ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت


 (1-قىسىم)


ئەركىن سىدىق

 
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى

   مەن ئالدىنقى قېتىمقى ماقالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدىن ئېلىنغان مۇنداق بىر مەزمۇننى بايان قىلغان ئىدىم: ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىلا بىر قىسىم سوغات (ئىنگلىزچە «گىفت») بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ.  بۇ سوغاتلار تالانت، ئىقتىدار، ئىمتىياز، ئەقىل ۋە پۇرسەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئۇلارنى بايقاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز، ئۇلار ئىچىڭىزدە مەڭگۇ يۇشۇرۇنۇپ تۈرىۋېرىدۇ.  بۇ تۇغما سوغاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدىن مۇنداق 3 خىلى بار:

    (1) ئىنسانلارنىڭ ئۆز يولىنى ئۆزى تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى. 
    (2) تەبىئى قانۇنىيەتلەر ياكى پرىنسىپلار بولۇپ، ئۇلار دۇنياۋى ياكى ئۇنىۋېرسال بولىدۇ، ھەمدە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. 
    (3) ئىنسانلارنىڭ 4 تۈرلۈك ئەقىل-ئىقتىدارلىرى: ماددىي-ئىقتىسادىي، ھېسسىي-ئىجتىمائىي، مەنىۋىي، ۋە روھىي ئەقىل-ئىقتىدارلىرى.

مەن ھازىرغىچە تور بەتلەردە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمنىڭ بىر قىسمىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى 3 خىل تۇغما سوغاتلىرىدىن قانداق قىلسا ئۈنۈملۈك پايدىلانايدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالدىم.  بولۇپمۇ مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان نىشان تىكلەش ۋە ئۇنىڭ غايىگە يېتىشتىكى رولى توغرىسىدىكى ماقالەمدە، نىشان تىكلەش ئادەملەر ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى گوللاپ، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىپ پروگراممىلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، يۇشۇرۇن كۈچى ۋە ئەتراپىدىكى پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىش جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدىم.  ئاشۇ مەزمۇنلارغا ناھايىتى يېقىن كېلىدىغان، غەرىپ ئەللىرىدە بىر ھەقىقەتەنمۇ نەپ بېرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ئېتىراپ قىلىنىپ، كەڭ-كۆلەمدە ئومۇملاشقان، ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۇ ئۇسۇل تۆۋەندىكى 4 سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ:

    ئارتۇقچىلىق – Strength
ئاجىزلىق – Weakness
پۇرسەت – Opportunity
تەھدىت – Thread

يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئەگەر ئاشۇ ئىنگلىزچە ئاتالغۇلارنىڭ باش ھەرىپىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر سۆز تۈزسەك، ئۇ «سۋوت» دېگەن سۆز بولىدۇ.  شۇڭلاشقا غەرىپلىكلەر بۇ ئۇسۇلنى «سۋوت ئانالىزى» (ئىنگلىزچە «سۋوت ئاناليسىس») دەپ ئاتايدۇ.  سۋوت ئانالىزىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى 1949-يىلى شىركەتنى پىلانلاشتىكى يېڭى يۈزلىنىش بىلەن باشلانغان.  1960-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى ئىنگلىزچە «فورتۇنە 500 كومپاني» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ داڭلىق 500 شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىردىن «شىركەت پىلانلاش باشلىقى» دېگەن خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىنغان.  بۇ خىل يۈزلىنىش كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىپ، ستانفورد تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ھاۋارد ئىگىلىك ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە 1969-يىلى سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى رەسمىي مەيدانغا كەلگەن.

مەن بۈگۈن گوئوگلە غا «سۋوت ئاناليسىس» دەپ كىرگۈزۈپ باقسام، جەمى 1،830،000 (يەنى بىر مىليون سەككىز-يۈز ئوتتۇزمىڭ) دىن ئارتۇق نەتىجە چىقتى.  يۇقىرىقى سۆزنى كىتاپ ساتىدىغان دۇنياۋى تور بېتى www.Amazon.com دىكى كىتاپ ئىزدەيدىغان ئورۇنغا كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام، 2،372 نەتىجە چىقتى.  دېمەك، سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن.  مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇ ئۇسۇلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

مەن ئىنتېرنېتتىن تاپقان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سۋوت ئانالىز ئۇسۇلىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم ياكى تەشكىلاتلاردىن مۇنداقلىرى بار:

ئايرىم-ئايرىم شەخسلەر
شىركەت-كارخانىلار
مەكتەپ-ئىدارىلەر
مەبلەغ سېلىش ئىنستىتۇتلىرى
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى
پايدا تاپمايدىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار
ۋە باشقىلار

تولۇق يازىمەن دېسەم بۇ تىزىم ئۇزۇراپ كېتىۋېرىدىكەن. شۇڭا ئۇنى مۇشۇ يەردە توختىتاي.  سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈشكە دۇچ كەلگەن ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلات-ئىنستىتۇتلار ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنىڭمۇ ناھايىتى كەڭ بولىشىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.  مەن ئۇشبۇ يازمامدا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزەم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق، دەپ قارىغان قىسمىنىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. يەنى، بۇ ماقالە جەمى ئىككى قىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ 1-قىسمىدا «كىشىلىك سۋوت ئانالىزى» نى، 2-قىسمىدا بولسا «شىركەت سۋوت ئانالىزى» نى تونۇشتۇرىمەن.  ئۆزىنىڭ 3 تۈرلۈك تۇغما سوغۇتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قېزىش ۋە جارى قىلدۇرۇشنى ئىستەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ ھازىر ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتە خىزمەت ئىزدەۋاتقان ياشلار، ھەمدە ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك ئىگىلىرىنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. 
 

 1. كىشىلىك سۋوت ئانالىزى

ئەگەر سىز ئۆز تالانتلىرىڭىزنى قانچە تولۇق ئىشلىتەلىسىڭىز، سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى قانچە تولۇق چۈشەنسىڭىز، ھەمدە ئۇ ئاجىزلىقلىرىڭىزنىڭ سىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارغا بولغان تەسىرىنى قانچە زور دەرىجىدە ئازلىتالىسىڭىز، سىز تارتىدىغان زىيانمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. سۋوت ئانالىزى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئاجىزلىقلىرىنى تولۇق بايقاش، ھەمدە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان پۇرسەت بىلەن تەھدىتلەرنى توغرا ئانالىز قىلىشىڭىزغا زور دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدۇ.  سۋوت ئانالىزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يېرى شۇكى، ئازراق ئويلىنىش ئارقىلىق، سىز ئادەتتە سەل قارايدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى بايقىيالايسىز.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئارقىلىق، سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىغىڭىزگە توسالغۇلۇق قىلىدىغان تەھدىتلەرگە يولىدا تاقابىل تۇرالايسىز ۋە ئۇلارنى يوقىتالايسىز.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى سۋوت ئانالىزى ئارقىلىق باھالاپ باقسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى تېپىپ چىقالايسىز، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىز تىكلىگەن نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالاھىدە تالانت بىلەن ئىقتىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرەلەيسىز.

ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر تەشكىلات ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارتۇقچىلىق بىلەن ئاجىزلىقلار ئىچكى ئامىل بولۇپ، پۇرسەت بىلەن تەھدىتلەر بولسا تاشقى ئامىللارغا مەنسۇپ بولىدۇ.

سىز ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىر قېتىم سۋوت ئانالىزى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى يېزىپ چىقسىڭىز بولىدۇ.

ئارتۇقچىلىقلار:

    * باشقىلاردا يوق، ئەمما سىزدە بار ئارتۇقچىلىقلار ياكى پايدىلىق ئامىللار («ئادۋانتاگەس») قايسىلار؟ بۇنىڭغا ماھارەت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ.
    * سىز قايسى ئىشلارنى باشقىلاردىن ياخشىراق قىلالايسىز؟
    * سىز پايدىلانسىڭىز بولىدىغان بايلىق ۋە ۋاستە مەنبەلىرىدىن قايسىلىرى بار؟
    * سىزنىڭ باشقىلار (بولۇپمۇ سىزنىڭ باشلىقىڭىز) نەزىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز قايسىلا؟
    * سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى نەتىجىلىرىدىن ھەممىدىن بەك پەخىرلىنىسىز؟
    * باشقىلار نامايان قىلالمىغان، ئەمما سىز ئىشىنىدىغان قىممەت قاراشلىرى قايسىلا؟
    * سىزدە باشقىلاردا يوق كىشىلىك مۇناسىۋەت تورلىرىدىن قانداقلىرى بار؟ سىزنىڭ تەسىر دائىرىسى چوڭ كىشىلەردىن قايسىلىرى بىلەن كىشىلىك ئالاقىڭىز بار؟

بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرى («پەرسپەكتىۋە») بويىچە، ھەمدە باشقىلارنىڭ نۇقتا-نەزىرى («پوئىنت ئوف ۋىئەۋ») بويىچە ئويلىنىڭ. شۇنداقلا بەك ئېھتىياتچان ياكى تارتىنچاق بولماڭ. ئىمكانقەدەر ئوبيېكتىپ بولۇڭ.  ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىشتا قىينىلىپ قالسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي خاراكتېرىنى يېزىپ چىقىڭ.  ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز بولىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقىيالايسىز. مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر ناھايىتى كۈچلۈك ماتىماتىكىچى بولۇپ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرمۇ ماتىماتىكىدا ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن، بۇ سىزنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى ھازىرقى خىزمەت ئورنىڭىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قابىلىيەت بولىدۇ.

ئاجىزلىقلار

    * ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىسى ئاجىز بولغىنىدىن سىز ئادەتتە ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىدىغان ئىشلار قايسى؟
    * سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاجىزلىقلىرىڭىز قايسى؟
    * سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز ۋە ماھارەت يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟  ئەگەر بولمىسا، سىز قايسى جەھەتتە ئەڭ ئاجىز؟
    * سىزنىڭ سەلبىي خىزمەت ئادەتلىرىڭىز قايسى؟  مەسىلەن، سىز ئىشقا داۋاملىق كېچىكىپ كېلەمسىز، سىز رەتسىزمۇ، سىزنىڭ ئاسان ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ، ياكى سىز بېسىمغا يولىدا تاقابىل تۇرالمامسىز؟
    * سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە سىزنى ئارقىغا تارتىپ تۈرىدىغان بەزى كىشىلىك خاراكتېرلىرىڭىز بارمۇ؟  مەسىلەن، ئەگەر سىز داۋاملىق يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسىڭىز بولمايدىغان بىرسى بولسىڭىز، سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سۆزلەشتىن قورقىدىغان مىجەزىڭىز سىز ئۈچۈن بىر ئاجىزلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ جەھەتنىمۇ خۇسۇسىي ۋە ئىچكىي نۇقتا بىلەن تاشقىي نۇقتىنىڭ ھەر ئىككىسىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ.  سىزدە باشقىلار ھېس قىلغان، ئەمما ئۆزىڭىز سەزمىگەن ئاجىزلىقلار بارمۇ؟  سىزنىڭ خىزمەتداشلىرىڭىز مۇھىم خىزمەتلەرنى داۋاملىق سىزدىن ياخشىراق قىلامدۇ؟  سىزنىڭ جاۋابلىرىڭىز رېئاللىققا ئۇيغۇن بولسۇن.  سىز ئۆزىڭىزنى راھەتسىز ھېس قىلدۇرىدىغان ئاجىزلىقلارغا قانچە بۇرۇن تاقابىل تۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى.

پۇرسەتلەر

    * قايسى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ سىزگە ياردىمى تېگىدۇ؟ سىز باشقىلاردىن ياكى ئىنتېرنېتتىن بەزى ياردەملەرگە ئېرىشەلەمسىز؟
    * سىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىگىلىك تۈرى ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ؟  ئەگەر تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسا، ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن پايدىلىنالامسىز؟
    * سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان ياكى سىزگە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدىغان بىر ئىستراتېگىيىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىز بارمۇ؟
    * سىز ئۆز شىركىتىڭىزدىكى قانداق يېڭى يۈزلىنىشلەرنى كۆرۈۋاتىسىز؟  ئۇلاردىن قانداق پايدىلىنالايسىز؟
    * سىز بىلەن رىقابەتلەشكۈچىلەر ئىچىدە بەزى مۇھىم ئىشلارنى قىلالمايۋاتقانلار بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، سىز ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن پايدىلىنالامسىز؟  (ئىزاھات: بۇ مەزمۇن مېنىڭ سۆزۈم بولماستىن، ئۇنى مەن ئۆزەم كۆرگەن بىر ماتېرىيالدىن ئەينەن ئالدىم—ئەركىن سىدىق.)
    * سىزنىڭ شىركىتىڭىز ياكى سىز شۇغۇللىنىۋاتقان سانائەت دائىرىسىدە باشقىلار تېخىچە تولدۇرمىغان بوشلۇقلار بارمۇ؟
    * سىزنىڭ خىرىدارلىرىڭىز ياكى سىزنىڭ خامئەششا تەمىنلىگۈچىلىرىڭىز شىركىتىڭىزدىكى بەزى ئىشلارغا نارازى بولىۋاتامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز بىر ئامال تېپىپ چىقىش ئارقىلىق بىر يېڭى پۇرسەت يارىتالامسىز؟

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ئىش، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ، ئاشۇ ئارتۇقچىلىقلار سىز ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر يارىتالامدۇ-يوق، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ.  شۇنداقلا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تولۇق تېپىپ چىقىپ، ئەگەر ئاشۇ ئاجىزلىقلىرىڭىزنى تۈگەتسىڭىز سىزگە يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىلامدۇ-يوق، دەپ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ.

تەھدىتلەر

    * ھازىرقى خىزمەتتە سىزگە توسالغۇ بولىۋاتقان نەرسىلەر قايسى؟
    * سىزنىڭ خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە پروجەكت ياكى خىزمەت ئورنى ئۈچۈن سىز بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلار بارمۇ؟
    * خىزمىتىڭىز ياكى سىز ئوينايدىغان رولغا بولغان ئېھتىياج ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟
    * تېخنولوگىيەدىكى يېڭىلىقلار سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزغا تەھدىت سېلىۋاتامدۇ؟
    * سىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىزگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىرىمۇ بارمۇ؟

مۇشۇنداق ئانالىزنى ئېلىپ بېرىش سىزنى ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئۇ سىزگە قايسى ئىشلارنى قىلىش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


 2. نىشان ۋە سۋوت ئانالىزى

مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى «نىشان تىكلەش» ھەققىدىكى ماقالىسىدا، نىشان تىكلەشتە ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇنداق 5 ئۆلچەمنى تونۇشتۇرغان ئىدىم:  ئېنىق ياكى كونكرېت بولۇش، ئۆلچىگىلى بولۇدىغان بولۇش، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدىغان بولۇش، غايە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىتىگە توغرىلانغان بولۇش، ھەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولۇش.  سۋوت ئانالىزىدىن نىشان تىكلەش ئۈچۈنمۇ پايدىلانغىلى، شۇنداقلا ئۇنى بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

نىشان تىكلەشتە، سۋوت ئانالىزى ئارقىلىق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى (يەنى 3-ئۆلچەم) ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ.  يەنى، ئەگەر سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بىر نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئاجىزلىقىڭىز، پۇرسەتلىرىڭىز ۋە تەھدىتلىرىڭىزنى تولۇق تېپىپ چىقسىڭىز، ئاشۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى خېلە توغرا مۆلچەرلىيەلەيسىز.  ئەگەر سىز مۇشۇ جەرياندا ئۆزىڭىز تىكلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىيالىسىڭىز، كېيىنكى باسقۇچ سۈپىتىدە سىز يۇقىرىقى 4 سۋوت ئېلېمېنتلىرى ئاساسىدا نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىسىز.  ئەگەر سىز مۇشۇ سۋوت ئانالىزى باسقۇچىدا ئەسلىدىكى نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەسلىدىكى نىشانىڭىزدىن ۋاز كېچىسىز، ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر نىشاننى تىكلەيسىز. 

بەزى نىشانلاردىن ۋاز كەچكىلى ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.  مەسىلەن، ئەگەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىق غايىڭىز بىر ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش، ياكى سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىللىق نىشانىڭىز بىر خىزمەت تېپىش بولىدىكەن، سىز ئۇلاردىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەيسىز، ياكى ئۇلارنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيسىز.  بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر سىز سۋوت ئانالىزىدىن بىر ئىستراتېگىيىلىك پىلانلاش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانسىڭىز، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز.  يەنى، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئالدى بىلەن سۋوت ئانالىزى ئاساسىدا ئۆز نىشانىڭىزغا يېتىشكە پايدىلىق بولغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى، ئۇنىڭغا زىيانلىق بولغان ئاجىزلىقلىرىڭىزنى، ئۇنىڭغا پايدىلىق بولغان تاشقى شەرت-شارائىتلارنى، ھەمدە ئۇنىڭغا دەخلى قىلىدىغان تاشقى شەرت-شارائىتلارنى تېپىپ چىقىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز نىشانىڭىزغا يېتىشنىڭ ئىستراگېيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىسىز.  بولۇپمۇ سىز مۇشۇ باسقۇچتا ئۆزىڭىزدە كام بولغان ئىچكىي ۋە تاشقىي شەرت-شارائىتلارغا قانداق ئېرىشىش پىلانىڭىزنى تۈزۈپ چىقىسىز.

مېنىڭ كىچىكىمدە تۇرغۇزغان بىر غايەم ئوقۇشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش، مۇمكىن بولسا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش بولغاچقا، 1978-يىلى يانۋاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەندىن كېيىن، «تەييارلىق باسقۇچى» دېيىلىدىغان 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى قاتتىق ئۆگەندىم. كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىپ، مەكتەپنىڭ تەبىئى-پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا 3 يىللىق دەرس قىلىپ ئۆتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ تۈگەتتىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىلدا بولسا ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن گرامماتىكىسىنىمۇ تۈگەتتىم.  گەرچە مەن ياپونىيىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق تاللىشى بىلەن باشقا 16 ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە بارغان بولساممۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلەلىشىمدە ئۆزلىگىمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەنلىكىم ناھايىتى زور رول ئوينىدى.  مانا بۇ يۇقىرىقى سۋوت ئانالىزىنى بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ بىر مىسالىدۇر.

توغرىلاش ۋە ئايلاندۇرۇش

سۋوت ئانالىزىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ  يەنە بىر ئۇسۇلى توغرىلاش («ماتچىڭ») ۋە ئايلاندۇرۇش («كونۋەرتىڭ»).  توغرىلاش دېگىنىمىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۇرسەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق رىقابەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.  ئايلاندۇرۇش دېگىنىمىز بولسا، ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاجىزلىق بىلەن تەھدىتنى ئارتۇقچىلىق بىلەن پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز ئاجىزلىق بىلەن تەھدىتنى ئارتۇقچىلىق بىلەن پۇرسەتكە ئايلاندۇرالمىسىڭىز، سىز ئۇلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك.


 3. خىزمەت تېپىشتىكى سۋوت ئانالىزى

خىزمەت تېپىش ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر ئىشقا ئايلانغان بولۇپ، مەن ھەر قېتىم يۇرتقا بارغاندا ئىشسىز يۈرگەن ۋە ئىش ئىزدەپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياشلارنى ئۇچراتقىنىمدا، ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ئازابلىنىپ كېتىمەن.  بولۇپمۇ ئۆزەمنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ بالىلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، خىزمەت تاپالماي، يېشى 25 تىن ئاشسىمۇ ئىشسىز ھالدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇرى بولغان ياشلارنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتىكى قىياپەتلىرى كۆز ئالدىمدىن خېلە ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە كەتمەيدۇ.  ھازىر خىزمەت تېپىشتا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا باشقىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق.  مۇشۇنداق ئەھۋالدا، يەنى خىزمەتكە ئېلىش ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان رىقابەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمايدىغان بىر جەمئىيەتتە، سىزنىڭ مەلۇم بىر خىزمەت ئۈچۈن قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىزنىڭ بولىشىنىڭ ئاساسەن پايدىسى بولمايدۇ.  شۇنداق بولسىمۇ، مەن ماقالىنىڭ مۇشۇ قىسمىدا، خىزمەت تېپىشقا پايدىلىق بولغان سۋوت ئانالىزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئىشىنىمەنكى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سۋوت ئانالىزىنى بىلىشى ئۇنى بىلمىگەنگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولۇپ، ئۇنى بىلىش خېلە چوڭ پايدا يەتكۈزىدۇ.  تۆۋەندە مەن سۋوت ئانالىزىنىڭ خىزمەت ئىزدەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەپلىرىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن.

ئارتۇقچىلىقلار
 
بۇ سىزنىڭ ئىچكىي ئىجابىي ئالاھىدىلىگىڭىز بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايسىز، ھەمدە ئۇلاردىن پىلان تۈزۈشتە تولۇق پايدىلىنالايسىز.  بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئامىللار كىرىدۇ:

    * خىزمەت تەجرىبىلىرى
    * ھازىرغىچە تاماملىغان ئوقۇشلار ۋە ئالغان ئۇنۋان-گۇۋاھنامىلار
    * ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى كۈچلۈك تېخنىكىلىق بىلىملىرىڭىز (مەسىلەن، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە كومپيۇتېر تىللىرى)
    * بىر ساھەدىن باشقا بىر ساھەگە يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قابىلىيەتلەر (مەسىلەن، ناھايتى كۈچلۈك سۆزلەش ۋە يېزىش قابىلىيىتى)
    * كىشىلىك خاراكتېرىڭىز (مەسىلەن، كۈچلۈك خىزمەت ئەخلاقىڭىز، ئۆز-ئۆزىڭىزنى ياخشى تىزگىنلەش ئىقتىدارىڭىز، بېسىم ئاستىدىمۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىش قابىلىيىتىڭىز، ئىجاتچانلىقىڭىز، ئۈمىدۋارلىقىڭىز، ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك جۈرئىتىڭىز)
    * ياخشى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، ۋە مۇناسىۋەت تورىنى پۇختا قۇرغانلىقىڭىز
    * كەسپىي ئورۇنلار بىلەن بولغان ئالاقىڭىز

 ئاجىزلىقلار

بۇ ئىچكىي سەلبىي ئامىللارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالايسىز، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىڭىز تىرىشىش ئارقىلىق ياخشىلىيالايسىز. ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    * خىزمەت تەجرىبىڭىزنىڭ كام بولىشى
    * ئوقۇش نەتىجىڭىزنىڭ تۆۋەن بولىشى، ۋە ئوقۇشتا تاللىغان كەسپىڭىزنىڭ خاتا بولىشى
    * نىشانلىرىڭىزنىڭ كام بولىشى، كىشىلىك بىلىمىڭىزنىڭ كەمچىل بولىشى، كونكرېت خىزمەت بىلىمىڭىزنىڭ كام بولىشى
    * تېخنىكىلىق بىلىمىڭىزنىڭ ئاجىز بولىشى
    * لىدېرلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت، خەۋەرلىشىش، ۋە باشقىلار بىلەن بىرگە ئىشلەش ماھارىتىڭىزنىڭ ئاجىز بولىشى
    * خىزمەت ئىزدەش ۋە تېپىش قابىلىيىتىڭىزنىڭ تۆۋەن بولىشى
    * سەلبىي كىشىلىك خاراكتېرلەر (مەسىلەن، خىزمەت ئەخلاقىڭىزنىڭ ناچار بولىشى، تۈزۈمگە بوي سۇنۇشىڭىزنىڭ ئاجىز بولىشى، ئۆزلىگىڭىزدىن ئالغا ئىنتىلىش روھىڭىزنىڭ كەمچىل بولىشى، بىر ئىشنى ئاسانلىقچە قارار قىلالماسلىقىڭىز، تارتىنچاقلىقىڭىز، ۋە بەك ھېسسىياتچان بولىشىڭىز)

پۇرسەتلەر

بۇ ئىجابىي تاشقىي شەرت-شارائىتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايسىز، ئەمما ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    * سىزنىڭ كەسپىي ساھەڭىزدىكى كۆپلىگەن يېڭى خىزمەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئىجابىي يۈزلىنىشلەر (مەسىلەن، ئىقتىسادىي يۈكسىلىش، دۇنياۋىلاشتۇرۇش، ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر)
    * سىز ئۆرلەپ ئوقۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدىغان پۇرسەتلەر
    * سىزنىڭ كەسپىي ماھارىتىڭىزگە ئالاھىدە ئېھتىياجى بار كەسپىي ساھەلەر
    * سىز كۆپرەك كىشىلىك بىلىملەر ۋە تېخىمۇ ئېنىق خىزمەت نىشانلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدىغان پۇرسەتلەر
    * سىزنىڭ ئۆز كەسپىي ساھەيىڭىزدە ئۆسكىلى بولىدىغان پۇرسەتلەر
    * سىزنىڭ ئۆز كەسپىي ساھەيىڭىزدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان كەسپىي تەرەققىيات پۇرسەتلىرى
    * سىزنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى تاللىشىڭىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئالاھىدە پۇرسەتلەر
    * جۇغراپىيىلىك ئورۇن
    * كۈچلۈك كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى

تەھدىتلەر

بۇ سەلبىي تاشقىي شەرت-شارائىتلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايسىز، ئەمما سىز ئۇنىڭ تەسىرىنى كېمەيتەلەيسىز. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    * سىزنىڭ كەسپىي ساھەيىڭىزىدىكى خىزمەت ئورنىنى ئازلىتىدىغان سەلبىي يۈزلىنىشلەر (مەسىلەن، شىركەتنىڭ ئادەم قىسقارتىشى ۋە مەھسۇلاتنىڭ شاللىنىشى قاتارلىقلار)
    * سىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن رىقابەتلەر
    * سىزنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ماھارىتى، تەجرىبىسى ۋە بىلىمى بار كىشىلەردىن كېلىدىغان رىقابەتلەر
    * خىزمەت تېپىش قابىلىيىتى سىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەردىن كېلىدىغان رىقابەتلەر
    * سىزنىڭكىدىن ياخشىراق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كىشىلەردىن كېلىدىغان رىقابەتلەر
    * سىزنىڭ يولىڭىزدىكى توسالغۇلار (مەسىلەن، سىز ئىستىگەن پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالىي دەرىجىلىك بىلىم ياكى ئۇنۋان قاتارلىقلارنىڭ يوقلىقى)
    * سىزنىڭ كەسپىي ساھەيىڭىزىدىكى ئۆسۈش پۇرسىتىنىڭ ئاز بولىشى، ۋە رىقابەتنىڭ ۋەھشىي بولىشى
    * سىزنىڭ كەسپىي ساھەيىڭىزدىكى كەسپىي تەرەققىياتنىڭ چەكلىك بولىشى، شۇ سەۋەپتىن سىزنىڭ كەسپىي ماھارىتىڭىزگە بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەن بولىشى
    * شىركەتلەرنىڭ سىزنىڭكىدەك كەسىپتىكى ياكى سىزنىڭكىدەك ئۇنۋانى بار كىشىلەرنى خىزمەتكە ئالماسلىقى

بۇلاردىن باشقا، سىز ئۆزىڭىزدىن يۇقىرىدىكى «كىشىلىك سۋوت ئانالىزى» دېگەن قىسىمدا تىزىپ چىققان سوئاللارنىمۇ بىر قېتىم سوراپ بېقىڭ.  شۇ ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.  شۇنداقلا خىزمەتكە كىرمەكچى بولغان بىر شىركەت ياكى ئورۇننى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ ئورۇننىڭ باشلىقى ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ، «مەن ئىشقا ئالماقچى بولغان ئادەمنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بولىشى كېرەك؟»، دەپ سوراپ بېقىڭ.  ساختا كەمتەرلىكتىن ساقلىنىڭ، شۇنداقلا چوقۇم راستچىل ۋە رېئالىستىك بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان سۆزلۈكلەرنى بىر ۋاراق قەغەزگە تىزىۋېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئاشۇ سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى باھالىغاندا، سىزنى خىزمەتكە ئالماقچى بولغان ئورۇن سىزدىن بۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىش يولىدا ھازىردىن باشلاپلا ئىش كۆرسىڭىز، كەلگۈسىدە سىزنىڭ ئۆز كۆڭلىڭىزدىكى خىزمەتكە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن زور پايدىسى تېگىدۇ.  ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى بايقاش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.  ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى باھالاپ كۆرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن قايسى جەھەتتە بەكراق تىرىشىشىڭىز كېرەكلىكىنى بايقىيالايسىز.  ئەگەر سىز مەلۇم بىر ماھارەتنىڭ سىزنىڭ كەسپىي ساھەيىڭىز ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇ ماھارەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، سىز ئاشۇ ماھارەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئىش كۆرىشىڭىز كېرەك.  سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئېلىپ بېرىلغان باھالاشلار، مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىڭىز، ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىز توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆز ئاجىزلىقلىرىڭىزنى بايقىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن زور ياردەم قىلالايدۇ.

ئەگەر سىز تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مەن يازغان «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» ۋە «ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك؟» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. بۇ ماقالىلارنىڭ تور ئادرېسى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىدا بار.

مەن ئامېرىكىدىكى ھازىرغىچە بولغان ھاياتىم جەريانىدا بىر قانچە شىركەتلەردە شىركەتكە يېڭى خادىم ئالغۇچى باشلىق بولۇپ ئىشلەپ باقتىم.  شۇنداقلا كۆپ قېتىم خىزمەت ئىزدىگۈچىمۇ بولۇپ باقتىم. نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خىزمەت تېپىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەت كۆرۈشىشى (ئىنگلىزچە «جوب ئىنتەرۋىئەۋ») غا قاتنىشىپ باقتىم.  شۇ چاغلاردا مەندىن چوقۇم سورالغان مۇنداق ئىككى سوئال بار: بىرسى «سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئال بولۇپ، يەنە بىرسى بولسا «سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئال.  مەن ئالدىنقىسىغا «مەن ناھايىتى ئىجاتچان بولۇپ، مېنىڭ بىر ئىشنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىقتىدارىم ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا مەن قىيىن ئۆتكەلگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن»، دېگەن جاۋابنى تەييارلاپ، سورىغۇچىغا ھەر قېتىم ئاشۇ جاۋابنى بەردىم. كېيىنكىسىگە بولسا «مەن چەت ئەللىك، ھەمدە ئىنگلىزچىنى ئۆزەم ئۆگىنىۋالغان بولغاچقا، مېنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم يەرلىك ئامېرىكىلىقلاردەك ياخشى ئەمەس» دېگەن جاۋابنى بەردىم.  مەن ئۇ چاغلاردىلا ئەمەس، تاكى يېقىنغىچە بۇ سوئاللاردا سورىغىنى سۋوت ئانالىزىنىڭ ئىككى مۇھىم تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدىم.

 
 4. كىشىلىك سۋوت ئانالىزىنىڭ بىر مىسالى

كىشىلىك سۋوت ئانالىزى قانداق بولىدۇ؟  مەن ئۇشبۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا، كىشىلىك سۋوت ئانالىزىنىڭ بىر مىسالىنى ئۇچراتتىم. ماقالەمنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا مەن ئاشۇ مىسالنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.  بۇ مىسالدا ئىشلىتىلگىنى ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ ئېلان قىلىش بۆلۈمىگە مەسئۇل بىر كىشى بولۇپ، مەن ئۇنى ئاساسەن ئەينەن بايان قىلىمەن.  بۇ مىسال سىزنىڭ ئەھۋالىغا تولۇق ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ سىزنى خېلە كوپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئارتۇقچىلىقلار

    * مەن ناھايىتى يېڭىلىق يارىتىشقا مايىل.  مەن داۋاملىق ئۆز خىرىدارلىرىمنى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئۆزەم بايقىغان يېڭى سېتىلىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەسىرلەندۈرىمەن.
    * مەن ئۆزەمنىڭ خىرىدارلىرى ۋە ئۆز گۇرۇپپۇمدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن ياخشى ئالاقىلىشالايمەن («كوممۇنىكاتە»).
    * مەن ھالقىلىق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق، بىر مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشنىڭ توغرا يولىنى تېپىش قابىلىيىتىگە ئىگە.
    * مەن بىر خىرىدارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ بازارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سېلىنىشى ئۈچۈن تولۇق ئەقىدەم بار.

ئاجىزلىقلار

    * مەن بىر ئىشنى ناھايىتى تېز قىلىپ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ «ۋەزىپە تىزىملىكى» دىن ئىمكانقەدەر تېز چىقىرۋېتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە بەزىدە قىلغان ئىشىمنىڭ سۈپىتى تۆۋەنرەك بولۇپ قالىدۇ.
    * مەن قىلمىسام بولمايدىغان ئىشلار بەك كۆپىيىپ كەتكەندە، يۇقىرىقىدەك مىجەزىم تۈپەيلىدىن مەندە روھىي بېسىم پەيدا بولىدۇ.
    * مەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى خىرىدارلارغا چۈشەندۈرگەندە بىرئاز جىددىيلىشىپ كېتىمەن، ھەمدە مۇشۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن قورقۇش مىجەزىم تۈپەيلىدىن بەزىدە مەن ئېلىپ بارغان چۈشەندۈرۈشلەر جانلىق بولماي قالىدۇ.

پۇرسەتلەر

    * بىزنىڭ بىر چوڭ رىقابەتچىلىرىمىزنىڭ بىرسى كىچىكرەك خىرىدارلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق بىلەن ئۆز نامىنى بۇلغىۋالدى.
    * كېلەر ھەپتە مەن بىر چوڭ بازارلاش (ئىنگلىزچە «ماركېتىڭ» بولۇپ، بۇ سۆز بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى توغرىسىدا ئېلان چىقىرىش، مەھسۇلاتىنى سېتىش، ۋە ئۇنى خىرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى «بازارلاش» دېگەن سۆزنى مەن ئۆزەم ئويلاپ چىقىپ ئىشلەتتىم) يىغىنىغا قاتنىشىمەن. ئاشۇ يىغىندا ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلالايمەن، ھەمدە بىر قىسىم تەربىيىلەش سەمىنارلىرىغا قاتنىشالايمەن.
    * بىزنىڭ شىركەتنىڭ سەنئەت دىرېكتورى پات ئارىدا توغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن نەچچە ئايلىق دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن بىر ياخشى خىزمەتتە ئۆسۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

تەھتىدلەر

    * مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىمنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى مەندىن جىق كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ مەن بىلەن سەنئەت دىرېكتورى بولۇش پۇرسىتىنى تالىشىۋاتىدۇ.
    * يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئادەم يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن، مەن ۋاقىتنى ئاشۇرۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرى بولۇۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش مېنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىمغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
    * ھازىرقى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن بازارلاش ئىگىلىكىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ئاستىلاپ كەتتى.  نۇرغۇن شىركەتلەر ئادەم قىسقارتتى.  بىزنىڭ شىركەتمۇ ئىگىلىك دائىرىسىنى كىچىكلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقى، ھەمدە سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى پۇرسەتلەر بىلەن خىرىسلەرنى بىر سۋوت ماترىسساسى ئارقىلىق ئانالىز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق سىز زېھنىي كۈچىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاجىزلىقلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئازايتىپ، سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغا تەييار بولغان پۇرسەتلەردىن بار ئىمكانىيەتنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنالايسىز.


 5. ئاخىرقى سۆز

مېنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن ماقالەمنى ئوقۇپ باققان قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن 1981-82 يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا (يەنى مەن 23-24 ياشلاردىكى ۋاقتىمدا)، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇنداق بىر تەڭلىمىسىنى خۇلاسىلاپ چىققان ئىدىم:

        مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

ئاشۇ ۋاقىتقىچە ماڭا نىشان، غايە، مۇۋەپپەقىيەت، كىشىلىك ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش پەلسەپىلىك ۋە پىسخىلوگىيىلىك ئۇقۇم ياكى پەنلەر ھەققىدە بىرەر ماتېرىيالنى تېپىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولۇپ، بۇ تەڭلىمىنى يېزىشتا مەن پۈتۈنلەي ئۆزەمنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە بولغان ھاياتىمدىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خۇلاسىلاشقا تايانغان ئىدىم.  مەن يۇقىرىدا كىشىلىك سۋوت ئانالىزىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ بىر ئۇسۇلى «توغرىلاش ئۇسۇلى» ئىكەنلىكىنى، يەنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۇرسەتلەرگە توغرىلاپ، شۇ ئارقىلىق رىقابەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  بىر ئادەمنىڭ تالانتلىرى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھەمدە تالانت بىلەن پۇرسەت ھازىرلانغان تەقتىردىمۇ، ئەگەر بىر ئادەم ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي ئىش ئېلىپ بارمايدىكەن، كۆزلىگەن غايە ياكى نىشانغا ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ.  ھازىر ئويلاپ باقسام، يۇقىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەڭلىمىسى سۋوت ئانالىزىنىڭ «توغرىلاش ئۇسۇلى» بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خېلە زور ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەن.

مېنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن ماقالەم بىلىك تورىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، «جەسۇر» دېگەن تور ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز مەندىن نېمە ئۈچۈن بۇ تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىققانلىقىمنى سورىغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا 2007-يىلى 10-نويابىر كۈنى بىلىك تورىدا تۆۋەندىكى جاۋابنى بەرگەن ئىدىم:

[نەقىل] مەن 1976-يىلىدىن 78-يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقاندا، ھېچ قانداق قىممىتى يوق بىر ئادەم ئىدىم.  كۈنىگە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولساممۇ، ماڭا بىر تىيىن پۇل بەرمەيتتى.  مېنىڭ ئىشلىشىم پەقەت ھەر كۈنى قوسۇقۇمنى تويغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچىلىك خىزمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى.  ئۇ چاغدا بىرەر جاننىڭ ئانچە قىممىتى يوق ئىدى.  ئەگەر مەن ئۆزەم چېنىقىۋاتقان كوناشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى 10 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى پىيادە بېسىش جەريانىدا بىرەر ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلۇپ قالغان بولسام، ئۆز ئاتا-ئانام ۋە تۇغقانلىرىم مېنى ئىزدىگەندىن باشقا، يول بويىدا ياتقان مېنىڭ ئۆلۈكۈمنى كۆرگەن كىشىلەر مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايتتى.  مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم، نېمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىم بىرەر گېزىت خەۋىرىگىمۇ يارىمايتتى.

1978-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، مەن ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق ئىككى پرىنسىپ تۈزدۈم.  بىرىنچى، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەلەپتىن ئاشۇرۇپ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئۆگىنىش.  ئىككىنچى، ماڭا بېرىلگەن قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئىشلەش.  مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۆزەم بۇرۇنقىدىن ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مېنىڭ قىممىتىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.  مەن ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندىم.  بېيجىڭگە ئايروپىلان بىلەن يىغىنغا بارىدىغان بولدۇم.  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ ياشلار يورنىلى ۋە جۇڭگو خەلق گېزىتى قاتارلىق تەشۋىقات ئاپاراتلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىندىم.  بۇ تەشۋىقاتلەردە ئېيتىلغان نەرسىلەر راس ئىدى. ئاساسەن مېنىڭ قانداق قىلىپ ئوقۇشتا ئەلا كېتىۋاتقانلىقىم، قانداق قىلىپ ئۆزلۈگۈمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگۈنىۋاتقانلىغىم، ھەم قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىغىم توغرىسىدا ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ماڭا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىدىغان، مەنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان بولدى. مەن تۇرىۋاتقان ياتاق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، ئۇ ئىشخانا بىر ئوقۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. مەن بەزىدە ھاجەتخانىغا بارسام، مېنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ تېخى خېلى يىراقتا ئىكەنلىكىمگە قارىماي، ھاجەتخانىغا كىرمەي، مېنى ئالدىدا كىرسۇن، دەپ ساقلاپ تۇراتتى.  مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىپ كېتىشىنى ئازراقمۇ ياقتۇرمايتتىم.  ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھۆرمىتى، مېنى قەدىرلىشى، دەپ چۈشىنەتتىم.  داۋاملىق ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتىم. تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزۈمدىن ھاياجانلىق ياشلىرى چىقىپ تۇراتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدىم: بۇ نېمە ئۈچۈن؟  ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئەركىن سىدىقتىن ئىبارەت بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە ھېچ قانچە ئۆزگىرىش بولمىدى.  لېكىن مېنىڭ قەدرى-قىممىتىمدە غايەت زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتتى. بۇ نىمە ئۈچۈن؟  بۇرۇنقى مەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرنىڭ نېمىسى ئوخشىمايدۇ؟

مانا ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش جەريانىدا، «مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت»، دېگەن تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. [نەقىل تۈگىدى]

مەن كېيىنكى ماقالەمدە، يەنى ئۇشبۇ ماقالەمنىڭ 2-قىسمىدا، ۋەتەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىركەت قۇرغان، ھازىر شىركەت قۇرۇۋاتقان، ۋە كەلگۈسىدە شىركەت قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، شىركەتلەر پايدىلىنىدىغان سۋوت ئانالىزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

مەن ئۇشبۇ يازمامنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئېچىپ بېرىش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان دوكتۇر ناپولەئان ھىلل (1883-1970) نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

--ئەگەر بىر ئادەم دائىم ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنىڭ بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ تۇرمايدىكەن، ئۇ ئادەم ئاداققىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

--ئازراق قارشىلىقتىن قورقۇپ كەتمەڭ.  شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ «لەگلىكى» ئوڭۇشسىزلىق شامىلىغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىمۇ-قارشى ئۇچۇش ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ.

--بىزنىڭ مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغان ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ غەلىتە ئىش ئەمەس.  بىز دائىم مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىزنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى بوغۇپ قويىمىز.  ئەمەلىيەتتە بولسا مەغلۇبىيەت ئەڭ پايدىلىق قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، بىز ئۇنى ئەينەن قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

--مۇشۇ دۇنياغا پايدىسى تېگىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولغان كىشىلەر ناھايىتى چوڭقۇر چۈشۈنىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇنداق ئۈچ سۆز بار: باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بەدەل تۆلەش، ۋە ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش.


بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرىسلىرى:
 
نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار:
http://www.meripet.com/Sohbet1/2010a1_Goal.htm
 
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى:  
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb3.htm

ئۆمۈرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك؟
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb4.htm
 
ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى: 
http://www.meripet.com/Sohbet/

كىتاپ ساتىدىغان تور بەتى ئامازون:
http://www.amazon.com/
 
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. 

ئەسكەرتىش: مەن بۇ ماقالىنى يېڭى يەزىقتا يېزىپ، ئاندىن يۇلغۇن يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كونا يېزىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇلغۇم ئىملا تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق بىر قېتىم تەھرىرلەپ چىقتىم.  كونا يېزىق نۇسخىسىدىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى لاتىن ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا خېلە تىرىشقان بولساممۇ، بىر سۆزنى لاتىنچىغا ئۆزگەرتىش بىلەن تەڭ ئاشۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ تەرتىۋى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىنگلىزچە سۆزلەرنى لاتىنچە يېزىپ قويۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولدۇم. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن.  بۇ ماقالىنىڭ يېڭى يېزىق نۇسخىسىدا ھەممە ئىنگلىزچە سۆزلەر ئەسلىدىكى شەكلى بويىچە يېزىلغان.

© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair