيدىغان ، مىنگەن ئېشكىنى ئات تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان ، ئېشىكى بولمىسا ماڭالايدىغان ، ماڭالمىسا ئۆمىلىيەلەيدىغان ، ئات مىنگەنلىرى ئىشەك مىنگەنلىرىنى ، ئېشەك مىنگەنلىرى ماڭغانلىرىنى ، ماڭغانلىرى ئۆمىلەۋاتقانلىرىنى يۆلەيدىغان ، ھەممىسى تىرىك تۇرۇپ گۆرگە كىرىۋالغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىدىغان روھنى يىتىلدۈرىدىغان قامچا . بۇ قامچىنى سىزنى ئۇرسىكەن دىگەن ئۈمىت ھەم ئىشەنچتىمەن . سىز بۇ قامچىنى ئۇلارنىڭ يېغىرىغا تەگكىدەك ، ئۇلارنى ئەندىكتۈرگىدەك ، چاپچىتقۇدەك ، سەگىتكۈدەك ، ئۇلارغا – مەنزىلنىڭ بۇ ئەمەسلىكىنى ، قانداقلا بولمىسۇن توختىماي ئالغا ئىلگىرلىشى كىرەكلىكىنى تونۇتقىدەك قاتتىق ھەم تورى بىلەن ئۇرۇشقا تىرىشقايسىز . ئەگەر بۇنىڭغا يالغۇزلۇق قىلسىڭىز دىيارىمىزدىكى يۈرىكىدە ئاشۇلار بولغان سىزدەك ئالىيجاناپ بىلم ئىگىللىرى سىز بىلەن ھەمدەمدە بولغۇسى .

ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۈگىدەپ قالغان تۇلپارلار ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەددى ئەمەس . ئۇلارغا بوغۇز كەم ئەمەس . كىمى - قامچا . سىز بۇ قامچىنى كىلىشتۈرۈپ ئۇرالىسىڭىزلا ئۇلار يول ئىزدەپ تېڭىرقاپ يۈرمەيدۇ . يول ئاچىدۇ . قاقاسلىق ھەتتا مىخ ئۈستىدىمۇ تۇيىقىدىن ئوت چىقىرىپ چاپالايدۇ . شۇندىلا ئۇلاردىن كۆرىدىغىنىڭىز ‹‹ ياشاشقا ۋە يۇقۇرى ئۆرلەشكە ئامالسىز قالغان چىراي ›› ئەمەس بەلكى چىلبۆرىلەرنى ئەيمەندۈرگىدەك سۈرلۈك ، ئوت دېڭىزىدىنمۇ يانمايدىغان قەتئى ، ھەر قانداق كۈلپەتنى كۈكۈم – تالقان قىلىۋىتەلەيدىغان قەھرى – غەزەپكە تولغان چىراي بولىدۇ . ئاشۇ چىراينى كۆرگەن كۈنى قۇياشقا قاراڭ نىمىنى كۆرىسىزكىن؟


مەنبەسى: http://www.bilik.cn/?pagetype-bbsthread-and-tid-15318.html

© Copyright 2004 Uyghur Meripet Homepage: http://www.Meripet.com