غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (7)

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

9. مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىجادىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش

«مەركەزلەشتۈرۈش» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە concentration دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «ئىداجىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش» بولسا ئىنگلىزچە creative visualization دەپ ئاتىلىدۇ.  مەركەزلەشتۈرۈش دېگەن سۆز ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى بىلەن ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى رەسمىي ئىشقا سالغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى ئاشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.  زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى مەلۇم بىر ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈشتە مۇنداق ئىككى قانۇنىيەت مۇھىم رول ئوينايدۇ: بىرى ئاپتوماتىك تەكلىب قانۇنىيىتى، يەنە بىرى بولسا ئادەت قانۇنىيىتى. 

ئادەت مۇھىتنىڭ ئىچىدە يېتىلىدۇ.  ئۇ سىزنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تۇيۇشتىن ئىبارەت 5 سېزىمىڭىز ئارقىلىق سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەممە مەنبەلەر ئارقىلىق، ئوخشاش ئىشنى ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتا-قايتا قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش خىيالنى قايتا-قايتىلاپ تەكرار قىلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قەلبى مەلۇم بىر ئىدىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇھىتتىن يىغىدۇ.  ئادەت بۇ ئىدىيىنى بىر مۇقىم قۇرۇلما شەكلىدە ئۇيۇتۇپ، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىچىگە تۈرگە ئايرىپ ئەكىرىپ قويىدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىدىيە سىزنىڭ مىجەزىڭىزنىڭ كام بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە جىمجىت ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە ئاغما كۆز-قاراشلىرىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ پىكرىڭىزنى كونترول قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىتنى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، مۇھىت سىزنىڭ كاللىڭىزغا كىرىدىغان ئۇزۇقنى تەمىنلەيدىغان مەنىۋىي ماكاندىن ئىبارەتتۇر.

(1) «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىدىن بىر ئۈزۈندە

مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-بۆلۈمىدە تىلغا ئالغان «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنى ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇن ئۇ ماقالىدىكىدىن جىق ئەتراپلىق ۋە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ئەقىدە بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن يۇقىرىدىكى ئادەت بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ماقالىنىڭ ئەقىدە بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قىسمىنى بۇ يەرگە بىر نەقىل شەكلىدە قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  تۆۋەندىكىسى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنىڭ بىر قىسمى:

ئەمدى بىز قايتا ئەسلەپ كۆرەيلى، ئەقىدە دېگەن نېمە؟ ئەقىدە بولسا ئالدىن تەشكىللەپ قويۇلغان، بىزنى ئۆز – ئۆزىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەكلەيدىغان بىر خىل ھېس – تۇيغۇ ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەقىدە قەيەردىن كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ؟ ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەرگە تەقلىد قىلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا ئالدى بىلەن ئاشۇ خىل ئەقىدىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇنلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 

بىرىنچى كېلىش مەنبىيى مۇھىتتۇر. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، دەيدىغان گەپ بار. بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان نەرسە پەرىشانلىق ۋە بېسىمغا ئۇچراش تۇيغۇسى ئەمەس، ئادەملەر بۇلارنى تامامەن يېڭىپ كېتەلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەقىقى قورقۇنچلۇق نەرسە بولسا مۇھىتنىڭ ئەقىدە ۋە ئارزۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئۆز ئەتراپىڭىزدا كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت بولغان بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىچكى تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئالدىنقى بىر بابتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توختاۋسىز ھالدا تەقلىد قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز باي ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ناھايىتى ئاسانلا بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە تەقلىد قىلىسىز. ئەگەر سىز نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزدە ناھايىتى ئاسانلا نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ. ئالبىرىت ئېينىشتېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇئىرىغا قويالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنداق نۇقتىنەزەرلەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.
 
[بۇ يەردىكى ئىككى ئابزاس مەزمۇن قىسقارتىلدى.]

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىنجامىن بىراند دېگەن كىشى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۈز نەپەر ياش تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە ئالىمغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ باشتىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ تالانت ئالامىتى پەقەت ئۇلاردا مەن تالانت ئىگىسى بولالايمەن دەيدىغان ئەقىدە پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن نامايان بولغان ئىكەن. 

مۇھىت بەلكىم ئەقىدىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچىسى بولۇش مۇمكىن، لېكىن، ئۇ ئەقىدىنىڭ بىردىن-بىر قوزغاتقۇچىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇ بىر دىنبىر قوزغاتقۇچ بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەس مۇھىت ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق. باي بالىلار پەقەت باي مۇھىتنىلا بىلگەن، نامرات بالىلار بولسا پەقەت نامراتلىقنىلا بىلگەن بولاتتى. ئەكسىچە، باشقا خىل كەچۈرمىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىلىرىمۇ ئەقىدىنىڭ كېلىش مەنبىيى بولالايدۇ. 

تۇرمۇشتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە پەيدا قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدا، بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. جون ف كىننىدى قەستكە ئۇچرىغان شۇ كۈننى ئەسلىيەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كۈنى قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بىلەلەيسىز. نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى مەڭگۈگە ئۆزگەرگەن بىر كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا، كۆپ قىسىم ئادەملەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان كەچۈرمىشلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كەچۈرمىشلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دەل مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. 

مەن 13 ياش ۋاقتىمدىلا ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. ھەم تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بولۇشنى قارار قىلدىم. مەلۇم بىر كۈنى، مەن گېزىتتىن خوخاد كىسارنىڭ مەلۇم بىر كىتابخانىدا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن مەن، ئەگەر مەن تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پروگراممىسى دىكتورى بولۇشنى ئويلايدىكەنمە، ئالدى بىلەن چوقۇم زىيارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ھەم ئىشنى مۇشۇ يەردىنلا باشلاشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، كىچىك ئۈنئالغۇدىن بىرنى ئارىيەت ئالدىم، ئاپام مېنى پىكاۋى بىلەن ھېلىقى كىتابخانىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، كىسار ئەپەندىم كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن بىر ئاز قورقتۇم. بىر توپ مۇخبىرلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قانچە مۇخبىرلارنىڭ قولتۇقلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ كىسار ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا باردىم. مەن دەرھال ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئاددىيغىنا ئۈنئالغۇ زىيارىتى قىلغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ھېلىقى بىر توپ مۇخبىرلارنى توختىتىپ قويۇپ، ماڭا شەخسەن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ كەچۈرمىش مېنىڭ ئەقىدەمنى ئۆزگەرتتى، ماڭا نېمىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا كىملەرگە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىنتىلىشنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى. كېيىن مەن كىسار ئەپەندىمنىڭ شۇ قېتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەلۇم بىر گېزىتكە توختىماي ماقالە ئەۋەتتىم. بۇ مېنى مۇشۇ ساھەدە ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشكە ئىگە قىلدى.

(2) مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى

ناپولىيون مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك بولغان پرىنسىپلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر مۇشۇ سېھرىي ئاچقۇچنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ مەخپىي ئىشىكىنى ئاچقان.  ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاچقۇچنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ مۇقىم ئادەت ۋە ئەمەلىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولغىچە، كۆڭلىڭىزنى ئاشۇ نەرسىگە يىغىپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز دىققىتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەسىلىگە ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغىچە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىز تاشلىۋېتىشنى ئىستەيدىغان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئىقتىدارىڭىز بىلەن يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كۈچ-قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تىزگىنلەش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلاش ئىقتىدارىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-تەپەككۇرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتكە توغرىلاش ئىقتىدارىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى بىر ساغلام ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت پىلانى قىلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكىڭىزگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان ئاساسىي نەرسىنى تاماملىشىڭىز كېرەك. چوڭ پىلان (ئىنگلىزچە ambition) بىلەن ئىستەك ئوڭۇشلۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە كام بولسا بولمايدىغان ئىككى ئاساسىي ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار بولمايدىكەن، سېھرىي ئاچقۇچمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.  بۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىشىدىكى سەۋەب، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ چوڭ پىلانى يوق بولۇپ، ھاياتىدا بىرەر ئالاھىدە نەرسىنىمۇ ئىستىمەيدۇ.

سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلالايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىستەك قىلىپ تاللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېھرىي ئاچقۇچ ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.  نۇرغۇن ئالىم ۋە پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈچى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنسانلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستەك ئارقىلىق تەسەۋۋۇردا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش سېھرىي ئاچقۇچىدىن پايدىلىنىشتا، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىي قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىڭىز كېرەك.  ھازىرغىچە بۇ ئاچقۇچتىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنالىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىدە بولغانلاردىن بىرسىمۇ يوق. 

تۆۋەندە بىز بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى بىر مۇقىم فورمۇلا ئارقىلىق سىناپ باقايلى. سىزنىڭ غايىڭىز بىر داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇش، دەپ پەرەز قىلايلى.  ئۇنداقتا سىز بىر ۋاراق قەغەزگە تۆۋەندىكى ۋەدىنى يېزىڭ:

مېنىڭ بىر ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغۇم بار. چۈنكى مەن شۇ ئارقىلىق دۇنياغا زۆرۈر بولغان خىزمەتلەردىن بىرىنى قىلىپ بېرەلەيمەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق مەن ئۆز تۇرمۇشۇمغا زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەرگە ئىگە بولالايدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشەلەيمەن.

مەن ئۆز كۆڭلۈمنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 10 مىنۇت، ۋە ئەتىگىنى ئورنۇمدىن ئەمدىلا تۇرغاندا 10 مىنۇت مۇشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىمەن.

مەن ئۆزەمنىڭ بىر ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئىنتايىن جەلب قىلارلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ مېنىڭ مۇشۇ يولدىكى تىرىشچانلىقىمغا دەخلى قىلىشىغا يول قويمايمەن.  ئىمزا:________

سىز مۇشۇ ۋەدىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا دېيىلگەن بويىچە ئىش تۇتۇڭ.  ھەمدە سىز ئىستىگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغىچە ھەرگىزمۇ بوشۇشۇپ قالماڭ.

سىز مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بىر يىل، ئۈچ يىل، بەش يىل، ۋە ھەتتا ئون يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغاندىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ.  ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىق كىرىمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ.  سىز نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم بىلەن ئالغان ئۆيىڭىزدە تۇرغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.  سىزنىڭ نۇتۇقلارنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق بىر تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەمگە ئايلانغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇنداق بىر كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ناھايىتى ئېنىق سىزىپ چىقىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىستەكنىڭ بىر گۈزەل سۈرىتىگە ئايلىنىدۇ. 

سىز مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ قانداق قىلىپ بىر سېھرىي ئاچقۇچلۇق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئاچقۇچ سىزگە بىر سىرلىق ساندۇقنىڭ ئىچىدە يېتىپ كەلمىگەنلىكى، ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تۆۋەن چاغلاپ سالماڭ.  بارلىق ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىزدا ئاددىي نەرسىلەرگە، ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ.  ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر بولالمايدۇ.

بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى ئاقىلانە ئىشلىتىڭ.  ئۇنى پەقەت قىممىتى بار مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىلا ئىشلىتىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزگە بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئادا قىلىدۇ.

بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى ۋە بۇرۇن ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.  ئۆتۈپ كەتكەن زامانلاردا ياشاشنى توختىتىڭ، چۈنكى ئۇ زامانلار ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ.  سىزنىڭ بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىڭىز سىزگە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا، ئىشنى قايتىدىن باشلاپ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى بىلەن تولغان مەزگىلگە ئايلاندۇرۇڭ.  چوڭ پىلان، ئۇلۇغ ئىستەك ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ نام يارىتىڭ، ھەمدە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى كۆرسىتىڭ.  ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، بۇ ئىشلارنى چوقۇم قىلالايسىز.

(3) مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىش

مەزكۇر ماقالىنىڭ 3-بۆلۈمىدە «بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچلىرى» تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. يەنى،

بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچى:
1-كۆڭلىڭىزدە سىز قانچىلىك پۇل ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ: مەسىلەن، 50 مىڭ دوللار.
2-سىز ئاشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ—بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئالىدىغان ئىش يوق.
3-ئاشۇ پۇلغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىڭ.
4-سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقىڭ.  شۇنداقلا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ زاماتلا ئىش باشلاڭ.
5-بىر ۋاراق قەغەزگە يۇقىرىقى 4 نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىخچام قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.
6-قەغەزگە يېزىلغان بۇ نەرسىنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن قوپقاندىن كېيىنلا بىر قېتىم، ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىڭ.  سىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، سىز «ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشىمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ.

ئەگەر بۇ كۆرسەتمىلەرنى ھازىرقى پرىنسىپ بىلەن بىرلەشتۈرسەك، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىسىغا كېلىمىز:

1) باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغان بىر جىمجىت يەرگە بېرىڭ. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، سىز يىغماقچى بولغان پۇل ھەققىدىكى يازما باياناتنى ئۆزىڭىز ئاڭلىيالىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ (ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا پۇل تېپىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلگەن. ناپولىيوننىڭ ئىككىنچى كىتابى 1937-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاشۇ زامانلاردا كۆپۈنچە كىشىلەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ئاشۇ ئادەم تاپقان پۇل بىلەن ئۆلچىگەن ئوخشايدۇ.  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەربلىكلەردەك ئاند جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەردەك پۇل تېپىش ۋە بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەردىن بۇ يەردىكى مەزمۇنلاردىن جانلىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن). ئاشۇ پۇلنى يىغىپ بولىدىغان ۋاقىتنى، ھەمدە ئۇ پۇلنى سىز قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق تاپىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ.  مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن يول بويىچە ئىش ئېلىپ بارغاندا، سىز ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىپ بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇڭ.

2) سىز ئۆزىڭىز يىغماقچى بولغان ئاشۇ پۇلنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا كۆرەلەيدىغان بولغىچە، يۇقىرىدىكى 1-قەدەمنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى بىلەن ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر قېتىمدىن تەكرارلاڭ.

3) سىز بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان پىلانىڭىزنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ھەر كۈنى كەچتە كۆرەلەيدىغان بىر يەرگە قويۇپ قويۇڭ، ھەمدە ئۇنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى تولۇق يادلىۋېلىڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز يۇقىرىدىكى تەلىم بويىچە ئىش كۆرگەندە سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئىشقا سېلىش بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بىر تەلەپنى يوللىغاندا، ئۇ تەلەپ مەلۇم ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشكەن چاغدىلا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەقىدە بولسا بارلىق ھېسسىياتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان بىرىدۇر.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار دەسلىۋىدە ناھايىتى ئابستراكت بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. بۇ سىزگە دەخلى قىلمىسۇن. ئۇ ئىشلار قانچىلىك ئابستراكت ياكى ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قىلىۋېرىڭ. ئەگەر سىز روھىي ۋە ھەرىكەت جەھەتنىڭ ھەر ئىككىسىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، بىردەمدىلا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر يېڭى ھاياتىي كۈچ پەيدا بولىدۇ.

بارلىق يېڭى ئىدىيىلەرگە قارىتا گومانخورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خاراكتېرى. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، سىزنىڭ گۇمانىڭىزنىڭ ئورنىنى بىر ئەقىدە ئىگىلەپ، ئۇ ئەقىدە بىر مۇتلەق ئېتىقات بولۇپ ئۇيۇيدۇ.

نۇرغۇن پەيلاسوپلار «ئادەم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەقدىرىنىڭ خوجايىنى»، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇلار نىمىشقا شۇنداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.  بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا خوجايىن بولالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىي جەريانى ئاپتوماتىك تەكلىب ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.  مانا بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان پرىنسىپلار بولسا ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى قوللۇنۇشتىكى قوراللاردىنلا ئىبارەت، خالاس.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories