يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (1)

ئەركىن سىدىق (2009-يىلى 1-ئاينىڭ 16- كۈنى)

خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (1) 

(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)

مەن ئۆزەمنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى يازمامدا خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆچمەن مىللەتلەر مائارىپى ۋە ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئاشۇ يازمىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا ئايرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن يېقىندا «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلىرى بايان قىلىنغان ناھايىتى مۇھىم ماقالىدىن بىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مىساللار سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنماپتۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا كۆزدە تۇتۇلغان جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭدا ئانالىز قىلىنغان ئەھۋاللار ئۇيغۇر دىيارىنىڭكى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە تېزراق تونۇشتۇرۇپ بېرىشكە ئىنتايىن تەقەززا بولۇپ كەتتىم. ئەمما، خىزمەتتىكى ۋە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى جىددىيچىلىك تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى سۇرئىتىم ناھايىتى ئاستا بولۇپ قېلىپ، ئاخىرى بۇ يازمىنى بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ يوللاشنى قارار قىلدىم.

      مەن بۇ قېتىم تاپقان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە ماقالە بولسا، كەڭگېس خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرىلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نوۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان بىر پارچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» (ئىنگلىزچە «Expert Paper») دۇر. بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى «يەرلىك بالىلار مائارىپىنىڭ شەكلىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئوتكۈزگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولامدۇ؟» بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېلىقى تۆت نەپەر ئاپتورنىڭ ب د ت غا قويغان تەلەپلىرى تولۇق ئىلمىي ئاساسلار بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى توۋەندىكى تور بەتتىن كورەلەيسىز:

http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf 
       بۇ ئىنگلىزچە ماقالە شەكىل جەھەتتە «ئىسپات بېرىش ماقالىسى» تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ماقالىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە دۇنياغا تونۇلغان ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىلاردا بايان قىلىنغان سۆزلىرى نەقىل شەكلىدە ئەينەن ئىشلىتىلگەن. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئەسلى ماقالىدىكى تەرتىپ ۋە تېما بويىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.

      بۇ ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى مۇنداق:

      (1) دوكتۇر توۋ سكۇتناب-كەڭگېس خانىم (Tove Skutnabb-Kangas) : فىنلاندىيەدىكى «Roskilde» ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفىسسورى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى، دانىيە تىلى، فىنلاندىيە تىلى، گېرمان تىلى، نورۋىگىيە تىلى ۋە شىۋىتسىيە تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق ئىكەن. ئۇ خانىم پۈتۈن ئۆمرىنى تىل جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق، تىل جەھەتتىكى ئىمپېرىيالىزم، قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق مائارىپ، تىل ۋە ھوقۇق، ئىنگلىز تىلىنىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان كېمەيتىش مائارىپى، ۋە ئىنسانلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى بىلەن بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتقا بېغىشلىغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە بېرىپ ئىلمىي دوكلات بەرگەن. كۆپ قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئوتتۇزدىن ئارتۇق كىتاپقا ئاپتور ياكى تەھرىر بولغان. پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇزدىن ئارتۇق تىلدا 400 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تور ئادرىسى:

http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm

      (2) روبېرت دانبېر (Robert Dunbar): ئەنگىلىيە «ئابەردىن (Aberdeen)» ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قانۇن ۋە تىلشۇناسلىق مۇھەررىرى.

      (3) لارس-ئاندېرس بېر (Lars-Anders Baer): « ب د ت يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» نىڭ ھازىرقى ئەزاسى.

      (4) ئولى ھېنرىك ماگگا (Ole Henrik Magga): «ب د ت يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» نىڭ سابىق ئەزاسى ۋە سابىق رەئىسى.

      مەن بۇ يەردە ئېنىق ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىگە، خەنزۇ تىلىدا ساۋادىنى تولۇق چىقىرىشىغا قارشى ئەمەس. ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە، مەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئۆگىنىۋېلىشىنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. 1979-يىلىدىن 83-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە، مەن ھەر يىلى مەكتەپتە ئوتكۇزۇلگەن «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزۈمدە خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش مەسىلىسى ئۈسىتىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە مۇنداق بولغان ئىدى: «ھازىرقى زاماندا بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قۇل بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ئاسانلىقچە يۇز بەرمەيدۇ. لېكىن، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا قۇل بولۇپ قالىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر سىز ئاشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىماي دىسىڭىز، 1-يىلدىكى خەنزۇچە ئۆگىنىش مۇددىتىدىن چوقۇم ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ، خەنزۇ تىلى ساۋادىڭىزنى تولۇق چىقىرىۋېلىڭ.» مېنىڭ بۇ سوزلەرنى قىلغىنىمغا ھازىر 25 يىلدىن ئاشتى. ھازىر بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قۇل بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى قانداقراق؟

      ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرقىدەك ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈش، ئۇيغۇر تىلىنى 3- ياكى 4-سىنىپقا كۆچمىگىچە ئۆتمەسلىك سىياسىتى يولغا قويۇلغىلى تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. مەن ھازىرغىچە ئېرىشكەن چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگودا ئەنەشۇنداق قىلىشنىڭ مۇشۇ ئەۋلات ۋە كېيىنكى ئەۋلات ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان. بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى باشلىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەھۋاللارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىسى 1800-يىللىرى يۇز بەرگەن ئىشلار ئىكەن. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرى يۇقىرىقى «ماقالە» دە ناھايىتى تولۇق تەسۋىرلەنگەن. ئاشۇ يەكۈنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشى ئىنتايىن خاتا بولۇپ، ئەگەر ئىشلار مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر بالىلىرى خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر ئىككىسىدە تولۇق ساۋاتلىق بولالمايدىكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، جەمئىيەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان، پەقەت تۆۋەن دەرىجىلىك قارا خىزمەتكىلا يارايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. شۇنداقلا، ئەگەر ھازىرقى بالىلارنى 1-ئەۋلات دىسەك، ئۇلارنىڭ 2-ئەۋلات كىشىلىرىگە ياكى ئۆز بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆگىتىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىككىنچى ئەۋلاتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە بارمايلا مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقى يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. سىز ئۇشبۇ يازمامنى ئوقۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى گەپلەرنى دۇنياغا تونۇلغان خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىيالايسىز.

      يۇقىرىقى قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بەزىلەر «كىچىگىدىن باشلاپ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلار (يەنى مىن كاۋ خەنلەر) نىڭ ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگو ۋە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلارمۇ بارغۇ؟»، دەپ سورىشى مۇمكىن. شۇنداق. ئاشۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن بار. لېكىن، مېنىڭچە ئۇنداقلارنىڭ سانى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. (ئويلاپ بېقىڭ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ھېكايە-رومان، ئۇيغۇرچە تارىخ كىتاپلىرىنى ئوقۇيالايدىغانلاردىن قانچىلىك بار؟ ئاشۇنداق كىتاپلارنى يازالايدىغانلاردىنچۇ؟) ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي يەكۈن چىقارغاندا، پەقەت ئومۇمىيلىقنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئومۇمىيلىق بولغىنىغا ئوخشاش، قىسمەنلىك ۋە ئالاھىدە مىساللارمۇ چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەر ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇغاندا، دىققىتىنى ئومۇمىيلىققا مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

      رومىنىيەدە ياشايدىغان ۋېنگرىيىلىك يازغۇچى ئاندراس سۇتو (Andras Suto) مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئىنسان ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانسا، ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىدىنمۇ تەڭ ئايرىلىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ بىر ئېرتسىيەتلىك ۋۇجۇدى بولىدۇ. بۇ ئېرتسىيەتلىك ۋۇجۇدنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا پەقەت ئۆز ئانا تىلىدىلا ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ.» مېنىڭچە ھېلىقى «ماقالە» دىكى «ب د ت» گە سۇنۇلغان تەلەپلەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارغا قارىغاندا ئاشۇ تەلەپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىلمىي ئاساسلار تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن. بۇ ئىلمىي ئاساسلارنى بىلىۋېلىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەر ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان، باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى يىللىقلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سىياسىتىنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئىنتايىن يامان ئاقىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۇشىنەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

. مۇقەددىمە

      مەملىكەتلىك مائارىپ سىياسەتلىرى كوپىنچە ئەھۋالدا بىر يەرلىك تىلنى ئانا تىل قىلغان يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ.

      بىرىنچىدىن، بۇنداق سىياسەتلەر تىل ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلى مەكتەپلەردە ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تەرەققىي قىلمايدۇ. يەنى، يەرلىك مىللەت تىلىنىڭ ئۆزى بىر يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلاشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەرلىك مىللەت تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلار ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىشى ھەمدە ئۇلارغا ئۇشبۇ نەرسىلەر ئۆگىتىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلار ئۆز مىللىتىدىن بولغان چوڭلار ۋە پىشقەدەملەر بىلەن بىرگە ياشىمايدىكەن، ھەمدە بۇ چوڭلار، پىشقەدەملەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ بالىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى، ھېكايىسى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆگىتىشىگە يول قويۇلمايدىكەن، ئۇ ھالدا بالىلار ئۇ نەرسىلەرنى تولۇق ئۆگىنەلمەيدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆز ئانا تىلىدا تولۇق ساۋادىنى چىقارمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارغا (يەنى ئۆز بالىلىرىغا) ئۆگىتىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

      ئىككىنچىدىن، مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پەقەت ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنىلا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن ھالدا چەكلەنگەن بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىگە يول قويماسلىق، ياكى ئۇلارنى ئانا تىلنى پىششىق بىلىدىغان چوڭلاردىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش، يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى كۇندىلىك تۇرمۇشتا ۋە مەكتەپتە ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق ئايرىۋېتىش ھەممە ياكى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك مىللەت تىلىنى بىلمەيدىغان ھۆكۈمران مىللەت كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەھۋالدىمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر روشەن مىسالى بالىلارنى ئۆيدىن ئايرىپ، مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئوقۇتۇشتۇر. بۇنداق سىياسەتلەر ھازىرغا قەدەر بالىلارغا يالغۇز ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي زەخمىلەرنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي زىيانلارنىمۇ سالدى. بۇ زەخمىلەر مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىجتىمائىي قالايمىقانچلىق، پىسىخىلوگىيە جەھەتتىكى زەخمە، چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارىدىكى زەخمە، تىل ۋە ئوقۇشتىكى زەخمىلەر. مۇشۇنداق زىيان-زەخمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى. ئامېرىكىلىق زىيالى تېرىسا مككارتي (Teresa McCarty) ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسىدا مەكتەپتە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەرلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ناچار، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىمۇ يەرلىك مىللەت ياشلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى.

      ھازىر شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق بولدىكى، ھۆكۈمەتلەر يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئوقۇشقا مەجبۇرلىسا يۇقىرىقىدەك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ باشقا يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىپ بولدى. بىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئاشۇنداق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ھازىر تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر خىل شەكلى، دەپ قارىلىدۇ. بىزنىڭ (ئۇشبۇ ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنى دىمەكچى) قارىشىمىزچە، ب د ت  1948-يىلى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش توغرىسىدىكى كېلىشىم» نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ھېلىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەنەشۇنداق بىر مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى بىر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خەلقئارالىق جىنايەت، ياكى ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

      بىز (ئۇشبۇ ماقالىنىڭ تۆت ئاپتورىنى دىمەكچى) ئۆزلىرىمىزنىڭ 2004-يىلى ئېلان قىلغان يەنە بىر «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» دا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بايان قىلغان ئىدۇق: يەرلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى ئاساسەن ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدىلا ئېلىپ بارغاندا، مەركىزىي كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىدە بېكىتىلگەن نىشانلارنى، بولۇپمۇ مائارىپ ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئادەتتىن تاشقىرى سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ساھەسىدىكى سابىق ئالاھىدە پۈتۈكچىسى كاتارىنا توماسىۋىسكى (Katarina Tomasevski) نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش تىل، پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتە بىر خىل توسالغۇ پەيدا قىلىپ، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئەگەر مائارىپ تىلى جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقى كېلىشمىسى بولمايدىكەن، بولۇپمۇ ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە شەرتى تولۇق توشىدىغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس قىلىپ ئۆتكەن ئاساستا، دۆلەت ئىگىلىگىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن، كۆپ ساندىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى پەقەتلا «كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردىكى «كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسى» دىگىنىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا ياكى ئانا تىلىنىڭ بەدىلىگە ئۆگىنىشى بولۇپ، مۇشۇنداق كېمەيتىلگەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلى دەسلىپىدە قالايمىقانلىشىدۇ، كېيىنچە بولسا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىل ئالىدۇ. كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بالىلار، ياكى كام دېگەندە ئۇلارنىڭ بالىلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بىر جەمئىيەت كۆلىمى بويىچە قارىغاندا، كېمەيتىلگەن مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن مىللەتنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلاردىن ئىبارەت ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالمىشىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ئالدى بىلەن يوقاپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. كېيىنچە بولسا يەرلىك تىلنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ تىلدىكى كۆپ خىللىقىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ھەسسە قوشىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ئۆزلىگىدىن بولغان ئەمەس. بۇنداق ئۆزگىرىش يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن باشقا تاللاش يولى بولمىغانلىغى، ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەجبۇرى سىياسەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.

      نۆۋەتتىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان ئىلمىي تەتقىقات يەكۈنلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى، ھەمدە ھۆكۈمران تىلدىكى ساۋاتلىق بولۇش سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىلغان مەكتەپ تەربىيىسىنى قانچە ئۇزۇن كۆرگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى قاتارلىق باشقا ئامىللار ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق بولۇشتىكى سەۋىيىنى قانداق قىلغاندا ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى، ھەمدە ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىنىمۇ قانداق قىلغاندا ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىغىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بولغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىدا ئاشۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان سىياسەتلەر يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ھۆكۈمران تىلدا ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەڭگۈ كەمبەغەل بولۇپ ياشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە ئۇلارغا روھىي جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر زىيان-زەخمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

      ئۇشبۇ ماقالىدا بىز يۇقىرىقىدەك مائارىپ سىياسىتىنىڭ ھازىرقى مەقسەتلىك ھالدا يولغا قويۇلۇش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. ھەمدە ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارالىق قانۇن-پەرمانلارنىڭ دائىرىسىدە ئەنەشۇنداق ئىشلارنى بىر خىل جىنايى ھەرىكەت، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز.

      يۇقىرىقىلار كەڭگېس خانىم قاتارلىق تۆت ئاپتورنىڭ ماقالىسىنىڭ «مۇقەددىمە» قىسمى بولۇپ، مەن بۇ قېتىم بۇ يازمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كەڭگېس خانىملارنىڭ ماقالىسىدىكى ئىلمىي ئۇقۇملار ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ ماقالىنىڭ قالغان قىسمىنى ئىمكان قەدەر تېزراق تەييارلاپ يوللاشقا تىرىشىمەن. بۇ يەردە مەن ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەندىكى تور بەتتىدىكى مەزمۇننى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:


       مەن ئۇشبۇ يازمامنى يېقىندا http://meripet.blogbus.com http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30697گە يەزىلغان توۋەندىكى بىر ئىنكاس بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ خىلۋەتتىكى بوستانلىق كەنتىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام. يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن. مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق سىزنى تونۇغان،يازمىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىخلاسمەنلىرىڭىزنىڭ بىرى. مەن سىزگە خېلىدىن بېرى خەت يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەرزىمەس خەتلىرىم ئارقىلىق سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ سىزگە خەت يازمىغان ئىدىم، ئەمما سىزنىڭ دىيارىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقان ”قوش تىللىق مائارىپ“توغرىسىدىكى ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، ئىختىيارسىز سىزگە خەت يېزىشقا كىرىشتىم. قوش تىللىق مائارىپنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلىرى خېلىدىن بېرى مېنى ئويلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما باشقىلار قانداق ئويلىدى بۇنىسى ماڭا نامەلۈم بولغانلىقتىن، بۇجەھەتتە چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان ئىنكاسلاردىن مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا،پەن-مەدەنىيتىگە ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ،خېلى ئۈمۈدكە تولدۇم. بىزدە ”تاما-تاما كۆل تولار“دىگەن گەپ بار. بىزدە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلىرىمىز قانچە كۆپەيسە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە پايدىلىق. دىيارىمىزدىكى پۇل-مال، ھوقۇقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بىرقىسىم نان قېپىلارغا قارىغاندا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بولۇشى مىللىتىمىزنىڭ بەختى.

      مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق بولغاچقا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىتاپلارنى چاڭ قوندۇرماي ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. مەقسەد مەن سۆيۈپ ئوقۇغان كىتاپلارنى پەرزەنتلىرىممۇ سۆيۈپ ئوقۇسا، ماڭا ئەجدادىمنى تونۇتقان كىتاپلاردىن پەرزەنتلىرىممۇ ئاتا-بوۋىلىرىنى بىلىۋالسا، ئۆز مەدەنىيتىنى بىلىۋالسا، پەرزەنتلىرىم ئۆز مىللىتىنىڭ پەن-مەدەنىيتىنى، تارىخىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقسا دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. مىڭ ئەپسۈس ،بالام مەكتەپ يىشىغا توشقاندىن كىيىن بۇجەھەتتىكى ئەندىشەم كۈنسېرى ئېشىپ باردى. بالام قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. گەرچە بۇ مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىسىدا “ قوش تىل مەكتەپ ”دەپ يىزىقلىق بولسىمۇ بارلىق دەرسلەر خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلگەنلىكتىن ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى“ خەنزۇ مەكتەپ ”دەپ ئاتايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بالامنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئائىلىدە چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم، ئەمما مەكتەپتە ئۇيغۇرچە يىزىق بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇلارنى يېزىش،چۈشىنىشتە ۋە ئۇيغۇر تىل-يىزىق سەۋىيسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشتا قىينچىلىق خېلى ئېغىر بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن باللىرىمغا قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان قىممەتلىك كىتاپلار ”ئىز “ .“ئويغانغان زىمىن“،“ ئانايۇرت ”،“جاللات خېنىم“……………قاتارلىق نۇرغۇن كىتاپلار مەندىن كىيىن قالسا توپا بېسىپ، بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالارمۇ-ھە؟! بالىلىرىم ، بىزنى دۇنياغا تونۇتقان مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدىرىھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن……….. قاتارلىق ئالىم، ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغان ۋە ئاتىيالمايدىغان(ھەتتا ئاغزى كەلمەيدىغان)بولۇپ چىقارمۇ-ھە؟! ئانا تىلىدا مۇنتىزىم تەربىيلەنمىسە ئانا تىلىدا يېزىلغان قىممەتلىك كىتاپلارنى قانداقمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلەر؟

      مەن ئىلگىرى بالام چوڭ بولسا ياخشىراق خىزمەتكە ئورۇنلىشالارمۇ؟ دىگەننى ئويلايتتىم. ئەمدى بالام چوڭ بولسا ماڭا ۋە ئاتا-بوۋىسىغا ئوخشىماي قالارمۇ؟ دىگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. خەيرىيەت، ھەممىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيسەك، ئىزدەنسەك قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا چوقۇم ئېرىشەلەيمىز.
مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.سىزگە بەخت تىلەپ: …»
تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى (www.meripet.org   www.meripet.com

) دىن ئۇيغۇر

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئادرىسلىرى توپلىمى:

)  «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى»
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf

)  دوكتۇر توۋ سكۇتناب-كەڭگېس خانىم (Tove Skutnabb-Kangas) :
http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm

) بۇ يازمىنىڭ ئاپتۇرى تەۋسىيە قىلغان بىر ماقالىنىڭ ئادرىسى:
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30697

) ئاپتۇرنىڭ ئىلگىرىكى يازمىلىرىغا قارىتا ئىنكاس يېزىلغان توربەتنىڭ ئادرىسى:
http://meripet.blogbus.com