غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (5)

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى

7. قىزغىنلىق، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش

 (1) قىزغىنلىق

قىزغىنلىق بىر خىل كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى باشقا ھېچ قانداق نەرسىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.  ئەگەر سىزنىڭ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بار بولىدىكەن، سىزنىڭ ھازىر ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولغان-بولمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، سىز ئاشۇ ئاساسىي نىشانىڭىزغا نىسبەتەن چوڭقۇر قىزغىنلىق يېتىلدۈرەلەيسىز.  سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ناھايىتى يىراق بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز قەلبىڭىزدە قىزغىنلىق ئوتىنى تۇتاشتۇرسىڭىز، ھەمدە ئۇنى توختىتىپ قويماي كۆيدۈرۈپ تۇرسىڭىز، ھازىر سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرغان بارلىق توسالغۇلار خۇددى بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغاندەكلا غايىپ بولۇپ، ئۆزىڭىز بۇرۇن ھېس قىلمىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

قىزغىنلىقنىڭ قوزغۇتىشى بىلەن قەلبىڭىز بىر يوقىرى تەكرارلىقتا تىترىگەندە، بۇ تىترەشنى سىزنىڭ چۆرىڭىزدىكى بەلگىلىك بىر رادىئوس ئىچىدە تۇرغان كىشىلەر، بولۇپمۇ سىزگە يېقىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلى قوبۇل قىلىدۇ.  سىز بىر ئادەم توپىغا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز تىڭشىغۇچىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ سۆزلىگۈچىنىڭ قەلبىگە ماسلاشقان ھالدا تىترەيدۇ.  بىر ئادەم يەنە بىر ئادەم بىلەن سودىلاشقاندا، بەزىدە بىر سودىدا كېلىشىشنىڭ «پىسخولوگىيىلىك پەيتى» يېتىپ كەلدى، دېگەننى ھېس قىلىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ چاغدا ساتقۇچىنىڭ قىزغىنلىقى ئالغۇچىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئالغۇچىنىڭ قەلبىنى ساتقۇچىنىڭكىگە مايىل كەلتۈرگەن.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ياردىمى بىلەن، كۆڭلىڭىزگە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى ئورنىتىپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇرۇنقى كەچۈرمىش-تەسىراتلىرىڭىزغا دەرھاللا جان كىرىپ، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ.  ئەگەر سىز قەلبىڭىزگە بىر ئارزۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناتماقچى بولسىڭىز، ئۇنى چوقۇم مەرتلەرچە قىزغىنلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈڭ.  چۈنكى، قىزغىنلىق ئارزۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئوغۇتتۇر. 

(2) روھىي سېزىم تېلېپاتىيە قانۇنىيىتى

تېلېپاتىيە پرىنسىپى دېگىنىمىز بەلگە، سىمۋول ياكى ئاۋازنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپلا تەپەككۈرنى بىر قەلبدىن باشقا بىر قەلبگە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.  روھىي سېزىم تېلېپاتىيىسى تۈپەيلىدىن، سىز پەقەت ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ۋاقىتتىلا، باشقىلارمۇ سىزگە ئىشىنىدۇ.  باشقىلار ئۆزىنى سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزغا «تەڭشەپ»، سىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن قانداق تۇيغۇدا بولسىڭىز ئۇلارمۇ سىزگە نىسبەتەن سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا بولىدۇ.  سىز ئۆزىڭىز توغرىسىدىكى ئويلىرىڭىزنى توختىماي سىرتقا تارقىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر ئېتىقاد بولمايدىكەن، سىزنىڭ بۇ خىيالىڭىزنى باشقىلار قوبۇل قىلىپ، ئۇلارمۇ سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ.

(3) بىر ئوينى باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئەكس ئەتتۈرۈش

تەكلىپ بېرىش سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز ھەمدە سىزنىڭ كۆڭۈل ھالىتىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپى بولۇپ، ئۇ پىسخولوگىيىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ۋە ئەڭ كۈچلۈك پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى.  سىز ئىش قىلغاندا، سۆزلىگەندە ۋە ئويلىغاندا ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىسىز.  ئەمما، ئەگەر سىز سەلبىي تەكلىپ بىلەن ئىجابىي تەكلىپنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، سىز بۇ پرىنسىپتىن ئۆزىڭىزگە غەلىبە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشىڭىز مۇمكىن.

ئىنسانلارنىڭ قەلبى بىر كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ماشىنىغا ئوخشايدۇ.  ئۇنىڭ گەۋدىلىك خاراكتېرلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ تاشقى تەكلىپ ياكى ئاپتوماتىك تەكلىپ ئارقىلىق ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن تەسىراتلارنى تەبىئەتكە ماسلاشتۇرغان ھالدا گۇرۇپپىغا ئايرىپ، سەلبىي تەسىراتلارنى مېڭىنىڭ بىر يېرىدە، ئىجابىي تەسىراتلارنى بولسا مېڭىنىڭ باشقا بىر يېرىدە ساقلايدۇ.  بۇ تەسىراتلار ياكى بۇرۇنقى كەچۈرمىشلەرنىڭ بىرى ئەسلىمە پرىنسىپى ئارقىلىق ئاساسىي ئاڭغا چاقىرىپ كېلىنگەندە، ئاشۇ تەسىرات بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك باشقا بارلىق تەسىراتلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدۇ.  بۇ خۇددى زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىنى كۆتۈرسە يەنە بىر ئۇچىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەنگە ئوخشاش.  مەسىلەن، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمان تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىر ئىش ئاشۇ ئادەمگە ئۆزىدە  بۇرۇن گۇمان تۇغدۇرغان باشقا بارلىق كەچۈرمىشلەرنى ئەسلىتىدۇ.  ئەگەر بىرسى سىزدىن پۇل سورىسا، شۇ زاماتلا يادىڭىزغا سىز بۇرۇن باشقىلارغا پۇل بېرىپ تۇرۇپ يولۇققان ناچار كەچۈرمىشلەر كېلىدۇ.  بىرلىشىش قانۇنىيىتى (ئىنگلىزچە «Law of association») گە ئاساسەن، كۆڭۈلگە يېتىپ كەلگەن بارلىق ئوخشاش ھېسسىياتلار، كەچۈرمىشلەر، ۋە سېزىم تەسىراتلىرى مېڭىنىڭ بىر جايىدا ساقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى ئەسلىسىڭىز، كاللىڭىزدا ئۇلارنىڭ قالغانلىرىمۇ پەيدا بولىدۇ. 

بۇ پرىنسىپ ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سېزىم تەسىراتىغا ماس كېلىدۇ ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىدۇ.  مەسىلەن، قورقۇش تۇيغۇسىغا قاراپ باقايلى.  بىز قورقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھېسسىياتنىڭ ئاساسىي ئېڭىمىزغا يېتىپ كېلىشىگە يول قويىدىغان بولساق، بۇ ھېسسىيات ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بارلىق يىرگىنچلىك ھېسسىياتلارنى چاقىرىپ كېلىدۇ.  كۆڭۈلدە مۇشۇنداق بىر قورقۇش ھېسسىياتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭدا بىر جۈرئەت تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.  چوقۇم بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇشى شەرت.  ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولغاچقا، بىر-بىرى بىلەن بىللە تۇرالمايدۇ.  ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى تارتىدۇ.  ئاساسىي ئاڭدا تۇتۇپ تۇرغان ھەر بىر تەپەككۈر ئۆزىگە باشقا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك تەپەككۈرلارنى تارتىدۇ.

(4) ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش

بۇ سۆزنى ناپولىيون ئىنگلىزچە self-control دەپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش» دىن ئىبارەت.  لېكىن، مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلىنىپ، بۇ سۆزنى «ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش»، دەپ ئېلىشنى بەكراق مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئىنسانلارغا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار باشقا ھېچ قانداق جانلىقلارغا ئاتا قىلىنمىغان.  يەنى، ئىنسانلارغا ھازىرغىچە بايقالغان، ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە رەتلەنگەن ئېنېرگىيە—تەپەككۈر ئېنېرگىيىسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان.  شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، تەپەككۈر مۇشۇ ماتېرىيال ۋە فىزىكىلىق نەرسىلەر دۇنياسى بىلەن ئىلاھىي (Divinity) دۇنيانى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ يېقىن باغلىنىشتۇر.

سىز ئويلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە مۇھىم بولغان ئۆزىڭىزنىڭ خىيال-تەپەككۈرىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىش، ۋە ئۇلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە.  بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى مۇۋاپىق سەۋىيىدە تۇرۇپ چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.  سىزنىڭ مېڭىڭىز بىر دىنام ياكى گېنېراتورغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ «تەپەككۈر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىرلىق ئېنېرگىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئىشقا سالىدۇ.  سىزنىڭ مېڭىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان قوزغاتقۇچىدىن مۇنداق ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرى ئاپتوماتىك تەكلىپ، يەنە بىرى بولسا تەكلىپ.  سىز بىر تەپەككۇرنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «ئاپتوماتىك تەكلىپ» ياكى «ئۆز-ئۆزىگە بېرىلگەن تەكلىپ» دەپ ئاتىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىز بىر تەپەككۈرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ماتېرىيالنى باشقىلارنىڭ تاللاپ بېرىشىگە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «تەكلىپ»، دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەمنى ئۇياتلاندۇرىدىغان بىر ئەمەلىيەت شۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپەككۈرلەر باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن.  ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان تېخىمۇ بەكراق نومۇسلۇق ئىش شۇكى، كۆپۈنچىلىرىمىز ئاشۇنداق باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن تەپەككۈرلەرنى ھېچ قانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، ياكى ئۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە ھېچ قانداق گۇمانلانمايلا ئەينەن قوبۇل قىلىمىز.  بىز كۈنلۈك گېزىتنى ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتەكلا ئوقۇيمىز.  باشقىلارنىڭ غەيۋەتلىرىگە ۋە قۇرۇق گەپتانلىقىغا خۇددى ھەقىقەتكە ئىشەنگەندەك ئىشىنىمىز.  تەپەككۈر بىز مۇتلەق ھالدا كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر نەرسە تۇرۇقلۇقمۇ، بىز باشقىلارنىڭ ئۆز كۆڭۈل سارىيىمىزغا كىرىپ، «تەكلىپ بېرىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ يەرگە ئۆزلىرىنىڭ چاتاقلىرىنى، قىيىن ئەھۋاللىرىنى، كېلىشمەسلىكلىرىنى، ۋە يالغان سۆزلىرىنى ئەكىرىپ قويۇشىغا يول قويۇپ، خۇددى بىزنىڭ ئىشىكنى تاقاپ ئۇلارنى كىرگۈزمەسلىك قابىلىيىتىمىز يوقتەك بىر ئىشنى قىلىمىز.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئاشۇ تەپەككۈر ئىجابىي تەپەككۈر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇ سەلبىي تەپەككۈر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش دېگىنىمىز ئۆزىنىڭ تەپەككۈرىنى باشقۇرۇش، دېگەنلىكتىن ئىبارەت.  بۇ جۈملىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ.  چۈنكى، بۇ بىر جۈملە سۆز ماقالىنىڭ مەزكۇر بۆلۈمىدىكى ئەڭ مۇھىم جۈملە.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئىجابىي، ئاكتىپ ۋە پايدىلىق تەپەككۈرلەرنى تۇرغۇزۇڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاشۇ تەپەككۈرلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى سىزگە بىر پۈتكەن مەھسۇلات تەرىقىسىدە ئەكىلىپ بېرىدۇ.  مانا بۇ تەپەككۇرنى باشقۇرۇشتۇر.  سىز كۆڭلىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى مەقسەتلىك ھالدا تاللاپ، تاشقى تەكلىپلەرنى قەتئىي رەت قىلسىڭىز، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىدىن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغان بولىسىز.  ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق قىلالايدىغان بىردىن-بىر جانلىقلاردۇر.

(5) تەنقىتكە ئۇچراشتىن قورقۇش يېڭى ئىدىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ

سىز مەلۇم بىر چوڭ ئىشنى قىلىش ھەققىدە يېڭى ئىدىيىگە كەلگەندە، كۆڭلىڭىزدە «باشقىلار بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغاندۇ؟» دېگەن ئەندىشە پەيدا بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بەزىدە سىز ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا باھانە ئىزدەيسىز.  ئوبدان تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز، سىزدە پەيدا بولغىنى تەنقىتتىن قورقۇش ھېسسىياتى بولۇپ، ئۇ كۆڭلىڭىزدىكى مۇنداق سوئاللار ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ:
--سەن ئۇنى قىلالمايسەن.
--بۇ ئىش بەك چوڭ بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.
--بۇ ئىشقا تۇغقانلار قانداق قارار؟
--بۇ ئىشنى قىلىپ بولغىچە سەن جېنىڭنى قانداق باقارسەن؟
--بۇ ئىشنى بۇرۇن باشقىلار قىلىپ باقمىغان، ئۇنى سەن قىلالايسەن، دەپ ئوتتۇرىغا چىقساڭ بولارمۇ؟
--بۇنداق چوڭ نىشاننى تاللايدىغانغا سەن كىمتىڭ؟
--ئۆزەڭنىڭ بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما.
--سەن بۇ ئىش توغرىسىدا قانچىلىك نەرسە بىلەتتىڭ؟
--كىشىلەر سېنى «ساراڭ بولۇپ قاپتۇ»، دېيىشى مۇمكىن.
--بۇ ئىشنى بۇرۇن باشقىلار نەمە ئۈچۈن قىلمىغان؟

كۆڭلىڭىزدە مۇشۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولۇپ، بىردىنلا پۈتۈن دۇنيا ئۆز دىققىتىنى سىزگە بۇراپ، سىزنى مازاك قىلىپ، سىزنى ئۆز ئىستىكىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، كاللىڭىزدىكى يېڭى ئىدىيە تېخى تولۇق تۇغۇلۇپ بولالمىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر ئىنتايىن ئېنىق پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، بۇ ئىدىيىگە ھاياتلىق ئاتا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.  بىر ئىدىيىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ۋاقىت دەل ئاشۇ ئىدىيە يېڭىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتتۇر.  ئۇ بىر مىنۇت ھايات تۇرالايدىكەن، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يوقىرى بولىدۇ.  كۆپ ساندىكى ئىدىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان نەرسە تەنقىدكە بولغان ئەندىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەم تەنقىدكە ئۇچراشتىن قورقىدىكەن، بىر ئىدىيىنى پىلان تۈزۈش ۋە ئىش ئېلىپ بېرىش باسقۇچىغا ئېلىپ بارالمايدۇ.

ئۆز نىشانىغا يېتىشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.  ئۇلار ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەتكىمۇ تەن بەرمەيدۇ.  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.  ئەگەر ئۇلارنىڭ بىر پىلانى ئۈنۈم بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال باشقا بىر يېڭى پىلاننى دەسسىتىدۇ.  ھەر بىر مەلۇم قىممەتكە ئىگە نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن بۇرۇن مەلۇم دەرىجىدىكى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ.  توماس ئېدىسون 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلەپ، ئاندىن ئۆزى ئىجات قىلغان ئۈنئالغۇ ماشىنىسىغا «مەرى خانىمنىڭ بىر پاخلانى بارتى» دېگەن ئاۋازنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدۇرغان.  

(5) قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش

سىز ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك يەنە بىر سۆز «قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت.  ھەر بىر نەتىجە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئېلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس.  بىرەر ئىشنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش خۇددى تەبىئەت بىلەن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئالىجاناپ شەكىلدە سودىلاشقان بىلەن ئوخشاش. تەبىئەتنى گوللىغىلى ۋە ئالدىغىلى بولمايدۇ.  سىز پەقەت تەبىئەتكە تېگىشلىك بەدەل تۆلىگەندىلا، ئۇ ئاندىن سىزگە ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىنى بېرىدۇ.  بۇ يەردىكى بەدەل توختاۋسىز، ئېگىلمەس، ۋە قەتئىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇلغان تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت.

قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 4 ئاددىي قەدەم-باسقۇچلىرى بار.  ئۇلار سىزدىن ناھايىتى كۆپ ئەقىل ۋە ئالاھىدە ئۇنۋان تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، سىزدىن پەقەت ئازراق ۋاقىت بىلەن ئازراق تىرىشچانلىقلا تەلەپ  قىلىدۇ. بۇ قەدەم-باسقۇچلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1-بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەت بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەككە ئىگە بولۇش.
2-توختاۋسىز قوللىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئىنتايىن ئېنىق پىلانى بار بولۇش.
3-تۇغقانلارنىڭ، دوستارنىڭ ۋە تونۇشلارنىڭ سەلبىي تەكلىپلىرىنى، ۋە باشقا بارلىق سەلبىي ۋە سوغۇق سۇ چېچىش خاراكتېرىدىكى تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولۇش.
4-ئۆز پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە داۋاملىق مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان بىر ياكى بىر قانچە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بار بولۇش.

بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەردە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان بىرەر سىرلىق قابىلىيەت بار بولامدۇ؟ بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلىك سۈپەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مەلۇم شەكىلدىكى روھىي، مەنىۋىي، ياكى خىمىيىلىك ھەرىكەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزگە بەزى تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچلەرنى ئاتا قىلامدۇ؟  ناپولىيوننىڭ خەنري فورد بىلەن توماس ئېدىسون ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئانالىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان نەرسە، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىدىنلا ئىبارەت. ئەگەر سىز پەيغەمبەرلەر، پەيلاسوپلار ۋە دىنىي لىدېرلار ئۈستىدە ئادىل تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولسىڭىز، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، تىرىشچانلىقنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ۋە ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتكە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى ئىكەن، دېگەن مۇقەررەر خۇلاسىگە كېلىسىز.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories