غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (4)

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

6. ئۆزىگە بولغان ئېتىقاد ۋە ئادەت قانۇنىيىتى


ئالدىنقى بۆلۈملەردە مەن مۇنداق ئۇقۇملارنى تونۇشتۇردۇم: سىز قايتا-قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قاتتىق ئورناتقان ھەر قانداق بىر ئىدىيە ئاپتوماتىك ھالدا بىر پىلان ياكى لاھىيىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر خىل كۆرۈنمەس كۈچ مۇشۇ لاھىيىدىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى ئاشۇ پىلاندىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرىلايدۇ.  سىز ئۆزىڭىز تاللىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورنىتىشقا پايدىلىنىدىغان پرىنسىپ «ئاپتوماتىك تەكلىب»، دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ سىز ئۆزىڭىز ئۆز كۆڭلىڭىزگە بېرىدىغان تەكلىپتىن ئىبارەت.

خۇددى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى زاۋۇت-كارخانىلاردىكى چاقلارنى چۆگىلىتىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مىڭلىغان-مىليونلىغان شەكىلدە خىزمەت قىلىدىغىنىغا، ياكى بولمىسا توغرا پايدىلانمىغاندا ھاياتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغىنىغا ئوخشاش، ئەگەر توغرا پايدىلانسىڭىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىمۇ سىزنى تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ ئېگىز چوققىلىرىغا چىقىرالايدۇ.  شۇنداقلا، ئەگەر توغرا پايدىلىنالمىسىڭىز، ئۇ سىزنى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە كەمبەغەلچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئويمىنىغا چۈشۈرىۋېتەلەيدۇ.  ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنىڭ بۇنداق رولى بىر ئىدىيىنى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئورنىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.  مەن مەزكۇر بۆلۈمدە بىر ئىدىيىنى يوشۇرۇن ئاڭغا ئورنىتىشتا كام بولسا بولمايدىغان بىر قانچە ئېلېمېنتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

(1) ئېتىقاد بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش

ھازىرقى زاماندا كۆپۈنچە كىشىلەر «ئېتىقاد» دېگەن سۆزنى «دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ئەقىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنادا ئىشلىتىدۇ.  لېكىن، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا بۇ سۆز «سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، قاراش، مۇتلەق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئەقىدە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.

ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنىڭ بىر ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى باياناتنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم: ئېتىقاد كۆڭۈلنىڭ بىر خىل ھالىتى بولۇپ، ئۇنى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئاڭغا تەكرار ئۆگىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.  تەكرار مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەرىكىتى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بۇيرۇق بەرگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىڭىزدە ئېتىقاد ھېسسىياتىنى ئۆزلىگىدىن يېتىلدۈرۈشنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

سىزنىڭ ئەقىدىڭىز، ياكى ئېتىقادىڭىز، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان ئېلېمېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  سىز ھەر قانداق بىر ئىستەكنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا «ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن تۇرغۇزغاندا، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئەمەلىي يوللاردىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئايلاندۇرىدۇ.  يەنى، بۇنى باشقىچىرەك بايان قىلساق، سىز بىر ئىستەكنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئورناتقان ۋاقىتتا، ئۇنى چوقۇم «بۇ ئىستىكىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ»، دېگەن ئەقىدە ياكى ئېتىقاد بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ياكى ئۇ ئىستەكنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئاشۇنداق بىر ئەقىدە ياكى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئورنىتىشىڭىز كېرەك.  ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، ئۇ ئىستەك ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ.

 (2) «بىتەلەيلىك» نى كىشىلەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

دۇنيادا مىليونلىغان ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر كەمبەغەل ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى، ياكى مەغلۇپ بولىشىنى «بىتەلەيلىك» ياكى «تەلەيسىزلىك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل غەلىتە كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ھەمدە «ئۇنى بىز ئۆزىمىز كونترول قىلالمايمىز»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ كۈلپىتى بىلەن نەس بەسىشىنى ئۇلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  يەنى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا «مەن بىر بىتەلەي ئادەم»، دېگەن سەلبىي قاراش ئورناپ كەتكەن بولۇپ، يوشۇرۇن ئاڭ بىر سەلبىي ماھىيەتلىك قاراشقا خۇددى بىر ئىجابىي ماھىيەتلىك قاراشقا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئاشۇ سەلبىي تونۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.  ئەگەر سىز بىر سەلبىي ئىدىيىنى كاللىڭىزدا نۇرغۇن قېتىم تەكرارلاپ ئويلاۋېرىدىكەنسىز، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇنى ئۆزىگە ئاخىرى قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەڭ ئەمەلىي قەدەم-باسقۇچلار بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىدۇ.

بىتەلەيلىك ئېڭىدىن ساقلىنىشتىن باشقا، سىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر ئىشەنچ تۇرغۇزغاندا، ئۇنى چوقۇم يوشۇرۇن ئاڭ دەرىجىسىدە تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغان قابىلىيىتىگە نىسبەتەن كاللىڭىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسىمۇ ئازراقلا گۇماندا بولىدىكەنسىز، ياكى سىز يالغاندىن ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن بىر قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەنسىز، قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

(3) ھېسسىيات بىلەن بىرلەشكەن تەپەككۈر

پەقەت ھېسسىياتلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئوي-خىياللارلا يۇشۇرۇن ئاڭغا ھەقىقىي تۈردە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.  كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەيپىيات ۋە ھېسسىيات تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا ھېسسىياتلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىنى ئوبدان بىلىۋېلىش ناھايىتى زۆرۈر. ئاساسلىق ھېسسىياتلاردىن 7 ئىجابىي ۋە 7 سەلبىي ھېسسىياتلار بار بولۇپ، سەلبىي ھېسسىياتلار سىزنىڭ خىيالىڭىزغا تەبىئىي ھالدا كىرىپ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە تايانمايلا توپ-توغرا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. ئىجابىي ھېسسىياتلارنى بولسا، سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، خۇددى ئوكۇل ئۇرغاندەك ئۆز كۆڭلىڭىزگە كىرگۈزمىسىڭىز بولمايدۇ.  شۇنداق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇ ئىجابىي ھېسسىياتلار سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارالايدۇ.

بۇ ھېسسىياتلار، ياكى تۇيغۇ ئىمپۇلىسلىرى، خۇددى خېمىرغا سالىدىغان خېمىرتۇرۇچقا ئوخشاش بولۇپ، خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى بىر پاسسىپ ھالەتتىن بىر ئاكتىپ ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت ئېلېمېنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھېسسىيات بىلەن ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن خىيال ئىمپۇلىسلىرى «سوغاق سەۋەبلەر» تۈپەيلىدىن باشلانغان خىيال ئىمپۇلىسلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئۈنۈم بېرىدۇ. 

يەتتە ئاساسلىق ئىجابىي ھېسسىياتلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
1-ئىستەك ھېسسىياتى
2-ئېتىقاد ھېسسىياتى
3-مۇھەببەت ھېسسىياتى
4-جىنسىي مۇناسىۋەت ھېسسىياتى
5-قىزغىنلىق ھېسسىياتى
6-رومانتىك ئىشلار ھېسسىياتى
7-ئۈمىد ھېسسىياتى

ئىجابىي ھېسسىياتلاردىن بۇلاردىن باشقىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ يەتتىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىجادىي تىرىشچانلىقتا كىشىلەر ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھېسسىياتلاردۇر.

يەتتە ئاساسلىق سەلبىي ھېسسىياتلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
1-قورقۇش ھېسسىياتى
2-قىزغىنىش ھېسسىياتى
3-ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى
4-ئىنتىقام ئېلىش ھېسسىياتى
5-ئاچ كۆزلۈك (بېخىللىق) ھېسسىياتى
6-خۇراپاتلىق ھېسسىياتى
7-ئاغرىنىش ھېسسىياتى


ئىنسان كۆڭلىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي ھېسسىياتلار بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ—چوقۇم ئۇلارنىڭ بىرسى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىجابىي ھېسسىياتنى كۆڭلىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز بولۇپ، بۇ ئىشتا ئادەت قانۇنىيىتى سىزگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلالايدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆزىڭىزدە ئىجابىي ھېسسىياتلارنى قوللىنىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.  شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز قەلبىڭىزنى ئىجابىي ھېسسىياتلار بىلەن تەلتۈكۈس تولدۇرۇپ، سەلبىي ھېسسىياتلارنى كۆڭلىڭىزگە زادىلا كىرەلمەس قىلىۋېتەلەيسىز. سىز مۇشۇ ئۇسۇلدىن ئەينەن ۋە داۋاملىق پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىيەلەيسىز.  يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا بىرلا سەلبىي ھېسسىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىجابىي ياردەملەرنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىۋېتەلەيدۇ.

قىسقىسى، سىزنىڭ خىياللىرىڭىزنىڭ ھېسسىيات ياكى تۇيغۇ قىسمى سىزنىڭ خىياللىرىڭىزغا جۇشقۇنلۇق، ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەت ئاتا قىلىدىغان نەرسە بولۇپ، ھېس-تۇيغۇ بېرىلگەن ۋە ئېتىقاد بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن خىياللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

ئىلاۋە: ئەگەر سىزنى ئونلىغان-يۈزلىگەن كىشىلەر قوللاپ ۋە ئالقىشلاپ، پەقەت بىرلا ئادەم سىزگە تۆھمەت چاپلاپ، ئادالەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە زەربە بەرگەن بولسا، سىزگە قالغان ئونلىغان-يۈزلىگەن ئادەملەرنىڭ قىلغىنىغا قارىغاندا ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ قىلغىنى بەكراق تەسىر قىلىدۇ.  بۇ تەسىرنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈنمۇ خېلە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.  بۇنىڭ سەۋەبى، يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، بىر سەلبىي ھېسسىيات بىلەن بىرلەشكەن خىيال سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ھېچ قانداق توسالغۇ يوقلا ئۇدۇل يېتىپ بارىدىغانلىقىدۇر.  ھازىرقى مىسالدا، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگە كىرگەن خىيالغا ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئېلىش ھېسسىياتلىرى قوشۇلغان بولىدۇ.

(4) ھەر قانداق بىر تەپەككۈر ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەپەككۈرلەرنى تارتىدۇ

بىر باياناتنىڭ راس ياكى يالغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتا تەكرارلاپ دەۋېرىدىكەنسىز، سىز ئاخىرى ئۇنىڭغا «بۇ راس»، دەپ ئىشىنىدىغان بولۇپ قالىسىز.  بىر يالغان گەپنى ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتىلاپ دەۋەرسىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ يالغانلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى راس، دەپ قوبۇل قىلىسىز.  ھەتتا «ئۇ راس»، دەپ رەسمىي ئىشىنىسىز.  سىزنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىڭىزنى سىز كۆڭلىڭىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا يول قويغان ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىياللار بەلگىلىگەن.  سىز ئۆز كۆڭلىڭىزگە مەقسەتلىك ھالدا ئورناتقان، ئالقىشلاش تۇيغۇسى بىلەن مەدەت بەرگەن، ھەمدە بىر ياكى بىر قانچە ھېسسىياتلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر خىيال سىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز، ھەر بىر پائالىيىتىڭىز، ۋە ھەر بىر قىلىقىڭىزنى يېتەكلەيدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان قوزغاتقۇچ كۈچكە ئايلىنىدۇ. 

ئىلاۋە: ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەر مەخسۇس لاھىيىلەنگەن رادىئو، تېلېۋىزور، ۋە گېزىت-يورنال تەشۋىقاتلىرى، مەخسۇس پىلانلانغان مەكتەپ تەربىيىسى ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلەر، ۋە پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدىكى تەشۋىقاتلاردىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرگە پەقەت مەقسەتلىك ھالدا ئالدىن تاللانغان ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزۈپ، يۇقىرىدىكى قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، بېقىندا مىللەت خەلقلىرىنىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مۇستەملىكە قىلىدۇ.  شۇ ئارقىلىق بېقىندا مىللەت خەلقلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارغا بولغان پۇزۇتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەقىلگە تايىنىپ ئەمەس، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان قىلىپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان ئادەملەرگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

تۆۋەندىكى جۈملە بىر ھەقىقەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەسۋىرىدۇر: ھېسسىياتلارنىڭ بىرسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىيال بىر ماگنىتلىق كۈچكە ئايلىنىپ، ئۆزىگە باشقا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىياللارنى تارتىدۇ.

ھېسسىياتلارنىڭ بىرى بىلەن ماگنىتلاشتۇرۇلغان بىر خىيالنى بىر دانە ئۇرۇققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.  بۇ ئۇرۇقنى بىر مۇنبەت يەرگە تېرىسىڭىز، ئۇ بىخلىنىدۇ، چوڭىيىدۇ، ئاندىن قايتا-قايتا كۆپىيىدۇ.  ئەسلىدىكى بىر دانە كىچىك ئۇرۇق ئوخشاش خىلدىكى سان-ساناقسىز، مىڭلىغان-مىليونلىغان دانچىلارغا ئايلىنىدۇ. 

ئىنسان كۆڭلى ئۆزىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالغا ماس كېلىدىغان باشقا خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى توختاۋسىز ھالدا ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.  سىز كۆڭلىڭىزدە ساقلاۋاتقان ھەر قانداق بىر خىيال، ئىدىيە، پىلان ۋە مەقسەت ئۆزىنىڭ باشقا تۇغقانلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.  بۇ تۇغقانلىرىنى ئۆزىنىڭ كۈچىگە قوشۇپ، ئۆزلۈكسىز چوڭۇيۇپ، ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئەسلىدىكى خىيالنى كۆڭلىدە ساقلىغان كىشىنىڭ ئاساسىي قوزغاتقۇچى كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئەسلىدىكى ئىدىيە، پىلان، ياكى مەقسەت ئۇرۇقىنى كۆڭلىڭىزگە قانداق ئورناتقىلى بولىدۇ؟  ئۇنى ئۆز ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىڭىزگە ئورناتقىلى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىنىڭ باياننامىسىنى ئېنىق يېزىپ چىقىپ، ئۇنى يادلىۋېلىپ، ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارغىچە ھەر كۈنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك.

سىز كۆڭلىڭىزنى ئىگىلەپ تۇرۇشقا يول قويغان ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىيال سىزنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر سىز شۇنداق تاللاش قىلسىڭىز، سىز بۇرۇنقى يامان ئىشلار تۈپەيلىدىن كۆڭلىڭىزگە كىرىپ قالغان ناچار تەسىرلەرنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان بويىچە ئورۇنلاشتۇرالايسىز.  مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى بىر قېتىم ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.  بۇنى سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپى ئارقىلىق يېڭەلەيسىز، ھەمدە ئۇنى غەيرەت-جاسارەتكە ئايلاندۇرالايسىز.  بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر قىسىم ئىجابىي خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى يادلىۋېلىڭ، ئاندىن ئۇلارنى بۇ خىياللار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ئىش بېجىرىش قورالىغا ئايلانغىچە ئۆز ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاڭ.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولغان كىشىلەر تۆۋەندىكى فورمۇلادىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزسا بولىدۇ.

(5) ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش فورمۇلاسى

1-مەن ئۆز ھاياتىمنىڭ ئىنتايىن ئېنىق مەقسىتىگە يەتەلەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن. شۇڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ھالدا ئەڭ ئاخىرغىچە ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمەن، ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىمەن.

2-مەن ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئويلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سىرتقا قارىتىلغان فىزىكىلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىنى ماددىي رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن.  شۇڭلاشقا مەن ھەر كۈنى 30 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ خىيالىمنى بىر يەرگە يىغىپ، «مېنىڭ مۇنداق مۇنداق بىر ئادەم بولغۇم بار» دەپ ئارزۇ قىلىدىغان ئاشۇ ئادەمنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلىمەن.  مۇشۇ ئارقىلىق مەن كۆڭلۈمدە بىر ئىنتايىن ئېنىق كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىمەن.

3-مەن ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپى ئارقىلىق كۆڭلۈمدە داۋاملىق ساقلىغان ئىستەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي چارىلەرنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر كۈنى 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزۈمدىن ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن.

4-مەن ئۆز ھاياتىمنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىنى ناھايىتى ئېنىق يېزىپ چىقتىم.  مەن ئۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزۈمگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولغىچە توختىماي تىرىشىمەن.

5-مەن ھەر قانداق بايلىق ياكى بىر خىزمەت ئورنىنىڭ پەقەت ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت ئۇستىگە قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ تۇرالايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىمەن.  شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەقەت قىلغان ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىلا قىلىپ، باشقا ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايمەن. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلەرنى جەلب قىلىش، ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىمەن.  مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش روھىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ياردىمىنى قولغا كەلتۈرىمەن.  مەن ئۆزۈمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزۈمدىكى ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق، شەخسىيەتچىلىك، ۋە كۆرەلمەسلىكنى يوقىتىمەن.  چۈنكى مەن باشقىلارغا قارىتىلغان سەلبىي پوزىتسىيىنىڭ ئۆزۈمگە ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.  مەن باشقىلارغىمۇ ۋە ئۆزۈمگىمۇ ئىشىنىمەن، شۇڭلاشقا باشقىلارنىمۇ ئۆزۈمگە ئىشەندۈرەلەيمەن. 

6-مەن بۇ فورمۇلاغا ئىمزا قويۇپ، ھەمدە ئۇنى يادلىۋېلىپ، ئۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم تولۇق ئېتىقادىم بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇيمەن. شۇ ئارقىلىق مەن ئۇنىڭ تەدرىجى ھالدا مېنىڭ تەپەككۈرىمگە ۋە ئىش-ھەرىكىتىمگە تەسىر كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىمەن.

 (6) ئادەت قانۇنىيىتى

سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى كۆپ قېتىم تەكرارلىشىڭىزدىكى مەقسەت، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئاساسلىق ئويغا ئىشىنىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇش.  سىز بۇنى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىيالىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىسىز. 

سىز خەت يېزىشنى يېڭى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا، دەسلىۋىدە قەغەزدىكى ھەرپنىڭ ئۈستىگە شۇ ھەرپنى ئۇچۇقلاش تەرىقىسىدە يازىسىز. ئاندىن ئۇ ھەرپنى بىر نەچچە قۇر، ھەتتا بىر قانچە ۋاراق تەكرارلاپ يازىسىز.  شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھەر قېتىم ئاشۇ بىر ھەرىپنى يازغاندا، ئۇنى ئوخشاش شەكىلدە يازىدىغان، ئۇنى بارغانسەرى ئاسان ۋە تېز يازىدىغان بولۇپ كېتىسىز.  شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ھەرىپنى يېزىش سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ.

ئادەت پرىنسىپى سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى فىزىكىلىق مۇسكۇللارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ھەر خىل ئىقتىدارلارنىمۇ شۇنداق تىزگىنلەيدۇ.  بۇنىڭ بىر مىسالى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان، ئۆزىدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدۇر.  ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەكرار-تەكرار دېگەن بىر بايانات، ياكى نۇرغۇن قېتىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەكرار دېيىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە پۈككەن بىر ئىستەك، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىنىڭىزنىڭ سىرتقا قاراتقان فىزىكىلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى تەرىقىسىدە نامايان بولىدۇ.

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئادەت بويىچە ئىش كۆرىدىغان جانلىقلار.  ئادەت بولسا بىر تال تانىغا ئوخشاش بولۇپ، بىز ھەر كۈنى ئۇ تانىنى ئازراق-ئازراقتىن ئۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۈزگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى بىر پىششىق نەرسىگە ئايلاندۇرىمىز.

ئادەت سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسى، ئىستىكى ۋە مايىللىقىغا قارىمۇ-قارشى كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ۋە خاراكتېرىڭىزنى تىزگىنلىيەلەيدۇ.  شۇنداق بولغانىكەن، سىز ئۇنى ئىگىلىيەلەيسىز، ئىدارە قىلالايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزگە پايدىلىق تەرەپكە باشلىيالايسىز.  مىڭلىغان كىشىلەر مۇشۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ، ئادەت كۈچىنى يېڭى يۆنىلىشكە باشلىغان.

ئادەت بىر خىل «روھىي يول» بولۇپ، سىز قوللانغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئاشۇ يولدا ماڭغىلى خەلە ئۇزۇن بولغان، ھەمدە ئۇ يولدا ھەر قېتىم ماڭغاندا ئۇنى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭرى قىلغان بولىدۇ.  سىز بىر چېدىرلىق ياكى ئورمانلىقتا ماڭغاندا، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئەڭ ئوچۇق يولنى تاللاپ ماڭىسىز.  ئادەمنىڭ روھىي ئىش-ھەرىكىتىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش—ئادەمنىڭ روھىي ئىش-ھەرىكىتىمۇ توسقۇنلۇق ئەڭ ئاز بولغان سىزىقنى ۋە ئەڭ ياخشى ئېچىلغان يولنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئادەت تەكرارلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدۇ، ھەمدە بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە شەكىللەندۈرۈلىدۇ.  كونا ئادەتنى بۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭغا قارشى بىر يېڭى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى كونا ئادەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش.  سىز بىر يېڭى ئادەتنى تۇرغۇزۇپ، ياكى بىر يېڭى روھىي يولنى تاللاپ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىم ماڭغاندا، سىز ئۇنى بارغانسەرى چوڭقۇرلاشتۇرىسىز ۋە كېڭەيتىسىز.  ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدا مېڭىش ناھايىتىمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.  مۇشۇنداق روھىي يول ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى قانچىلىك تەكىتلىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

 (7) يېڭى ئادەت يەتىلدۈرۈش قائىدىلىرى

سىز تۆۋەندىكى قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيسىز:

1-يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۆزىڭىزگە ناھايىتى كۈچلۈك مەجبۇرلاش كۈچى ۋە ناھايىتى يوقۇرى قىزغىنلىق ئىشلىتىڭ.  تەپەككۈرىڭىزدىن كېلىپ چىققان ھېس-تۇيغۇلارنى بىلىپ تۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ھازىر ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر روھىي يول ئېچىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق قىلىش دەسلىۋىدە ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ، ئەمما تەدرىجى ھالدا ئاسانلىشىدۇ.  دەسلىۋىدە ھەر بىر يولنى ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بېرىچە ئوچۇق ۋە چوڭقۇر ياساڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ يولدا كېيىنكى قېتىم ماڭغاندا سىز ئۇنى ئاسانلا كۆرەلەيسىز.

2-پۈتۈن زېھنىڭىزنى مۇشۇ يېڭى-يول ياساشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق كونا يوللارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىڭ.  سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىڭىز پەقەت سىز ھازىر ياساۋاتقان يېڭى يوللا بولسۇن.

3-يېڭى ياسىغان يولىڭىزدا ئىمكانقەدەر كۆپرەك مېڭىڭ.  تەلەي ۋە پۇرسەتلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، شۇنداق قىلىشقا ئۆزىڭىز پۇرسەت يارىتىڭ.  يېڭى يولدا قانچە كۆپ ماڭسىڭىز، ئۇ يول شۇنچە بالدۇر ئاسانلىشىدۇ.

4-سىز بۇرۇندىن مېڭىپ كېلىۋاتقان كونا ۋە ئاسانراق يولدا مېڭىشقا بولغان قىزىقتۇرۇشقا پۈتۈنلەي قارشى تۇرۇڭ.  سىز ھەر قېتىم ئاشۇنداق قىلغاندا، سىز تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ، سىزنىڭ كېيىنكى قېتىمدا كونا يولدا ماڭماسلىقىڭىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.  ئەمما ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن، سىز كونا يولدا مېڭىش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ، كونا يولدىن ۋاز كېچىشىڭىز بارغانسەرى قىيىنغا توختايدۇ.  بۇ بىر ئىنتايىن ھالقىلىق پەيت بولۇپ، ئىشنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئۆزىڭىزنىڭ يۈكسەك جاسارىتى، بىر ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش روھى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىسپاتلاڭ.

5-سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بولالايدىغان توغرا يولنى تاللاپ چىقىشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىڭ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ قانداق قورقماي ۋە ھېچ قانداق ئىككىلەنمەي تاللىغان يولىڭىزنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەڭ.  ئۆز نىشانىڭىزنى ئوبدان تاللاپ، ئاندىن سىزنى ئاشۇ نىشانغا ئېلىپ بارىدىغان ياخشى، چوڭقۇر ۋە كەڭرى روھىي يولنى ياساپ چىقىڭ.

ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ مۇشۇ قىسمىدا ۋالتېر ۋىنتىل («Walter D. Wintle»(1905-يىلى يازغان «ئويلاش» دېگەن بىر شېئىر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا مەن ئۆزۈمنى سەل ئاجىز كۆردۈم. شۇڭلاشقا ئۇنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى ئىستەيدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئۇ شېئىرنىڭ تور ئادرېسىنى بۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم.  ئەگەر بىرەر قېرىندىشىمىز بۇ شېئىرنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ماڭا ئىۋەرتىپ بەرسە، مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىگە كىرگۈزۈپ قويىمەن. بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىتيى» بىلەن «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن ئىككى كىتابىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى نۇسخىسىنى سورىغان بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ تور ئادرېسلىرىنىمۇ مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم.

1905-يىلى يېزىلغان ئىنگلىزچە شېئىر «ئويلاش»:
http://oldpoetry.com/opoem/119016-Walter-D-Wintle-Thinking

ئىنگلىزچە «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتاب:
http://napoleon-hill-laws-of-success.com/

ئىنگلىزچە «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابنىڭ ئېلكىتابى:
http://www.utopianwebstrategy.com.au/uws/wp-content/uploads/think-and-grow-rich-napoleon-hill.pdf 


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair