داھى ۋە لېدىرلىق نەزەرىيىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

ئەركىن سىدىق (2010- يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى )

نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىمىز جاۋاب ئىزدەۋاتقان، لېكىن تېخىچە جاۋاب تاپالمىغان كۆپلىگەن سوئاللار بار. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئاشۇنداق سوئاللاردىن مۇنداق ئىككىسى بار: 1) بىز ئۇيغۇرلار يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن قانداق سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك بىر ھالەت ئىچىگە كىرىپ قالدۇق؟ 2) بىز ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن ئالدىنقى بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە ۋەتەندە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ «بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە قېلىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ، يېقىنقى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ھەقىقى داھىنىڭ چىقمىغانلىقى، بىر ھەقىقى قەھرىماننىڭ چىقمىغانلىقى» دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا، يۇقىرىقىدەك يەكۈنلەرگە باھا بېرەلمەيمەن. شۇنداقلا مېنىڭ ھازىرچە ئالدىنقى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە داھىلىق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار قانداق ئەھۋاللارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىگى توغرىسىدىكى تارىخنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىممۇ يوق. مەن ئۈچۈن بۇرۇن نىمە ئىش بولغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخىمۇ قولاي ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. شۇنداق بولغاچقا، مەن ئۆزىنى بىر ياراملىق رەھبەر قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى ئويلاۋاتقان، ئاشۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان، ياكى ئاشۇنداق بىر سالاھىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى بىر كاندىدات دەپ ھېسابلاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، ئۇشبۇ يازمامدا يېقىنقى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئىزدىنىپ ئىگىلىگەن داھى ۋە لىدېرلىق نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

لىدېرلىق ئىلمى غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، غەرب ئەللىرىدە شىركەت-كارخانا، ئىدارە-مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى لىدېرلىق بىلىمى ۋە لىدېرلىق ماھارىتى جەھەتتە مۇددەتلىك ھالدا تەربىيىلەپ تۇرۇش بىر ئادەتكە ئايلانغان. بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھەر يىلى بۇ جەھەتتىكى كۇرسلاردىن بىر قانچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن بۈگۈن پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان، ئىنتېرنېتتا كىتاب قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ساتىدىغان www.amazon.com تور بېتىگە «لىدېرلىق» (ئىنگلىزچە «leadership») دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام، جەمئى 387،324 نەتىجە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان، لىدېرلىققا ئائىت كىتاب-ماتىرىياللار ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئىنگلىزچىدە ”leader“ دېگەن بىر سۆز بار. ئۇنىڭ يۇلغۇن لوغىتىدىكى مەنىسى ”داھى، رەھبەر، باشلامچى“ قاتارلىقلار بولۇپ، ئىنگلىزچە لوغەتتىكى مەنىسى ”يېتەكلەيدىغان ئادەم، بىر ئارمىيە، ھەرىكەت ياكى سىياسىي گوروھنىڭ يول باشلامچىسى“ دىن ئىبارەت ئىكەن. دىمەك، بۇ سۆز بىر رەسمىي رەھبىرىي ئورۇنغا ئىگە كىشىلەرگىمۇ، خەلق ئارىسىدىكى يېتەكلىگۈچى ۋە باشلامچى كىشىلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، «داھى، يېتەكلىگۇچى، باشلىغۇچى، ۋە يول باشلامچى» قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە ”لىدېر“ دەپمۇ ئېلىۋاتىدۇ. ئىنگلىزچىدە «ئۇلۇغ لىدېر» دېگەن سۆز «داھى» دېگەن مەنىنى بىلدرىدىغان بولۇپ، «ئۇلۇغ داھى» دېگەن سۆز ئۈچۈن «ئۇلۇغ ئادەم» («great men» ياكى «great women») دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. تۆتىنچى ئەسىردە ياشىغان ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتىللا ۋە تۈركلەرنىڭ داھىيسى مۇستافا كامال ئاتا تۈركلەر مانا شۇنداق «ئۇلۇغ داھى» لارغا مىسال بولالايدۇ. «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ستېۋېن كوۋېي («Stephen Covey») ئەپەندىنىڭ «سەككىزىنچى ئادەت» دېگەن، يوقۇرىقى كىتابتىن كېيىن نەشىر قىلىنغان يەنە بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان داھى ۋە لىدېرلىق ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى خۇلاسىلەپ، بىر جەدۋەل قىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئۇ جەدۋەلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيىنىڭ ئىسمى، مەزمۇنى، ۋاقتى، ۋە ئاپتورنىڭ ئىسمى قاتارلىق ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، مەن بۇ يازمىدا ئاشۇ نەزەرىيىلەرنىڭ ئۆزەم مۇھىم دەپ بىلگەن بىر قىسمىنى ئىمكانقەدەر ئەينەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇننى چۈشىنىپ ھەزىم قىلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئىمكانقەدەر ھەر بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتورنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىنى بۇ يازمامدا تىلغا ئالمايمەن.

داھى ۋە لىدېرلىق ھەققىدىكى نەزەرىيىلەر
1900-يىللىرىدىن بۇرۇن دۇنيادا «ئۇلۇغ ئادەم» نەزەرىيىسى دەۋر سۈرگەن ئىدى. 20-ئەسىر باشلىنىپ 1970-يىللىرىغا كەلگىچە لىدېرلىقنىڭ مۇنداق 5 چوڭ نەزەرىيىسى ۋۇجۇتقا كەلدى:
ئېرسيەتلىك ياكى تۇغما خاراكتېر نەزەرىيىسى (ئىنگلىزچە «trait theory»؛ داھى ئاشۇنداق تۇغۇلغان، كېيىن يېتىشىپ چىققان ئەمەس)
كىشىلىك ئىپادە نەزەرىيىسى (ئىنگلىزچە «behavioral theory»؛ داھى كېيىن يېتىشىپ چىققان، ئاشۇنداق تۇغۇلغان ئەمەس)
ھوقۇق ۋە تەسىر-كۈچى نەزەرىيىسى
ئەھۋال-شارائىت نەزەرىيىسى ۋە بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسى (ئىنگلىزچە «integrative»؛ كۆپ تەرەپلىمە ئېلېمېنتلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ماسلاشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىر پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى)
1970-يىللىرىدىن كېيىن بولسا داھى ۋە لىدېرلىق نەزەرىيىسى خۇسۇسىي ئادەم ۋە شەرت-شارائىت، پىسىخولوگىيە ئانالىز، رولغا ئېرىشىش، ئۆزگىرىش، غايە ۋە ۋاقتىنچە بىلىنمىگەن ئامىللار ۋە ئەھۋاللار بىلەن بولغان باغلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار ئاساسىي نەزەرىيىلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كەلدى. تۆۋەندە مەن ئاشۇ نەزەرىيىلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1 ) ئۇلۇغ ئادەم نەزەرىيىسى
تارىخ ۋە ئىجتىمائى قۇرۇلمىلار ئۇلۇغ ئەر ۋە ئۇلۇغ ئاياللارنىڭ لىدېرلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەردىن مۇسا پەيغەمبەر، مۇھەممەد پەيغەمبەر، جەاننە دئارچ، ۋاشىڭتون، گاندھى، چۇرچىلل قاتارلىقلار بار (بۇ ئىسىملار كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدا مۇشۇنداق تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەن ئۇلارنى ئەينەن يېزىپ قويدۇم). دوۋد نىڭ دىيىشىچە، دۇنيادا ئاممىۋىي لىدېرلىق دەيدىغان گەپ يوق. ھەر بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەقىلگە، ھوقۇققا، ۋە مەنىۋىي نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق بىر يۆنىلىشكە ماڭدۇرۇلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك بىر قانچە ئادەم يېتەكلىگەن بولىدۇ.

2) تۇغما خاراكتېر نەزەرىيىسى

داھى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك تۇغما خاراكتېرغا ئىگە بولىدۇ. ياخشى لىدېر بولالايدىغان كىشىلەر يېتەرلىك دەرىجىدىكى ياخشى خاراكتېرلارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ نەزەرىيە ھەققىدىكى تەتقىقات ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇنداق ئىككى سوئالغا جاۋاپ تاپتى: (1) قانداق تۇغما خاراكتېر داھىلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ؟ (2) ئاشۇنداق پەرقلەرنىڭ دائىرىسى قانچىلىك؟ بۇ نەزەرىيىدىكى بىر قاراش شۇكى، ئەگەر باشقا ئادەملەرمۇ ئاشۇنداق تۇغما خاراكتېرلارغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇلارمۇ بىر ئۇلۇغ داھى بولالايدۇ.
ستوگدىلل ئەپەندى (1974) بىر داھى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تۆۋەندىكى تۇغما كىشىلىك خاراكتېر بىلەن كىشىلىك قابىلىيەتلەرنى بايقىغان:

تۇغما كىشىلىك خاراكتېر:

يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشالايدىغان بولۇش
ئىجتىمائىي مۇھىتقا نىسبەتەن قاتتىق سەزگۈر كېلىش
بۈيۈك ئىرادىلىك ۋە نەتىجىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇش
كەسكىن بولۇش
باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇش
ئىشەنچىلىك بولۇش
باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇش
ھەممە ئىشتا ئاكتىپ بولۇش
ئىزچىل بولۇش
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولۇش
بېسىمغا چىداملىق كېلىش
مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا قادىر بولۇش

كىشىلىك قابىلىيەت

ئەقىللىق بولۇش
ئۇقۇم جەھەتتىن ماھارەتلىك بولۇش
يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر بولۇش
دىپلوماتىك ۋە ئۇسۇل-چارىگە باي بولۇش
راۋان سۆزلەش ئىقتىدارى بولۇش
گوروھ ۋەزىپىسىنى تولۇق چۈشىنىدىغان بولۇش
ئىش قىلىشتا رەتلىك بولۇش
باشقىلارنى قايىل قىلىشقا ماھىر بولۇش
ئىجتىمائىي جەھەتتىن ماھارەتلىك بولۇش

مككېل بىلەن لومباردو (1983) مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر لىدېرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى مەغلۇب بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇنداق 4 كىشىلىك تۇغما خاراكتېرنى بايقىغان:
1) ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك: سالماق، ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك، ئالدىن-ئالا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولۇش، بولۇپمۇ بېسىم ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق بولۇش.
2) خاتالىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا قادىر بولۇش: خاتالىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنماي، ئۇنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىش.
3) كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ياخشى ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇش: سەلبىي ۋە ناچار تاكتىكىغا تايانماي تۇرۇپ، ئويلىغىنىنى باشقىلارغا تولۇق بىلدۈرەلەيدىغان ھەمدە باشقىلارنى قايىل قىلالايدىغان بولۇش.
4)كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇش: بىر تار دائىرىنىڭ مۇتەخەسىسىلا بولۇپ قالماي، ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى ئىشلارنى چۈشىنىدىغان بولۇش.

3) ۋەزىيەت نەزەرىيىسى

داھى ۋەزىيەت ئېھتىياجىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. بۇ نەزەرىيە بويىچە بولغاندا، كىمنىڭ بىر داھى بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىنى ئۇنىڭ خۇسۇسىي يادىركارلىغى ئەمەس، بەلكى ۋەزىيەتنىڭ ئامىللىرى بەلگىلەيدۇ. بىر ئۇلۇغ داھىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋاقىت، ماكان ۋە ۋەزىيەتنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

4 ) شەخسى ۋە ۋەزىيەت نەزەرىيىسى

شەخسى ۋە ۋەزىيەت نەزەرىيىسى ئۇلۇغ ئادەم، تۇغما خاراكتېر، ۋەزىيەت قاتارلىق يوقۇرىقى ئۈچ خىل نەزەرىيىنىڭ بىرىكمىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى لىدېرلىق ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ھېسسىيات، ئەقىل ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى تۇغما خاراكتېرنى، ھەمدە بىر شەخس ئىش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتىكى شەرت-شارائىتنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا بولمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) تۇغما كىشىلىك خاراكتېر، (2) گوروھ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ماھىيىتى، ۋە (3) ئاشۇ گوروھ دۇچ كەلگەن ھەممە ئەھۋاللار.

5) پىسىخولوگىيە ئانالىز نەزەرىيىسى

داھى بىر دادىلىق رولىنى ئالغان بولىدۇ: بىر خىل مۇھەببەت ياكى ۋەھىمىنىڭ مەنبەسى، بىر دەرىجىدىن تاشقىرى تەكەببۇرلۇقنىڭ نامايەندىسى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرى، قېيداشلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تاجاۋۇزلىرىنىڭ روھىي چىقىش ئىشىگى بولىدۇ.

6) ئىنسانپەرۋەرلىك نەزەرىيىسى

بۇ نەزەرىيە بىر ئادەمنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋە ناھايىتى ئۇيۇشقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىتىلغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا ئۆز-ئۆزىنى مەلۇم بىر مەقسەد ئۈچۈن قوزغاتقان بولۇپ، تەشكىلاتلار بولسا تەبىئىي ھالدا مەلۇم تۈزۈلمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە كونترول قىلىنغان بولىدۇ. لىدېرلەرنىڭ رولى تەشكىلات ئىچىدىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئۆزگەرتىپ، تەشكىلاتتىكى ھەر بىر ئادەمنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

7) لىدېرلىق رولى نەزەرىيىسى

ئادەملەرنىڭ خاراكتېرى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق بىر ياكى بىر قانچە ئادەم داھى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. گوروھلار ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر خىل رول ۋە ۋەزىپىلەر ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بولىدۇ. لىدېرلىق پەرقلەندۈرۈلگەن روللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رولنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىدىن گوروھتىكى باشقا كىشىلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. لىدېرلار ئۆزىنىڭ رولىنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئاساسەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بەزىلەر تۆۋەندىكى لىدېرلىق رولىنى ئوتتۇرىغا قويغان: سىمۋول، باشلامچى، ئالاقىلاشقۇچى، كۈزەتكۈچى، تارقاتقۇچى، باياناتچى، كارخانىچى، قالايمىقانچىلىقنى بىر تەرەپ قىلغۇچى، مەبلەغنى تەقسىم قىلغۇچى، ۋە كېڭەشكۈچى.

8) يول-نىشان نەزەرىيەسى

لىدېرلار ئەگەشكۈچىلەرگە قانداق ئىشلارنى قىلغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. لىدېرلارنىڭ مۇشۇنداق يول-نىشان مەقسىدىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىغىنى شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ئامىللىرى بەلگۈلەيدۇ.

9) ) باغلىنىشلىق («Contingency») نەزەرىيەسى
لىدېرلىق ئۇسلۇبىنى شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىت ۋە ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. چۈنكى بىر لىدېرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى لىدېرلىق ئۇسلۇبى، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سۈپىتى، ۋە ئەھۋالنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى قاتارلىق بىر قانچە ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. مۇشۇ نەزەرىيەنى ئاساس قىلغان تەربىيىلەش كۇرسلىرى بىر لىدېرنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز تەرەپلىرىگە ئۆزىنى ئوبدانراق ماسلاشتۇرىدىغان قىلىدۇ.

10) 20-ئەسىر ئۇلۇغ ئادەم نەزەرىيىسى

داھى دېگىنىمىز ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە ئۈلگىلىك رولى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن بىر قوشۇندا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىغا كۆرۈنەرلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىدىن ئىبارەت. لىدېر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش لىدېرلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە كېرەكلىك بولغان بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ. كولىنس («Collins») ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى شۇكى، ئۇزۇن مۇددەتكىچە بۈيۈك نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان تەشكىلاتلار بىلەن ئادەتتىكى تەشكىلاتنىڭ پەرقى، بۈيۈك تەشكىلاتلارنى كەمتەرلىك ۋە رەھىمسىزلىكتىن ئىبارەت ئۆز-ئارا زىدىيەتلىك بولغان ئىككى خىل ئۇسلۇبنى تەڭ ئىشلىتىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان لىدېرلار يېتەكلىگەن بولىدۇ.

11) ھوقۇق ۋە تەسىر-كۈچى نەزەرىيىسى

ھوقۇق ۋە تەسىر-كۈچى نەزەرىيىسى قاتناشقۇچى («participative») لىدېرلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نەزەرىيە بىر لىدېر قانچىلىك ھوقۇققا ئىگە ۋە ئۇ ھوقۇقنى قانچىلىك يۈرگۈزىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. قاتناشقۇچى لىدېرلىق بولسا ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئەگەشكۈچىلەرگە ھوقۇق بېرىش ئىشلىرى توغرىسىدا بولىدۇ. گاردنېرنىڭ قارىشىچە لىدېرلىق باشقىلارنى سۆز بىلەن قايىل قىلىش ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش جەريانى بولۇپ، بىر لىدېر ياكى بىر لىدېرلار گوروھى مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق ئەگەشكۈچىلەرنى يېتەكلەپ، لىدېر كۆزلىگەن ياكى لىدېر بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئورتاق تىكلىگەن بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە لىدېرلىق دېگەن بىر ئادەم ئۆز ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدىغان رول بولۇپ، لىدېرلار ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر سېستىما ئىچىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان روللارنىڭ بىر قىسمىنى ئوينايدۇ. قاتناشقۇچى لىدېرلىق نەزەرىيەسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەڭ ياخشى لىدېرلىق ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنداق لىدېرلار ھەممە كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش جەريانىغا قاتنىشىشىنى ۋە تۆھپە قوشۇشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەمدە گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قارار ئېلىش جەريانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچىنى ئاتا قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

12) بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسى

لىدېرلار بىلەن ئەگەشكۈچىلەر بىر-بىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ جەھەتتىكى دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىدۇ. ئەگەشكۈچىلەر ئۆز گوروھىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىدۇ، ئۇزۇن-مۇددەتلىك نىشاننى كۆزلەيدۇ، ھەمدە نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ئۈنۈملۈك لىدېرلار مۇنداق ئۈچ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىدۇ: توغرىلاش، بەرپا قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش. لىدېرلار ئادەم ۋە باشقا بايلىق مەنبەسىنى ئېھتىياجغا توغرىلاش ئارقىلىق تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بىر تەشكىلات مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلىدۇ، ھەمدە باشقىلارغا ئۇلارنىڭ تەشكىلاتقا تۆھپە قوشۇشىشىغا زۆرۈر بولغان ھوقۇقلارنى بېرىدۇ. بەننىس ئەپەندى باشقۇرغۇچى بىلەن لىدېر ئوتتۇرىسىدا پەرق جەھەتتىكى كۆز قارىشى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە لىدېرلار توغرا ئىشنى قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، باشقۇرغۇچىلار بولسا ئىشنى توغرا قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر.

13) رىغبەتلەندۈرگۈچى لىدېرلىق

لىدېرلار ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان كومپاسلىق رولىنى ئوينايدۇ. لىدېرلىق باشقىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلدۈرىدىغان ماھارەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بىلەن لىدېرلارنىڭ ئۇلارنى ئەمىلىي ھەرىكەتكە ئاتلىنىشقا قوزغىيالايدىغان قابىليىتىدىن ئىبارەت. لىدېرلار خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، يىراقنى كۆرەرلىك ئىدىيىلەرنى بەرپا قىلىدۇ، ۋە خىزمەتچىلىرىگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ. لىدېرلىق دېگىنىمىز ئۇلۇغۋار غايىلەرنى ئېنىق ئىپادىلەش، قىممەت كۆز-قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەمدە بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان مۇھىتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

14) باشقۇرغۇچى ۋە ئىستراتىگىيىلىك لىدېرلىق

لىدېرلىق تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇنداق ئۈچ تەركىۋىي قىسمى بار: ئىقتىسادىي، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى («performance») ۋە خۇسۇسىي تەركىۋىي قىسمى. لىدېرلار ئۆز تەشكىلاتى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئەھۋالىغا مەسئۇل بولىدۇ. لىدېرلارنىڭ ئۆزىگە خاس رولى ۋە خاراكتېرى بولىدۇ. لىدېرلار يىراقنى كۆرەر پىلان ۋە يۆنىلىشنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، كىشىلەرنى ئاشۇ نىشانغا توغرىلايدۇ، ھەمدە ئەگەشكۈچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لىدېرلار ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۆز خەلقىنى ھوقۇقلاندۇرىدۇ. لىدېرلىق ئوپچە تىرىشچانلىققا توغرا مەقسەت ۋە ئەھمىيەتلىك يۆنىلىش ئاتا قىلىش، ھەمدە ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئاشۇنداق مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتى ئىچىگە ئېلىپ كېلىش جەريانىدۇر.

15) نەتىجىگە ئاساسلانغان لىدېرلىق

بۇ نەزەرىيە لىدېرلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان باشقىچە نەتىجىلەر توغرىسىدا بولۇپ، نەتىجىلەرنى كىشىلىك خاراكتېر بىلەن باغلايدۇ. لىدېرلار تېخنىكىلىق بىلىم ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۈردىن باشقا يەنە ئەخلاقىي خاراكتېر، پۈتۈنلۈك («integrity») ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار تەشكىلاتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان يۇقىرى ئىش ئۈنۈمىنىمۇ نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لىدېرلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆلچىگىلى بولغاچقا، لىدېرلىقنى ئۆگەتكىلى ۋە ئۆگەنگىلىمۇ بولىدۇ. نوھرىئا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار 200 دىن ئارتۇق باشقۇرۇش تۈرلىرىنى 10 يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئامىللارنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن تۆتى بار بولۇپ، ئۇلار ئىستراتىگىيە تۈزۈش، پىلاننى ئىجرا قىلىش (ئەمەلگە ئاشۇرۇش)، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە كارخانا قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن شىركەتلەر يەنە تۆۋەندىكى 4 خىل نەرسىدىن ئىككىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان: تالانت، يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى مەھسۇلاتتا باشلامچى بولۇش، ۋە باشقا شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىش ياكى ئۇلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش.

16) سېھرى كۈچكە ئىگە لىدېرلىق

بۇ نەزەرىيە بويىچە بولغاندا، قول ئاستىدىكى ئادەملەر لىدېرلارنى پەۋقۇلئاددە سۈپەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. بىر لىدېرنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ھوقوقى ياكى ئەنئەنە ئاساسىدا بولماستىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ لىدېرنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقى ئاساسىدا بولىدۇ.

17) ئوقۇتقۇچى لىدېرلىق

لىدېرلار ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار ئۆگەتكىلى بولىدىغان كۆز-قاراشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. لىدېرلىق دېگىنىمىز بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. لىدېرلىقنىڭ قانچىلىك ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆگىتىشنىڭ قانچىلىك ئۈنۈملۈك بولۇشى بەلگىلەيدۇ.

18) خىزمەتچى لىدېرلىق

لىدېرلار ئاساسىي جەھەتتىن باشقىلار ئۈچۈن، يەنى ئۆز خىزمەتچىلىرى، ئۆز خېرىدارلىرى ۋە ئۆز گوروھى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى يېتەكلەيدۇ. خىزمەتچى لىدېرلارنىڭ ئالاھىدىلىگى مۇنداق بولىدۇ: باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، باشقىلارغا تەسەللى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى كۆڭۈل ئازابىدىن قۇتقۇزۇش، باشقىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇش، باشقىلارنى قايىل قىلىش، باشقىلارغا چۈشەنچە بېرىش، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلەپ بېرىش، ھەر خىل ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش، باشقىلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ۋە بىر ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىش.

19) روھىي لىدېرلىق

بۇنداق لىدېرلار باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلماي، ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىدېرلىق باشقىلار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر لىدېر باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندە، ئۇلارنىڭ روھىيىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بىر لىدېرنىڭ تەسىرى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، قىممەت قارىشى ۋە ئەنئەنىسى توغرىسىدىكى بىلىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

بىر ئائىلە، بىر كارخانا، بىر ئىدارە، بىر تەشكىلات، بىر جەمئىيەت ۋە بىر مىللەت ئۆز ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتا بىر ياكى بىر قانچە لىدېرلارنىڭ يېتەكلەش رولىغا مۇھتاج. مەن ئۆزۈم ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن داھى ۋە لىدېرلىق نەزەرىيىلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، ھەمدە مۇشۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان ياكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدىنىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئازراق ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، ئۇشبۇ يازمامدا ئۆزەم ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. مەن پايدىلانغان ئاساسلىق ماتىرىيال كوۋېي ئەپەندىنىڭ «سەككىزىنچى ئادەت» دېگەن كىتابى بولدى.

كوۋېي ئەپەندى «سەككىزىنچى ئادەت» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ئەقىل-پاراسەت («wisdom») دېگىنىمىز ھازىرغىچە توپلانغان بىلىملەردىن ئۆزىمىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان تەرىقىدە پايدىلىش بولۇپ، ئۇچۇر ۋە بىلىمنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەقسەد ۋە پرىنسىپلارغا سىڭىپ كىرىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەقىل بىزگە ھەممە ئادەمگە ھۆرمەت قىلىشنى، ئادەملەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنى قۇتلۇقلاشنى، ۋە يالغۇز بىرلا ئەخلاق، يەنى شەخسىي مەنپەئەت چەمبىرىگى سىرتىدا تۇرۇپ باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەخلاقى تەرىپىدىن يېتەكلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. مەنىۋىي ھوقۇق خاراكتېر جەھەتتىكى نوپۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇلۇغلۇق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. رەسمىي ھوقۇق (يەنى بىر تەشكىلات جەھەتتىن بېرىلگەن خىزمەت ھوقوقى) بولسا خىزمەت ئورنى، بايلىق، تالانت، ئابروي، ۋە نام-شۆھرەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇلۇغلۇق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەنىۋىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھوقۇق بىلەن مەنىۋىي ئۈستۈنلۈك كەمتەرلىكتىن كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم ئەتراپىدىكى باشقا بارلىق ئادەملەرنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. مەنىۋىي ھوقۇق ياكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇلۇغلۇققا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەقىقىي بۈيۈك تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى كىشىلەر خىزمەتچى لىدېرلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ئەڭ كەمتەر، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا، ئەڭ ئۆگەتكىلى بولىدىغان، باشقىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەردۇر.

«ياخشىلىقتىن ئۇلۇغلۇققىچە» دېگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى جىم كولىنس («Jim Collins») ئەپەندى «بىر تەشكىلاتنى يامان ئەمەس دېگەن سەۋىيەدىن ھەقىقىي ئۇلۇغ دېگەن سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان نەرسە نىمە؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە 5 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ «5-دەرىجىلىك لىدېرلىق» ئىكەنلىگىنى خۇلاسىلاپ چىققان. يەنى ئۇ بىر تەشكىلاتتىكى كىشىلەرنى مۇنداق 5 دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ، ياخشىلىقتىن ئۇلۇغلۇققا ئۆتۈشتە 5-دەرىجىلىك لىدېرلار ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى بايقىغان: (1) قولىدىن ناھايىتى ئىش كېلىدىغان شەخسلەر: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تالانتى، بىلىمى، قابىلىيىتى، ۋە ياخشى خىزمەت ئادىتى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تۆھپە يارىتىدۇ. (2) تۆھپىكار گۇرۇپپا باشلىقلىرى: ئۇلار ئۆز گۇرۇپپىلىرىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ئىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ. (3) ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان باشلىقلار: ئادەملەرنى ۋە ۋاستە-بايلىقلارنى بۇرۇن قارار قىلىنغان نىشانلارنى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. (4) ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى لىدېرلار: بىر ئېنىق ۋە توغرا نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەملەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ھەمدە گۇرۇپپىلارنى يۇقىرى ئىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكۈزىدۇ. (5) ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى ئەمەل ئەھلىلىرى («excecutive»): كەمتەرلىك ۋە كەسپىي غايىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇزۇن-مۇددەتلىك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇلۇغلۇقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

مەن ئۇشبۇ يازمامنى ئامرىكىلىق گرەگ ئاندەرسون ئەپەندىنىڭ مۇنداق ئىككى جۈملە سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي: «ئىشلار بۇنىڭدىن كېيىن باشقىچە بولىدۇ، دېگەن ئەقىلسىز ئۈمىدنى تاشلايلى. نىمە ئۈچۈن بىزدە ئۆزىمىز ئىستىگەن نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتى ھەمدە ھېسسىي ۋە مەنىۋىي ئېنېرگىيىسىنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ باشقا ئاماللىرىنى ئىزدەشكە باشلايلى.»

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى www.meripet.org