غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (6)

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى

8. تەسەۋۋۇر ۋە چەكسىز ئەقىل


تەسەۋۋۇر ئادەم قەلبىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ئۇ يەردە كونا ئىدىيىلەر ۋە جەزملەشكەن پاكىتلار قايتىدىن تۈرلەرگە ئايرىۋېلىنىدۇ، ۋە ئۇلار يېڭى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشقا سېلىنىدۇ.  سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىياللارمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدا قوراشتۇرىلىدۇ ۋە بىرلەشتۈرۈلىدۇ.  سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى، يېڭى ئىدىيلىرىڭىزنى، ۋە لىدېرلىقىڭىزنىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىسىز.  سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىشقا سېلىپ، ئېنىق نىشان، ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، يېڭى ئىدىيە ۋە لىدېرلىق قابىلىيىتى قاتارلىق زۆرۈر بولغان سۈپەتلەرنى بەرپا قىلىسىز.  خۇددى بىر قۇشقاچنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇخۇمدىكى مىكرو ئورگانىزمدىن باشلىنىدىغىنىغا ئوخشاش، سىزنىڭ ماددىي نەتىجىلىرىڭىزمۇ سىز ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان، ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلانىڭىزدىن تەرەققىي قىلىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ.  تەسەۋۋۇر ئەڭ ئاۋال پەيدا بولىدۇ.  ئاندىن ئۇ تەسەۋۋۇر ئىدىيە ۋە پىلانغا ئۆزگەرتىلىدۇ.  ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ پىلانلار رېئاللاشتۇرىلىدۇ.  بۇ جەريان سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن باشلىنىدۇ.  بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، سىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ھەر قانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. ئۇنىڭ بىرى «ياسالما تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچەsynthetic imagination) بولۇپ، يەنە بىرى بولسا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچە creative imagination) دىن ئىبارەت. 

 (1) ياسالما تەسەۋۋۇر

مۇشۇ قابىلىيەتتىن پايدىلىنىپ، سىز كونا ئۇقۇم، كونا ئىدىيە ۋە كونا پىلانلارنى يېڭى بىرىكمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرىسىز. ياسالما تەسەۋۋۇر بۇرۇنقى كەچۈرمىش، بىلىم ۋە كۆزەتمە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  دۇنيادىكى ئەڭ ئىجادچان كىشىلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ياسالما تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ.  سىز ياسالما تەسەۋۋۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، كاللىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ياخشى رەتلەپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، شۇ ئارقىلىق بىر ئىدىيە ياكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقىسىز.  بۇ يەردىكى «ياساش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇۋاپىق ياكى مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى توغرا ئۇسۇل بىلەن بىر يەرگە ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇش، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىجاتچانلىقنىڭ دەرىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئالىملار، ئاشپەزلەر، كەشپىياتچىلار، رېمونتچىلار، يازغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، شىركەت باشلىقلىرى، ھەمدە باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرغاندا قىلىدىغان ئىشى دەل ئاشۇ «ياساش» تىن ئىبارەتتۇر.

 (2) ئىجادچان تەسەۋۋۇر

ئىنسانلارنىڭ چەكلىك قەلبى چەكسىز ئەقىل بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشتا، يېڭى ھېس-تۇيغۇ ۋە يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىشتە پايدىلىنىدىغان قابىلىيەت ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.  سىز ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدە ھازىرغىچە يوق بولغان، ئەمما ئاقىۋىتى توغرا بولۇپ چىقىدىغان يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى تاپىسىز.  سىز بىر يېڭى خىيال ياكى يېڭى ئىلھامغا تەسسادىپىي ئىگە بولغاندا، ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىسىز. ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار بۇرۇن تېخى بايقالمىغان نەرسىلەرنى بايقاش ياكى بەرپا قىلىشتا پايدىلىنىدىغان قابىلىيەتمۇ دەل ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت. 

ئىنسان كۆڭلى ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق چەكسىز ئەقىل بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولغاچقا، تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى كارنىگىنىڭ سىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى بەزى جايلاردا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» نىڭ ئورنىدا «ئىجادچان تەپەككۈر» (ئىنگلىزچە creative thought) مۇ ئىشلىتىلگەن.

 (3) ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

كارخانا، سانائەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇلۇغ لىدېرلىرى، ھەمدە ئۇلۇغ ئارتىسلار، مۇزىكانتلار، شائىرلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئىجادىي تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىدۇر. 

ئوتتۇراھال كىشىلەر كۆرۈش، ئاڭلاش، تۇيۇش، پۇراش ۋە تېتىشتىن ئىبارەت 5 خىل فىزىكىلىق سېزىمنىڭ ياردىمى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە دۇچ كەلگەن ھامان، ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاڭقىرالمايدۇ.  چەكسىز ئەقىل بۇ 5 خىل سېزىم ئارقىلىق ئىش كۆرمەيدىغان بولۇپ، سىز ئاشۇ 5 تۈرلۈك تۇيغۇ ئارقىلىق چەكسىز ئەقىلنىڭ ياردىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيسىز.  چەكسىز ئەقىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن پايدىلىنىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىجادچان تەپەككۇرنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەت. 

ئىنسانلارنىڭ 6-سېزىمى ئۇلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.  ئۇ ئىنسانلارنىڭ چەكلىك كۆڭلى بىلەن چەكسىز ئەقىلنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئالاقە لىنىيىسى بولۇپ، كەشپىيات ساھەسىدىكى ئاساسىي ياكى يېڭى پرىنسىپلىق ئاشكارىلىنىش ۋە بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ئىجادچان تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇقۇم، ۋە يېڭى تۇيغۇ تۆۋەندىكى 4 مەنبەنىڭ بىرسىدىن كېلىدۇ:
1-باشقا بىر ئادەمنىڭ بىلىپ تۇرۇپ سىزگە ئاشكارىلىشى.
2-سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىز.  ئۇ سىزنىڭ 5 خىل سېزىمىڭىز ئارقىلىق مېڭىڭىزگە يېتىپ كەلگەن ھەممە ئوي ۋە تەسىراتلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
3-باشقا بىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ ئىسكىلاتى.
4-چەكسىز ئەقىل.

ناپولىيوننىڭ قارىشىچە «مۆجىزە» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ.  تەبىئەت ئۆزىنىڭ جەزملەشكەن قانۇنىيەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ چەتنەپ كەتمەيدۇ.  ئەمما، تەبىئەتنىڭ بەزى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئۇلار خۇددى بىر «مۆجىزە» دەك كۆرىنىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت 6-سېزىمىنى مانا ئاشۇنداق مۆجىزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر نەرسە، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەرگىزمۇ موجىزىگە تايانماي، چەكسىز ئەقىلنىڭ سىزنى تەبىئىي يوللار ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېتەكلىشىگە تايىنىڭ.  ھەرگىزمۇ «چەكسىز ئەقىل مەن نىشانلىغان نەرسىنى ماڭا ئەكىلىپ بېرىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالماڭ.  ئۇنىڭ ئورنىغا، «چەكسىز ئەقىل مېنى ئۆزەم تىكلىگەن نىشانغا يېتەكلەپ ماڭىدۇ»، دەپ ئويلاڭ.

ئىجادچان تەپەككۈر سىزدىن ھەر ۋاقىت «مەن ئۆز غايەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن»، دېگەن ئويدا بولۇشنى، ئۆز غايىڭىزنى توغرا يول ۋە توغرا تەرتىپ بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك ئېتىقاد ۋە تولۇق ئىشەنچ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئاڭلىق ۋۇجۇدىڭىزنىڭ سىرتىدا باشلانغان ئامىللارغا شۇنچە سەزگۈر بولىدۇ،ھەمدە ئۇ ئامىللارنى قانچە ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.  شۇنداقلا سىز بۇ ئىجادىي قابىلىيىتىڭىزنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، يېڭى تەپەككۈر ۋە يېڭى ئىدىيە يارىتىشتا سىز ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ تايىنىدىغان بولىسىز.  بۇ قابىلىيەتنى سىز پەقەت ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىقلا يېتىلدۈرەلەيسىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايسىز.

ئىلاۋە: بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» دېگەن ئىسىم بىلەن 2 قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى ئالما تور كىتابخانىسى http://book.alma.cn دىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair