غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (3)

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

5. ئىستەك ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان

خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلاپ چىققان ئىنتايىن ئېنىق ئىدىيە بولۇشتىن ئىبارەت.  بۇنى ناپولىيون ئۆزىنىڭ 1-كىتابىدا «ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان» (ئىنگلىزچە «definite chief aim»)، دەپ ئاتاپ، ئىككىنچى كىتابىدا بولسا «ئىستەك» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابىدىكى 1-پرىنسىپ مانا مۇشۇ ئۇقۇمدىن ئىبارەت بولغان.  «ئىستەك» دېگەن سۆز ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز «desire» بولۇپ، يۇلغۇن لوغۇتىدە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك، تىلەك» دەپ ئېلىنغان.  لېكىن، ئىنگلىزچىدە «ئارزۇ» ئۈچۈن «wish»، «ئۈمىد» ئۈچۈن «hope» ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى «desire» دېگەن سۆز پەقەت «ئىستەك» دېگەن مەنادىلا ئىشلىتىلگەن.  بۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىدا ئوينايدىغان رولى بەك مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇ يەردە ئازراق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.

 (1) كەشپىياتچى بىلەن سەرگەردان

ناپولىيون ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا ئۆزى كۆرۈشكەن دانلىق شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ناھايىتى كۆپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئىستەك» ھەققىدىكى بايانىدا ئىشلەتكىنى دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتچى توماس ئېدىسون بىلەن بىر سەرگەردان ئېدۋىن بارنېس ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە بولغان.  ئۇ مۇشۇ ھېكايە ئارقىلىق مۇنداق بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن:  ئەگەر سىز مەلۇم بايلىق ياكى باشقا ماددىي نەرسىگە ئېرىشىش توغرىسىدىكى بىر خىيالىڭىزنى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىنتايىن ئېنىق مەقسەت، ئىزچىللىق ۋە كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك بىلەن بىرلەشتۈرسىڭىز، ئۇ خىيالىڭىز بىر ئەمەلىي نەرسىگە، بولۇپمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك نەرسىگە ئايلىنىدۇ.  

ئەينى ۋاقىتتا، ئېدۋىن بارنېس ئىسىملىك بىر سەرگەردان توماس ئېدىسونغا شېرىك بولۇش نىيىتىگە كېلىپتۇ.  لېكىن، ئۇ دەسلىپىدىلا مۇنداق ئىككى مەسىلىگە دۇچ كېلىپتۇ: بىرى، بارنېس توماس ئېدىسوننى تونۇمايدىكەن. يەنە بىرى بولسا، ئۇنىڭ پويىز بېلىتى ئېلىپ، توماس ئېدىسوننىڭ قېشىغا بارغىدەك پۇلى يوق ئىكەن.  كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆز نىيىتىدىن يانغان بولاتتى.  لېكىن بارنېس ئۇنداق قىلماپتۇ.  ئۇ توماس ئېدىسوننىڭ شىركىتى جايلاشقان شەھەرگە يۈك پويىزىغا چۈشۈپ بېرىپتۇ.  پويىزدىن چۈشكەندە، بارنېس بىر سەرگەردان تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىيالى بولسا بىر پادىشاھنىڭ تۈسىنى ئالغان—ئۇنىڭ ئىستىكى بىر ئادەتتىكى ئىستەك ئەمەس، بىر ئارزۇ ئەمەس، بىر ئۈمىدمۇ ئەمەس بولۇپ، ئۇ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان ئىدى.  ئۇ بارلىقىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىيي ئىرادە باغلىغان. 

بارنېس ئالدىن دىيىشىپ قويمايلا ئېدىسوننىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن.  سېكرىتار ئۇنىڭدىن نېمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، بۇ ياش يىگىت ھېچ قانداق ئەيمىنمەستىنلا «مەن ئېدىسونغا شېرىك بولغىلى كەلدىم»، دەپ جاۋاب بەرگەن.  بارنېس ئېدىسون بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر سائەت سۆزلەشكەن.  شۇنىڭدىن كېيىنلا ئېدىسوننىڭ زاۋۇتىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىش باشلىغان.  يىللار ئۆتكەن. ئەمما بارنېس ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان نەرسىگە يېقىنمۇ كېلەلمىگەن.  شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان: ئۇ ئۆزىنىڭ ئېدىسونغا شېرىك بولۇش ئىستىكىنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ ماڭغان.  ئۆز ئىرادىسىدىن قىلچىمۇ يانماي، بىرەر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن، ۋە ئۇنىڭغا تەييار بولۇپ تۇرغان.  ئۇ ئۆزىگە: «بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ مەن پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ، بىر مال ساتقۇچى بولۇپ سىناپ باقاي»، دېمىگەن.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، «مەن بۇ يەرگە ئېدىسونغا شېرىك بولۇش ئۈچۈن كەلدىم.  مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ قالگان قىسمى سەرپ بولسىمۇ بولسۇنكى، مەن چوقۇم ئۆز نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن»، دېگەن.  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن.  بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنى كۆڭۈلدە تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالىدىغان دەرىجىگە كەلگىچە كۆڭۈلدە ساقلاپ، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلغاندا، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. 

بارنېس ئېدىسونغا شېرىك بولۇش پۇرسىتىنى كۈتۈپ، ئېدىسوننىڭ زاۋۇتىدا جەمى 5 يىل تازىلىق ئىشچىسى بولغان.  1888-يىلى ئېدىسون بىر ئۈنئالغۇ ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغاندا، ئۇنىڭ شىركىتىدىكى بازارلاشقا مەسئۇل بولغان كىشىلەر «بۇ ماشىنا سېتىلمايدۇ»، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىغان.  بارنېس بولسا «ئۇنى مەن ساتالايمەن»، دەپ ئويلاپ، بۇ خىيالىنى ئېدىسونغا ئېيتقان.  ئېدىسون بولسا ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بېرىشنى قارار قىلغان.  بارنېس ئۇ ماشىنىنى سېتىشتا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇ ماشىنىنى پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا سېتىش ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتىنى بارنېسقا بەرگەن.  شۇنداق قىلىپ بارنېس ئېدىسونغا ھەقىقەتەنمۇ شېرىك بولغان.  شۇ ئارقىلىق «ئويلاپ باي بولۇش» قانۇنىيىتىنى بىر قەتىم ئىسپاتلىغان.  ئۇ باي بولۇپ، 2-3 مىليون دوللار پۇلغا ئېرىشكەن بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى بۇ 2-3 مىليون پۇل سېتىۋېلىش قىممىتى جەھەتتە 21-ئەسىرنىڭ بەشىدىكى 60 مىليون دوللاردىن كۆپرەك پۇلغا توغرا كېلىدۇ.  بۇ يەردە ئاشۇ پۇلدىنمۇ مۇھىمراق ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە، بارنېسنىڭ مۇنداق بىر ئىشنى ئىسپاتلىغىنىدىن ئىبارەت:  ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقالغان، ئىنتايىن ئېنىق بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، بىر خىيالنى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ.  بۇ بىلىم تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدىغان «ئىستەك ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان پرىنسىپى» دىن ئىبارەت.

 (2) ئىستەك

سىز مەيلى بىر چوڭ نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ياكى بىر كىچىك نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ئۇنىڭ چوقۇم بىر ئاساسىي مەقسىتى بار بولۇپ، بۇ مەقسەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن ئېنىق ۋە كونكرېت بولىشى كېرەك.  سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بىر كونكرېت نىشان بولىشى، بىر چوڭراق ئوبيېكتىپ بولىشى، ياكى سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر پەلسەپىۋىلىك ھېكمەتلىك سۆز بولىشىمۇ مۇمكىن.  ئەگەر سىز ئۇنى بىر خىيالدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇنىڭ نامايەندىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چوقۇم ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.

پىسخولوگىيىلىك پرىنسىپلار مۇنداق دەيدۇ:

بىرىنچى، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر ئىختىيارى ھەرىكىتىنى ئىنساننىڭ خىيالى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كونترول قىلىدۇ، ۋە يېتەكلەيدۇ.  بۇنداق جەريان كۆڭۈلنىڭ رولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

ئىككىنچى، سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا مەلۇم بىر خىيال ياكى ئىدىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر خىل ھېسسىياتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، سىزنى ئاشۇ ھېسسىياتنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بەدەن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا قىستايدۇ.  بۇ ھەرىكەت سىزنىڭ خىيالىڭىزغا تەلتۆكۈس ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ.

بۇ پرىنسىپنى باشقىچىرەك بايان قىلساق، سىز بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتنى تاللاپ، ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىسىڭىز،  ئاشۇ تاللاشنى قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، بۇ مەقسەت سىزنىڭ ئېڭىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالغا ئايلىنىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن سىز ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەقىقىي ئەھۋاللارغا، ئۇچۇرلارغا، ۋە بىلىملەرگە سەزگۈر بولۇپ تۇرىسىز.  سىز كۆڭلىڭىزگە بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنى ئورناتقان پەيتتىن باشلاپلا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى يىغىدۇ، ۋە ئۇلارنى ئۆزىدە ساقلايدۇ.

ئىستەك سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئېنىق مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر.  سىزنىڭ ئاساسىي ئىستىكىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقا ھېچ كىم بەلگىلەپ بەرمەيدۇ.  ئۇنى سىز ئۆزىڭىز تاللىغان ھامان، ئۇ سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزغا ئايلىنىپ، ئۇ بىر رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغىچە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدۇ.  باشقا بىر زىددىيەتلىك ئىستەك كۆڭلىڭىزگە كىرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئىستەك ئۆز ئورنىنى بوشاتمايدۇ.

ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىز ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننى تاللىمايدىكەنسىز، سىز ئۆز ئېنېرگىيىڭىز بىلەن ئۆز تەپەككۈرىڭىزنى ئىنتايىن كۆپ ئىشلارغا ۋە ھەر خىل يۆنىلىشلەرگە چېچىۋېتىپ، كۈچىڭىزنى بىر يەرگە يىغالمايسىز، ھەمدە قارارسىز ۋە ئاجىز ھالەتتە ياشايسىز.  بۇ خۇددى بىر چوڭايتقۇچى ئەينەك ياكى لېنزغا ئوخشاش.  سىز كۈن نۇرىنى ئاشۇنداق بىر ئەينەك بىلەن بىر نۇقتىغا ئىنتايىن كۈچلۈك ھالدا يىغىش ئارقىلىق، بىر پەننى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى تېشىۋېتەلەيسىز.  ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنىڭ رولى ئەنە شۇ چوڭايتقۇچى ئەينەكنىڭكى بىلەن ئوخشاش.  ئەگەر سىز ئۇ ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ، ئوخشاش مىقتاردىكى كۈن نۇرىنى ھېلىقى پەنگە بىرەر مىليون يىل چۈشۈرسىڭىزمۇ، ئۇنى ھەرگىز كۆيدۈرەلمەيسىز.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشىڭىز، ھەمدە ئۇنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ھەر كۈنى كام دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر جايغا چاپلاپ قويۇشىڭىز كېرەك.  بۇنداق قىلىشنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئاساسى بار.  يەنى، مۇشۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، بۇ مەقسەتنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنىتىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئادەت ياكى بىر لاھىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىڭىزگە ئاشۇ مەقسەت ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، سىزنى ئاشۇ مەقسەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان نەرسىگە قەدەممۇ-دەقەم يېتەكلەيدىغان بىر ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنۇتالىشىڭىزنىڭ پىسخولوگىيىلىك پرىنسىپى «ئاپتوماتىك تەكلىب» تىن ئىبارەت.  ئۇ سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتا بېرىدىغان تەكلىبتۇر.  ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئىلىم-پەن تولۇق ئىسپاتلىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بىر ئىستەك سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىز بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئۆزى بىلەن تويۇندۇرۇپ، كۆڭلىڭىزنى بىر ئىنتايىن كۈچلۈك ماگنىتقا ئايلاندۇرىدۇ.  سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن نەرسىلا بولىدىكەن، ماگنىتقا ئوخشاپ قالغان كۆڭلىڭىز سىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ.  توماس ئېدىسون مانا شۇ پرىنسىپتىن بايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئورنىدىن ئامېرىكا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن تارىختىكى ئەڭ داڭلىق كەشپىياتچى بولۇش ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن.  بارنېسمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر سەرگەرداندىن بىر چوڭ بايغا ئايلانغان.  ئېيبرىخام لىنكولنمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق پرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.  

ئىلاۋە: مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ھاياتىمدا ئاساسىي رول ئوينىغان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن ئىبارەت.

يۇقۇرىدىكى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، سىزگە مۇنداق بىر مىسال كۆرسىتەي.  ئەگەر سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر يېڭى ئاپتوموبىل بولسا، سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئىستىكىڭىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇ ماشىنا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ.  ئەمما سىزنىڭ ئاشۇ ماشىنىغا بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستىكىڭىز بار بولىدىكەن، بۇ ئىستەك سىزنى ئاشۇ ماشىنىنى ئېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلغا ئېرىشىش يولىدا قوللىنىدىغان توغرا ھەرىكەتلەرگە يېتەكلەيدۇ. 

(3) بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ 6 قەدەم-باسقۇچلىرى

ئەگەر سىزنىڭ بىر باي بولۇش ئىستىكىڭىز بولسا، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 6 ئېنىق، ئەمەلىي قەدەم-باسقۇچلارنى بېسىشىڭىز كېرەك:

1-كۆڭلىڭىزدە سىز قانچىلىك پۇل ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ: مەسىلەن، 50 مىڭ دوللار.
2-سىز ئاشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ—بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئالىدىغان ئىش يوق.
3-ئاشۇ پۇلغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىڭ.
4-سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقىڭ.  شۇنداقلا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ زاماتلا ئىش باشلاڭ.
5-بىر ۋاراق قەغەزگە يۇقۇرىقى 4 نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىخچام قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.
6-قەغەزگە يېزىلغان بۇ نەرسىنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن قوپقاندىن كېيىنلا بىر قېتىم، ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىڭ.  سىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، سىز «ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشىمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ.

بۇ 6 قەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك» سىزگە ئىنتايىن زور ياردەم قىلالايدۇ.  ئەگەر ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىش ئىستىكى سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى چىرمىۋالىدىكەن، سىزنىڭ ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئۆز-ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىشىڭىز ھەرگىز تەسكە توختىمايدۇ.  سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يېتىش يولىدا تىرىشىشىڭىز، سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىزگە ئايلانسۇن.  سىز ئۇ ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلماڭ: ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇخلاڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاڭ، ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويلاڭ.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchairs
Wheelchairs