ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن، مەن ئامېرىكىغا يازلىق تەتىل جەريانىدا قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى ئۇچراتتىم.  تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە مە ئۇ قىزدىن «ياخشىمۇسىز؟ ئامېرىكىغا قاچان كەلدىڭىز؟»، دەپ سورىسام، ئۇ قىز بۇ ئىككى سوئالىمغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرەلمەي، يۈزى ياللىدە قىزارغان ھالدا سوئالىمغا خەنزۇچە جاۋاب بەردى.  شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇ قىزدىن باشقا سوئاللارنى سوراشقا كۆڭلۈم زادىلا بارمىدى (ئادەتتە مەن ئۇنداق ئۇيغۇر ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتقاندا، ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراپ، ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتەتتىم).  مەن باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلسام، بۇ قىز ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن.  ھازىر بولسا بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن.  بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، ئىنتايىن چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم.  ھەمدە بۇ ئىشنى نەچچە كۈنگىچە كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم.  ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ.
 
بۇنىڭدىن 3-4 ئاي بۇرۇن، مەن ياپونىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، يېڭىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن 9 ياشلاردىكى بىر كىچىك يىگىتنى ئۇچراتتىم.  ئۇ مەن بىلەن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتى.  تىلى خېلە مۇرەككەپ چاقچاقلارنىمۇ قىلىشتۇق. مەن بۇ يىگىتتىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ھەمدە ئۇنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم.
 
ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۇقىرىدىكى قىزغا ئوخشىمايدۇ—ئۇلار ئۇيغۇرچىنى، ھېچ بولمىغاندا ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچىنىڭ ئېغىز تىلىنى بىلىدۇ.  چەت ئەلدىمۇ يۇقىرىدىكى شاكىچىك يىگىتكە ئوخشىمايدىغان، ئۇيغۇرچىنى زادىلا بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىرى ئانچە ئاز ئەمەس.  دېمەكچىمەنكى، يۇقىرىدىكى ئىككى مىسالدا تەسۋىرلەنگىنى ھەرگىزمۇ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  لېكىن، بۇ ئىككى مىسال ئانا تىل ئىشىدا كىشىلىك تاللىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتى—تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى بىر-بىرى بىلەن نەقەدەر ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
 
مەن يېقىندا بىرەيلەندىن جۇڭگو دائىرىلىرى يېقىندا «كېيىنكى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ بولۇش» پىلانىنى تۇزۇپ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.  ھەمدە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىدىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازايتىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم.  شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەۋەرلەرنى يېقىندا كۆرگەن، 2010-يىلى 10-سېنتەبىر كۈنى «تەڭرى-تاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان «خۇئار نىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىلانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى (2010—2020)» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ باقتىم.  بۇ «مائارىپ پىلانى» دا مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىكەن:

2012-يىلىغىچە ئىككى يىللىق قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش
2015-يىلىغىچە قوش تىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش
2020-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى پۇختا ئىگىلەپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
 
يىگىرمە يىلدىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟  بۈگۈن تۇغۇلغان بالىلار 20 ياشقا كىرىدۇ.  ھازىر 20 ياشلىق ياشلار 40 ياشقا كىرىدۇ. ھازىر 40 ياشلىق كىشىلەر بولسا 60 ياشقا كىرىپ، ئاساسەن پىنسىيىگە چىقىپ بولىدۇ.  يېقىنقى 60 يىلنىڭ مابەينىدە جۇڭگودا بار بولغان ئەسلىدىكى 56 يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئۇچرىغان تەقدىردىن، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلەتمەيدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.  يەنى، بىر يەرلىك مىللەتنىڭ تىلىنى دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق 20-30 يىل ۋاقىت ئىچىدە يوق قىلىۋېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن.  ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئىككى «پىلان» لار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىمۇ ئاشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىسا، ئۇيغۇرلار تارتىدىغان زىيان قانداق زىيانلاردىن ئىبارەت بولىدۇ؟  ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟  مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز-ئۆزەمدىن مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراشقا باشلىدىم.  
 
ئانا تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر خەلقىغە، جۈملىدىن كۆپۈنچە ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى ئايان.  كۆپۈنچە كىشىلەر بۇ خۇلاسىگە ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى ۋە بىۋاستە كۆزىتىشى ئارقىلىق ئېرىشكەن بولۇپ، ئەسلىدە مېنىڭ بۇ يەردە مەزكۇر تېمىدا بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز ئىدى.  لېكىن مەن يەنىلا بۇ ماقالىنى يېزىشنى قارار قىلدىم. مېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار، زىيالىلار، ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقارغان ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرنى خۇلاسىلاپ چىقىش.  شۇ ئارقىلىق، ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش جەھەتتىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار زادى نېمىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلىقىنى بىر قېتىم مۆلچەرلەپ بېقىش.  مەن بۇ ئىشلارنى ئىلمىي ئاساستا توغرا ۋە مۇكەممەل چۈشىنىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا، كىشىلىك تاللاشتا ئۇيغۇرلار تارتىدىغان زىيانلارنى ئازايتىش يولىنى تاللايدىغانلار شۇنچە كۆپىيىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

1. پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرى توغرىسىدا
 
مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاشتا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ماتېرىياللاردىن پايدىلاندىم. بىرسى كاڭاس خانىم بىلەن ئەنگلىيە ئابېردىن («ئابەردەئەن») ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنيادا تونۇلغان قانۇن ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر روبېرت دۇنبار بىرلىكتە يېزىپ، بۇ يىل (2010-يىلى) بېسىپ تارقاتقان «يەرلىك مىللەت بالىلىرى مائارىپىنى تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولامدۇ—بىر دۇنياۋى نۇقتىئىنەزەر»، دېگەن كىتاپ.  يەنە بىرسى بولسا، دوكتۇر جىم كۇمىنىز («جىم كۇممىنس») نىڭ «قوش تىللىق بالىلارنىڭ ئانا تىلى: ئۇ نېمە ئۈچۈن مائارىپ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم؟» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى.  بۇ يەردىكى 1-ماتېرىيال توغرىسىدا مەن ئۆزەمنىڭ «خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپىغا بەرگەن تەۋسىيەنامىسى» دېگەن ماقالىسىدا بىر ئاز چۈشەنچە بېرىپ بولغان.  ئىككىنچى ماتېرىيالنىڭ ئاپتورى جىم كۇمىنىز ھازىر كانادا تورونتو ئۇنىۋەرسىتەتىنىڭ پروفەسسورى بولۇپ، ئۇ 70-يىللاردىن باشلاپ تىلدا ساۋاتلىق بولۇشنىڭ ماھىيىتى، ۋە كۆپ خىلدىكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2-تىلنى ئۆگىنىشى قاتالىق ساھەلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە «تىل، ھوقۇق ۋە پىداگوگىكا» قاتارلىق بىر قانچە پارچە كىتابلارنى يازغان.  ئۇنىڭ 1986-يىلى يازغان «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈچلەندۈرۈش: ئارىغا كىرىش تۈزۈلمىسى» دېگەن ماقالىسى «ھاۋارد مائارىپ تەتقىقاتى» دېگەن جورنالدا ئېلان قىلىنىپ، ئاشۇ جورنال تەرىپىدىن 1931-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مائارىپقا ئەڭ كۆزگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان 12 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ بىرسى بولۇپ باھالانغان.  گەرچە بۇ 2 پارچە ماتېرىيال پەقەت 3 ئاپتور تەرىپىدىن تەييارلانغان بولسىمۇ، ئۇ يۈزلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان.  مەسىلەن، كاڭاس خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ ئاخىرىدىكى «پايدىلنىش ماتېرىيالى تىزىملىكى» نىڭ ئۆزىلا ئاشۇ چوڭ ۋاراقلىق كىتابنىڭ 18 بېتىنى ئىگىلىگەن.  
 
2. ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟
 
مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىككى پارچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر يەرلىك مىللەت ئانا تىلى تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىنتايىن مۇھىم:
 
1) ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى  
 
مېنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلار توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئىنگلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىشىمچە، مىللەتپەرۋەرلىك مىللىي ئىدېئولوگىيە بىلەن مىللىي كىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مىللىي كىملىك بولسا سىمۋولىزم (يەنى بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالامەتلەر)، تىل ۋە مىللىي ھېسسىيات (بۇ مىللىي ئاڭ ۋە مىللي ئارزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن ئىبارەت 3 نەرسىدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، تىل مانا ئاشۇ 3 نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىرىدۇر.  مەن مىللىي كىملىك ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىن يازىدىغان بىر ماقالەمدە مەخسۇس توختىلىشىم مۇمكىن.
 
2) ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى  
 
ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ 1-رولى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش قورالى بولۇشتىن ئىبارەت.  لېكىن، بىر يەرلىك مىللەت ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتايىن مۇھىم روللىرىمۇ بار.  ئۇ روللارنىڭ بىرسى، ئاشۇ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى بولۇشتىن ئىبارەت.  بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ئاشۇ مىللەتنىڭ تارىخىي بىلىملىرى كودلاشتۇرۇلغان ياكى قاچىلانغان بولىدۇ.  بۇ بىلىملەر مەزكۇر مىللەتنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىش ھېكايىلىرى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئېغىزاكى ۋە يېزىق ئاساسىدىكى سەنئەت، ھۈنەر، ماھارەت ۋە باشقا بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئانا تىلنىڭ بۇ رولى مىللىي كىملىكنىڭ «سىمۋولىزم» دېگەن تەركىۋى قىسمىغىمۇ ئازراق توغرا كېلىپ قالىدۇ.  
 
يالغۇز يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلىلا ئەمەس، ئۇنىڭ يېزىقىمۇ مىللىي كىملىكنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى.  جۇڭگودىكى خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۆزىنىڭ يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىگە يوللىغان بىر تەكلىبنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تېخىمۇ ئەخمەقلىق شۇ بولدىكى، 1982 ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى ئاپتونوم رايون قانۇن چىقىرىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە كونا يېزىقنى قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلىدى.  كونا يېزىق بىلەن خەنزۇچە پىنيىن بىر قاتارغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدوڭ دەۋرىدە باشلانغان يېزىق ئىسلاھاتى - شىنجاڭلىقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى نابۇت قىلىندى!  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش1961ـ-يىلى باشلانغان.  بىر مەزگىل سىناپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى بىكار قىلىش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە خەنزۇچە پىنيىن بويىچە ئىشلەنگەن يېڭى يېزىقنى قوللىنىش، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەبكىچە بولغان دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق بىلەن چىقىرىش مەجبۇرىي بەلگىلەندى.  مۇشۇنداق مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان يېزىق ئىسلاھاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئەنئەنىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى.  ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى تونۇمايدىغان، كونا يېزىقتىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان، كونا يېزىق بىلىدىغان چوڭلار يېڭى يېزىقنى بىلمەيدىغان بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈزۈك ھالەت كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، خەنزۇلىشىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى.  ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.  ئەگەر ئاشۇ سىياسەت داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش كۆپ ئاسان بولغان بولاتتى. شۇ چاغدىكى خەنزۇ بېكىنمىچىلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتاتتى.  خەلقئارادىكى بېسىم نەزەرگە ئېلىنمىسىمۇ بولاتتى.»
 
3) ئانا تىل بىر ئايرىم دۆلەت بولۇشتىكى شەرتلەرنىڭ بىرسى
 
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئايرىم دۆلەت قۇرۇشتىكى شەرتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر تىلى بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئانا تىلى بولمايدىكەن، ئۇلار بىر «خەلق» ئەمەس، پەقەت بىر گۇرۇپپا ياكى بىر ئاھالە، دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئىنكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
 
4) بالىلارنى ئانا تىلدا ساۋاتلىق قىلىپ يېتىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەكتەپ ئوقۇشىدىكى نورمال تەرەققاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ
 
ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۈسۈۋاتقان بىر يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.  مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق.  ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىل ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا "يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق" ("ئىنگلىزچىدا "سەمىبىلىڭۇئالىسم") دەپ ئاتىلىدۇ.  مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.  قوش تىللىق بولۇش بولسا بالىلارنىڭ تىل ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.  ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل جەھەتتىكى تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
 
5) مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر
 
ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا "ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە" دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىسىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
 
تور بەت ئادرېسى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن كاڭاس خانىم قاتارلىق 4 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «مۇتەخەسسىس ئىلمىي ماقالىسى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككىنچىدىن، مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پەقەت ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنىلا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن ھالدا چەكلەنگەن بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىگە يول قويماسلىق، ياكى ئۇلارنى ئانا تىلنى پىششىق بىلىدىغان چوڭلاردىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش، يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە مەكتەپتە ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئايرىۋېتىش ھەممە ياكى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك مىللەت تىلىنى بىلمەيدىغان ھۆكۈمران مىللەت كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەھۋالدىمۇ يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر روشەن مىسالى بالىلارنى ئۆيدىن ئايرىپ، مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئوقۇتۇشتۇر. بۇنداق سىياسەتلەر ھازىرغا قەدەر بالىلارغا يالغۇز ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي زەخمىلەرنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي زىيانلارنىمۇ سالدى. بۇ زەخمىلەر مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىجتىمائىي قالايمىقانچلىق، پىسخولوگىيە جەھەتتىكى زەخمە، چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارىدىكى زەخمە، تىل ۋە ئوقۇشتىكى زەخمىلەر. مۇشۇنداق زىيان-زەخمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.»
 
6) ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش دۇنيانىڭ تىل ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى
 
ھازىر دۇنيادا ئەغىزدا سۆزلىنىدىغان تىللاردىن تەخمىنەن 7000 خىل تىل بار بولۇپ، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇلارنىڭ 50 پىرسەنتى ھازىرقى بىر ئەۋلادنىڭ  ۋاقىت مۇددىتى ئىچىدە يوقۇلۇپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە يوقىتىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.  شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى زۆرۈردۇر.

3. «ئانا تىل مۇھىم ئەمەس» دېگۈچىلەرنىڭ كۆز-قاراشلىرى
 
دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتكەن ئەسىر بىلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، «ئېتنىكىلىق پۈتۈنلەي ئۆلدى»، دەپ جاكارلىدى (ئەمەلىيەت بولسا پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مەن ئۆزەمنىڭ كېيىن يازىدىغان بىر ماقالىسىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن).  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تىلنىڭ شەكىللىرى بىلەن فۇنكىسىيىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ، تىل جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەقسىتى، ياكى ئالاھىدە تىللار بىر ئۆلچىگىلى بولىدىغان مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار كۆرسەتكەن ئاساسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
 
(1) ھەممە تىللار ھەممە ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  شۇڭلاشقا مەلۇم بىر تىلنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان چەك-چېگرىسى توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، بىر ئادەمنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنى پەقەت ئاشۇ تىلنىڭ ئاشۇ زامان ۋە ئاشۇ ماكاندىكى ھالىتىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
 
(2) بىر قىسىم مودېرنىزمچى، بولۇپمۇ سىياسەتچى ئىلىم ئەھلىلىرى تىلنى شەخسلەرنىڭ ياكى بىر كوللېكتىپنىڭ كىملىكىنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم ياكى زۆرۈر ئامىل، دەپ ھېسابلىمايدۇ.  ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆپ-تىللىق بولۇشى، تىل بىلەن كىملىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك باغلىنىش بولغان بولسا، تىل جەھەتتىكى كۆچۈش ئىنتايىن ئاز بولغان ياكى زادىلا بولمىغان بولاتتى.
 
لېكىن، يۇقىرىدىكى كۆز-قاراشلار زادىلا توغرا ئەمەس.  پۈتۈن دۇنيادىكى مىڭلىغان، ئون-مىڭلىغان «ئېتنىك» تەشكىلاتلارنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك، مىللىي كىملىك، بولۇپمۇ تىلنى ئاساس قىلغان مىللىي كىملىك ئىنتايىن كۈچلۈك ئەسلىگە قايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.  بىر تىل ئاشۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر توپىنى ئۆز-ئارا باغلاش ئارقىلىق، ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى كىشىلەر توپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  ئېتنىك ياكى مىللىي يىلتىزى ئاشۇ تىلغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاشۇ تىلنى پۇختا بىلىش ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەۋلادلار بىلەن بولغان مۇنانسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن يۈز بەرگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك ياكى مىللىي ئادەم توپىنىڭ جۇغلانما تارىخى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.  قىسقىسى، بىر تىل يالغۇز ئاشۇ تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش فۇنكىسىيىسىنى ئۆتەپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مەدەنىي كىملىكىنى، شۇنداقلا ئاشۇ كىشىلەر توپىدىن بولغان بۇرۇنقى بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مەدەنىي مىراسلارنىمۇ نامايان قىلىدۇ.
 
يەرلىك مىللەتلەردە «ئەنئەنىۋىي بىلىملەر» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، بۇ بىلىملەر ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەمەس.  بۇ بىلىملەرنىڭ «ئەنئەنىۋىي» بولۇپ قېلىشى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قەدىمىيلىكىدىن بولماستىن، بەلكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇ بىلىملەرنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىدا.  يەنى، بىلىم ئىگىلەش ۋە بىلىمنى ئورتاقلىشىشنىڭ ئىجتىمائىي جەريانى ھەر بىر يەرلىك مەدەنىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە تۈس ئالغان بولۇپ، مانا شۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۇ بىلىملەرنىڭ «ئەنئەنىۋىي» بىلىملەر بولىشىنى بەلگىلەيدۇ.  بۇ بىلىملەرنىڭ خېلە كۆپ قىسمى ناھايىتى يېڭى بولسىمۇ، ئۇلار ئالاھىدە ئىجتىمائىي مەنىگە ۋە قانۇنىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ،  ئۇلار يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقلەردىن ۋە سانائەتلەشكەن جەمئىيەتتىن ئىگىلەيدىغان بىلىملەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ.
 
يەنى، ئۆزگىرىشنى يالغۇز بىلىم ياكى تىل ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق «ھايات» نەرسىلەر ئۈچۈن بىر بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان ۋە زۆرۈر بولغان خۇسۇسىيەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ.  مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىلىم ۋە تىلمۇ «ھايات» نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىشى (مەسىلەن، باشقا تىللاردىن يېڭى تېخنىكىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق) ھەرگىزمۇ بىر تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بوشراق رېئاللاشتۇرۇپ قويمايدۇ.  شۇڭلاشقا يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ تىل ۋە ئانا تىل توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 2-ئاساس بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى.
 
4. ئانا تىل كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟
 
مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-بۆلۈمىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، ئانا تىل ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.  لېكىن، خۇددى 2-بۆلۈمدە بايان قىلغىنىمدەك، ئانا تىل ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.  ئۇنداقتا ئۇ كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟  ئانا تىل ئالدى بىلەن ئاشۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان يەرلىك مىللەت خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم.  ئۇنىڭدىن قالسا، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئادالەتپەرۋەرلىكنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلغان، بارلىق ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بەرگەن ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى ئىستەيدىغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەڭ ئاخىرىدا، يەر شارىنىڭ تىل ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىستەيدىغان بارلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەر ئۈچۈن مۇھىم. لېكىن، ئانا تىل يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىش ياكى باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىش يولىدا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ۋە كىشىلەر ئۈچۈن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس.  ئەگەر ھازىرقى دۇنيانى ئوبدان كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق شۇنى چۈشىنىپ يېتىمىزكى، خۇددى باشقا مۇھىم ئىشلاردىكى ئەھۋالغا ئوخشاشلا، يەرلىك مىللەت خەلقلىرى ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھاكىمىلەرگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.  يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ سۆزلىرى تەمسىل قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەمەس، مەسخىرە قىلىش تەرىقىسىدە شۇنداق قىلىنىۋاتىدۇ.  يەرلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىسمى بار ئانا تىلىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى قارار بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، بۇنداق قارارلار يات مىللەتتىن كېلىپ چىققان تەتقىقاتچىلار، بيۇروكراتلار ياكى سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىۋاتىدۇ.  كۆپۈنچە ۋاقىتتا، بۇنداق مۇھاكىمە ۋە قارارلار يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىش ياكى ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
 
مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈستىدىكى قارارلارمۇ ھەرگىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر بىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولماستىن، بىر قىسىم تىلشۇناسلىق ئىلمىدىن ئاساسەن خەۋىرى يوق سىياسەتچىلەر ياكى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان.
 
ئىنگلىزچىدە «لىڭۇئىكىسم» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ (بۇ سۆز «يۇلغۇن ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغىتى» دە يوق بولۇپ، تۆۋەندە مەن ئۇنى ئۇيغۇرچە «لىڭگۋىسىزم» دەپ ئالىمەن)، ئۇنىڭ بىر ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى مۇنداق ئىكەن: لىڭگۋىسىزم ئادەمنىڭ ئىرقى، يېشى ۋە جىنسى جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشنىڭ بىر شەكلى بولۇپ، كەڭرى دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ 1-مىللەت كىشىلىرىنىڭ 2- مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 2-مىللەتنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى، مائارىپ سەۋىيىسى، ئىجتىمائىي ئورنى، ۋە خاراكتېرلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.  كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، تۈرمىگە تاشلاش، قىيىن-قىستاق قىلىش قاتارلىق رەھىمسىز، ئاشكارە ۋە ھەممىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ۋاستىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، لىڭگۋىسىزم ئارقىلىق بىر تىلنىڭ ئىشلىتىشىنى توسۇش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
بىرىنچىدىن، لىڭگۋىسىزم يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويمايدۇ.  ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىپ تۇرۇشىنىڭ، ۋە ئۆزلىرىنى بىر ئۆز-تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ئىستەيدىغان خەلق سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويمايدۇ.  لىڭگۋىسىزم بۇنداق مەقسەتكە قۇرۇلما ئارقىلىق، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ئېڭىنى مۇستەملىكە قىلىپ، ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدىن ئىبارەت بىرلا تىلنى ئىشلىتىش ئىدېئولوگىيىسىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق يېتىدۇ.  
 
ئىلاۋە: كاڭاس خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابىدا «فىزىكىلىق مۇستەملىكە» بىلەن «كۆڭۈل مۇستەملىكىسى» دىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇستەملىكە ئۇقۇمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مېنىڭچە بۇ يەردىكى «كۆڭۈل مۇستەملىكىسى» نى بېسىۋېلىنغانلارنىڭ كۆڭلىگە بېسىۋالغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قاچىلاپ، شۇ ئارقىلىق بېسىۋېلىنغانلارنىڭ كۆڭلىنى يېڭىدىن پروگراممىلاش جەريانى، دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.
 
ئىككىنچىدىن، ئەگەر بىر ئېتنىك ئادەم توپىنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمايدىكەن، ئۇلار «بىر خەلق ئەمەس، پەقەت بىر گۇرۇپپا ئادەم ياكى بىر گۇرۇپپا نوپۇستىنلا ئىبارەت؛ ئۇلار بىر ئايرىم دۆلەت بولۇشنىڭ بىر شەرتىگە، يەنى ئۆز ئانا تىلى بولۇشى كېرەكلىكى شەرتىگە چۈشمەيدىكەن»، دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئىنكار قىلىنىدۇ.
 
ئۈچىنچىدىن، ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەر خىل قالپاق ۋە باھالارنىڭ تەسىرى بىلەن جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنمەس ۋە ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپ قالىدۇ.
 
تۆتىنچىدىن، ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەت ئۆز تىلى ئارقىلىق كېلىشتۈرۈپ، ئۆز ئىدىيىلىرى بىلەن يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭلىنى مۇستەملىكە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار، شۇنداقلا ھوقۇق ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ تەڭسىز تەقسىم قىلىنىشى بىر نورمال ئىش، ۋە بىر ئادىل ئىش، دېگەنگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ.
 
قىسقىسى، فىزىكىلىق مۇستەملىكە، جىسمانىي زوراۋانلىق ۋە بىئولوگىيىلىك پەرقلەر ئاساسىدىكى مىللەتچىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر دۇنيادا باي-كەمبەغەل پەرقىنى چوڭايتىدىغان، كەمبەغەللەرنى مەڭگۈ مال-مۈلۈكلۈك بولالمايدىغان قىلىدىغان، ھەمدە جەۋھەر گۇرۇپپىلارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ يەر شارىنىڭ بارغانسەرى تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇشى جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى يوشۇرىدىغان تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە تېخىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
 
5. ئاخىرقى سۆز
 
مەن كۆرۈشۈپ قالغان بىر «ياخشىمۇسىز؟ ئامېرىكىغا قاچان كەلدىڭىز؟»، دېگەن سوئالغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرەلمەيدىغان، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ھازىر بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، چوڭقۇر ئويلارغا پېتىپ، ھەمدە بىر ئاز ئىزدىنىپ، مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.  مەقسىتىم بىر مىللەت كىشىلىرى ئاشۇ ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش ئۆز ئانا تىلىنى يوقاتقاندا، ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش.  مېنىڭچە ھازىر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىۋاتقان، ھەمدە ئاشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس.  ئەگەر ھازىرقى دۇنياغا ئوبدان سەپ سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مىللەتلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن تاللاشلاردىن مۇنداق بىر قانچىسىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز: (1) «يا ئانا تىلىڭغا تۇر، يا خىزمەتكە تۇر»، (2) «يا مىللىي كىملىكىڭگە ۋە ئانا تىلىڭغا تۇر، يا ئاپتونومىيە ۋە يەر ھوقۇقىغا تۇر»، (3) «سەن نېمە دېسەڭ دە، دۇنيا نېمە دىسە دىسۇن، مەن سېنى تىلىڭنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىمەن».  
 
مەيلى سىز بۇ 3 خىل تاللاشلارنىڭ قايسىسىغا دۇچ كەلگەن بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۆز ئانا تىلىڭىزنى ساقلاپ قېلىشتا پايدىلانسىڭىز بولىدىغان نەرسىلەردىن كام دېگەندىمۇ مۇنداق ئۇچى بار: (1) ياراتقۇچى ھەممە ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئۆز يولىنى ئۆزى تاللاش ئىقتىدارى.  سىز مۇشۇ ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپ بالىڭىزغا ئانا تىلنى ئۆگەتمىگەن ياكى ياخشى ئۆگەتمىگەن تەقدىردىمۇ، سىز ئانا تىلنى ئۆيدە ئۆگىتەلەيسىز.  مەن ماقالەمنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان، ياپونىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان 9 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت مانا شۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى.  (2) ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز قەلبىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز يۈرىكىنى ئۆزى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت تۇغما تالانتى. كىشىلەر مۇشۇ تۇغما تالانتىدىن پايدىلىنىپ، پەقەت بولمىسا ئانا تىلىنى ئۆزىنىڭ يۈرىكىدە ساقلاپ قالالايدۇ.  (3) قانۇنىي يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش.  بۇ جەھەتتە مەن بۇرۇنقى بىر ماقالەمدە تۆۋەندىكىنى يازغان ئىدىم: «دۆلەتلىك ۋە يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا. سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر يولنى تاللاش-تاللىماسلىقىڭىزدا. ياۋاش ئادەمنى تاپقاندا ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش. ... ئۇيغۇرلاردا ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا ئال’ دېگەنگە ئوخشاش بىر گەپمۇ بار. بۇ سۆزلەر نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلارغا نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان، ھېچ بولمىغاندا قانۇن سىزىقىنىڭ سىرتىغا چىقماي تۇرۇپ نورمال ئىنساندەك ياشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىسىڭىز، ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىماللىقى نۆل بولىدۇ.»
 
مېنىڭچە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز-ئۆزىدىن «ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بىر قاتار چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز بەشىدىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك بىر ھالغا چۈشۈپ قالدى؟» دېگەن سوئالنى سوراۋاتىدۇ. بۇ سوئالغا نۇرغۇن كىشىلەر 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ تۇرۇپ، خېلە توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ. لېكىن ئۇنداق قىلىشنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانچە زور پايدىسى يوق. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ جەھەتتە سەۋەب ئىزدەيدىغان ۋاقىت ئەمەس. بەلكى چارە ئىزدەيدىغان ۋاقىت.
 
مەن مەزكۇر ماقالىنى تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان):
 
--تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى.  ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتجىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ يوقىلىدۇ. (كارولي بارى، رىملىق شائىر، 1996)
 
--تىل بىلەن مەدەنىيەت يالغۇز سۆز بىلەن سۆز بوغۇملىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا ئالاقىلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسە.  ئەگەر مەن ئۆز تىلىمدا ئايەت ئوقۇيالىسام، ئۇ خۇددى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالغان تۇنجى نەپىسىمگە ئوخشاش ئىش بولىدۇ.  تىل بىلەن مەدەنىيەت بىز بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان ھەمرەيدىن ئىبارەتتۇر.  (كانادا قەدىمىي تىللار ۋە مەدەنىيەتلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى، 2005)
 
--تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىلىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە بىزنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. (كانادا قەدىمىي تىللار ۋە مەدەنىيەتلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى، 2005)
 
--بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ زېمىنغا مەنسۇپ، ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ زېمىندىن تاپىمىز.  بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىر ھەقىقەتكە قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ.  بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىز بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈردۇر.  (كانادا قەدىمىي تىللار ۋە مەدەنىيەتلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى، 2005)
 
--ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات.  بۇنداق مۇقەددەس سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.  (ۋاتاھومىگىئە، 1998)
 
--بىزنىڭ قەدىمقى تىلىمىز بىزنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئۇ بولمايدىكەن، بىز ياراتقۇچىمىز بىزدىن كۈتكەندەك بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتۇق.   (زەپەدا، 1990)
 
--بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. (كانادادىكى ئانا تىل توغرىسىدىكى ئالاھىدە يىغىننىڭ قارارى، 1990)
 
 
بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىلارنىڭ تور ئادرېسلىرى:

1) مۇشۇ ماقالىدا پايدىلىنغان كاڭاس خانىمنىڭ يېڭى كىتاۋى:
http://www.e-pages.dk/grusweb/55/
 
2) دوكتۇر جىم كۇمىنىز نىڭ ئىلمىي ماقالىسى:
http://www.iteachilearn.com/cummins/mother.htm
 
3)《新疆维吾尔自治区中长期教育改革和发展规划纲要(2010—2020年)》
http://www.tianshannet.com/news/content/2010-09/10/content_5228398.htm
 
4) «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى»
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf
 
5) ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى:  http://www.meripet.com/Sohbet/

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories