خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بەرگەن تەۋسىيەنامىسى

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى


بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تەقدىرىدە ھازىرمۇ شىددەتلىك ھالدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى مۇشۇ 10-سېنتەبىر كۈنى “تەڭرى-تاغ تورى” دا ئېلان قىلىنغان “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ پىلانىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى” (<<新疆中长期教育规划纲要征意见>>، تور بەت ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرسىدا بېرىلدى) دىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ پىلاندا، 2012-يىلىغىچە ئىككى يىللىق قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، 2015-يىلىغىچە قوش تىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، 2020-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى پۇختا ئىگىلەپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مىللىي-خەنزۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللىيلار ۋە خەنزۇلار بىللە ئوقۇيدىغان سىنىپلار ۋە «قوش تىللىق» سىنىپلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىغا دائىر ئالاھىدە دەرسلەرنىڭ سىرتىدا، ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش ماددىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەن يۇقىرىدىكى «پىلان» نى كۆرۈش بىلەن تەڭ، يېقىندا ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان كانگاس خانىم بىلەن ئەنگىلىيە ئابېردىن («Aberdeen») ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنيادا تونۇلغان قانۇن ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر روبېرت دۇنبار بىرلىكتە يېزىپ، بۇ يىل (2010-يىلى) بېسىپ تارقاتقان بىر كىتابنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «يەرلىك مىللەت بالىلىرى مائارىپىنى تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولامدۇ—بىر دۇنياۋى نۇقتىئىنەزەر» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنىڭ تور ئادرىسىنى مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىسىغا يېزىپ قويدۇم. بۇ كىتاب جەمئى 8 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. مۇقەددىمە ۋە خۇلاسە
  2. يەرلىك مىللەت، قەبىلە ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقلىرى: قانۇنىي ئاساسلار
  3. تىل ۋە ئانا تىل نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
  4. بىلىم ئېلىش ھوقۇقى: مائارىپ ئاساسلىرى
  5. بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە بىر قىسىم ئىقتىسادىي ئامىللار
  6. يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە خەلقئارالىق جىنايەت: ئىرقىي قىرغىنچىلىق
  7. يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە خەلقئارالىق جىنايەت: ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت
  8. قايسى شەكىلدىكى مائارىپ قانۇن ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ماس كېلىدۇ؟

بۇ كىتابتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار مەن بۇرۇن «خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ 8-باپ، 3-بۆلۈمىدىكى «يەرلىك مىللەت، تەبىقە ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىغا بېرىلگەن تەۋسىيەنامە» دېگەن مەزمۇن مېنى بۇ قېتىم ئالاھىدە جەلب قىلدى. شۇڭا مەن ئۇشبۇ ماقالەمدە ئاشۇ مەزمۇننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى قارار قىلدىم. ئەسلىدىكى كىتاب جەمئى 120 بەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۆپۈنچە مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئىنگىلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئەسلىدىكى كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بۇ كىتابنىڭ ھەممىسىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ماس كېلىدىغان قىسمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىرقى زاماندا بىر ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ئىلمىي ئۇسۇلدىن ئىبارەت. كانگاس خانىمنىڭ ئۇشبۇ كىتابىدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەرلىك مىللەت مائارىپى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر-ئىككى يۈز يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلەر، ھەمدە ئاشۇ بىلىملەرنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇللار بايان قىلىنغان. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن كانگاس خانىم ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلمىي ئۇسۇللاردىن تولۇق خەۋەردار بولىۋېلىشىنى، شۇ ئاساستا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ ناتوغرا تەرەپلىرىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىنى، ئاندىن ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ۋە قانۇنىي يوللار بىلەن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ناچار ئەھۋاللار ۋە ناتوغرا سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يەرلىك مىللەت مائارىپىغا بېرىلگەن تەۋسىيەنامە

تۆۋەندە مەن كانگاس خانىمنىڭ يېڭى كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەۋسىيەنامە» لەرنى ئىمكانقەدەر ئەينەن بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

يەرلىك مىللەت، تەبىقە ۋە ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىغا بېرىلگەن تەۋسىيەنامە:

1. ئانا تىل دەسلەپكى 8 يىل ئىچىدىكى ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش تىلى بولىشى كېرەك.

ھەقسىز مەكتەپ (ياكى دۆلەت ئىگىلىدىكى مەكتەپ) لەردە ئوقۇيدىغان يەرلىك مىللەت بالىلىرى كەم دېگەندىمۇ دەسلەپكى 8 يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ 1-تىلى ياكى ئانا تىلىنى مەكتەپ تىلى قىلىپ قوللىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ دەسلەپكى 6 يىل ئىچىدە قەتئىي شۇنداق قىلىشى شەرت.

مەكتەپنىڭ سەككىزىنچى سىنىپىدىن كېيىن ئانا تىل مەكتەپ تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ داۋاملىق تۈردە سىنىپلاردىكى دەرس سۆزلەش تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى، ھەمدە پۈتۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆتىلىشى كېرەك.

2. بىر ھۆكۈمران ئورۇندىكى يەرلىك ياكى دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش.

يەرلىك مىللەت بالىلىرى بىر ھۆكۈمران ئورۇندىكى يەرلىك ياكى دۆلەت تىلىنى 2-تىل سۈپىتىدە ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ تىلنى بىر لاياقەتلىك قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى يىللىقلىرىدىن باشلاپ ئۆگىتىشى، ھەمدە ئۇنى دەسلەپتە پەقەت ئېغىزاكى ئۈگۈنىشتىنلا باشلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ 2-تىل بىر دەرس سۈپىتىدە ئىزچىل تۈردە ئۆتىلىشى كېرەك. بۇ تىل 2-تىل ياكى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە، 2-تىل ياكى چەت ئەل تىلى پېداگوگىكىسى ياكى ئۇسۇلى بىلەن ئۆتىلىشى، ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلى سۈپىتىدە ئۆتۈلمەسلىكى شەرت.

3. ئانا تىلدىكى ئوقۇتۇشتىن بىر ھۆكۈمران ئورۇندىكى يەرلىك ياكى دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىغا كۆچۈش.

يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپلاردا بەزى دەرسلەر بىر ھۆكۈمران ئورۇندىكى دۆلەت تىلى ياكى خەلقئارالىق تىلدا ئۆتۈلسە بولىدۇ، ئەمما 7-سىنىپتىن بۇرۇن ئۇنداق قىلىنماسلىقى، ھەمدە پەقەت لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا شۇنداق قىلىنىشى كېرەك.

زۆرۈر تېپىلغاندا تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە تاماق ئېتىشكە ئوخشاش بىر-ئىككى ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرسلەر تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپلاردىن باشلاپ 2-تىلدا ئۆتۈلسە بولىدۇ، ئەمما، ماتېماتىكا، جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى تارىخقا ئوخشاش ئەقىل ۋە تىل جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان دەرسلەر ئەڭ بولمىغاندىمۇ 7-سىنىپقىچە بالىلارنىڭ 1-تىلىدا ئۆتۈلىشى كېرەك.

4. ئۇنىڭدىن باشقا تىللارنىڭ بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلىشى.

يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا باشقا (يەنى ئانا تىل ۋە 2-تىلدىن باشقا) تىللارنىمۇ بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ تىللار ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ھىندىستانچە، ئىسپانىيەچە ۋە روسچە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5. ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن زىچ باغلانغان مەدەنىي مەزمۇن ۋە ئۇسۇللار

ئانا تىلنى ئوقۇتۇش تىلى قىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ مەدەنىي مەزمۇنى مۇنداق ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىشى شەرت. بىرىنچى، ئۇلار ئارقا كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىشى، يەرلىك مىللەت بالىلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولىشى، يەرلىك مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىممەت قارىشى، تارىخى ۋە كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولىشى، يەرلىك مىللەتنىڭ سۆزلىشەلەيدىغان ۋە ساۋاتلىق مىللەت بولۇش سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولىشى، ھەمدە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى يەرلىك مىللەت خەلقلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل بولىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى بالىلارنىڭ ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن بىلىملىرىدىن باشلىنىشى، ھەمدە بالىلارنى كۈندىلىك ئەمەلىياتچان تەپەككۇرىدىن ئىلمىي تەپەككۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بولىشى كېرەك.

6. مۇكەممەل تەربىيىلەنگەن قوش-تىللىق ياكى كۆپ-تىللىق ئوقۇتقۇچىلار

شۇ نەرسە ئۆز-ئۆزىدىن ئايدىڭكى، ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم مۇكەممەل تەربىيىلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا زۆرۈر بولغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ كەم دېگەندە قوش-تىللىق بولىشى شەرت. يەككە تىللىق ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار، ئىككى خىل تىلنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئىككى خىل تىلدا نېمىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىنى ئايرىم-ئايرىم ئىگىلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى بايقىيالمايدۇ. ئۇنداق ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ياردەم قىلىپ، يەككە تىللىق بالىلاردا يوق بولغان، پەقەت يۇقىرى سەۋىيىلىك قوش-تىللىق ۋە كۆپ-تىللىق بالىلاردىلا بار بولغان پايدىلىق ئامىللارنى بالىلارغا بىلدۈرەلمەيدۇ. شۇنداقلا بىر يەككە تىللىق ئوقۇتقۇچى قوش-تىللىق بولۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن بىر ياخشى ئۆرنەكمۇ بولالمايدۇ.

7. يەرلىك مىللەت ئاتا-ئانىلىرى، جەمئىيىتى ۋە مائارىپ ئەمەل ئەھلىلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش تاللاشلىرى ھەققىدە يېتەرلىك، ئىلمىي-تەتقىقات ئاساسىغا قۇرۇلغان بىلىملەرگە، ياخشى ئۈلگىلەرنى يارىتىش يولىدا ئادۋۇكاتلىق قىلىشقا مۇھتاج.

يەرلىك مىللەت ئاتا-ئانىلىرى ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش تاللاشلىرىغا ئىگە قىلىنىدىغان بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن كۆپ-تىللىق مائارىپنىڭ جەريانلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئوخشىمىغان تاللاشلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇزۇن-مۇددەتلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە پۇختا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغان ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن، ب د ت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، يەرلىك مىللەت خەلقى چوقۇم بەرمىسە بولمايدىغان «تولۇق چۈشۈنۈپ تۇرۇپ بەرگەن ماقۇللۇق» دېگەن نەرسە مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالىدۇ، ياكى ئۇ بىر ساختا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مائارىپ ھوقۇق ئىگىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق – ھازىر ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا بۇ جەھەتتە يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى نۇرغۇن قارارلار نادانلىق ئاساسىدا ئېلىنىۋاتىدۇ. ياخشى ئۈلگىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغان ئادۋۇكاتلىق، ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بەس-مۇنازىرە ۋە ئۇلارغا تايانچە بولىدىغان تەتقىقاتلار كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر.

8. سۈپەتلىك مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپلەردە ۋە جەمئىيەتتە سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھازىرقى سىستېمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ ئەينىكىدۇر. جەمئىيەتتىكى سىستېمىلاشقان تەڭسىزلىك مەكتەپلەر ئىچىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ ۋە پەيدا بولىدۇ. يەرلىك مىللەتلەر، تەبىقە خەلقلىرى ۋە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيەت بالدىغىنىڭ ئەڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ھازىر ئوخشىمىغان دەرىجىلەرنىڭ ھەممىسىدە سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. ھوقۇقدارلارنىڭ ھازىرقى سىستېمىنىڭ يالغۇز يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ھەققىدىلا ئەمەس، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا جەمئىيەتلىرىگە ئىقىتىسادىي، مائارىپ ۋە ئىجادچانلىق جەھەتتىكى ئىسراپچىلىق ئارقىلىق ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجى بار. ھازىرقى سىستېما مەكتەپلەردە تىل جەھەتتىكى كۆپ-رەڭلىكنى ئازايتىپلا قالماي، بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ-خىللىقنى قانداق ساقلاشقا ئائىت بىلىملەرنىمۇ يوقۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق يەر شارىدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقان بىر شەرت-شارائىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتىمىز، ئوقۇرمەنلەرنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى، قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى، ۋە ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم قوراللار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاخىرقى سۆز

دۆلەت ۋە مىللەتپەرۋەرلىك يالغۇز بىر ئىدىلوگىيە ياكى سىياسەتنىڭ بىر شەكلى بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىلوگىيىسى بىلەن مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى مىللىي كىملىك بىلەنمۇ ناھايىتى زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇ بىر كۆپ ئۆلچەملىك ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەمدە بىر ئالاھىدە تىل، بىر قىسىم ھېسسىياتلار ۋە سىمۋولىزىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن ھۆكۈمدارلار باشقا بىر مىللەتنى ئاسىلماتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتا، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقۇتۇشتىن باشلىغان. جۇڭگودىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خەنزۇ ئەمەلدارنىڭ يېقىندا «مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ھەممىدىن بەك تىلنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت. تىل – بىر مىللەتنىڭ جېنى. بىر مىللەتنى كۆڭۈلدىكىدەك كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى – ئۇنىڭ تىلىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشتىن ئىبارەت.» دېگىنىمۇ يۇقىرىدىكى ئىلمىي ئۇقۇمغا ئاساسلانغان.

ھەممىمىزنىڭ كۆرۈپ تۇرغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ھەر خىل خىرسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشتا، بىز ئۇيغۇرلار ھازىر پۈتۈنلەي چارىسىزمۇ ئەمەس، ھەمدە مەڭگۈ پۈتۈنلەي چارىسىزمۇ قالمايمىز. مېنىڭ بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ. بىر ئوغۇل بالا دادىسى بىلەن بىر يېزا يولىدا مېڭىپتۇ. ئۇلار بىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يولنى توسۇۋالغان چوڭ دەرەخنىڭ قېشىغا كەلگەندە، بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: «دادا، سېنىڭچە مەن بۇ دەرەخنى يۆتكىۋېتەلەيمەنمۇ؟» دادىسى دەپتۇ: «ئەگەر سەن بارلىق ئارتۇقچىلىقىڭنى ئىشقا سالساڭ، مېنىڭچە ئۇنى چوقۇم يۆتكىۋېتەلەيسەن.» بالا بارلىق كۈچى بىلەن بۇ دەرەخنى كۆتۈرۈشكە، تارتىشقا ۋە ئىتتىرىشكە ئۇرۇنۇپتۇ، ئەمما ئۇنى مىدىرلىتالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىرادىسىدىن قايتقان ھالدا دەپتۇ: «دادا، سەن خاتالىشىپسەن. مەن ئۇنى يۆتكىيەلمىدىم.» دادىسى دەپتۇ: «يەنە بىر قېتىم سىناپ باق.» بۇ قېتىم بالا دەرەخ بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا دادىسى كېلىپ ياردەملىشىپتۇ، ھەمدە ئىككىسى بىرلىكتە دەرەخنى يولنىڭ بويىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادىسى دەپتۇ: «بالام، 1-قېتىم سەن ھەممە ئارتۇقچىلىقنى ئىشقا سالمىدىڭ—سەن مەندىن ياردەم سورىمىدىڭ.»

بۇ ھېكايە بىزگە مۇنداق بىر مۇھىم دەرسنى ئۆگىتىدۇ: دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار باركى، بىز ئۇلارنى يالغۇز قىلالمايمىز، بۇ دېگەنلىك ئۇ ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ھەممىمىزنىڭ ئەتىراپىدا بىز ئىشقا سېلىپ، ئۆز نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانساق بولىدىغان نۇرغۇن مەبلەغلەر بار. بۇ يەردىكى مۇھىم نەرسە ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىدىن تۇلۇق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش. بۇ ئالاھىدىلىك ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى، ئىرادە ۋە مۇھەببەت قاتارلىق ئىچكىي مەبلەغلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا تاشقىي مەبلەغلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەن ئۇشبۇ يازمامنى تۆۋەندىكى ئىككى ئابزاس سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. بىر خەلقئارالىق مۇتەخەسسىس يېقىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ئۈمىدۋارلىقنى يوقاتماسلىقى كېرەك. خۇددى بىر قەدىمقى پەلسەپىنىڭ دېگىنىدەك، بىز ئۆز ئانالىزلىرىمىزدا ئۈمىدسىزلىنىشكە مەجبۇرى بولساقمۇ، ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئۈمىدۋار بولىشىمىز كېرەك.» يەنە بىر خەلقئارالىق مۇتەخەسسىس مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن ئىسپانىيەدىكى بىر كونفېرېنستا بېرناردو ئاتزاگا («bernardo atxaga») نىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆز سۆزىدە ئۆزىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئانا تىلى ئوسكېرا («eusquera») نى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ھەمدە فرانكو («franco») دەۋرىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىمىقتۇرۇش سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. مەن كاتالان («catalan») دا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ماڭا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى غەلىتە، يېڭى، ياكى باشقىچە تۇيۇلمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قورقۇتۇش سىياسىتى يوقارقىلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ يەردىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال شۇكى، بىز ئىسپانىيەدە 44 يىل دەردىنى تارتقان سىياسەت ناتزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئوڭچىل، ئىنتايىن ئوڭچىل، دىكتاتورلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن سىياسەت بولسا سولچىللاردىن كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ يەر شارى يۈزىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاياتىم ماڭا شۇنى ئۆگەتتىكى، بىزنىڭ دىكتاتورچىلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىن-بىر قۇرالىمىز بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن ئىبارەت. بۇ ئۇچۇر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەرگە يېتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇرچىنى تويدا ۋە باشقا كۆڭۈل-ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ماتەم مۇراسىمىدا ۋە ئازابلانغاندا ئىشلىتىشى كېرەك. ئائىلىدە ۋە بالىلارغا ئىشلىتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ خەلقىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ۋاسكونىيا، كاتالونىيا، گالىشىيا ۋە ۋالەنشىيان («vasconia, catalonia, galicia, valencian») رايونلىرىدىكى بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئارىلاشقان ۋاقىتلىرىدا، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىدا، قايغۇرغان ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ تۇرمىغان بولسا، بىزنىڭ تىلىمىز ئاللىقاچان يوقۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەمما، ئانا تىلنى خۇسۇسىي ھاياتتا قوللىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر قوللىنىش. بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپتە ئۆتۈلمىگەن بولسىمۇ، خەلقىمىز ئۇنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەندى. گەرچە بىز ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغان بولساقمۇ، بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئىشلىتەلەيدىغان ھوقۇققا قايتا ئېرىشتۇق. بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ھېچ كىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇنى پەقەت ئۆزىمىزلا يېڭەلەيمىز.»

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى:

مۇشۇ ماقالىدا پايدىلىنغان كانگاس خانىمنىڭ يېڭى كىتابى:

http://www.e-pages.dk/grusweb/55/

新疆中长期教育规划纲要征意见:

http://www.tianshannet.com/news/content/2010-09/10/content_5228398.htm

ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى: http://www.meripet.com/Sohbet/

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.



© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories