شىركەت سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى


مەن بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، كىشىلىك سۋوت ئانالىز ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.  ئۇنىڭ بۇ قىسمىدا بولسا «شىركەت سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى» نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى ئەسلىدە شىركەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تەتقىقات باشلىنىپ ئۇنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن 1949-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە جەمى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى.  1960-يىللىرىغا كەلگىچە ئامېرىكىدىكى شىركەت پىلانلاشلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى.  بولۇپمۇ شىركەتلەر دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە قانداق قىلىپ باشلىقلار قوشۇنىغا بىر ئومۇمىيۈزلۈك ئىش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاشۇ پروگرامىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئەقىدىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىنگلىزچە «فورتۇنە 500 كومپانىئەس» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ داڭلىق 500 شىركەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، 1960-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتەتىدە بىر تەتقىقات پروجېكتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پروجېكتقا ئالبېرت خامفرېي (ئالبەرت س ھۇمپھرەي، 1926-2005) رىياسەتچىلىك قىلدى.  بۇ پروجېكت جەريانىدا بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر 1100 شىركەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 250 سوئال تەييارلاپ، 5000 دىن ئارتۇق شىركەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى توپلىدى.  شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شىركەتلەردىكى 1-قول باشلىق چوقۇم ئەڭ يوقىرى ئورۇندىكى پىلانلىغۇچى بولىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭغا بىۋاستە قارايدىغان ھەر خىل روللاردىكى دىرېكتورلار بولسا ئاشۇ شىركەتنىڭ پىلانلاش قوشۇنىنىڭ ئەزالىرى بولىشى كېرەكلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى.  دوكتۇر ئوتىس بەنەپە بىر «لوگىكا زەنجىرى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مۇشۇ لوگىكا زەنجىرى شىركەت باشلىقلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئەقىدىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق سىستېمىغا ئايلاندى.  ئوتىس ئوتتۇرىغا قويغان لوگىكا زەنجىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
    * باشلىقلار قوشۇنىنىڭ قىممىتى
    * باھالاش
    * رىغبەتلەندۈرۈش («موتىۋاتىئون»)
    * ئىزدەش
    * تاللاش
    * پروگرام تۈزۈش
    * ئىش ئېلىپ بېرىش
    * يوقىرىقى 1-، 2- ۋە 3-قەدەملەرنى كۈزىتىش ۋە ئۇلارنى تەكرارلاش

ھېلىقى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر باشلىقلار قوشۇنىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن نىشان (ئوبجەكتىۋە) تىكلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 1-قەدەم سۈپىتىدە مەلۇم بىر شىركەت پائالىيىتىدە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر باھالاش سوئالىنى سوراشنى باشلىغان.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھازىر ۋە كەلگۈسىدە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى سورىغان. ھازىرقى ياخشى ئىشلار قانائەتلىنەرلىك («ساتىسفاكتوري») ئىشلار ياكى «ئارتۇقچىلىق» لار بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ياخشى ئىشلار بولسا «پۇرسەت» لەر بولۇپ ھېسابلىناتتى.  ھازىرقى يامان ئىشلار كەمچىلىكلەر («فائۇلتس») بولۇپ، كەلگۈسىدىكى يامان ئىشلار بولسا «تەھدىت» لەر بولۇپ ھېسابلىناتتى.  شۇڭلاشقا بۇ ئانالىز ئۇسۇلى «سوفت» («ساتىسفاكتوري، ئوپپورتۇنىتي، فائۇلت، تھرەئات») ئانالىز ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان.  1964-يىلى شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا، «كەمچىلىك» دېگەن سۆز «ئاجىزلىق» قا («فائۇلت» دېگەن سۆز «ۋەئاكنەسس» كە)، ۋە «قانائەتلىنەرلىك» دېگەن سۆز «ئارتۇقچىلىق» قا («ساتىسفاكتوري» دېگەن سۆز «سترەڭتھ» كە) ئۆزگەرتىلىپ، يوقىرىدىكى سوفت ئانالىز ئۇسۇلى سۋوت ئانالىز ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلگەن.  شۇنىڭدىن باشلاپ سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدە ئۆزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلۇپ، 2004-يىلىغا كەلگەندە بۇ سىستېما تۇلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ بولۇنغان.  شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ تاشقىي مەسلىھەتچى ئورۇنلارغا ياكى ناھايىتى قىممەتكە توختايدىغان مەخسۇس خىزمەتچى خادىملارغا تايانماي تۇرۇپ، مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان يىللىق پىلانلارنى تۈزۈش ھەمدە شىركەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇ پىلانلارغا بولغان ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىيالايدىغانلىقىمۇ تولۇق ئىسپاتلىنىپ بولغان.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ۋە نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىپ كەشىپ قىلغان سۋوت ئانالىز ئۇسۇلىنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. شۇنداق بولغاچقا، مەن ھازىرغىچە شىركەت قۇرۇپ بولغان، ياكى بۇنىڭدىن كېيىن شىركەت قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

ھازىر ھەممىمىز بىر شىركەت ئورمانلىقىنىڭ ئىچىدە ياشايمىز. قايسى تەرەپكە قارىساق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شىركەتلەرنى كۆرىمىز. شۇنداقلا ئۆز خىزمىتىمىز ۋە خۇسۇسىي تۇرمىشىمىزدىمۇ شىركەتلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.  ئۇشبۇ ماقالىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان ئۇقۇملار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇچۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈنمۇ خېلە پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز شىركەت قۇرۇپ باقمىغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن بىر شىركەت قۇرۇش پىلانىمۇ يوق بىر ياش بولسىڭىزمۇ ئۇشبۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى، ئېچ بولمىغاندا بۇ ماقالىنىڭ «ئاخىرقى سۆز> دېگەن قىسمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئەسلىدە بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ئالدىنقى ماقالىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئېلىپ، بۇنى «2-قىسىم»، دەپ ئاتاشنى پىلانلىغان ئىدىم.  كېيىن ئويلاپ باقسام، بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا «شىركەت» دېگەن سۆزنىڭ بولىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالىغا ھازىرقىدەك بىر ماۋزۇنى تاللىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىنى ئالدىنقى ماقالىنىڭ 2-قىسمى، دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 
1. شىركەت سۋوت ئانالىزى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ؟


تۆۋەندە مەن شىركەت سۋوت ئانالىزىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم مىساللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:

    * بىر شىركەت (ئۇنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى ئورنى، سودىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى قاتارلىقلار)
    * بىر سېتىش-تارقىتىش ئۇسۇلى
    * بىر مەھسۇلات ياكى ئۇنىڭ بىر سورتى
    * بىر يېڭى ئىگىلىك ئىدىيىسى
    * بىر ئىستراتېگىيىلىك تاللاش، مەسىلەن، بىر يېڭى بازارغا كىرىش ياكى بىر يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش
    * باشقا بىر شىركەتنى سېتىۋېلىپ ئۆز شىركىتىگە قوشۇۋېلىش پائالىيىتى
    * باشقا شىركەت بىلەن شېرىكلىشىشنىڭ بىر ئېھتىماللىقى
    * بىر تەمىنلىگۈچى شىركەتنى ئالماشتۇرۇش
    * بىر مۇلامىزەت، شىركەت خىزمىتى ياكى مەبلەغنىڭ ئىشىنى باشقا بىر شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش (بۇ ئىنگلىزچە «ئوئۇتسوئۇركىڭ» دېيىلىدىغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنى ئۇيغۇرچىدە «سىرىتلاشتۇرۇش» دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن)
    * بىر مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى

بۇ يەردىكى بىر مۇھىم نۇقتا، سۋوت ئانالىزىنىڭ ھەر بىر تېمىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئانالىزنىڭ تۆھپىكارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۈتكەن نۇسخىسىنى كۆرىدىغان كىشىلەر بۇ سۋوت باھالىشىنىڭ مەقسىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ.

 
2. سۋوت ئانالىزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار

تۆۋەندە مەن بىر سۋوت ئانالىزى ئەندىزىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

ئارتۇقچىلىقلار:

    * تەكلىپنىڭ ئەۋزەللىكى
    * ئىقتىدار
    * رىقابەت جەھەتتىكى نىسبىي ئەۋزەللىك
    * ئۆزگىچە سېتىش نۇقتىلىرى
    * مەبلەغ، مۈلۈك، ۋە ئادەملەر
    * تەجرىبىلەر، بىلىملەر، ۋە سانلىق ئۇچۇرلار
    * ئىقتىسادىي زاپاسلار، سالغان مەبلەغدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان پايدىلار
    * بازارلاش: خېرىدارلار دائىرىسى، تارقىلىشى، ۋە ئاڭلىتىش دائىرىسى
    * يېڭىلىق يارىتىش تەرەپلىرى
    * باھا، قىممەت، ۋە سۈپەت
    * تەستىقلىتىش، لاياقەتلەشتۈرۈش، ۋە گۇۋانامىگە ئېرىشىش
    * جەريان، سىستېما، ئۇچۇر تېخنولوگىيىسى، ۋە ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى
    * مەدەنىيەت، پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتتىكى ئىپادە تەرەپلىرى
    * باشقۇرۇشنىڭ تولۇق ۋە ئۆزلۈكسىز بولىشى

ئاجىزلىقلار:

    * تەكلىپنىڭ پايدىسىز تەرىپى
    * ئىقتىداردىكى بوشلۇقلار
    * رىقابەت كۈچىنىڭ كەمچىل بولىشى
    * داڭقى، بازارغا كىرىشى ۋە تارقىلىشى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلار
    * مالىيە ئەھۋالىنىڭ ناچار بولىشى
    * ئۆزىگە بىلىنگەن، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىۋېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئاجىزلىقلار
    * ۋاقىت دائىرىسى، ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە بېسىملار
    * كۆچمە پۇل مەبلىغى بىلەن دەسلەپكى پۇل مەبلىغىنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى
    * ئىزچىلسىزلىق، ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇستەھكەملىك ئەھۋالى
    * مەركىزىي شىركەت مەشغۇلاتىغا بولغان تەسىر ۋە بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالى
    * سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش، پلان نەتىجىسىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەشكە بولۇش-بولماسلىق ئەھۋالى
    * ئىرادە، سادىقلىق ۋە لىدېرلىق ئەھۋالى
    * تەستىقلىتىش ئەھۋالى
    * ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە سىستېمىسى ئەھۋالى
    * باشقۇرۇشنىڭ تولۇق ۋە ئىزچىل بولۇش ئەھۋالى

پۇرسەتلەر:

    * بازار تەرەققىياتى
    * رىقابەتچىلەرنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرى
    * سانائەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر
    * تېخنولوگىيە تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشلار
    * دۇنياۋىي تەسىرلەر
    * يېڭى بازارلار
    * ئىگىلەنمىگەن بازارلار
    * جۇغراپىيە، ئېكسپورت ۋە ئىمپورت
    * يېڭى ئۆزگىچە سېتىش نۇقتىلىرى
    * تاكتىكىلار، تەسادىپى پەيدا بولغان پۇرسەتلەر، ۋە چوڭ سودا كىلىشىملىرى
    * ئىگىلىك ۋە مەھسۇلات تەرەققىياتى
    * ئۇچۇر ۋە تەتقىقات
    * شېرىكلىشىش، ۋەكىل تېپىش، ۋە تارقىتىش
    * ھەجىم، ئىشلەپچىقىرىش، ۋە ئىقتىساد
    * پەسىل، ھاۋا كىلىماتى، ۋە مودا تەسىرلىرى

تەھدىتلەر:

    * سىياسىي تەسىرلەر
    * قانۇنىي تەسىرلەر
    * مۇھىت تەسىرلىرى
    * ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش
    * رىقابەتچىلەرنىڭ مەقسەتلىرى
    * بازار ئېھتىياجى
    * يېڭى تېخنولوگىيە، مۇلازىمەت ۋە ئىدىيىلەر
    * كەم بولسا بولمايدىغان كېلىشىملەر ۋە شېرىكلەر
    * ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغان ئىچكىي ئىقتىدارلار
    * دۇچ كەلگەن توسقۇنلۇقلار
    * يەڭگىلى بولمايدىغان ئاجىزلىقلار
    * مۇھىم خىزمەتچىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش
    * مۇقىم ئىقتىسادىي ئارقا تۈۋرۈكتىن ئايرىلىپ قېلىش
    * ئىچكىي ۋە تاشقىي ئىقتىسادلار
    * پەسىل ۋە ھاۋا كىلىماتى تەسىرلىرى
 

3. شىركەت سۋوت ئانالىزىنىڭ بىر مىسالى

تۆۋەندىكى شىركەت سۋوت ئانالىزىنىڭ مىسالى بىر تەسۋىرىي ئەھۋالغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان، بۇرۇن ئۆز سودىسىنى باشقا تارقاتقۇچى شىركەتلەرگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان بىر شىركەتنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلغان.  بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تارتقاتقۇچىلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولمىغان يېڭى خېرىدارلارغا بىۋاستە تارقىتىدىغان بىر يېڭى تارماق شىركەت قۇرماقچى بولۇپ، ئاشۇنداق بىر پىلان ئۈستىدە سۋوت ئانالىزى ئېلىپ بارماقچى بولغان.

ئارتۇقچىلىقلار:

    * بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، ئۇلارنىڭ سۈپىتى يوقىرى ۋە ئىشەنچىلىكى كۈچلۈك
    * رىقابەتچىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئىقتىدارى يوقىرى
    * مەھسۇلاتىمىزنىڭ ھاياتى ئۇزۇن ۋە چىدامچانلىقى يوقىرى
    * ئېشىنچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز بار
    * بىر قىسىم خادىملىرىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەندىكى خېرىدارلارغا ئائىت تەجرىبىسى بار
    * يېتەرلىك خېرىدارلار توپى بار
    * بىۋاستە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارىمىز بار
    * يېڭى مەھسۇلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشى ئوبدان يۈرۈشىۋاتىدۇ
    * ئىشلارنى ھازىر بار بولغان شىركەت ئورۇنلىرىدىلا قىلالايمىز
    * مەھسۇلاتلىرىمىز تەستىقتىن ئۆتۈپ بولغان
    * ئىش جەريانى بىلەن ئۇچۇر تېخنولوگىيىسى بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزدىن چىقالايدۇ
    * باشلىقلار بۇ ئىشقا ئۆزىنى ئاتىغان ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار

ئاجىزلىقلار:

    * تىزىملىكتىكى خېرىدارلار تېخىچە سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى
    * بەزى ساھەلەردىكى خېرىدارلار توپىدا بىر قىسىم بوشلۇقلار بار
    * بىز ئىگىلىگەن بازار بىر قەدەر كىچىك
    * بىۋاستە بازارلاش تەجرىبىمىز يوق
    * بىز چەت ئەلدىكى خېرىدارلارغا مال يەتكۈزۈپ بېرەلمەيمىز
    * تېخىمۇ كۆپ سېتىش («سالە») بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا مۇھتاج
    * ئاجراتقان پۇلىمىز يېتەرلىك ئەمەس
    * تېخىچە سىناق ئېلىپ بېرىپ باقمىدۇق
    * تېخىچە تەپسىلىي پىلانىمىز يوق
    * مالنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان خادىملارنى بۇنىڭدىن كېيىن تەربىيىلەش كېرەك
    * خېرىدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى بۇنىڭدىن كېيىن تەربىيىلەش كېرەك
    * جەريان ۋە سىستېمىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش كېرەك
    * باشلىقلار يېتىشمەيدۇ

پۇرسەتلەر

    * يېڭى مەھسۇلات راۋاجلاندۇرالايمىز
    * يەرلىك رىقابەتچىلەرنىڭ مەھسۇلاتى بىزنىڭكىگە قارىغاندىن ناچار
    * مەھسۇلاتىمىزنىڭ پايدىسى ياخشى («پروفىت مارگىنس ئارە گوئود»)
    * ئەڭ تۆۋەندىكى خېرىدارلىرىمىز («ئەند ئۇسەرس») يېڭى ئىدىيىلەرگە ياخشى ماسلىشىدۇ
    * شىركىتىمىزنى چەت ئەللەرگىمۇ كېڭەيتەلەيمىز
    * يېڭى مۇتەخەسسىسلەردىن پايدىلىنالايمىز
    * رىقابەتچىلىرىمىزنى ھەيران قالدۇرالايمىز
    * بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەڭ مۇھىم ئىگىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە ياردەم قىلىدۇ
    * ياخشىراق تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى تاپالايمىز

تەھدىتلەر

    * تۈزۈلگەن يېڭى قانۇن بىزنىڭ شىركىتىمىزگە يامان ئەھۋال ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن
    * مۇھىت تەسىرى چوڭ شىركەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن
    * بازار ئېھتىياجى پۈتۈنلەي پەسىلگە باغلىق
    * مۇھىم خىزمەتچى خادىملارنى ساقلاپ قېلىش تەس
    * مەركىزىي كارخانا مەشغۇلاتىمىزدىن چەتنەپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار
    * جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر بېرىپ قويۇشىمىز مۇمكىن
    * ئاسانلا چوڭ رىقابەتچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالىمىز

سۋوت ئانالىزى بويىچە پىلانلارنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تۆۋەندىكى 6 كاتېگورىيە بويىچە ئەمىلى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك:

   1. مەھسۇلات (بىزنى نېمىنى ساتىمىز؟)
   2. جەريان (مەھسۇلاتلارنى قانداق ساتىمىز؟)
   3. خېرىدارلار (مەھسۇلاتلارنى كىمگە ساتىمىز؟)
   4. تارقىتىش (مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلارغا قانداق يەتكۈزۈپ بېرىمىز؟)
   5. ئىقتىساد (باھا، چىقىم ۋە مەبلەغلەر)
   6. باشقۇرۇش (يوقىرىقى ئىشلارنى بىز قانداق باشقۇرىمىز؟)

بۇ ماقالىنىڭ بەك ئۇزۇراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ 6 كاتېگورىيە ئۈستىدە مەن بۇنىڭدىن ئارتۇق توختالمايمەن.

 
4. ئاخىرقى سۆز

مەن 2009-يىلى يۇرتقا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، بىر قىسىم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشتىم.  ئاشۇ ياشلارنىڭ بىرسى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان شىركەت باشقا شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى شىركەت باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋى بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان شىركەت ئىكەن. ئۇ ياشنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ھازىر مەن بۇرۇن شىركەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ھەققىدە يازغان ئىككى پارچە ماقالىدىن باشقىلارنى تەربىيىلەش دەرس ماتەرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋېتىپتۇ.  مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم ۋە ئىلھاملاندىم، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ھەيران بولدۇم -- مەن ئەسلىدە ئۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ئۇنچىلىك قىممىتى بولار، دەپ ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.  ئاشۇ ئەھۋال مېنىڭ بۇ قېتىم ئۇشبۇ ماقالىنى يېزىشىمدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.  ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىپ، ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.  ئەگەر سىز ئاشۇنداق ياشلارنىڭ بىرسى بولسىڭىز، مەن سىزنى ئۆز كەسپىڭىز دائىرىسىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئاسانلا تېپىلىدىغان ۋە كەڭ-كۆلەمدە ئومۇملىشىپ بولغان، ئەمما ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىچە يېتىپ بارمىغان ئىلمىي ئۇقۇملار ۋە ھەر خىل بىلىملەرنى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ، تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىپ تۇرۇشقا چاقىرىمەن.  بۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن سىز مۆلچەرلىيەلمەيدىغان دەرىجىدە پايدىسى بار.  چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ . يوقىرىدىكىسى مانا شۇلارنىڭ بىرسى، ھەمدە ئەڭ ئاسانلىرىنىڭ بىرسى.  بىر ئۇلۇغ ئەربابنىڭ «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزەڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلا»، دېگىنى ئېسىمدە.  مەن يوقىرىدىكى ئىشنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئاسانلا قىلالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن.

مەن بۇرۇن يازغان «شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟» دېگەن ماقالەمدە بىر بۆرە بىلەن بىر ئائىلە ئىشتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.  ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇپ، شۇنىڭغا تايىنىپ ياشىغان ھايات شۇ ھېكايىدىكى بۆرىنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ.  باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەپ ياشىغان ھايات بولسا ئاشۇ ھېكايىدىكى بوينى باغلانغان ئائىلە ئىشتىنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ.  ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئامالى ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش.  روشەنكى، بۇ ئىشنى قىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس.  ئەگەر ئاسان بولغان بولسا، ھەممە ئادەم ئاشۇ ئىشنى قىلغان بولاتتى.  لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدەك ۋاقىتنىڭ مابەينىدىكى ئەھۋالغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ئاسانلا ئەگىشىپ ماڭالايدىغانلىقىنى، خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ناھايىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ۋە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.  جۇڭگو مائارىپى ياشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۆزلىگىدىن جۈرئەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر بولىدىغان، ۋە قولنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتە تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئارقىدا.  لېكىن ئالىي مەكتەپ ئاساسىي پەن ئوقۇتۇشلىرىدا دۇنيادىكى خېلە ئالدىدىكى ئەللەرنىڭ بىرسىگە كىرىدۇ.  بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بىلەن تۈرك دۇنياسىدا تېخىمۇ شۇنداق.  ئاشۇنداق بولغاچقا، مەن خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز بىلىملىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىغا سەل قارىماسلىقىنى، باشقىلار قىلالىغاننى ئۆزلىرىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىشىنى، بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ناھايىتى ماھىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مەمتىمىن مۇئەللىم ئۆزىنىڭ «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىدە مىللەتلەرنى ئۇلارنىڭ مەلەك-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت» تىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلگەن، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ يەنىلا بىر «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئۆتتۈرىغا قويغان ئىدى.  بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە قۇدرەت تېپىشىدا ئۇنىڭ ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىك ۋە ماتىماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن جەمئىيىتىگە ئومۇلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  خۇسۇسىي ئىگىلىكنى كۆپلەپ بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى  زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىك ۋە ماتىماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، مىللەت ئۈچۈن چوڭراق ئىش قىلىپ بېرىشنى كۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«باشقا بىر كۈن بار»

ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش كىشىلەر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئىشلارنىڭ بىرسىگە كىرىدۇ.  چوڭ ئىشلارنى قىلىش يولىنى تاللىغان ئادەملەر قازىنىدىغان نەتىجىمۇ زور بولىدۇ.  شۇنداقلا ئۇلار بەزىدە ئۇچرايدىغان مەغلۇبىيەت بىلەن تارتىدىغان زىيانمۇ ناھايىتى ئەغىر ۋە ئېچىنىشلىق بولىدۇ.  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ .  مەن ئۇشبۇ ماقالەمنى «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىنغان، ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىغا «باشقا بىر كۈن بار» دېگەن تەما ئاستىدا تەربىيە-نەسىھەت ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.  ئاتتىلا بۇ سۆزلەرنى ھونلار 451-يىلى ئېيتىيۇسنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن دېگەن.

ھېچقانداق باشلىق ھەر بىر جەڭدە غەلىبە قىلىۋەرمەيدۇ. قىلىۋاتقىنىڭ تەبىقە لىدېرلىقى ياكى جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇش بولۇشىدىن، قىلىۋاتقان ئىشىڭنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ياكى قانچىلىك ئەرزىمەس ئىش ئىكەنلىكىدىن، ھەمدە سەن تەييارلىقنى قانچىلىك پۇختا قىلغانلىقىڭدىن قەتئىي نەزەر، سەن بەزىدە يېڭىلىسەن.

خەۋىرىڭدە بولسۇنكى، سەن جەڭ مەيدانى ياكى كېڭىشىش سورۇنىدىكى مەغلۇبىيەتكە داۋاملىق يولۇقۇپ تۇرىسەن.  شۇڭا ئۇنى ئىنكار قىلما.  بۇنداق ئەھۋالدىن ئۆزەڭنى ئېلىپ قاچماي، قارشى تەرەپ ئېرىشمەكچى بولغان پايدىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېمەيتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلان، ھەمدە ئۆز يولۇڭنى داۋاملاشتۇر.

بىر جەڭ ياكى قولۇڭدىكى بىر ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىش تېخىمۇ  چوڭ زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى قولۇڭدا بار نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدىغان بولسا، ئۇ يولدىن چېكىنىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇلۇغ ئىش بولىدۇ.  باشقا بىر كۈنى قايتىدىن ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سەن بارلىق جەڭچىلەرنى ۋە ماتېرىياللارنى ساقلاپ قېلىشىڭ شەرت.

كىشىلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا ئۆز قىممىتىنى، ئۆز ئىشەنچىسىنى ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ۋاقىتلىق يوقىتىپ قۇيۇش بىر خىل نورمال روھىي ھادىسە.  سەن بۇ خىل كۈلپەتلەردىن ئۆزەڭنىڭ ھونلۇق روھىيىتىڭدە چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلمىغان ھالدا ئۆتۈپ كېتىشنى ئۆگەن.  زۆرۈر بولغاندا بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ ئۇرساڭ مەيلى، ئەمما ئۆزەڭنىڭ ئۇنداق ناچار ھالىتىدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ قالما.  بولمىسا سېنىڭ قايغۇڭ سېنىڭ كەيپىياتىڭنى مەڭگۈ تىزگىنلىۋالىدۇ.

ئەگەر سەن بىر ئەقىللىق باشلىق بولساڭ، قول ئاستىڭدىكى ئادەملەرنى ئۈمىدسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىماي تۇرۇپ، ئۇلارنى بىر مەغلۇبىيەتكە باشلاپ كىرمەيسەن.

بىر جەڭ ياكى كېڭىشىش سورۇنىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلاردىكى ھەممە ئېھتىماللىق ئۈستىدە ئويلىنىپ قويۇش ناھايىتى مۇھىم.  بۇنى ئۆز كۆڭلۈڭدە كۆپ  قېتىم تەكرارلىغىن.  سېنىڭ ھەرىكىتىڭدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە ئوبدان ئويلانغىن.  شۇ ئارقىلىق ئۆزەڭنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەتلەرگە ئوبدان تەييارلىيالەيسەن.

مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالغىن.  ئۆزەڭ يېڭەلمىگەن توسقۇنلۇقلارغا يولۇققاندىن كېيىنمۇ ئۆزەڭنىڭ لىدېرلىق قابىلىيىتىنى كۈچەيتەلمەيدىكەنسەن، سېنىڭ تەجرىبىلىرىڭ نۆلگە تەڭ بولۇپ، ئۆزەڭ ۋە سېنىڭ قول ئاستىڭدىكى كىشىلەر ئامالسىز قالغان قۇربان بەرگۈچىلەردىن باشقا نەرسە بولالمايدۇ.

شۇ نەرسە دائىم ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش قانچە زور ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن، ئۇ شۇنچە چوڭ قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.  بۇنداق قارشىلىق ئىچكىي ياردەم ۋە ساداقەتلىكنىڭ كام بولىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئەگەر سەن بىر غەلىبىگە ئاسانلا ئېرىشكەن بولساڭ، يەتمەكچى بولغان نىشانىڭنىڭ قىممىتى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ باق.

بىر ئاددىي ھەقىقەت شۇكى، سېنىڭ نەتىجەڭ ۋە غەلىبەڭ قانچە زور بولىدىكەن، دۈشمىنىڭدىن كېلىدىغان قارشىلىق، ھەسرەت ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈشمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.  شۇنداق بولىدىغىنىنى ئالدىن ئويلاپ، ئۇنىڭ قۇربانى بولۇپ قالما.

شۇنى بىلگىنكى، سېنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تىرىشچانلىقلىرىڭ دەرىجىسى ئۆزەڭنىڭكىدىن يوقىرى تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە شۇنچە بەك ئۇچرايدۇ.  بۇنىڭ سەۋەبى، سەن نەتىجە قازانغاندا ئەڭ زىيان تارتىدىغانلار ئاشۇ كىشىلەر بولغىنىدىندۇر.  ئەگەر سېنىڭ ھەرىكىتىڭ ۋە چوڭ نىشانلىرىڭ ئۇلارغا تەھدىت بولۇپ تۇيۇلمايدىكەن، سەن كۆزلىگەن نىشانلار ئەرزىمەس نىشانلار بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.

بەزىدە توسقۇنلۇقلارنى يېڭىش كۈچۈڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسمىغىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. شۇڭلاشقا روھىي جەھەتتىكى جاسارىتىڭنىڭ بىر قىسمىنى ئاشۇنداق پەيتلەر ئۈچۈن ساقلاپ قوي.  چېكىنىش ۋە قايتىدىن تەشكىللىنىش ئېھتىماللىقىدىن ئازراق بار بولغان ۋاقىتلاردىمۇ ھەرگىز بارلىقىڭنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ تۈگىتىۋەتمە.

بىز ئەتىراپىغا ئولىشىپ ئولتۇرغان بۇ دالا ئوتىمۇ خېلە كىچىكلەپ قالدى.  سىلەر مېنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلەر ئۈچۈن پايدىلىنىڭلار.  مېنىڭ يوقارقى يوشۇرۇن بىلىملىرىم سىلەرنىڭ ئىرادە ئوچۇغۇڭلارغا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان يېقىلغۇ بولۇپ، ئۆز ئىرادەڭلارنى باشقا بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن قايتىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىشىڭلارغا تۈرتكە بولغۇسى.  ھونلارنىڭ نەپىسى توختاپلا قالمايدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولمايدۇ.


بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرىسلىرى:

«شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟»
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc1_shirket.htm

«شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى»
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc2_shirket2.htm

«ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت»:
http://www.meripet.com/Academy/MAbduxukur.htm

ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى: http://www.meripet.com/Sohbet/

 
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەن بۇ ماقالىنى يېڭى يەزىقتا يېزىپ، ئاندىن يۇلغۇن يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كونا يېزىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇلغۇم ئىملا تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق بىر قېتىم تەھرىرلەپ چىقتىم.  كونا يېزىق نۇسخىسىدىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى لاتىن ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا خېلە تىرىشقان بولساممۇ، بىر سۆزنى لاتىنچىغا ئۆزگەرتىش بىلەن تەڭ ئاشۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ تەرتىۋى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىنگلىزچە سۆزلەرنى لاتىنچە يېزىپ قويۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولدۇم. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن.  بۇ ماقالىنىڭ يېڭى يېزىق نۇسخىسىدا ھەممە ئىنگلىزچە سۆزلەر ئەسلىدىكى شەكلى بويىچە يېزىلغان.

© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair